• ئادلوف گىتلىر:<<مېنىڭ كۈرەشلىرىم>> (6.قىسىم)

    2009-05-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39667413.html

    سوتسيال دېموكراتىك مەتبۇئاتلار

    سوتسيال دېموكراتىك مەتبۇئاتلارنىمۇ يەھۇدىيلار قولغا كىرگۈزۈپ بولغانلىقىنى كۆپ كېچىكمەي تونۇپ يەتتىم. بۇنىڭمۇ ھەيران قالغۇدەك يېرى يوق ئىدى. ھەتتا باشقا گېزىتلاردىكى ئەھۋالمۇ بۇ گېزىتلاردىن كۆپ پەر قىلىپ كەتمەيتتى. شۇنداقتىمۇ، مېنىڭ مىللەتچىلىك ھەققىدە ئالغان تەربىيىلىرىم نەتىجىسىدە يىتىلدۈرگەن مىللەتچىلىك ئېڭىمغا ماس كېلىدىغان ھەقىقىي مىللەتچى گېزىتخانىلاردا بىرمۇ يەھۇدىي ئاپتورنى ئۈچىراتقىلى بولمايدىغانلىقى مېنى بەكلا ھەيران قالدۇرغان ئىدى. بۇنى سەزگىنىمدىن كېيىن، ئۆزەمنى زورلاپ بولسىمۇ ماركىسىزىم ئىدىيىسىنى ھىمايە قىلىدىغان گېزىتلارنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىشقا كىرىشتىم. بۇ تۈردىكى گېزىتلار ماڭا شۇنداق غەزەپلەندۈرىۋەتتىكى، ئاخرىرىدا بۇ تۈردىكى خائىنلىق ۋە پەسكەشلىك بىلەن تولغان دەستۇرلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن كىشىلەرنى تېخىمۇ يېقىندىن تونۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۇلارنى تېخىمۇ تەپسىلى تەكشۈرۈپ چىقىشقا كىرىشتىم. ئەسلىدە، بۇ مەلئۇنلارمۇ يەنە شۇ يۈزسىز يەھۇدىيلار ئىكەندۇق. سوتسيال دېموكراتلارنىڭ كىتاپچىلىرىدىن تاپالىغانلىكى كىتاپلىرىنى يىغىپ بىر باشتىن ئوقۇشقا كىرىشتىم. قىزىق، بۇ كىتاپلارنىڭ ھەممىسىلا يەھۇدىيلار تەرىپىدىن يېزىلغان كىتاپلار ئىكەن. ھەرخىل ئىشلارغا مەسئۇل بولغان كىشىلەرنىمۇ بىرمۇ بىر سۈرۈشتۈرۈپ باقتىم. ئۇلارنىڭمۇ كۆپۈنچىسى يەھۇدىي ئىكەن! ئالىي قۇرۇلتاينىڭ بەزى خەلق ۋەكىللىرى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، پارتىيە سېكىرتارلىرى ياكى كوچا ھەرىكەتچىلىرىنىڭ يىتەكچىلىرى قاتارلىقلارمۇ ئاساسەن ئەنە شۇ ئۆزلىرىنى تاللانغان (!) ئىرققا مەنسۈپ كىشىلەر دەپ ئاتىۋالغانلاردىن ئىكەن. ئاۋستېرلىتز، داۋىد، ئادلېر، ئېللېنبوگېن، … بۇ كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن مىڭەمگە يېزىۋالدىم.
    شۇنداق قىلىپ مېنىڭ كۆزقاراشلىرىمغا زىت ئىدىيىدىكى پارتىيىلەرنىڭ مۇھىم ئورۇنلىرىنىڭمۇ يات مىللەت ئادەملىرى قولىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتىم. چۇنكى ھەر قانداق بىر يەھۇدىينى ھەرگىزمۇ گېرمان دەپ قاراشقا بولمايتتى. بۇنى ئېنىق بىلگىنىمدىن كېيىن، ئۆزەمنى خېلىلا ئەركىن ھىس قىلىشقا باشلىدىم.
    شۇنداق قىلىپ، ئىرقىمىزنى بۇلغاپ يۈرگەن شەيتانلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى تونىۋالغان ئىدىم.
    ۋىېنادا بىرەر يىلدەك تۇرغاندىن كېيىن شۇنداق بىر قاراشقا كەلگەن ئىدىم: خاتا ئىدىيىلەرنىڭ قايمۇقتۇرىشى نەتىجىسىدە ئىنتايىن جاھىل مىجەزلىك بولۇپ قالغان ھەرقانداق بىر ئىشچى، توغرا يىتەكلەنسە ياكى توغرا چۈشەنچىلەرگە ئىگە قىلىنسا توغرا يولغا كىلەلەيدىغانلىقىنىمۇ بىلىپ قالدىم. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشچىلارنىڭ قەلبىنى تەستە بولسىمۇ چۈشىنەلەيدىغان بولغان ئىدىم. مېنىڭ بۇ تۈردىكى تەجرىبىلىرىم پىكىرلىرىمنى تارقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىم جەريانىدا ئىنتايىن مۇھىم قۇرالىم بولغان ئىدى. نەتىجىدە غەلبە قازانغان ھەر دائىم مەن بولۇپ كەلدىم. خەلق ئاممىسىنى خاتا ئىدىيىلەرنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۇزۇنغا سوزۇلغان سەۋىرچانلىق، زور پىداكارلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلەتتى. شۇنداقتىمۇ بىر يەھۇدىينى ئۇنىڭ كۆزقاراشلىرىدىن ۋە ئىتىقاتىدىن ياندۇرۇشنى زادىلا ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئىدىم. ئۇ ۋاقىتلاردا يەھۇدىيلارنى ئۇلارنىڭ قۇرۇق ئېتىقاتلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقالايمەن دەپ ئىشىنىپ ئاخماق بولۇپ يۈرگەن ئىكەنمەن. مەن شۇ چاغدىكى ئىنتايىن تار مۇھىتىمدا ئۇلارنى قايىل قىلىمەن، ئۆزگەرتىمەن دەپ ئاغزىم قۇرۇپ كەتكىچە كاپشىپ سۆزلەپ كەتكەن ئىكەنمەن. ئۇلارغا ماركىسىزمنىڭ نەقەدەر خەتەرلىك بىر ئىدىيە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىش ئۈچۈن تىرمىشىپ يۈرگەن ئىكەنمەن. ئەمما ھەر دائىم بۇ ئارزۇيۇمنىڭ تەتۈرسىچە نەتىجىلىنەتتى. چۇنكى، سوتسيال دېموكراتچىلارنىڭ نەزەرىيىۋىي جەھەتتە بولسۇن، ياكى ئەمىلىي پائالىيەتلىرىدە بولسۇن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى يەھۇدىيلارنىڭ جاھىللىق بىلەن ئۆز يولىدا چىڭ تۇرىۋېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ كېلىۋاتقاچقا، كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىمنىڭ قىلچە رولى بولماي كەلمەكتە ئىدى. ئەمما بۇ مەخلۇقلار بىلەن قانچىكى كۆپ مۇنازىرە قىلىشقان بولسام، ئۇلارنىڭ تەشۋىقات ئۇسۇللىرىنىمۇ شۇنچە كۆپ بىلىۋالاتتىم. ئۇلار، ئۆزلىرىگە قارشى تۇرىدىغانلارنىڭ ئاخماق كىشىلەر ئىكەنلىكىگە بەكلا ئىشىنەتتى. ئەگەر ئۇلار مۇنازىرە قىلىش جەريانىدا گەپتە يېڭىلىپ قېلىپ قۇتۇلۇش يولىنى تاپالماي قالسا قىلچە ئىككىلەنمەيلا ھېچ نىمىنى چۈشەنمەيدىغان دۈتلەردەك قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، قۇرۇق گەپ قىلىپ قۇتۇلۇپ كەتمەكچى بولىشاتتى. ئەگەر ئۇلارنىڭ بۇ قۇرۇق گەپلىرىگە رەددىيە بەرسەڭ، گەپنى بۇراپ يەنە باشقا مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۇنى ئىسپاتلايمەن دەپ چالۋاقاشقا باشلايتتى.
    ئەگەر ئۇلارغا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ رەددىيە بېرىشكە باشلىساڭ، بىر ئاماللارنى قىلىپ ھەرقانداق بىر سوئالىڭغا جاۋاپ بەرمەي سەندىن قېچىپ قۇتۇلۇشقا تىرىشاتتى. ئۆزلىرىنى بىر قۇتقازغۇچى قىلىپ كۆرسىتىپ يۈرگەن بۇ مەلئۇنلاردىن بىرەرسىنى تۇتىۋالساڭ، خۇددى قولۇڭغا بىرەر مىچىلداپ تۇرغان مايلىق بىرنىمە تەگكەندەك كۆڭلۇڭ ئايىنىپ كېتەتتى. كەينىدىنلا بۇ مىچ-مىچ نەرسە بارماقلىرىڭنىڭ ئارىسىدىن ساقىپ چىقىپ كۆزدىن يوقىلاتتى. يەنە بىر ۋاقتىدا قارىساڭ، ئۇ نەرسە باشقا بىر يەرگە بېرىپ يەنە قايتىدىن بىرىكىپ بۇرۇنقى قىياپىتىگە كىرىۋالغانلىقىنى كۆرىسەن. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەر-ئىككىسىنى گەپ ياندۇرالمىغىدەك رەددىيە بېرىپ جىمىتىپ قويساڭ، ساڭا خۇددى دىگەنلىرىڭگە قايىل بولىۋاتقاندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ھاڭۋېقىپ قاراپ ئولتۇرىۋالىدۇ. ئەمما ئارىدىن بىرەر كۈنمۇ ئۆتمەي پۈتۈنلەي بۇرۇنقى قىياپىتىگە كېلىۋېلىپ سېنى يەنە ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ: يەھۇدىي دىگەن بۇ مەخلۇق، بىر سوتكا بۇرۇن بولغان ئىشلارنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىپ، خۇددى ھېچنىمە بولمىغاندەك يەنە شۇ بۇرۇنقى گېپىنى يوغلىتىپ تۇرىۋالىدۇ. ئەگەر سەن بۇ كىشىلەرنىڭ بۇنداق ئۇنۇتقاقلىقىغا رەنجىپ تۈنۈگۈنكى ئىشلارنى ئۇنىڭغا قايتا ئەسلىتىشكە ئۇرۇنساڭ، ئۇلار ھەيران بولغان قىياپەتتە تۈنۈگۈن بۇنداق بىر سۆھبەت قىلىشقانلىقىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. ھەتتا بەزىدە تۈنىگۈنكى سۆھبەتلەر ئېسىمدە يوق دېيىشتىنمۇ ۋاز كېچىپ، تۈنۈگۈنكى سۆھبەتتە مەن سېنى يېڭىۋالغان ئىدىم دەپ ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇپ جېنىڭنى چىقىرىۋېتىدۇ.
    مەن ئۇلارنىڭ بۇ قىياپىتىنى كۆرۈپ نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي ھاڭۋېقىپ ئولتۇرۇپ قالاتتىم. بۇنداقلارغا يەنە نىمە دېيىشىم مۇمكىن؟ ئۇلارنىڭ قاقۋاشلىق قىلىپ دېگەن  سۆزلىرىگە ھەيران بولايمۇ ياكى يالغانچىلىق ماھارىتىگە ھەيران قالايمۇ؟ ئاخىرىدا، يەھۇدىي دىگەن بۇ مەخلۇقلارغا چىش-تىرنىقىم بىلەن ئۆچ بولۇپ كەتتىم.
    بىر ھېساپتا ئۇلار بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ تالاش-تارتىشلىرىمنىڭ ياخشى تەرىپىمۇ بار ئىدى. ھېچ بولمىغاندا سوتسيال دېموكراتچىلارنىڭ تەشۋىقات يىتەكچىلىرىنى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ ئېنىق تونۇۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەتتىم. بۇ تەرىپى مىللىتىم ئۈچۈن پايدىلىق ئىدى. يەھۇدىيلارنىڭ بۇ تۈردىكى ئەينولىقى شەيتاننىمۇ ئازغاشتۇرغىدەك كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇنداق ئالدام خالتىلىرىغا چۈشۈپ قالغان ئىشچىلىرىمىزنىڭ يوقۇرقىدەك ئىپادىلىرىدىن قانداقمۇ رەنجىشكە بولسۇن؟ شەيتاننىمۇ ئالداپ ئايىقىنى تەتۈر كەيگۈزىۋىتىدىغان بۇ ئىرقنىڭ ھىلىگەرلىكلىرىگە رەددىيە بېرىمەن دەپ تارتمىغان جاپالىرىم قالمىغان ئىدى. ھېلى دىگىنىدىن ھېلى يېنىۋالىدىغان بۇنداق كىشىلەر ئۈستىدىن غەلىبە قازىنىش ھەقىقەتەنمۇ تەس ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، بۇ يەھۇدىي دىگەنلەرنى قانچىكى ئېنىق تونىيالىغان بولسام، ئىشچىلىرىمىزنىمۇ شۇنچە ئەپۇ قىلىشقا مەجبور بولاتتىم.
    مېنىڭچە، گۇناھكار بولغانلار ھەرگىز بىزنىڭ ئىشچىلىرىمىزلا ئەمەس. ئەسلى جىنايەتچىلەر خەلقىمىزنىڭ تەغدىرى بىلەن ئوينايدىغان، ئىشچىلىرىمىزنىڭ، خەلقىمىزنىڭ تەغدىرىنى، مىللىتىمىزنىڭ تەغدىرىنى قولغا كىرگۈزىۋالغان بۇ ئەخلاسىز يەھۇدىيلارنى ئادالەت قانۇنى بويىچە كەسكىن جازاغا تارتىش ئىشىنى بىھۇدە ئاۋارىچىلىق دەپ قارايدىغان كىشىلەردۇر.
    كۈندىلىك ئىزچىل كۈزىتىشلىرىم مېنى ماركىسىزم مەنبەلىرىنى ئۆگىنىپ تەتقىق قىلىش يولىغا باشلىغان ئىدى. شۇندىن ئىتىۋارەن ماركىسىزمنىڭ خەلق ئاممىسىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە ئېنىق تونۇپ يەتكەن ئىدىم. مەن ئەندى دىققىتىمنى بۇ ئىدىيىنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانىغا مەركەزلەشتۈرگەن ئىدىم. بۇ ئىدىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىھتىمالى بولغان ئاقىۋەتلەرنى ئالدىن مۆلچەرلەش ئۈچۈن ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىشىمنىڭ ئۆزىلا بۇ ئەقىدىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلىشىم ئۈچۈن كۇپايە قىلغان ئىدى. ئەجەبا بۇ ئىدىيىنى تەرغىپ قىلىۋاتقانلار ئۆز پىكىرلىرى ئىجرا قىلىنىپ ئېرىشىدىغان ئاخىرقى نەتىجىسىنى راستىنلا بىلەمدىغانمىدۇ؟ ياكى بىلمەي تۇرۇپلا بۇنداق بىر خاتا يولغا كىرىپ قالغان كىشىلەرمىدۇ؟ ئەندىكى مەسىلە، بۇ مەسىلىنى سۈرۈشتە قىلىشتا قالغان ئىدى.
    مېنىڭچە بولغاندا، بۇنداق بىر ئېھتىماللىقنىڭ ھەر ئىككىسىنىلا يوق دېيىشكە بولمايتتى. ئىككىنچى ئىھتىماللىق راس بولغىنىدا پاجىئەلىك ئاقىۋەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇھاكىمە قابىلىيىتى بار ھەر قانداق ئادەم دەرھال ھەرىكەتكە ئاتلىنىشى شەرت ئىدى. ئەمما بىرىنچى خىلدىكى ئىھتىماللىق راست بولۇپ قالسا خەلقنى قاراڭغۇ سازلىق ئىچىگە سۆرەپ ماڭىدىغان بۇ ئاپەتنىڭ ئاپتورلىرىنى پاش قىلىپ، ئۇلارنىڭ شەيتانىي ئەپتى-بەشىرىسىنى خەلققە ئوچۇق كۆرسىتىش لازىم بولاتتى. چۇنكى، مەدەنىيەتنى پۈتۈنلەي گۇمران قىلىۋىتىدىغان، دۇنيانى جانلىقلاردىن مەھرۇم چۆلگە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغان بۇنداق بىر يولغا باشلاپ ماڭماقچى بولىۋاتقان بىر ئورگان قۇرۇپ چىقىشنى نىيەت قىلىش ۋە بۇ نىيەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ تەپسىلى لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن بىر ئادەم ئەمەس، بەلكى يەتتە باشلىق بىر يالماۋۇز ئەقلىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. شۇنداق ئىكەن، بىزگە بۇ ئىدىيىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتىن باشقا يول يوق. بۇنداق بىر كۈرەش، دۈشمەن ھەرقانداق قۇرالدىن پايدىلانغان بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئادەم ئەقلى يەتكەن روھىي، جىسمانىي جەھەتلەردىكى ھەرقانداق قۇراللاردىن تولۇق پايدىلىنىپ قانات يايدۇرىلىدىغان بىر كۈرەش بولىشى لازىم. شۇنداق، ئۇلارغا قارشى كۈرەشكە ئاتلىنىشتا ھەرگىزمۇ ۋاستە تاللاپ ئولتۇرماي، بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن توكۇق پايدىلىنىپ دۈشمەننى يوقۇتۇش ئۈچۈن جەڭ قىلىش لازىم.
    مەن ماركىسىزم ھەرىكىتىنىڭ پىرىنسىپلىرىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنىڭ لايىھىلىگۈچىلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈشكە كىرىشتىم. يەھۇدىي مەسىلىسى ھەققىدىكى مەلۇماتىمغا تايىنىپ مەقسىدىمگە پەرەز قىلغاندىنمۇ تېز ۋاقىت ئىچىدە يەتتىم. ئەسلىدە مېنىڭ بۇ جەھەتتە بىلىدىغانلىرىمنى ئۇنچىلىك مۇكەممەل دەپ كىتىشكىمۇ بولمايتتى. شۇنداق بولىشىغا قارىماي يەنىلا يەھۇدىيلار ئۆزلىرى يەتمەكچى بولغان غايىلىرىنى قانداق بىر شەكىلدە بايان قىلىۋاتقانلىقىنى كەشپ قىلالىدىم. ئۇلارنىڭ تۇتقان يولى، ھەر دائىمقىدەك ئۆز كۆزقاراشلىرىنى يوشۇرۇش ئۇسلۇبىدىن باشقىچە ئەمەس ئىدى. يەھۇدىينىڭ ئەسلى غەرىزىنى يازغان ھەرقانداق بىر ئەسىرى ئىچىدىن زادىلا تاپقىلى بولمايتتى. بۇ يەھۇدىيلار، ئۆزلىرىنىڭ غەرەزلىرىنى يازغان نەرسىلىرىنىڭ قۇرلىرى ئىچىگە يوشۇرىۋېتىشەتتى. بۇنى پەرق قىلغان كۈنىمدىن باشلاپ روھىمدا زور ئۆزگىرىش بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. بۇرۇن مەن ئەقلى-كۈچى يىتىشمەيۋاتقان چوڭ شەھەر دۇنيا قارىشىغا ئىگە بىرسى بولغان بولسام، ئەندىلىكتە مۇستەھكەم ئىرادىلىك بىر يەھۇدىي دۈشمىنى بولۇپ ئۆزگەرگەن ئىدىم. شۇنداق قىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بۇ خەلق ئۈچۈن ھىسىداشلىق قىلىش-قىلماسلىق تۇيغىسى ئىچىدە ۋىجدانىي ئازاپ چەكمەكتە ئىدىم. يەھۇدىي مىللىتىنىڭ تارىختىن بۇيان تەرغىپ قىلىپ كېلىۋاتقان ئارزۇلىرىنى ئەستايىدىلىللىق بىلەن تەھلىل قىلىشقا كىرىشتىم. ئۆز غايىسىنى ئەسىرلەر بويى ئۇنۇتماي ھەيران قالدۇرغىدەك غەيرەت بىلەن ياشاپ كەلگەن بۇ كىچىك قەۋمنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىگە تىلەكداشلىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىمىزنى ئەنسىرىگەن ھالدا ئويلاشقا باشلىدىم: ھەر دائىم بىر پارچە تۇپراقنى خىيال قىلىپ ياشاپ كەلگەن بۇ خەلققە، دۇنيا راستىنلا مۇكاپات سۈپىتىدە بىر ۋەتەن تەغدىم قىلىش ۋەدىسىنى بەرگەنمىدۇ؟ بىز ئويلىغان، ئۇلارنىڭ شۇنداق بىر تۇپراق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ھەققى راستىنلا بىرەر ئىلاھىي ئاساسقا ئىگە ھەقمىدۇ؟ ياكى بولمىسا ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇلىرىنى بىز ئۆزىمىز كاللىمىزدا پەرەز قىلىپ ئۇيدۇرۇپ چىقىرىۋالدۇقمۇ؟
    مەن، ماركىسىزمنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىش ھەمدە يەھۇدىي مىللىتىنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۈزىتىپ يۈرگىنىمدە، بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ئۆزلىكىدىنلا ئوتتۇرغا چىقىپ قالدى: ماركىسىزم بىلەن يەھۇدىي پائالىيەتلىرى تەبىئەت بوي سۇنۇپ كېلىۋاتقان تەبىئىي قانۇنىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى تۈپتىن رەت قىلماقتا ئىكەن. بۇ ئېقىم، كۈچ-قۇۋەت بىلەن ئېنېرگىيىنىڭ چەكسىز كۈچ-قۇدرىتى ئورنىغا رەقەملەرنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى قويۇشماقتا ئىكەن. ماركىسىزم، ئادەمنىڭ شەخسى قىممىتىنى رەت قىلىپ، ئىرقنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىنكار قىلماقتا ئىكەن. شۇنداق قىلىپ ئىنسانىيەتنى ھايات ۋە مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئالدىن بېكىتىۋېتىلگەن ئىرسى شەرتلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە ئىكەن. ئەگەر بۇنداق بىر نەزەرىيەنى ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى قىلىدىغانلا بولىدىكەنمىز، ئىنسانىيەت بارلىققا كەلتۈرگەن بارلىق سىستېمىلار تۈپيىلتىزىدىن گۇمران قىلىنىشى شەرت ئىدى.
    بۇنداق قانۇن ئاساسىغا قۇرۇلىدىغان بىر دۇنيا، بىزنىڭ ئىرادىمىز سىرتىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان دۇنيانى ئېغىر ۋەيران قىلىۋېتىش بىلەنلا قالماي، ئىنسانىيەتنىمۇ يەر يۈزىدىن سىرىپ سۈپۈرىۋېتىشنى ئۆزىگە مەقسەت قىلغان بولىدۇ.
    ئەگەر يەھۇدىيلار ماركىسىزم دېگەن بۇ ئەقىدىگە تايىنىپ غەلىبە قىلىپ قالغىدەك بولسا، ئۇلارنىڭ بۇ غەلىبىسىنى تەبرىكلەش مۇراسىم كۈنىسىنى، يەر يۈزىدە بىرمۇ جانلىق كۆرۈنمەيدىغان مىليونلىغان يىل ئاۋالقىدەك قۇپ-قۇرۇق بىر پىلانىت ئۈستىدە ئۆتكۈزىلىدىغان ئىنسانىيەتنىڭ مەھشەر كۈنى جەنازە مۇراسىمىدىن باشقىچە تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
    ئەگەر ياراتقۇچىنىڭ بويرۇقىغا خىلاپ ھەرىكەت قىلىنسا، تەبىئەتنىڭ ئىنتىقامىمۇ ئىنتايىن شىددەتلىك بولىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، ئۆزەمنى تەڭرىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ھەرىكەت قىلىپ كىلىۋاتقان بىرسى دەپ چىن قەلبىمدىن ئىشىنىمەن. چۇنكى، مىللىتىمنى يەھۇدىيلاردىن قوغدايمەن دېيىش، گېرمان دەپ نام بېرىلگەن تەڭرىنىڭ بۇ ئۇلۇغ ئەسىرىنى قوغداش دىگەنلىتۇر.
    ئۈچىنچى بۆلۈم
    ۋىېنادىكى سىياسىي كۆز قاراشلىرىم

    بۈگۈن مەن شۇنداق دەپ كېسىپ ئېيتالايمەنكى، پەۋقۇلئاددە قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا، ئادەم ئوتتۇز ياشقا بارماي تۇرۇپ سىياسىيون بولۇش يولىغا كىرمەسلىكى لازىم. ئادەم بۇ ياشقا كەلگىچە سىياسىي كۆز قاراشلىرى ئۈچۈن بەزى ئاساسلارغىلا ئېرىشەلەيدىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆزىگە خاس مۇستەقىل سىياسىي كۆز قاراش تىكلەپ كىتەلىشى ناتايىن. شۇنداق بولغاچقا ئادەم بۇ ياشقا كەلگىچە بەلگىلىك بىر سىياسىي مەسىلىلەر ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزەلەيدىغان، بۇ جەھەتتە مۇستەقىل خۇلاسە چىقىرالايدىغان ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش باسقۇچىدا تۇرغان بولىدۇ. ئادەم بۇ تەييارلىق باسقۇچىنى تاماملىغاندىن كېيىنلا ئاندىن ھەرخىل ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆزى مۇستەقىل خۇلاسە چىقىرىش ئاساسلىرىغا ئىرىشىپ تەمتىرىمەي ھۆكۈم قىلالايدىغان مىجەزىنىمۇ يىتىلدۈرەلىشى مۇمكىن. كىشى ئەنە شۇ باسقۇچقا كەلگەندىن كېيىنلا ئاندىن سىياسىي سەھنىلەرگە ئۆزىنى ئاتىسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، سىياسىي پائالىيەتلەر ئۈچۈن يىتەرلىك دەرىجىدە بىلىمى بولماي تۇرۇپ ئالدىراپلا سىياسيون بولۇش يولىغا ئاتلانسا، ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن بۇنداق كىشى ئۆزى ئىشىنىپ كېلىۋاتقان تۈپكى كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇر يولدا ئۆزگەرتىشكە ياكى ئىدىيىۋىي ئاساسلىرى خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتەلمىگەن بىرەر كۆزقاراشقا چىڭ ئېسىلىۋېلىشقا مەجبور بولىدۇ. ئەگەر رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بىر كىشى ئۆزىنىڭ تۈپكى كۆزقاراشلىرىنى پات-پاتلا ئۆزگەرتىپ تۇرغىدەك بولسا، بۇنداق بىرسى ئۆزىگە ئەگىشىپ كېلىۋاتقان تەرەپتارلىرىدىن ئاسانلا ئايرىلىپ قېلىش بىلەنلا قالماي، پۈتۈن سىياسىي پائالىيەتلىرى جەريانىدىكى رىقابەتچىلىرى ئالدىدىمۇ نومۇسقا قېلىپ يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان سىياسىي ھەرىكىتىنى پالەش ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.
    خاتا قارىشىدا چىڭ تۇرىۋالىدىغان مىجەزى سەۋەپلىك سىياسىي پائالىيەتلەردە ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىدىغان ۋەقەلەر ئادەتتە ئىنتايىن كۆپ ئۇچىرايدىغان ھادىسىلەردۇر. خاتا ئەقىدىنى ئىدىيىۋىي ئاساس قىلىپ تاللىۋالغان بىرسى كۆپۈنچە ھاللاردا ئۆز ئەقىدىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگىمۇ تولۇق ئىشەنچ قىلىپ كىتەلمەيدۇ. ئۆز ئەقىدىسىگىمۇ ئىشەنچ قىلىپ كىتەلمەيدىغان بىر رەھبەر، قانات يايدۇرىۋاتقان ھەرىكىتىدىمۇ ھەردائىم ئەھمىيەتسىز، ئاقىۋىتى مەلۇم بولمىغان، قىممىتى يوق ئىشلارنى تاللاپ پائالىيەت قىلىشقا مەجبور بولىدۇ. بۇنداق بىرسىنىڭ كەينىدىن ماڭىدىغانلارمۇ بۇ تۈردىكى خاتالىقلارنى دەرھال ھىس قىلىشىپ، ئۇنىڭ يولىدىن ئايرىلىشقا تىرىشىدۇ. چۇنكى ئادەم ئىشەنگەن نەرسىلىرىگىلا ئۆزىنى پىدا قىلالايدۇ. بۇ جەرياندا يىتەكچى بولغان كىشىمۇ ئۆزىگە ئەگەشكەن كىشىلىرىگە مەسئولىيەتسىزلىككە سەۋەپ بولىدىغان بەكلا تۆۋەن تەلەپلەرنى قويۇشقا باشلايدۇ. ئەگەر يىتەكچى بولغان كىشىنىڭ قانات يايدۇرۇۋاتقان پائالىيەتلىرى نەتىجىسىز بولۇپ چىققىنىدا، بۇنىڭ مەسئولىيىتىنى ئامال قىلىپ باشقا بىرسىلىرىگە ئارتىپ قوتۇلۇشقا تىرىشىدۇ. ھەتتا قىلغان ھەر بىر ئىشىنى توغرا قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق، رەزىللىك ۋە پەسكەشلىك قىلىشتىنمۇ باش تارتماس ھالغا كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇنداق بىرسى ئۆزىنىڭ داھىلىق سالاھىيىتىنى يوقىتىپ ھىلىگەر بىر سىياسەتچىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەگەر بۇنداق بىرسىنى خەلق بىلمەستىن ۋەكىل قىلىپ سايلاپ ئالىي قۇرۇلتايغا كىرگۈزۈپ قويغان بولسا، ئۇ كىشى قۇرۇلتايغا كىرگەن كۈنىدىن باشلاپ قولىدىكى ‘سىھىرلىك قاينام چۆگۈن’ نى تارتتۇرۇپ قويارمەنمۇ دېگەندىن باشقا ھېچ نىمىنى ئويلىمايدىغان، ھەممە ئىشتا ئۆز شەخسى مەنپەتى ۋە بالا-چاقىسىنىڭ تۇرمۇش غېمىنىلا ئويلايدىغان بىرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. تۇرمۇش غېمىنى دەپ قۇرۇلتايغا كىرگەن ۋەكىللەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رىقابەتچى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ كىشى دۈچ كېلىدىغان ھەر بىر ھەرىكەتتە، ئىشلىرى روناق تېپىۋاتقان ھەر بىر ئادەمنى ئۆزىنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتىگە سەۋەپچى بولىۋاتقان ئادەم دەپ ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك قىلىشنىڭلا پېيىدا بولۇپ يۈرىدۇ.
    مەن شۇ ۋاقىتلاردا بۇ تۈردىكى پارلامېنت ‘ھەسەنشىرىكلىرى’ نى تولۇق تەكشۈرۈپ چىقىپ ئۇلارنى چوقۇم خەلقى ئالەم ئالدىدا سېسىتىۋىتىشكە تىرىشىمەن دەپ ئۆزەمگە ۋەدە بەرگەن ئىدىم. شۇڭا، بۇ تۈردىكى كىشىلەر ھەققىدە كېيىنكى بابلاردا يەنە تەپسىلى توختىلىپ ئۆتۈشنى زۆرۈر دەپ قارايمەن.
    مەن بۇ يەردە يەنە شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتىمەنكى، ئوتتۇز ياشقا قەدەم قويىۋاتقان بىرسى قالغان ئۆمۈرىدە ئۆگىنىشكە تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن بىلىملەرگە ئېھتىياجلىق بولىشىمۇ مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ كېيىن ئۆگۈنۈشكە مەجبور بولغان بىلىملەر ئۇنىڭ شۇ يېشىغا كەلگىچە تىكلىۋالغان كۆزقاراشلىرى ئۈچۈن تولۇقلىغۇچى، مۇستەھكەملىگۈچى بولۇشتەك قوشۇمچە رول ئويناش بىلەنلا چەكلىنىدۇ. يەنى، ئادەم ئوتتۇز ياشتىن كېيىن ئۆگىنىدىغان بىلىملىرى ئۇنىڭ بۇرۇن تىكلىۋالغان تۈپكى پىرىنسىپلىرىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ ياكى بۇرۇن تىكلىگەن كۆزقاراشلىرىنى ھەرگىز يىتىزىدىن قۇمۇرىۋىتەلمەيدۇ. بۇنداق يېتىشكەن بىرسىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭغان كىشىلەرمۇ داھىسىنىڭ ئەتىدىن كەچكىچە ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان تۇتامى يوق كۆزقاراشلىرى ئىچىدە تىڭىرقاپ ياكى مىڭىسىنى بۇلغاپ يۈرۈشتىن ساقلىنىپ قالالايدۇ. ئەگەر بىرەر داھىنىڭ تۈپكى چۈشەنچىلىرى باشتىن ئاخىرى ئۆزگەرمىگەن ئاساستا يېڭى بىلىملەر بىلەن كۈنسايىن تولۇقلىنىپ مۇكەممەللىشىپ بارغىنىدا، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىمۇ ئۆز داھىسىغا قەتئى ئىشەنچ بىلەن ئەگىشىپ ماڭىدىغان بولىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە، ئۇنىڭ كېيىن تولۇقلاپ بارغان بىلىملىرى ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرگە داھىسىنىڭ پىكىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان پاكىت بولۇش رولىنىمۇ ئوينىيالايدۇ.
    ئەگەر بىرەر يىتەكچى، ئۆز كۆزقارىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ ئۇ ئىدىيىسىدىن ۋاز كېچىشكە ياكى بۇ خاتا ئەقىدىسىنى تۈزىتىشكە مەجبور بولغانلىقىنى ھېس قىلىدىكەن، ئۇ رەھبەر قىلچە ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي سىياسىي پائالىيەتلەردىكى يىتەكچىلىك ئورنىنى بوشىتىپ دەرھال چەتكە چىقىشى لازىم. چۇنكى، ئىنتايىن مۇھىم بولغان پىرىنسىپال مەسىلىلەردە بىرەر قېتىم خاتالاشقان بىرسىنىڭ كەلگۈسىدە يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش خاتالىقنى قايتا سادىر قىلىش ئېھتىمالىمۇ ئىنتايىن كۆپ بولىدۇ. بۇنداق بىر كىشى خاتالىقىنى تۈزەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ خەلقتىن داۋاملىق داھىي بولۇشنى تەلەپ قىلىش ھەققى يوق.
    بۈگۈنكى كۈندە خاتالىقىنى تونۇپ ئورۇن بوشىتىشقا جاسارەت قىلالايدىغان كىشىلەرنى بەكلا ئاز ئۇچرىتىمىز. بۇ ئەھۋال، ئۆزلىرىنى سىياسىي سەھنىدە ئولتۇرۇشقا تولۇق ھەققىم بار دەپ قارايدىغان كىشىلەرنىڭ نەقەدەر پەسكەش بىرنېمىلەر ئىكەنلىكىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
    ئويلاپ كۆرەيلى، ئەنە شۇنداق پەسكەشلەر ئارىسىدىن قابىلىيەتلىك بىرەرسى يېتىلىپ چىقالارمۇ؟ ئەپسۇسكى ئۇنداق كىشىلەردىن رەھبەرلىك ئورنىغا سايلىنىدىغانلارنىڭ سانى يەنىلا بەك كۆپ.
    مەنمۇ سىياسىي ئىشلارغا ئۆزەمنى ئاتاپ كەلگەن بىرسى بولغىنىمغا قارىماي سىياسەتكە بەك چوڭقۇرلاپ كىرىپ ئۆزەمنى كۆرسىتىشتىن ساقلىنىشقا تىرىشاتتىم. مەن پەقەت سىياسىي مەسىلىلەردە مېنى ئالاھىدە قىزىقتۇرۇپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز ئەتىراپىمدىكى كىشىلەرگىلا سۆزلەپ يۈرمەكتە ئىدىم. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئەتىراپىمدىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئۇلارنى قانداق قىلىپ قايىل قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇلغانغان ئەمما ساددا قەلبلىرىگە قانداق قىلىپ تەسىر كۆرسىتىشكە بولىدىغانلىقىنى، بۇنداق كىشىلەرگە قانداق خىتاپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئۈگىنىشكە تىرىشاتتىم. بۇنىڭ ئۈچۈن پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ ھەر تۈرلۈك ماتېرىياللارنى ئۆگىنىپ سىياسىي سەۋىيەمنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشماقتا ئىدىم.
    بۇنداق بىر ئۆگىنىش ئۈچۈن پۈتكۈل گېرمان مۇھىتى ئىچىدە ۋىيېنادىنمۇ مۇۋاپىق باشقا بىر يەرنى تاپقىلى بولمايتتى.

    分享到: