• ئادلوف گىتلىر:<<مېنىڭ كۈرەشلىرىم>> (10.قىسىم)

    2009-05-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39668743.html

    پان گېرمانىزىم ھەرىكىتى ئۆز پائالىيىتىنى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەنلا چەكلەپ قويغىنىدا، بۇ پارتىيىنىڭ بۇرۇنقى يىتەكچىلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئورنىنى پارلامېنت دىپۇتاتلىرى تارتىپ ئالغان بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ يېڭى پارتىيىمۇ قالغان پارتىيىلەردىن قىلچە پەرقى يوق پۇرسەتچى سىياسىي پارتىيىگە ئايلىنىپ قېلىپ، قارشى تۇرىۋاتقان دۈشمىنىگە قارشى چىققىدەك خەلق كۈچىنى ھەرگىز تاپالمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بۇ يېڭى پارتىيىمۇ پارلامېنت ئىچىدە نۇتۇق سۆزلەشتىن باشقا ئىش قولىدىن كەلمەيدىغان، پۇرسەت تاپالىسا كېلىشتۈرمىچىلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىغان بىر پارتىيىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ۋەكىللىرىمۇ باش ئاغرىغى تېپىپ بەرمەيدىغان ئۇسۇللارغا قىزىقىشقا باشلاپ، يېڭى كۆزقاراشلىرىنى قۇرۇلتايدىكىلەرگە قايىل قىلدۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولۇش ئورنىغا نۇتۇق قابىلىيىتىنى ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلىتىشنى تېخىمۇ توغرا يول تۇتقانلىق دەپ قارايدىغان بولىۋالىدۇ. ئاقىۋەتتە بۇ دېپۇتات كەلگۈسى نامەلۇم بولغان، ھەر نېمە دېگەن بىلەن بىرەر پايدىسى بولمايدىغان بىر ئەقىدە ئۈچۈن ئۆز مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىپ ئاۋارە بولۇپ يۈرگەندىن كېلىشتۈرمىچىلىك يولىنى تۇتۇشنى ئەۋزەل كۆرىدىغان بىر دېپۇتاتقا ئايلىنىپ قالىدۇ.
    بۇ پارتىيە پارلامېنتقا كىرىپ ئورنىنى مۇقىملاشتۇرىۋالغىنىدىن كېيىن دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق ئەگەشكۈچىلەر نەتىجىسى يوق، ھەتتا ھېچقاچان نەتىجىسى كۆرۈلمەيدىغان بىرەر مۇجىزە ئوتتۇرغا چىقىپ قالارمۇ دېگەن ئۈمىت بىلەن بىھۇدە كۈتۈشكە باشلايدۇ. ئاقىۋەت داۋاملىق كۈتكىدەك سەۋرىمۇ قالمايدۇ. چۇنكى مىنىستىرلارنىڭ دېگەنلىرى بىلەن سايلىغۇچىلارنىڭ ئارزۇ قىلغانلىرى پەقەتلا بىر يەردىن چىقماي قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ سەۋىبى بەكلا ئاددى ئىدى: گېزىتلار تەرەپپازلىق قىلىشقا باشلاپ پان گېرمانىزمچى مىنىستىرلارنىڭ ئىشلىرىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرمەكتە ئىدى. بۇ جەرياندا يېڭى مىنىستىرلار پارلامېنتتا ھەمدە ۋىلايەتلىك قۇرۇلتايلاردا “ئىنقىلاۋىي” كۈرەشلەرنىڭ سىلىقلاشتۇرۇلغان ئۇسلۇبلىرىغا بارغانسىرى كۆنۈپ قېلىپ، كۈندىن كۈنگە ھۇرۇنلىشىپ بۇرۇنقىدەك خەلق خىزمىتىگە تېخىمۇ يېقىن تۇرالايدىغان ئامما ئىچىگە كىرىپ بىۋاستە تەشۋىق قىلىشتەك ئۇنداق ئاۋارىچىلىق ئىشلاردىن بارغانسىرى ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، ئاممىدىن تەدرىجى ئايرىلىپ قېلىشقا باشلىدى. شۇنداق قىلىپ خەلق بىلەن يېقىنلىشىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق يولى بولغان خەلق ئاممىسىغا بىۋاستە خىتاپ قىلىش ئۇسۇلىمۇ پان گېرمانىزمچىلار ئارىسىدا ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلۇشقا باشلىدى.
    خەلققە خىزمەت قىلىشنىڭ يېڭىچە سورۇنىغا ئايلانغان پىۋىخانىلارمۇ ئورنىنى پارلامېنت زالىغا بوشىتىپ بەرگىنىدىن كېيىن، پان گېرمانىزمچىلارنىڭ نۇتۇقلىرى خەلققە ئەمەس بەلكى ئاتالمىش خەلق ۋەكىللىرى دەپ ئاتىلىۋاتقان پارلامېنت ۋەكىللىرىنىڭ ئەقىلسىز مىڭىلىرىگە خىتاپ قىلىشقا ئۆزگىرەيدۇ. شۇنداق قىلىپ پان گېرمانىزم ھەرىكىتى ئاممىۋىي ھەرىكەت ئالاھىدىلىكىنى يوقۇتۇپ، پان گېرمانىزمچىلار پارتىيىسىمۇ خۇددى ئىلمىي تەتقىقات ئورنىغا ئوخشاش نەزەرىيىۋىي تەتقىقات سورۇنلىرىنىڭ بىرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
    بۇنىڭغا يەنە گېزىت تەشۋىقاتلىرىنىڭ بۇرمىلاپ مازاق قىلىپ تەشۋىق قىلىشلىرىمۇ قوشۇلۇپ، پان گېرمانىزم ھەرىكىتىنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئابرويى بارغانسىرى تۈكۈلۈشكە باشلىدى. بۇنداق بىر ئەھۋالدا پارتىيىنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىللىرىمۇ سىرتقا چىقىپ گېزىتلارنىڭ تۆھمەتلىرىگە رەددىيە بېرىش پائالىيەتلىرىگىمۇ قەتئىي ئەھمىيەت بېرىشمىدى. ئاخىرىدا، بۇ ئېقىم خەلق ئارىسىدا ئىناۋىتىنى پۈتۈنلەي يوقۇتىدۇ. ئەمما مىڭىسى سىيا بىلەن بويىلىپ كەتكەن بۈگۈنكى پۇرسەتپەرەس يازغۇچىلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، بۇ دۇنيادا يۈز بەرگەن بارلىق چوڭ ئىنقىلاپ-ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھېچقايسى قەلەم كۈچىگە تايىنىپلا بارلىققا كەلگەن ئەمەس. ياق، ئۇنداق ئىش يوق! يازغۇچىلارغا پەقەت بۇ تۈردىكى ھەرىكەتلەرنىڭ نەزەرىيىسىنى يېزىش ۋەزىپىسىلا يۈكلىنەتتى.
    سىياسىي ياكى دىنىي ساھەلەردە بارلىققا كەلگەن بارلىق زور تارىخىي دولقۇنلارنى پەيدا قىلغان كۈچ، ھەتتا بىزگە بىلىنمىگەن دەۋرلەردىن تارتىپلا ھەر دائىم كۈچلۈك ناتىقلارنىڭ سىھىرلىك كۈچ-قۇدرىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ كەلمەكتە.
    ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ خەلق ئاممىسى ھەر دائىم ناتىقلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان خىتاپلىرىغا بويۇن ئېگىپ كەلمەكتە. شۇنىڭدەك، كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى خەلق ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىمۇ بىر ئەمەلىيەت. ئەمما بۇ خەلق ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگىدەك خەلق ئاممىسىنىڭ روھى ھىسىياتلىرى، غەزەپ-نەپرىتى، ئارزۇ-ئارمانلىرى ناتىقنىڭ ئېغىزچە خىتابى تەسىرىدە يانارتاغدەك پارتىلاپ چىققانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇنداق بىر داغ-دۇغىنى سارايلاردىكى قەلەم كۈچىگە تايىنىپ جان بېقىپ يۈرگەنلەرنىڭ قۇمۇش قەلەملىرىنى شېكەر شىرنىسىگە مىلاپ يازغان نەرسىلىرى ھەرگىزمۇ ۋۇجۇتقا چىقىرالىغان ئەمەس. بۇنىڭ ئەكسىچە مىللەتنىڭ تەغدىرىنى قىزغىن ھاياجان بورىنىلا ئۆزگەرتەلەيدۇ. ئەمما بۇنداق بىر ھاياجان دولقۇنىنى ئەنە شۇنداق ھاياجانغا ئىگە بولغان كىشىلا قوزغىيالىشى مۇمكىن. شۇنىڭدەك بۇنداق بىر ھاياجانغا ئىگە بىرسى ئۆز تۇيغۇلىرىنى خۇددى بىر بازغاندەك كۈچلۈك خىتاپلىرىغا تايىنىپلا خەلقنىڭ ھاياجىنىنى قوزغىتالىشى مۇمكىن. بۇنداق ھاياجان، جۇشقۇغا ئىگە بولمىغان، بۇنداق ھاياجانلىق تۇيغۇلىرىنى سۆز بىلەن ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغان بىرسىنىمۇ تەڭرى بۇنداق بىر ئورۇنغا ھەرگىز يېقىن يولاتمايدۇ.
    ئۇنداقتا، بۇنداق بىر ئىش ئۈچۈن لايىھەسى، بىلىمى ۋە يېزىقچىلىق قابىلىيىتى بار بىرەر يازغۇچى ئوتتۇرغا چىققىدەك قىلسا، بۇنداق بىرسى داھىلىق تاماسىنى قىلماي روشكىسىنى سىيا قۇتىسىغا تەككۈزۈپ بۇ ئىشنىڭ نەزىرىيىسىنى يېزىش بىلەنلا بەنت بولسۇن. چۇنكى ئۇنداق كىشىلەر داھىلىق ئورنىغا كېلىش ئۈچۈن بۇ دۇنياغا تۆرەلمىگەن بولغاچقا، ئۇلار بۇنداق شەرەپلىك ئورۇنغا تاللىنىش ھەققىگىمۇ ئىگە ئەمەس.
    شۇنداق بولغاچقا، بۈيۈك غايىلار بىلەن يولغا چىققان بىر ھەرىكەت خەلق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ھەرگىزمۇ ئۈزۈپ قويماسلىقى، بۇ ھەرىكەتكە يىتەكچىلىلك قىلىدىغان ھەر بىر ئادەم بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە قۇرۇق گەپلەر بىلەن خەلقنى بۇ ھەرىكەتتىن سوۋۇتىدىغان ھەر قانداق سۆزلەرنىمۇ قىلماسلىقى كېرەك ئىدى. ھەر قانداق بىر ھەرىكەت، مەيلى ئۇ ھەرقانچە ئۇلۇغ، ھەر قانچە ئەھمىيەتلىك بىر ھەرىكەت بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، خەلق كۈچىدىن ئايرىلىپلا قالىدىكەن، ھەرگىزمۇ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ.  
    غايىگە بارىدىغان يولنى پەقەت ئەمەلىي ئەھۋال بەلگىلىيەلەيدۇ. ئەگەر مېڭىشقا تىگىشلىك يول ھەرقانچە ئەگرى-توقاي بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، بۇ يولدىن ئۆزىنى قانچىكى يىراق تۇتىمەن دەيدىكەن پان گېرمانىزىم غايىسىدىنمۇ شۇنچە يىراقلىشىشقا مەجبور بولىدۇ.
    پان گېرمانىزم ھەرىكەت پارتىيىسى ئۆز پائالىيىتىنى خەلقنىڭ كۈچى ئورنىغا پارلامېنت كۈچىدىن پايدىلىنىپ قانات يايدۇرۇشقا ئۇرۇنغان ئىدى. ئۇلار بۇ جەرياندا بەزى ئۇششاق-چۈششەك نەتىجىلەرنى كۆزلەپ ئۆز ئىستىقبالىنى قۇربان قىلىۋېتىشتى.
    شۇنداق قىلىپ، ئۇلار شىددەتلىك كۈرەش يولى ئورنىغا ئاسان يوللاردا مېڭىشنى تاللىۋالغانلىقى ئۈچۈن زەپەر قازىنىش لاياقىتىدىنمۇ مەھرۇم قالدى.
    ۋىېنادىكى ۋاقىتلىرىمدا نېمىس مىللەتچىلىرىنىڭ بۇ تۈردىكى ئوڭۇشسىزلىقلىرىنىڭ سەۋەبىنى تېپىش ئۈچۈن تىنماي ئويلىناتتىم. ئاخىرىدا شۇنداق خۇلاسىغا كەلدىمكى،  پان گېرمانىزمچىلىقنىڭ تەغدىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بۇ پارتىيىنىڭ مەغلۇپ بولىشىدىكى تۈپكى سەۋەپلەردىن بىرسى ئۇلارنىڭ بىلىمسىزلىكى ئىدى.
    ئەسلىدە پان گېرمانىزم ھەرىكىتىنى مەغلونىيەتكە يىتەكلەپ ماڭغان ئىككى تۈرلۈك خاتالىق بىر-بىرسىدىن كۆپ پەرق قىلىپمۇ كەتمەيتتى. چوڭ-چوڭ ھەرىكەتلەرگە تۈرتكە بولىدىغان كۈچنى تونىيالمىغانلىقى ئۇلارنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچىگە ئىزچىل سەل قارىشىنى، بۇ كۈچكە يېقىن يولىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. نەتىجىدە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بولۈش ئىستىگىنى ئۆلتۈرۈپ، خەلقنىڭ تۈۋەن تەبىقىلىرىنى ئۆزلىرىگە مايىللاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشلىرى يىتەرلىك بولمىدى ياكى بۇنداق ئويغىمۇ زادىلا كېلىپ باقمىدى. ئاقىۋەتتە پارلامېنتقا بەكىرەك كۆڭۈل بۆلۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى خەلق ئاممىسىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرىۋەتتى.
    ئەگەر ئۇلار ھەر بىر دەۋردىكى ئىنقىلاۋى ھەرىكەتلەردە خەلق ئاممىسىنىڭ سەل قاراپ كېلىنگەن بۇ كۈچ قۇدرىتىنى تونۇپ يىتەلىگەن بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى ئىجتىمائىي جەھەتلەردە بولغىنىدەك تەشۋىقات جەھەتلەردىمۇ باشقىچە تۈس ئالغان بولاتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن پارلامېنتنى ئەمەس بەلكى زاۋۇت-فابرىكىلارنى، كوچىلارنى ھەرىكەت سورۇنى قىلىپ تاللىۋالغان بولار ئىدى.
    كېيىنچە كۈزىتىشلىرىم ئارقىلىق مىللەتچىلەرنىڭ ئۈچۈنچى بىر خاتالىقنىمۇ سادىر قىلغانلىقىنى سەزدىم. بۇ خاتالىقمۇ ئوخشاشلا خەلق ئاممىسىنىڭ ئەھمىيىتىنى ھېس قىلالمىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دېيىشكە بولاتتى. ئەقىللىق كىشىلەر بۇ ئىشقا قول سالغان ئىكەن، كۈچلۈك زەربە بېرەلەيدىغان كۈچ بىلەن تارىخ چاقىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدىغان كۈچلەرنى بەلگىلىك بىر يۈلىنىشكە قاراپ يىتەكلەپ مېڭىشى شەرتتۇر.
    يەنى، بۇ پارتىيىنىڭ رىملىقلارغا (ۋاتىكانغا) قەتئىي قارشى چىقىشىغا مۇنۇلار سەۋەپ بولغان ئىدى:
    ھابسبۇرگ ئوردىسى ئاۋۇسترىيىنى سلاۋيان دۆلىتى ھالىغا كەلتۈرۈشنى قارار قىلا-قىلماي بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن چارىنى تولۇق ئىشقا سالغان ئىدى. يەنى بۇ ئەقىلسىز خاندانلىق قىلچە ئەنسىرىمەي بارلىق دىنىي مۇئەسسەلەرنى سلاۋىيان دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىشقا قويغان ئىدى.
    خان ئوردىسىنىڭ كۈچلۈك دىنىي ئورگانلار بىلەن روھانىلاردىن بۇ ئىشتا پايدىلانغان بۇ ئىشى، ئۇلارنىڭ ئاۋۇسترىيىنى سلاۋىيانلاشتۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان نۇرغۇنلىغان قىلمىشلىرىدىن پەقەت بىرلا مىسال ئىدى. ئادەتتە ئۇلار چېخ روھانىلىرىنى ئاھالىسى پۈتۈنلەي نېمىس بولغان يەرلەرگە تەيىنلىشەتتى. بۇ روھانى پوپلار ئىشەنچىلىك قەدەملەر بىلەن چېخ خەلقىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قەدەممۇ-قەدەم چىركاۋلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈستىگە دەسسىتىشكە تىرىشپ “نېمىسلىكتىن تازىلاش” ھەرىكىتىنى كۈشكۈرتىدىغان كىشىلەرگە ئايلانماقتا ئىدى.
    نېمىس روھانى تەبىقىسىدىكىلەر بۇنداق ئىشلارغا ئاساسەن قارشى چىقالمايتتى. ئۇلاردا نېمىسلىكنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان بۇنداق بىر ھەرىكەتكە قارشى نېمىسلار تەرىپىدە تۇرۇپ ھەرىكەت قىلالىغىدەك كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئىقتىدار ئاساسەن يوق دېيەرلىك ئىدى. ئەڭ مۇھىمى ئۇلاردا بۇ تۈردىكى ھۇجۇملارغا قارشى تۇرۇپ ئۆز مىللىتىنى ھىمايە قىلىش دەيدىغان بىر ئاڭمۇ يوق ئىدى. شۇنداق بولغاچقا دىننىڭ ئاستىرىتىن سۈيىئىستىمال قىلىنىشىغا قارىتا قىلچە تەييارلىقى بولمىغان پان گېرمانىزمچىلار بۇ ئىشتىن توختىماستىن ئاساتا-ئاستا كەينىگە چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
    ئۇششاق-چۈششەك ئىشلاردا ئەھۋال بۇنداق بولغىنى بىلەن، چوڭ-چوڭ ئىشلاردا تۇتقان پوزىتسىيىسى بۇنداق ئەمەس ئىدى.
    ھابسبۇرگ ئوردىسىدىكىلەرنىڭ نېمىسلارغا قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان پوزىتسىيىلىرىگە قارىتا نېمىس روھانىلار ھەيئىتىدىكىلەردىمۇ بىرەر نارازىلىق ئىپادىلەنمەيدۇ. شۇنداق قىلىپ نېمىس مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئىشلىرى پۈتۈنلەي تاشلاپ قويۇلدى.
    ئادەتتىكى پائالىيەتلەرمۇ بۇنىڭدىن كۆپ پەرق قىلمايتتى. كاتولىك روھانىي ھەيئىتى ئىگەللىۋالغان ئورۇنلاردىن پايدىلىنىپ نېمىسلارنى دەسسەپ ئېزىپ، ئۇلارغا ئېغىر زىيانلارنى سالماقتا ئىدى.
    چىركاۋلارمۇ چىن كۆڭلىدىن نېمىس مىللىتى تەرىپىدە تۇرمايلا قالماي، ئېغىر ناھەقچىلىكلەرنى پەيدا قىلىپ نېمىس دۈشمەنلىرى ياردەملىشىپ يۈرمەكتە ئىدى. شوۋنېرېر، بۇ تۈردىكى دۈشمەنلىكلەرنىڭ سەۋەبى قىلىپ كاتولىك چىركاۋلىرىنىڭ باش ئورگىنى گېرمانىيىدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن چىركاۋلار مىللىتىمىز مەنپەئەتلىرىگە قارىتا دۈشمەنلىك پوزىتسىيە تۇتماقتا دەپ ھېساپلايتتى.
    بۇرۇندىن بولۇپ كېلىۋاتقىنىدەك، ئۇ كۈنلەردىمۇ ئاۋۇسترىيىدە مەدەنىي ئىشلار ھەر دائىم سەل قارىلىپ كېلىنگەن ئىدى. پان گېرمانىزم ھەرىكىتىنىڭ كاتولىك چىركاۋلىرىغا قارشى تۇرۇشىغا سەۋەپ بولغان ئىشلار چىركاۋلارنىڭ بىلىم بىلەن سەنئەتكە قارشى پوزىتسىيىدە بولغانلىقى ئەمەس، بەلكى نېمىس ھوقۇقىنى ھىمايە قىلالماسلىقى، شۇنىڭدەك يەنە سلاۋيانلارنىڭ ئارزۇلىرىغا، ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىگە ھەر ۋاقىت ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئىدى.
    ئەسلىدە گيورگ فون شوۋنېرېر چالا ئىش قىلىدىغان بىرسىمۇ ئەمەس ئىدى. چىركاۋلارغا قارشى پائالىيەتلەرگە كىرىشكەنلىكىدىكى سەۋەپ، بۇ كۈرەش ئاخىرى مىللىتىنى ئازاتلىققا ئېرىشتۈرۈش يولىغا يىتەكلەپ بارالايدىغان بىردىن بىر ھەرىكەت دەپ قارىغانلىقى ئىدى. ئۇنىڭ رىمدىن ئايرىلايلى دېگەن شۇئار ئاستىدا قانات يايدۇرغان ھەرىكىتىمۇ دۈشمەننى ئىچىدىن يېڭىپ چىقىشتا ئەڭ كۈچلۈك تاكتىكا دەپ ھېساپلىغىنىنىڭ بىر نەتىجىسى ئىدى. شوۋنېرېر، بۇ كۈرەشتە يېڭىپ چىقالىساق، گېرمانىيىدىكى دىنىي مەزھەپلەرگە پارچىلىنىشلارنىڭ ئالدىنى ئالالىغان، نېمىس مىللىتى بىلەن رېيچنى زور دەرىجىدە كۈچەيتەلىگەن بولىمىز دەپ قارىماقتا ئىدى.
    ئەممە بۇنداق بىر ھەرىكەتنى باشلاش ئويى بىلەن، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈش پىلانلىرىنىڭ ھېچقايسىسى توغرا ئەمەس ئىدى.
    شۆبھىسىزكى، نېمىس روھانى ھەيئىتىنىڭ نېمىسلىككە قارشى تۇرغانلارغا قارىتا تىركىشىش كۈچى، نېمىس بولمىغان كەسىپداشلىرى، بولۇپمۇ چېخ روھانىلىرىنىڭ نېمىسلىككە قارشى كۆرسەتكەن كۈچىگە سېلىشتۇرغاندا بەكلا ئاجىز قالغان ئىدى.
    نېمىس مىللىتىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش كۆزقاراشلىرى ھېچقاچان نېمىس روھانى ھەيئىتىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەسلىكىنى ھەتتا ساۋاتسىز بىرسىمۇ ئوچۇق كۆرۈپ ئالالايتتى.

    نېمىس مىللىتىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش كۆزقاراشلىرى ھېچقاچان نېمىس روھانى ھەيئىتىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەسلىكىنى ھەتتا ساۋاتسىز بىرسىمۇ ئوچۇق كۆرۈپ ئالالايتتى.
    چېخ پوپلىرى ئۆز خەلقىگە قارىتا چىن قەلبىدىن سادىق مۇئامىلىدە بولسا،  چىركاۋلىرىغا قارىتا ئوبىكتىپ مۇئامىلە قىلىدۇ. ئەمما نېمىس پوپلىرى چىركاۋلىرىغا نىسبەتەن سوبىكتىپ پوزىتسىيىدە بولۇپ، ئۆز خەلقىگە نىسبەتەن ئوبىكتىپ پوزىتسىيىدە مۇئامىلە قىلىشىدۇ. نېمىسلارغا زىيان كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان بۇ تۈردىكى پوزىتسىيىلەر ھەممە ساھەلەردە ئومۇمىي يۈزلۈك بىر ھال ئالغانلىقىنى كۆرۈپ ئالالايمىز. ئەسلىدە بۇنداق ئەھۋاللار كاتولىكلارغىلا خاس بىر ئەھۋال ئەمەسلىكى ئېنىق ئىدى. ئەمما بۇ ھالەت، بىز نېمىسلار ئارىسىدا ھەر قانداق بىر مىللىي مۇئەسسەيىمىز بىلەن غايىلىرىمىزنى تېزلىكتە ۋەيران قىلىپ كېلىۋاتقان بىر كېسەللىك ئىدى.
    مەسىلەن، مەمورى كادىرلىرىمىزنىڭ مىللىي ئورنىمىزنى ياخشىلاشتا تۇتقان پوزىتسىيىلىرىنى باشقا بىر ئىرقتىكى مەمورى كادىرلارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسىدىكى تۇتقان پوزىتسىيىسىگە سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى. ھەر قانداق بىر ئەلنىڭ ئوپىتسېرلىرى بىزدە نورىمال ئەھۋال دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان، بەش يىلدىن بېرى ئىزچىل يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقىنىدەك دۆلەت نوپۇزى دېگەننى باھانە قىلىپ خەلقىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىكىدەك بىر غەلىتىلىكنى قىياس قىلىش مۇمكىنمۇ؟ بۇ ئىككى تۈرلۈك ئەھۋالدىلا بۈگۈنكى يەھۇدىي مەسىلىسى دىننىڭ ئەسلى ئېھتىياجى بىلەن مىللىي مەنپەئەتلەرگە ماس كەلمەيدىغان بىر قاراش دەپ قوبۇل قىلىنمىدىمۇ؟ بىز يەنە يەھۇدىي ئىرقىغا چېتىلىدىغان ھەر قانداق ئۇششاق ئىشلارغا قارىتا بىر خاخام ‹يەھۇدىي پوپى›نىڭ تۇتقان پوزىتسىيىسى بىلەن بىزنىڭ روھانىيلىرىمىزنىڭ تۇتقان پوزىتسىيىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى.
    ھەرقانداق بىر چۈشەنچىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرگە دۈچ كېلىپ تۇرىمىز.
    دۆلەت نوپۇزى، دېموكراتىيە، سۇلھىچىلىق، مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ھەمكارلىق … دېگەندەك نۇرغۇنلىغان ئۇقۇملار بىز نېمىسلاردا ھەر دائىم مۇقىم ۋە ئۆزگەرمەس كۆزقاراش، نەزەرىيە دەپ تەرغىپ قىلىنىپ، مىللىتىمىزنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگىدەك بۇ تۈردىكى دوگمىلاشتۇرۇلغان قاراشلارنى ئۆلچەم قىلىپ كەلدۇق.
    بۇنداق مۇھىم بىر مەسىلىنى بۇنداق قېتىپ قالغان قاراشلارغا تايىنىپ ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇش، ئوبىكتىپ بىر مەسىلىنى، بۇنداق دوگما نەزەرىيىگە پەقەتلا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىر مەسىلىنى ئوبىكتىپ ھەل قىلىش ئادىتىنى پۈتۈنلەي ئۆلتۈرىۋېتىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ۋاستە بىلەن غايىنىڭ ئورنى ئالمىشىپ ۋاستىلارنى غايە دەپ قارىۋالىدىغان ئەھۋال ئوتتۇرغا چېقىدۇ. بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا خەلق مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتمايدىغان قابىلىيەتسىز، ھەتتا خەلقىگە زىيان سالىدىغان بىر ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئاتلىنىش ئارزۇلىرىمۇ دۆلەت نوپۇزىنى ئىناۋەتكە ئالمىغانلىق، دۆلەتكە سۇيىقەست قىلغانلىق دەپ قارىلىپ پۈتۈنلەي رەت قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ دۆلەت نوپۇزىنى ئوبىكتىپ مەۋجۇدىيەت دەپ قارايدىغان مۇتەئەسسىپلەر دۆلەت نوپۇزىنى بىر ۋاستە دەپ قاراش ئورنىغا ئۇنى مەقسەت دەپ قارىشىپ، بۇ نوپۇز سايىسىدە ئۆزلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىنى قامداشتا بىخەتەر ئىقتىسادىي مەنبە قىلىۋېلىشىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر سىياسەتچىلەر ئەنە شۇنداق ئەقىلسىز كىشىلەردىن تەشكىل تاپقىنىدا، ئۇلۇغ فرېدېرىخقا ئوخشايدىغان بىرسى چىقىپ ئۆزىنىڭ دىكتاتۇرلۇق ھاكىمىيىتىنى تىكلىمەكچى بولسا، ھېلىقى ئەقلى كام سىياسەتچىلەر ئۇنىڭغا چىش-تىرنىقى بىلەن قارشى چىقىشىدۇ. چۇنكى، بۇنداق دوگما نەزەرىيىلەرگە چوقۇنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، دېموكراتىيە قانۇنلىرى مىللىتىنىڭ ئازاتلىقى، مىللىتىنىڭ بەخىت-سائادىتىدىنمۇ قىممەتلىك بولۇپ كۆرۈنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇنداق كىشىلەر ئۆزلىرى خىزمەت بېرىۋاتقان بۇ دۆلەت ئورگىنى خەلقىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ يەنىلا بۇنداق پەسكەش بىر ھاكىمىيەت ئورگىنىنى ھىمايە قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە خەلق مەنپەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان باشقا بىر ھۆكۈمەتنىڭ تىكلىنىشىگىمۇ دېموكراتىيىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دەپ قەتئى ئۇنىمايدۇ.
    شۇنداق قىلىپ، بىزنىڭ تېنچلىقپەرەس نېمىسىمىزمۇ ئەسلىدە بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشنىڭ بىردىن-بىر چارىسى قارشىلىق كۆرسىتىش، قىلچە ئىككىلەنمەي ئاغدۇرىۋېتىشقا تىگىشلىك بولغان ئەڭ قابىلىيەتسىز ۋە قانخور ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز مىللىتى ئۈستىدە يۈرگىزىۋاتقان قانلىق بېسىقتۇرۇش ۋە ئېكسپالاتاتسىيىگىمۇ سۈكۈت قىلىدۇ. چۇنكى بۇنداق بىر ھۆكۈمەتتىن قۇتۇلۇش ھەركىتىگە ئاتلىنىش ئىشى سۇلھىچىلارنىڭ ئەقىدىلىرىگە زىت كېلەتتى. ئىنتېرناتسيۇنالىزىمچى نېمىس سوتسيالىستلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئاسانلا بېسىۋېلىنىشلارغا قېرىنداشلارچە دوسلۇق مۇئامىلىسى بىلەن جاۋاپ بېرىپ، ھۇجۇم قىلغانلاردىن ئۆچ ئېلىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايدۇ. ھەتتا بۇنداق بىر زەربىدىن مۇداپىيىلىنىشنىمۇ ئەقلىگە كەلتۈرۈشمەيدۇ. مانا بۇ، بىزنىڭ نېمىس ئەمەلدارىمىز.
    بۇنداق بىر ئەھۋال ھەقىقەتەنمۇ ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋال ئىدى. ئەمما ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدىكەنسىز، ئاۋال بۇ ھالەت بىلەن تولۇق تونۇشۇپ چىقىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.
    بىر قىسىم نېمىس ئىلاھىيەتچىلىرىنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىمىزنى قوغداشتا تۇلا بەك تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي كېلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ ئىدى.
    ئۇلارنىڭ بۇنداق پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتىشى ھەرگىزمۇ يامان نىيەتلىك بولغانلىقىنىڭ ياكى ئىلاھىي قانۇنلارنىڭ نەتىجىسى ئەمەس. ئۇلارنىڭ مىللىي مەسىلىلەردە بۇنداق پاسسىپ مۇئامىلىدە بولىشى مىللىي ھېسىياتلىرىنىڭ ئاجىز قالغانلىقى، ياشلارنى نېمىسلىك بىلەن تەربىيىلىمىگەنلىكنىڭ، بىر چۈشەنچىنى قەتئىي ئۆزگەرمەس دوگما دەپ چوقۇنۇش ئادەتلىرىنىڭ يىتىلىشىدىن كېلىپ چىققان.
    دېموكراتىيە، خەلقارا سوتسيالىزىمى، تېنچلىق دېگەندەك ئۇقۇملار ياشلىرىمىزغا شۇنداق چوڭقۇر ۋە شۇنچە ئىشەندۈرەرلىك قىلىپ سىڭدۈرىۋېتىلگەنكى، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا بۇ تۈردىكى كۆزقاراشلار بۇ تۈر پىكىرلەرنى تارقاتقۇچىلار تەرىپىدىن شۇنداق ئوبىكتىپلىق بىلەن تەرغىپ قىلىنغانكى، ياشلىرىمىز پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقماس ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇلغان. ئەسلىدە نېمىس ھېسياتى ۋەتەنداشلارنىڭ ياش ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا ئوبىكتىپ قاراشقا ئىگە قىلىنىشى كېرەك ئىدى.
    كۆز قاراش جەھەتتە ماددىي ۋە مەنىۋى مەجۇتلۇقىنى سوبىكتىپلىق بىلەن پىكىر قىلىشقا ئۆزىنى ئاتىغان بىر تېنچلىقپەرۋەر نېمىس، ئۆز مىللىتى بىرەر تەھدىتكە دۈچ كەلگىدەك قىلغىنىدا، بۇنداق خەۋىپ ھەرقانچە ناھەق ئوتتۇرغا چىققان، ھەر قانچە خەۋىپلىك تەھدىت بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئوبىكتىپ جەھەتتىكى ھەققانىيەتنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. بۇنداق بىرسى، ئىچكى تۇيغىسى،  ئىچكى قوغداش ھېسياتى بىلەن ئۆز توپلىمىنىڭ سېپىگە قېتىلىپ جەڭ قىلىشنى ھەرگىزمۇ خىيالىغا كەلتۈرمەيدۇ.
    ھەرقايسى دىنى مەزھەپلىرىمىزدىكى ئەھۋاللارمۇ بۇنىڭدىن كۆپ پەرىق قىلىپ كەتمەيتتى. بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلىرىمنى تۈۋەندىكىچە بايان قىلىمەن:
    پروتېستيانلار نېمىس مەنپەئەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشىراق ھىمايە قىلىدۇ. چۇنكى، ئۇلار نېمىسلىك تارىخى ۋە كىلەچىكىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ قارايدۇ، بىر-بىرسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھالدا چۈشىنىدۇ. ئەمما ئۇلار ئۈچۈن مىللىي مەنپەئەتلەرنى ھىمايە قىلىش ئىشى ئۇلارنىڭ ئاساسى كۆزقاراشلىرىغا يات بىر ساھە بولۇپ، ئۆز مەنىۋىي تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغىنىدا ياكى ھەرقانداق بىر ئەقىدىسىگە زىت كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ مىللىي مەنپەئەتنى قوغداش ئىرادىسىمۇ سۇسلىشىشقا باشلاپ، بۇ جەھەتتە ھېچقانداق بىر ھەرىكەت قىلماي تۇرىۋالىدۇ.
    پروتېستيانلار مىللىي چۈشەنچىلەرنىڭ يېتىلىشى، ئەخلاقى مەسىلىلەردە نېمىسلىك روھىنىڭ، نېمىس تىلىنىڭ ۋە نېمىس ئەركىنلىكىنىڭ قوغدىلىشى تەلەپ قىلىنغىنىدا ھەر دائىم نېمىس مەنپەئەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ. چۇنكى بۇ مەسىلىلەر پروتېستيانلىق ئېتىقات قىلىپ كېلىۋاتقان پىرىنسىپلارغا ئۇيغۇن كېلەتتى. ئەمما مىللىتىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئاتلانغان ئەڭ ۋەھشى، ئەڭ خەۋىپلىك دۈشمەننىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇش تەشەببۇسلىرىغىمۇ قەتئىي قارشى چىقىشىدۇ. چۇنكى، بۇنداق ۋەھشى دۈشمەن قاراشلىرى يەھۇدىلار ھەققىدىكى كۆزقاراشلارنى ساپ قىلىۋالغان دەيدىغان دوگما قاراشلارنى مىزان قىلىشىدۇ. مانا بۇ،  مەسىلىنىڭ تۈگۈنى، ئەڭ ئاۋال ھەل قىلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە ئىدى. بۇ مەسىلە توغرا ھەل قىلىنمىغىنىدا، نېمىسلارنىڭ ئەخلاقىنى، مەنىۋىي ۋە ماددىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئاتلىنىشنىڭ بارلىق پىلانلىرى ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقاتقان بولىدۇ.
    ۋىيېنادا تۇرغان ۋاقىتلىرىمدا، بۇ مەسىلىنى ئالدىراپلا ھۆكۈم قىلىۋەتمەي ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، يوقۇرقىدەك كۆزقاراشلارغا ئېرىشكەن ئىدىم.
    نۇرغۇنلىغان مىللەتلەر ئارلىشىپ ياشايدىغان بۇ شەھەردە يالغۇز نېمىسلارلا ئۆز مىللىي مەنپەئەتلىرىنى ئوبىكتىۋ شەكىلدە تەھلىل قىلىشقا ئۇرۇنىدىغانلىقى ئوپ ئۇچۇق ئوتتۇرغا چىقاتتى. ئەمما، ھەرقانداق بىر يەھۇدى ئۆز مىللىي مەنپەئەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئۈستىدە گەپ بولغىنىدا ھەرگىزمۇ بۇنداق ئەمەلىيەتكە ماسلاشتۇرۇپ ھەرىكەت قىلىمەن دەپ ئويلىمايتتى. يالغۇز نېمىسلارلا ئىتېرناتسيۇنالىزىمچى سوتسيالىست بولىۋېلىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قېلىشاتتى. ياكى بولمىسا ئۇلار بۇنداق ھەقلىرىنى ئىنتېرناتسيۇنالىزىمچى يولداشلىرىدىن يېشىنى ئاققۇزغان ھالدا يىغلاپ يالۋۇرۇپ مىللىي مەنپەئەتلىرىنى تەلەپ قىلىشاتتى. ھالبۇكى، بىرەر چېخ ياكى بىرەر لېخ (پولەك) ھەرگىزمۇ بۇنداق ھەرىكەت قىلىشمايتتى، ئۇلار مىللىي مەنپەئەتلىرى ئالدىدا ئىنتېرناتسيۇنالىزىمنى بىر چەتكە چۆرىۋىتەتتى. قىسقىسى، ئۇ كۈنلەردە شۇنى ئېنىق تونۇپ يەتتىمكى، بۇ تۈردىكى پىكىر زەئىپلىكلىرىنىڭ مەنبەسى، بۇ تۈردىكى كەمتۈك نەزەرىيىلەر ئەمەس بەلكى ئۆز مىللىتىمىز ئۈستىدە بەكلا يىتەرسىز تەربىيە قىلىپ كەلگەنلىكتىن كەلمەكتە ئىدى. بۇنداق چالا تەربىيە نەتىجىسىدە، ھەممە كىشى ئۆز مىللىي مەنپەئەتلىرى ئۈستىدە ئويلىمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇلغان ئىدى.
    بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە پان گېرمانىزىم ھەرىكىتىنىڭ كاتولىكلىقنى گۇناكار ھېساپلاپ ئۇلارغا ئاۋال زەربە بېرىش كېرەك دەپ تۈزگەن پىلانلىرىنىڭ خاتالىقى ئوتتۇرغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئېغىر مەغلوبىيەتكە يىتەكلىدى.
    نېمىس خەلقى، ياشلىق دەۋرىلىرىدىن تارتىپلا ئۆز ئىرقىنىڭ ھەقلىرىنى تونۇيدىغان، بۇ ھەقلىرىنى تەلەپ قىلالايدىغان شەكىلدە تەربىيىلىنىشى كېرەك ئىدى. نېمىس ئۆسمۈرلىرىنىڭ قەلبى، مىللىتىمىزنىڭ قوغدىلىنىشىغا دائىر مەسىلىلەردە ئۇنداق ئوبىكتىۋ قاراش دەيدىغا خاتا قاراشلار بىلەن بۇلغانماسلىقى لازىم. ئەنە شۇ چاغدا، ئۈستىمىزدە بىرەر رادىكال ھۆكۈمەت ھۆكۈم سۈرىۋاتقان بولغىنىدىمۇ ئىرلاندىيىدە ئېرلاندىيىلىك كاتولىك بولغىنىدەك، لېخىستان (پولشا) دا پولەك كاتولىكى بولغىنىدەك ۋە فرانسىيىدە فرانسۇز كاتولىكى بولغىنىدەك گېرمانىيىدىكى بىر كاتولىكمۇ مەڭگۈ بىر نېمىس كاتولىك بولۇپ ياشايدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن بولىدۇ.
    بۇنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىسپاتىنى ئۆلۈم-قېلىم جېڭىگە كىرگەن مىللىتىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تارىخ سوت مەھكىمىسىگە چىقىرىلىپ سوتلانغىنىدا ئېنىق كۆردۈم. خەلقىم يوقۇرى ئورگانلارنىڭ چاقىرىقى كەلگەن ھامان ئۈستىگە چۈشكەن ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇندىغان ئىدى. شۇ چاغدا بىزنىڭ پروتېستيان پوپلىرىمىز، كاتولىك راھىپلىرىمىز بۇ زەربىلەردە خەلقىمىز بىلەن مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ ياردەملەشكەن ئىدى. ئۇلار ئالدىنقى سەپتىلا ئەمەس بەلكى ئارقا سەپلەردىمۇ بۇنداق ياردەم ئۈچۈن خىزمىتىنى ئايىمىغان ئىدى. ئۇ يىللاردا، بولۇپمۇ دەسلەپكى سەپەرۋەرلىك يۈرگۈزۈلگەن ھاياجانلىق يىللاردا خەلقىمىز ھەر ئىككىلا سەپ بويىچە قۇتلۇق نېمىس ئىمپىرىيىسىدىن باشقا بىرەر نەرسىنى خىيالىغا كەلتۈرىشمىگەن، ئۇنىڭ ئەتىراپىدا بىر يەرگە كەلگەن ئىدى. ئۇ چاغلاردا ھەممە كىشى نېمىس ئۆز ئىمپىرىيىسىنىڭ يېڭىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن تەڭرىگە دۇئالار ئوقۇشقان ئىدى.
    ئەسلىدە پان گېرمانىزىمچىلار پارتىيىسى مۇنداق سۇئالنى قويىشى لازىم ئىدى: ئاۋۇسترىيىدە نېمىس نوپۇسىدىكىلەر كاتولىك مەزھىپى بىلەن بىر نىيەتەتىمىدى؟ ئەگەر بۇنىڭغا بېرىلىدىغان جاۋاپ ”بىر نىيەتتە ئىدى“ بولغىنىدا، بۇ سىياسىي پارتىيە ھەرگىزمۇ دىنىي مەسىلىلەرگە چېتىلىۋالماسلىقى كېرەك ئىدى. ئەگەر بۇ سۇئالغا بېرىلىدىغان جاۋاپ ”بىر نىيەتتە ئەمەس“ بولغىنىدا، قىلىدىغان ئىش سىياسىي پارتىيە ھەرىكىتى ئەمەس بەلكى دىنى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش بولىشى كېرەك ئىدى.
    دىنى ئىسلاھات ھەرىكىتىنى بىرەر سىياسىي پارتىيە ئىشقا ئاشۇرالايدۇ دەپ قارايدىغان بىرسىنىڭ دىنى قاراشلارنىڭ شەكىللىنىشى، تەرەققىياتى قاتارلىقلاردىن ۋە بۇ ئىشنى چىركاۋلار قىلىدىغان ئىشلار ئىكەنلىكىدىن پەقەتلا خەۋىرى بولمىغان بىرسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
    بىز بۇ يەردە بىر مالاينىڭ ئىككى بايغا خىزمەت قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىشىمىز كېرەك. ئەسلىدىنلا بىر دىننىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى بىلەن ئۇنىڭ يوقۇلىشى بىرەر دۆلەتنىڭ قۇرۇلىشى ياكى ئۇنىڭ يىمىرلىشىغا قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك بىر ھەرىكەت بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. مەن بۇ يەردە سىياسىي پارتىيىنى ئەمەس بەلكى بىرەر دۆلەتنى كۆزدە تۇتقانلىقىمنى ئالاھىدە ئەسكەرتمەكچىمەن.
    مېنىڭ بۇ رەددىيەلىرىمگە قارشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ مېنىڭ بۇ دېگەنلىرىمگە نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلار ئوتتۇرغا چىقىشى مۇمكىن.
    ھەر دائىم ئۆزلىرىنىڭ يۇشۇرۇن غەرەزلىرى ئۈچۈن دىننى سىياسەت ئۈچۈن ۋاستە قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان قارا نىيەت ۋىجدانسىزلار چوقۇم تېپىلىدۇ (بۇنداق قارا نىيەتلىكلەرنىڭ قولىدىن  بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىش كەلمەيدۇ). ئەمما دىننى ئۆز غەرەزلىرى ئۈچۈن سۈيىئىستىمال قىلىۋېلىشنى پىلانلاپ يۈرىدىغان بىر قانچە كىشىگە قاراپلا دىن ياكى مەزھەپنى گۇناھكار دەپ قاراشقا ھەققىمىز يوق. بۇنداق قارا نىيەتلىك كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ رەزىل غەرەزلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر قانداق بىر ئورۇننى سۈيىئىستىمال قىلىپ پايدىلىنىشتىن يانمايدىغانلىقى مۇقەررەر. بۇنداق پەسكەش پارلامېنت ۋەكىلىگە سىياسىي مەبلەغ سۈپىتىدە دىندىن ئىبارەت بۇنداق بىر پۇرسەت يارىتىلسا ئۇ بۇنى ئالاھىدە زور ئولجا دەپ چىڭ ئىسىلىپ قالىدىغانلىقى ئېنىق. ئۇنداق پۇرسەتپەرەسنىڭ قارا نىيىتى سەۋەبىدىنلا دىن ياكى بىرەر مەزھەپكە قارا چاپلايمەن دەپ دىن ياكى مەزھەپكە قارشى داۋراڭ قىلىنغاندا ھېلىقىدەك پەسكەش يالغانچىلارنى بۇنىڭ ئۈچۈن شاھىت قىلىپ تەكلىپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ دىن ياكى مەزھەپنى بۇ بالادىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بۇ مۇتىھەملەرگە رەھمەت ئېيتىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىمىز. بۇ داۋراڭلار ئىچىگە كىرىپ قالغان ئادەتتىكى كىشىلەر ھېلىقىدەك پەسكەشلەرنى دىنىمىزنى قۇتقازغۇچى دەپ تونىۋېلىپ، بۇ داۋراڭلارنىڭ ئەسلىدە نەدىن ۋە كىم تەرىپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغانلىقىنىمۇ بىلەلمەس ھالغا كەلتۈرىۋېتىپ، ئەسلى مەقسەتلەر يەتتى قات ئاسمانغا چۆرىۋېتىلىدۇ. بۇ خىل ۋەزىيەت ئەسلىدە ھېلىقىدەك پەسكەشلەر يەتمەكچى بولغان غەرىزىنىڭ دەل ئۆزىدۇر.
      بۇ ھىلىگەر تۈلكە، پەيدا قىلىنغان بۇ جىدەللەر بىلەن دىننىڭ قىلچە مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى شۇنداق ياخشى بىلىدۇ. بۇ ھېلىگەر تۈلكە بۇنى ياخشى بىلگەچكە بۇنداق بىر جىدەلنى پەيدا قىلالىغانلىقىدىن ئىچ-ئىچىدىن خوشال بولۇپ يايراپ كېتىدۇ. ئەمما بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە ساددە ئىقتىدارسىز كىشىلەر بۇ ئويۇندا ئۇتتۇرۇپ ھەممىدىن مەھرۇم بولىدۇ-دە، ئاق نىيەتلىك بولۇشتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ سىياسىي سەپتىن مەڭگۈلۈك چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
    كىشىلەرنىڭ توغرا قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىنلا گۇنانى دىن بىلەن چىركاۋلارغا ئارتىپ قويۇش، باشقا بىر نوقتىدىن ئالغاندىمۇ توغرا بولمىغان بىر ئىش ھېساپلىنىدۇ. ئۇچۇق ئاشكارە تۇرىدىغان دىنىي تەشكىللەرنىڭ ئابرويىنى ئادەملەرنىڭ بەزى يىتەرسىزلىكلىرى بىلەن سېلىشتۇرىدىغان بولساق، ياخشىلار بىلەن ئەسكىلەر ئوتتۇرسىدىكى نىسبەت بەرىبىر دىنىي ساھەدىكىلەر ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ روي بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئالالىشىمىز مۇمكىن. تەبىئىكى، روھىنىلار ئارىسىدىمۇ دىننى سىياسىي غەرەزلەر ئۈچۈن سۈيىئىستىمال قىلىدىغانلار تېپىلىپ قالىدۇ. ئەپسۇس بىلەن شۇنى دېيىش كېرەككى، بۇنداق كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىنتايىن ئۇلۇغ بىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى، قىلىۋاتقان ئۇلۇغ ئىشىنىڭ پىتنىخور يالغانچىلارغا پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بەرمەسلىكنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئۇنۇتقانلاردۇر. ئەمما بۇنداق ئازغانلارغا سېلىشتۇرغاندا بىزنىڭ دىنى ساھەلىرىمىزدە ئۆز ۋەزىپىسىنى ساداقەتلىك بىلەن ئادا قىلىدىغان لاياقەتلىك مىڭلىغان روھانىلىرىمىز بار بولۇپ، ئۇلار يالغانچىلىق بىلەن بۇلغىنىپ كەتكەن قىممەتسىز دەۋرىمىزنىڭ سازلىقىدا كۆرۈلگەن ئۇششاق ئاراللاردەك تەڭرىنىڭ شەپقىتى چوقۇم بىزگە يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئارىمىزدا مەڭڭگۈ بار بولىدۇ. ئەخلاقسىز بىرسى راھىپلارنىڭ چاپىنىنى كىيىۋېلىپ ئەخلاق ۋە ئۆرپە ئەدەتلەرگە قارشى بىرەر گۇنا ئىشلىگىنىدە بۇنداق بىر چىركاۋنى قانچىلىك ئاز يامان كۆرۈش ھەققىگە ئىگە بولالىسام، بۇ كۈنلەردە ھەر كۈنى كۆرۈلۈپ تۇرغىنىدەك بىرەرسىنىڭ مىللىتىمىزنى بۇلغاپ ۋە خىيانەت قىلغانلىقىنى كۆرسەم بۇ سەۋەپتىن چىركاۋلارنى تەنقىتلەش ھەققىگىمۇ شۇنچە ئاز ئىگە بولىمەن. بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈندە يەنە شۇنىمۇ ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، بۇنداق نىيىتى يامان ئادەملەردىن بىرەرسىگە قارىتا، مىللىتىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاپەتلەرگە قاراپ يۈرىگى ئېچىشىدىغان، مىللىتىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇنداق ئاپەتلەرنىڭ تېزىرەك كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىنى تىلەپ تىنماي دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ئاق كۆڭۈل يۇرتداشلىرىمىزغا ئوخشايدىغان مىڭلىغان راھىپلىرىمىزمۇ بار.
    بۇ يەردە يەنە بۇنداق ئۇششاق-چۈششەك كۈندىلىك مەسىلىلەرلا ئەمەس بەلكى پىرىنسىپال ۋە دوگمىلاشتۇرۇلغان كۆز قاراشلارنىڭمۇ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلارغىمۇ تۈۋەندىكىدەك كېرەكلىك جاۋابنى بېرەلەيمىز:
    ”ئۆزەڭنى ھەققانىيەتنى تارقىتىش ئۈچۈن تاللانغان بىرسى، بۇنداق ئىشلارغا ئۆزەڭنىلا لايىق دەپ قارىساڭ، يولىڭدىن قالما. ئەمما شۇنىمۇ بىلگىنكى، بۇ ئىشىڭنى قايسى بىر سىياسىي پارتىيە ۋاستىسى بىلەن قىلماي، يامان نىيىتىڭنى تاشلاپ ئەڭ پاكىز قەلبىڭ بىلەن قىلىشقا جۈرئەت قىل. ئەگەر بۇنىڭغا جاسارىتىڭ بولمىسا، ياكى سېنىڭدە بۇ ئىشنى قىلىش ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل ئىستىقبال ۋەدە قىلىدىغانغا ئىشەنچىڭ بولمىسا، ئۇ ھالدا دەرھال بۇ ئىشتىن قولۇڭنى تارت! ئۆز كۈچۈڭگە تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈشكە جاسارىتىڭ بولمىغان بىر ئىشنى ھەرگىزمۇ سىياسىي پارتىيىنى ۋاستە قىلىپ قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنما!“
    دىنى مەسىلىلەر ھېچقاچان مىللىي مەنپەئەتلەرگە زىت كەلمەيدۇ ۋە ھېچقاچان ئىرق ئەخلاقىنى بۇزمايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ دىن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولماسلىقى كېرەك. شۇنداق ئىكەن، دىننى سىياسىي پارتىيىلەر زىدىيىتى ئارىسىغا ئارىلاشتۇرىۋېلىشقىمۇ ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق.

    分享到: