• ئادلوف گىتلىر:<<مېنىڭ كۈرەشلىرىم>> (11.قىسىم)

    2009-05-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39669046.html

    ئەگەر چىركاۋ تەۋەسىدىكى روھانىلار دىنى تەشكىلاتلاردىن، ھەتتا دىنى نەزىرىيىلەردىن ئىرقىمىزغا زىيانلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان شەكىلدە پايدىلىنىشقا ئۇرۇنغىدەك قىلغىنىدا، ھەرگىزمۇ ئۇلارغا ماقۇل دەپ كەينىدىن ئەگىشىپ يۈرمەسلىكىمىز، ئۇلارغا قارشى ھەرىكەت قىلىشقا توغرا كەلگەندىمۇ ئۇلار ئىشلەتكەن ئۇسۇلدىن پايدىلىنىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم. بىرەر سىياسىي رەھبەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، خەلقنىڭ دىنى ئېتىقاتلىرى بىلەن دىنى ئورگانلىرىنى ھەر دائىم ئەتىۋارلىشى، ئۇلارغا ھەرگىزمۇ چېقىلماسلىقى كېرەك. بۇنىڭغا كۆنمەيدىغان سىياسەتچى سىياسىي پائالىيەتلەردىن قول ئۈزىشى، ئەگەر قولىدىن كەلسە سىياسىي پائالىيەت ئورنىغا بىرەر دىنى ئىسلاھاتچى بولغىنى تۈزۈك. ئۇنداق بولماي بىرەر سىياسىي ھەرىكەت دىنى ئىشلارغىمۇ چېتىلىۋالغىدەك بولسا، گېرمانىيىنى ئېغىر بالايى-ئاپەتلەر ئىچىگە سۆرەپ كىرىشكە سەۋەپچى بولۇپ بېرىدۇ.
    پان گېرمانىزم ھەرىكىتى بىلەن ئۇنىڭ رىمغا قارشى قانات يايدۇرغان كۈرەشلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇ يىللاردا، يەنى بۇ ھەرىكەتنى بىۋاستە كۈزىتىپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا مۇنداق بىر خۇلاسىغا كەلگەن ئىدىم: بۇ ھەرىكەتنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە تۇتقان مۇئامىلىدىكى يىتەرسىزلىكى بۇ پارتىيە بەكلا ئېھتىياجلىق بىردىن-بىر كۈچ مەنبەسى بولغان كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسىدىن مەھرۇم قالدۇرغان ئىكەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ پارلامېنتقا كىرىشىنىڭ ئۆزىمۇ ئۇنىڭ جەڭگىۋارلىق كۈچىنى خورۇتۇپ پارلامېنتنىڭ بارلىق نوخسانلىرى بۇ پارتىيىگىمۇ سىڭىشقا باشلىغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ كاتولىك چىركاۋلىرى بىلەن زىتلىشىپ يۈرىشى پۈتۈن ساھەلەرنى ئۆزىگە دۈشمەن قىلىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئاقىۋەتتە خەلق ئارىسىدىكى ئۇلارنى ھىمايە قىلىشى مۇمكىن بولغانلاردىن ئەڭ قابىلىيەتلىك كىشىلەرنىڭ بىر مۇنچىسىدىن ئايرىلىپ قالغان. شۇنداق قىلىپ، ئاۋۇسترىيىدىكى ھەرقايسى مەدەنىي گۇروھلار ئارىسىدا ئۇلارنىڭ قىلچە ئابرويى قالمىغان.
    بۇنداق ۋەيرانچىلىقتىن كېيىن ئۇلار نېمىگە ئېرىشتى؟ ئۇلار چىركاۋلاردىن ئاران بىرەر يۈز مىڭدەك ئادەمنى ئۆز تەرىپىگە جەلىپ قىلالىدى، خالاس. ھالبۇكى چىركاۋلار يولدىن ئازغان بۇ بىرەر يۈز مىڭ ئەقىلسىز پادىلاردىن ئايرىلىپ قالغىنىغا ئاجىزلاپ كېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنچە بەك ئاغرىنىپمۇ كېتىشمىدى. ئەسلىدە چىركاۋلار ئۆز ئادىمى ھېساپلانمايغان دىنى ساداقىتى ئاجىز كىشىلەردىنلا ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، ئۆز ئادەملىرىدىن بىرسىنىمۇ يوقاتمىغان ئىدى. يەنى بۇ يېڭىلىق ھەرىكىتى نەتىجىسىدە چىركاۋلارنىڭ تارتقان زىيىنى ئاران شۇنچىلىكلا بىر ئىش ئىدى. بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكى دىنى ئىسلاھات ھەرىكەتلىرىدە بولسا  دىنغا چىن قەلبىدىن ئىشىنىدىغان تەبىقىدىكىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى چىركاۋلاردىن ئايرىلىپ تۇراتتىكەن. ئۇ دەۋرلەردە بۇنداق ئايرىلغانلارنىڭ سانىمۇ خېلى كۆپ ئىكەندۇق. ئەمما بۇ قېتىملىق ئىسلاھاتتا پەقەت دىنى ئېتىقاتى سۇس بولغان كىشىلەرلا ئايرىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ چىركاۋلاردىن ئايرىلىشىغىمۇ ئاساسى جەھەتتىن شۇلارنىڭ سىياسىي غەرەزلىرى سەۋەپ بولغان دېيىش مۇمكىن. مانا بۇ، پان گېرمانىزىمچىلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلىرىدىن بىرى.
    پان گېرمانىزم ھەرىكىتى كېرەكلىك قاتتىققول تۈزۈمگە تايىنىپ يىتەكلەنمىگەنلىكى، ئىناۋىتىگە تەسىر يېتىدىغان ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا چېپىلىپ، ئاخىرى ئۆز غايىسىنىمۇ يوقۇتۇپ قويغاچقا، نېمىس مىللىتىنى ئازات قىلىش ئىمكانىيەتلىرىگە ئىگە، زور ئۈمىد بىلەن باشلانغان بىر ھەرىكەت، بۇرۇنمۇ كۆرۈلگىنىدەك ئەنە شۇنداق تارقىلىپ كەتكەن ئىدى.
    ئەگەر پان گېرمانچىلىق ھەرىكىتى ئەگەر خەلق ئاممىسىنىڭ پسىخىك ئالاھىدىلىكىنى توغرا تونىيالىغان بولسا ئىدى، ھېچقاچان بۇنداق ئېغىرخاتالىقنى سادىر قىلمىغان بولاتتى. بۇ ھەرىكەتنىڭ يىتەكچىلىرى پسىخولوگىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، خەلق ئاممىسىغا رەنجىپ يۈرمىگەن بولسا ئىدى، بۇ ھەرىكەتنىڭ ھۇجۇم نىشانى بىر نوقتىغا مەركەزلەشكەن، كۈچىمۇ چېچىلىپ كەتمىگەن بولار ئىدى. بىر سىياسىي پارتىيىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئالغان قارارلىرىدا ھەممە ئىشقا ئارىلىشىۋالىدىغان، ئەمما ھېچقانداق بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدىغان تەدبىرسىز، قۇرۇق پو ئېتىپ يۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ قولىغا تاشلاپ قويۇشتىنمۇ ئېغىر پاجىئە بولمىسا كېرەك.
    ھەرقانداق بىر دىن ياكى مەزھەپ، ھەرقانچە تەنقىتلىنىشكە لايىق بولغان تەغدىردىمۇ، بىر سىياسىي پارتىيە شۇنى ھەرگىز ئېسىدىن چىقارماسلىقى كېرەككى، بۇنداق بىر شارائىت ئاستىدا تارىختا بىرەر سىياسىي پارتىيە دىنى ئىسلاھات قىلىپ بىرەر نەتىجىگە ئېرىشەلىگىنىگە دائىر بىرەر مىسال يوق. تارىخ ساۋاقلارنى ئەمىلى پائالىيەت قىلىش ۋاقتىدا ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۆگىنىدىغان نەرسە ئەمەس. ياكى بولمىسا تارىختىكى بولغان ئىشلارنى بۈگۈنكى ھالەت ئۈچۈن ئەمىلىلەشتۈرۈشكە بولماسلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈنمۇ تارىخ تەتقىق قىلىنمايدۇ. تارىخ، بۇرۇنقى خاتالاردىن ساقلىنىش، كەلگۈسىدە قىلىدىغان ئىشلىرى ئۈچۈن ئىجرا قىلىشقا بولىدىغان بىلىملەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆگىنىلىدۇ. بۇنداق قىلىشقا كۈچى يەتمەيدىغان بىرسى ئۆزىنى بىرەر سىياسى يىتەكچى دەپ ئەقلىگىمۇ كەلتۈرمەسلىكى كېرەك. بۇنداق بىرسى ئۆزىنى ھەرقانچە چوڭ تۇتسىمۇ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان گەپتاندىن باشقا بىرسى بولالمايدۇ. ئاق نىيەتلىك بولغانلىقى ئۇنىڭ قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان بىرسى ئىكەنلىكىنى ئاقلايدىغانغا باھانە بولالمايدۇ.
    ھەرقانداق بىر دەۋىردە، بارلىق سىياسى يىتەكچىلەرنىڭ بىردىن بىر ھۆنىرى خەلقنىڭ دىققىتىنى پەقەت بىرلا دۈشمەن ئۈستىگە توپلاش، بۇ دىققەتنىڭ باشقا تەرەپلەرگە بۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشلا بولغان. بىرەر خەلقنىڭ كۈرەش قىلىش ئارزۇسى بىلەن بۇ ھەرىكەت ئۈچۈن ئىرادە باغلىشى قانچىكى بىر نوقتىغا توپلانغان بولسا، بۇنداق بىر ھەرىكەتنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىمۇ شۇنچە كۈچلۈك، زەربە بېرىش كۈچىمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. خەلققە ھەر خىل دۈشمەنلەرنىڭ بىرلا تەبىقىگە مەنسۈپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەلىشى، كۈچلۈك ۋە ھەقىقى يىتەكچىلەردە بولىدىغان بىر ئالاھىدىلىكتۇر. دۈشمەننى كۆپ ۋە ھەرخىل قىلىپ تەسۋىرلەش، قورقۇنچاق ۋە مەيدانى يوق كىشىلەر ئۈچۈن گۇمان پەيدا قىلىپ قويۇپ، قاتناشقان ھەرىكىتىنىڭ ئىستىقبالىغا ئىشەنمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
    خەلق ئاممىسى ھەر تۈرلۈك دۈشمەنگە قارشى بىرلا ۋاقىتتا كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ھامان باشقىلارنىڭ دېگىنى ھەقسىز بولۇپ، پەقەت بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزلا ھەقلىق ھەرىكەت بولىشى مۇمكىنمۇ؟ دېگەن سۇئالنى خىيالىغا كەلتۈرمەي قالمايدۇ.
    ئەنە شۇنداق بىر سۇئال سورالغان ھامان خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچى پالەچ ھالغا چۈشكەن بولىدۇ. ئەنە شۇ سەۋەپتىن ھەر تۈرلۈك ئۆكتىچى قاراشتىكىلەرنى بىرلا ھۆكۈمەت مەھكىمىسى ئىچىدە دەپ كۆرسىتىش بىلەن ئۆز تەرىپىگە تەۋە بولغان خەلق ئاممىسىغا كۈرەشنىڭ بىرلا دۈشمەنگە قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش لازىم. شۇنداق بولغاندا ھەققانىيەتنىڭ بىز تەرەپتە ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، بۇنداق ھالەتكە قارشى ھەرىكەتلەرگە قارىتا خەلق ئاممىسىنى قوزغىتىشمۇ ئاسانلىشىدۇ.
    ئاۋۇسترىيىدىكى پان گېرمانچىلار ھەرىكىتى دەل بۇ ئالاھىدىلىكنى چۈشىنەلمىگەن بولغاچقا مەغلوپ بولدى.
    ئۇلار نېمە قىلىش كېرەكلىگىنى بىلەلىگەن، تەلەپلىرىمۇ توغرا، نىيىتىمۇ ياخشى ئىدى. ئەمما ئۇسۇلدا خاتالاشقان ئىدى. بۇ ھەرىكەتنىڭ ۋەيران بولىشىنى تاغقا چىقىشنى نىيەت قىلىپ بۇ تاغنىڭ چوققىسىدىن كۆزىنى ئۈزمەي ئىشەنچ ۋە غەيرەتلىك بىلەن يولغا چىققان، ئەمما تاغقا چىقىشنىڭ توغرا يولىنى تاللىيالمىغان بىر تاغقا يامىشىش تەنھەركەتچىسىگە ئوخشىتىشىمىز مۇمكىن. بۇ تەنھەركەتچى چىقماقچى بولىۋاتقان چوققىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرۇغلۇق تاغقا چىقىشنىڭ يوللىرىنى توغرا تاللاشنى خىيالىغا كەلتۈرمىدى، ئەڭ مۇۋاپىق يولنى كۆرەلمىدى، نەتىجىدە چىقماقچى بولغان ئۇ تاغ چوققىسىغا زادىلا يېتىپ بارالمىدى.
    پان گېرمانچىلىق ھەرىكىتىگە رەقىب بولغان خىرىستىيان سوتسيال پارتىيىسىنىڭ دەل ئەكسىنچە يول تۇتقانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. خىرىستىيان سوتسىيال پارتىيىسى ماڭىدىغان يولىنى توغرا تاللىغان بولسىمۇ  ئۇلارنىڭ نىشانى ئېنىق ئەمەس ئىدى. پان گېرمانىزمچىلار ھەرىكىتى خاتا قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىلا دېگىدەك خىرىستىيان سوتسيال پارتىيىنىڭ پائالىيەتلىرى مەنتىققا ئۇيغۇن ۋە خەلق ئاممىسىنى تەسىرلەندۈرەلىگەن ئىدى. بۇ پارتىيە خەلق ئاممىسىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يىتەلىگەن ئىدى. ئىشىنى باشلىغان دەسلەپكى كۈنلەردىن تارتىپلا خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى تونۇپ يىتەلىگەن ئىدى. بولۇپمۇ ئۇششاق ۋە ئوتتۇر دەرىجىلىك ھۈنەرۋەنلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشتى، شۇنداق قىلىپ ساداقەتلىك، دىيانەتلىك ۋە پىداكارلىققا تەييار تەرەپتارلىرىنى ئەتىراپىغا يىغالىدى. دىنى ئورگانلارغا قارشى تۇرىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتتىن ئۆزىنى چەتكە ئالدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇ كۈچلۈك تەشكىلاتنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ كەلدى. ئەندىكى ئىش خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىگە ئۆتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشىلا قالغان ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن تەشۋىقاتنىڭ ئەڭ كۈچلۈك كۈچ بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلگەچكە، خەلق ئاممىسىنى قانداق قىلىپ ئۆزلىرىنى ھىمايە قىلغۇزۇش تەشۋىقاتىغا كىرىشىپ خەلقنى ئۆزلىرىگە باغلىۋالدى.
    ئۇلارنىڭ ئاۋۇسترىيىنى قۇتقۇزۇپ قالالمىغانلىقىغا غايىسىنىڭ ئېنىق بولماسلىقىلا سەۋەپ بولۇپ قالغان بولماستىن، ئۇلارنىڭ ماڭغان يولىمۇ بەك توغرا يول ھېساپلانمايتتى.
    يېڭى ھەرىكەت يەھۇدىيلارغا قارشى ئىرقچى پىرىنسىپلارنى ئاساس قىلغان بولماي، دىنى ئېتىقاتلارغا ئاساسلانغان ئىدى. بۇ خاتالىق يەنە بىر خاتالىققا سەۋەپ بولدى. خىرىستىيان سوتسيال پارتىيىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئاۋۇسترىيىنى قۇتقۇزۇش ئارزۇسى ئۈچۈن ئىرقچى پىرىنسىپلارغا تايىنىشىنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ھېساپلاشقان ئىدى.
    <داۋامى بار>
    分享到: