• ئادلوف گىتلىر:<<مېنىڭ كۈرەشلىرىم>> (8.قىسىم)

    2009-05-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39668463.html

    بۈگۈنكى كۈندە بىر تېرە ئېلىپ ساتارى چۈشەنچە ۋە بىلىم جەھەتتە قانچىكى سەۋىيىسىز بولسا، كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىشقا لازىملىق سودا پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر تۈرلۈك پەسكەشلىكلەردىن شۇنچە كۆپ ئۆزلەشتۈرىۋالغىنىغا ئوخشاش، ئالاھىدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىش ۋە ئالاھىدە ئىقتىدار تەلەپ قىلىنمىغان بىر ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىمۇ پەسكەش بىر سەھرالىقتا بولىدىغان يوقۇرىقىدەك ھىلىمىكىرلىكى بويىچە ئالاھىدە ماختاپ كۆككە كۆتۈرىۋىتەلىشى مۇمكىن. بۇنداق بىر ئاخماق ھۆكۈمەت، ئۆز ئۈستىگە ئالغان ھەرقانداق بىر مەسئولىيەتتىن ھەرگىز ئەنسىرىمەيدۇ. قىلغان ئىشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى ھەرگىزمۇ ئويلاپ يۈرمەيدۇ. بۇنداق ھۆكۈمەت ئادەملىرى سىياسىي ئىجرائەتلىرى ھەرقانداق بىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن قەتئىي نەزەر، ھامان بىر كۈنىسى ئاغدۇرۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى، ئورنىنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ. تاللانغان بۇنداق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سانى تەلەپ قىلىنغان قىممىتى تۈۋەنلىگەنسىرى كۆپىيىپ بارماقتا. بۇ ھادىسىلەرمۇ بۇ خاندانلىقنىڭ چوقۇم يىمىرلىدىغانلىقىنىڭ بىر سىگنالى ئىدى. شۇنىمۇ ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، بىر تەرەپتىن ئەقىللىك بىرسى ئىقتىدارسىز، ئاددىي مېڭىلىك مەدداھلارنىڭ ئادەتتىكى كاتىپى بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن كۆپ سانلىقنىڭ، يەنى ئاخماقلارنىڭ ۋەكىللىرى بۇنداق قىممەتلىك قابىلىيەت ئىگىلىرىدىن ھەر دائىم نەپىرەتلىنىپ يۈرىدۇ.
    پەسكەش بىر قۇرۇلتاي ھەر دائىم ئۆزىگە ئوخشاش قىلچە قىممىتى بولمىغان بىر باشلىق تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ كېلىنىدىغانلىقىنى بىلگىنى ئۈچۈن ھېچ نەرسىدىن ئەنسىرەپ يۈرمەيدۇ، شۇ سەۋەپتىن ھەممە كىشى ئۆزلىرىنىڭ نەقەدەر ئەقىللىق بىرسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىۋېلىش ئۈچۈن ئارىلاپ پېير باشلىق بولۇپ سايلىنالايدىكەنۇ، نىمىشكە پاۋل سايلانسا بولمايدىكەن دەپ غۇتۇلداپمۇ قويىشىدۇ. بۇ جەرياندا دېموكراتىيىنىڭ روھىدىن پەسكەشلىكنى پەيدا قىلىدىغان بىر مەسىلە كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. كۆرۈنگەن بۇ مەسىلە، ماھىيەتتە رەھبەر دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ بىر قىسمىدا كۆرۈلگەن قورقۇنچاقلىقىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر. بۇنداق كىشىلەرگە نىسبەتەن ئالغاندا، ئىنتايىن مۇھىم قارار چىقىرىدىغان بىر ئورۇنغا ئېرىشىپ قالغانلىرىدا كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ كاپالىتى ئاستىغا كىرىپ قالىدىغانلىقى ئۇلار ئۈچۈن بىر تەلەي ئىدى. سىياسەت قەلەندەرلىرى بارلىق قارارلىرىنى چىقىرىشتىن بۇرۇن كۆپ سانلىقنىڭ ماقۇللىقىنى تىلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۆزلىرىگە لازىملىق بولغان “جىنايەت شىرىكلىرى” نى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىپ، ھەر قانداق بىر مەسئولىيەتتىن پېشىنى قېقىپلا قۇتۇلۇپ كىتەلەيدىغان شارائىتقا ئېرىشىۋالىدۇ. راستچىل، ۋىجدانلىق بىرسى، بۇ تۈردىكى سىياسىي ئويۇنلاردىن يىرگىنىپ، ئۇنىڭدىن نەپىرەتلىنىشتىن باشقا بىر ئىش قولىدىن كەلمەيدۇ. بۇنداق ئۇسۇللار بارلىق پەسكەشلىكلەرنى ئۆز ئەتىراپىغا توپلىغان بولىدۇ. ھەر قانداق بىر ئىشىنىڭ پەيدا قىلىدىغان ئوڭۇشسىزلىقلىرىنىڭ مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپلا يۈرىدىغان، ھەر دائىم ئۆزىنى ھەر قانداق ئەيىپتىن خالى دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشىدىغان بىرسى، پەسكەش مەخلۇقتىن قىلچە پەرقى يوق بىرسىدۇر. بىر خەلقنى باشقۇرۇپ يىتەكلەشكە مەسئول بولىدىغان ئورگان ئەنە شۇنداق قابىلىيەتسىز پەسكەشلەردىن تەشكىل تاپقىنىدا، ئۇزۇنغا قالمايلا تۈزەتكىلى بولمىغىدەك پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرگە سەۋەپچى بولىدۇ. بۇنداق بىر ئورگان قورقماستىن ئەقىل ئىشلىتىپ ھەرىكەت قىلىش جاسارىتىگە ئىگە ئەمەس. بۇنداق ئىقتىدارسىز بىر ئورگان مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئورنىغا خەلقنىڭ تىل-ئاھانىتى ئاستىدا كۆمۈلۈپ قېلىشنى ئەۋزەل كۆرىشىدۇ. ئەگەر بىر قاتار جىددىي قارارلار ئېلىشقا توغرا كەلگىنىدە، ئۇلاردىن ھېچ بىرسى ئوتتۇرغا چىقىپ بۇ ئىشنىڭ مەسئولىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ يىتەكچىلىك قىلىشقا ماقۇل بولمايدۇ.
    بىز يەنە شۇنىمۇ ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، ئىقتىدارلىق بىر رەھبەر نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا كۆپچىلىك ھېچقاچان بىر شەخسىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. كۆپسانلىق دىگىنىمىز، ئاخماقلارغا ۋەكىللىك قىلغىنىغا ئوخشاش، پەسكەشلەرگىمۇ ۋەكىللىك قىلالايدۇ. ئەقلى ئىشلىمەيدىغان يۈز كىشى ھېچ بىر ۋاقىت ئىقتىدارلىق بىر كىشىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدىغانلىقىغا ئوخشاش، يۈز نەپەر قورقۇنچاقتىنمۇ قەھرىمانلارچە قارار ئالالايدۇ دەپ ھەرگىز ئۈمىد كۈتمەسلىكىمىز كېرەك. ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ئېغىر مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن ئۆزىنى قانچىكى چەتكە ئالىدىكەن، ئۆزلىرىنى خەلق خىزمىتىگە ئاتاشقا لايىق دەپ قارايدىغان كىشىلەرنىڭ سانىمۇ شۇنچە كۆپىيىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ قاتارغا كىرىپ نۆۋىتى كېلىشنى كۈتۈشلىرى ئۈچۈن ھېچقانداق بىر كۈچ توسالغۇلۇق قىلالمايدۇ. بۇ كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئۈچىرەت تۇتقان كىشىلەرگە قاراپ غەمكىنلىك بىلەن نۆۋىتىنى كۈتىدۇ. ئۇلار ئۆز ئارزۇلىرىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىشى ئۈچۈن لازىم بولغان ۋاقتىنى ھەتتا سائىتىگىچە ھىساپلاپ چىقىشىدۇ. كۆز تىككەن بىر ئورۇننىڭ بوشىتىلىشىنى كۈچلۈك تەلمۈرۈش ئىچىدە كۈتىدۇ. ئۈچىرەت ساقلاۋاتقانلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ ئالدىدىكىلەرنى ئازايتىشقا پايدىسى بولىدىغانلىكى رەزىللىلكەرنىڭ يۈز بېرىشىنى خوشاللىق بىلەن قارشى ئالىدۇ.
    ئەگەر قاتاردا بىرەرسى ئېرىشكەن ئورنىنى بوشاتماي چىڭ ئولتۇرىۋالغىنىدا، بۇنداق ئەھۋالنى گۇرۇپپا ئىچىدە تۈزۈشكەن شەرەپلىك شەرتنامىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى توختاپ قالدى دەپ قارىشىپ رەنجىشكە باشلايدۇ. ئۇلار بايىقى نومۇسسىزنىڭ نۆۋەت ساقلاۋاتقانلارغا ئىسسىغىدا ئورنىنى بوشىتىپ ئۆتكۈزۈپ بەرمىگىچە زادىلا ئارام تېپىشمايدۇ.
    ئەمەلدىن بىر قېتىم چۈشۈپ كەتكەن بىرسى ئۇ ئورۇنغا قايتا ئېرىشەلمەيدۇ. ئورنىنى تارتتۇرۇپ قويغان بۇ روھىي كېسەل ئادەملەر ئورۇن كۆزلەپ يۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا تىل ئاھانەتلەرگە قېلىشىغا قارىماي قايتا بىرەر ئورۇنغا ئىرىشىش ئۈچۈن تىرىشىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدۇ. ئەنە شۇنداق ئورۇن ئالماشتۇرۇش ھادىسىلىرىنىڭ يىغىندىسى دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورۇنلىرى بىلەن ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ ئادەمنى ئۈركىتىدىغان بىر شەكىلدە نۆۋەتلىشىپ تۇرىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنداق نۆۋەتلىشىشنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    قۇرۇلتاينىڭ ئەخلاق ۋە قائىدىلىرىنىڭ قۇربانلىقى قىلىنىدىغانلار پەقەت ئاخماق، قابىلىيەتسىز كىشىلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئەگەر تەغدىر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەقىقىي رەھبەر دەپ نام ئېلىشقا لايىق بىرسىنى ئۇ ئورۇنغا ئىگە قىلىپ قويغان تەغدىردىمۇ، بۇ ئادەمنىڭ تەغدىرىمۇ ئوخشاشلا نۆۋەت ساقلاۋاتقانلارنىڭ تەغدىرىدىن باشقىچە بولۇپ كەتمەيدۇ. ھەتتا بۇنداقلارنىڭ قۇربانلىق قىلىنىشى تېخىمۇ ئېغىر بولىشى مۇمكىن. بىرەر رەھبەر ئۆزنى كۆرسىتە-كۆرسەتمەيلا ئۇنىڭغا قارشى كۈچلەر دەرھال ئاتاكىغا ئۆتىشىدۇ. ئەگەر يوقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنغا ئېرىشكەن كۈچلۈك بىر رەھبەر، شۇ ئورۇنغا كىرىشكە تىگىشلىك دەپ قارىلىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدىن كەلگەنلا بولسا، بۇ رەھبەرنىڭ ئاقىۋىتى تېخىمۇ قورقۇنۇشلۇق بولىدۇ. دۆت ئادەملەر ئۇ ئورۇندا ئۆزلىرىدەك كىشىلەرنىڭلا تۇرىشىنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. بۇ قاپاقۋاشلار، ئارىسىغا بىرەر ئەقىللىقنىڭ كىرىپ قېلىشىغا ھەرگىزمۇ چىدىمايدۇ. ئەگەر بۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەقىللىق بىرسى كىرىپ قالغىنىدا ئۇنداق كىشىگە ھەر تۈرلۈك باھانىلارنى ئۇيدۇرۇشۇپ بىرلىكتە زەربە بېرىشكە كىرىشىدۇ.
    بۇنداق نۆۋەتلىشىپ ئەمەل تۇتۇشنىڭ نەتىجىسىدە، رەھبەرلىك تەبىقىسى كۈنسايىن ئەقىلسىزلىشىشقا باشلايدۇ. بۇنداق رەھبەرلىك تەبىقىسىگە تەۋە بولمىغان ھەرقانداق ئادەم خەلقى بىلەن ۋەتىنىنىڭ بۇنداق كىشىلەرنىڭ قولىغا قالغانلىقىدىن تەسۋىرلىگۈسىز ئېغىر زىيانلارنى تارتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايدۇ. ئەنە شۇنداق بىر پارلامېنت تۈزۈمى كونا ئاۋۇسترىيە ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ قورقۇنۇشلۇق مىكروپ ئۇۋىسى بولۇپ قالماقتا ئىدى.
    گەرچە مىنىستىرلىكنى ئىمپراتور ياكى پادىشا تەيىنلىگەندەك قىلسىمۇ، ئەسلىدە ئۇنىڭ قىلغانلىرىمۇ بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئويلىغىنىنى تەستىقلاپ بېرىشىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس ئىدى. قۇرۇلتايدىكىلەر مىنىستىرلىك ئورنى ئۈچۈن سودىلىشىپ تۇراتتى. ھەر بىر مىنىستىرنىڭ ئورنىغا ئۇزۇن ئۆتمەيلا يېڭىسى ئالماشتۇرىلاتتى. بۇنداق ئورۇن ئالماشتۇرۇش تۈزۈمى قۇرۇلتاينىڭ بىر خىل قائىدىسى ھىساپلىناتتى. ئورنىغا كەلتۈرۈلگەن مىنىستىرنىڭ قابىلىيىتى مۇتلەق تۈردە ئالدىنقىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ تۈۋەن بولۇپ چىقاتتى.
    پارلامېنت تۈزۈمىدىكى ئىشلار ئەنە شۇ شەكىلدە تەكرارلىنىپ داۋاملىشىپ، ئاخىردا پارلامېنت تەۋەسىدىكى ھەممە كىشىنى ئەڭ پەسكەش تەييارتاپلار ھالىغا كەلتۈرىۋەتكىچە داۋاملىشىدىكەن. بۇ تەييارتاپ پىتلار ھەر قېتىملىق سايلىنىشىدا كۆپ سانلىق قارار چىقىرىش پىرىنسىپىنى ساقلاپ قېلىشقا، يەنى ئەھمىيىتى يوق ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەنلا مەشغۇل بولۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋەزىيىتى ساقلاپ قېلىشقىلا تىرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى شۇنچىلىك ئىدى. ئەنە شۇنداق ئىشلارنى كۈزىتىش ئۈچۈن ۋىيېنا ئەڭ مۇۋاپىق بىر مەكتەپ بولۇپ بەرگەن ئىدى.
    مەن بۇ جەرياندا بۇ خەلق ۋەكىللىرىنىڭ ئۆز بىلىم ۋە قابىلىيەتلىرى ئاساسىدا ھەل قىلىشقا مەجبور بولغان مەسىلىلەرنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى تارازىغا سېلىپ تارتىپ كۆرۈشكە كىرىشتىم. بۇنىڭ ئۈچۈن خەلق ۋەكىللىرىنىڭ قايسى خىل ئىدىيىۋى قاراشلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ يېقىندىن كۈزىتىشكە توغرا كەلگەن ئىدى. بۇ ئىشلارنىمۇ تۈگەتكىنىمدىن كېيىن، بۇ تۈردىكى چولپانلىرىمىزنىڭ خەلق ئاممىسىدىن ئىبارەت بۇ ئاسماندا بىر-بىرلەپ چاقنىشىغا كارىمىز بولماي بىر چەتتە قاراپ ئولتۇرالمايتتىم.
    كۈلۈمسىرەپلا يۈرىدىغان بۇ كىشىلەرنىڭ ئەسلى قانداق نەرسىلەر ئىكەنلىكى ھەمدە قانچىلىك قابىلىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ۋەتەن-خەلق مەنپەتى ئۈچۈن بۇ ئالاھىدىلىكىنى قانچىلىك جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، يەنى ئۇلار قايسى تۈردىكى سىياسىي ھۈنەرلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقىشىم زۆرۈر ئىدى. پارلامېنت پائالىيەتلىرىنى، ۋەكىللەرنى ۋە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ئەسلى ماھىيىتى بويىچە تونۇشقا بولىدىغان بىتەرەپ پوزىتسىيىدە ھېچقايسىغا يان باسماستىن كۈزەتكەندە، ئادەمنى بەكلا ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان بىر ئەھۋال ئوتتۇرغا چىقاتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ھىمايە قىلىۋاتقان خالىغان بىر مەسىلىنى تەتقىق قىلىش ياكى بىرەر كونكىرىتنى مەسىلىگە قارىتا ئېنىق بىر چۈشەنچىگە كېلىش ئۈچۈن ھېچقانداق بىر نەزىرىيىگە ئاساسلانماي ئادەتتىكى گەپلەرنى يورغۇلىتىپ يۈرۈشلىرىنى كۈزىتىش ئارقىلىقمۇ پارلامېنت ئورگىنىنى تەتقىق قىلىشقا بولاتتى. شۇنداق بولغاچقا، بۇ پەسكەشلەرنىڭ بارلىق رەزىللىكلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلساقمۇ ئۇلار ھەققىدە كىشىنى چۈچۈتكىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيمىز.
    ئەگەر بىتەرەپ پوزىتسىيىدە تۇرۇپ تەھلىل قىلغىنىمىزدا، پارلامېنت پىرىنسىپلىرىغا ئوخشاش خاتا نەرسىنى باشقا ھېچقانداق  يەردە ئۇچرىتالمايمىز.
    ئاۋال خەلق ۋەكىللىرىنىڭ قايسى خىل ئۇسۇلدا سايلىنىدىغانلىقىنى كۈزىتىپ باقايلى. خەلق ۋەكىللىرىنىڭ بۇرۇن قولغا كەلتۈرگەن ھەرقانداق بىر ئۇتۇغى خەلققە پايدىلىق بەكلا ئاز نەرسىلەرنى ھەل قىلىشقا يارايدىغان ئۇششاق-چۈششەك نەتىجىلەر ئىكەنلىكىنى ئوچۇق كۆرۈپ ئالالايمىز. خەلقنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بىرەلەيدىغان، دەردىگە دەرمان بولالايدىغان ئىقتىدارلىق سىياسىيونلارنى تاللاپ قۇرۇلتايغا ئىۋەرتىشكە يەتمەيتتى. خەلق ئاممىسى دىگەن بۇ توپلۇم ئىچىدە شەخسىلەرنىڭ خۇسۇسىي تەجرىبىلىرى بىلەن بىلىملىرى بەك ئېنىق بىلىنىپ كەتمەيتتى. خەلق ئاممىسىنى ئادەتتىكى تاشقى كۆرۈنۈشلەرگە تايىنىپلا جەلىپ قىلىشقا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، گېزىت تەشۋىقاتلىرى بىلەن گېزىتلاردا ئېلان قىلىنىدىغان ئاممىنى قايىل قىلىدىغان خەۋەر-نوتۇقلار ئارقىلىق خەلقنى بەكلا ئاسان ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋېلىش مۇمكىن.
    خەلق ئاممىسىنىڭ دىنى ئېتىقاتىنى ئىزچىل تەربىيە ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگىلى ۋە ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە ئورۇنلاشتۇرۋەتكىلى بولغىنىدەك، ئۇلارنىڭ سىياسىي ئىتىقاتلىرىنىمۇ ئەنە شۇنداق ئىزچىل روھىي تەربىيە بېرىشكە تايىنىپ سىڭدۈرۈش ۋە كۈچەيتىش مۇمكىن.
    تەشۋىقات دەپ ئاتالغان بۇ ئۇسۇلغا تايىنىپ سىياسىي تەربىيىنى قانات يايدۇرۇش ئىشىدا گېزىت-ژورنال دىگەندەك مەتبۇئات ئورگانلىرى ئالاھىدە ئۆنۈملۈك رول ئوينىيالايدۇ. گېزىتلار كۈندىلىك خەۋەرلىرىگە تايىنىپ قورامىغا يەتكەن خەلق ئاممىسىنى تەربىيىلەيدىغان ئىنتايىن مۇھىم بىر مەكتەپ بولۇش رولىنى ئوينىيالايدۇ. ئەمما بىزدە بۇنداق مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ قولىدا ئەمەس بەلكى بەزى ناچار، يامان غەرەزلىك كۈچلەرنىڭ قولىدا قالغان ئىدى. يەنە شۇ ۋىيېنادىكى ۋاقىتلىرىمدا بۇ تۈردىكى جامائەت پىكىرى تەييارلىغۇچى ۋاستىلار بىلەن بۇ ۋاستىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغان كۈچلەرنى تەتقىق قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدىم.
    مەتبۇئاتلارنى كۈزىتىش ئىشىگە كىرىشكەن دەسلەپكى كۈنلىرىمدىن تارتىپلا دۆلەت ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق بولغان بۇ كۈچنىڭ ئالدىن پىلانلانغان بىرەر كۆزقاراشنى ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا پەيدا قىلالايدىغانلىقى مېنى بەكلا ھەيران قالدۇرغان ئىدى. بۇنداق كۆزقاراشلار جەمىيەتتىكى ئەقەللىي ۋە رىئال كۆزقاراشلارغا ھەر قانچە زىت كەلگىدەك بولسىمۇ، بۇ تۈردىكى زىيانلىق كۆزقاراشلارنى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بىلەن تارقىتالايتتى. بۇ مەتبۇئاتلار ئادەتتىكىلا بىر ئىشلارنى بىر قانچە كۈن ئىچىدىلا دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسىدەك قىلىپ كۆرسىتىۋىتەلەيتتى ياكى شۇ باھانىدا دۆلەتنىڭ باشقا مۇھىم ئىشلىرىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ كۈنتەرتىپتىن چىقىرىۋەتكۈزەلەيتتى. بىر-ئىككى ھەپتە ئىچىدىلا ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن ئادەمنىڭ ئەقلىگە كەلمەيدىغان بىرمۇنچە كىشىلەرنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىغان ئىش-ئىزلىرىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈش ئارقىلىق كىشىلەردە ئۇلارنى راستىنلا ھۆرمەت قىلىشقا تىگىشلىك دانا كىشىلەر ئىكەن دېگەنگە ئىشەندۈرۈپ، ئۇ ئادەمنى پۈتۈن ئۆمۈرىدىمۇ ئاسانلىقچە ئېرىشەلمەيدىغان يۈكسەك ئابرويلۇق كىشىگە ئايلاندۇرىۋىتەلەيتتى. بىرەر ئاي بۇرۇن ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىغان كىشىلەر بۈگۈننىڭ داڭلىق كىشىلىرى دەپ تەشۋىق قىلىنىش بىلەن بىرگە، ئومۇمنىڭ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇھىم مەسىلىلەر بىراقلا كۆمۈپ تاشلىناتتى. بەزىدە بۇ كىشىلەرنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىشقانلىرىدا پۇرسىتى كەلگىنىدە بۇرۇنقى بىرەر رەزىللىكتىن، بىرەر نومۇسسىزلىقتىن ۋە بىرەر خىيانەتكارلىقتىنمۇ ئېغىز ئېچىشىپ، تونۇشتۇرىۋاتقان بۇ كىشىلەرگە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا تىرىشاتتى. ئەخلاقى پەزىلەتلىك، ۋەتەنپەرۋەر كىشىلەرنى قارىلاش جەھەتتىكى رەزىل پەسكەشلىكلىرىنى يەھۇدىيلار بىلەن ماركىسىزمچىلارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىقلا پاش قىلىش مۇمكىن ئىدى.
    بۇ تۈردىكى كۆزقاراش ئوغرىلىرى ئۆزىنىڭ رەزىل غەرەزلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىۋېلىش ئۈچۈن قىلمايدىغان ئەسكىلىكى يوق. بۇ مەخلۇقلار پەزىلەتلىك ساپ بىر ئادەمنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىغا قارا چاپلاشتىنمۇ يانمايدۇ. شەرمەندە قىلىۋېتىش نىيىتىگە كەلگەن بىر كىشىنى قارىلاپ ۋەتۋەرىگىنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن قولىغا ئىلىشكىدەك بىرەر باھانە تاپماي تۇرۇپ ئۇ كىشىنى ھەرگىزمۇ ئارامىدا قويمايدۇ. شۇنىڭدىمۇ ئومۇم مەنپەئەتىگە ياكى شەخسى تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك كىچىككىنە بولسىمۇ بىرەر ئەيىپ تاپالماي قالغىنىدا دەرھال تۆھمەت چاپلاش ئۇسۇلىنى ئىشقا سېلىشقا كىرىشىدۇ. ئۇلار، جامائەتچىلىك ئالدىدا پەزىلەتلىك بىرسىگە يىتەرلىك دەرىجىدە قارا چاپلانسا، ئۇ كىشى ئۆزىنى ھەرقانچە ئاقلاپ كۆرسىتىشكە تىرىشسىمۇ، ئۆزىگە ئوخشاش باشقا گېزىتلارنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ تۈردىكى بوھتانلارنى پۈتۈن جامائەتچىلىككە ئۇقتۇرىۋېتەلىگىنىدە، ئۇ كىشىنى ئابرويىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدىغان ھالغا كەلتۈرىۋېتىشكە بولىدىغانلىقىنى بەك ياخشى بىلىدۇ. بۇ كىشىلەر ھەرگىزمۇ ھەممىگە مەلۇم ئادەتتىكىدەك ئىشلارنى باھانە قىلىپ بىرسىگە ھۇجۇم قىلمايدۇ. ئۇلار پاك بىر ئادەمنى قارىلىماقچى بولغىنىدا، ئۇ كىشىگە ئەڭ ئېغىر بوھتانلار بىلەن ھۇجۇم قىلغاندىلا ئاندىن  تولۇق ۋەيران قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. بۇ مەرەزلەردىن تەڭرى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن! … بۇ قانۇن قاچقۇنلىرى ئابرويلۇق يۇرتداشلىرىمىزنى ھىلىگەرلىك، سۇيىقەستچىلىك ئۇسۇللارنى ئىشقا سېلىپ خۇددى بىر رۇدىپايدەك چىڭ چاپلىشىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ گويا ھەققانىيەتنى قوغداۋاتقان كىشىلەردەك ئۇنى سىلىق-سىپايە كىنايە سۆزلىرى بىلەن ھاقارەت قىلىشقا كىرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا نارازىلىق كۆرۈلگىدەك قىلسا “بىز مۇخبىرلىق ۋەزىپىمىزنى ئورۇنداۋاتىمىز” دەپ تۇرىۋالىدۇ. پەقەت بولمىغاندا باشقا تايىنى يوق قۇرۇق باھانىلارنى كەلتۈرۈپ قىلىۋاتقان ئىشىنى ھەق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىشىدۇ. ئەڭ كۆپ ئاپەت تېرىيدىغان يىغىلىش ياكى قۇرۇلتايلىرىدا تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، “مۇخپىرلىق ئىناۋىتى” دېگەندەك ئالاھىدە ئىناۋەتلىك بىر ئورگان ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقاندەك بىلجىرلاشقا باشلايدۇ. مۇستەقىل پىكىر يۈرگىزىش قابىلىيىتى بولمىغان يىغىن قاتناشقۇچىلىرىمۇ ئۇلارنىڭ بۇ تۈردىكى بىلجىرلاشلىرىغا رازىمەنلىك بىلەن باش لىڭشىتىپ قاراپ ئولتۇرىشىدۇ. مانا بۇلار ئاممىۋىي ئەپكار ئىشى بىلەن شوغۇللىنىدىغان باندىتلارنىڭ ئەسلى ماھىيىتى. دېمەك، ئۇلار بىرەر جامائەت پىكىرىنى ئەنە شۇ خىل تۆھمەتخور لۈكچەكلەر گۇروھىغا تايىنىپ پەيدا قىلىنماقتا. شۇندىن كېيىن خۇددى دېڭىز كۆپۇكى ئىچىدىن بىر چولپان يۇلتۇزى چىققاندەك بۇ جامائەت ئارىسىدىنمۇ بىر قۇرۇلتاي ۋەكىلى چىقىپ كېلىدۇ. …
    پارلامىت دېگەن بۇ مۇئەسسەسىنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپلىرىنى بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرۇش، بۇ ئورگاننىڭ باشتىن ئاخىرى كۆز بويامچىلىق بىلەن تولغان ئالاھىدىلىكىنى ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن نەچچە توملۇق ماتېرىيال يېزىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما بۇ ئورگاننى ئومۇمىي يۈزلۈك بىر قۇر كۈزىتىپ چىقىشقا توغرا كەلسە، بۇ ئورگاننىڭ خىزمەت نەتىجىلىرىنى بىرقۇر كۆزدىن كەچىرسەكلا كۇپايە. بۇ خىل كۈزىتىش جەريانىدا، ئەگەر كاللىسى ئىشلەيدىغان بىرسىلا بولىدىكەن، پارلامېنىت دېگەن بۇ ئورگاننىڭ نەقەدەر ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىلەن شوغۇللىنىدىغانلىقىنى دەرھاللا پەرق قىلالايدۇ.
    ئەگەر دېموكاتىك پارلامىنت تۈزۈمى بىلەن گېرمان دېموكراتىيىسىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغانلا بولىدىكەنمىز، بۇ ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى ئاسمان-زېمىن پەرق قىلىدىغان ئوخشىماسلىقلار ئادەمنى ساراڭ قىلىۋەتكىدەك تەسىراتقا كەلتۈرىۋېتىدىغانلىقىنى دەرھال كۆرۈپ ئالالايمىز.
    پارلامېنت تۈزۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى تۈۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: بەلگىلىك ساندىكى كىشىلەر (يېقىندىن بېرى ئاياللارمۇ) بۇ ئورگانغا سايلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئالالايمىز. مەسىلەن بۇ سايلانغان كىشىلەرنى بەش يۈز كىشى دەپ پەرەز قىلايلى. سايلانغان بۇ بەش يۈز كىشى بارلىق ئىشلار ئۈستىدە قارار ئېلىش سالاھىتىگە ئىگە بولىدۇ. يەنى، ماھىيەتتە ھۆكۈمەت ئەنە شۇ بەش يۈز كىشى دېمەكتۇر. كېيىن ئۇلار بىر ھۆكۈمەت مەھكىمىسى ‹كابېنت› تەشكىل قىلىپ چىقىدۇ. سىرتتىن قارىغاندا دۆلەت ئىشلىرىنى ئەنە شۇ ھۆكۈمەت مەھكىمىسى بىجىرىۋاتقاندەك كۆرۈنىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ كابېنت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىلا تىلەمچىدەك بىچارە كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇلار ھەرقانداق بىر ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىشتا شۇ بەش يۈز كىشىنىڭ، يەنى پارلامېنتنىڭ رۇخسىتى بولماي ئۆز بېشىغا بىر قەدەممۇ ئالغا ماڭالمايدۇ. ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم چىقىرىدىغان ئورۇن ھەر قاچان پارلامېنت بولغاچقا، ھەرقانداق بىر مەسىلە كۆرۈلسە ھۆكۈمەتتىن مەسئولىيەت سۈرۈشتە قىلىش ئىمكانىيىتى يوق. ھۆكۈمەت ئورگىنى پەقەتلا كۆپ سانلىقنىڭ تەلەپلىرىنى ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر بىر ئورگاندۇر. بۇنداق بىر ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي مەيدانى ھەققىدە توغرا باھا بېرەلىشىمىز ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆپ سانلىقنىڭ پىكىرىگە قوشۇلۇش ياكى كۆپ سانلىق دەپ ئاتالغان بۇ پارلامنتنى ئۆز كۆزقاراشلىرىغا قايىل قىلدۇرۇش ئۈچۈن قانچىلىك ماھارەت كۆرسىتەلەيدىغانلىقىغا قاراپ بىر نېمە دىيەلىشىمىز مۇمكىن. ئەمما بۇنداق شەكىلدە ئىش يۈرگۈزۈشكە مەجبۇر قالغان بىر ئورگان، ماھىيەتتە ھۆكۈمەت مەھكىمىسى بولۇش ئالاھىدىلىكىنى يوقاتقان، ھەر ۋاقىت كۆپ سانلىقتىن يوليورۇق تىلەيدىغان بىچارە ھۆكۈمەت ئورۇندىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇنداق قىلىپ، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ قىلىدىغان ئىشى ھەر دائىم بۇ كۆپ سانلىقنىڭ تەستىقلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈنلا ئايلىنىپ يۈرىدىغان، ياكى بولمىسا ئۆزلىرىنى قوللاپ قۇۋەتلەيدىغان يېڭىدىن ئىككىلەمچى كۆپ سانلىقنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن تىپىرلاپ يۈرىدىغان بولىدۇ. بۇنداق ئىككىلەمچى كۆپ سانلىقنى قولغا كەلتۈرەلىسە، بۇ ھۆكۈمەت يەنە بىر مەزگىل ساقلىنىپ قالالايدۇ. بۇنداق بىر كۆپسانلىقنى پەيدا قىلالمىسا، قىلىدىغان باشقا بىر ئىش قالمىغاچقا، ئۆز لاھىيە-پىكىرلىرىنىڭ ھەر قانچە توغرا بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئاستا ئورۇن بوشىتىپ ئىستىپا بېرىشتىن باشقا چارىسى يوق.
    بۇنىڭ نەتىجىسىدە، دۆلەت مەسىلىلىرىدە مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش دەيدىغان پىرىنسىپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
    بۇنداق بىر ۋەزىيەتتىن كېلىپ چىققان نەتىجە ھەممىگە مەلۇم: بىر-بىرسىگە ئوخشىمايدىغان كەسىپكە ھەمدە ھەر دەرىجىلىك قابىلىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىمۇ گۇمانلىق بولغان بۇ بەش يۈز كىشىدىن تەشكىل تاپقان قۇرۇلتايدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان، ھەتتا كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېچىتىدىغان ئىچكى زىددىيەتلەرگە تولغان بىر كۆپسانلىق پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبى شۇكى، خەلقىمىزنىڭ بۇ تاللانغان ئادەملىرى ئەقىل ۋە مەنتىق جەھەتلەردىنمۇ تاللانغان كىشىلەر ئەمەس ئىكەنلىكى ئىدى. مېنىڭچە، يۈزلىگەن سايلام قەغىزى ئىچىدىن ئەقىللىق بىر دۆلەت كادىرى تۇغۇلىدۇ دەپ ھېچكىم كېسىپ ھۆكۈم قىلالمىسا كېرەك؟ ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق داڭلىق كىشىلەرنى تاللاشقا بولىدۇ دەپ قاراش ئۇچىغا چىققان ئاخماقلىق. بىرىنچىدىن، بىر خەلق ھەقىقى دۆلەت ئادىمىدىن ئەمەلىي پائالىيەتلىرى جەريانىدا نەچچە يۈز نەپەر ئەمەس پەقەت بىر نەپەرنىلا ئوتتۇرغا چىقىرالايدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىچكى تۇيغۇلىرىدا ھەرقانداق بىر داڭلىق كىشىگە قارىتا دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان بىر مىجەزمۇ بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، سايلام يولى بىلەن بىرەر داھى تاللاپ چىقىمەن دېيىش يىڭنىنىڭ تۈشىگىدىن تۈگە ئۆتكۈزۈشكە ئۇرۇنغاندەك بىر ئىش. ئادىمىزات پەيدا بولغىنىدىن بۇيان ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھەرقانداق بىر پەۋقۇلئاددە نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي شەخسى بىر ئادەمنىڭ پىكىرى ۋە ئۇ كىشىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. ئەپسۇسكى، پارلامېنت سىستېمىسىدە، سەۋىيىسىنى ئوتتۇرچە سەۋىيىدىنمۇ تۈۋەن كىشىلەر دەپ قاراشقا بولىدىغان بەش يۈز ئادەم، خەلقنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرى ئۈستىدە قارار چىقىرالايدۇ، ئاندىن بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى سۈپىتىدە يەنە شۇ قۇرۇلتاينىڭ تەستىقىنى ئېلىشقا مەجبور بولىدىغان ھۆكۈمەتلەر قۇرۇلىدۇ. شۇنداق دەپ ئېيتالايمىزكى، دۆلەت سىياسىتى دېمەك، ئەسلىدە ئەنە شۇ بەش يۈز كىشىنىڭ سىياسىتى دېمەكلىكتۇر.
    ئەمەلىيەتتىمۇ دەل شۇنداق بولماقتا!
    ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارلىرىغا بىر نېمە دېمەي تۇرايلى. بىز يالغۇز ئۇلارنىڭ ھەل قىلغان مەسىلىلىرىنىڭ تۈرلىرى، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پايدىلانغان تەدبىرلىرى ۋە ئالغان قارارلىرىنىڭ بىر-بىرسىگە ئارىلاشتۇرۇپ چىگىشلەشتۈرىۋىتىلگەن مەسىلىلىرى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىلا كۈزىتىدىغان بولساق، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ نەقەدەر ئاجىز بىر ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى ئاسانلا كۆرۈپ ئالالايمىز: قارار ئېلىش ھوقۇقى قۇرۇلتاينىڭ يىغىن زالىدا بار بولغان كىشىلەرنىڭ قولىدا بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭمۇ بەك ئاز بىر قىسمى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلە ھەققىدە ئاز-تۇلا خەۋىرى ۋە تەجرىبىسى بولغان كىشىلەر بولىشى مۇمكىن. پارلامېنتتا ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ئەنە شۇ شەكىلدە مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق مۇزاكىرىلەرگە قاتناشقان كىشىلەرنىڭمۇ ئاران ئوندا بىرسى بۇرۇن ئىقتىسادىي سىياسەت بىلەن شوغۇللانغان كىشىلەر بولىدىكەن. بۇ دېگەنلىك، بىرەر مەسىلە ھەققىدە ئەڭ ئاخىرقى قارار بېرىش ھوقۇقىنى ئەسلىدە شۇ مەسىلە ھەققىدە ئازىراقمۇ ساۋادى بولمىغان، قىلچە خەۋىرى يوق كىشىلەرنىڭ قولىغا تاشلاپ قويۇش دېگەنلىك ئىدى.
    دۆلەت مەسىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك قالغان بارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىپ قارار چىقىرىش جەريانىمۇ ئاساسەن يوقۇرقى جەرياندىن قىلچە پەرق قىلمايتتى. مۇزاكىرە قىلىنغاندىن كېيىن بىرەر قارار بېرىشكە تىگىشلىك بولغان مەسىلىلەر خەلق ئاممىسىغا تەۋە مەسىلىلەر بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، پارلامېنت تۈزۈمى ئۆزگەرمىگەنلىكى ئۈچۈن قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئاجىز، ساۋاتسىز كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان بۇ پارلامېنت كۆپسانلىقى ھەر دائىم ئۆز مەنپەئەتلىرىگە مايىل قارار چىقىرىشقا تىرىشىدۇ. ھالبۇكى، ھەر تۈرلۈك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ بىرەر ھەل قىلىش تەدبىرى چىقىرىشقا تىگىشلىك بولغان پارلامېنت ھەيئەتلىرى پات-پات يېڭىلىنىپ تۇرىشى شەرت ئىدى. چۇنكى، خەلقنىڭ سودا مەنپەئەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بىلەن ئاساسلىق سىياسەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ۋەزىپىسىنى يەنە شۇ مەخلۇقلارنىڭ قولىغا تاشلاپ قويۇشقا ھېچقايسى رازى ئەمەس ئىدى. ئەگەر بۇ كىشىلەرنى ئۆزگەرتمەي ساقلاپ قېلىشقا توغرا كەلسە، بۇ كىشىلەر نەچچە ئەسىردە ئاران بىر قېتىم ئوتتۇرغا چىقىدىغان داھىي سۈپەت كىشىلەردىن بولىشى كېرەك ئىدى. ئەمما بۇ كىشىلەر بىرەر پېچكىغىمۇ تەڭ كەلمەيدىغان، تۈزۈك ھەۋىسىنىڭمۇ تايىنى يوق ئەقلسىز، ئابرويپەرەس، چۈشىنىش قابىلىيىتى تۆۋەن، ھەر تۈرلۈك ئەقىدىلەر ئىچىدە باشلىرى قېيىپ كەتكەن نەرسىلەر ئىدى. راس دېگەندەك، بۇ كىشىلەر چوڭ-چوڭ ئالىم سۈپەت كىشىلەرمۇ مېڭىسىنىڭ قېتىغى چىقىپ كەتكىچە باش قاتۇرۇپ ئاران چارە تاپالايدىغان مۇرەككەپ مەسىلىلەرنىمۇ، ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك ئاددىي مەسىلىلەر قاتارىدا مۇزاكىرە قىلىشىپ يەڭگىلتەكلىك بىلەنلا قارار چىقىرىدىغان كىشىلەردىن بولىشىنى پەقەت يوقۇرقىدەك ئاددىي كىشىلەر ئىكەنلىكى ئارقىلىقلا ئىزاھلاش مۇمكىن. شۇنداق بولغاچقا، بۇ كىشىلەرنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مەسىلىلەر بىر ئىرقنىڭ تەغدىرىگە مۇناسىۋاتلىك ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە ئەمەس، خۇددى ئۇلار بۇ يىغىن زالىغا بىرەر مەيدان دامكا ئويۇنى ئويناشقا كەلگەن كىشىلەردەك خەلق، دۆلەت تەغدىرىگە مۇناسىۋەتلىك شۇنچە مۇھىم مەسىلىلەرنى ئويۇن ئوينىغاندەك يەڭگىللىك بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشىدۇ.
    ئەنە شۇنداق بىر پارلامېنتتىن، شۇنچە يەڭگىلتەكلىك بىلەن قارار قوبۇل قىلىشىدىغان بۇنداق بىر قۇرۇلتاينىڭ ھەرقانداق بىر ۋەكىلىدىن بىرەر مەسئولىيەت تەلەپ قىلىمەن دېيىش ھەرگىزمۇ ئەقىلغا سىغىدىغان ئىش ئەمەس.
    ئەپسۇسكى، بۇنداق مۈگىدىشىپ ئولتۇرغان بەزى ۋەكىللەر زادىلا ئەقلى يەتمەيدىغان تېمىلار ئۈستىدە بىرەر قارار بېرىشكە مەجبورلىنىش نەتىجىسىدە بۇ ۋەكىللەرنىڭ قىزغىنلىقىمۇ ئاستا-ئاستا سوۋۇپ جاسارىتىنى يوقۇتۇشقا باشلايدۇ. دېمىسىمۇ ئۇلاردىن بىرەرسى چىقىپ “دوسلىرىم، مېنىڭچە بۇ تېما ھەققىدە ھېچقايسىمىز بىرنېمە بىلمەيدىكەنمىز” دېيىشنى ياكى “مەن بۇ ئىشنى پەقەتلا چۈشىنەلمىدىم” دېيىشكە جاسارەت قىلالمايدۇ. گەرچە بۇنى دىيەلىگىدەك بىرسى چىقسىمۇ بىرەر ئۆزگىرىش پەيدا قىلالىشى ناتايىن. چۇنكى بۇنداق قۇرۇلتايلاردا ئاق نىيەتلىك بىلەن دېيىلگەن بۇخىل گەپلەرنى چۈشىنەلەيدىغان بىرمۇ ئادەم يوق. ھەتتا ئۇنداق راس گەپ قىلىدىغان ناداننى ئىشىمىزنى خاراپ قىلدىڭ دەپ دەرھال ئاغزىنى تۇۋاقلىشىدۇ.
    ئادەمنىڭ مىجەزىنى بىلىدىغان كىشىگە مەلۇمكى، راستچىللىقنى دۆتلۈك دەپ تونۇيدىغان بۇنداق سالاپەتلىك ۋە داڭلىق كىشىلەردىن تەشكىل تاپىدىغان بىر گۇرۇھ كىشىلەر ئارىسىدا، ھېچكىم ئۆزىنىڭ ھەممىدىن دۆت بىرسى ئىكەنلىكىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلمايدۇ.
    شۇنداق قىلىپ، بۇرۇن ئاز-تۇلا راستچىل بولغان بىر پارلامېنت ۋەكىلى ئاستا-ئاستا يالغانچىلىق، ھىلى ئىشلىتىدىغان يولىغا مەجبورى كىرىپ قالىدۇ. يالغۇز بىر كىشىنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم بولغاچقا، ھېچكىممۇ ئاۋاز بەرمەي جىم ئولتۇرىۋېلىش يولىنى تاللىمايدۇ. نەتىجىدە، ھەر بىر ۋەكىل ئۆزىنى ئۇ يەردىكىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ دۆت بىرسى دەپ ئاتىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قالغان ۋەكىللەرنىڭ سەۋىيىسى ئۆزىگە يەتمەيدۇ دەيدىغان ئىشەنچىسى بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئەسلىدىنلا بەك ئاق كۆڭۈللىك قىلىش ھامىنى بىر كۈنى ئۆزىنىڭ بېشىغا بالا بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
    ھەر بىر ۋەكىل ھەرقانداق بىر مەسىلە ئۈستىدە كەسىپ ئەھلى بولۇپ كىتەلمەيدىغانلىقىنى، شۇنداق بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا يول كۆرسىتىپ تۇرىدىغان پارتىيىسىنىڭ يوليورۇقلىرىغا ئەمەل قىلغان ئاساستا ئاۋاز بېرىدىغانلىقىنى، پارتىيىسىنىڭمۇ مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەردىن كومىسسىيىلەرنى تەشكىللەپ ھەر قانداق بىر مەسىلە ھەققىدە ھەممە ۋەكىلنى ماتېريال بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدىغانلىقىنى، شۇڭا قۇرۇلتاي مۇزاكىرىلىرىدە ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا بەك قىيىنچىلىققا دۈچ كەلمەيمىز دەپ قارىشىدۇ.
    بىر قارىماققا، بۇنداق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىنىش نەتىجىسىدە ھەر بىر ۋەكىل ھەر جەھەتتىكى مەسىلىلەر ھەققىدە ئاز-تۇلا بىلىمى باردەك كۆرۈنىشى مۇمكىن. بۇ يەردە يەنە مۇنداق بىر سۇئال قويۇشقا توغرا كېلىدۇ: ئەگەر مەسىلىلەرنى بىلىدىغان بىر قانچە مۇتەخەسسىسنىڭ چۈشەنچە بېرىشى يىتەرلىك بولىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا بۇ يەرگە بەش يۈز كىشىنى يىغىۋېلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟
    ئەسلى مەسىلە مانا مۇشۇ ئىدى.
    بىزنىڭ بۈگۈنكى دېموكراتىك پارلامېنت سىستېمىمىزدا ئەقىللىق كىشىلەردىن تەشكىل تاپىدىغان بىر قۇرۇلتاينى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن سايلام ئۆتكۈزۈشنى ھەرگىز ئويلاشمايدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا ئادەتتىكى كىشىلەردىن تەشكىل تاپىدىغان بىر “سىياسىي گۇرۇپ” تەشكىل قىلىشنى ئەۋزەل كۆرىدۇ. بۇ قۇرۇلتاينى بەلگىلىك بىر يۆلۈنۈش بويىچە يىتەكلەپ مېڭىش ئۈچۈن بۇ قۇرۇلتاينى تەشكىل قىلغۇچى كىشىلەر كاللىسى بەك ئىشلەپ كەتمەيدىغان مەخلۇقلاردىن تەشكىل تاپقان بولىشى شەرت ئىدى. شۇ چاغدىلا پارتىيىنىڭ سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىش ئىمكانى يارىتىلغان بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق پارتىيىنىڭ نوختىسىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغان ئادەم ھېچقانداق مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالماي تۇرۇپلا قىلچە تەمتىرىمەستىن پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ قۇماندانلىق قىلىش ئىمكانىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئاقىۋەتتە، قۇرۇلتايدا ئېلىنغان خەلق مەنپەتىگە ئېغىر زىيان كەلتۈرىدىغان بىرەر قارارنىڭ جاۋاپكارلىقى ھەممىگە تونۇشلۇق نومۇسسىز بىر مەخلۇقنىڭ ئۈستىگە ئارتىلماي، پۈتۈن جاۋاپكارلىق پارتىيىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەپ قويىلىدۇ. قىسقىسى، مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان ھېچكىم تېپىلمايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا مەسئولىيەت مەلۇم بىر كىشى ئۈستىگە ئارتىلىپ قېلىپ، قۇرۇق گەپ قىلىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان قۇرۇلتاي مەسئولىيەتتىن قۇتۇلۇپ قالغان بولىدۇ. قىسقىسى، پارلامېنت تۈزۈمىدىن ھەممىدىن ئاۋال ھەممىنى ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشتىن قورقىدىغان گۇمانخور كىشىلەر بەكلا رازى بولىشىدۇ. مەسئولىيەتچان ئاق نىيەتلىك، ۋەزىپىسىگە سادىق كىشىلەر بولسا بۇنداق بىر تۈزۈمنى ئەسلا خالىمايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، دېموكراتىيىنىڭ بۇ خىل شەكلى يامان غەرەزلىك يەھۇدىي ئىرقىغا بەكلا يارايدىغان بىر تۈزۈم ھېساپلىنىدۇ. يەھۇدىي خاراكتىرىگە ماس كېلىدىغان پەسكەشلىك ۋە ئالدامچىلىق بىلەن تولغان بۇنداق بىر ئورگاندىن پەقەت يەھۇدىيلارلا مەمنۇن بولىشى مۇمكىن.

    分享到: