• ئادلوف گىتلىر:<<مېنىڭ كۈرەشلىرىم>> (9.قىسىم)

    2009-05-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39668631.html

    ئوردا (مۇنارخىيە)

    ھەقىقىي گېرمان دېموكراتىيىسى بۇنداق بىر تۈزۈم بىلەن ھەرگىزمۇ چىقىشالمايدۇ. چۇنكى، ھەقىقىي دېموكراتىيىلەردە ئەركىن سايلام ئارقىلىق سايلىنىپ چىققان ھۆكۈمەت رەئىسى قىلغان بارلىق ئىشلىرى بىلەن پۈتۈن ھۆكۈمەت پائالىيەتلىرىنىڭ مەسئولىيىتىنى پۈتۈنلەي ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبور. بۇنداق بىر دېموكراتىيىدە ھەر تۈرلۈك مەسىلىلەرنى كۆپ سانلىق ئاۋازىغا تايىنىپ ھەل قىلىشقا قەتئىي يول قويمايدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، بۇنداق دېموكراتىيىدە مەسئولىيەتنى پەقەت بىرلا كىشى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بۇ كىشى پۈتۈن قارارلارنى ئۆزى بېرىپلا قالماي، بۇ ئىشىغا جان پىدالىق بىلەن مەسئول بولىدۇ.
    بۇ خىل شەرتلەر بويىچە گېرمانىيە دېموكراتىيىسى ئۈچۈن ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا ماقۇل دەيدىغان ئادەمنى تېپىش ئۇڭايغا چۈشمەيدىغانلىقىمۇ ئېنىق. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، تەڭرىگە مىڭ شۈكرى بولسۇن، گېرمان دېموكراتىيىسىنىڭ ئەسلى مەنىسىمۇ دەل بۇنى تەققەززار قىلىدۇ. گېرمان دېموكراتىيىسى ئۇنداق يوشۇرۇنۇقچە پەسكەش يوللار بىلەنئىش قىلىدىغان نامەرت ۋە نومۇسسىز بىرسىگە خەلقىنىڭ تەغدىرىنى تۇتقۇزۇپ قويۇشقا ھەرگىزمۇ يول قويالمايدۇ. بۇ يەردە ۋەزىپىنىڭ، بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداش جەريانىدىكى ئۈستىگە چۈشىدىغان مەسئولىيەتنىڭ ئېغىرلىقى قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان قورقۇنچاقلارنى يېقىن كەلتۈرمەيدىغان ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.
    ئەگەر بۇنداق نومۇسسىز بىرسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقماقچى بولغىنىدىمۇ، گېرمان دېموكراتىيىسى ئۇنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ئاشىكارىلاپ، يۈزمۇ-يۈز تۇرۇپ: “يىراق تۇر، پەسكەش مەخلۇق! پەلەمپەيدىن دەرھال چۈش، پاسكىنا ئاياقلىرىڭ پەلەمپەيلەرنى پاسكىنا قىلىۋېتىدۇ!” دەپ ۋارقىراشنى بىلىدۇ. چۇنكى تارىخ سەھنىلىرىگە ھېلىگەرلەر ئەمەس پەقەت قەھرىمانلارلا لايىق بولالايدۇ.
    مەن بۇ خۇلاسىنى ۋىېنا پارلامېنت پائالىيەتلىرىنى ئىككى يىل كۈزىتىش نەتىجىسىدە چىقارغان ئىدىم.
    بۇ خۇلاسىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇ پارلامېنت بىناسىغا ئىككىنچىلەپ قەمىدىم.
    پارلامېنىت تۈزۈمى، قېرىپ ھالى قالمىغان ھابسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ يىمىرلىشىنى تېزلىتىپ بەرگەن ئالدىنقى ئورۇندىكى ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. بۇنداق يىمىرىلىش جەريانى، كېيىنكى يىللاردا تېخىمۇ روشەن كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. گېرمان ئامىلىنىڭ ئۈستۈنلىگىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرى كۈچەيگەنسىرى گېرمان مىللەتچىلىك كۈرىشىمۇ كۈچىيىپ، ئىمپىرىيە پارلامېنت ھۆكۈمىتى بۇ كۈرەش ئىچىدە بارغانسىرى چوڭقۇر بوھران ئىچىگە پېتىشقا باشلايدۇ. رېيچسرات ئىچىدىكى بۇ كۈرەش ھەر دائىم گېرمانلارنىڭ زىيىنىغا تەرەققى قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ زىياندىن ئىمپىرىيىمۇ ئۆز نىسىۋىنى ئالماقتا ئىدى. چۇنكى، ئەڭ گالىۋاڭ ئادەملەرمۇ 1900-يىلىغا كەلگىچە ئاپتونومىيىلەردە كۈنسايىن كۈچىيىپ بېرىۋاتقان بۆلۈنۈش يۈزلىنىشى مۇنارخىيىنىڭ بىر پۈتۈنلۈك ھالىتىنىڭ يىمىرىلىشىگە ھېچكىم توسالغۇ بولالماي كېلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلەتتى. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇنداق بىر توسالنى پەيدا قىلىش تۇرماق، ئىمپىرىيە كۈنسايىن پارچىلىنىشقا قاراپ تەرەققىي قىلماقتا ئىدى.
    دۆلەتمۇ بۇنداق يىمىرىلىشكە قارشى تىركىشىش ئۈچۈن ئىشقا سېلىپ كېلىۋاتقان چارىلار كۈندىن-كۈنگە كۈچسىزلىشىپ كېتىۋاتقاچقا، ھەممە كىشى ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق ئاجىزلىقىدىن نەپرەتلىنىشكە باشلىغان ئىدى. يالغۇز ۋېنگىرىيىدىلا ئەمەس، قالغان ھەرقايسى سلاۋيان ئاپتونومىيىلىرىدىمۇ مونارخىيە بىلەن بولغان يېقىنلىقى كۈنسايىن ئاجىزلاشماقتا ئىدى. قىزىق يېرى، بۇنداق ئاجىزلىشىشقا ھېچكىممۇ ئەھمىيەت بەرمەي كېلىشى ئىدى. ھەتتا ئەھمىيەت بېرىش تۇرماق، بۇنداق پارچىلىنىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشتىن ھەممە كىشى خوشال بولىۋاتقاندەك، ھەممىلا كىشى ئىمپىرىيىنىڭ بۇ تۈردىكى كېسەللىكىنى داۋالاش ئۈستىدە باش قاتۇرۇش ئورنىغا ئۇنىڭ تېزىراق ئۆلۈشىنى كۈتىۋاتقاندەك كۆرۈنمەكتە ئىدى.
    پارلامېتتىكى تولۇق يىمىرىلىشنىڭ شەپىلىرى ئابروي-مەنپەتىنى سېتىپ پارىخورلۇق يولىغا مېڭىشى نەتىجىسىدە بىلىنىشكە باشلىغان ئىدى. بۇنداق مەنپەتدارلىقنىڭ كەلتۈرگەن زىيىنىنى يەنىلا گېرمان مىللىتى ئوتتۇرغا چىقىپ توساشقا مەجبۇر ئىدى. گېرمانلار قالغان مىللەتلەرنى ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن يىتەكلەپ بۇنداق يىمىرىلىش يولىغا مېڭىپ كېتىشتىن توساشقا تىرىشاتتى. ئەمما نېنىسلارنىڭ شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكىنىگە قارىماي ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ھەر دائىم يىمىرىلىش تەرىپىگە قاراپ بارغانسىرى يېقىنلىشىپ كەلمەكتە ئىدى. يەنى، پادىشا ۋارىسى بولغان ئارشىدۈك فرانچويس فەردىناند ئۆزىگە بېرىلگەن ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرغا چىقىپ خاندانلىقنىڭ يوقۇرىسىدىن تۆۋىنىگىچە مەخسۇس پىلانلانغان ۋە تېزگىنلەنگەن ئاساستا چېخلارغا مايىل بىر سىياسەت يۈرگۈزۈشكە تىرىشىپ كەلگەنلىكى، گېرمانلارنىڭ ئىمپىرىيىنى يىمىرىلىشتىن ساقلاپ قېلىش تىرىشچانلىقلىرىغا پۈتۈنلەي زىت تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىدى. بۇ قوش ھۈكمىرانلىق خاندانلىقنىڭ ۋارىسى مەيلى يوشۇرۇن ياكى ئاشكارە بولسۇن، بارلىق چارىلارنى ئىشقا سېلىپ ئىمپىرىيە تەركىۋىنىڭ گېرمان تەسىرىدىن تازىلىنىش ئىشىنى تېزلەشتۈرۈپ بەرمەكتە ئىدى. بۇ ۋارىس، پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ مەركەزگە يېقىن ئورۇنلاردىكى نېمىسلارنى ئۇستىلىق بىلەن ۋەزىپىگە تەيىنلەش ياكى تاللاش باھانىسىدا ھەرخىل مىللەتلەر ئارلىشىپ كەتكەن خەتەرلىك چەت-ياقا يۇرتلارغا ئىۋەرتىپ تارقاقلاشتۇرۇشقا كىرىشىپ، ئۇلاردىن بوشىغان ئورۇنلارغا چېخلارنى تىقىشتۇرۇشقا كىرىشمەكتە ئىدى. نەتىجىدە، چېخلار ۋىېنانى خۇددى ئۆزلىرىنىڭ پايتەخت شەھىرى دەپ ھېساپلايدىغان ھالغا كەلمەكتە ئىدى.    
    ھابسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ يېڭى ۋەكىلى ئارشىدۇك، پۈتۈنلەي كاتولىك پىرىنسىپلىرى ئاساسىغا قۇرۇلىدىغان بىر دۆلەت ئۇرۇس كاتولۇكلىرىغا تاقابىل تۇرۇشتا بىر قوشۇمچە كۈچ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دېگەن خامخىيال بويىچە، ئوتتۇرا ياۋرۇپادا تەدرىجى شەكىلدە بىر سلاۋيان دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش دەيدىغان يېڭىچە پىكىرىنى ھابسبۇرگ خاندانلىقى ئىچىدە كۈچەپ تەرغىپ قىلماقتا ئىدى (ۋارىس ئارشىدۇكنىڭ ئايالىمۇ بۇرۇنقى چېخ كىنەز ئائىلىلىرىدىن بىرسىنىڭ مەلىكىسى ئىدى. نېمىس دۈشمەنلىكى بىر تۈرلۈك ئائىلە ئادىتىگە ئايلانغان ئائىلىدە چوڭ بولغان بۇ مەلىكە ئۆيىدە كۆپۈنچە چېخچە تىلدا سۆزلەيتتى.).
    ھابسبۇرگ خاندانلىقى، بۇرۇنلاردا نۇرغۇن قېتىم پايدىلانغىنىدەك دىننى ھاكىمىيەت سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش يولىنى تاللىۋالغان ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ تاللىۋالغان بۇ يولى ھەر قەدەمدە نېمىس مەنپەتىگە زىيان سېلىپ كەلمەكتە ئىدى. ھەقىقەتەنمۇ بۇنداق بىر يول نۇرغۇن تەرەپلەردە سەلىبى رول ئويناپ، مەيلى ھابسبۇرگ خاندانلىقى ياكى كاتولىك چىركاۋلىرى ئۈچۈن قىلچىمۇ نەتىجە بەرمىگەن ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھابسبۇرگ خاندانلىقى تەختتىن ئايرىلىپ قېلىش بىلەنلا قالماي، رىمدىمۇ ئىنتايىن چوڭ بىر دۆلەتتىن مەھرۇم قالغان ئىدى. چۇنكى دىنى ئەقىدىلەرنى سىياسىي مەنپەئەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىمەن دەپ ئويلىغان پادىشا، شۇ كۈنگە كەلگىچە پەقەتلا قوزغالماي جىم ياتقان غايەت زور روھى كۈچنى ئويغۇتىۋەتكەن ئىدى. يەنى، زاۋاللىققا يۈز تۇتقان بۇ خاندانلىق ئاۋۇسترىيە تەۋەسىدە پۈتۈن چارىلارنى ئىشقا سېلىپ نېمىسلىكنى يوقۇتۇشقا ئۇرۇنغان ئىدى، ئاۋۇسترىيىدە نېمىس ئىتتىپاقى (پان گېرمانىزم) دېگەن بىر ھەرىكىتىنىڭ پەيدا بولۇپ زورىيىشىغا دۈچ كېلىدۇ.
    1880~1890-يىللىرى ئارىسىدا يەھۇدىيلىقتىن ئىلھام ئالغان مانچېستېر لىبىرالىزمىمۇ ئاۋۇسترىيىدە چېكىگە يەتكۈزۈلۈپ يېيىلغان، ھەتتا نېرىسىغا ئۆتۈپ بېرىسىغا قاراپ قالغان ھالغا كەلگەن ئىدى. بۇنداق بىر ئېقىمغا قارشى ھەرىكەتلەر ھەر دائىم كۆرۈلگىنىدەك ئىجتىمائىي پىكىر شەكلىدە ئەمەس بەلكى مىللەتچىلىك تۈسىنى ئېلىپ يېيىلماقتا ئىدى. تۇغما بولغان ئۆزىنى قوغداش ئىچكى تۇيغۇلىرى نېمىسلارنى پائال تۈردە مۇداپىيىگە ئاتلاندۇرغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مەسىلىلەر ئۆزلىكىدىنلا ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ ھەرىكەت خېلى زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن ئىدى. بۇ تۈردىكى سىياسىي داۋالغۇشلاردىن كېيىن ئىككى پارتىيە ئوتتۇرغا چىققان ئىدى. بۇ پارتىيىلەرنىڭ بىرسى مىللىي خاراكتىردە بولۇپ، يەنە بىرسى سوتسيال خاراكتىردە ئىدى. ئوتتۇرغا چىققان ھەر ئىككىلا پارتىيە بۇرۇنقى خاتالىقلاردىن ساۋاق ئالغان ئىدى. ھابسبۇرگ خاندانلىقى 1866-يىلقى ئۇرۇشتا پاجىئەلىك تۈردە يېڭىلغاندىن كېيىن ئۇرۇشتىن ئىنتىقام ئېلىش پىلانىنى تۈزۈشكە كىرىشمەكتە ئىدى. ئەمما مېكسىكا ئىمپراتورى ماكسمىلىېننىڭ پاجىيەلىك ئاقىۋىتى فرانسىيە بىلەن يېقىنلىشقا توسالغۇ پەيدا قىلماقتا ئىدى. يەنى ماكسمىلىېننىڭ تەلەيسىزلىكى ناپالىيون ئۈچىنچىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ فرانسۇزلار تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىشى مىسلىسىز يىمىرىلىشكە سەۋەپ بولماقتا ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي ھابسبۇرگ خاندانلىقى پەيت كۈتۈپ ياتماقتا ئىدى. 1870~1871-يىلقى ئۇرۇش تەڭداشسىز غالىبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىشى ھامان ۋىېنا ئوردىسى ھەر قانداق ۋەقە يۈز بېرىشىدىن قەتئىي نەزەر سادوۋۋانىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن قانلىق كۈرەشكە ئاتلانماقچى بولغان ئىدى. ئەمما ئۇرۇش سېپىدىن كەلگەن ھەيران قالدۇرغىدەك غالىبىيەتلىك ئۇرۇش خەۋەرلىرى يېتىپ كېلىشى ھامان، ئەڭ بەك كاللىسى ئىشلەيدىغان ھۆكۈمدار بۇنداق بىر تەۋەككۈلچىلىك قىلىش پەيتى ئەمەسلىكىنى دەرھال سېزىپ، تەلىيىنىڭ ئوڭدىن كەلمىگەنلىكىگە چىداشقا مەجبۇر بولىدۇ.
    ئەمما بۇ ئىككى يىللىق شانلىق كۈرەش تېخىمۇ كۈچلۈك بىر مۇجىزىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى. ھابسبۇرگ خاندانلىقىنى سەەپ ئۆزگەرتىشكە مەجبۇ قىلىدۇ. بۇنداق سەپ ئۆزگەرتىش، ھەرگىزمۇ چىن قەلبىدىن كەلگەن بىر ئۆزگىرىش بولماي ئەسلىدە دەۋرنىڭ مەجبورلىشىدىن ئوتتۇرغا چىققان بىر ئۆزگىرىش ئىدى. شۇنداق قىلىپ، كونا شەرقىي مارشتىكى (چېگراسىدىكى) نېمىس خەلقى رېيچ قولغا كەلتۈرگەن غالىبىيەتتىن ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدا تەنتەنە قىلىشىپ ئەجداتلىرىنىڭ زەپەر مارشىنى قايتىدىن كۆرگەندەك ھاياجان ئىچىگە چۆمگەن ئىدى. بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ئالدانماسلىقىمىز لازىم: ھەقىقىي گېرمان تەرىپىدە تۇرىدىغان بىر ئاۋۇسترىيىلىك شۇنى ئېنىق تونۇپ يەتكەن ئىدىكى، ھەتتا ئاخماق بىرسىمۇ چىرىگەن بىر كونا فېدراتسىيىنىڭ خارابىلىرىغا قارىغاندا يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان ئىمپىرىيە ھەرقانچە سۈپەتسىز بولغىنىدىمۇ قايتا قۇرۇلغىنى ياخشىراق ئىكەنلىكىنى، بۇ شەكىلدە قايتا تىكلىنىدىغان بىر ئىمپىرىيە كونا كېسەللىكلەردىن قۇتۇلالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئالالايتتى. بولۇپمۇ ئەمەلىي تەجرىبىلەر ئارقىلىق شۇنىمۇ تونۇپ يېتەلىگەن ئىدى: ھابسبۇرگ خاندانلىقى تارىخىي ۋەزىپىسىنى تاماملىغان بولۇپ، يېڭى ئىمپىرىيە قەھرىمانلىق پىرىنسىپلىرى بىلەن بىزەلگەن رېىچ تاجىنى ئۇنىڭغا ھەقىقەتەنمۇ لايىق بولغان بىرباشقا كەيگۈزەلىگەن ئىدى. بۇ يۈزدىن تەغدىرگە شۈكرى قىلىش لازىم. چۇنكى، قالايماقان بىر دەۋردە ئېلىپ بېرىلغان بۇنداق بىر تاللاشتا خەلققە ئۈمىد بېغىشلىيالايدىغان ئەڭ مۇۋاپىق بىر كىشىگە، يەنى فرېدېرىخقا تاج كەيگۈزۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىدى.
    ئەمما، بۇ چوڭ ئۇرۇشتىن كېيىن خابسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ قوش مۇنارخيىسى سلاۋيانلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئېھتىياجى دېگەننى باھانە قىلىپ خەۋىپلىك دەپ قارىغان نېمىس ئامىللىرىنى يوقۇتۇشقا كىرىشكەن ۋاقىتتا، خاندانلىقنىڭ يەر يۈزىدىن سىرىپ سۈپۈرىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىرقنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى بەكلا كۈچلۈك روي بەرگەن ئىدى. بۇنداق بىر قارشىلىق كۆرسىتىش بىلەن بۇنداق كۈچلۈك پارتلاشنى نېمىس تارىخى تا شۇ كۈنگىچە كۆرۈپ باققان ئەمەس.
    ۋەتەنپەرۋەر دەپ قارالغان كىشىلەر تۇنجى قېتىم خائىن دەپ قارالماقتا ئىدى.
    ئەسلىدە بۇ كىشىلەر مىللىتىگە، خەلقىگە قارشى كىشىلەردىن ئەمەس ئىدى. ئۇلار ئەسلىدە ئۆز مىللىتىنىڭ يوقۇلۇشىنى تېزلىتىپ بېرىۋاتقان ھۆكۈمەت شەكلىگە قارشى تۇرغان كىشىلەر ئىدى.
    شۇنداق قىلىپ يېقىنقى زامان نېمىس تارىخىدا، مەھەللىۋىي ۋە خاندانلىققا كۆرسىتىلگەن سۆيگۈ تۇيغۇلىرى تۇنجى قېتىم ۋەتەن-مىللەتكە بولغان مىللىي سۆيگۈدىن ئايرىم قارىلىشقا باشلانغان ئىدى.
    1890~1900-يىللاردا، ئاۋۇسرتىيىدىكى پان گېرمانىزم ھەرىكىتىنىڭ كۈچى، دۆلەت ئابرويى خەلق مەنپەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلالىغىنىدىلا خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە، ھىمايىسىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرغا قويماقتا ئىدى. ئەسلىدە ئابروي ھېچقاچان دۆلەتنىڭ غايىسى ئەمەس. ئەگەر دۆلەت ئابرويىنى غايە دەپ قوبۇل قىلىشقا توغرا كەلسە ئىدى، ھەرقانداق بىر ئىستىبداتنىمۇ چېقىلغىلى بولمايدىغان مۇقەددەس ئەۋلىيا دەپ قاراشقا توغرا كېلەتتى.
    ئەگەر بىرەر ھۆكۈمەت ئۆز خەلقىنى خالىغان ۋاستىغا تايىنىپ ئاپەتكە باشلاپ ماڭغىنىدا، بۇ خەلقنىڭ ھەربىر ئەزاسىنىڭ بۇنىڭغا نارازىلىق كۆرسىتىشى بۇ دۆلەت خەلقىنىڭ ھەر بىر پۇخراسىىنىڭ ھەققىلا ئەمەس بەلكى باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبورىي ۋەزىپىسىدۇر.
    بۇنداق بىر ئېھتقماللىق قايسى ۋاقىتتا ئوتتۇرغا چىقىدۇ؟ بۇنىڭغا نەزەرىيەلەر بىلەن تالاش-تارتىش قىلىپ جاۋاپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق بىر مەسىلىنى كۈچ قوللىنىپ ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ھەمدە بۇنداق كۈرەشتە غالىپ بولالىغىنىدىن كېيىنلا ھۆكۈم چىقىرالايدۇ. ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەت، مەيلى ئۇ ھۆكۈمەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ ناچىرى، مىللىي مەنپەتلىرىگە مىڭلەرچە قېتىم خىيانەت قىلغان ھۆكۈمەت بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت ئورنى بىلەن ئىناۋىتىنى قوغداشقا تىرىشىپلا قالماي، بۇنى بىر مەجبورىيەت دەپ قارايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدىكى بىر ھۆكۈمەت ئۆزىگە قارشى بىرەر ھەرىكەت قىلغانلارغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغىنىدا، قارشى چىققۇچىلارمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدىغا چارىلارنى ئىشقا سېلىپ ھۆكۈمەتكە قارشى تىركىشىشكە مەجبوردۇر. ئەگەر بۇنداق بىر كۈرەشنى ھۆكۈمەت تەرەپ قانۇنلۇق بىر شەكىلدە يۈرگىزىۋاتقان بولسا، نارازى بولغۇچى تەرەپمۇ قانۇندىن چىقمىغان ھالدا ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرىشى لازىم. ئەگەر ئۇنداق بولماي، ھۆكۈمەت قانۇنسىز ئۇسۇللارنى ئىشقا كىرىشتۈرگىنىدە قارشى چىققۇچىلارمۇ قىلچە ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي قانۇننى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ قارشىلىق كۆرسىتىش كۈرىشىگە ئاتلىنىشى لازىم.
    شۇنى ئۇنتىماسلىق كېرەككى، ئىنسانلار بىرەر دۆلەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۆز ئىرقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ياشايدۇ. يەنى، ئىنسان ھوقۇقى دۆلەت ھوقۇقىدىن ئۈستۈن تۇرىشى كېرەك.
    ئەگەر بىرەر مىللەت بېسىم ئاستىدا قالسا ياكى سۈرگۈن قىلىنىپ يوقۇتۇلۇش خەۋىپىگە دۈچ كەلگىنىدە ئۇ مىللەت ئۈچۈن قانۇنلارغا رىئايە قىلىش مەسىلىسى ئىككىنچى ئورۇندىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى ھۆكۈمەت پۈتۈنلەي قانۇن بويىچە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئۇنچە بەك ئەھمىيىتى يوق. زۇلۇم ئاستىدىكى بىر مىللەتنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش تۇغما ئىستىگى بويىچە ئېلىپ بارغان كۈرىشىدە خالىغان ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى قوغداش كۈرىشىگە ئاتلىنىشى ئۇنىڭ ئەڭ تەبىئىي ھەققى ھېساپلىنىدۇ.
    دۇنيا تارىخىدىكى ئىچكى ياكى تاشقى زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش ھەرىكەتلىرىدە ئېلىپ بارغان بۇنداق كۈرەشلەرنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ پىرىنسىپ دائىرىسىدە قانات يايدۇرۇپ كېلىنمەكتە.
    ئەگەر بىرەر مىللەت كىشىلىك ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىدە مەغلۇپ قىلىنغان بولسا، تەغدىر تارازىسى ئۇ مىللەتنىڭ مەسىلىسىنى پەللىگە قويۇپ تارتىپ كۆرۈپ، ئۇ مىللەتنىڭ بۇ ئاخىرەتلىك دۇنيادا داۋاملىق ياشاشقا قىلچە ھەققى قالمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۇنكى، ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا تەييار تۇرالمىغان ياكى بۇنىڭ ئۈچۈن كۈچ-قۇدرىتى بولمىغان بىر مىللەت، تەڭرى تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك ۋەيران قىلىنىشقا پۈتىۋېتىلگەن مىللەتتۇر.
    بۇ دۇنيا، بۇ سىستېما ئۇنداق قورقۇنچاق ۋە ئاجىز مىللەتلەر ئۈچۈن يارىتىلغان ئەمەس. يەنى، ئاجىز مىللەت بۇ دۇنيادا ياشاش ھەققىگە ئىگە ئەمەس.
    مۇنارخىيىنىڭ قەلبى

    بۇنى ئاۋۇسترىيىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتسەك، ئەھۋال ھەيران قالارلىق دەرىجىدە بۇ قانۇنغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى ئوچۇق كۆرۈپ ئالالايمىز:
    قانۇنۇنلۇق ھۆكۈمەت، نېمىسلاردىن باشقا كۆپ سانلىقلار بىلەن بىرگە نېمىس ئۆچمەنلىك ئەقىدىسىگە، يەنى پارلامېنتنىڭ نېمىسلارغا ئۆچ ۋەكىللىرىگە، شۇنىڭدەك يەنە نېمىسلارغا قارشى تۇرىدىغان خاندانلىققا تايىناتتى. دۆلەتنىڭ بارلىق ئورگانلىرى بۇ ئىككى ئامىل ئاساسىدا شەكىللەنمەكتە ئىدى. ئاۋۇسترىيە نېمىسلىرىنىڭ تەغدىرىنى يوقۇرقىدەك ئامىللارغا تايىنىپ ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش بەكلا كۈلكىلىك بىر ئىش ئىدى. ئەمما بىزدىكى ‘قانۇنىي ئۇسۇل’ غا قىزىققۇچىلىرىمىزنىڭ قارىشى بويىچە ئالغاندا، بۇنىڭ مەنىسى نېمىسلار بارلىق نارازىلىقلىرىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك دېگەن ئۇقۇمنى كۆرسىتىدىكەن. چۇنكى، بۇنداق بىر تىركىشىش قانۇنغا خىلاپ كىلەرمىش. بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا مۇنارخىيىنىڭ بېسىمى ئاستىدا قالغان نېمىس ئىرقى تېز ئارىدىلا يوقۇلۇش يولىغا قىستىلىشى مۇقەررەردۇر. ئەسلىدە ئاۋۇسترىيىلىك نېمىسلار پەقەت دۆلەتنىڭ ئاغدۇرۇلىشى نەتىجىسىدىلا بۇنداق قورقۇنۇشلۇق ئاقىۋەتتىن ساقلىنىپ قالالىشى مۇمكىن ئىدى.
    شۆبھىسىزكى، كۆزئەينەكلىك نەزەرىيىچىلىرىمىز ئۆز نەزەرىيىلىرى ئۈچۈن ئۆلۈشنى مىللىتى ئۈچۈن ئۆلۈشتىن چوڭ بىلىدۇ.
    يەنى، كىشىلەر ئۆزلىرى ئۈچۈن قانۇن چىقىرىشىدۇ. شۇندىن كېيىن ھېلىقى كۆزئەينەكلىك نەزەرىيىچىلىرىمىز ئوتتۇرغا چىقىپ ئىنسانلار ئەنە شۇ قانۇنلار ئۈچۈن ياشايدۇ دەپ ھۆكۈم چىقىرىشىدۇ.
    ئاۋۇسترىيىدىكى كونا پان گېرمانىزم ھەرىكىتىنىڭ قىممىتى شۇ يەردىكى، بۇ قۇرۇق گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى نەزەرىيىچىلەرنىڭ ۋە باشقا دۆلەتنى بۇت ئورنىدا كۆرىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى قەتئىي ئىككىلەنمەي سىرىپ سۈپۈرۈپ تاشلاشنى مەقسەت قىلماقتا ئىدى.
    ھابسبۇرگ خاندانلىقى بارلىق ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ نېمىسلارنى ئاخماق قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقان كۈنلىرىدە، پان گېرمانىزمچىلار پارتىيىسى ‘دەبدەبىلىك’ خاندانلىققا قىلچە ئىككىلەنمەي ھۇجۇم قىلالىغان ئىدى.
    ئەسلىدە، چىرىگەن بۇ دۆلەتنىڭ ئىچىنى تۇنجى قېتىم چوڭقۇر قېزىپ كۆرسىتىپ يۈز مىڭلىغان كىشىنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويغانلار ئەنە شۇ پارتىيە ئىدى. شۇنداق قىلىپ، كۈچلۈك ۋەتەن سۆيۈش دېگەن بۇ ئۇقۇم نېمىسلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان خاندانلىقنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇلغان ئىدى.
    دەسلىۋىدە ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭىدىغانلار سەلدەك كۆپىيىپ كېتىۋاتقان ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ نەتىجىلىك پائالىيىتى ئۇزۇن داۋام قىلالمايدۇ. مەن ۋىېناغا كەلگەن ۋاقىتلىرىمدا خرىسيان سوتسيال پارتىيىسى بۇ ھەرىكەتنى قولغا كىرگۈزىۋېلىپ خېلى يوقۇرى ئاۋازغا ئېرىشىپ ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىققان ۋاقىتلار ئىدى. شۇنداق قىلىپ پان گېرمانىزم ھەرىكىتى ئاستا-ئاستا سۇسلىشىپ ئاساسى جەھەتتىن قىممىتىنى يوقۇتۇپ بېرىۋاتقان ئىكەن.
    ئۇ ۋاقىتلاردا، پان گېرمانىزم ھەرىكىتىنىڭ قوزغىلىشى بىلەن ئۇنىڭ يوقۇلۇشقا يۈز تۇتىشى، خرىستىيان سوتسيال پارتىيىسىنىڭ ھەيران قالارلىق دەرىجىدە كۈچلىنىپ كېتىشىنى تەكشۈرۈش ئىشى مېنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىشىم بولۇپ قالغان ئىدى. ۋېناغا كەلگەن ۋاقىتلىرىمدا پان گېرمانىزم ھەرىكىتىگە چىن قەلبىمدىن بىرىلگەن ئىدىم.
    ئۇ كۈنلەردە ئاۋۇسترىيە پارلامېنت زالىدا “ياشىسۇن خوھەنزوللېرنلار!” دەپ شۇئار توۋلاشتىن، بۇنداق بىر شۇئار توۋلاشقا جاسارەت قىلالايدىغانلىقىمدىن خوشال بولۇپ چەكسىز ھاياجانلىنىپ كېتەتتىم. ئاۋۇسترىيىنى گېرمانىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ ۋاقىتلىق بۆلۈنۈپ تۇرغان بىر پارچى دەپ قاراش، بۇنى پۇرسىتى كەلگەن ھامان ئىپادىلىيەلىشىم ماڭا ئىشەن، جاسارەت ۋە غەيرەت بېغىشلاپ تۇراتتى. گېرمانىزم ئۈستىدە گەپ بولىدىغان بارلىق مەسىلىلەردە ساپ ۋە قىلچە شەرت قوشماستىن مۇئامىلە قىلىش، ئۇرۇقىمىزنى ئازات قىلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى بولۇپ كۆرۈنگەن ئىدى. ئەمما دەسلىۋىدە ئىنتايىن ئىستىقباللىق بولۇپ كۆرۈنگەن بۇ ھەرىكەتنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە نېمە ئۈچۈن يىگىلەپ قالغانلىقىنى زادىلا چۈشىنەلمىگەن ئىدىم. ھەتتا خرىستىيان سوتسيال پارتىيىمۇ دەل شۇ پەيتلەردە مىسلىسىز دەرىجىدە كۈچلىنىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىنى زادىلا بىلەلمىگەن ئىدىم. بۇ پارتىيىنىڭ تەسىرى شۇ كۈنلەردە ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە يەتكەن ئىدى.
    بۇ ئىككى ھەرىكەتنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ كۆرگىنىمدىن كېيىن، تەلىيىم بىلەن پەرىشان ھالىتىم بۇ ئىشنى يېشىشىم ئۈچۈن ماڭا ئەڭ ياخشى ساۋاق بەرگەن ئىدى.
    ئاۋال بۇ ئىككى پارتىيىنىڭ باش سېكرىتارلىرى بىلەن پارتىيە قۇرغۇچىلىرىدىن بولغان ئىككى كىشىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئىشنى باشلىدىم. بۇ ئىككى كىشى گېئورگ فون شۆنېرېر بىلەن دوكتور كارل ليۇگېر ئىدى.
    تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەلۇم بولدىكى، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا پارلامېنت مۇھىتىدىكى مەسئۇل كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىۋاتقان كىشىلەر ئىكەن.
    دەسلىۋىدە ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭىدىغانلار سەلدەك كۆپىيىپ كېتىۋاتقان ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ نەتىجىلىك پائالىيىتى ئۇزۇن داۋام قىلالمايدۇ. مەن ۋىېناغا كەلگەن ۋاقىتلىرىمدا خرىسيان سوتسيال پارتىيىسى بۇ ھەرىكەتنى قولغا كىرگۈزىۋېلىپ خېلى يوقۇرى ئاۋازغا ئېرىشىپ ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىققان ۋاقىتلار ئىدى. شۇنداق قىلىپ پان گېرمانىزم ھەرىكىتى ئاستا-ئاستا سۇسلىشىپ ئاساسى جەھەتتىن قىممىتىنى يوقۇتۇپ بېرىۋاتقان ئىكەن.
    ئۇ ۋاقىتلاردا، پان گېرمانىزم ھەرىكىتىنىڭ قوزغىلىشى بىلەن ئۇنىڭ يوقۇلۇشقا يۈز تۇتىشى، خرىستىيان سوتسيال پارتىيىسىنىڭ ھەيران قالارلىق دەرىجىدە كۈچلىنىپ كېتىشىنى تەكشۈرۈش ئىشى مېنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىشىم بولۇپ قالغان ئىدى. ۋېناغا كەلگەن ۋاقىتلىرىمدا پان گېرمانىزم ھەرىكىتىگە چىن قەلبىمدىن بىرىلگەن ئىدىم.
    ئۇ كۈنلەردە ئاۋۇسترىيە پارلامېنت زالىدا “ياشىسۇن خوھەنزوللېرنلار!” دەپ شۇئار توۋلاشلىرى، بۇنداق بىر شۇئار توۋلاشقا جاسارەت قىلالىغانلىقىدىن خوشال بولۇپ چەكسىز ھاياجانلىنىپ كېتەتتىم. ئاۋۇسترىيىنى گېرمانىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ ۋاقىتلىق بۆلۈنۈپ تۇرغان بىر پارچى دەپ قاراشلىرى، بۇنى پۇرسىتى كەلگەن ھامان ئېلان قىلىشقا تەييار تۇرالايدىغانلىقى ماڭا خوشاللىق، ئىشەن، جاسارەت ۋە غەيرەت بېغىشلاپ تۇراتتى. گېرمانىزم ئۈستىدە گەپ بولىدىغان بارلىق مەسىلىلەردە ساپ ۋە قىلچە شەرت قوشماستىن مۇئامىلە قىلىش، ئۇرۇقىمىزنى ئازات قىلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى بولۇپ كۆرۈنگەن ئىدى. ئەمما دەسلىۋىدە ئىنتايىن ئىستىقباللىق بولۇپ كۆرۈنگەن بۇ ھەرىكەتنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە نېمە ئۈچۈن يىگىلەپ قالغانلىقىنى زادىلا ئۇقالمىغان ئىدىم. ھەتتا خرىستىيان سوتسيال پارتىيىمۇ دەل شۇ پەيتلەردە مىسلىسىز دەرىجىدە كۈچلىنىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىنى زادىلا بىلەلمىگەن ئىدىم. بۇ پارتىيىنىڭ ئابرويى بىلەن جەمىيەتتىكى تەسىرى شۇ كۈنلەردە ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە يەتكەن ئىدى.
    بۇ ئىككى ھەرىكەتنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ كۆرگىنىمدىن كېيىن، تەغدىرىم بىلەن ۋەيرانە ھالىتىم بۇ ئىشنى يېشىشىم ئۈچۈن ماڭا ئەڭ ياخشى يول كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى.
    ئاۋال بۇ ئىككى پارتىيىنىڭ باش سېكرىتارلىرى بىلەن پارتىيە قۇرغۇچىلىرىدىن بولغان ئىككى كىشىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق تەكشۈرۈشنى باشلىدىم. بۇ ئىككى كىشى گېئورگ فون شۆنېرېر بىلەن دوكتور كارل ليۇگېر ئىدى.
    تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەلۇم بولدىكى، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا پارلامېنت مۇھىتىدىكى مەسئۇل كىشىلەر ئارىسىدا ئەڭ يوقۇرى ئورۇنغا ئېرىشكەن كىشىلەر ئىكەن. ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى سىياسىي مۇھىتنىڭ ئەخلاقسىزلىقلىرىدىن پەقەتلا بۇلغانماي ساپ قالالىغان كىشىلەر ئىدى. مەن دەسلىۋىدە پان گېرمانىزمچى شۆنېرېرگە بەكلا قىزىققان ئىدىم. ئەمما كېيىنچە خرىستىيان سوتسيال پارتىيىنىڭ داھىسىغا قىزىقىشقا باشلىدىم. بۇ ئىككى لىدېرنىڭ قىزىقىشلىرى بىلەن قابىلىيەتلىرىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق شۆنېرېرنىڭ پىرىنسىپ مەسىلىلىرىدە تېخىمۇ يوقۇرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇ كىشىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر مەلۇماتلىق بىرسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىغان ئىدىم. بۇ كىشى، ئاۋۇسترىيە دۆلىتىنىڭ چوقۇم يوقىلىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەمدىن ئېنىق مۆلچەرلىيەلىگەن ئىدى. ئەگەر، رېيچ ھۆكۈمىتى شۆنېرېرنىڭ ھابسبۇرگ خاندانلىقى مەسىلىسىدە ئوتتۇرغا قويغان ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا بالدۇرىراق قۇلاق سالغان بولسا ئىدى، گېرمانىيىنى ياۋرۇپا بىلەن دۈشمەن ھالغا كەلتۈرگەن دۇنيا ئۇرۇشى پالاكىتى ئىچىگە پاتۇرۇپ قويۇشنىڭ قىلچە ھاجىتى قالمىغان بولار ئىدى.
    ئەپسۇسكى، شۆنېرېر مەسىلىلەرنى شۇنچە چوڭقۇر تەھلىل قىلالىغىنى بىلەن، كىشىلەرگە توغرا باھا بېرەلمىگەن ئىدى.
    دوكتور ليۇگېر، بۇ جەھەتتە شۆنېرېردىن تۈپتىن پەرق قىلاتتى.
    دوكتور ليۇگېرنىڭ ئادەم مىجەزى ھەققىدىكى چوڭقۇر بىلىمى ئۇنىڭغا ھەر تۈرلۈك كۈچلەرگە توغرا ھۆكۈم قىلىش ئىمكانىيىتىنى بەرگەن ئىدى. ئۇ، بۇ تۈردىكى بىلىملىرىگە ئاساسەن ھاكىمىيەت ئورگانلىرىغا سەل قارشتىنمۇ خالى بولالىغان ئىدى. ھەتتا بۇ تۈردىكى بىلىملىرى ئۇنىڭغا مەۋجۇت ئورگانلاردىن ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا بىر ۋاستە سۈپىتىدە پايدىلىش چۈشەنچىسىنىمۇ بەرگەن ئىدى.
    دوكتور ليۇگېر، بۈگۈنكى كۈندە چوڭ بۇرجۇئازىيىنىڭ سىياسىي كۈرەش كۈچىنىڭ ئۇنچە بەك قىممىتى يوقلىقىنى، بۇ كۈچ داغ-دۇغىلىق بىرەر ھەرىكەتنى نەتىجىلىك قانات يايدۇرالىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنىمۇ چۈشىنىپ يەتكەن ئىدى. شۇ سەۋەپتىن سىياسىي پائالىيەتلىرىنى ئاساسەن ئالغاندا خەۋىپ ئاستىدا قالغان سىنىپلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئاتىغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇنداق يول تۇتىشى خەلق ئاممىسىنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى سۇسلاشتۇرۇش ئورنىغا كۈچەيتىپ بەرمەكتە ئىدى. مەۋجۇت كۈچلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق سەپەرۋەر قىلىش مەقسىتىدە بار بولغان چوڭ-چوڭ مۇئەسسەلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئەتىراپىغا مەركەزلەشتۈرۈشكىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىدى. شۇ ئارقىلىق كونا كۈچ مەنبەلىرىدىنمۇ باشلىغان ھەرىكىتىدە ئۆنۈملۈك پايدىلىنىشقا تىرىشقان ئىدى. قۇرغان پارتىيىسىگە ئاساسى كۈچ قىلىش ئۈچۈن ھاياتى خەتەر ئاستىدا قالغان ئورتا سىنىپنى تاللاپ ئېلىپ، پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغان، كۈرەش ئۈچۈن جەڭگىۋار، ساپ تەرەپتار قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن كاتولىك چىركاۋلىرىنىڭ پوپلىرىنىمۇ ئۆز يېنىغا ئېلىۋالىدۇ. بۇ جەھەتتە شۇنچىلىك ئۇتۇق قازاندىكى، دىنىي ساھەدىكىلەر بۇرۇنقى پارتىيىسىنىڭ پائالىيەتلىرىدىن چېكىنىپ چىقىپ بۇ پارتىيە بىلەن بىر پۈتۈنلىشىپ كەتتى.
    بۇ دېگەنلىرىمگە قاراپ دوكتور ليۇگېرنىڭ قابىلىيىتىنى شۇنچىلىك ئوخشايدۇ دەپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ئۇنىڭ ئۇتۇقلىرى ئارىسىدا يەنە كامىل تاكتىكچى ۋە جاسارەتلىك ئىسلاھاتچى قابىلىيىتىنىڭمۇ بارلىقىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك. تەبىئىكى، بۇ جەھەتلەردە ئۇنىڭ بەزى يىتەرسىز تەرەپلىرىنىڭ بارلىقىغىمۇ كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ.
    ئىنتايىن قىممەتلىك بولغان بۇ كىشىنىڭ غايىلىرىمۇ ئىنتايىن ئېنىق ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىدى. ئۇ، ۋىېنانى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۆزىگە مەقسەت قىلغان ئىدى. چۇنكى، ۋىېنا شەھىرى خاندانلىقنىڭ قەلبى ئىدى. ھارغىن ئىمپىرىيىنىڭ كېسەل كۆرپىسىگە ئايلانغان كىلەڭسىز ۋۇجۇدىدىكى زەئىپلىشىپ كەتكەن يۈرىكىنىڭ تىترەپ سوقىشىنى ۋىېنادا غۇۋا ھېس قىلىشقا بولاتتى. ئەگەر بۇ قەلپنىڭ سوقۇشى كۈچەيتىلسە، ھارغىن ئىمپىرىيىنىڭ گەۋدىسىنىمۇ قايتىدىن جانلاندۇرۇش ئىمكانى بولىشى مۇمكىن ئىدى. بۇنداق قاراش پىرىنسىپ جەھەتتى خاتا قاراش ھېساپلانمىسىمۇ، بۇنداق تىرىك تۇتۇپ تۇرۇش ئۇزۇن داۋام قىلالىشى ناتايىن ئىدى.
    دوكتور ليۇگېرنىڭ ئاجىزلىقى مانا بۇ نوقتىدا كۆرۈلمەكتە ئىدى.
    شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ۋىېنا شەھەر باشلىقى بولغان ۋاقىتلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئۆلمەس ئەسەر دەپ قاراش مۇمكىن. ئەمما ئۇنىڭ تىرىشچانلىقلىرى بەكلا كېچىكىپ باشلانغان تىرىشچانلىق بولغاچقا، خاندانلىقنى قۇتقۇزۇشقا يەتمەي قالىدۇ.
    ليۇگېرنىڭ رەقىبى بولغان شۆنېرېر بولسا، خاندانلىقنى ھەر قانچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ قۇتقۇزۇپ قېلىشقا بولمايدىغان بۇنداق بىر ئاقىۋەتنى ئالدىن كۆرۈپ يىتەلىگەن ئىدى.
    دوكتور ليۇگېر بولسا ئۆز پىلانىنى شۇنچىلىك ئۇتۇغلۇق ئىجرا قىلالىغىنى بىلەن، ئىمپىرىيىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىگە مەڭگۈ ئېرىشەلمەيدۇ.
    شۆنېرېرمۇ ئارزۇسىغا ئېرىشەلمەي، مولچەرلىگەن پالاكەت بەكلا قورقۇنۇشلۇق شەكىلدە يۈز بېرىدۇ. يەنى، دوكتور ليۇگېر ئاۋۇسترىيىنى قۇتۇقۇزۇپ قالالمىغان ئىدى. شۆنېرېرمۇ نېمىس خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىدىغان پالاكەتنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ.
    بۇ ئىككى پارتىيىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنالماسلىقىدىكى سەۋەپلەرنى تەتقىق قىلىش ئىشى بۈگۈن ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بولۇپ، ئۇ دەۋىردىكى ۋەزىيەت بىلەن بۈگۈنكى ۋەزىيەت نۇرغۇن تەرەپلەردىن بىر-بىرسىگە ئوخشاپ كېتەتتى. بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەھلىل قىلغىنىمىزدا ھەرىكەتلەرنىڭ بىرسىنى مەغلوبىيەتكە سۆرەپ ماڭغان، يەنە بىرسىنى نەتىجىسىز قالدۇرغان سەۋەپلەرنى بۈگۈن يەنە قايتا تەكرارلىماسلىقىمىز ئۈچۈن چوقۇم ياردىمى تىگىدۇ.
    ئاۋۇسترىيىدە پان گېرمانىزم ھەرىكىتى مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق بىر قانچە نوقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:
    بىرىنچىسى، يېڭى قۇرۇلغان ئىنقىلاۋى پارتىيىنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا تاللىۋالغان ئىدىيىسى بىلەن تۇتقان يولى خاتا ئىدى. شۆنېرېر بىلەن ئۇنىڭ سەبداشلىرى يىگانە نېمىس بۇرجۇئازىيە سىنىپىغىلا خىتاپ قىلىش يولىنى تاللىۋالغان ئىدى. بۇنداق ئاقنانچىلارغا تايانغاندا قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان نەتىجىمۇ ئاران شۇنچىلىك بولاتتى.
    نېمىس بۇرجۇئازىيىسى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ يوقۇرى تەبىقىسىدىكىلەر دۆلەت بىلەن خەلقنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرى ئۈستىدە گەپ بولغىنىدا ئۆز نەپىسىنى كۆزدە تۇتۇپ جىم بولىۋېلىپ بەكلا تېنچلىقپەرۋەر قىياپەتكە كىرىۋېلىشىدۇ. ۋەزىيەت ياخشى ۋاقىتلاردا، يەنى بۈگۈنكىدەك ۋاقىتلاردا مۇۋەپپىقىيەتلىك ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتقان دۆلەتمۇ ئۇلارنى تولا ئەتىۋارلاپ بەكلا مەنمەنچى ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. ئەمما ھۆكۈمەت ئاجىزلىشىپ كەتكىدەك بولسا ئۇلارنىڭ بۇ خىل مىجەزى ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى. پان گېرمانىزم ھەرىكىتىنى ئوتۇغلۇق قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن بارلىق پائالىيەتلەردە بۇرجۇئازىيىگىلا تايىنىۋالماي، ئاساسلىغى كەڭ خەلق ئاممىسىنى قوزغۇتۇش ئۈچۈن كۆپىرەك كۈچ سەرىپ قىلىشىغا توغرا كېلەتتى. ئۇلار كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچىدىن ئايرىلىپ قالغاچقا، تۇنجى زەربىدىلا خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن مەغلوپ بولدى.
    بۇ يېڭى پارتىيە، يوقۇرىقىدەك تۈپكى پىرىنسىپقا ھەرىكەتنىڭ بېشىدىن تارتىپلا سەل قاراپ ئورنىنى تولدۇرىۋالغىلى بولمايدىغان ئېغىر خاتاغا يول قويغان ئىدى. پارتىيىگە قوبۇل قىلىنغان نۇرغۇنلىغا ھاللىق بۇرجۇئا ئۇنسۇرلىرى تەدرىجى شەكىلدە پارتىيىنىڭ سىياسەت بەلگىلەيدىغان مەۋقەسىگە كېلىۋېلىپ، بۇ پارتىيىنى خەلق ئاممىسىغا تايىنىش پۇرسىتىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالدۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، پان گېرمانىزم ھەرىكىتى بىرقىسىم قۇرۇق داۋراڭلار، قىلچە رولى يوق تەنقىتلەر بىلەنلا چەكلىنىپ كەسكىن ھەرىكەت كۈچىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.
    شۇنداق قىلىپ، پان گېرمانىزم ھەرىكىتى ھەرىكەتنىڭ بېشىدىن تارتىپلا ئېتىقات كۈچى بىلەن پىداكارلىق روھىدىن تەدرىجى ئايرىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خۇددى بۈگۈنمۇ كۆرۈلىۋاتقىنىدەك سۇلھىچىلىق، كىلىشتۈرمىچىلىك، قارشى تەرىپىدىكىلەر بىلەن ھەمكارلىق يولىنى تۇتۇشقا بېرىلىپ كېتىپ، ئاقىۋەت ئۆلۈك تۇغۇلغان بۇۋاقتەك جىمىپ كېتىدۇ.
    خەلق ئاممىسىغا تايىنىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويمىغان پان گېرمانىزم ھەرىكىتى ئەنە شۇنداق مەغلوبىيەتلىك ئاقىۋەتكە دۇچار بولغان ئىدى. بۇنداق بىر ۋەزىيەت ئاستىدا بۇرجۇئازىيىمۇ غادىيىۋېلىپ يۇۋاش مۇتەئەسسىپ قىياپىتىنى ئاشكارىلىشىدۇ.
    مانا بۇ، پان گېرمانىزم ھەرىكىتىنىڭ مەغلوپ بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىككىنچى سەۋەپكە ئايلىنىدۇ.
    ئاۋۇستىرىيە نېمىسلىرىنىڭ پارلامېنتتىكى ئورنى پان گېرمانىزم ھەركىتى باشلانغان كۈنلەردىلا ئاجىزلىشىشقا باشلاپ، دۆلەتتىن ئۈمىدىنى ئۈزمەكتە ئىدى. ئۇ كۈنلەردىكى پارلامېنتمۇ نېمىس تەسىرىنى يوقۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ ۋاستىسى ھالىغا كېلىپ بولغان ئىدى. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئاۋۇسترىيە نېمىسلىرىنى قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىدىن بىر يولى پارلامېنت تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتىن باشقىچە بولىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
    بۇنىڭ نەتىجىسىدە پان گېرمانىزم ھەرىكىتى ئۈچۈن پارلامېنتقا تاقابىل تۇرۇشتا قايسى يولنى تاللاش مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم ئىشلاردىن بىرسى بولۇپ قالغان ئىدى:
    پارلامېنتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن پارلامېنتقا كىرىپ تۇرۇپ بەلگىلىك قائىدىلەر بويىچە پائالىيەت قىلىش كېرەكمۇ ياكى بۇ ئورگاننىڭ سىرتىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئۇنى يېڭىپ چىقىش يولىنى تاللىۋېلىش كېرەكمۇ؟
    ئەمما ئۇلار پارلامېنتنى يېڭىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا كىرىش يولىنى تاللىۋالغان ئىدى، ئاقىۋەتتە ئۆزلىرى يېڭىلىپ قايتىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى.
    ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ پارلامېنتقا كىرىشتىن باشقا چارىسى قالمىغان بىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.
    بۇنداق بىر كۈچكە قارشى سىرتتا تۇرۇپ كۈرەش قىلالىشى ئۈچۈن ھارماس كۈچ-قۇۋۋەتكە، چەكسىز پىداكارلىق روھىغا ئىگە بولىشى شەرت ئىدى.
    يەنى، خۇددى ئۆكۈز سوقاشتۇرۇش ئويۇنىدىكىگە ئوخشاش سىرتتا تۇرۇپ پارلامېنت بىلەن تۇتۇشقاندا مۆڭگۈزىنى تۇتقۇزۇپ قويۇش، ئۈستى-ئۈستىلەپ تاياق يېيىش، كەينى-كەينىدى يېقىلىپ چۈشۈشلەردىن ساقلىنىش تەس. ھەتتا قايتىدىن يېقىلغان يېرىدىن تۇرغىچە قول-پۇتلىرى سۇنۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما باتۇر بىرسى ئەڭ مۈشكۈل چېلىش ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ باتۇرلىقىنى ئىسپاتلىيالىشى مۇمكىن. شۇنچە جاپالىق بىر كۈرەشتىن غالىپ چىقىش ئۈچۈن چوقۇم نۇرغۇن بەدەل تۆلەشكە، زور پىداكارلىقلارنى كۆرسىتىشكە توغرا كېلىشى تەبىئىي بىر ئەھۋال.
    ئەمما بۇنداق مۇشەققەتلىك بىر كۈرەش ئۈچۈن خەلقىنىڭ ئەڭ قابىلىيەتلىك، ئەڭ جەڭگىۋار، ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ پىداكار ئوغلانلىرىنى يېنىغا ئالغان بولىشى لازىم. پەقەت ئەنە شۇ قەھرىمانلارلا بۇنداق قانلىق جەڭلەردە غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت كۆرسىتىپ ئاخىرقى غەلىبىگىچە جەڭ قىلىش جاسارىتىگە ئىگە.
    پان گېرمانىزم ھەرىكىتى سېپىدە دەل شۇنداق قەھرىمان پىداكارلار يوق ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، ئۇلار پارلامېنت ئىچىدە پائالىيەت قىلىش يولىنى تاللىۋېلىشقا مەجبۇر ئىدى.
    پان گېرمانىزمچىلار بۇنداق بىر قارارنى ئېلىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ ئويلىنىپ باققانلىقى ياكى بۇنىڭ ئۈچۈن ئىككىلىنىپ تۇرۇپ ئويلىنىپ كۆرگەنلىكى ناتايىن. ياق، ئۇلار بۇنداق قارار ئېلىش جەريانىدا قىلچە ئەنسىرەپ باقمىدى، باشقا يول ئاختۇرۇشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمىدى. بۇنىڭدىن باشقا يولنىڭ بار-يوقلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىپمۇ كۆرمىدى. ئۇلارنىڭ قىلچە قىممىتى يوق پارلامېنتقا كىرىپ پىرىنسىپ جەھەتتىن ئاللىمۇ قاچان ۋەيران بولغان بۇ ئورگاننىڭ كۈچىگە، ئۇنىڭ خەلققە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكى، ئۇلارنىڭ پارلامېنتقا كىرىش قارارىنى ئېلىشىغا سەۋەپ بولغان تۈپكى خاتالىقى ئىدى.
    ئۇلار پارلامېنت سەھنىسىدىن پۈتۈن خەلققە خىتاپ قىلىش ئىمكانىيىتىمىز بولىدۇ دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن خەلقنى تېخىمۇ ئاسان قايىل قىلالايمىز دەپ قارىغان ئىدى. بۇ ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى ناچار ئىللەتلەرنى سىرتتىن قارشى چىققانغا قارىغاندا پارلامېنت ئىچىدە تۇرۇپ تېخىمۇ ئاسان تۈزىتىپ كىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە پارلامېنت ئەزالىرىغا قەتئى چېقىلىشقا بولمايدۇ دېگەن قالقانغا تايىنىپ ھەر بىر يىتەكچىنى تېخىمۇ چوڭ كۈچكە ئېرىشتۈرەلەيدىغانلىقىغا، پائالىيەتلىرىنىمۇ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدى.
    ئەمما ئەمەلىيەت ئۇلارنىڭ كۈتكىنىگە تۈپتىن ئوخشىماي قالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ پارلامېتتا سۆزلىگەن سۆزلىرىنىڭ كۈچى بۇرۇنقىدىمۇ تۆۋەنلەپ، تەسىرى بۇرۇنقىدىنمۇ ئازىيىپ كەتكەن ئىدى. چۇنكى ئۇلار نۇتقىنى ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئاڭلاش ئىمكانى بار ياكى ئۇلارنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىنى گېزىت خەۋەرلىرىدىن بىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلەرگىلا ئۇقتۇرالىشى مۇمكىن ئىدى.
    ئەسلىدە ئەڭ كۆپ ئاڭلىغۇچىسى بار سورۇن قۇرۇلتاي زالى ئەمەس، بەلكى كاتتا مىتىنگ مەيدانلىرىدىكى خەلق ئاممىسى بولىشى كېرەك. ناتىقنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماقچى بولغان مىڭلىغان خەلق ئاممىسى پەقەت ئەنە شۇنداق كاتتا مىتنگ مەيدانلىرىدىلا ناتىق بىلەن ئۇچۇرىشالايدۇ. بۇنىڭ ئەكسىنچە قۇرۇلتاي زالىدا ئاران نەچچە يۈز ئادەم بار بولۇپ، بۇ نەچچە يۈز ئادەم پارلامېنت زالىدا خەلق ۋەكىللىرىنىڭ ياكى قانداقتۇ ئۆتكۈر بىلىملىك كىشىلەردىن ئەقىل ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى تۇرمۇشىنى باياشات ئۆتكۈزىۋېلىش نىيىتىدە ئولتۇرغان كىشىلەردۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ زالغا يىغىلىۋالغان كىشىلەر ھەر دائىم ئوخشاش كىشىلەردىن تەشكىل تاپىدىغان بولغاچقا، ئۇ سورۇندا ھېچقانداق يېڭى نەرسىنىمۇ ئۆگۈنەلمەيدۇ. چۇنكى، ئۇنداق يېڭىلىقلارنى ئۆگەنمەكچى بولغان كىشىدە ئەقىلنى ئىشلىتەلىگىدەك مېڭىسىنىڭ بار-يوقلىقىنى قويۇپ تۇرايلى، ئۇ كىشىدە ئەڭ بولمىغاندا يېڭىلىق ئۆگۈنۈش ئۈچۈن ئىچىدىن ئارزۇسى، بۇنىڭ ئۈچۈن غەيرىتى بولىشى كېرەك.
    بۇ ۋەكىللەرنىڭ ھېچقايسىسى، كېيىن ئۆزلىرىگە ئىش چىقىرىپ بېرىدىغان يېڭى بىرەر پىلاننىڭ ئوتتۇرغا قويۇلىشىنى ھەرگىز خالىمايدۇ. ياق، ياق، ئۇلار بۇنداق بىر باش ئاغرىقىغا ھەرگىز يېقىن يولايدىغان كىشىلەردىن ئەمەس. بۇنداق يېڭى باش ئاغرىقىدىن قورقمايدىغانلار، بەلكى يەنە بىر قېتىملىق سايلامدا قايتا سايلىنىش تاماسىدا بولىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا كۆرۈلىشى ئېھتىمال. بۇنداق كىشىلەر يەنە بىر سايلامدا ئۆزلىرى ئەزا بولغان پارتىيىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى سەۋىبىدىن چوقۇم چەتتە قالىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يېڭى نەتىجىلەر قازىنىپ كۆزگە كۆرىنىۋېلىش ئارقىلىق كېيىنكى قۇرۇلتايدا يېڭىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان باشقا بىر پارتىيىگە يۆتكۈلۈشنى كۆڭلىگە پۈككەن كىشىلەر ئارىسىدىنلا چىقىشى مۇمكىن. ئەسلىنى سۈرۈشتە قىلغاندا، بۇنداق پارتىيە ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ قانچىلىك ئەخلاقلىق كىشىلەر ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلىشقا تىگىشلىك كىشىلەر بولىشى كېرەك ئىدى. ئەمما بۇنداق پارتىيە ئالماشتۇرۇشنى ئۆزلىرىچە ئىنتايىن يوللۇق باھانىلارنى كۆرسىتىپ ئۆزىنى ئاخلاشقا ئۇرۇنىدىغانلىقى مۇقەررەر. شۇنداق قىلىپ، كېيىنكى قېتىمقىسىدا قەتئىي مەغلوپ بولىدىغانلىقى كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغان پارتىيىدىن كېيىنكى سايلامدا ئۇتۇپ چىقىشى ئېھتىمال بولغان پارتىيىگە سەلدەك ئالمىشىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى پارتىيىسىدىن يۈز ئۆرۈش دولقۇنى بارلىققا كېلىپ تۇرىدۇ.
    ئەنە شۇنداق پارلامېنت تەييارتاپلىرىدىن تەشكىل قىلغان بىر قۇرۇلتاي زالىدا نۇتۇق سۆزلەيمەن دېيىش، خۇددى ھايۋانلارغا ئۈنچە-مارجان چاچقۇ قىلغاندەكلا بىر ئىش. يەنى، بۇنداق تەييارتاپلارغا بىر نېمە ئۇقتۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولۇش، ھەقىقەتەنمۇ قىلچە پايدىسى بولمايدىغان قۇرۇق ئاۋارىچىلىق ئىدى.
    نەتىجىدە، پان گېرمانىزمچىلار بۇ پارلامېنت زالدا تۇلا سۆزلەپ ئاۋازلىرى پۈتۈپ كەتكەن بولسىمۇ قىلچە پايدىسى بولمىدى.
    بۇ جەرياندا ھەرقايسى گېزىتلار پان گېرمانىزمچىلارنىڭ بۇ تۈردىكى نوتۇقلىرىنى بىر بولسا ئۆلۈكتەك جىم بولىۋېلىپ ئۇنتۇلدۇرۇشقا تىرىشتى، ياكى بولمىسا پارچە-پارچە ئۈزۈندىلەرگە پارچىلاپ ھېچنىمىنى ئۇققىلى بولمايدىغان قىلىپ ئېلان قىلىشىدۇ. ھەتتا كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا نۇتۇقلارنىڭ مەنىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ ياكى بولمىسا مەنىسىز گەپكە ئايلاندۇرىۋېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئوقۇرمەنلەر ئاممىسى پان گېرمانىزمچىلار پارتىيىسىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن ئۇنىڭ غايىلىرىدىن بەكلا ئاز خەۋەردار بولالايدۇ ياكى خاتا چۈشەنچىگە كېلىپ قالىدۇ. ئەسلىدە بۇ يېڭى پارتىيە ئەزالىرىدىن بولغان قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ قايسى بىرسىنىڭ نۇتۇق سۆزلىگىنىنىڭ بەك ئەھمىيىتى يوق. ئەھمىيەتلىك بولغىنى سۆزلەنگەن نۇتۇقلىرىنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە چۈشىنىشلىك يەتكۈزىلىشى ئىدى. ئەمما بۇ نۇتۇقلارنىڭ پارچىلىرىنىمۇ بىر نېمە ئۇققىلى بولمايدىغان قىلىپ ئېلان قىلىشىدۇ-دە، شۇ ئارقىلىق گېزىتلارمۇ ئۆز مەقسىتىگە يېتىۋالىدۇ.
    ئەسلىدىنلا پارلامېنتتا سۆزلىنىدىغان بۇ نۇتۇقلارنىڭ ئوبىكتىپلىرى ئارانلا شۇ پارلامېنتتىكى بەش يۈز ۋەكىل بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئارتۇق كىشىگە ئۇقتۇرۇش ئىمكانى يوق ئىدى.
    ئۇلارنىڭ تۈپكى خاتالىقى بۇلا ئەمەس ئىدى. پان گېرمانزىم ھەرىكىتى ئاۋال يېڭى بىر پارتىيە قۇرۇپ چىقىشنى پىلان قىلماي، بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپلا يېڭى بىر ئىدىيىنى ئوتتۇرغا قويۇشقا، بۇ يېڭى ئىدىيىگە قەتئىي ئەمەل قىلغان ئاساستا ھەرىكەت قىلغىنىدىلا نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلىشى لازىم ئىدى. چۇنكى بۇنداق زور بىر ھەرىكەتنى ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈشتە ئەنە شۇنداق بىر غايىنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك ئىدى. بۇنداق بىر ھەرىكەتكە ئەڭ قابىلىيەتلىك، ئەڭ غەيرەتلىك كىشىلەرنى مەسئۇل قىلىش ئىشىمۇ شۇ چاغدىلا ئىشقا ئاشۇرۇلىشى مۇمكىن بولاتتى.
    ئەگەر بىرەر ئىدىيىۋىي غايە ئۈچۈن قانات يايدۇرىلىدىغان كۈرەشنى قەھرىمانلار تېزگىنلەپ يىتەكلىمىگىنىدە ئۇزۇنغا قالماي جېنىنى تىكىپ ھەرىكات قىلالايدىغان جەڭچىلىرىمۇ قالمايدۇ. شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلار ئارىسىدىن ئومۇم مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىدىغانلار بەكلا ئاز چىقىدۇ.
    بۇنداق زۆرۈرىيەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەممە كىشى شۇنى قوبۇل قىلىش كېرەككى،  يېڭى بىر ھەرىكەت ھازىر ئۈچۈن ئەمەس پەقەت كەلگۈسى ئۈچۈن شۆھرەت يارىتالايدۇ. شۇنىڭدەك ھەر قانداق بىر ھەرىكەت ئەگەر ئىنتايىن ئاسان ئەمەل ۋە ئىستىقبال يارىتالايدۇ دەپ ۋەدە بەرسە، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئەتىراپى شۇنچە كۆپ ئاچ كۆز ئادەملەر تەرىپىدىن قورشىۋېلىنىدۇ. ئاخىرى شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى، بۇ تۈردىكى پۇرسەتپەرەس سىياسەتچىلەر ھەرىكەتنىڭ بېشىغا چىقىۋېلىپ بۇ پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى پۈتۈنلەي قولغا كىرگۈزىۋالىدۇ. ئۇ چاغدا بۇ ھەرىكەتنىڭ قوزغۇلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان جەڭچىلەر بۇ ھەرىكەتنىڭ بۈگۈنكى قىياپىتىنى كۆرۈپ بۇ پارتىيە بىز ئۆز ۋاقتىدا قۇرۇپ چىققان پارتىيە شۇمۇ-ئەمەس، دەپ گۇمان قىلغىدەك ھالغا كېلىپ
    分享到: