-
تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ (1)
2009-05-21
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39670071.html
دوكتور ئەسئەت سۇلايمان
(1)
ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ پىسخىكىسى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ياۋروپاد چىقىدىغان نوپۇزلۇق بىر گېزىتتە مۇنداق بىر قىزىقارلىق پەرەز بېسىلغان:
مەلۇم بىر ئۆيدە تۇيۇقسىز بىر تال يىڭنە يەرگە چۈشۈپ كەتكەن. ئۆيدە ئىتالىيىلىك، فرانسىيىلىك ۋە گېرمانىيىلىك ئۈچ كىشى بولۇپ، ئۇلار بۇ كىچىككىنە ئىشقا ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسلارنى قايتۇرغان: ئىتالىيان مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپلا پەرۋاسىزلارچە ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن؛ فرانسۇز رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا قولى بىلەن يەرنى بىر _ ئىككى قېتىم سىلاپ قويغانيۇ، يىڭنىنى تېپىۋېلىشقا كۈچەپ كەتمىگەن، پەقەت ئىزدەپ كۆردۈم، دېگەن روھى تەسەللى بىلەنلا بولدى قىلغان؛ گېرمان قولىغا بىر سىزغۇچ بىلەن بورنى ئېلىپ، پولغا كىچىك-كىچىك چەمبەرلەرنى سىزغان، ئاندىن ھەربىر چەمبەر ئىچىنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىپ، ئاخىرى ھېلىقى يىڭنىنى تېپىۋالغان. ناھايىتى ئاددى بۇ بايان نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، گېزىتكە بېسىلغان بۇ كىچىككىنە مىسسال ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئىپادىسىگە، تېخىمۇ توغرىراقى، بۇ ئۈچ مىللەتنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگە سىمۋول قىلىنغان. دەرۋەقە، دۇنيا تارىخى سەھىپىلىرىگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ئىتالىيە جۇغراپىيىلىك جايلىشىشى ياكى دۇنيا تارىخىدىكى سىياسى ئورنى جەھەتتە ياۋروپادىكى ئىسمى جىسمىغا لايىق «بىر پاي ئۆتۈك» ئىدى. قەدىمكى رىملىقلار بىر مەزگىل زور گۈللىنىشكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا، يېقىن قوشنىسى _ يۇنانلىقلارنىڭ ئالەمشۇمۇل مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلغانىدى، خالاس. ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىدىن كېيىن، ياۋرۇپا ئەدەبىيات-سەنئەت ئويغىنىش ھەرىكىتى گەرچە ئىتالىيىدىن باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھەقىقى زىلزىلىسى غەربى ياۋروپادا مەيدانغا كەلگەنىدى. شۇڭا ئىتالىيانلار ياۋروپادىكى باشقا مىللەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا چېچىلاڭغۇ، بوشاڭ، ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچى ئاجىز مىللەت ئىدى؛ فرانسۇزلار ھېسسىياتچان، ئۆزگىرىشچان، ئۈززۈل-كېسىللىكى ئاجىز مىللەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ناپولىئونغا مىسلىسىز دەرىجىدە چوقۇنۇشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس ئىدى. فرانسۇز مەدەنىيىتىنىڭ نازاكىتى ۋە مىللى خاراكتېرىنىڭ لاتاپىتى ئۇلاردا ئەدەبىياتنىڭ گۈللىنىشىگە سەۋەپ بولغانىدى. گېرمانلار گېگىلنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، «ئىنسانىيەتنىڭ پىشقان دەۋرى» دىكى ئەقلى تەمكىنلىككە يەتكەن، پەلسەپىۋى كاللىغا ئىگە، سوغۇققان، ئەمەلىيەتچىل مىللەت ئىدى. بىز دۇنيا پەلسەپىسىنىڭ يۈكسەك چوققىسىنىڭ گېرمانىيەدە مەيدانغا كەلگەنلىكىدىن، ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ مەغلۇبىيىتى ۋە خارابىسى ئىچىدىكى گېرمانلارنىڭ قايتا قەد كۆتۈرۈپ ئىقتىسادى گۈللەنگەن، ئىلغار سەۋىيەگە ئىگە مىللەتكە ئايلانغانلىقىدىن بۇ نۇقتىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز.
خوش، يىڭنە تىمسالىدىن قوزغالغان ئۇلانما تەسەۋۋۇرىمىز بىزنى مۇنداق بىر سوئالغا جاۋاپ بېرىشكە قىستايدۇ: يىڭنە چۈشۈپ قالغان ئاشۇ سورۇندا بىر ئۇيغۇر بولغان بولسا، ئۇ بۇ ئىشقا قانداق ئىنكاس قايتۇرغان بولاتتى؟ ئۇ قولىغا لوپا ئەينەك ئېلىپ، ئۆينىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە سەۋر-تاقەت بىلەن ئەستايىدىل ئىزدەپ كۆرەرمۇ ياكى ئاشۇ ئۆيدە بىر ئۆمۈر يىڭنىگە پۇتلىشىپ بىللە ياشارمۇ!؟....
دەرۋەقە، بۇ بىر ناھايىتى ئاددى مىسال، خالاس. بۇ خىل تەھلىلنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە توغرا خاتا بولىشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت مۇھىتىدا ئىپادىلىگەن مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى ئوپىراتسىيە قىلىشتا ھامان مۇشۇ تۈردىكى ماھىيەتلىك مىساللارنىڭ ئىلھامىغا موھتاج بولىمىز، ئەلۋەتتە.
شۈبھىسىزكى، جۇغراپىيىلىك مۇھىت ۋە ياشاش شارائىتىنىڭ ئوخشاشماسلىقى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت پىسخىكىسىنىڭ ئوخشاشماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا مەلۇم بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت پىسخىكىسىدا نۇرغۇن ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بەرسىمۇ، ئەمما شۇ مىللەتنىڭ ئىپتىدائىي روھى مەدەنىيىتىگە ئۇرۇق بولۇپ تېرىلغان پىسخىك جۇغلانما خۇددى پاختا ئىچىدىكى چوغدەك ھامان ساقلىنىپ كېلىدۇ. تۆت مىڭ يىللىق قەدىمىي مەدەنىيەتكە ئىگە ھىندىستاننىڭ يېقىنقى زامانغا كەلگەندە يۈز نەچچە يىلدىن ئارتۇق ئەنگىلىيە مۇستەملىكىسىگە چۈشۈپ قېلىشى نەتىجىسىدە <غەرىپلىشىش> دولقۇنىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت پىسخىكىسىدىكى شەرقچە سۈكۈناتقا باي ئاياللىق نازاكىتى ۋە غايىۋى پىنھانلىققا تەشنا ھۆل خاراكتېرى ئۆزگەرگىنى يوق. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، نەچچە مىڭ يىللىق سەرسانلىق-سەرگەردانلىق ۋە ھالاكەتلىك تارىخنى باشتىن كەچۈرگەن يەھۇدىيلارنىڭ ھازىرقى زامانغا كەلگەندە مىللى تىرىلىش ھەرىكىتى قوزغاپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى دەل ئۇلارنىڭ تومۇرىدىكى مىللى قېنى بىلەن روھى قاتلىمىدىكى ماھىيەتلىك جۇغلانمىنىڭ ھەر ۋاقت كۇۋەجەپ تۇرغانلىقىدىن بولغان.
مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى بىلەن سېلىشتۇرما مەدەنىيەتشۇناسلىقىنىڭ گۈللىنىشى بىزنى مىللەتلەرنىڭ ئوخشاشمىغان مەدەنىيەت مۇھىتىدا ئىپادىلىگەن پىسخىك ماھىيىتىنى تولۇق ئوپېراتسىيە قىلىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىن ئەتتى. ئىنسانىيەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ ماددى دۇنيادىن روھى دۇنياغا _ ئادەمنىڭ ئۆزىگە مەركەزلىشىشى بىزگە كەلگۈسىدىكى ئىزدىنىشلەرنىڭ ئاجايىپ ئازاپلىق دەۋرىگە كىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى.历史上的今天:
بۇلارنى تۇنىدىڭىزمۇ ؟ 2010-05-211910-يىلدىكى شىنجاڭ 2010-05-21ئامېرىكا يەرشارىنىڭ ئۇ تەرىپىدە 2010-05-21مەشھۇر شەخسلەرنىڭ دانا ھېكمەتلىرىدىن... 2010-05-21