-
قىزلاردىكى گۈزەل قىياپەت شەكلى..
2009-05-21
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39670617.html
قىزلارنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشىدىن قانچىلىك تەربىيە كۆرگەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىز يۈرۈش ـ تۇرۇشىمىزغا ئانچە ئېتىبار بەرمىگەچكە قىياپىتىمىزنىڭ گۈزەل بولغان - بولمىغانلىقىنى ھېس قىلالمايمىز. لېكىن بۇنىڭدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز. پەقەت يۈرۈش - تۇرۇشىمىزغا دىققەت قىلىپ، ئۆزگەرتىشكە كۆڭۈل بۆلسەكلا، كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ
بىرىنچى، ئۆرە تۇرۇشتىكى بەش مۇھىم ھالقا:
ئۆرە تۇرغاندا، پۇتنىڭ ئارقا تەرىپى يېقىن تۇرۇشى، ئالدى تەرىپى بىر مۇشت پاتقۇدەك ئارىلىق قالدۇرۇلۇشى؛ تىز تۈز بولۇشى؛ قورساقنى ئىچىگە تارتىپ تۇرۇش؛ ئىككى بىلەك تەبىئىي ھالدا تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرۇشى؛ باشنى كۆتۈرۈپ ئۇدۇل قاراش كېرەك
ئىككىنچى، ئولتۇرۇشتىكى سىپايىلىك: ئولتۇرۇش - ئۆرە تۇرۇش، مېڭىشتىن ئانچە پەرىقلەنمەيدۇ. ئولتۇرغاندىمۇ ئوخشاشلا بەلنى تۇز تۇتۇش، باشنى كۆتۈرۈش لازىم. روھلۇق ئولتۇرغاندىن باشقا ئەركىن - ئازادە بولۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئولتۇرغان ۋاقىتتا بەدىنىڭىز ئورۇندۇقتا بولغاچقا، قىياپەتنى ئاسان توغرىلاپ تۇرغىلى بولىدۇ. بەزى قىزلار ئورۇندۇقنىڭ ئېگىز - پەسلىكىگە سەل قارايدۇ. ئۇرۇندۇقتا خۇددى يۇمشاق لاتا قونچاققا ئوخشاش ھەددىدىن زىيادە ئەركىن ئولتۇرىۋالىدۇ. ئولتۇرغاندا دۈمبە ۋە بەل قىياپىتى توغرا بولۇپلا قالماستىن، ئىككى پۇتى جۈپلىنىشى كېرەك. مانا بۇ قىزلارنىڭ ئەدەپلىك سىپايە قىياپىتىدۇر.
ئۈچىنچى، تېز ۋە يېنىك قەدەم ئېلىش: مېڭىش قىياپىتىمۇ ئولتۇرۇشقا ئوخشاشلا مۇھىم. توغرا بولمىغان مېڭىش قىياپىتى سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئوبرازىڭىزغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. ماڭغاندا بەدەننى تۈز تۇتۇپ، باشنى كۆتۈرۈپ، يىنىك قەدەم تاشلاپ تېز ۋە رېتىملىق مېڭىش، بەدەننىڭ يۇقىرى قىسمى كۆپ ھەرىكەتلەنمەسلىك. ھەرىكەت بەلگە مەركەزلىشىشى كېرەك. شۇڭا بۇ خىل ئۆلچەملىك مېڭىش ئۇسۇلى بەلنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ مېڭىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يېنىك تېز مېڭىش كىشلەرگە ھاياتى كۈچكە تولغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ھەمدە سىزگە ئازادىلىك بەخىش ئېتىدۇ. ئۇدۇل قاراپ ماڭغاندا، بەدەن تەبىئىيلا ئالدىغا ئېگىلىپ قالىدۇ.历史上的今天:
بۇلارنى تۇنىدىڭىزمۇ ؟ 2010-05-211910-يىلدىكى شىنجاڭ 2010-05-21ئامېرىكا يەرشارىنىڭ ئۇ تەرىپىدە 2010-05-21مەشھۇر شەخسلەرنىڭ دانا ھېكمەتلىرىدىن... 2010-05-21