• ئادلوف گىتلىر:<<مېنىڭ كۈرەشلىرىم>> (7.قىسىم)

    2009-05-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39667805.html

    1848-يىل ئىنقىلابى

    ئۇ ۋاقىتلاردا، پروسىيە بىلەن ھامبۇرگ، بالتىق بويلىرى قاتارلىق بىر قىسىم جايلىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا، ئەينى ۋاقتىدىكى گېرمانىيىگە سېلىشتۇرغاندا زاۋاللىققا يۈز تۇتقان دوناي مۇنارخىيىسىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت كىشىنى قىزىقتۇرىدىغان نۇرغۇنلىغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىدى. ئاۋۇسترىيىدىكى گېرمان ئامىلى بۇ دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىدىلا مۇھىم رول ئويناپ قالغان بولماي، ئۆز ۋاقتىدا يەنە سۇنئىي بىر ئورگان بولغان ھابسبۇرگ ئىمپىرىيىسىنى ئەسىرلەر بويىچە ساقلاپ كەلگەن مەنىۋىي كۈچ بولۇش رولىنىمۇ ئويناپ كەلمەكتە ئىدى. گېرمان ئامىلى بۇ دۆلەتنىڭ ئۇزۇن يىللار بويىچە مەۋجۇت بولىشى ۋە ئۇنىڭ تەغدىرى ئۈچۈنمۇ ئىجابىي رول ئوينايدىغان ئىمپىرىيىنىڭ جەۋھىرىنى شەكىللەندۈرۈش جەھەتتىمۇ مۇھىم ئامىل بولغان ئىدى. ئەگەر تارىختىن بۇيان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھوقۇقى ئاتىدىن ئوغلىغا مىراس بولۇپ داۋاملىشىپ كەلگەن بىر ئەلدە، بۇ خىل ۋارىسلىق تۈزۈمى ئىمپىرىيىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى بىلەن ئۇنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىشى ئۈچۈن ئىزچىل تۈردە ساپ قان بىلەن تەمىنلەيدىغان مەركەزىي يۈرەك بولۇش رولىنى ئويناپ كەلگەن دەپ قارالغىنىدا، ئاۋۇسترىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەختى بولغان ۋىيېنانى بۇ ئىمپىرىيىنىڭ مىڭىسى  دېيىشكە بولاتتى.
    ۋىيېنانىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىنى تاج كەيدۈرۈلگەن گۈزەل بىر مەلىكىنىڭ تەختىگە ئوخشىتىش مۇمكىن ئىدى. بۇ ھەشەمەتلىك كۆرۈنۈشلەر ۋىيېناغا ھەرخىل ئىرقلارنى بىر مەركەز ئاستىدا باشقۇرۇش ئىمكانىنى بەرگەن ئىدى. بۇ شەھەر، ئۆزىنىڭ گۈزەللىكلىرى بىلەن بۇ ئىمپىرىيىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقان قىياپىتىنى يوشۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى.
    ئاۋۇسترىيە ئىمپىرىيىسى تەۋەسىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆزئارا قانلىق جىدەللەر ئىچىگە پېتىپ، ئىمپىرىيىنى كۈنسايىن زەئىپلەشتۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىغا قارىماي، باشقا دۆلەتلەر، بولۇپمۇ گېرمانىيە، ئاۋۇسترىيە ئىمپىرىيىسىنى ۋىيېنانىڭ گۈزەللىكلىرىگە ئوخشاش گۈللەنگەن، بارغانسىرى مۇستەھكەملىنىپ بېرىۋاتقان ھەشەمەتلىك بىر ئىمپىرىيە دەپ تونۇپ كەلمەكتە ئىدى. دېمىسىمۇ ئۇ ۋاقىتلاردا ۋىيېنا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق زور يۈكسىلىش دەۋرىنى − تۆتىنچى قېتىملىق گۈللىنىش دەۋرىنى ياشاۋاتقانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ بۇ ئىمپىرىيىگە ئەنە شۇنداق ھەيران بولىشى نورىمال بىر ئەھۋال ئىدى. يەنى، ئۇ يىللاردا ئىقتىدارلىق يىتەكچى بولغان بىر شەھەر باشلىقىنىڭ رەھبەرلىكىدە زاۋاللىققا يۈز تۇتقان بۇ قېرى دوناي مۇنارخىيىسىنىڭ ئىمپىرىيە پايتەختى كۆزنى قاماشتۇرغىدەك گۈللەپ ياشنىغان يېڭى بىر دەۋرىنى ياشاۋاتقان ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي، گېرمان خەلقى ئىچىدىن چىقىپ شەرقىي گېرمان چېگرالىرىنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇ ئۇلۇغ گېرمان، بۇ ئىمپىرىيە تەۋەسىدە رەسمىي بىر دۆلەت رەھبىرى دەپ قوبۇل قىلىنمايتتى. ھالبۇكى، خەلق ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان ئەنە شۇ دوكتور لۋېگېر، ئىمپىرىيە پايتەختىنىڭ شەھەر باشلىقى بولغىنىدىن كېيىن پۈتۈن ساھەلەر بويىچە ئىنتايىن ئۇتۇغلۇق خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتقان بىرسى ئىدى. دوكتور لۋېگېر ئىقتىسادىي ساھەلەردە، گۈزەل سەنئەت ساھەسىدە ئالاھىدە زور نەتىجىلەرنى يارىتىۋاتقان ئىدى. دوكتور لۋېگېر ئۇ ۋاقىتلاردا شۇنچە كۆپ توسالغۇلارغا دۈچ كەلگىنىگە قارىماي، ئىنتايىن جاپالىق كۈرەشلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرلۇقتا يۈرگەن بارلىق سىياسيونلاردىن ئۈستۈن دۆلەت رەھبىرى ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىيالىغان ئىدى.
    گەرچە بۇ ئىمپىرىيە تەۋەسىدە ئاۋۇسترىيە مىللىتى دەيدىغان بىر ئۇقۇم ئاللىمۇ قاچان بىتچىت بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ شەرقىي گېرمان يۇرتىدا گېرمانلاردىن چىققان بۇ سىياسىي ئەرباپنىڭ ئىناۋىتى يەنىلا ھەممىدىن ئۈستۈن تۇراتتى. شۇنداقتىمۇ بۇ ئىمپىرىيىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشۈپ كەسكىن چارە-تەدبىرلەر لازىم بولغىنىدا، ئون مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە مېغىزلىق رولىنى ئويناپ كېلىۋاتقان گېرمان مىللىتىنىڭ ئىقتىدارىغا ھەرقانچە تايانغان بىلەنمۇ ئەللىك مىليونلۇق بىر دۆلەتنى زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشتىن ساقلاپ قېلىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
    ئاۋۇسترىيىلىك گېرمانلار ھەقىقەتەنمۇ نەزەر دائىرىسى كەڭ، زىرەك ۋە ساپدىل ئىنسانلار ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، گېرمان مىللىتى شۇنچە كالاڭپاي بىر ئىمپىرىيە ئورگىنى ئىچىدىمۇ ئۆزىلىرىنىڭ تىگىشلىك ئورنىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بىر مىللەت ئىدى. ئۇلار بۇ جەرياندا ئۆز ئۈستىگە چۈشكەن مەجبورىيەتلەرنى بىجا كەلتۈرۈشتىنمۇ ھەرگىز قاچمايتتى. ئۇلار ئىمپراتور ئوردىسىنىڭ ئۆزلىرىگە بېرىلگەن شۇنچە تار دائىرلىك ئىمكانىيەتلەرگە قارىماي، ھەر دائىم پۈتكۈل ئاۋۇسترىيە ئىمپىرىيىسىنى كۆزدە تۇتۇپ ھەرىكەت قىلىشاتتى. تەغدىر ئۇلارنى گېرمان ۋەتىنىدىن ئايرىۋەتكەن بولسىمۇ، ئەجداتلىرى تەرىپىدىن ئۇزۇن تارىخىي جەريان ئىچىدە قانلىق كۈرەشلەر ئارقىلىق شەرقىي چېگرا بويلىرىدىن يۇلۇپ ئالغان بۇ تۇپراقلاردا گېرمانلىقىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۆزلىرىنىڭ شەرەپلىك ۋەزىپىسى دەپ تونۇپ، بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھەر بىر گېرمان ھەرقانچە ئېغىر كۈلپەتلەرگە قېلىشىدىن قەتئىي نەزەر پۈتۈن تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە ئىدى. ئەمما ئاۋۇسترىيىلىك گېرمانلار ئۆزلىرىنى ئۇلۇغ گېرمان مىللىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ تونۇپ كەلگەچكە، بىر قىسىم گېرمانلار ئورتاق بىر ئاۋۇسترىيە قۇرۇش دەيدىغان بۇ غايە ئۈچۈن ھېچقاچان ئەستايىدىل خىزمەت قىلىش نىيىتىگە كېلىپ باققانمۇ ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئىلغار، بىلىملىك كىشىلىرى ھېچقاچان بۇنداق ئورتاق بىر دۆلەتنى چىن كۆڭلىدىن خالىغان ئەمەس. ئەمما گېرمانىيىدىكى خېلى كۆپ كىشىلەر بۇنى چۈشەنمەيتتى. بۇ نوقتىنى ھەرگىز ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرك ئىدى.
    شۇنىڭغا قارىماي ئاۋۇسترىيىنى گېرمانسىز تەسەۋۋۇر قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، ئاۋۇسترىيىلىك گېرمانلار پۈتكۈل ئىمپىرىيە تەۋەسىدە بۇ ئىمپىرىيىنىڭ ھەر تۈرلۈك مۇھىم ئىگىلىك ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىلىرىگە ئالغان ئىدى. بۇ دۆلەت تەۋەسىدىكى مۇھىم بولغان بارلىق لايىھەلەر ئاساسەن بۇ گېرمانلار تەرىپىدىن پىلانلىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىق مەسئول كادىرلار، تېخنىك كادىرلار ۋە باشقا بارلىق كادىر خىزمەتچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يەنە شۇ گېرمانلاردىن تەشكىل تاپماقتا ئىدى. ئەمما تاشقى سودا ئاساسەن ئالغاندا يەھۇدىيلارنىڭ قولىدا دېيىشكە بولاتتى. يەھۇدىيلار قول سالالمىغان ئىشلار ئاساسەن ئاۋۇسترىيىلىك گېرمانلار تەرىپىدىن تولۇقلانغان ئىدى. بولۇپمۇ سىياسىي جەھەتتىن ئالغاندا دۆلەت پۈتۈنلەي دېگىدەك ئاۋۇسترىيىلىك گېرمانلارغا تايىنىپ ساقلىنىپ كەلمەكتە ئىدى. بۇ گېرمانلار ئىمپىرىيە تەۋەسىدە ئەسكەر بولۇپ، تۇغۇلغان يۇرتلىرىدىن يىراق ماكانلارغا بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەيتتى. بۇ گېرمان ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسى گېرمان پولكلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەيىتتى. بۇ پولكلار ۋىيېنا ياكى گالىچيە قاتارلىق جايلاردا ۋەزىپە ئۆتەش بىلەنلا قالماي، تا بوسنا-ھەرسەكلەرگىچە بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەيتتى. پولكتىكى ئوفىتسېرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى، شىتاپلاردىكى ئوفىتسېرلارمۇ ئاساسەن گېرمانلاردىن تەشكىل تاپاتتى.
    بۇ دۆلەتتىكى گۈزەل سەنئەتلەر بىلەن ئىلىم-پەن ئىشلىرىمۇ گېرمانلارغا تەۋە ئىشلار ئىدى. ئەمما زامانىۋىي سەنئەت دەپ ئۇيدۇرۇپ چىقىرىلغان ساھەلەردىكى سەنئەتچى-ئارتىسلار ئىچىدە گېرمانلار يوق ئىدى. ئەسلىدە بۇنداق ساختا سەنئەت ئەسەرلىرىنى نېگىرلارمۇ چىقىرالايدىغان ئاددى نەرسىلەر ئىدى. ھەقىقىي سەنئەت ئەسەرلىرىنى يارىتىش ئىلھامى يەنىلا گېرمانلارغا خاس بىر ئىش ئىدى. گېرمان ئامىلى ئاساسىغا قۇرۇلغان ۋىيېنادا، گېرمان ئامىلى، گۈزەل سەنئەت ساھەلىرى بويىچە، يەنى مۇزىكا، بىناكارلىق، ھەيكەلتاراشلىق ۋە رەسساملىق تارماقلىرى بويىچە پۈتمەس-تۈگىمەس كۈچ قۇدرىتىنى نامايەن قىلىپ، ئاۋۇسترو-ۋېنگىر دەپ ئاتالغان دوناي مۇنارخىيىسىنىڭ سەنئەتكە بولغان تەلىۋىنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر مەنبە ئىدى.
    گەپنىڭ قىسقىسى، گېرمان ئامىللىرى سان جەھەتتىن بەكلا ئاز بولغان ھۇنگار (ۋىنگېر − ت) لارنى ھىساپقا ئالمىغاندا بارلىق تاشقى سىياسەتلەرنىڭ ئاساسىي تۈۋرىكى بولۇش رولىنى ئويناپ كەلمەكتە ئىدى. شۇنداق بولىشىغا قارىماي، بۇ قوش ئىرقلىق ئىمپىرىيىنى زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشتىن ساقلاپ قالىمەن دېيىش پۈتۈنلەي ئاخماقانىلىق ئىدى. چۇنكى، ئۇنى ساقلاپ قالالايدىغان ئاساسىي شەرت-شارائىت بۇ ئەلدە زادىلا يوق ئىدى. ئاۋۇسترىيە ئىمپىرىيىسىدە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پەقەت بىرلا چارە بار ئىدى: دۆلەتنى بىر مەركەز بويىچە باشقۇرۇش. بۇنىڭدىن باشقا يوللارنىڭ ھەممىسى بۇ ئىمپىرىيىنىڭ يىمىرىلىشىگە سەۋەپ بولۇپ قالاتتى. ئەگەر ئىچكى جەھەتتىكى ئۇيۇشۇش ئىشلىرىنىڭ نەتىجىسى بولمىسا ئىدى، بۇنىڭ نەتىجىسى ئىمپىرىيىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن نەتىجىلەنگەن بولار ئىدى.
    ئەڭ ئالىي ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغان پادىشانىڭ زىھنى ئوچۇق بولۇپ قالغان ۋاقىتلىرىدا بۇ خىل خەۋىپنى ھېس قىلىپ، بۇ ھەقتە يوقۇرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىدا ئاز-تۇلا تالاش تارتىش قىلىنغان بولسىمۇ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي دۆلەتنى بىر مەركەزلىك تۈزۈم بويىچە ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش ئىشلىرى يەنىلا تاشلاپ قويۇلدى ياكى بۇنداق بىر لايىھىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچى بولماي ئۇنتۇلۇپ كىتەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا دۆلەتنى ئۇششاق پارچىلارغا بۆلۈپ فېدرال تۈزۈم بويىچە باشقۇرۇش تەشەببۇس قىلىنغان بولسىمۇ، ئىمپىرىيىنىڭ مېغىزى بولغان تەبىقە مەسئول قىلىنمىغانلىقى سەۋەبىدىن فىدراتسىيىلىك تۈزۈممۇ نەتىجىسىز قالدى. بۇنىڭغا يەنە ئاۋۇسترىيە تەۋەسىدە بۇ دۆلەتكىلا خاس بولغان، بىسمارك تەرىپىدىن گېرمانىيە رېيچى قۇرۇلغان ۋاقتىدىكى ۋەزىيەتكە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بىر قىسىم ئىچكى ئامىللارمۇ سەۋەپ بولغان ئىدى. گېرمانىيىدە ئاساسەن بىرلا ئىرق، بىرلا مەدەنىيەت ھاكىم ئورۇندا تۇرىۋاتقان بولغاچقا، سىياسىي كۈچلەرنىڭ ئۈستۈلۈكىلا كۇپايە ئىدى. چۇنكى سىياسىي جەھەتتىن ئالغاندا گېرمانىيە رېيچى ئاز بىر قىسىم يات مىللەت ئامىللىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا، ئاساسەن بىرلا مىللەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر پارلامېنت ئىدى. ئەمما ئاۋۇسترىيىدىكى ئەھۋال بۇنىڭغا تۈپتىن ئوخشىمايتتى.
    ئاۋۇسترىيىدە ۋىنگېرىيىنى ھىساپقا قاتمىغاندا، قالغان ئۇششاق مىللەتلەرنىڭ تۈزۈك بىر مەدەنىيەت تارىخىمۇ يوق، بار دىيىلگەندىمۇ تارىخىي جەريان بويىچە تۇتۇقلىشىپ پەرق قىلغىلى بولمىغىدەك ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. ئەمما شۇنداق بولىشىغا قارىماي، مىللىي ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ئەھمىيىتى كۈچەپ تەكىتلەنسە، چەت  جايلاردىكى ئىرقلار قايتىدىن جانلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىۋېلىشى مۇمكىن ئىدى. بۇنداق بىر ئېھتىماللىق مۇنارخىيىنىڭ چېگرا بويلىرىدىكى مىللەتلەر ئارىسىدا مىللىي دۆلەت ئارزۇلىرىنى ئۇلغايىپ، ئۇلارنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىپ كىتىشى ئاسانغا توختايتتى. ئۇ جايلاردىكى ئىرقلار بىر-بىرسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان ياكى يېقىن قانداشلىقى بار ئېرىقلاردىن بولغاچقا، ئۇلار ئاۋۇسترىيە تەۋەسىدە گېرمانلىققا قارىغاندا ئۆز ئىرقىغا بەكىرەك چوقۇنىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە ۋىيېنامۇ ئۇزۇنغىچە تاقابىل تۇرالمايتتى.
    بۇداپېشت تەرەققىي قىلىپ گۈزەل بىر شەھەر ھالىتىگە كەلگىنىدىن كېيىن، ۋىيېنا تۇنجى قېتىم بىر رەقىپكە دۈچ كەلمەكتە ئىدى. بۇ رەقىپ، مۇنارخىيىنىڭ ئاۋۇسترو-ۋېنگىر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئورنىغا ۋېنگىرىيىنىڭ تەرەققىياتىغا بەكىرەك ئەھمىيەت بېرەتتى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي پراگامۇ بوداپېشتنى دوراپ ئۆز ئالدىغا تەرەققى قىلىش يولىنى تۇتۇشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن لەمبېرگ، لەيباچ قاتارلىق شەھەرلەرمۇ ئىز بېسىپ كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ كونا ۋىلايەت شەھەرلىرى ھەر قايسى مىللەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان رايونلارنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ يەرلەر شۇ مىللەتنىڭ سىياسىي مەركەز تۈسىگىمۇ كىرىشكە باشلىدى. نەتىجىدە ئىرقلارنى ئاساس قىلىدىغان مىللىي ھېسىياتلار ھەر تەرەپتىن يۈكسىلىشكە باشلاپ، ھەر قايسى ئىرقلار ئۆز ئالدىغا مىللىي ئىدىيىلىرىنى شەكىللەندۈرش يولىدا ئىلگىرلىمەكتە ئىدى.
    شۇنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەسكى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەر تۈرلۈك ئىرقلارنىڭ تەرەققىي قىلىش تەلەپلىرى بۇ دۆلەتنىڭ رەسمىي يۇسۇندا ئوتتۇرغا قويغان مىللىي ئىتتىپاقلىق ئاساسىدا ئورتاق تەرەققىي قىلىش تەلىۋىنى رەت قىلالىغىدەك كۈچ-قۇۋەتكە ئېرىشەلىشى چوقۇم. ئەنە شۇ كۈنلەر كەلگەندە ئاۋۇسترىيىنىڭ كۈنىمۇ تۈگىگەن بولىدۇ.
    ۋەزىيەتنىڭ بۇ تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىشى جوسېف-2 نىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن (1790) ئاشكارە ئوتتۇرغا چىقىپ كۈچىيىشكە باشلىغان ئىدى. بۇنداق بىر ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە ئىمپىرىيە سارىيىنىڭ ئۆزىمۇ سەۋەپچى بولۇپ بەرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئىمپىرىيىنىڭ تاشقى جەھەتتىكى سىياسىي ئورنىمۇ تەڭ سەۋەپچى بولغان دېيىش مۇمكىن.
    ئەسلىدە بۇ دۆلەتنى ساقلاپ قالىمەن دېيىش ئۈچۈن مەخسۇس ھەرىكەت پىلانى تۈزۈپ، سەۋرىچانلىق بىلەن مەركەزدىن باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە پۈتۈن ئىمپىرىيە تەۋەسىدە بىرلا تىلنى كۈچكە ئىگە قىلىشى، ئۇ كۈنلەر كەلگىچە قەغەز يۈزىدە قالغان مىللىي ئىتتىپاقلىق پىلانى ئۈچۈن تەشۋىقاتنى كۈچەيتكەن بولىشى ۋە بۇ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشنىڭ بارلىق ئامىللىرىنى ھۆكۈمەت قولىغا تۇتقۇزغان بولىشى لازىم ئىدى.
    ئورتاق مىللىي ھېسىيات تىكلەش ئىشى مەكتەپ تەربىيىسى بىلەن تەشۋىقات ۋاستىلىرىغا تايىنىپ ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر دەۋىر ئىچىدىلا قولغا كەلتۈرۈشكە بولىدىغان بىر ئىش بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئون-يىگىرمە يىل ھەرگىز يەتمەيدۇ. ھەتتا بۇ ئىش ئۈچۈن نەچچە ئەسىرلىك پىلان تۈزۈپ ئىزچىل ھەرىكەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ھەممە بىر خىل مىللىي ھىسىيات بىلەن ياشايدىغان، بىرلا خىل تىل بىلەن سۆزلىشىدىغان ۋەزىيەتنى پەيدا قىلىش ئىشى خۇددى بىرەر مۇستەملىكىنى تولۇق بويسۇندۇرۇش جەريانىغا ئوخشاش سەۋرچانلىق تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىشتۇر. بۇنداق بىر ۋەزىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشتە زورلۇق كۈچكە قارىغاندا سەۋىرچانلىق بىلەن ماھارەتنىڭ رولى بەكلا مۇھىم. بۇ جەرياندا مەمورىي باشقۇرۇش ئىشلىرىدا مۇتلەق ئىتتىپاقلىق شەرت دەپ چىڭ تۇرىۋېلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق.
    يوقۇرقىدەك ئىشلاردىن بىرەرسىنىمۇ بۈگۈنگىچە ئەمەلگە ئاشۇرالماي كەلگەنلىكىنى، ئېنىقىراق ئېيتقاندا بۇ تۈردىكى ئىشلار نىمە ئۈچۈن پىلانغا كىرگۈزۈلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى تەتقىق قىلىپ چىقىش ئىشى، مېنىڭ بۇ جەھەتتىكى سىرلارنى يىشىشىمنى بەكلا ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن ئىدى. ئەسلىدە بۇ تۈردىكى ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىلمەي كەلگەنلىكنىڭ ئۆزىلا بۇ ئىمپىرىيىنىڭ يىمىرلىشىنى تېزلىتىپ بەرگەن بىردىن بىر سەۋەپ بولۇپ قالغان ئىكەن.
    شۇنىڭغا قارىماي زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ئاۋۇسترىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىغانلىقى قالغان قۇدرەتلىك ئەللەرنىڭ ھەرقاندىقىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئەھۋال بولۇپ، ھاكىمىيەت تەركىۋىدىكى گېرمان ئامىلى بۇ ئىمپىرىيىنى ياشىتىپ كېلىۋاتقان بىردىن بىر ئامىل ئىدى. ئاۋۇسترىيىدە مىللىي دۆلەت ئاساسىي يوق ئىدى. بۇنداق بىر دۆلەتتە ھاكىمىيەت ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرى ئەگەر بىر ھۆكۈمەت قولىدا مەركەزلەشمىگىنىدە، مەلۇم بىر ئىرق ئۈستۈنلىكى ئاساسىي ئورۇنغا ئۆتۈپ قېلىپ، بۇ ئىرق دۆلەتنىڭ ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىردىن-بىر كۈچكە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بىر ئىرق دۆلىتى، بەزى ۋاقىتلاردا خەلقىنىڭ ھۇرۇنلىقىغا، بۇ ھۇرۇنلۇقتىن كەلگەن ھەممىگە چىداش خاراكتىرىگە تايىنىپ ناچار تۈزۈملەرنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت ھۆكۈم سۈرۈشىگىمۇ ھەيران قالارلىق دەرىجىدە چىداشلىق بېرىپ كىتەلىشى مۇمكىن. بۇ خۇددى بىر ھايۋاننىڭ قىشلىق ئۇيقىسىغا كىرگىنىدەكلا بىر ئىش.
    ئەمما ھەرخىل ئىرىقلاردىن تەشكىللەنگەن، قانداشلىق ئاساس قىلىنمىغان بىر ئەلدە، ھاكىمىيەتنى بىرەر مۇستەبىت كۈچ چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان ھەر خىل ئىرقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئىمپىرىيىلەردە ھەممە خەلق بىراقلا قىشلىق ئۇيقىغا پېتىپ قالغاندەك جىمىپ كەتكەن بولماستىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەر ئىرق چوقۇم ئۇزۇن مەزگىل ئىچكى قابىلىيىتىنى ساقلاپ يېتىپ بىر كۈنلىرى پارتىلاپ چىقىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىشى مۇمكىن. بۇنداق بىر خەۋپ ئەسىرلەر بويى داۋام قىلدۇرۇلغان تەربىيە ۋە ئادەتلەر ۋاستىسى ئارقىلىقلا ئاجىزلاشتۇرىلىشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاچقا بۇنداق دۆلەتلەر قانچىكى يېڭى بولىدىكەن، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي تۈزۈمىگە باغلىنىشىمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ.
    بىز نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ ئۇ دۆلەتنى قۇرغان ياكى ئۇ دۆلەت ئۈچۈن بەكلا قىممەتلىك بولغان ئادىمىنىڭ ئۆلىشى بىلەنلا دۆلەتمۇ يىمىرىلىپ كىتىدىغانلىقىنى كۆپ ئۇچۇرىتىمىز. ئەمما بۇنداق ئەھۋال ئەسىرلەر بۇيى ئۇنچە بەك كۆپ كۆرۈلمەيدۇ دەپ بۇنداق بىر خەۋپكە ھەرگىزمۇ سەل قارىيالمايمىز. چۇنكى بىر دۆلەت ئاجىزلاشقان پەيتلىرىدە ئۇنىڭدىكى يوقۇلۇپ كەتكەندەك كۆرۈنگەن دۈشمەن كۈچلەر قايتىدىن جانلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن.
    خابسبوۋرگ خاندانلىقى ئەنە شۇنداق بىر ئەقەللى خەۋىپتىن خەۋىرى بولمىغاچقا يىمىرىلىشتىن ساقلىنالمىدى. تەغدىر بۇ خاندانلىقنىڭ خەلقى ئارىسىدىكى پەقەت بىرلا پۇخراسىغا ۋەتىنىنىڭ كەلگۈسى تەغدىرىنى تۇتقۇزغان ئىدى. ئەمما بۇ مەشئەل ھېچ بىر ئىشنى باشقا چىقىرالماي مەڭگۈلۈك ئۆچۈپ قالدى.
    گېرمان مىللىتىنىڭ ئىمپىراتورى بولغان جوسېف ئىككىنچى ئاتا بوۋىلىرى پەيدا قىلغان خاتالىقلىرىنى دەرھال تۈزەتمىسە، بۇ ئىمپىرىيىنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىرق جىدەللىرى ئىچىدە ۋەيران بولۇپ كېتىشىنى قاتتىق ئەنسىرەش، ئازاپلىنىش ئىچىدە تۇيۇپ قالغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ، خەلقسۈيەر جوسېف ئىككىنچى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنى تۈزىتىش ئۈچۈن كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ نەچچە ئەسىرلىك سەل قاراپ كەلگەن ئىشلىرىنى ئون يىل ئىچىدىلا تۈزىتىشكە ئۇرۇندى. ئەگەر جوسېف ئىككىنچى يەنە قىرىق يىل ياشىيالىغان بولسا، ھەمدە ئۇنىڭ يەنە ئىككى ئەۋلادىمۇ ئەنە شۇنداق تىرىشقان بولسا بەلكىم بۇنداق بىر مۇجىزىنى يارىتالىغان بولار ئىدى. ئەمما ئون يىللىق تىرىشچانلىق نەتىجىسىدىلا ھارغىنلىق يەتكەن بۇ پادىشا ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان غايىلىرى بىلەن بىرگە گۆرىگە كىرىپ ياتتى.
    ئۇنىڭدىن كېيىن تەختتە ئولتۇرغانلار جوسېف ئىككىنچىنىڭ قولىغا سۇمۇ قۇيۇپ بىرەلمەيدىغان ئىقتىدارسىز خانلار ئىدى.
    1848-يىلقى ئىنقىلاۋىي ھەرىكەتلەر بىلەن تولغان ياۋرۇپانىڭ يېڭى دەۋرى باشلانغان ۋاقىتلاردا، بۇ ئىنقىلاپنىڭ ئۇچقۇنلىرى ئاۋۇسترىيە تەۋەسىدىمۇ ئاستا-ئاستا يالقۇنجاشقا باشلىغان ئىدى. ئاخىرىدا بۇ ئۇچقۇن يالقۇنغا ئايلىنىپ ئىجتىمائىي، سىياسىي ياكى سىنىپىي زىدىيەتلەردىنمۇ كۈچلۈك بولغان ئىرق توقۇنۇشلىرىدىن پەيدا بولغان ئاپەتلىك ئوت يالقۇنىنى پەيدا قىلدى.
    1848-يىلقى ئىنقىلاپ ياۋرۇپانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا سىنىپى كۈرەش ھەرىكىتىنى پەيدا قىلغان بولسا، بۇ دولقۇن ئاۋۇسترىيىگە كەلگىنىدە يېڭى بىر ئىرقلار ئوتتۇرسىدىكى كۈرەشكە ئايلانغان ئىدى. گېرمان خەلقى بۇ ئىنقىلاپنىڭ نىمە مەقسەتتە قوزغالغانلىقىنى ئەسلىرىدىن چىقىرىشىپ ياكى ئۇنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئۆز مەقسىتى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئاتلىنىۋاتقىنىدا، ئۆزلىرىنىڭ مەھكۈملىكىنىمۇ تەييارلىماقتا ئىدى.
    دەسلەپكى كۈنلىرىدىن تارتىپلا ئورتاق بىر تىلدىن پايدىلىنىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرغا قويماي تۇرۇپ تەشكىل قىلىنغان پارلامېنت، مۇنارخىيە تۈزۈمى ئىچىدە گېرمان ئۈستۈنلىكىگە تۇنجى زەربىنى بەرگەن ئىدى. ئەمما بۇ زەربە بىلەن بىرگە دۆلەتمۇ ۋەيران بولۇشقا باشلىغان ئىدى. ئەنە شۇنداق يۈز بەرگەن بىر ھادىسە بۇ ئىمپىرىيىنىڭ يىمىرىلىش دەۋرىنىڭ باشلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. بۇ يىمىرىلىش جەريانىنى كۈزىتىش مەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر ئۆگۈنۈش پۇرسىتى بولۇش بىلەنلا قالماستىن، مېنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇرغان بىر ئىش بولۇپ قالغان ئىدى. … نەتىجىدە تارىخ تۈرلۈك-تۈمەن ئىشلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئاۋۇستىرىيىلىكلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەنە شۇنداق يىمىرىلىش يولىدا ھېچ نىمىدىن خەۋىرى يوق قارغۇلارچە ئىلگىرلىمەكتە ئىدى. بۇ گويا ئاۋۇسترىيىنى يوقۇتۇشنىڭ ئىلاھىي ئارزۇسىنى ئىسپاتلاپ بەرگەندەكلا بىر ئىش ئىدى.
    بۇ ھەقتە تەپسىلى بايان قىلىش ئىشى بۇ كىتاپنىڭ مەقسىدى بولمىغاچقا بۇ ھەقتە كۆپ توختالمايمەن. مەن پەقەت ئىرقلار بىلەن دۆلەتنىڭ يوقۇلۇشىغا سەۋەپچى بولغان، ھازىرغىچە كۈچكە ئىگە بولۇپ كېلىۋاتقان ۋەقەلىكلەرنىڭ سىياسىي كۆز قاراشلىرىمنىڭ شەكىللىنىشىدە تۈرتكە بولۇپ بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈنلا بۇ ھەقتە تەھلىل قىلىشقا مەجبۇر بولماقتىمەن.
    ئاۋۇسترىيە مۇنارخىيىسى

    ئاۋۇسترىيە مۇنارخىيىسىنىڭ يىمىرلىشىنى تىزلەتكەن ئامىللار ئىچىدە ئىمپىرىيە پارلامېنتى، يەنى ئاۋۇسترىيىلىكلەرنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا رېيچسرات دەيدىغان ئورگان ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى. بۇنى نەزەر دائىرىسى ئىنتايىن تار بولغان بۇرجۇئازىيىمۇ تونۇپ يەتكەن ئىدى. بۇ ئورگان بىر قارىماققا كلاسسىك دېموكراتىيىنىڭ ۋەتىنى بولغان ئەنگىلىيىدىن ئۈلگە ئېلىنىپ قۇرۇلغاندەك كۆرۈنەتتى. بۇ مۇئەسسە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزگەرتىلمەي ئەنگىلىيىدىن ۋىيېناغا ئۆزپىتى كۆچۈرۈپ كېلىنگەن بىر ئورگان ئىدى.
    قوش قۇرۇلتايلىق ئەنگىلىيە ھاكىمىيەت سىستېمىسى تۆۋەن پالاتا (ئاۋام قۇرۇلتىيى ــ ت) ۋە يوقۇرى پالاتا (ئاقسۈڭەكلەر قۇرۇلتىيى ــ ت) دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ پائالىيەت قىلاتتى. بۇ ئىككى قۇرۇلتاي بىر-بىرسىدىن پارلامېنت بىنالىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەنلا پەرقلىنىپ تۇراتتى. بىر يىللىرى باررىي دىگەن ئېنجىنېر، تايمىس دەرياسىنىڭ شاۋقۇنلىرى ئىچىدىن كۆتۈرۈلگەن پارلامېنت بىناسىنى قۇرۇشقا كىرىشكەن ۋاقتىدا برىتانىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ تارىخىي مەنبەلىرىدىن پايدىلانغان ئىدى. 1200 بۆلۈملۈك شامدان، ۋاسا ۋە تۈرۈكلەر بىلەن بىزەلگەن، ھەيكەللەر ۋە ماي بوياق رەسىملەر ئارقىلىق زىننەتلىنىپ چىقىلغان ئاق سۈڭەكلەر قۇرۇلتاي سارىيى بىلەن ئاۋام قۇرۇلتاي سارىيى ئېنگىلىزلارنىڭ غۇرۇرلىنىپ تەلپۈنىدىغان ئورنىغا ئايلانغان ئىدى.
    ۋىيېنادىكى پارلامېنت سارىيىنى سېلىش جەريانىدا تۇنجى كۆرۈلگەن مەسىلە بىزەشكە كەلگەندە كۆرۈلىدۇ. دانىيىلىك خانسېن خەلققە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ ساراينىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە مەرمەر پارچىسىنى قويۇپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن بۇ ساراينى بىزەش ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا تارىخىي مەنبەلەردىن ئۈلگە ئېلىشنى ئويلايدۇ. ‘غەرپ دېموكراتىيىسى’ نىڭ تىياتىرخانىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ ھەشەمەتلىك بىناسى يونان ۋە رىم دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن پەيلاسوپلىرىنىڭ ھەيكەللىرى بىلەن بىزىلىدۇ. مازاق قىلىنغاندەك بىر يېرى، بۇ بىنانىڭ ئۈستىنى بىزىگەن ‘غالىبىيەت ھارۇۋىسى’ نى تارتقان ئاتلار تۆت تەرەپكە قاراپ چاپچىپ تۇرغان بولۇپ، بۇ مەنزىرە بىنانىڭ ئىچىدە يۈز بېرىدىغان ھەممە ھەر تەرەپكە سۆرەيدىغان بۆلۈنۈش ۋەزىيىتىنى بىنانىڭ سىرتىدا ئاشكارە تەسۋىرلەپ بەرمەكتە ئىدى.
    ئاۋۇسترىيە ھەر مىللەت خەلقى، كەمسىتىش خاراكتىرىنى ئالغان بۇنداق بىر تەسۋىرنى بىزگە ھاقارەت قىلغانلىق دەپ ھىساپلاپ بۇ ساراي بىناسىدا ئاۋۇسترىيە تارىخىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىنغان دەپ نارازىلىق بىلدۈرىشى پۈتۈنلەي مۇمكىن ئىدى. ئەمما بۇ ئىمپىرىيە پارلامېنت بىناسى، گېرمانىيە رېيچتا “نېمىس خەلقىگە سوغات” دېگەن خەتلەر ئويۇلۇپ پاۋل ۋاللوتنىڭ تاپشۇرغىنىدەك ۋىيېنادىمۇ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ گۈلدۈرمامىلىرى ئىچىدە ئاۋۇستىرىيىلىكلەرگە سوۋغا قىلىنغان ئىدى.
    تېخى يىگىرمە ياشقىمۇ كىرمىگەن بىر ۋاقىتلىرىمدا، بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي يىغىنىنى ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈن فرانزېنسرىڭ سارىيىغا بىرىنچى قېتىم كىرگەن ۋاقتىمدا بەدىنىمنى توك سوقىۋەتكەندەك ھىسىياتلارغا كىرىپ قالغان ئىدىم.
    ئەسلىدە مەن قۇرۇلتاي (پارلامېنت) غا ھەقىقەتەنمۇ ئۆچ ئىدىم. شۇنداقتىمۇ مېنىڭدىكى بۇ ئۆچلۈك ھەرگىزمۇ بۇ ئورگانغا بولغان ئۆچلىكىمدىن كەلگەن ئەمەس، ھەتتا مەن لىبېرالىستىك كۆز قاراشلىرىم تۈپەيلىدىن پارلامېنت تۈزۈمىدىن باشقىچە بىرەر ھاكىمىيەت شەكلىنىمۇ ئەقلىمگە كەلتۈرەلمەي تۈرەتتىم. ئۇ كۈنلەردە ھەرقانداق بىر دىكتاتورلۇق كۆز قارىشى ھابسبۇرگ سارىيىغا بولغان ئۆچمەنلىك قارىشىمغا سېلىشتۇرۇلغاندا گويا ئەركىنلىك، ئەقىل، مەنتىققا قارشى ئېغىر خىيانەتكارلىقتەكلا بىلىنەتتى. مېنىڭدە بۇنداق قاراشنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشىغا ئەنگىلىيە پارلامېنتىغا بولغان ھەيرانلىقىم سەۋەپ بولغان بولىشى مۇمكىن. مېنىڭدىكى بۇ خىل پارلامىنت سۆيگۈسى، ياش ۋاقىتلىرىمدا ئوقۇغان گېزىتلاردىن ئالغان تەسىراتلىرىمدىن بارلىققا كەلگەن بولىشىمۇ مۇمكىن. ئاۋام كامىرىسىنىڭ ئەنگىلىيىدە ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئورۇنداپ كېلىۋاتقانلىقىنى گېرمان گېزىتلىرى ئالاھىدە كۆككە كۆتۈرۈپ ماختاپ تونۇشتۇرۇشلىرى مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن ئىدى. ئۇ كۈنلەردە بىر خەلقنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرغىنىدىن ئارتۇق يەنە قانداق بىر ھاكىمىيەت تۈزۈمىنى تەسەۋۋۇر قىلالىشىم مۇمكىن؟ ئاۋۇسترىيە قۇرۇلتىيىغا ئۆچ بولۇپ قېلىشىمغا ئۇنىڭ خەلقنى كۆزدە تۇتماي ھەردائىم خاتالىق سادىر قىلىپ تۇرۇشلىرى، ناتوغرا قارار چىقىرىشلىرى سەۋەپ بولغان بولۇپ، بۇنداق خاتالىقلار شەرەپلىك بىر ئورگاننىڭ ئىناۋىتىگە قىلىنغان ھاقارەت دەپ قارايتتىم. بۇ جەرياندا ئۇلارغا ئۆچ بولۇپ قېلىشىمغا باھانە بولۇپ بېرىدىغان مۇنداق بىر ئەھۋالغىمۇ دۈچ كەلگەن ئىدىم:
    ئاۋۇسترىيە دۆلىتى تەۋەسىدىكى گېرمان ئامىللىرىنىڭ تەغدىرى رېيچسراتنىڭ ئالىدىغان قارارلىرىغىلا باغلىق ئىدى. مەخپى ئاۋاز بېرىش ياكى ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈش لايىھىسى ماقۇللانماستىن بۇرۇن پارلامېنتتا سانى ئاز بولسىمۇ خېلى كۈچلۈك گېرمان ۋەكىللىرىنىڭ تەسىرى مەۋجۇت ئىدى. ئەسلىدىنلا گېرمان ۋەكىلىنىڭ بۇنچە ئاز بولىشىمۇ كىشىنى ئويغا سالماي قويمايتتى. چۇنكى مىللەت نوقتىسىدىن ئالغاندا سوتسيال دېموكرات پارتىيىسى گېرمان مەنپەئەتى ئۈستىدە قارار ئېلىشقا توغرا كەلگىنىدە ھەر دائىم رەقىپلەرگە يان بېسىپ ئاۋاز بېرىشكە مايىللىقى كىشىنى ئويلاندۇرماي قويمايتتى. سوتسيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ بۇنداق قىلىشى گېرمانلاردىن باشقا ئۇنسۇرلاردىن ئايرىلىپ قېلىشتىن بەكلا ئەنسىرەيدىغانلىقىدىن كەلمەكتە ئىدى. دىمەك، شۇ ۋاقىتلاردىن تارتىپلا سوتسيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى بىرەر گېرمان پارتىيىسى دەپ قارىغىلى بولمايتتى. ئومۇمىي سايلام ئۇسۇلى قوبۇل قىلىنغىنىدىن كېيىن گېرمانلارنىڭ سان جەھەتتىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلىشىمۇ ئەمەلدىن قالغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ، گېرمانلىقنى تازىلاش پۇرسىتى يارىتىلغان ئىدى.
    شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، مېنىڭدىكى مىللەتچى (ناسيۇنالىست)، مۇتەئەسسىپ تۇيغۇلىرىم گېرمانلىققا تەۋە بولغان ھەر قانداق نەرسىنى ھىمايە قىلىشقا قاراپ ئۆزگىرەپ، گېرمان ئامىللىرىنى قوغداش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغان بۇنداق بىر قۇرۇلتاينى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلالمايدىغان بولۇپ يېتىلمەكتە ئىدىم.
    ئەمما بۇ يەردىكى مەسىلە ئاۋاز ئۈستۈنلىكىدىكى گەپ ئەمەس بەلكى ئاۋۇسترىيە دۆلىتىنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلە ئىدى. قېرىپ كەتكەن بۇ دۆلەت مەۋجۇد بولۇپ تۇرالىشىغا كۈچى يەتمىگەنسىرى، گېرمان مىللىتىمۇ بۇ قۇرۇلتايدا بىرىنچى دەرىجىلىك بىر ئورۇنغا ئېرىشەلىشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مەن ھۆرمەت قىلىشقا تىگىشلىك، ئەمما ئىناۋىتىنى ئاللىمۇقاچان يوقۇتۇپ بولغان بىر سارايغا ئەنە شۇنداق بىر روھىي ھالەت ئىچىدە كىرىپ كەلگەن ئىدىم. شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتىمەنكى، مەن بۇ يەرگە كىرىۋاتقان ۋاقتىمدا بىنانىڭ دەب-دەبىلىك كۆرۈنىشى ئالدىدا بىر تۈرلۈك ھۆرمەت ھىسىياتىم بىلەن كىرىپ كەلگەن ئىدىم. بۇ بىنا ــ گېرمان تۇپراقلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر يونان مۇجىزىسى ئىدى.
    ئەمما قۇرۇلتاي زالىدا بولىۋاتقان ئىشلارنى كۆرگىنىمدىن كېيىن، ئۇ يەردىن قاتتىق يىرگىنىشكە باشلىدىم. قۇرۇلتاي يىغىن زالىدا ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىقتىسادىي مەسىلە ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن نەچچە يۈز خەلق ۋەكىلى بىر يەرگە يىغىلغانىكەن. سەھنىگە چىقىپ سۆز ئالغانلارنىڭ دەۋاتقان گەپلىرى بەكلا سەۋىيىسىز ئاددى گەپلەر ئىدى. بەزى ۋەكىللەر گېرمانچە سۆزلىمەي ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلى بولغان ئىسلاۋيانچە تىلدا، يەنە بەزىلىرى يەرلىك شىۋىلەردە سۆزگە چىققان ئىدى. شۇ كۈنلەرگىچە گېزىتلار ۋاستىسى بىلەن خەۋەردار بولۇپ تۇرغان ئىشلارنى بۇ يەردە بىۋاستە ئاڭلىماقتا ئىدىم. قالايماقان چېچىلىپ كەتكەن بۇ كىشىلەر ھەرخىل تىللار بىلەن ھەممە تەرەپتىن ۋارقىرىشىپ بىر-بىرسىنىڭ سۆزىنى كېسىپ ۋارقىرىشاتتى. بۇ جەرياندا ياشانغان بىرسى توختىماي قوڭغۇرىقىنى پولاڭشىتىپ خەلق ۋەكىللىرىگە جىم بولۇشلىرىنى تەلەپ قىلىپ، مەجلىس تەرتىۋىنى ساقلاشقا تىرىشماقتا ئىدى.
    بۇ مەنزىرىگە قاراپ ئولتۇرۇپ ئۆزەمنى كۈلكىدىن زادىلا تۇتالماي قالغان ئىدىم.
    ئارىدىن بىر نەچچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن يەنە قايتا بۇ قۇرۇلتاي زالىغا كىرگىنىمدە، ئاۋالقىسىغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان باشقا بىر مەنزىرىگە دۈچ كەلگەن ئىدىم. قۇرۇلتاينىڭ يىغىن زالى قۇپ-قۇرۇق بولۇپ، بىر قىسىم خەلق ۋەكىللىرى ئۇيقىغا غەرق بولۇشقان، يەنە بەزىلىرى بىر-بىرسىگە مەنىسىزچە قارىشىپ ئولتۇرۇشقان ئىدى. ئارىدىن بىرسى سەھنىگە چىقىۋېلىپ بىر نىمىلەرنى دەپ سۆزلىمەكتە ئىدى. رەئىس ۋەكىلى بولغان بىرسى خۇددى بۇ زالدا يىغىن باشقۇرىۋاتقاندەك قىياپەتتە ئولتۇرغان بولسىمۇ، ئالدىدىكى بۇ مەنزىرە بەكلا زىرىكىشلىك ئىدى.
    شۇندىن باشلاپ ۋاقتىم بولسىلا قۇرۇلتاي زالىغا بېرىپ تۇرىدىغان بولدۇم. قۇرۇلتاي سارىيىغا ھەر بېرىشىمدا يىغىن زالىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىپ، چۈشىنەلىگەن نۇتۇقلارنى ئاڭلىغاچ، بۇ دۆلەتنىڭ پۇخرالىرى سايلىغان بىچارە خەلق ۋەكىللىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىپ، ئۆزەمچە خېلى ئەقلى بار نىمىكەن دەپ قارىغان بىرەر ئىككى كىشىنى دىققەت بىلەن كۈزىتىشكە باشلايتتىم. ئەنە شۇ شەكىلدە بۇ ئورگان ھەققىدە ئېنىق بىر كۆز قاراشقا كەلمەكتە ئىدىم. بىرەر يىل داۋاملاشقان بۇ تېنچ كۈزىتىشىم نەتىجىسىدە، قۇرۇلتاي دىگەن بۇ مۇئەسسە توغرىسىدىكى بۇرۇنقى باھالىرىمنىڭ بىر قىسمىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشكە، يەنە بىر قىسىم باھالىرىمدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە باشلىدىم.
    ئەندى مەن ئاۋۇسترىيە قۇرۇلتىينىڭ پەسكەش ۋە كۈلكىلىك ھالىغا ئەمەس، بەلكى بۇ قۇرۇلتاي دېگەن ئورگاننىڭ ئۆزىگە قارشى تۇرىدىغان بىرسىگە ئايلانماقتا ئىدىم. شۇ ۋاقىتقا كەلگىچە بارلىق پاسكىنا ئىشلار بىلەن خاتالىقلارنىڭ ئاۋۇسترىيە قۇرۇلتايدا گېرمان كۆپ سانلىقىنىڭ مەۋجۇت بولماسلىقىدىن مەيدانغا كەلمەكتە دەپ تونۇپ كەلگەن ئىكەنمەن. ئەندىلىكتە بولسا بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ بۇ ئورگاننىڭ ئىش پىرىنسىپى بىلەن ئۇنىڭ ماھىيىتىدىن ئىزدىنىش لازىملىقىنى ھىس قىلماقتا ئىدىم.
    شۇندىن ئىتىۋارەن دېموكراتىيىنىڭ، پۈتكۈل بۇ تۈزۈمنىڭ ھۇلى بولغان ‹كۆپ سانلىق قارار چىقىرىش› پىرىنسىپى دىگەننىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكى ھەققىدە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بىر قاراشقا كەلمەكتە ئىدىم. خەلق ۋەكىلى سۈپىتى بىلەن قۇرۇلتايدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆز قاراشلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن ئىدىم. نەتىجىدە خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دىگەن بۇ مۇئەسسەنىڭ قانداق بىر ئورگان ئىكەنلىكى، بۇ مۇئەسسە قانداق كىشىلەردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىشقا باشلىدىم. بىر قانچە يىل ئىچىدە كېيىنكى ۋاقىتلارنىڭ ئەڭ داڭلىق ھاكىمىيەت شەكلى بولغان پارلامېنت تۈزۈمىنى بارلىق ئۈگىلىرى بويىچە تولۇق تونۇپ يەتكەن ئىدىم. شۇ چاغلاردا تەسەۋۋۇر قىلغان پارلامېنت شەكلى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرۇم تا بۈگۈنگىچىمۇ ئۆزگەرمەي ئۆز پىتى ساقلىنىپ كەلمەكتە. شۇنداق قىلىپ، ئەمەلىي تۇرمۇش تەجرىبەم مېنى بەزى كىشىلەر ئۈچۈن ئاز-تۇلا جەلىپ قىلارلىق بولۇپ تۇيۇلغىنى بىلەن، ئەسلىدە ئىنسانىيەتنىڭ يىمىرىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بىر ئىجتىمائىي نەزەرىيەنىڭ مېنى نىشانىمدىن ئازدۇرۇپ كېتىشىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىدىم.
    بۇگۈنكى كۈندىكى غەربىي ياۋرۇپادا، دېموكراتىيە دېگەننى ماركىسىزمنىڭ خەۋەرچىسى دېيىشكىلا بولىدىكەن. يەنى، ماركىسىزمنى دېموكراتىيىسىز تەسەۋۋۇر قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەسكەن. مېنىڭچە بولغاندا دېموكراتىيە دىگەن بۇ نەرسە بۇ دۇنيانىڭ ۋاباسى بولغان ماركىسىزم ئۈچۈن بىر مىكروپ ئۇۋىسى بولۇپ، يۇقۇملۇق كېسەللىك مىكروبلىرى ئەنە شۇ ئۇۋىدا كۆپىيىپ تۆت ئەتىراپقا يېيىلىپ تۇرىدىكەن. شۇنداق قىلىپ، بۇ مىكروپلار ئۆزىنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ‹چالا تۇغۇلغان بوۋاق› دەپ تەرىپلەشكە بولىدىغان ئەنە شۇ پارلامىنتارىزمدىن ئالماقتا ئىكەن. ھەر قانداق بىر ئىلاھىي نۇرمۇ پارلامېنت دىيىلگەن بۇ لايدا يۇغۇرۇلۇپ چىققان ھەيكەلگە جان بىرەلىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەسلىكىنى چوڭقۇر تۇنۇپ يېتىشكە باشلىدىم.
    ۋىيېنادا تۇرىۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا ماڭا پارلامېنتچىلىقنىڭ ماھىيىتىنى تەتقىق قىلىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەرگەن تەغدىرىمگە مىڭلارچە قېتىم رەخمەت ئېيتىمەن. ئەگەر ئۇ ۋاقىتلاردا گېرمانىيىدە بولغان بولسام، بۇ مەسىلىنى ئۇنچە بەك ئىنچىكىلەپ كەتمەيلا بىر چەتكە تاشلىۋەتكەن بولاردىم. ئەگەر پارلامېنت دەيدىغان بۇ نەرسىنىڭ شۇنچە كۈلكىلىك قىياپىتىنى ئاۋال بېرلىندە كۆرگەن بولسا ئىدىم، شۆبھىسىزكى، بۈگۈنگىچە ئېرىشكەن كۆز قاراشلىرىمنىڭ يېرىمىنىمۇ قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولار ئىدىم. شۇنداق بولغىنىدا بەكلا ئىشەنچىلىك بولۇپ كۆرۈنىدىغان سىرتقى كۆرۈنۈشلىرىگىلا قاراپ خەلق بىلەن رېيچنىڭ قۇتقۇزۇلىشىنى ئىمپىرىيە چۈشەنچىسىنى كۈچلەندۈرۈشكە باغلىق دەپ قارايدىغانلارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ كەتكەن بولار ئىدىم. ئەمما بۇنداق قارايدىغان كىشىلەر قۇتقۇزۇش ۋاقتىنىڭ كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى پەرق قىلالمايدىغان ساۋاتسىز كىشىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، بەرىبىر ھېچنىمىنى باشقا ئېلىپ چىقالمىغان بولار ئىدى.
    ئاۋۇسترىيىدە بولسا بۇنداق كەينى-كەينىدىن خاتالىشىپ يۈرەرمەنمۇ دەپ ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. چۇنكى پارلامېنتنى قىلچە ئەھمىيىتى يوق دېگەندىمۇ، خابسبۇرگنىمۇ ئۇنىڭدىن مۇكەممەل دەپ قاراش ئىمكانى يوق، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بەتەر دەپ قاراشقا بولاتتى. پارلامېنتچىلىق رەت قىلىنغىنىدا ھەممە ئىش ھەل بولۇپ كېتىدۇ دەپ قاراشقىمۇ بولمايتتى، ئەلىۋەتتە. بۇنداق قارىساقمۇ پۈتۈن مەسىلە بەرىبىر ئۆز پىتى ساقلىنىپ قالىۋىرەتتى. رېيچسراگنى (ئاۋۇستەريە پارلامېنتىنى، قۇرۇلتىيىنى) ئەمەلدىن قالدۇرۇش دىگەنلىك، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى خابسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ قولىغا يالغۇز تاشلاپ قويۇش دېگەنلىك بولاتتى. بۇنداق ئوينى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىشقا بولمايتتى، بۇنداق بىر قاراشنى، بولۇپمۇ مەن ھەرگىز قوبۇل قىلالمايتتىم.
    بۇ ئالاھىدە ئەھۋالنى ھەل قىلىشتا دۈچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىم، مېنى بۇ ھەقتە تېخىمۇ چوڭقۇر تەكشۈرۈشكە مەجبورلىغان ئىدى. ئەگەر شۇنداق بىر مەجبورلىنىش بولمىغان بولسا، ئۇ ياش ۋاقىتلىرىمدا، بۇنداق بىر خۇلاسىغا زادىلا كىلەلمىگەن بولار ئىدىم.
    مېنى تېخىمۇ بەك ئويلاندۇرغىنى، پارلامىت تۈزۈمىنىڭ ھېچ قانداق بىرسىگە قىلچە مەسئولىيەت ئارتماسلىقىنى ئوچۇق ئوتتۇرغا قويىشى ئىدى. پارلامېنت ھەرقانداق بىر ئىش ھەققىدە قارار چىقرالايتتى. ئەگەر ئېلىنغان بۇ قارارلار ھەرقانداق بىر پاجىئەلىك نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغىدك بولغىنىدا، بۇ قارار سەۋىبىدىن ھېچكىم بىرەر جاۋاپكارلىققا تارتىلمايتتى. ئەگەر ئىنتايىن ئېغىر بىرەر پاجىئەلىك ئاقىۋەت يۈز بەرگىدەك قىلسا، بىر بولسا ھۆكۈمەت ئىستىپا بېرىپ قۇتۇلاتتى يا بولمىسا پارلامېنت تارقىتىۋىتىلەتتى.
    بۇنداق ئەھۋالدا، ئېنىق مەسئولىيىتى بولمىغان كىشىلەردىن تەشكىل تاپىدىغان بۇنداق بىر كۆپچىلىكنى جاۋاپكارلىققا تارتىش مۇمكىنمۇ؟ ئەگەر بىرەر ئىشنىڭ مەسئولىيىتى مۇئەييەن بىر كىشىگە تاپشۇرۇلمىغان بولسا، ئۇ ئىشنىڭ بىرەر قىممىتى قالارمۇ؟ قارار قىلىش بىلەن بۇ قارارنى ئىجرا قىلىش ئىشى بىر مۇنچە كىشىلەرگە ئورتاق تاپشۇرۇلغىنىدا، مەسىلە كۆرۈلگىنىدە بۇنداق ئىجرائەتتىن ھۆكۈمەت رەئىسىنى جاۋاپكارلىققا تارتىش مۇمكىنمۇ؟
    بۈگۈنكى كۈنگىچە بىرەر مەسئول كىشى دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن بىرەر پىلان تۈزۈپ، بۇ پىلانىنى ئەقىلسىز قوي پادىلىرىغا چۈشەندۈرۈپ، بۇ بىر توپ قوي پادىسىنى قايىل قىلىپ ئۇلارنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۈشكە مەجبور بولۇپ كەلمىدىمۇ؟
    دۆلەت رەھبىرى بولۇش دىگەنلىك، قايىل قىلىش سەنئىتىگە ئىگە بولۇش، مۇھىم پىرىنسىپلارنى چۈشەندۈرۈش ۋە چوڭ-چوڭ قارارلارنى چىقارتقۇزۇش ئۈچۈن كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرگە ماھىر بولۇش دىگەنلىكمۇ؟
    ئەگەر بىرەر دۆلەت مەسئولى بەلگىلىك بىر كۆز قاراش ئۈچۈن راك ئۆسمىسى ھالىغا كېلىپ بولغان بىر پارلامېنت كۆپ سانلىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىلەن مۇئەييەن بىر كۆز قاراش ئەتىراپىغا جەلىپ قىلالمىغىنىدا، بۇنداق بىر كۆز قاراشنى ئۇلارغا مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا چۈشەندۈرۈپ بىرەلمىگىنىدە،  ئۇ مەسئول كىشىنىڭ ئىقتىدارسىز بىرسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالارمۇ؟ ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەي تۇرۇپ ئالىي رەھبەر بولالىغان كىشىلەرنى كىم كۆرۈپتۇ؟
    جېنىنى تىكىپ ھەرىكەتكە ئاتلىنىشنى تەلەپ قىلىدىغان بۇ دۇنيادىكى بارلىق داھىيانە ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى بىرەر داھىنىڭ ئۇيغانمىغان خەلق ئاممىسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىمەن دەپ شۇ خەلق ئاممىسىنى ئۇيغۇتۇش ئۈچۈن كەسكىن ھەرىكەت پەيدا قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئەمەسمىدى؟
    ئەنە شۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، ئوتتۇرغا قويغان پىلانلىرىنى يوقۇرقىدەك كىشىلەر گۇروھىغا تەستىقلىتەلمىگەن بىرەر دۆلەت رەھبىرى قانداق قىلىشى كېرەك ئىدى؟ ئۇلارغا پۇل تارقىتىپ ماقۇل قىلىشى كېرەكمىدى؟ ياكى بولمىسا خەلقىنىڭ تەغدىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان، ئەمەلگە ئاشۇرۇلىشى زۆرۈر بولغان بۇنداق بىر پىلانىنى خەلقىنىڭ نادانلىقى سەۋىبىدىن ئۇقتۇرالماي ئەمەلدىن قالدۇرسا بولامتى؟ بۇنداق بىر مەسىلىگە دۈچ كەلگەن خەلقىغە، ۋەتىنىگە سادىق بىر رەھبەر ۋىجدانى ۋەزىپىسى بىلەن قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئارىسىدا قايسىنى تاللىۋېلىشى ياكى بۇ زىدىيەتنى قايسى خىل ئۇسۇلدا ھەل قىلىشى كېرەك؟ ئەنە شۇنداق بىر مەسىلىدە خەلقىغە مەسئول بولۇش ۋىژدانى بىلەن قۇرۇلتاي ئالدىدىكى جاۋاپكارلىقىنىڭ قايسىسى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئۆلچەم زادى نىمە؟ ھەقىقىي بىر دۆلەت رەھبىرى بولغان كىشى خەلق ئالدىدىكى مەسئولىيىتىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ يالغۇز قۇرۇلتاي جامائىتىنىلا چۈشىنىپ ھۆكۈمەت سىياسىتىنى بەلگىلەيدىغان قۇرۇق بىر سىياسەتچىگە ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئۆزىنى ساقلىشى لازىممۇ قانداق؟
    ئەگەر، بۇنىڭ دەل ئەكسىچە بۇ دۆلەت رەھبىرى ئادەتتىكىدەك بىر سىياسيون بولۇپ قالغىنىدا، يوقۇرقىدەك مەسئولىيەتلەرنى ھەرگىزمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالماي، بۇ مەسئولىيەت يۈكىنى بىر گۇرۇپ ئادەملەرگە ئورتاق دەپ ھىساپلاپ بەزى ھىلىگەرلىكلەرنى ئىشلىتىپ ئىشنى ئەپلەپ سەپلەپ ئۆتكىزىۋېتىشكە ئۇرۇنماسمۇ؟
    ئەنە شۇنداق بىر ئەھۋالدا، بىزنىڭ “پارلامېنت كۆپ سانلىقىنىڭ قارارى” دەيدىغان پىرىنسىپىمىز ۋەزىپىنى ئېنىق بىر كىشىگە تاپشۇرۇش دەيدىغان مەسئوليەتچانلىق پىرىنسىپىمىزغا زىت كېلىپ قالماسمۇ؟
    ئەجىبا ئارىمىزدا ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنى مەلۇم شەخسىنىڭ پىلانىدىن بارلىققا كەلمەي ھەممە كىشىنىڭ ئورتاق تۈزگەن پىلانىنىڭ نەتىجىسى دەيدىغانغا ئىشىنىدىغان كىشىلەر بارمۇ؟ ئارىمىزدا ئىنسانىيەت بىر كۈنلىرى بۇنداق باشلامچى دەيدىغان شەرتتىن قۇتۇلۇپ كىتىشى كېرەك دەيدىغان گەپلەرنى تەرغىپ قىلىدىغان بىرسى بارمۇ؟ بۈگۈن بىز ئۈچۈن ئېنىق بىرسى مەسئول بولۇش دەيدىغان ئۇقۇم ھەر قانداق ۋاقتتىكىدىنمۇ مۇھىم بولۇپ تۇرىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم ئەمەسمۇ؟
    كۆپسانلىق ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىش ئۇسۇلىنى ئاساس قىلىدىغان پارلامېنت پىرىنسىپى بىرلا كىشى مەسئول بولۇش دەيدىغان پىرىنسىپتىن ئۈستۈن كىلىپ، مەسئول كىشى ئورنىغا سان ئۈستۈنلىكى بىلەن كۆپچىلىكنى ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقىرىدىغان تۈزۈم، تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىگە پەقەتلا توغرا كەلمەيدىغان بىر تۈزۈمدۇر. ئەگەر يەھۇدىي مەتبۇئات مۇشتېرىلىرى تولۇق ئەركىن پىكىر قىلىش ئاساسىدا ھۆكۈم چىقىرىشنى ئۆگۈنەلمىگەن بولسا، بۇ تۈردىكى زامانىۋىي پارلامېنت تۈزۈمىنىڭ قانچىلىك پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرگە سەۋەپ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ چۈشىنەلمەيدۇ.
    پارلامېنت دىگەن بۇ ئورگان، سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئادەم ئەقلىگە كەلتۈرەلمىگىدەك چاكىنا ئۇششاق ئىشلار ئىچىگە پاتۇرۇپ قويۇشقا سەۋەپچى بولىدىغان بىردىن بىر ئورگاندۇر. مەسىلەن ئالايلى، ئەگەر سادىق بىر دۆلەت رەھبىرىنى ھۆكۈمەت ئىشلىرىدىن قانچىكى يىراق تۇتۇشقا بولسا، بۇ ھالەتتىن پەسكەش كىشىلەر شۇنچە خوشال بولۇپ يايراپ كېتىدۇ. چۇنكى، كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا بۇنداق سىياسەت يۈرگۈزۈش سورۇنلىرى پەسكەش كىشىلەر تەرىپىدىن كۆپ سانلىقنىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان ھەر تۈرلۈك سودىلىشىش ئويۇنلىرىنى ئوينايدىغان سورۇنغا ئايلاندۇرىلىدۇ.

    分享到: