• تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ (2)

    2009-05-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39670115.html

                                                                         (2) % ;SOe 9  
              رىم پاپاسى بىلەن فىئودال كىنەزلىرىنىڭ مۇدھىش ھۆكۈمرانلىقىنى سىلكىپ تاشلاپ، چېركاۋ پەلسەپىسىنىڭ سىرلىق سىرتمىقىدىن قۇتۇلۇپ چىققان ياۋروپا يەلكەنلىك كېمىلىرى ئارقىلىق تولۇپ تاشقان ھاياتى كۈچكە ئىگە يېڭى دېڭىز مەدەنىيىتى بەرپا قىلغان چاغدا، ئاسىيا تولىمۇ قېرىپ كەتكەنىدى، ئۇزاق زامانلار مابەينىدە جىمجىت بىر خىل، شاۋقۇن-سۈرەنسىز ئاققان نېل، دەجلە-ئېفرات، ھىندى-گانگى ۋە خۇاڭخې _ چاڭجىياڭ دەريالىرى ئۆز ھاۋزىسىدىكى تېرىم بىلەن تىندۇرۇپ مەدەنىيىتىنى قاتمۇقات لاتقا  تاشلىغانىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە كۈنسېرى ئالغا قاراپ كىتىۋاتقان ياۋروپانىڭ ئەكسىچە، ئاسىيا بارغانسېرى كەينىدە قالدى. L'1p]Z"  
    شۇنىسى قىزىقارلىقكى، ياۋروپا- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى نۇرغۇنلىغان چوڭ دەريالار ئوتتۇرا قىسمىدىكى قار- مۇز بىلەن قاپلانغان ھەيۋەتلىك تاغ تىزمىلىرىدىن باشلىنىپ تۆت ئەتراپتىكى تۈزلەڭلىكلەرگە قاراپ ئېقىپ، ئەڭ ئاخىرقى پايانسىز دېڭىز- ئوكيانلارغا قۇيۇلىدۇ. ھالبۇكى، ئىچكى ئاسىيا رايونىدىكى تارىم ئويمانلىقىدا بولسا، دەريا- ئېقىنلار تۆت ئەتراپنى قورشاپ تۇرغان ئېگىز تاغلاردىن باشلىنىپ، مەركەزگە قاراپ ئېقىپ ئەڭ ئاخىرى تەكلىماكان قوينىغا سىڭىپ كېتىدۇ. دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر جاينىڭ جۇغراپىيىۋى  جايلىشىش غا ئوخشىمايدىغان بۇ خىل تەتۈر تاناسىپلىق  مۇھىت بۇ ماكاندا ياشىغۇچى خەلقلەرنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى ۋە ھەر ۋاقت سۇغىرىلىپ تۇرۇشنى  ئىستەيدىغان قۇرغاق مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن. بولۇپمۇ بۇ رايوننى شەرق بىلەن غەربنىڭ يېنى ئۈچۈرلىرى بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدىغان يىپەك يولى خارابلاشقاندىن كىيىن، ناھايىتى ئۇزاققا سوزۇلغان، كىشىنى بىزار قىلىدىغان سىرلىق سۈكۈنات باستى. تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ، چۆل جىمجىتلىقىغا ئەسىر بولۇپ تېنىچقىنە ئاقىدىغان تارىم دەرياسى ئۆز ھەۋىسىنى چوڭقۇر لاتقىلارغا كۆمۈپ تاشلىدى. دەريا لاتقىلىرى ۋە چىرىندىلەرنى شەكىللەڭەن بوستانلىقلاردا تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ مەڭگۈ توختاپ قالمايدىغان ھۇجۇمى بىلەن ئېلىشىپ، بۇرۇقتۇم ھاياتقا ئۆگەڭەن بۇ تارىملىق تېرىمچىلار قۇرغاق، ئۆلۈك توپىدا چاك_چاك يېرىلغان پۇتلىرىنى تاتىلاپ، مەدداھلارنىڭ شاللىرىنى چاچرىتىپ بىر جەڭنامىنى تەكرار- تەكرار ئېيتىشىغا كۆنۈككەنىدى. ناۋائىيدىن كېيىنكى 500 يىل مابەينىدە، ئىچكى ئاسىيادىكى بۇ سىرلىق بالىياتقۇدا ھاياتى كۈچى تولۇپ تاشقان يېڭى مەدەنىيەتنىڭ تۆرەلمىلىرى بىخلىيالمىدى. بۇيەردە شەرق تېرىمچىلىرىدەك كىشىلىك مۇناسىۋەت ھەققىدىكى چىگىش ئېتىكىلىق مەسىلىلەر ۋە ئائىلە، نەسەپ ئەھكاملىرى مۇھاكىمە قىلىنمىدى؛ ھىندىستانلىقلاردەك مېتافىزىكىغا باي، پانى ئالەمنىڭ چەكسىزلىكىگە مەھلىيا بولىدىھگان ئوي-خىياللار بولۇنمىدى؛ غەربلىكلەردەك شەخسنىڭ قەدەر-قىممىتىنى، ئەقلى يۈكسەكلىكىنى، كەسكىن ئەمەلىيەتچانلىقىنى ئۆز ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ مىزانى قىلىدىغان پەلسەپە تېخىمۇ ۋۇجۇتقا كەلمىدى. بۇ يەردە پەقەت قۇم بارخانلىرىنىڭ سۈررەڭ، زېرىكەرلىك جىمجىتلىقىغا ئوخشاش چىدىغۇسىز سۈكۈنات؛ پىنھان، ئاندا-ساندا كۆرۈنۈپ قالىدىغان غۇۋا ھاياجان؛ قۇرغاق، چاڭقاق ئىستەك؛ ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىشنى ئويلىمايدىغان سەۋرسىزلىك ھۆكۈم سۈردى. تېخىمۇ توغرىسى، يېڭىدىن گۈللىنىشكە ئېرىشكەن ياۋروپالىقلار مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان ئاتلانتىك ئوكياندا، تەۋەككۈلانە قەدەملىرى بىلەن شامال يۆلىنىشىگە قاراپ ئۈزۈپ كېتىۋاتقان كېمىلىرىنىڭ ئاپاق يەلكەنلىرىگە يېڭى دۇنيانىڭ تارىخىنى يېزىشقا باشلىغان چاغدا، تارىم ۋادىسى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ <ۋاكۇئۇم بەلبىغى>غا، كونا قۇرۇقلۇقتىكى «تەنھا ئارال» غا، يېقىنقى زامان تارىخىدىكى <ئۇنتۇلغان زونا> ئايلىنىپ قالغان ئىدى. گويا زۇلمەتكە ئوخشايدىغان بۇ خىل مۇدھىش دەۋر تاكى خخ ئەسىرنىڭ تاڭ نۇرى يېتىپ كەلگۈچە داۋاملاشتى. D[.;-4"_  
    دەرۋەقە، جۇغراپىيىلىك مۇھىت ھەممىنى بەلگىلەيدۇ، دەيدىغان نەزەرىيە مۇتلەق ئىلمى نەزەرىيە ئەمەس، لېكىن جۇغراپىيىلىك جايلىشىشنىڭ بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان بىۋاستە تەسىرىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. چوڭ دەريا ۋادىلىرىدىكى لاتقىلاردىن شەكىللەنگەن تۈزلەڭلىكلەردە ياشاپ كەلگەن ھىندىلار بىلەن شىمالى ئاسىيانىڭ يەلپۈنۈپ تۇرغان پايانسىز يايلاقلىرىدا ئات ئۈستىدە ياشاپ كەلگەن موڭغۇللارنىڭ مەدەنىيەت پىسخىكىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە پەرقلىق بولغان جۇغراپىيىلىك مۇھىت بەلگىلىگەن. ياۋروپا مەرىپەتچىلىك دەۋرىدە ئۆتكەن فرانسىيە پەيلاسوپى مۇنتېسكىيۇ گەرچە ئۆز تەلىماتلىرىدا جۇغراپىيىلىك مۇھىتنىڭ ھەل قىلغۇچ رولىنى ھەدەپ كۆككە كۆتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ  ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان تەرەپلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ بەردى. قەدىمكى يۇناندا نېمە ئۈچۈن ئالەمگە مەشھۇر ئەپسانە_رىۋايەتلەر، ئادەم بەدىنىنىڭ گۈزەللىكىنى ئىپادە قىلىدىغان ھەيكەلتىراشلىق شۇنچە تېز تەرەققى قىلدى؟ ماركس بۇنى گرېتسىيىنىڭ گۈزەل جۇغراپىيىلىك مۇھىتقا باغلىدى: «يۇنانلىقلارنىڭ  گۈزەل تەبىئىي شارائىتى -ئۇنىڭ بۇلۇتسىز كۆك ئاسمىنى ، ئۇننى ئوراپ تۇرغان چەكسىز يېشىل زۈمرەت دېڭىزى ئۇلارنى گۈزەللىككە ئۈندىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھلىرىنىمۇ ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ئالى كىشى سۈپىتىدە تەسۋىرلىدى. گرېتسىيىنى قاپلاپ تۇرغان گۈزەل، زەڭگەررەڭ ئاسماننى ئادەم قىياپىتىدىكى <بۈيۈك ئاتا>، دېڭىزىدا لەھەڭگە مىنىپ، شىددەتلىك دولقۇنلار ئارىسىدا يۈرىدىغان زور بىر كىشى قىلىپ تەسۋىرلىسە ، قۇياشنى ئوت ئۇچقۇنلىرى چاچىدىغان بىر ئاقساق تۆمۈرچى قىلىپ تەسۋىرلىدى...» vOb=>  
    مەدداھ -ۋائىزلىق ئەرەب سەھرالىرىدىن  تەكلىماكان گىرۋەكلىرىگىچە بولغان قۇرغاق، ھۆل-يېغىن سىز، چۆل_جەزىرىلەر  بىلەن ئاندا-ساندا ئۇچ راپ تۇرىدىغان بوستانلىقلار ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن ئىچكى ئاسىيادا تەرەققى قىلغانىدى. بۇ يەردىكى قۇياش نۇرىنىڭ تونۇردەك قىزدۇرۇشى بىلەن سۇسىز چۆللەرنىڭ ئالتۇندەك يالىلدىشىدىن شەكىللەڭەن قۇرغاق، زېرىكەرلىك ھايات ئۇلارنى شېئىرىي تۇيغۇغا باي، ھىسىياتچان، تىل سەنىتى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ چاڭقىغان روھى دۇنياسىغا تەسەللى تېپىشىغا ئۆگەتكەن. ئېھتىمال ،دۇنيادا باشقا ھېچقانداق بىر مىللەت ناتىقلىقتا ئەرەبلەردەك ئۇنچىلىك چىۋەر بولمىسا كېرەك. باشقا گەر قانداق بىر تىل ئىپادىلەش ئىقتىدارى، قاپىيە ۋە شېئىرى تۇيغۇ جەھەتتە ئەرەپ تىلىدەك كۈچۈك بولمىسا كېرەك. ئەرەپ تارىخىنى ئۇزۇن يىل تەتقىق قىلغان فىللىپ ھىتتى بۇ ھەقتە مۇنداق يازغان ئىدى: «دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر تىل مىللى روھنىڭ بارلىق تەرەپلىرىنى ئىپادە قىلىشتا ئەرەپ تىلىدەك كۈچلۈك بولمىسا كېرەك. شېئىرىي مىسرالار ئارقىلىق ھېسسىياتنى ئىپادىلەش ئىسلامىيەتتىن ئاۋالقى ئەرەبلەرنىڭ بىردىنبىر ئالاھىدىلىكى ئىدى. ئۇلارنىڭ تىل ئىقتىدارى پەقەت شېئىرىيەت ئارقىلىقلا ئەڭ ياخشى ئىپادىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيتتى. ئىسلام دىنى ئەرەب تىلىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكىنى ۋە ئەرەب مىللىتىنىڭ بۇ خىل پىسخىك ئۆزگىچىلىكىنى ئۆزىدە تولۇق نامايان قىلغان ئىدى. ئىسلام دىنىنىڭ غەلىبىسى مەلۇم مەنىدە بىر تىلنىڭ غەلىبىسى، بولۇپمۇ بىر كلاسسىك دەستۇرىنىڭ غەلىبىسى ئىدى.» +?xW%omy  
    شۇڭا ئەرەبلەر ئۆزلىرىنىڭ بىر ماقالىدا: «ئەقىل ئۈچ نەرسىگە _ پەرەڭلەر (ياۋروپالىقلار)نىڭ كاللىسىغا. چىن (جۇڭگو) لۇقلارنىڭ قولىغا، ئەرەبلەرنىڭ تىلىغا مۇجەسسەملەشكەن» دەيدۇ. ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەرەب مەدەنىيىتى ۋە پەلسەپىسىنىڭ گۈللىنىشى، ئەمەلىيەتتە، ئەرەب تىلىنىڭ ئىپادە قۇدرىتى ئارقىلىق ئېرىشكەن شېئىرىي پەلسەپە ئىدى. گېگىل: «شېئىرىيەت ئېلىنى ئىزدىسەڭ ئىرانغا بار» دەپ تەرىپلىگەن ئوتتۇرا ئەسىر پارىس شېئىرىيىتىمۇ مۇسۇلمان شەرقىنىڭ شېئىرىي تۇيغۇسىدا يۈكسەك پەللە ياراتقان ئىدى. بۈيۈك قوشۇلۇشتىن كېيىنكى مىڭ يىلدىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئەمەلىيەتتە، ساپ شېئىرىيەت بىلەن خاراكتىرلىنىدىھگان ئەدەبىيات ئىدى. ئەرەب سەھرالىرىنىڭ زېرىكەرلىك تۈنلىرىدە توقۇلۇپ، پۈتكۈل شەرق مۇسۇلمان دۇنياسىغا كەڭ تارقالغان «مىڭ بىر كېچە» رىۋايەتلىرىنىڭ ئەڭ نەپىس، ئەڭ گۈزەل بابلىرى نېمە ئۈچۈن ئىشرەت ۋەسۋەسىلىرى گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرغان بايانلار بىلەن شەھلا كۆزلۈك ھۆر پەرىلەرنىڭ ناز-زىبا بىلەن تولغان تەسۋىرلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ؟ تارىم ۋادىسىدىن تاكى نېل دەرياسىغىچە بولغان ئوتتۇرا ۋە غەربى ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا ئەسىر شېئىرىيىتىدە نېمە ئۈچۈن «يار»، «مەي»، «جانان» ۋە «گۈل» ۋەسلىگە تەشنا ئىشقىي شېئىرىيەت شۇنچە تەرەققى قىلىدۇ؟..... K._tCB:  
    شەك - شۈبھىسىزكى، ئاسىيا چۆللۈكلىرىنىڭ تونۇردەك قىزىيدىغان تومۇز كۈنلىرى بىلەن زېرىكەرلىك تۈنلىرى بۇ يەردە ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ ئاي يۈزلۈك ھۆر-پەرىيلەرنىڭ ئىشق مۇھەببىتى بىلەن ئۆز كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇشقا ئۈندىدى؛ قۇرغاق ئاسمىنىدا بىر قەۋەت نېپىز چاڭ-توزان ئېسىلىپ تۇرغان قايناق بازار-رەستىلەردە غىل-پال كۆرۈنۈپ قالىدىغان چۈمبەللىك قىز چوكانلارنىڭ يوشۇرۇن رۇخسارى سۆز سەنىتىدە چىۋەر بۇ كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىنى غىدىقلىدى؛ ھەيۋەتلىك سېپىل_قەسىرلەرنىڭ  ھىمايىسى بىلەن سۇلتانلارنىڭ پىنھان ھەرەمخانىلىرىغا بەخشەندە قىلىۋېتىلگەن ياش كېنىزەكلەر تۇلپارغا مىنگەن سۇباتلىق شاھزادىلەر ھەققىدە تاتلىق خىياللارغا رام بولدى.. n' 
    ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ چۈشكۈنلۈكە يۈزلىنىشىدىن كېيىنكى ئۇزاق تارىخى دەۋردە پۈتكۈل ئەرەب سەھرالىرى، ئىران چۆللۈكلىرى ، ماۋارائۇننەھر ۋە تارىم ۋادىسى يېڭىلانماي تەكرار-تەكرار ئېيتىلىپ تۇرىدىغان ئىشق_مۇھەببەت داستانلىرىنىڭ مەست قىلىشى بىلەن چاڭقاق_قۇرغاق ۋۇجۇدىغا تەسەللى تېپىپ كەلدى. تەپەككۈر ئۇسۇلىدىكى بىر خىللىق، بەدىئىي تەسەۋۋۇرىدىكى قېلىپبازلىق، مەزمۇنىدىكى قۇرغاقلىق ۋە يېما-موتېفلاردىكى تەكرارلىق مۇسۇلمان شەرقىي نىڭ يېقىنقى زامانغا كەلگەندە ئەقلى تەپەككۈرىدىكى چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭ نەتىجىدىدە ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىدىن كېيىن، ئىجتىمائىي پەنلەر بىلەن پەلسەپىدە يېڭى تەپەككۈرغا، تەبىئىي پەنلەردە پارتىلاش خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن ياۋروپالىقلارنىڭ ئەكسىچە، ئىچكى ئاسىيا دەۋرىدىن ئاستا_ئاستا كەينىدە قالدى. P4{8pO]B  
    5.ئۇيغۇرلارغەربكە كۆچۈپ، تارىم ۋادىسىدا مىللەتلەرنىڭ چوڭ قوشۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ  چىقارغاندىن كېيىنكى مىڭ يىلدىن ئارتۇق جەريان مىللىتىمىزنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى ۋە مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئاساسلىق دەۋر ھېسابلىنىدۇ. دەرۋەقە، بۇ جەرياندا مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئامىللار مۇرەككەپ ۋە كۆپ خىلدۇر. ھالبۇكى، بىر مىللەتنىڭ مەلۇم مەدەنىيەت مۇھىتىدا شەكىللەندۈرگەن پىسخىك جۇغلانمىسى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قانچە ئامىلنىڭ مۇھىم رول ئوينىشى، باشقا قوشۇمچە ئامىللارنىڭ مۇئەييەن تۈرتكىسى نەتىجىسىدە ئىشقا ئاشىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇيغۇر مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئاساسلىق ئامىللار نېمە؟ ئۇلار قانداق رول ئوينىغان؟ kPN:m ow  
                     بىرىنچى، تەكلىماكان روھى /{eD##vhP  
    بۇنىڭدىن بىر قانچە يىللار ئىلگىرى، تەكلىماكان گىرۋىكىگە جايلاشقان بىر قانچە قايناق بازارنىڭ شەنبىلىك ھاياتىنى تاماشا قىلىۋاتقان بۇر ياپونىيىلىك سەيياھ ھاياجان ئىلكىدە مۇنداق دېگەنىكەن:<شەرقى ئاسىيانىڭ ياپيېشىل ئېكىنزارلىقلار بىلەن تولغان مۇنبەت زېمىنىدا، ئۈستىدە ئاقۇش تۇمانلار لەيلەپ تۇرغان گىرىمسەن تاغ دەريالىرى غا قاراپ مۇقىم، پىنھان تېرىم ھاياتى كەچۈرۈپ كەلگەن خەلقلەر ئۆزلىرىدە مۇلايىم، سەۋرچانلىق، ئاياللىق نازاكەتكە باي ھۆل خاراكتېرىنى يېتىلدۈرگەن؛ لېكىن ئىچكى ئاسىيانىڭ تەبىئىي مۇھىتى بۇنىڭغا تۈپتىن ئوخشىمايدىكەن. بۇ يەرنىڭ مۇھىتى قۇرغاق، تاغلىرى قاقاس، قۇملۇقلىرى پايانسىز بولۇپ، بۇ ھال يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئوچۇق-يورۇق، قىزىققان، ئەرلىك جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان قۇرغاق خاراكتېرىنى يېتىلدۈرگەن بولىشى مۇمكىن..> o% ZtE  
    بىزنىڭچە، ياپونىيىلىك بۇ سەيياھنىڭ يۇقىرقى تەھلىلى ئاددى بىر سېلىشتۇرما بولمىسا كېرەك، ئەلۋەتتە. چۈنكى ئۇزۇن تارىختىن بۇيان بىزنىڭ ئاتا_بوۋىلىرىمىز تەكلىماكان چۆللۈكىدىن ئىبارەت بۇ سىرلىق بالىياتقۇنى قۇچاقلاپ ياشاپ كەلگەن ئىدى. بۇ سىرلىق بالىياتقۇغا مىللىتىمىز ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن تالاي سەرگۈزەشتىلەر _ خۇشاللىققىمۇ، ئازابمۇ، ۋەھىمىمۇ، گۈزەللىكمۇ يوشۇرۇنغان ئىدى. تەكلىماكان ئۇلار ئۈچۈن بىر <مېھرىبان ئانا ئىدى>، ئۇلار ئۇنى ئۇلۇغلايتتى، ئۇ توغرىلىق گۈزەل رىۋايەتلەرنى توقۇيتتى. ئۇنىڭ باغرىغا كۆمۈلگەن قەدىمى شەھەرلەردىن بەزى-بەزىدە ئاڭلىنىپ قالىدىغان مۇڭلۇق ناخشا سادالىرىدىن، توخۇلارنىڭ چىللاشلىرىدىن، تۇلپارلارنىڭ كىشنەشلىرىدىن، تۆگە كارۋانلىرىنىڭ كولدۇرما ئاۋازلىرىدىن سۆيۈنۈپ كېتەتتى. قەلبىدە مۇھەببەت ئويغانغان يىگىت قىزلار گويا ئۇلۇغ ئانىنىڭ ئەمچەكلىرىگە ئوخشايدىغان سانجاق_سانجاق قۇم بارخانلىرىنىڭ ئۈستىدە ئوڭدىسىغا يېتىۋېلىپ، تولۇن ئاينىڭ كۆتۈرۈلىشىنى كۈتەتتى. . . . دەرۋەقە، «چۆل _ ئۇلارنىڭ ۋەتىنى، ئانىسى، كۆڭۈل خۇشى ئىدى. شۇڭا چۆلنىڭ گۈزەللىكىنى پەقەت چۆل پەرزەنتلىرىلا بىلىدۇ...» يەنە بىر تەرەپتىن، تەكلىماكان ئۇلار ئۈچۈن قورقۇنچلۇق سىر ئىدى. ئۇنىڭ گويا ئۇخلاپ ياتقان زور شىردەك ھەيۋەتلىك جىسمىغا جىمىكى رەھىمسىزلىك، ۋەھىمە، مەڭگۈ تويمايدىغان ئاچكۆزلۈك يوشۇرۇنغانىدى. ئۇ قورقۇنۇچلۇق گۈركىرەپ نەرە تارتسا، بىر كېچىدىلا قايناق شەھەرلەرنى، كىمخاپتەك بوستانلىقلارنى يۇتۇپ كېتەتتى. تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بوستانلىق مەدەنىيىتى ئەمەلىيەتتە تەكلىماكان بىلەن بولغان نەچچە نىڭ يىللىق جاپالىق كۆرەش جەريانىدا شەكىللەڭەن ئىدى. ئۆز مەنىسى بىلەن ئېيتقاندا چۆل ئادەملىرىنىڭ مىجەزىمۇ سۇسىز جەزىرىلەردە كۆكلەپ تۇرغان ئاشۇ تىكەنلىك ئوتلارنىڭ تەبىئىتىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. راھەتلىك باغلار، شەھەرنىڭ سالقىن سارايلىرىدا يىللاپ ئاپتاپ كۆرمىگەن لەشتەك ئاق چىرايلارنى بۇ يەردە ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. چۆل ئادەملىرىنىڭ چىرايى قۇياشتا چاقناپ مىستەك پارقىراپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ كىيىم كېچەكلىرىنىڭ ئۆڭۈپ ئاشۇ قۇملارنىڭ رەڭگىگە ئوخشاپ قالغان؛ قۇياشنىڭ ئوتتەك قىزىق تەپتى، ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرغان چۆل شاماللىرى جاھىللىق، قوپاللىق، مەردانىلىك، سادىقلىقتەك خىيالەتلەرنى ئۇلارنىڭ قان_قېنىغا سىڭدۈرىۋەتكەن. M.|@|If4?  
    شۇنداق، بۇ يەردە تەبىئەت ھېچ بىر ھاياتلىقنى پەپىلىمەيدۇ؛ ھەممە نىمە ئۆزىنىڭ قايتماس، ئېگىلمەس روھىغا تايىنىپلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ!....> شۇڭلاشقا ئۇيغۇر روھى تەكلىماكان قۇملۇقى ئوتتۇرىسىدا بىر خىل ئىچكى مۇناسىۋەت شەكىللەڭەن. بىز بۇ خىل روھى باغلىنىشنى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر»، خالىدە ئىسرائىلنىڭ <قۇملۇقنىڭ چۈشى>، ئەختەم ئۆمەرنىڭ «قۇرۇتلاپ كەتكەن كۆل»، مۇھەممەت باغراشنىڭ «جەزىرە» قاتارلىق ئەسەرلىرىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز. دېمەك، مىللىتىمىز خاراكتېرىنىڭ يېتىلىشى ۋە ئىچكى پىسخىك جۇغلانمىسىنىڭ تەركىبىدە تەكلىماكاندىن ئىبارەت بۇ سىرلىق جەزىرىنىڭ قۇرغاق، ئىنسان بىلەن تەبىئەتتىن تاشقىرى بىر ئىلاھى كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى بادھلىنىشنى ئۆز ئىزدىنىشلىنىڭ مەقسىتى قىلىدىغان مەنىۋى ھالەت ئۆز ئىزلىرىنى چوڭقۇر قالدۇرغان. ;\P\0pI50  
                             ئىككىنچى، دېھقان مىللەتكە خاس مەنىۋى تىندۇرما efj[7K.h  
    قايسىدۇر بىر پەيلاسوپ: «دېھقىنى بار مىللەت يوقالمايدۇ» دەپتىكەن. دەرۋەقە، نىسبەتەن مۇقىم بولغان تېرىم ھاياتى داۋامىدا دېھقانلار شۇ مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ساقلىغۇچى ۋە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرغۇچى گەۋدە ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۆز نىسىۋىسىنى ئۆز يېرىنىڭ ھوسۇلىدىن ئېلىپ، <يەر_ ئالتۇن قوزۇق> دېگەن ئەقىدىگە قاتتىق ئېسىلىپ ياشايدىغان دېھقانلارنىڭ ۋۇجۇدىدا سۇ، ئوت مەنبەلىرىنى قوغلىشىپ، تىنىمسىز كۆچۈپ يۈرىدىغان چارۋىچىلارغا قارىغاندا جاھىل، مۇقىم، ئېغىر_بېسىق، ئەنئەنە ئۇدۇملىرىنى ئۈزۈپ قويۇشنى خالىمايدىغان، ئۆز نېسىۋىسىگە شۈكۈر قىلىپ ياشايدىغان خاراكتېر ئۈستۈن ئورۇننى ئىگىلەيتتى. بىز تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىكى بوستانلىقلاردا تىرىكچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ يېقىنقى بەش ئەسىر دىن بۇيان دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ، قول ھۈنەرۋەنچلىك ۋە ئۇششاق تىجارەتنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان تەبىئىي ئىگىلىك مۇھىتىدا بىر خىلدا ياشاپ كەلگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز. سۈيى ئىنتايىن كەمچىل، ئىقلىمى قۇرغاق، ھەر ۋاقت قۇم بورانلىرىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرىدىغان بۇ جەزىرىدە پەقەت ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەمگەكچان قولى ئارقىلىقلا ھاياتلىق ئېھتىياجىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان يېشىل بوستانلىقلار ھاسىل بولغانىدى. پەقەت دەھقانلار بۇ ناچار مۇھىتقا بەرداشلىق بېرىپ ئۈن تىنسىز ياشاشقا ئادەتلەنگەنىدى. شۇڭا، ئۆلۈك توپىلىق يولدا كەتمىنىنى مۈرىسىگە ئېلىپ، چاك-چاك يېرىلغان پۇتلىرىدا توپا توزىتىپ كېتىۋاتقان تارىملىق بوۋاينىڭ ياشاڭغىرىغان كۆزلىرى بىلەن چاڭگا ساقاللىرىدا ۋۇجۇدىغا تىنىپ كەتكەن بىر چوڭقۇرلۇق، يىراق ئۆتمۈشكە تۇتىشىپ كەتكەن بىر كەيپىيات ئەكس ئېتىدۇ. دېمەك، قۇرۇم ۋە تەڭرى تاغلىرىدىن تارىم ئويمانلىقىغا قاراپ ئاققان نۇرغۇنلىغان دەريا - تارماقلىرىنىڭ لاتقىلىرىدىن شەكىللەڭەن بوستانلىقلاردا مىللىتىمىزنىڭ مۇقىم تېرىم ھاياتىغا كۆچكەندىن بۇيانقى دېھقان مىللەتكە خاس روھى تىندۇرمىسى يوشۇرۇنغان ئىدى. بۇ تىندۇرمىدا جاھاندىن خالى بېكىنمە كەيپىيات، قېرىلىققا خاس ئېھتىياتچان ، ئۇزۇن مەزگىللىك بىر خىللىقتىن شەكىللەڭەن بۇرۇختۇملۇق، سۈررەڭ قۇملۇقلارغا ئەسىر بولغان سۈكۈنات بار ئىدى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدى بىر خىلدا بەزىرىپ ياتىدىغان تەكلىماكان چۆلىگە ئوخشاش ئىدى. ئۇ قاغجىرايتتى، ئەمما ئىندىمەيتتى؛ يىراقلارغا تەلپۈنەتتى، ئەمما ئۆزگەرمەيتتى. [P5+}@t  
      مىللىتىمىز تەكلىماكان چۆلىنىڭ ئۇزۇن ھەم زېرىكەرلىك تۈنلىرى بىلەن ئاتەش ئاپتاپلىرىنى دېھقانغا خاس سەۋرچان جىسمىغا سىڭدۈرۈپ، يىراق تارىخنى بۈگۈڭە ئۇلىدى. ئەگەر بىر مىللەتنىڭ دېھقانلىرى مەۋجۇتلا بولىدىكەن، شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋى تىندۇرمىسىدىكى ماھىيەتلىك ئېنېرگىيە مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە شۇ مىللەتنىڭ دېھقانلىرى سىرتقى مەدەنىيەتنىڭ غىدىقلىشى رادىئاتسىيىلىشىگە ئۆز ۋۇجۇدىدىكى جاھىللىقى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئىككى مەدەنىيەتنىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېلىپ چىققان تەڭپۇڭسىزلىقنى تىنىچلاندۇرىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن ئىلگىرى ئۆزبېكلەر سىر ۋە ئامۇ دەرياسى ئارىلىقىدىكى بوستانلىقلار بىلەن پەرغانە ئويمانلىقىدىكى مۇنبەت ۋادىدا دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ ياشاپ كەلگەن تېرىمچى خەلق ئىدى. قازاق قىرغىزلار بولسا دەشتى قىپچاق دالىلىرى بىلەن ئىسسىقكۆل ئەتراپىدىكى يايلاقلاردا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنىدى. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، چوڭ ئۆزگىرىشكە يۈز تۇتقان ئوتتۇرا ئاسىيا ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ، بولۇپمۇ رۇس مەدەنىيىتىنىڭ قاتتىق رادىئاتسىيىسىگە دۇچ كەلدى. بۇ خىل مۇرەسسەسىز مەدەنىيەت رادىئاتسىيىسى تاكى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغان غا قەدەر 70يىل داۋاملاشتى، نەتىجىدە يايلاق ھاياتىدىن بىۋاستە شەھەرلەشكەن قازاق - قىرغىزلار ئۆزلىرىدىن كۆپ دەرىجىدە كۈچلۈك بولغان رۇس مەدەنىيىتىنىڭ رادىئاتسىيىدىگە بەرداشلىق بېرەلمەي «ئىمپورت-ئېكىسپورت» تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن 80 - يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە مىللى جىددى كرىزىسقا ئۇچراپ، مەدەنىيەتتە كەڭ كۆلەمدە رۇسلىشىش خەۋىپىگە دۇچ كەلدى، ھەتتە رۇس تىلىنى ئانا تىل ھېسابلايدىغانلارنىڭ سانى كۈن سناپ كۆپەيدى. مۇستەقىللىق جاكارلاشتىن ئىلگىركى قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەك (فرونزى) تە قىرغىز تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر ئوتتۇرا مەكتەپمۇ تاقىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنىدى... by 'P}  
       لېكىن، ئۆزبېكىستاننىڭ ئەھۋالى باشقىچە ئىدى. ئۆزبېكلەرمۇ ئوخشاشلا رۇس مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك رادىئاتسىيىسىگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەسلىدىنلا مۇئەييەن ئەنئەنىۋى ئاساسقا ئىگە شەھەر ۋە تېرىم مەدەنىيىتى بولغاچقا، رۇس مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك ئېقىمىغا قارشى ئىنكاس قايتۇرالىدى، شۇنداقلا سىرتقى مەدەنىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىكى تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىپ قويمىدى. . .بۇنىڭدىكى سىر دەل ئۆزبېكلەرنىڭ ئەنئەنىۋى شەھەر مەدەنىيىتى ۋە مىللى پىسخىك جۇغلانمىغا باي تېرىم مىللىتى بولغانلىقىدىندۇر. تېخىمۇ توغرىسى ئۆزىگە جاھىل، قېرىلارچە ئېغىر بېسىق خاراكتېر يېتىلدۈرگەن، كولخوز-قىشلاقلىرىدىن ئايرىلالمايدىغان، پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنى پاختا بىلەن تەمىنلىگەن ئۆزبېك دېھقانلىرىنىڭ بولغانلىقىدىندۇر مىللەتكە خاس ئاسان ئۆزگەرمەيدىغان، جاھىل، سىغدۇرۇشچان روھى تىندۇرما مىللىتىمىز مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. `|Aj3a3sND  
                          ئۈچىنچى، كۆپ قېتىملىق ئېتىقاد كىرزىسىدىن كېلىپ چىققان «قايتىدىن قۇرۇش» پىسخىكىسى -;/;d z;  
      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چەت ئەللەر بىلەن بولغان بېرىش-كېلىشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى قاتارلىق بىر قىسىم چوڭ شەھەرلەردە يوشۇرۇنچە چېركاۋلارنى زىيارەت قىلىپ تۇرىدىغان، مىلاد بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشكە قاتناشقانلىقىدىن ھاياجانغا چۆمىدىغان، <ئىنجىل تەرجىمىلىرىنى تارقىتىشقا ئۇرىنىۋاتقان، بوينىغا <كىرىست>شەكىللىك ئالتۇن رەڭ مىدالىئون ئېسىۋالىدىغان بىر قىسىم ياشلار پەيدا بولۇپ قالدى. بۇ ھال كىشىگە مىللىتىمىز يەنە بىر قېتىملىق ئېتىقاد كرىزىسىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتامدۇ-قانداق؟ دېگەن ۋەھىمىنى سېلىپ، ئادەمنىڭ توۋا دېگۈسىنى كەلتۈرىدۇ. شۇنداق، توۋا دەيمىز، ئەمدى بولدى، بەس! مىللىتىمىز ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن بىر قانچە قېتىملىق ئېتىقاد كررزىسى بىزگە ئاز بولمىغان ساۋاقلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. RAw /Q$I  
    مىلادىيە ۋىئىئى ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا، گۈللەنگەن دەۋرگە كىرگەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا لوياڭدىن چىققان تۆت نەپەر مانى دىنى راھىبى يوقىرى قاتلام ئىچىدە ھەدەپ دىن تارقاتتى، نەتىجىدە ئۇزاق ئۆتمەيلا خانلىق تەۋەسىدە مانى دىنى ئەۋج ئېلىپ، شىمالى ئاسىيانىڭ جەڭگىۋار يايلاق ھاياتىغا ماسلاشقان شامان دىنى قاتتىق خىرىسقا دۇچ كەلدى. شامانىزم ئېتىقادىدىن مانى دىنىغا كۆچۈش پۈتكۈل مىللەتنىڭ روھى دۇنياسىدا ئىلگىركى ھەممە نەرسىنى ئىنكار قىلىپ، قايتىدىن قۇرۇشتەك مەنىۋى ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى تۇنجى قېتىملىق كرىزىسنى پەيدا قىلدى.<مانى دىنى ئۆز تەلىماتلىرىدا جانلىقلارنى ئۆلتۈرۈشنى قەتىي مەنىي قىلاتتى. بۇھال يايلاق مۇھىتىدا ئۆزىدە ياۋايى جەسۇرلۇق ۋە كۈچتۈڭگۈرلۈك يېتىلدۈرگەن مىللى روھ بىلەن سىغىشالمايتتى>، ئەمىلىيەتتە، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ 840-يىلىدىكى زور ھالاكىتىدە ئاشۇ قېتىملىق كرزىسنىڭمۇ مۇئەييەن تەسىر لىرى بار ئىدى. muMb pF  
    ئۇيغۇرلار كەڭ كۆلەمدە غەربكە كۆچكەندىن كېيىن، موڭغۇل ئېگىزلىكىدىن ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئالغاچ كەلگەن شامان ۋە مانى دىنلىرىنى تاشلاپ، تارىم ۋادىسىدا زور گۈللىنىشكە ئېرىشكەن بۇددىزم ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى، نەتىجىدە يەنە بىر قېتىملىق ئېتىقاد كرزىسى يۈز بېرىپ، مىللەتنىڭ روھىيەت دۇنياسىدا <قايتا قۇرۇش>يەنە باشلاندى. چۈنكى ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەن مەزگىللەردە تارىم ۋادىسىدا بۇددىزم ئاللىقاچان مىڭ يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە بولۇپ قالغان ئىدى. تارىم ۋادىسىدا چوڭ قوشۇلۇشتىن كېيىنكى<قايتا قۇرۇش>تاكى خ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى بىر نۇرلۇق سەھەردە ئاتۇش دىيارىدىكى بىر جىلغىدا تۇنجى ئەزان ئاۋازى ياڭرىغانغا قەدەر داۋاملاشتى. مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقتتىن بۇيان، مىللىتىمىز روھى ماھىيىتىنى سۇغىرىپ كەلگەن بۇددىزم ئەقىدىسى ھاياتى كۈچى تولۇپ تاشقان يېڭى بىر دىننىڭ كۈچلۈك خىرىسىغا دۇچ كەلگەن ئىدى. بۇددىزم ئەقىدىسىدىن ئىسلامىيەتكە كۆچۈش مىللىتىمىز تارىخىدا كۆلىمى ئەڭ زور، پوزىتسىيىسى ئەڭ كەسكىن ، تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر بولغان بىر قېتىملىق <قايتا قۇرۇش> ھەركىتى بولدى. ئىسلام دىنى بىر خۇدالىق دىن بولغاچقا، ئەقىدىدىكى مۇتلەق كەسكىنلىكنى تەلەپ قىلاتتى، شۇنداقلا ئۆزىدىن باشقا ھەرقانداق ئېتىقادنى ئىنكار قىلاتتى. قاراخانىلار تېررىتورىيىسىنىڭ ئىسلاملىشىشى تارىم ۋادىسىدىكى بۇددىزم مەدەنىيىتىگە قاخشاتقۇچ زەربە بەردى. بۇ قېتىمقى «قايتا قۇرۇش» تاكى خۋى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قۇمۇل رايونى تامامەن ئىسلاملاشقانغا قەدەر، بەش ئەسىردىن ئۇزاقراق ۋاقت جەريانىدا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ جەرياندا بۇددىزم مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ھەرقانداق نەرسە مۇرەسسەسىز رەۋىشتە ئىنكار قىلىپ، خارابىگە  ئايلانغان بۇددا ئىبادەتخانىلىرىڭ ئۈستىگە يېپيېڭى ئىسلام مەدەنىيىتى تىكلەپ چىقىلدى. دەرۋەقە، ھەرقانداق بىر دىن ئۆزىدىن ئاۋالقى دىنلارنىڭ تەسىرىنى تامامەن يوق قىلىۋېتىشكە قادىر ئەمەس، بەلكى ئىلگىركى دىنلارنىڭ بىرقىسىم مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ تاشلايدۇ. بىن بىر خىل ئېتىقاد تۈسىنى ئالغان ئاڭ فورماتسىيىسىگە مەنسۇپ نەرسە بولسىمۇ، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا تارىخىمىزدا يۈز بەرگەن نۇرغۇن قېتىملىق ئېتىقاد كرىزىسى ۋە «قايتا قۇرۇش» ھەركىتى ئەمەلىيەتتە مەلۇم جەھەتتىن بىر خىل مەدەنىيەت كرىزىسى ۋە مەدەنىيەتتىكى «قايتا قۇرۇش» ھەرىكىتىدۇر. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىللىتىمىز ھەر قېتىملىق ئېتىقاد ئالماشتۇرۇشقا دۇچ كەلگەندە، ئىلگىرىكى ھەممە سەرگۈزەشتىلىرىنى ، ئۆتمۈشىنى، مەدەنىيىتىنى، تەجرىبە ساۋاقلىرىنى بىراقلا ئىرغىتىپ تاشلىۋېتىپ، نۆلدىن باشلىنىدىغان يېڭى دۇنيانى تىكلەشكە ئۇرۇنىدىھگان «قايتا قۇرۇش» پىسخىكىسىنى تەكرارلاپ تۇردى. شۇڭا، مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى بۇخىل ھالەتنى گويا تەكلىماكان باغرىدىكى بىر كېچىدە قۇم ئاستىغا غايىپ بولىدىغان، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر يېڭى بوستانلىقنى قايتىدىن بەرپا قىلىشقا باشلايدىغان «قايتا قۇرۇش» روھىغا ئوخشىتىش مۇمكىن. /U |@sw4  
    ئۇيغۇرلار بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ تارىخى قىسمەتلىرىنى سېلىشتۇرساق نۇرغۇن ئوخشاشلىقلارنى بايقايمىز. ھەر ئىككى مىللەت ئوخشاشلا چۆل-جەزىرىدە بوستانلىق يارىتىپ ئاۋۇغان، تارىخى خاراكتېرلىك چوڭ كۆچۈشلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن (ئۇيغۇرلار ئورخۇن ۋادىسىدىن تارىم ئويمانلىقىغا كۆچكەن بولسا، يەھۇدىيلارنىڭ ئەجدادلىرى مىسىردىن كەنانغا، قەدىمكى بابىلدىن ئېروسالىمغا كۆچكەن)؛ھەر ئىككى مىللەت تارىختىن بۇيان تىجارەتنى ئۆزلىرىنىڭ مۇھىم ئىگىلىك شەكىللىرىنىڭ بىرى قىلغان، شۇنداقلا باشقا مىللەتلەردە كەم ئۇچرايدىغان سودا ئېڭىنى يېتىلدۈرگەن. ئۇنداقتا، بۈگۈنكى دۇنيادا يەھۇدىيلار قانداق قىلىپ ئەڭ ئىلغار مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى؟ ئاللىقاچان ئۆلگەن ئىبراي تىلىنى، قاتتىق خىرىسقا دۇچ كەلگەن مەدەنىيىتىنى نېمە ئۈچۈن تىرىلدۈرەلىدى؟ 'CE3 |x\%K  
    ئەمەلىيەتتە، يەھۇدىيلارنىڭ بېشىغا كەلگەن تالاي قېتىملىق ھايات-ماماتلىق تارىخى قىسمەتلەر بىزنىڭكىدىنمۇ ئېغىر بولغانىدى. ئۇلار ۋەتەنسىزلىك، خورلۇق ۋە ھالاكەت تەقدىر ئىچىدە ياشاۋېتىپ: <مەن مەندۈرمەن، مەندىن ئاۋۋال يەھۇدىيمەن> دېگەن ماقالىنىڭ مەنىسىنى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلىدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا قۇمدەك چېچىلىپ كەتكەن يەھۇدى كۆچمەنلىرى ھەرخىل دىن، ھەرخىل مەدەنىيەتلەرنىڭ كۈچلۈك خىرىسىغا يەھۇدى دىنىنىڭ روھى ئارقىلىق جۇغلىغان مىللى مەدەنىيەت تىندۇرمىسى ئارقىلىق تاقابىل تۇردى. سىرتقى مەدەنىيەتلەرنىڭ ئىجابىي تەسىرلىرىنى يەھۇدىي دىنى ئارقىلىق داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلەرنىڭ ئاساسىغا قوبۇل قىلدى. ئېھتىمال، دۇنيادا تارىختىن بۇيان، دىنى ئېتىقادىنى ئىزچىل ئۆزگەرتمەي كەلگەن مىللەت پەقەت يەھۇدىيلار بولسا كېرەك. ناتسىسىتلارنىڭ جازا لاگېرىدا، ياۋروپادىكى ئوخشىمايدىغان ئەللەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت مۇھىتىدا ئۆسكەن يەھۇدىي تۇتقۇنلىرىنىڭ ناھايىتى تېزلا ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە كۈرەش قىلالىشى يەھۇدىي مىللىتىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مۇستەھكەم مىللى روھىنىڭ سەۋەبىدىن بولغان. \-X Qo  
       لېكىن، بىزدىكى كۆپ قېتىملىق ئېتىقاد ئالماشتۇرۇشلاردىن كېلىپ چىققان«قايتا قۇرۇش». «تۈنۈگۈننى ئۇنتۇپ بۈگۈنى يارىتىش» پىسخىكىسى مىللىتىمىزنىڭ ئاسان قىزىپ تېز سوۋۇيدىغان، ئۈزۈكلۈك ئىچىدە چاقناشنى ئىستەيدىغان، تىنىمسىز تەۋرىنىپ تۇرىدىغان خاراكتېرىنى بەلگىلەپ قويدى. مىللىتىمىزنىڭ  شامان، مانى، بۇددىزم، زورۇئاستېر، نېستورى ۋە ئىسلام قاتارلق دىنلارنىڭ ھەممىسىگە بىر قېتىمدىن ئېتىقاد قىلىپ باققانلىقى، تالاي قېتىم يېزىق ئالماشتۇرغانلىقى، ئۆز تىلىدا نۇرغۇن تىللارنىڭ ئېلىمىنتلىرىنى ساقلىغاندەك تارىخى پاكىتلار ئۇلارنىڭ مۇرەككەپ، كۆپ قىرلىق خاراكتېرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. Up: 
                               تۆتىنچى، ئارىلاشما مەدەنىيەت ئەندىزىسى ۋە غىدىقلىنىشنى شەرت قىلىدىغان روھى قۇرۇلما X?m"86L  
      ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى گەۋدىسى تارىم ئويمانلىقى، ئىلى ۋادىسى ۋە تۇرپان قومۇل ئويمانلىقلىرىدىكى يېشىل بوستانلىقلارنى مەركەز قىلغان تېرىم مەدەنىيىتىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل مەدەنىيەت شەرقنىڭ چوڭ دەريا ۋادىلىرىنى ئاساس قىلغان، ئەنئەنىگە ھېرىسمەن، ئىچكى مايىللىقى كۈچلۈك، بېكىنمە ھالەتتىكى تېرىم مەدەنىيىتىگە تۈپتىن ئوخشىمايتتى. تارىم مەدەنىيىتىنىڭ ئىچكى تىندۇرمىسىدا يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ جاسارىتى بىلەن تېرىم مەدەنىيىتىنىڭ جاھىللىقىدىن يۇغۇرۇلغان، يىپەك يولى ئارقىلىق شەرق ۋە غەرب مەدەنىيەتلىرىدىن ھەر خىل رەڭ-پۇراق ئالغان ئارىلاشما ئەندىزە مۇھىم ئورۇننى تۇتقان ئىدى. بوستانلىقلارنى ياراتقۇچى دېھقانلار مۆتىدىل بەلباغنىڭ تېرىمچىلىرىدەك ھۆل-يېغىن مول، ئىقلىمى ئىللىق، تەبىئەتكە تايىنىپ كۈن كەچۈرىدىغان مۇقىم، زىل زىلىلەردىن خالى شارائىتقا ئىگە ئەمەس ئىدى، تەبىئەت ئۇلارنى پەپىلىمەيتتى، بەلكى ئۇلار تەبىئەتنى _ پايانسىز قۇملۇقلارنى، سۇسىز چۆللەرنى، قۇرغاق ئىقلىمنى پەپىلەيتتى. شۇڭا ، بۇ يەردىكى تېرىم مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە دېھقان مىللەتنىڭ قۇرغاق روھى ئاسىيانىڭ مۆتىدىل رايونلىرىدىكى تېرىمچلىلارنىڭ ھۆل، يېپىشاڭغۇ خاراكتېرىگە ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭ ئۈسىتىگە، تارىم ئويمانلىقى ئىچكى ئاسىيا رايونىدىكى بىر چوڭقۇر بالىياتقۇ بولىشىغا قارىماي، يىپەك يولى ئېلىپ كەلگەن جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئۆز ۋۇجۇدىنى كۆپ خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ خۇرۇچلىرى بىلەن تىندۇرغان ئىدى. شۇڭا، مىللىتىمىز مەدەنىيىتىنىڭ ماھىيەتلىك خاراكتېرى ئىچى يېپىشاڭغۇلۇقتىن كۆرە سىرتقى غىدىقلىنىشىنى ئۆز گۈللىنىشىنىڭ پىلتىسى ۋە ئالدىنقى شەرتى قىلغان. خۋ ئەسىرگە كەلگەلدە، كونا قۇرۇقلۇقتىكى يىپەك يولىنىڭ ئالتۇن دەۋرى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتى. يېڭى دېڭىز يولىنىڭ ئېچىلىشى ۋە پار ماشىنىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى قېرىپ، تىنىپ كەتكەن ئاسىيانى دەۋرنىڭ كەينىگە تاشلاپ قويدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى گويا زۇلمەتكە ئوخشايدىغان 500 يىل داۋامىدا <ئۇنتۇلغان زونا>غا ئايلانغان تارىم ۋادىسى ھېچقانداق بىر يېڭى مەدەنىيەتنىڭ غىدىقلىشىغا، ھېچقانداق بىر تاشقى تەسىر نىڭ زەرەتلىشىگە ئۇچرىمىدى. ھەرخىل گۈللەرنىڭ رەڭ-پۇراقلىرىدىن بەھىر ئېلىپ كۆنگەن ۋە ئۆز كۆڭلىنى ياشارتىپ ئۆگەنگەن بۇ «بۈيۈك ئاتا» ئاستا-ئاستا بەللىرى مۇكچەيگەن، ساقاللىرى چاڭگىلاشقان، ۋۇجۇدى قېرىغان بىر بوۋايغا ئايلاندى. . .ناۋائىيدىن كېيىن، 500 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان مەدەنىيىتىمىزدىكى«ۋاكۇئۇملۇق» ئەمەلىيەتتە ئىچكى جەھەتتىكى روھى مەھكۇملۇق بىلەن تاشقى جەھەتتىكى تەنھا-يىتىملىكنىڭ  مەھسۇلى ئىدى. I[mlQmwsL.  
    دېمەك بىر مەھەل گۈللىنىشكە ئېرىشكەن ھەرخىل مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز ئارا يۇغۇرىلىشىدىن كۆزلەرنى قاماشتۇرغان، تارىمدىكى ئارىلاشما مەدەنىيەت ئەندىزىسى يېقىنقى زامانغا كەلگەندە بېكىك، تەنھا مۇھىتقا قاغجىرىغان تەكلىماكان چۆلىنىڭ سۈكۈتلىرىدەك چوڭقۇر لاتقىلارغا تىنىپ كەتكەنىدى. مەشھۇر تارىخچى ھىتتى ئۆزىنىڭ «ئەرەبلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابىدا: «پۇرسەت تاپسىلا باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئۆزىنى سۇغۇرۇپ تۇرۇش قۇملۇق خەلقلىرىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرقانچە يۈز يىللىق ئىچكى مەنىۋى جۇغلانمىسى مۇئەييەن غىدىقلىنىشقا ئۇچرىغان ھامان، گويا تۇيۇقسىزلا ئويغانغاندەك ھەممە يەرنى لەرزىگە كەلتۈرۈپ تاشلايدۇ...» دەپ يازغان ئىدى. &e2|]C4  
    ئازاب دەرۋەقە، تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ قۇم تېگىدە ئۇزاققىچە بېسىلىپ ياتتى، ئۇسسۇزلۇقىدىن تاڭلايلىرى چاك-چاك يېرىلدى، تىندۇرمىدىكى لاتقىلار چىرىدى.. wR)U&da`@  
    پەقەت يېڭى ئەسىرنىڭ تاڭ نۇرى مۇدھىش تۈنلەرنىڭ پەردىسىنى قايرىغان چاغدىلا، بالىياتقۇدا تولىمۇ ئۇزاق يېتىپ تۇنجۇقۇپ قالاي دەپ قالغان بۇ تۆرەلمە يېڭى ھاۋادىن ئاز-تولا نەپەس ئېلىشقا باشلىدى.....

    分享到: