• ئادلوف گىتلىر:<<مېنىڭ كۈرەشلىرىم>> (5.قىسىم)

    2009-05-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39667352.html

    يەھۇدىيلار

    يەھۇدىي دېگەن بۇ سۆزلەمنىڭ قاچانلاردىن باشلاپ مەندە ئۆزگىچە كۆز قاراش بولۇپ شەكىللىنىشىگە باشلىغانلىقىنى ئېنىق ئەسلىيەلمەيمەن. يەنى يەھۇدىلارغا قارىتا سەلىبى كۆز قاراشلارغا قوشۇلمايدىغان پىكىرگە كەلگەن ۋاقىتىمنىڭ قاچانلاردا باشلانغانلىقى ئېنىق يادىمدا قالماپتۇ. دادام ھايات ۋاقىتلىرىدا ئۆيدە بۇ سۆزلەم ھەققىدە بىرەر گەپ-سۆز بولغانلىقىنى پەقەتلا ئەسلىيەلمەيمەن. شۇنىسى ئېنىقكى، مەن قاتتىق ھۆرمەت قىلىدىغان دادام يەھۇدىي دېگەن بۇ سۆزلەمنى مازاق قىلىپ تۇرۇپ تىلغا ئالىدىغان كىشىلەرنى كۆرسە، ئۇنداق ئادەملەرنى جاھاندىن كېيىن قالغان قالاق كىشىلەر دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ئەسلىدە دادامنى پۈتۈن ئۆمرى بويىچە ھەممە نەرسىنى داشقايناق قىلىۋېتىدىغان چوڭ شەھەر قاراشلىرىنى ئۆزىگە مىزان قىلىۋالغان بىرسى دېيىش مۇمكىن. ئۆي ئىچىدە دادام مىللەتچىلىك كۆزقاراشتا ئىنتايىن چىڭ تۇرىۋالىدىغان جاھىل بىرسى بولغانلىقى ئۈچۈنمىكىن، ئائىلە تەربىيىسى ئارقىلىق مەنمۇ شۇنداق قاراشقا كەلتۈرۈلگەن ئىدىم. مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا يەھۇدىيلار ھەققىدىكى ئائىلەمدىن يۇقتۇرىۋالغان بۇ قاراشلىرىمنى ئۆزگەرتىشكە تەسىر كۆرسىتەلىگىدەك ھېچقانداق بىر تەربىيە بولۇپ باققان ئەمەس. رىئالشكول (كەسىپىي ئوتتۇرا مەكتەپ؟ − ت) دىكى ۋاقتىمدا بىر يەھۇدىي ساۋاغدىشىمنىڭ بارلىقى ئېسىمدە. بىز ئۇ بالىغا زادىلا يېقىن يولىمايتتۇق. بۇنىڭغا ئۇ بالا كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا بىزگە راستچىل بولماسلىقتەك مۇئامىلىلىرى سەۋەپ بولغان بولىشى مۇمكىن. شۇنداق بولىشىغا قارىماي مەندە ياكى ساۋاغداشلىرىم ئارىسىدا يەھۇدىي دىگەن بۇ قەۋىم ھەققىدە ئېنىق بىر كۆز قاراش يوق ئىدى.
    14~15 ياشقا كەلگەن ۋاقتىمدىلا سىياسىي مەسىلىلەر ئۈستىدە گەپ بولغىنىدا يەھۇدىي دېگەن بۇ ئاتالغۇنى كەمسىتىش شەكلىدە پات-پات ئاڭلاپ قالىدىغان بولدۇم. ئۇ چاغلاردا بۇنداق پەس كۆرىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىسام ئىچىمدىن ھەرگىزمۇ رازى بولمايتتىم. يەھۇدىيلارغا بېرىپ چېتىلىدىغان دىنىي مەزھەپلەر سەۋەبىدىن ئوتتۇرغا چىقىدىغان جىدەل-ماجرالارنى كۆرگىنىمدە بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولۇپ كېتەتتى. ھەتتا بۇنداق جىدەل قىلىشلاردىن بەكلا نارازى بولۇپ كىتەتتىم. بىز تۇرىۋاتقان لىنز شەھىرىدە يەھۇدىيلار بەكلا ئاز ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك پۈتۈنلەي ياۋرۇپالىشىپ بولغان كىشىلەر ئىدى. ھەتتا ئۇلارنى مەن بىزگە ئوخشاش نېمىس دەپلا ھېساپلىغان ئىدىم. ئۇ ۋاقىتلاردا بۇنداق خاتا قاراشتا بولغىنىمغا قىلچە غەلىتىلىك ھېس قىلمىغان ئىدىم. نېمىس بولۇش بىلەن يەھۇدىي بولۇشنىڭ تۈپكى پەرقى − ئۇلار ئوخشىمايدىغان باشقا-باشقا دىنلارغا ئېتىقات قىلىدىغانلىقىدا دەپلا قارايتتىم. ھەتتا يەھۇدىيلارنىڭ پات-پاتلا بوزەك قىلىنىشلىرىنى كۆرگىنىمدە، بۇنداق بوزەك قىلىش ئۈچۈن دىننى باھانە قىلىۋېلىشىدىن بەك ماقۇل ئەمەس ئىدىم.
    مەن ئەنە شۇنداق كۆزقاراشلار بىلەن ۋىېناغا كىرىپ كەلگەن ئىدىم. بىناكارلىق ساھەسىدىكى قىزىقىشىم سەۋەپلىك بۇ پايتەخت شەھىرىنىڭ بىر-بىرسىدىن گۈزەل ھەشەمەتلىك بىنالىرى مېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغاچقا، بۇ جەھەتتىكى ئۆگۈنۈش بېسىمى بىلەن تۇرمۇش غېمى ھەلەكچىلىكىدە دەسلەپكى كۈنلىرىمدە ۋىېنانىڭ شەھەر ئاھالىسىنى تەشكىل قىلغان ھەر قايسى مىللىي تەركىپلەر ھەققىدە ھېچ قانداق نەرسە كۆزۈمگە كۆرۈنمىگەن ئىكەن. ئۇ ۋاقىتلاردا ۋىېنا ئىككى مىليون ئاھالىسى بار بىر شەھەر ئىدى. بۇ ئىككى مىليون ئاھالىنىڭ ئىككى يۈز مىڭدەك قىسمى يەھۇدىي ئىكەندۇق. ئۇ كۈنلەردە بۇنىڭدىنمۇ خەۋىرىم يوق ئىدى. ۋىېناغا كىرگەن دەسلەپكى كۈنلىرىمدە بۇرۇنقى كاللام بويىچە يېڭىچە كۆزقاراشلارنىڭ قورشاۋىدىن ئۇنچە ئاسان قۇتۇلۇپ كىتەلىگىدەك كۈچكە ئىگە ئەمەس ئىدىم. كېيىنچە ئىچ-ئىچىمدىن قاتتىق ھەيران بولۇشقا باشلىدىم. بۇ تۈردىكى تۇيغىلىرىم ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلىشى بىلەن تەڭ، يەنى يەھۇدىي دېگەن بۇ مەسىلە بىلەن بىۋاستە ئۇچىراشقىنىمدىن كېيىن، ئەتىراپىمنى قورشاپ تۇرغان مۇھىتنى قايتىدىن ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىشكە باشلىدىم.
    مەن تۇنجى قېتىم يەھۇدىي دېگەن بۇ مەسىلىسىگە تۇيۇقسىز دۈچ كەلگىنىمدە بەكلا ھەيران قالغان ئىدىم. شۇ كۈنگە كەلگىچە مەن يەھۇدىيلارنى باشقا بىر دىنغا ئېتىقات قىلىدىغان كىشىلەر گۇروھى دەپلا بىلەتتىم. دىنىي توقۇنۇشلار بىلەن دىنىي ئېتىقاتلاردىن پەيدا بولغان ھەر تۈرلۈك زىدلىشىشلارنى ئادەمگەرچىلىك بىلەن ئىنسانى پەزىلەت نوقتىسىدىن ھەر دائىم تەنقىت قىلىشقا تەييار ئىدىم. شۇ كۈنلەردىكى ۋىېنا  مەتبۇئاتلىرىنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى پوزىتسىيىلىرىنىمۇ مەدەنىيەتلىك ۋە ئۇلۇغ بىر مىللەتنىڭ خاراكتىرىگە ياراشمىدى دەپ قارايتتىم. بۇنداق ئىشلارنى ئويلىسام، كۆڭلۈم پەقەتلا قوبۇل قىلالمايدىغان ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بەزى ۋەقەلەر قايتا يۈز بېرىۋاتامدۇ قانداق دەپ ئويلاپ قالاتتىم. مەن دېگەن بۇ گېزىتلار بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان مۇھىم گېزىتلاردىنمۇ ئەمەس ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ نىمە ئۈچۈن بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇ ۋاقىتتا مەنمۇ ئېنىق بىلمەيتتىم. شۇ سەۋەپتىن بۇ تۈردىكى گېزىتلارنىڭ يەھۇدىيلار ھەققىدىكى بۇنداق سەلىبى قاراشلىرىنى ئەينى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىپ كىتەلمىگەن بولسام كېرەك. يەھۇدىي دۈشمەنلىكىگە قارىتا داڭلىق گېزىتلار ئوتتۇرغا چىقىپ دادىللىق بىلەن رەددىيە بەرمەي كېلىۋاتقانلىقى مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرماقتا ئىدى. مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغان يەنە بىر ئىش، بۇ گېزىتلار ئۆز پىكىرىگە قارشى بۇ تۈردىكى گېزىت-ژورناللارغا جاۋاپ بەرمەي جىم تۇرىۋېلىش ئارقىلىق ئۇلارنى جىمجىتلىق ئىچىگە كۆمىۋېتىپ، بۇنداق ھۇجۇملاردىن ھېچكىمنىڭ خەۋىرى بولمايدىغان ھالەتنى پەيدا قىلالايدىغانلىقى ئىدى.
    دۇنياغا داڭلىق گېزىتلاردىن «نېۋ فرىي پرىس» ‹يېڭى ئەرك›، «ۋيېنېر تاگبلېت» ‹ۋىېنا› قاتارلىق گېزىتلارنى ئىزچىل ئوقۇپ تۇراتتىم. بۇ تۈردىكى گېزىتلار مۇشتېرىلىرىنى ھەر تەرەپلىمە ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ، ۋەقەلەرنى پۈتۈنلەي بىتەرەپ تۇرۇپ خەۋەر قىلىشلىرى مېنى بەكلا ھاياجانلاندۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. مەن بۇ گېزىتلارنىڭ ئەنە شۇ خىل تەرەپلىرىنى بەكلا ياقتۇراتتىم. ئۇلارنىڭ پەقەت بىرلا تەرىپى − ئۇلارنىڭ بەكلا ئېغىر بېسىق بولىۋېلىشى مېنى قايىل قىلالماي كەلگەن بولۇپ، بۇ تەرىپى كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپمۇ قويغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق مۇئامىلىسى بەلكىم بۇ تۈردىكى چوڭ شەھەرلەرنى تېنچ ۋە جانلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن بولسا كىرەك دەپ ئويلايتتىم. ئۇ ۋاقىتلاردا، ۋىېنانى ئەنە شۇنداق بىر شەھەر دەپ تونىغانلىقىم ئۈچۈن، ئۆزەمنى قايىل قىلىشنىڭ بىر باھانىسى قىلىپ شۇنداق خۇلاسىغا كەلگەن بولۇشۇممۇ مۇمكىن.
    ئەمما مەن، بۇ تۈردىكى مەتبۇئاتلارنىڭ ھۆكۈمەتكە ھەددىدىن ئارتۇق يالاقچىلىق قىلىپ ئەخلاقسىزلارچە قويرۇق شىپاڭشىتىپ كېتىشلىرىگە زادىلا قايىل ئەمەس ئىدىم. خوفبۇرگ ئوردىسىدا كىچىككىنە بىرەر ۋەقە يۈز بەردىمۇ بولدى، ئۇلار بۇ ۋەقەنى مۇشتىرىلىرىگە ئالاھىدە چوڭ بىر ئىش يۈز بەرگەندەك، بۇنداق ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ خەۋەر قىلىپ كېتىشەتتى. بولۇپمۇ ھۆكۈمدار ئۈستىدە توختالغانلىرىدا، ھۆكۈمدارنىڭ كۆزىگە ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن قىلمىغان قىلىقى قالمايتتى. بۇنداق ماقالىلارنى كۆرسەم، بۇ گېزىتلار پۈتۈنلەي يالغان گەپ ساتىدىغان گېزىتلار ئىكەن دەپ يىرگەنگىم كېلىدۇ.
    يوقۇرقىدەك كۈزىتىشلىرىم، مېنىڭ بۈگۈنگىچە قولغا كەلتۈرگەن “لېبىرال دېموكراتىيە” توغرىسىدىكى قاراشلىرىمغا داغ چۈشۈرگەن ئىدى. ئىمپىرىيە ئوردىسىنىڭ ياخشى مۇئامىلىسىنى بۇنداق ئۇسۇللار بىلەن قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلاش، خەلقنىڭ ئىناۋىتىنى بىر تىيىنگە تەڭ قىلمىغانلىق ھىساپلىناتتى. شۇنداق قىلىپ، ۋىېنانىڭ داڭلىق گېزىتلىرىگە بولغان قىزىقىشىم سوۋۇشقا باشلىغان ئىدى. ۋىېناغا كەلگەن دەسلەپكى ۋاقىتلىرىمدىن تارتىپلا گېرمانىيىدە يۈز بەرگەن سىياسىي جەھەتتىكى ياكى جەمىيەت ھاياتىدىكى ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئالاھىدە ھەۋەسلەنگەن ھالدا مەتبۇئاتلاردىن ئىزچىل كۈزىتىپ كەلمەكتە ئىدىم. رېيچ (گېرمانىيە ھۆكۈمەت مەھكىمىسى، مىنىستىرلار كابىنتى؟ − ت) نىڭ كۈچلىنىشىنى ئاۋۇسترىيىنىڭ زەئىپلىشىش كېسىلىگە سېلىشتۇرۇپ ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا قىزىقىپ ئوقۇپ كېتەتتىم. رېيچنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى مېنى چەكسىز خوشال قىلالىغىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئىچكى سىياسىي ۋەزىيىتى مېنى ئۇنچە بەك خوشال خوشال قىلىپ كىتەلمىگەن ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا ئىككىنچى گۇيللاۋمغا قارشى قانات يايدۇرۇلغان كۈرەشلەرنى پەقەتلا توغرا كۆرمىگەن ئىدىم. مەن ئۇ كىشىنى گېرمانىيىنىڭ ئىمپىراتۇرى دەپلا تونىماستىن، ئۇنى يەنە گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بىردىن-بىر قۇرغۇچىسى دەپمۇ ھىساپلايتتىم.
    گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئىمپىراتورنىڭ سىياسىي نوتۇق سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى ئاڭلاپ بۇ پارلامىنتتىن بەكلا رەنجىگەن ئىدىم. چۇنكى بۇنداق بىر قارارنى ھېچقانداق سالاھىتى بولمىغان بىر قۇرۇلتاي چىقارماقتا ئىدى. بۇ ھارامتاماقلار قۇرۇلتىيى، پۈتكۈل ئىمپىرىيە خاندانلىقى ئەسىرلەر بويىچە بىرەر قېتىم بولسىمۇ سادىر قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلچە زىيىنى يوق بىرەر خاتالىقىدىنمۇ كۆپ ناچار ئىشقا تۇتۇش قىلماقتا ئىدى. ھەر بىر چالا ساراڭغا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىۋېلىشى ئۈچۈن سەھنىگە چىقىشقا يول قويغان، ھەتتا قانۇن تۈزىگۈچى قىياپىتى بىلەن دۆلەت ئىچىدە يۈگەنسىز قويىۋىتىلگەن پۈتۈن قارارلىق قۇرۇلتايلارنىڭ ئەڭ مەدداھ كىشىلىرىگە سورۇن يارىتىپ بېرىدىغان پەسكەش بىر قۇرۇلتاي، ئىمپىرىيە تەختىدە ئولتۇرغان بىر پادىشاھنى ھاقارەتلىيەلىگىنىنى ئاڭلاپ چەكسىز غەزەپلىنىپ كەتكەن ئىدىم. بولۇپمۇ مېنى غەزەپلەندۈرگەن يەنە مۇنداق بىر ئىشمۇ بار ئىدى: ئىمپىرىيە ئېغىللىرىدىكى ئەڭ قاشاڭ ئاتلىرىنىمۇ ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن سالام قىلىپ كۈتىۋالىدىغان، ئەگەر بۇ ئات قويرۇقىنى شىپاڭشىتىپ قالغىدەك قىلسىمۇ چىن قەلبىدىن ھاياجانلىنىپ كېتىشىدىغان ۋىېنا گېزىتلىرى، گېرمانىيە ئىمپراتورىغا مۇناسىۋەتلىك ئاساسسىز تۆھمەتلەرنى كۆڭۈللىرى يېرىم بولغاندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىشقا شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ يامان نىيىتىنى يوشۇرۇپ قالالماي ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلالىشى مېنى تېخىمۇ بەك نەپرەتلەندۈرگەن ئىدى. ئەگەر بۇ گېزىتلارنىڭ ئېلان قىلغان نەرسىلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇلار ھەرگىزمۇ گېرمانىيە (دوچلاند) ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش نىيەتلىرى يوق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشكە ھەردائىم تىرىشىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئالالايمىز. تەڭرى ئۇلارنى بۇنداق بىشەملىكتىن ساقلىغان بولسا، كاشكى! ئەمما ئۇلارغا قارايدىغان بولساق، ئۇلار گويا ئىككى ئىمپىرىيە ئوتتۇرسىدا كىلىشىمگە كەلگەن ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا ياردەملىشىۋاتقانلاردەك كۆرۈنۈشنى ئىپادىلىشىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. بۇ نوقتىدىن ئالغاندا، ئۇلار ئەسلىدە پەسكەش نىيەت بىلەن دوستانە قىياپەتكە كىرىۋېلىپ پاسكىنا بارماقلىرى بىلەن يارىغا قولىنى تىقىپ قوچۇپ يۈرگەن كىشىلەرگە ئوخشايتتى. ئۇلار بۇ قىياپەتتە كۆرۈنۈش ئارقىلىق مەتبۇئاتچىلىقتا راستچىل بولۇش دەيدىغان پىرىنسىپنىمۇ ئىجرا قىلىۋالغاندەك قىياپەتنى نامايەن قىلىۋېلىشاتتى! ئەسلىدە، بۇ گېزىتلار ئەنە شۇنداق ماقالىلىرى ئارقىلىق پاسكىنا قوللىرى بىلەن يارىنى قوچىلاپ مىجىغلىشاتتى. ئۇنداق قۇرلارنى ئوقۇغىنىمدا قۇرسىغىم كۆپۈپ يېرىلىپ كەتكىدەك غەزەپلىنىپ كىتەتتىم. شۇنداق قىلىپ، بۇ داڭلىق (!) گېزىتلاردىن بارغانسىرى گۇمان قىلىشقا باشلىدىم. ئاخىرىدا يەھۇدىي دۈشمىنى بولغان گېزىتلاردىن «دوتچېس ۋولكسبلەت» ‹گېرمان پۇخراسى›گېزىتىنىڭمۇ ئەنە شۇنداق جىددى مەسىلىگە قارىتا ئۇلاردىنمۇ نازاكەتلىك، تېخىمۇ سىلىق بىر پوزىتسىيىدە مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوقۇپ ھەيران قالغان ئىدىم.
    بۇلاردىن باشقا مېنى غەزەپلەندۈرگەن ئىشلاردىن يەنە بىرسى، داڭلىق گېزىتلارنىڭ ئۇ كۈنلەردە فرانسىيىگە ئالاھىدە ئېھترام بىلدۈرپ كېتىشى ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق ئېھترام بىلدۈرىشى گويا بىر دىنىي ئىبادەتتە فرانسىيىگە چوقۇنىۋاتقان ھالەتنى ئەسلىتەتتى. بۇ داڭلىق (!) گېزىتنىڭ ئۇ "مەدەنىيەتلىك خەلق" نى مەدھىيلەپ يازغان كارامەت شىېرلىرىنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا، مەندە نېمىس بولۇپ قالغانلىقىمدىن نومۇس قىلغىدەك تەسىرات پەيدا قىلغان ئىدى. بۇ تۈردىكى پەسكەش فرانسىيە قىزغىنلىق ۋاباسى بۇ تۈردىكى داڭلىق گېزىتلارنى تالاي قېتىم چۆرۈپ تاشلىۋېتىشىمگە سەۋەپ بولغان ئىدى. مەن شۇنداق ۋاقىتلاردا دەرھال ۋولكسبلەت ‹پۇخرا› گېزىتىنى ئوقۇيتتىم. ئۇنىڭ مۇشتىرىلىرىنىڭ دائىرىسى بىر قەدەر تار ئىدى. بۇ گېزىت، بۇ تۈردىكى ئىشلارغا بەكىرەك دىققەت قىلىپ تېخىمۇ مۇۋاپىق بىر ئۇسلۇپ بىلەن تەھلىل يۈرگىزىدىغان بىر گېزىت ئىدى. مەن بۇ گېزىتنىڭ يەھۇدىيلارنى ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى بەك قوبۇل قىلالمىساممۇ، ئۇلار ئېلان قىلغان بەزى ماقالىلىرىدا شۇنداق دەلىل-ئىسپاتلارنى ئۇچرىتالايتتىمكى، بۇلارنى كۆرۈپ چوڭقۇر ئويغا پېتىپ قالغان ۋاقىتلىرىممۇ بولغان ئىدى.
    شۇنداق دەپ پەرەز قىلىمەنكى، ئۇ كۈنلەردە ۋىېنانىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قولىغا ئېلىۋالغان كىشى بىلەن، ئۇنىڭ ئەزا بولغان پارتىيىسىنى ئەنە شۇنداق بىر مۇھىتتا تونىسام كېرەك. بۇ كىشىنىڭ ئىسمى دوكتور كارل لۋېگېر بولۇپ، ئۇ خرىستيان سوتسيالىستلار پارتىيىسىدىن ئىدى. ۋىېناغا كەلگەن كۈنلىرىمدە بۇ پارتىيىنى خالىمايدىغان بىرسى ئىدىم. مەن دوكتور كارل لۋېگېر بىلەن ئۇنىڭ پارتىيىسىنى مۇتەئەسسىپلەر دەپ تونۇيتتىم. ئەمما بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ كىشىنى تونۇش ۋە ئۇنىڭ يازغان كىتاۋىنى ئوقۇش پۈرسىتىگە ئېرىشىپ، ئۇلارغا بولغان كۆز قارىشىم ئۆزگەردى. ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىمۇ دوكتور كارل لۋېگېرنى ھەرقانداق بىر قارارلىق شەھەر باشلىقلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ قابىلىيەتلىك شەھەر باشلىقى دەپ قاراپ كەلمەكتىمەن. خرىستيان سوتسيال ھەرىكىتى ھەققىدىكى كۆز قارىشىم ئۆزگەرگەندىن كېيىن، كاللامغا ئورۇنلىشىۋالغان بارلىق خۇراپى كۆز قاراشلارنىڭ ھەممىسى بىراقلا پاك-پاكىزە سۈپۈرىلىپ تاشلاندى. يەھۇدىيلارغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلارغا بولغان كۆز قاراشلىرىممۇ تەدرىجى ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ئەمما مېنىڭ بۇنداق بىر توغرا يولنى تېپىۋالالىشىم بەكلا ئەگرى-توقاي يوللارنى مېڭىش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشقان ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە ئۆز كاللام بىلەنمۇ كەسكىن مۇنازىرىلەرنى قىلىشقا مەجبور بولغان ئىدىم. ئەمما ئەقىل بىلەن ھىسىيات، بىر-بىرسىگە دۈشمەن ئىككى كىشىگە ئوخشاش بىر-بىرسى بىلەن كەسكىن جەڭلەرنى قىلىشقاندىن كېيىن، ئەقىل ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ غەلىبە قازانغان ئىدى. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ ئەقىل بىلەن ھىسىيات قايتىدىن ئىتتىپاق تۈزۈشكەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ ھىسىيات ئەقىلنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى، يول كۆرسەتكۈچىسى بولۇپ قالدى. كۆزقاراش جەھەتتە ئالغان تەربىيەلەر بىلەن ئەقىل ئوتتۇرسىدىكى ئادەمنى ئازاپلىغان ھالدا روي بېرىدىغان بۇ تۈردىكى قاتتىق توقۇنۇشلاردا، ۋىېنانىڭ مۇساپىرلار رايونىدىن ئالغان تۇرمۇش دەرسلىرىم ماڭا بەكلا قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى سۇنۇپ مەسىلىلەرنى چۈشىنىشتە ماڭا ياردەم بەرگەن ئىدى.
    شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن كوچا-دوخمۇشلاردا قارغۇلارچە ئايلىنىپ مەڭدەپ يۈرۈشتىن قۇتۇلغان ئىدىم. كۆزلىرىم ئېچىلىپ ئەتىراپنى روشەن كۆرىدىغان ھالغا كەلگەن ئىدىم. بىر كۈنىسى ۋىېنانىڭ كونا مەھەلىلىرىنىڭ بىرسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىمدا، تۇيۇقسىزلا ئۇزۇن يەكتەكلىك ‹تۈركلەر كېيىدىغان ئۇزۇن چاپان›، قارا چاچلىرىنى ئۇزۇن قويىۋەتكەن بىرسىگە دۈچ كەلدىم. “ۋاي بۇ نېمە ئىش، بۇمۇ بىر يەھۇدىي بولغىيمىدى؟” ئۇنى كۆرۈپ ئەقلىمگە دەرھال بۇ سوئال كەلدى. لىنزدىكى يەھۇدىلار بۇنداق قىياپەلەر بىلەن يۈرمەيتتى. ماڭا بەكلا يات كۆرۈنگەن بۇ قىياپەتكە پۈركەنگەن گەۋدىنى ئېھتىيات قىلغان ھالدا ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىشكە باشلىدىم. بۇ گەۋدىنى كۈزىتىش جەريانىدا ئۇنىڭ يۈز-كۆزىگە سىنچىلاپ قارىدىم. ئاندىن بايىقى ئۆزەمدىن سورىغان سۇئالنى دەرھال ئۆزگەرتتىم: “ئەجەبا بۇمۇ بىر نېمىسمىدۇ؟”
    ئۇنىڭدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، كاللامدىكى بۇ مۇجمەل سۇئالنى يېشىش يولىنى ئاختۇرۇش ئۈچۈن دەرھال كىتاپلارغا مۇراجەت قىلىشقا كىرىشتىم. شۇنداق قىلىپ تۈنجى قېتىم نەچچە تەڭگە پۇل خەجلەپ يەھۇدىلارغا قارشى كىتاپلارنى سېتىۋېلىشقا باشلىغان ئىدىم. ئەمما نىمىشقىدۇ بۇ كىتاپلارنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك كىتاپخانلار يەھۇدىي ئۆچمەنلىكى ئۈچۈن قانات يايدۇرۇلىدىغان كۈرەشلەردىن ئاز-تۇلا خەۋىرى بار دەيدىغان قاراش بويىچە تەييارلانغان ئىكەن. بۇ كىتاپچىلاردىكى بايانلار مېنىڭدە يېڭى-يېڭى چۈشىنىكسىزلىكلەرنى پەيدا قىلىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كەلتۈرگەن پاكىتلىرى بەكلا ئاددى نەرسىلەر بولۇپ، ئىلمىيلىققا پەقەتلا يەتمەيتتى. شۇنداق قىلىپ خۇراپىي كۆزقاراشلارغا قايتىدىن پېتىشقا باشلىدىم. مەندىكى بۇ ھالەت ھەپتىلەپ، ھەتتا ئايلاپ داۋام قىلدى.
    مەسىلىلەر ماڭا شۇنچىلىك غەلىتى، ھۆكۈملەر شۇنچىلىك مەنىسىز بىلىندىكى، بۇلارغا قاراپ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان بىرەر خۇلاسىگە كېلىپ قالماي يەنە دەپ بەكلا قىينالغان ئىدىم. شۇنداق قىلىپ دىنىي توقۇنۇشلار بايان قىلىنغىنىدا باشقا مەزھەپتىكى بىر نېمىس قەۋىمى ئۈستىدە گەپ بولمايۋاتقانلىقىنى، بىز نېمىسلارغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بىر ئىرق – يەھۇدىي ئىرقى ھەققىدە گەپ بولىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشكە باشلىدىم. راس شۇنداق، گەپ راستىنلا يەھۇدىيلار ئۈستىدە بولىۋاتقان ئىدى. چۇنكى، بۇ مەسىلە بىلەن شوغۇللىنىشقا باشلاپ، پۈتۈن زىھنىمنى يەھۇدىلار ئۈستىگە مەركەزلەشتۈرگەن كۈنىمدىن ئىتىۋارەن ۋىېنانى باشقىچە بىر قىياپەتتە تونىماقتا ئىدىم. شۇندىن ئېتىۋارەن، نەگە بېرىشىمدىن قەتئىي نەزەر قايسى تەرەپكە قارىسام قاراي، ھەممە يەردە يەھۇدىي كۆرمەكتە ئىدىم. يەھۇدىيلارنى ئىزچىل تۈردە ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىپ كەلگىنىم ئۈچۈن، ئۇلارنى باشقا كىشىلەر ئارىسىدىن دەرھال تونۇۋالالايدىغان ھالغا كەلگەن ئىدىم. ۋىېنانىڭ مەركىزىدە، دوناينىڭ شىمالىغا جايلاشقان مەھەلىلەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى گېرمان مەھەلىلىرىنىڭكىدىن تۈپتىن پەرقلىنىپ تۇراتتى. ئۇ يەرلەردە باشقا بىر تۈردىكى كىشىلەر مىغىلدىشىپ يۈرەتتى.
    شۇندىن كېيىن بۇ مەسىلە ئۈستىدە، يەنى يەھۇدىيلارنى تونۇش ئىشىدا ئازىراقلا گۇمان قىلغىدەك بولسام، يەھۇدىيلارنىڭ بىر قىسمى ئىپادىلىگەن مىجەز-خۇلۇقلىرى مېنىڭدە پەيدا بولىدىغان بۇنداق گۇمانلارنى دەرھال سۈپۈرۈپ تاشلايتتى. ئۇ يىللىرى يەھۇدىلار ئارىسىدا كۈچىيىپ بېرىۋاتقان، ۋىېنادا ھەممە يەرگە يامىراپ كەتكەن ئىنتايىن زور بىر ھەرىكەت بولۇپ شەكىللىنىۋاتقان يەھۇدى ئىرقىنىڭ غايىسى، ئىنتايىن رۈشەن ھەرىكەت ھالىنى ئېلىپ كۆزگە چېلىقماقتا ئىدى. بۇ زور ھەرىكەتنىڭ ئىسمى سىيونىزم ئىدى.
    يەھۇدىيلار ئارىسىدىكى ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەر سىيونىزمگە قاتتىق ئىشىنەتتى. قالغان كۆپ سانلىق يەھۇدىيلار بولسا بۇ پىرىنسىپنى قوبۇل قىلمايدىغان كىشىلەردەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇنداق پوزىتسىيىلىرىنى يېقىندىن كۈزىتىدىغانلا بولساق، ئۇلارنىڭمۇ نىقاپلىرى يىرتىلىپ پۈتۈنلەي باشقا قىياپەتتىكى بىر يەھۇدىي ئوتتۇرغا چىقاتتى. ئۇلار بىزگە ئۆز غايىلىرى ئۈچۈن ئۇيدۇرۇپ چىققان بىر قاتار قىلچە ئاساسى يوق سەۋەپلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، ئەركىن يەھۇدىيچىلار سىياسىي پائالىيەت بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان يەھۇدىيلارنى بىز بىلەن بىر ئىرققا تەۋە كىشىلەر ئەمەس دەپ رەت قىلىپ باققانمۇ ئەمەس. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭمۇ بىر يەھۇدىي بولغانلىقلىرىنى ئېسىگە ئېلىشىپ ئۇلاردىن نومۇس قىلىپ كېتىشەتتى.شۇنىڭغا قارىماي ئۇلارنىڭ بۇنداق ھېسىياتلىرى ئۇلارنى بىر يەرگە توپلىنىشلىرى ئۈچۈن ھەرگىزمۇ توسالغۇ بولمايتتى. ئەنە شۇ تۈردىكى لىبېرال يەھۇدىيلار بىلەن سىيونىست يەھۇدىيلار ئوتتۇرسىدىكى بۇ خىل يالغان زىدىيەتلەر مېنى قاتتىق يىرگەندۈرىۋىتەتتى. ئۇلارنىڭ بۇنداق بىر-بىرسى بىلەن چىقىشالمايدىغان كۆرۈنۈشكە كېلىۋېلىشىغا سەۋەپ قىلىپ كۆرسەتكەن زىددىيەتلىرىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىقلىرى ھەقىقەتەنمۇ ئۇچىغا چىققان كاززاپلىق ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇخىل ھىلىگەرلىكلىرى يەھۇدىي ئىرقى زۇلۇم ئاستىدا قالدى، بىز ئەسلىدە ئاق نىيەتلىك كىشىلەرمىز دىيىشلىرىگە پەقەتلا ماس كەلمەيتتى. ئەسلىنى سۈرۈشتە قىلىدىغان بولساق، بۇ ئىرقنىڭ ئەخلاقىي پەزىلەتلىك بولىۋېلىشى پەۋقۇلئاددە ياسالمىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. بۇ ھارامتاماقلارنىڭ سۇدىن نەقەدەر قورقىدىغان مەخلۇقلار ئىكەنلىكىنى يۈزىگە قاراپلا بىلىۋالالايسىز، ھەتتا كۆپۈنچە ھاللاردا كۆزىڭىزنى يۇمۇپ تۇرۇپ يېنىغا يېقىن كەلسىڭىزلا شۇ ھامات ھىس قىلالايسىز. بۇنى پەرق قىلغان كۈنىمدىن بويان بۇ يەكتەك كىيىۋالىدىغان ھارامتاماقلارنىڭ سېسىق پۇراقلىرىنى سەزسەملا كۆڭلۈم ئاينىپ ئاشقازانلىرىم تەتۈر ئۆرىلىپ كېتىدىغان بولدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دىگىدەك ئۈستى-بېشى كىر كىشىلەر بولۇپ، ئەدەپ-ئەخلاق دىگەندىن پەقەتلا خەۋىرى يوق ئىدى. بۇ دىگەنلىرىمدىن بەلكى قولغا چىققىدەك بىر نەرسە ھىس قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن. ئەمما مەن بۇ مەخلۇقلارنىڭ پاسكىنىچىلىقلىرى تىگىدە ئۆزلىرىنى ئەتىۋارلىق ئىرق ئەۋلادلىرى دېيىشىۋالغان بۇ كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىن ئىنتايىن پەسكەش كىشىلەر ئىكەنلىكىنى پەرق قىلىپ، ئۇلاردىن قاتتىق يىرگىنىدىغان بولدۇم.
    شۇنىڭدىن باشلاپ يەھۇدىيلارنىڭ بەزى پائالىيەت ساھەلىردىكى ھەرىكەت قىلىش شەكىللىرى دىققىتىمنى بەكىرەك جەلىپ قىلىشقا باشلىدى. ئاندىن مەن ئۇلارنىڭ ھەرىكەت قىلىش سىرلىرىنى بىر-بىرلەپ كەشپ قىلىشقا باشلىدىم. جەمىيەتتە ھەر قانداق شەكىلدە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ھەرقانداق بىر ناچار ئىش مەۋجۇتلا بولىدىكەن چوقۇم بۇ ئىشنىڭ ئىچىدىن بىر يەھۇدىي چىقاتتى. بۇ تۈردىكى پاسكىنىلىقلارغا نەشتەر سانچىلا-سانچىلماس، سېسىپ پۇراپ كەتكەن بەدەنگە چاپلىشىپ قالغان قان شورىغۇچى سازاڭدەك كۈچلۈك يۇرۇغلۇقتىن كۆزلىرى قاماشقان بىر جۈپ يەھۇدىي ئوتتۇرغا چىقاتتى.
    يەھۇدىلارنىڭ ماتبۇئات، گۈزەل سەنئەت، ئەدەبىيات ۋە كىنو-تىياتىرچىلىق ساھەلىرىدىكى بارلىق پائالىيەتلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىپ چىققىنىمدىن كېيىن، يەھۇدىيلىقنى قارىلاشقا بولىدىغان بىرمۇنچە پاكىتلارنى توپلاپ چىققان ئىدىم. شۇنداق قىلىپ، گېزىتلاردىكى چىرايلىق گەپلەر، قىزىقارلىق ماقالىلار ماڭا قىلچە تەسىر كۆرسەتمەس بولۇپ قالدى. ھەرقانداق بىر كىنو ياكى تىياتىر ئېلانلىرىغا قاراپ بۇلارنىڭ غوجايىنلىرىنىڭ كىملىكىنى ياكى كىنو سىنارىيە يازغۇچىسىنىڭ ئىسىملىرىنى كۈزىتىش ئارقىلىقلا بۇنىڭ تېگىدىكى پاسكىنىچىلىقلارنى كۆرىۋالالايدىغان بولدۇم. بۇلارنى تەتقىق قىلغانسىرى ئادەم ئىختىيارسىزلا يەھۇدىيلارغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغان بىرسىگە ئايلىنىپ قالاتتى.
    بۇ تۈردىكى ئەخلاقسىز پائالىيەتلەر ۋىېنادا خەلقىمىزنى زەھەرلەپ كېلىۋاتقان بىر تۈرلۈك ئەخلاق ۋاباسى بولۇپ، بۇ تۈردىكى ۋابا قېدىمقى ۋاقىتلاردىكى ۋابالاردىنمۇ ئېغىر ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغىدەك كۈچكە ئىگە ئىدى. بۇ تۈردىكى ۋابا مىكروپلىرى كۆپلەپ ئىشلەپ چىقىرىلىپ تۆت ئەتىراپقا تارقىتىلماقتا ئىدى. بۇ تۈردىكى ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدىغانلارنىڭ بىلىم ۋە ئاڭ-پىكىر سەۋىيىسى قانچىكى تۈۋەن بولسا، ھەتتا يوقنىڭ ھىساۋىدا بولغىنىدا، بۇنداقلارنىڭ ئەسەر (!) چىقىرىش قابىلىيىتىمۇ شۇنچە يوقۇرى بولاتتى. بۇ پەسكەش كىشىلەر خۇددى بىر پۈركىگۈچ ماشىنىسىغا ئوخشاش پۈتۈن پاسكىنىلىقلارنى ئىنسانىيەتنىڭ يۈزىگە توختىماي پۈركۈپ تۇراتتى. بۇ تۈردىكى پەسكەشلەرنىڭ سانىنى تۆۋەن مۆلچەرلەشكىمۇ بولمايتتى.
    تەڭرىنىڭ لۇتپى بولغان بىر گيوتېنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭ زامانداشلىرى ئورنىغا بۇ چالا ساۋاتلارنىڭ پەيدا بولىشىنى بىر پەرەز قىلىپ بېقىڭ. بۇ پەسكەشلەر خۇددى بىر تاياقچە باكتېرىيىگە ئوخشاش ئەڭ ساپ قەلپلەرنى زەھەرلەشتىن بىر مىنوتمۇ توختاپ قالمايتتى. يەھۇدىيلارنى بۇنداق قورقۇنۇشلۇق رول ئويناش ئۈچۈن تەڭرى مەخسۇس ياراتقان دېگەن پەتۋالارنى ئويلىغىنىمىزدا ئادەمنىڭ تۈكلىرى ئۈرپىيىپ كېتىدۇ. … ئەمما بىز بۇنداق يالغانلارغا ھەرگىزمۇ ئالدىنىپ قالماسلىقىمىز، ھەرگىزمۇ يەھۇدىي ھەققىدە خام خىيالدا بولماسلىقىمىز شەرت. مەخسۇس تاللانغان ئىرق ھەرگىزمۇ ئۇنداق چىرىگەن لەشلەر بولالمايدۇ!
    شۇنىڭدىن كېيىن ئەخلاقسىز ۋە پەسكەش نەرسىلەرنى سەنئەت ئەسىرى دەپ ئوتتۇرغا چىقىرىۋاتقان ئاپتورلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈشكە كىرىشتىم. بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە يەھۇدىيلار ھەققىدىكى بۇرۇن ئويلىغانلىرىمنىڭ خاتا بولۇپ قالغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم پەرق قىلدىم. ھىسىيات ئادەمنى ھەرقانچە قايمۇقتۇرىمەن دىسىمۇ ئەقىلنىڭ تەتقىقات ئۇسۇلى بويىچە ئوتتۇرغا چىقىرىلىدىغان نەتىجىلەر تېخىمۇ توغرا بولاتتى. مۇنداق بىر پاكىتنى ھەرگىزمۇ ئىنكار قىلىشقا بولمايتتى: گۈزەل سەنئەتلەردىكى پەسكەش ئەسەرلەر، ئەدەبىيات ساھەسىدىكى پاسكىنىچىلىقلار، كىنو-تىياتىرچىلىقتا رولغا ئېلىنغان ئاخماقانىلىقلارنىڭ يۈزدە توقسەن قىسمى ئومۇمىي نوپۇسىمىزنىڭ ئارانلا يۈزدە بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان بىر ئىرقنىڭ قولىدىن چىقىۋاتقان نەرسىلەر ئىدى. بۇ پاكىتنى ھەرگىز ئىنكار قىلماسلىقىمىز كېرەك. مەن بىر زامانلاردا دۇنيانى چۆگۈلۈتۈپ يۈرگەن ئورگانلار دەپ تۇنىۋالغان ئەڭ چوڭ گېزىتلارنىمۇ خۇددى يوقۇرقىدەك ئىنچىكىلىك بىلەن تەپسىلى تەتقىق قىلىپ باقتىم. قارماقنى قانچىكى چوڭقۇرغا تاشلىسام، نەشتىرىمنى يارىغا قانچىكى تىرەن پاتۇرسام، بۇرۇن مېنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ كەلگەن نەرسىلەر قىممىتىنى يوقۇتۇپ كۆز ئالدىمدا يوقاپ كەتمەكتە ئىدى. بۇ مەتبۇئاتلارنىڭ قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئۇسلۇبى ھەقىقەتەن تاقەت قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئۇسلۇپ ئىدى. بۇنداق گېزىتلاردا ئۆز مىللىتى ئۈچۈن ئانچە مۇھىم بولۇپ كەتمەيدىغان ئاددى كۆزقاراشلارنىمۇ مەجبورى قوبۇل قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنىشاتتى. بۇ يالغان ماشىنىلىرىنىڭ ماقالىلىرىدىكى مەنتىقىسىزلىكلەر مېنى راس شۇنداق بولسا كېرەك دېگەن تۇيغىغا كەلتۈرگىنىگە قارىماي، بۇنداق يالغانلار ماڭا ئەڭ چوڭ ئۇيدۇرما بولۇپ كۆرۈنۈشكە باشلىغان ئىدى. بۇ مەتبۇئاتلاردا ماقالە يازىدىغان ئاپتورلىرىنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك يەھۇدىيلار ئىدى. بۇرۇن پەقەتلا دىققىتىمنى تارتمىغان مىڭلىغان ئەھمىيەتسىز نوقتىلار بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دىققىتىمنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىرمۇ-بىر تەھلىل قىلىپ چىقىشقا توغرا كەلگەن ئىدى. بىر ۋاقىتلاردا مېنى چوڭقۇر ئويغا سالغان نوقتىلارنىڭ ئەپتى بەشىرىسى قايتىدىن رۇشەن كۆرۈنۈشكە، بۇ نوقتىلارنىڭ تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى كۆزئالدىمدا نامايەن بولۇشقا باشلىغان ئىدى. ئەندىلىكتە بۇ مەتبۇئاتلارنىڭ لىبېرال كۆز قاراش ۋە چۈشەنچىلىرىنى پۈتۈنلەي باشقا بىر شەكىلدە چۈشىنىشكە ۋە ئۆلچەشكە باشلىدىم. ئۆزلىرىگە قارشى چىققان ماقالىلارغا جاۋاپ بەرگەن ۋاقتىدا ئىپادىلەيدىغان سالاپەتلىكى ياكى پىكىرلىرىگە زىت كېلىدىغان گېزىتلارغا قارىتا ئۆلۈكتەك جىم بولىۋېلىشلىرىدەك ھىلىگەرلىكلىرىنىڭ مۇدداسى مانا ئەندىلىكتە رۇشەن كۆرۈنمەكتە ئىدى. ئۇلارنىڭ جىم تۇرىۋېلىشتەك قىلىقلىرى ھەقىقەتەنمۇ ئۇستىلىق بىلەن ئوينالغان ئۇيۇن ئىكەندۇق.
    كىنو-تىياتىر ئوبزورچىلىرىنىڭ كۆكلەرگە ئۇچۇرۇپ مەدھىلەشلىرى پەقەت يەھۇدىي ئاپتورلارغىلا خاس بىر ئىش ئىدى. ھەر دائىم نېمىس ئاپتورلار تەنقىتلىنەتتى.
    ئىككىنچى گۇيللاۋمغا رەزىللەرچە پاتۇرۇلغان بىگىز شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن تەكرار پاتۇرۇلدىكى، بۇ گېزىتنىڭ ماقالىلىرىنى مەلۇم بىر مەركەزدە تەييارلىشىپ ئاممىغا ئېلان قىلغانلىقىغا شۇ ھامات ئىشەندىم. فرانسۇز مەدەنىيىتى ئۈچۈن يېزىلغان ماقالىلارمۇ ئەنە شۇ ئۇسۇلدا تەييارلانغان ماقالىلار ئىدى. بۇ گېزىتنىڭ تىلى ماڭا يات بولۇپ تۇيۇلماقتا ئىدى. يېزىلغان ماقالىلار گېرمان مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىگە شۇنچىلىك زىت ئىدىكى، بۇ ماقالىلار چوقۇم مەخسۇس شۇنداق يېزىلغانلىقى چوقۇم ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ خىل پائالىيەت قىلىشلىرى كىم ئۈچۈن ئىدى؟ بۇ ئىشلار ھەرگىز شۇنداق پەۋقۇلئاددە توغرا كېلىپ قالالمايتتى.
    مەن يەنە  نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالغان ئىدىم. بىر مۇنچە ۋەقەلەرنى بىرمۇ-بىر تەھلىل قىلىپ چىققىنىمدىن كېيىن، پىكىرلىرىم يەنە قايتىدىن جايىغا كېلىشكە باشلىدى. يەھۇدىيلارنىڭ ئەخلاق ۋە ئادەت ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى ھەقىقەتەنمۇ بەكلا قورقۇنۇشلۇق نەرسىلەر ئىدى. بۇ جەھەتتە نامراتلار مەھەلىلىرى ماڭا ئىنتايىن مول تۇرمۇش مەكتىۋى بولغان ئىدى. ئەمما بۇ جەرياندا ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق جاپالىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ئىدىم.
    يەھۇدىيلارنىڭ پاھىشىلىك سودىسىدا، بولۇپمۇ ئاق تەنلىك ئاياللار سودىسىدا ئالاھىدە مۇھىم رول ئويناپ كەلگەنلىكىنى پەرق قىلدىم. بۇ تۈر چىرىكلىكلەر، فرانسىيىنىڭ جەنوبىدىكى پورت شەھەرلىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا غەربىي ياۋرۇپا شەھەرلىرى ئىچىدىكى ۋىېنادا بەكلا ئاسان تەتقىق قىلىشقا بولىدىغان ئىشلاردىن ئىدى. ئاخشاملىرى لېوپولدستادنىڭ جىمجىت تار كوچىلىرىدا قەدەمدە بىر ئىنسانىيەتنىڭ يۈزىگە داغ چۈشىرىدىغان سەھنىلەرنى كۆرۈشكە بولاتتى. بۇ ئەھۋال، ئۇرۇش مەزگىللىرىدە شەرقىي فرونتتا ئۇرۇش قىلىۋاتقان نېمىس ئەسكەرلىرىگە شۇنچە كۆپ ئۇچراپ تۇرغىنى بىلەن، نېمىس مىللىتىنىڭ كۆپ قىسمى بۇ تۈردىكى ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئىدى.
    ۋىېنانىڭ پاتقاق كوچىلىرىدا ئەخلاقى پەزىلەتلەر ئېغىر دەپسەندە قىلىنىپ، چەكلەشكە تىگىشلىك بۇ كومىدىيىنى ئۇ ئەخلاقسىز يەھۇدىيلار ئۇستىلىق بىلەن ئوينىتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بەدەنلىرىم تىتىرەپ ئۈيۈشۈپ ھېچنېمىنى سەزمەس بولۇپ لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالغان ئىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن يەھۇدىيلار مەسىلىسىنى ئاشىكارىلاشتىن قەتئىي قورقمايمەن دەپ، يەھۇدىيلارنىڭ بۇ رەزىل ئەپتى بەشىرىسىنى پاش قىلىش ئىشىنى ئۆزەمگە ۋەزىپە قىلىۋېلىش ئىرادىسىغا كەلدىم. مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدا، گۈزەل سەنئەتنىڭ ھەرخىل پائالىيەت تارماقلىرىدا يەھۇدىيلارنى پەرق قىلىش يوللىرىنى تېپىۋالغىنىمدىن كېيىن، يەھۇدىي دېگەن بۇ پەسكەش مەخلۇق بۇ يەردە ھەرگىز بولماسلىقى كېرەك دېيىشكە بولىدىغان يەنە بىر يەردە ئۇلارغا دۈچ كېلىشىمنى ھەرگىز ئويلىمىغان ئىكەنمەن: يەھۇدىيلار سوتسيال دېموكراتچىلارنى يىتەكلەپ يۈرگەن ئىكەن ئەمەسمۇ! يەھۇدىيلارنىڭ سوتسيال دېموكراتىيىنىڭ مەسئولى ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمدىن كېيىن، سوتسيال دېموكراتىيە ھەققىدىكى بۇرۇنقى كۆز قاراشلىرىمنى تۈپتىن ئۆزگەرتتىم. شۇنداق قىلىپ، ھىسىياتىم بىلەن ئەقلىم ئوتتۇرسىدىكى ئۇزۇندىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان كۈرەشمۇ ئاخىرلاشتى.
    ئىشچى قېرىنداشلىرىم بىلەن پات-پات كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان كۈنلەردە، ئۇلار ھەر قانداق بىر مەسىلە ئۈستىدە بەكلا چاپسان مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدىغانلىقىنى پەرق قىلغان ئىدىم. ئىشچىنىڭ بىر-ئىككى كۈندە بىر، ھەتتا كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ھەر سائەتتە بىر  دېگىدەك كۆزقاراشلىرىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدىغانلىقىغا بەكلا ھەيران قالغان ئىدىم. ئىشچىلار بىلەن ئۆزئارا سۆھبەتلىشىش جەريانىدا مەيدانى مۇستەھكەم، خېلىلا توغرا پىكىرلىك ئىشچى ئىكەن دەپ تونىغانلىرىممۇ بىرەر پارچە گېزىتنى كۆرگەن ھامان بۇرۇنقى توغرا پىكىرلىرىنى پاك-پاكىزە ئۇنتۇپ ئېسىدىن چىقىرىۋېتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قالاتتىم. ئۇلاردىكى بۇنداق مىجەز مېنى بەكلا ئۈمىتسىزلەندۈرىۋىتەتتى. مەن بۇ ئىشچى دوستلىرىمغا نەچچە سائەتلەپ چۈشەندۈرۈپ، ئەندى ئۇلارنى قايىل قىلالىدىم، ئۇلار بىلەن ئورتاق كۆزقاراش تىكلىيەلىدىم، ئۇلارنىڭ كاللىسىدىن چىرىك ئىدىيەلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ توغرا يولغا قايتىشلىرىغا ياردەمچى بولالىدىم دەپ خوشال بولۇپ كېتەتتىم. ئەمما ئەتىسى ئۇلار بىلەن ئۇچىراشقىمدا خۇددى ئۇلار بىلەن بۇ ھەقتە پەقەتلا پىكىرلىشىپ باقمىغىنىمدەك، ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى خاتا قاراشلىرىنى تاشلاتقۇزۇش ئۈچۈن بىر كۈن ئاۋال شۇنچە تەپسىلى چۈشەنچە بەرگەنلىرىمنى، ئۇلار ئۆزلىرىمۇ دىگەنلىرىمگە قايىل بولۇپ پىكىرلىرىنى تۈزىتىۋالغانلىقلىرىنى پاك-پاكىزە ئۇنتۇپ ھېچنىمە كۆرمىگەندەك ئالدىمدا پەيدا بولاتتى. مېنىڭ كۆرسەتكەن شۇنچە تىرىشچانلىقلىرىم بىكار بولۇپ چىقاتتى. ئۇلار كاللىسىغا كىرىۋالغان قىممىتى يوق، ئەھمىيەتسىز كۆز قاراشلاردىن خۇددى ئۆلگىچە ئايرىلالمايدىغاندەك قىياپەتتە ئالدىمغا كېلىپ گۆشىيىپ تۇرۇشلىرىنى كۆرۈپ بەكلا ئۈمىدسىزلىنىپ كىتەتتىم.
    بۇ ئىشچىلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشەققەتلىك بىر تەغدىرگە قالغانلىقلىرىدىن بەكلا نارازى ئىدى. ئۇلار ئېغىر زۇلۇم سېلىۋاتقان بۇ جەمىيەتتىن بەكلا نارازى ئىدى. ئۇلار، بۇنداق قىيىن كۈنلەرگە قالغانلىقلىرىنى شۇ كاپىتالىستلاردىن، غوجايىنلاردىن كۆرۈپ، ئۇلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشاتتى؛ ئىشچىلارنىڭ مۈشكۈل ئەھۋالىغا پەقەتلا كۆڭۈل بۆلمەي كېلىۋاتقان ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىمۇ ھاقارەتلەپ ئۇلاردىن نەپىرەتلىنەتتى. ئىشچىلارنىڭ بۇ ھىسىياتلىرى مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىگە قارشى نامايىش قىلىپ كوچىلاردا يۈرگەن ۋاقىتلىرىدا ئاشكارە ئىپادىلىنەتتى. ئەمما مېنىڭ ئەقلىم يەتمەيدىغىنى، بۇ ئىشچىلار نىمىشكە ئۆز مىللىتىگىمۇ شۇنچىلىك ئۆچمەنلىك قىلىدۇ؟ بۇ ئىشچىلار مىللىتىمىزنىڭ ئۇلۇغلىقىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە سەۋەپ بولغان ھەرقانداق نەرسىنى قارىلىشاتتى، تارىخىمىزغا قارا چاپلىشاتتى، ئىرقىمىزنىڭ داڭلىق كىشىلىرىگە بوھتان قىلىشاتتى. ئۆز قان قېرىنداشلىرىغا، ئۆز ماكانىغا، ئۆزلىرى توغۇلۇپ ئۆسكەن ۋەتىنىگە بۇنچە كۈچلۈك دۈشمەنلىك قىلىشلىرىغا زادىلا چىداپ تۇرغىلى بولمايتتى. ئۇلارنىڭ بۇنداق نانكۆرلۈكى تەبىئەت قانۇنىيەتلەرگە زىت بىر ھەرىكەت ھىساپلىناتتى. گەرچە قايمۇققان بۇ كىشىلەرنى تەربىيىلەپ توغرا يولغا قايتۇرۇپ كېلىشكە بولار، ئەمما يوقۇردا دېگىنىمدەك، ئۇلار بىر قانچە كۈندىن كېيىن، بەك ئۇزاپ كەتسە نەچچە ھەپتىدىن كېيىن يەنىلا بۇرۇنقى ھالىتىگە يېنىۋېلىشى تۇرغانلا گەپ.

    分享到: