• ئادلوف گىتلىر:<<مېنىڭ كۈرەشلىرىم>> (4.قىسىم)

    2009-05-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39667310.html

    كېمىسازلىق ئىش ئورنىدىكى، زاۋۇتلاردىكى، يىغىن يەرلىرىدىكى ۋە نامايىش يەرلىرىدىكى ۋەھىمە سېلىپ قورقۇتۇشلار، شۇنىڭغا ئوخشاش ۋەھىمە، قورقۇتۇشلار بىلەن تاقابىل تۇرۇلمايدىغانلا بولىدىكەن، ئۇلارنى ھېچكىم يېڭىپ چىقالمايتتى.
    ئامما ئارىسىدا بۇنچىلىك ئۇتۇققا ئېرىشكەن يىتەكچى پارتىيىمۇ تەبىئىي ھالدا كۆرەڭلەشتىن يولىنى ئۆزگەرتىپ بۇرۇن ئۆزلىرى ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەت ئورۇنلىرىنىڭ قوينىغا ئۆزلىرىنى ئېتىشىدىكەن. ئەسلىدە، قالايماقانلىق ۋەزىيەت ئۇلارنىڭ ھوقۇقنى قولغا كىرگۈزىۋېلىشى ئۈچۈن بىر پۇرسەت بولۇپ بېرىدىكەن. بۇ مالاماتاڭدىن پايدىلىنىپ ئۇلار راستىنلا مۇرادىغا يېتەلەيتتى. دەل شۇ پەيتتە، ھەر قېتىملىق ھۆكۈمەت قۇرغان پارتىيىنىڭ قوينىغا كىرىۋېلىشنى پىلانلاپ يۈرىدىغان ئەمما قولىدىن تۈزۈك بىر ئىش كەلمەيدىغان كادىرلارمۇ دەرھال ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىققان سوتسيال دېموكراتچىلارغا پىلان كۆرسىتىشىپ، بۇرۇن سوتسيال دېموكرات دۈشمىنى بولغان كىشىلەرنى پاش قىلىش ھىساۋىغا يېڭى ھۆكۈمەت تەركىۋىدە داۋاملىق بۇرۇنقى لالمىلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىدىكەن.
    سوتسيال دېموكراتچىلار قولغا كەلتۈرگەن بۇنداق سايلام غالىبىيىتىنى ئۇلارنى ھىمايە قىلىدىغان ۋە ئۇلارغا ئەگىشىدىغان كىشىلەر قانداق ئويلايدىغاندۇ؟ ئۇلار بۇ ھۆكۈمەتنى خەلق ئاممىسىغا قانداق خىزمەت قىلىدۇ دەپ ئويلار؟ ھىسيادىنى يىگانە كىتاپلاردىن ئۆگۈنىۋالغانلار بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ھەرگىز بىلەلمەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن خەلق بىلەن بىرگە ياشىغان بىرسى بولۇش كېرەك.
    ئەمما ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى قولغا كەلگەن بۇ غالىبىيەتنى ئۆزلىرىنىڭ بۇ يول ئۈچۈن ئۇزۇندىن بېرى ھارماي-تالماي كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ مۇقەررەر بىر نەتىجىسى دەپ تەشۋىق قىلىشىدۇ، بۇنىڭغا قارشى چىقىش نىيىتىدە بولغان ئۆكتىچىلەر زىيان تارتسا تارتىدىكى، ھەرگىز پايدا ئالالمايدۇ، شۇڭا ھەممە ئۇلارغا بوي سۇنۇش شەرت دەيدىغان گەپنى تەرغىپ قىلىشقا باشلايدىكەن.
    سوتسيال دېموكراتچىلارنىڭ بۇ تۈردىكى زورلۇق-زومبىلىق ئۇسۇللىرىدىن خەۋەر تاپقىنىمدىن كېيىن، بۇ تۈردىكى تېررورچىلىققا دۈچ كەلگەن خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ بەك ئىچ ئاغرىتىشقا باشلىدىم.
    ماڭا، مېنى ئۆز خەلقىم ئىچىدە ياشاتقان، خەلقىمنى تونۇش پۈرسىتى يارىتىپ بەرگەن، خەلقىمنى ئاخماق قىلىپ يۈرگەنلەرنى ماڭا تونۇتقان، نەتىجىدە خەلقىمنىڭ بېشىغا كىلىۋاتقان ئاپەتلەرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تونىۋېلىشىم ئۈچۈن پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بەرگەن شۇ جاپا-مۇشەققەتلىك كۈنلىرىمگە چىن قەلبىمدىن رەخمەت ئېيتىمەن.
    ئەنە شۇنداق ئۇسۇللار بويىچە ئازدۇرۇلغان بۇ خار كىشىلەر سىياسەتنىڭ قۇربانلىقلىرىدىن باشقا بىرسى ئەمەس ئىدى. ئەگەر مەن، بۈگۈن قولۇمغا چوتكامنى ئېلىپ “تۈۋەن تەبىقە” دېيىلىۋاتقان بۇ سىنىپ روھىنىڭ بىر پارچە رەسىمىنى سىزىشقا ئۇرۇنسا ئىدىم، بۇ رەسىمدە يەنىلا نۇرغۇن چۈشۈنۈكسىز نوقتىلارنىڭ ساقلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە مەجبور بولار ئىدىم. ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ سىزغان رەسىمىم ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىر رەسىم بولۇپ قالىدۇ. بىز ئۇلارنى ھەر قانچە تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر دەپ قارىساقمۇ، ئۇلارنىڭ بىر تەرىپىدە يەنىلا بىر نۇرنىڭ چاقناپ تۇرىدىغانلىغىنى كۆرۈپ ئالالايمىز. يەنى، بۇنداق كىشىلەر ئارىسىدا پىداكارلىق روھ، ۋاپادار دوستلۇقلار پەۋقۇلئاددە بىر سەمىمىيلىك بىلەن ئىپادىلىنىپ، ئۆزلىرىنى ھەر دائىم تارتىنچاق قىلىپ كۆرسىتىشەتتى. بۇ پەزىلەتلەر بولۇپمۇ چوڭ ياشتىكى ئىشچىلاردا تېخىمۇ ئوچۇق ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. ياشلاردا بولسا، چوڭ شەھەرلەرنىڭ تەسىرىدە بۇنداق پەزىلەتلەر كۈنسايىن كامىيىپ كېتىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، يەنىلا شۇ پاسكىنىچىلىقلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقاتمىغان بىر مۇنچە ياشلارنى ئۇچۇرتۇش مۇمكىن. ئالى غايىلارغا ئىگە بۇ يۈرەكلىك ۋە مەرت كىشىلىرىمىزنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگە يار-يۈلەك بولۇش ئىشلىرىنى مىللەتنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى بولغان شۇ كىشىلەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇلغان بولسا، بۇ غايىلىك كىشىلىرىمىز ئۇ چىرىك ئەقىدىلەرنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى تېخى پەرق قىلىپ كىتەلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۇنكى تېخى بىرەرسى ئوتتۇرغا چىقىپ خەلقىمىزنىڭ بۇ غايىلىك كىشىلىرىنى بۇلغاپ كىلىۋاتقان كۈچلەرنى پاش قىلىپ ئۇلارغا زەربە بېرىشكە ئۇرۇنۇپ باقمىدى. شۇنداق بولغاچقا بىزنىڭ غايىلىك كىشىلىرىمىزدە ھەرقانچە تاقابىل تۇرۇش كۈچى باردەك قىلغىنى بىلەن، ئۇلار يەنىلا سەۋىر قىلىش تەلىماتىنىڭ زەھىرى نەتىجىسىدە غىڭ قىلماي ئۇلارغا ئەگەشمەكتە. چۇنكى بۇرجۇئازلار ياراتقان نامراتلىق، بۇ كىشىلىرىمىزنىمۇ ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنى سوتسيال دېموكراتچىلارنىڭ كۈنلۈكى ئاستىغا قىستاپ قويماقتا ئىدى.
    ئۇنداقتا، سوتسيال دېموكراتچىلارنىڭ تورىغا چۈشۈپ قالغان بۇ كىشىلەرنىڭ دۈشمەنلىرى بولغان بۇرجۇئازىيىنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ بۇرجۇئازىيە، ئىشچىلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانلىق تەلەپلىرىنى تولۇق قاندۇرۇپ بەرمەيلا قالماي، ھەتتا ئۇلارنىڭ بۇ تۈردىكى ئەقەللىي ئىنسانلىق تەلەپلىرىنى ھاقارەت بىلەن رەت قىلىپ كەلگىنى ئۈچۈن، پەزىلەت ئىگىسى بولغان ئىشچى ئاخىرى بېرىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى دەيدىغان قاپقانغا چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ سىياسىتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان گوماشتىغا ئايلىنىپ قالغان.
    دەسلەپكى ۋاقىتلاردا مىليونلىغان ئىشچىلار سوتسيال دېموكراتچىلارنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرۈپمۇ كەتمەيىتتى. ئەمما ئىشچىلارنىڭ ھەرىكەتلىرى ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولمىغان شارائىتلار ئىچىدە نۇرغۇن قېتىم ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۈچ كېلىپ مەغلوپ بولغان ئىدى. بۇرجۇئازىيە پارتىيىلىرى بولسا ئىشچىلارنىڭ بارلىق ئىجتىمائىي تەلەپلىرىگە قارىتا قەتئىي قارشى تەرەپ بولۇپ ئوتتۇرغا چىققان ئىدى. ئۇلار، ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتلىرىنى ياخشىلاش جەھەتتە قىلچىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەجبورى ھالدا سوتسيال دېموكراتچىلارنىڭ تورىغا چۈشۈپ قېلىشىغا بىردىن بىر سەۋەپچى بولغانلار ئىدى. سوتسيال دېموكراتچىلار بولسا ئېغىر قىيىنچىلىق ۋە بېسىم ئاستىدا قالغان ئىشچىلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئۆز مەقسەتلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىشقىلا تىرىشىدۇ. بۇرجۇئازىيە بارلىق ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلارغا چىش-تىرنىقى بىلەن قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە خەلق ئاممىسى ئارىسىدا غەزەپ ئۇچقۇنلىرىنىڭ كېڭىيىشىگە سەۋەپ بولۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئىشچىلار تەبىقىسىمۇ ئۆزلىرىنى سوتسيال دېموكراتچىلارغا تاپشۇرۇشقا مەجبور بولغان ئىدى. بۇرجۇئازىيە پارتىيىلىرى بۇ جەھەتتە سادىر قىلغان خاتالىقلىرىنى ھېچ بىر ۋاقىت تۈزىتىش نىيىتىدە بولۇپ باقمىدى. شۇنداق قىلىپ، ئىشچىلار خەلقنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان سوتسيال دېموكراتچىلارنىڭ ‘بىز سىلەرگە ئىگە بولىمىز’ دەيدىغان يالغان تەشۋىقاتلىرىغا ئىشىنىپ قالغان ئىدى.
    بۇلاردىن كېيىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ تەشكىللىنىشىگە ئاساس بولۇپ بېرىدىغان ئەخلاقى پىرىنسىپلار ئوتتۇرغا قويۇلۇشقا باشلايدۇ. بۇ ئاساستا قۇرۇلغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى سىياسىي ساھەلەردە سوتسيال دېموكراتلارنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىككىنچى كۈچى ھالىغا ئايلىنىپ قالغان.
    ۋىېنادا تۇرىۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى يوقۇرقىدەك كۈزىتىشلەر نەتىجىسىدە ئېنىق تونۇپ، ئۇلارغا تەمكىنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا باشلىغان ئىدىم.
    ئەسلىدە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى سوتسيال دېموكراتچىلارنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى دەپ قارىۋېلىشىم بىر تۈرلۈك خاتا قاراش ئىكەندۇق. بۇنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، بۇنداق خاتا قاراشتىن دەرھال يېنىۋالدىم. شۇنداق قىلىپ مېنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىغا بولغان بۇرۇنقى قاراشلىرىم پۈتۈنلەي ئاغدۇرىۋېتىلدى.
    ئىشچىلار مەنپەتىنى ھىمايە قىلىش، ئىشچىلارنى تېخىمۇ ياخشى شارائىتلارغا ئېرىشتۈرۈشنى ئۆزلىرىگە مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئىرقلار ئوتتۇرسىدىكى سىياسىي كۈرەشلەردە ياللانما كۈچ ئورنىدا پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلىشقان ئۇيۇشمىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇلغانلىقىنى پەرق قىلغان ۋاقىتلىرىم، يىگىرمە ياشقا كىرىپ قالغان ۋاقىتلىرىم ئىدى.
    سوتسيال دېموكراتچىلار، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھەرىكىتىنىڭ تەڭداشسىز كۈچ-قۇدرىتىنى باشقىلاردىن بۇرۇن بىلىپ قېلىشقان ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، ئۇلار بۇ كۈچتىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇن پائالىيەتلىرىنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇش ئىمكانىيىتىگىمۇ ئېرىشەلىگەن ئىدى. بۇرجۇئازلار بولسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ قىممىتىنى بىلەلمىگىنى ئۈچۈن جەمىيەتتىكى سىياسىي ئورنىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغان ئىدى. بۇرجۇئازىيە، ئۆزىگە تەمەننا قويۇشتەك كىبىرلىكىگە تايىنىپ ئىشچىلار ئۇيۇشما ھەرىكەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ ئۇلارنى تۇيۇق يولغا باشلىۋىتىلەيمىز دەپ ئىشىنىشكەن ئىدى. ئەسلىدە، بۇرجۇئازلارنىڭ دېگىنىدەك ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ تەركىۋىدە مىللەتنى ۋەيران قىلىۋىتىدىغان ئۇنداق بىر ئامىل مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، بۇ جەھەتتە بۇرجۇئازىيە پۈتۈنلەي خاتالاشقان ئىدى.
    ئەسلىدە، ئىش بۇنىڭ دەل ئەكسىچە بولۇپ، ئۇيۇشما ھەرىكەتلىرى مىللەتنىڭ ھۇلى بولغان ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى ئۆستۈرۈشنى ئۆزلىرىگە غايە قىلىپ تاللىۋالغانلا بولسا ھېچقاچان ۋەتەن، مىللەتكە قارشى ھەرىكەت قىلماستىن، بەلكى ئورتاق بىر مىللىي تەربىيە يولىدا زۆرۈر بولغان ئىجتىمائىي تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشۇپ، مەملىكەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغان بىر تەشكىلگە ئايلانغان بولاتتى. ھەتتا تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا خەلقنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي نامىراتلىقلىرىغا سەۋەب بولىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي نوقسانلىرىنىمۇ تۈزىتەلىگەن بولاتتى. شۇنداق بولغاچقا، ئۇيۇشما ھەرىكىتىنى بىزگە بىرەر پايدىسى بارمۇ دەپ سوراشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ئىدى. ئىجتىمائىي چۈشەنچىسى يوق، ھوقۇق ۋە قانۇن ئۇقۇملىرىدىن بىخەۋەر غوجايىنلار ۋەتىنىمىزدە مەۋجۇتلا بولىدىكەن، خەلقىمىزنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى بولغان ئىشچىلار ئۇنداق كىشىلەرنىڭ مەنپەتپەرەسلىكى ۋە باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشلىرىغا قارشى تۇرۇپ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئىگە بولىشى ۋە بۇنى ئۆزىگە بىر ۋەزىپە قىلىۋېلىشى لازىم. چۇنكى خەلق بىلەن بولغان ئۇيۇشقاقلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ساپلىقىنى قوغداشقا ئوخشايدىغان پائالىيەتلەر مىللىي مەنپەتىمىزگىمۇ ئۇيغۇن پائالىيەتلەردۇر.
    ئەگەر بىر قىسىم ئەخلاقسىز ۋە ئىنساپسىز غوجايىنلار ئۆزلىرىنى مىللەتتىن ئايرىم تۇتۇپ، بىر سىنىپ كىشىلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ئامانلىقىغا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان بولسا، ئۇلارنىڭ ئىنساپسىزلىقى بىلەن شەخسى مەنپەتلىرى ۋەتەننىڭ كەلگۈسى تەغدىرىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇ تۈردىكى خاھىشلارنى چەكلەش، شۆبىھسىزكى مىللىتىمىزنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىدىغان ياخشى ئىشتۇر.
    بۇ يەردە يەنە، قايسى بىرسىلىرىنىڭ قۇربان قىلىنغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ياكى زىت بەزى ناھەقچىلىكلەر كۆرۈلمەكتە دەپ ساختا مەسىلە پەيدا قىلىشقىمۇ ھېچ كىمنىڭ ھەددى ئەمەس. بۇنداق ساختا مەسىلە پەيدا قىلىش، ئەسلىدە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى باشقا تەرەپكە بۇرىۋېتىشكە ئۇرۇنۇش ھېلىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىۋېتىشقا ئۇرۇنۇش ھەرگىزمۇ مىللىي مەنپەئەتىمىزگە توغرا كەلمەيدۇ. راست ئەمەسمۇ؟ ئەگەر يوق قىلىشقا توغرا كەلگىنىدىمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن توغرا ئۇسۇل بىلەن ھەرىكەتكە ئاتلىنىش لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا، يالغۇز بىر ئىشچى ئۆز ئالدىغان كۈچلۈك بىر غوجايىنغا ھەرگىزمۇ تاقابىل تۇرالمايدۇ. بۇ يەردە ھەرگىزمۇ ھەققانىيەتنىڭ غالىب كېلىش مەسىلىسىلا ئەمەس، ئەگەر ھەق دىگەن نەرسىنى ھەممە ئىتىراپ قىلغان بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ئوتتۇرلۇقتا نە بىر زىدىيەت مەۋجۇت بولار ئىدى ياكى زىدىيەت ھەل قىلىش دەيدىغان مەسىلە مەۋجۇت بولار ئىدى. ھەققانىيەت تۇيغۇسى مۇتلەق تۈردە زىدىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر تۇيغۇ. ھەتتا ھەققانىيەت تۇيغۇسى بار يەردە ھېچ قاچان زىدىيەت دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت بولالمايدۇ. بۇنداق بىر ئەھۋالدا، مەسىلىنى ئۆزىگە پايدىلىق تەرەپكە بۇراشنىڭ بىردىن-بىر ئامالى − ئەڭ كۈچلۈك، تېخىمۇ كۈچلۈك بىرسى بولۇشتۇر.
    ئادەتتە كىشىلەر ناھەقچىلىككە دۈچ كەلگەنلىرىدە ئىجتىمائىي قانۇنلاردىن پايدىلىنىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر بۇنداق بىر قانۇن يوق ياكى ئۇنى ئىجرا قىلىدىغان ئادۋۇكات-سودىيەلەر بولمىغىنىدا، كۆرۈلگەن ناھەقچىلىكلەرگە قارشى بىردىن بىر چارە، زورلۇق كۈچىدىن پايدىلىنىشلا بولىدۇ. ئىشچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنداق بىر زورلۇق كۈچىنى بەرپا قىلىشنىڭ بىردىن بىر يولى، ئۇيۇشۇپ تەشكىللىنىپ بىر ۋەكىلنى ئوتتۇرغا چىقىرىشتۇر. مانا بۇ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى زۆرۈرىيەت. بۇ شەكىلدە بارلىققا كەلگەن ئۇيۇشمىلار كۈندىلىك تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئارقىلىق جەمىيەتكە ئۆزىنىڭ ھەسسىسىنى قوشىدۇ. نەتىجىدە، كۆرۈلىدىغان ۋە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان نۇرغۇن كۈندىلىك مەسىلىلەر بىخ ھالىتىدىلا ھەل قىلىنىپ تۇرۇلغان بولىدۇ.
    سىياسىي بۇرجۇئازىيە (بۇرجۇئا سىياسەتچىلىرى؟ − ت) ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى بىلەلمەي ياكى ئۇلارغا سەل قاراپ، ئۇلارغا زورلۇق كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرۇش يولىنى تاللىۋالغان بولسا، سوتسيال دېموكراتچىلار زەربە يىگەن تەرەپكە كۆڭۈل بۆلگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ بۇ كۈچتىن ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىنىپ كېتىدۇ. دىگەندەك، ئۇلار ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ دەرتلىرىنى ھەقىقىي تۈردە چۈشىنىدىغانلىقىنى داۋراڭ قىلىشىپ، ۋەزىيەت قالايماقانلاشقان پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ بۇ كۈچتىن ھەقىقەتەنمۇ ئوڭۇشلۇق پايدىلىنىپ كەلمەكتە.
    ئۇلار بۇ نوقتىغا كېلىۋالغاندىن كېيىن، ئىشىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەقسەتلىرىنى ئاستا-ئاستا ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا غايىلارنى ئوتتۇرغا چىقىرىشىدۇ. چۇنكى، سوتسيال دېموكراتچىلار كوللىكتىپلىشىش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق پروگراممىلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا ھېچقاچان ئەھمىيەت بېرىپ باققان ئەمەس، ھەتتا ئۇنىڭغا ھېچقاچان قىزىقىپ باقمىدى دەپ ئېيتالايمىز.
    نەتىجىدە، ئىجتىمائىي مەنپەئەتلەرنى قوغداش ئۈچۈن تەشكىل قىلىنغان بارلىق كۈچلەر، سوتسيال دېموكراتچى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قولىغا كىرەر كىرمەي مىللىي ئىقتىسادنى ۋەيران قىلىدىغان كۈچكە ئايلاندۇرۇلماقتا. شۇنداق قىلىپ، ئىشچىلار مەنپەتى پۈتۈنلەي ئۇنتۇلدۇرۇلدى. چۇنكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلەردە كۆرۈلىدىغان ۋاقىتلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىش جەريانى سىياسىي تۇرمۇشتا ھەر تۈرلۈك باش ئەگدۈرۈش جەريانىنىمۇ بارلىققا كەلتۈرۈپ بېرەتتى. ئەمما بۇنداق بىر ئەھۋال بىر تەرەپتىن جاھالەت ھۆكۈم سۈرىۋاتقان، يەنە بىر تەرەپتە ئاخماق ئىنسانلار يىغىلىپ قالغان بىر ۋەزىيەتتىلا مۇمكىن بولىدىغان بىر ئەھۋال ئىدى. بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى دەل شۇنداق بىر ۋەزىيەت ئىچىدە دەپ قاراش مۇمكىن ئىدى.
    ئەركىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى

    ئۆتكەن 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگىچە، ئىشچىلار ئۇيۇشما ھەرىكەتلىرىنىڭ غايىلىرى ئۆزىنىڭ دەسلەپكى غايىلىرىدىن قېيىشقا باشلىغان ئىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ سوتسيال دېموكراتچىلارنىڭ خەتەرلىك سىياسىي قاپقىنىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، ئاخىرى سىنىپىي كۈرەشنىڭ زوراۋان كۈچلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئىنتايىن قىيىن شارائىتلار ئاستىدا مىڭ تەستە بەرپا قىلىنغان ئىقتىسادىي ئاساسلار كەينى-كەينىدىن زەربىگە ئۇچۇرتۇلۇپ ۋەيران قىلىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئىقتىسادىي ئاساستىن ئايرىلغان بىر دۆلەت ئورگىنىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش بەكلا ئاسانغا توختايدۇ. بۇ ۋەزىيەتكە كەلگەندىن كېيىن، سوتسيال دېموكراتلار پارتىيىسى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئەمەلىي تەلەپلىرىگە بارغانسىر قۇلاق سالماس بولىۋالىدۇ. ئەمما ئۆز سىياسەتلىرى ئۈچۈن خەلق ئاممىسىنىڭ نامىراتلىققا پېتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماي يۈرىۋەرگىنىدە، ئۆزلىرىگە خەۋىب يېتىدىغانلىقىنى ھەممىدىن ياخشى بىلىشىدۇ. چۇنكى، خەلقنى بىر قېتىم قاندۇرۇش بىلەنلا ئۇلارنى مەڭگۈ ئۆزلىرىگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قىلىۋىتەلمەيتتى.
    بۇنداق يۈزلىنىش سىنىپىي كۈرەش تەرەپتارلىرىغا شۇنداق ئېغىر زەربە بولۇپ تۇيۇلدىكى، ئۇلار دەرھال يولىنى ئۆزگەرتىشىپ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈرمۇش سەۋىيىسىنى ئومۇمىي يۈزلۈك ئۆستۈرىمىز دەيدىغان تۈزۈمنى ھىمايە قىلغۇچى كۈچلەرگە قارشى سەپ تۈزۈشكە كىرىشىدۇ.
    ئۇلار ھەيران قالارلىق بىر شەكىلدە يولىنى ئۆزگەرتىشكەن ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي نىمە ئۈچۈن بۇنداق يول ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئىزاھلاپمۇ ئولتۇرمىدى.
    چۇنكى، تەلەپلەر قانچىكى ئارتىپ بارسا، بۇنداق تەلەپلەرنى ئورۇنداپ بېرىش ئېمكانىيىتىمۇ شۇنچە قىيىنلىشاتتى. ھەر تۈرلۈك چۈشەنچە ۋە پىكىر يۈرگۈزۈشتىن مەھرۇم بولغان بىر خەلق ئاممىسىغا نىسبەتەن ھەر خىل شۇئارلارنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىمۇ ئالاھىدە كۈچلۈك بولاتتى. (؟- ت)
    بۇرجۇئازىيە پارتىيىلىرى سوتسيال دېموكراتچىلارنىڭ ھاكىمىيىتىگە ئىزچىل نەپرەتلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنى يېڭىپ چىقالىغۇدەك بىرەر ھەرىكەت پىلانىنىمۇ ئوتتۇرغا قويۇشالمىغان ئىدى. ئەسلىدە، ئۇلارمۇ سوتسيال دېموكراتچىلارغا ئوخشاش ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ياخشىلاش ھەققىدە زادىلا باش قاتۇرۇپ باقمىغان ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، بۇ بۇرجۇئاز دىگەنلەر ھېچقانداق بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمىدى. ئۇلار دۈشمەن ئىستىھكاملىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئورنىغا، ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى قىيىن ئەھۋال ئاستىغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئۆز ئۆزىنى مۇھاسىرىگە ئالغاندەك ئىش قىلىشقان ئىدى. كېيىن يەنە ئۆزلىرى پەيدا قىلغان بۇ قىيىن مۇھىتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كېچىكىپ بولسىمۇ بەزى تەدبىرلەرنى ئېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن تاپقان چارىلىرى زادىلا كارغا كەلمىدى. نەتىجىدە ھەم ئۆزلىرىنى ھەم باشقىلارنى رەنجىتىشتىن باشقا بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى.
    شۇنىڭدىن كېيىن “ئەركىن ئۇيۇشما” دىگەن بۇ تەشكىلات، خەلق ئاممىسىغا كۆرسەتكەن تەسىرىگە ئوخشاش سىياسىي ساھەلەردىمۇ بوران-چاپقۇندەك تەھدىت سالىدىغان كۈچكە ئايلىنىپ قالدى.
    ئەركىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، مىللىي ئىقتىسادنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن ئۇنىڭ ئىستىقبالىغا، دۆلەتنىڭ ئامانلىقى بىلەن شەخسىنىڭ ئەركىنلىكىگە تەھدىت سالىدىغان بىر كۈچكە ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
    دېموكراتىيە دىگەن بۇ ئۇقۇمنى، دەل شۇ ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى كۈلكىلىك، زىيانلىق دەپ تەرىپلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ دىگەنلىرى ئەسلىدە ئەركىنلىككە ھاقارەت قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئۇلارغا نىسبەتەن، تەڭ-باراۋەرلىك دىگەنلىك مەڭگۈ ئەستىن چىقىرىشقا بولمايدىغان بىر ھاقارەت سۆزى بولۇپ، “ئەگەر سەن بىزگە يولداش ئەمەسكەنسەن، ئۇنداقتا كاللاڭنى ئىزىپ تاشلايمىز” دىگەننى كۈچەپ تەرغىپ قىلىشاتتى.
    مەن ئۆزلىرىنى ئىنسانىيەت دوستى دەپ ئاتىشىۋالغان بۇ كىشىلەر بىلەن ئەنە شۇ تەرىقىدە تونۇشقان ئىدىم. ئۇلارنى كۈزىتىپ بېرىش جەريانىدا چۈشەنچىلىرىم كېڭىيىپ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ باردى. شۇنىڭغا قارىماي بۇ قارىشىمنى ئۆزگەرتىش زۆرۈرىيىتىنىمۇ ھېس قىلمىغان ئىدىم.
    سوتسيال دېموكراتىيە

    سوتسيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىنى قانچىكى كۈزەتسەم، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى بىلەن پەلسەپەسىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان غەرەزلىرىنى بىلىپ بېقىش ئىستىگىممۇ شۇنچە ئارتىپ بارماقتا ئىدى. ئەمما بۇ ئىستىگىمنى قاندۇرۇش ئۈچۈن سوتسيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئېلان قىلغان ماتېرىياللىرىنى شۇنچە ئاختۇرۇپمۇ ھېچ بىر مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەن ئىدىم. ئەگەر بۇ پارتىيىنىڭ ئورگان گېزىتلىرى ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالغان بولسا، ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى كۆز قاراشلىرىدا پاكىت قىلىپ كۆرسەتكەن ماتېرىياللىرىنىڭ ھېچبىرسى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيتتى. سىياسىي غايىلىرى ئۈستىدە توختالغان ماقالىلىرىدىمۇ قىلچىلىك سەمىمىيەتنى كۆرگىلى بولمايتتى.
    شۇنىڭغا قارىماي، ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ماھارەت ئىشلىتىپ جىدەل تېرىش ئىستىگى بىلەن پاكىت كەلتۈرۈش ئۇسلۇبى مېنى ھەر دائىم قاتتىق يىرگەندۈرگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ يازغان ماقالىلىرىدا كىكەچلەپ ئېيتقان يالغانلىرى، سىرلىق، ھەتتا مەنىسى يوق چۈشىنىكسىز سەپسەتىلەر بىلەن تولغان جۈملىلىرىنى ھەر قانچە باش قاتۇرۇپ ئوقۇساممۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ماقالىلىرى قىلچىمۇ مەنىسى بولمىغان قۇرۇق نەرسىلەر بولۇپ چىقاتتى. ئۇلارنىڭ ئانالىزلىرى شۇنداق سىھىرلىك ئايلاندۇرۇپ يېزىلغانكى، ئاخىرى نەگە بېرىپ نەدە توختايدىغانلىقىنى ئۆزلىرىمۇ بىلەلمىگىدەك دەرىجىدە مۇجمەل گەپلەر بىلەن تولغان بولاتتى. ئادەم بۇنداق نەرسىلەرنى ئوقۇپ بىرەر چۈشەنچىگە كېلىش، ئۆزىنى ئەركىن ھىس قىلىش، شۇنىڭدەك بۇ باش-ئاخىرى يوق “دادائىزم” ئەخلىتى ئىچىدىن قۇتۇلۇپ ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بىر تۇيغىغا كېلىش ئۈچۈن چوڭ شەھەرلەردە ئۇچىرايدىغان “بوھېم” (دادائىزىم – 1917-يىلى ئەتىراپىدا قۇرۇلغان بىر ئەدەبىيات-سەنئەت مەكتىۋىدۇر. بۇ مەكتەپنىڭ دەرس پروگراممىلىرى تەپەككۈر بىلەن چۈشىنىش ئوتتۇرسىدىكى بارلىق مۇناسىۋەتلەرنى تولۇق ئەمەلدىن قالدۇرۇشتەك تەلىم تەربىيە بېرىش يولىنى تۇتىدۇ. بوھېم − دىۋانە، مازارلىق شېيخلىرىغا ئوخشاش داڭلىق تىلەمچىلەر − ئىككىلەمچى نەشرىياتنىڭ ئىزاھاتى) لاردىن بىرى بولۇش كېرەك. سوتسيال دېموكراتچىلار پارتىيىسىنى ھىمايە قىلىدىغان ئاپتورلار ئاشكارە دېگىدەك بىر قىسىم خەلق ئاممىسىنىڭ نادانلىقىدىن پايدىلىنىپ ئىشقا كىرىشەتتى. چۇنكى بۇ تۈردىكى ئامما بىرەر نەرسىنى قانچىكى ئاز چۈشەنسە، شۇ نەرسە ھەققىدە شۇنچە كۆپ ۋە شۇنچە يېڭى نەرسىلەرنى بىلىمەن دەپ تۇرىۋالىدىغان كىشىلەر توپى ئىدى.
    شۇنداق قىلىپ، بۇ ئىدىيىۋىي ئېقىمنى ئۆزىنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىن تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان ۋە قىلچە قىممىتى يوق نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن ئەمەلىي پائالىيەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىدە، ئۇلار يەتمەكچى بولىۋاتقان يوشۇرۇن غەرەزلىرىنى كېچىكىپ بولسىمۇ ئېنىق تونۇپ يىتەلىگەن بولدۇم.
    نېمە دىگەن دەھشەت، بۇ كۈزىتىشلىرىم نەتىجىسىدە قىساس بىلەن نەپرەتنى ئۆزلىرىگە بىردىن-بىر كۈچ قىلىشقان بىر نەزەرىيىگە دۈچ كەلمەكتە ئىدىم.
    ئەسلىدە، سوتسيال دېموكراتىيىنىڭ يوشۇرۇن مۇدداسىنى، يەھۇدىيلارنىڭ قانداق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىش ئارقىلىقلا چۈشەنگىلى بولاتتىكەن. يەھۇدىي دېگەن بۇ خەلقنى تونىيالىغىنىمىزدا، ئۆزىمىزنى بۇ پارتىيىنىڭ غايىسى بىلەن غەرىزىنى پەردىلەپ تۇرغان خاتا چۈشەنچىلەردىن تولۇق قۇتۇلدۇق دېيىشكە بولاتتى. ئەگەر بىز يەھۇدىي دىگەننى تونۇپ ئالالىساق، بىزنى قارغۇلارچە ئىشەندۈرۈپ كېلىۋاتقان بۇ پارتىيىنىڭ ئىجتىمائىي كۆز قاراشلىرى يىرتىپ تاشلىنىپ، ئۇنىڭ تىگىدىن سوتسيالىزىمغا ھەل بېرىپ كۆككە كۆتىرىدىغان ماركىسىزىمنىڭ بەدبەشىرە ۋە قورقۇنۇشلۇق چىرايىنى كۆرۈپ ئالالايمىزكەن.

    分享到: