• ئادلوف گىتلىر:<<مېنىڭ كۈرەشلىرىم>> (3.قىسىم)

    2009-05-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39667136.html

    نامىراتلىق

    ئۇ يىللىرى نېمىسلار ئۈچۈن ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئەڭ مۇھىم خەۋىپنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى ئېنىق بىلىپ كېتەلمىگەن ئىدىم. يەنى، مېنىڭ بېشىمغا كەلگىنىدەك ئىشچىلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى نامىراتلىقى ياكى ئۇلارنىڭ ناچار ئادەتلىرى، ئەخلاقى چۈشكۈنلىكى، روھى تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەنلىكى قاتارلىقلارنىڭ قايسىسى مىللىي تەغدىرىمىز ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر خەۋپ بولىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولالمىغان ئىدىم.
    نامىراتلىق ئىچىگە پېتىپ قالغان بىر لۈكچەك ئۈچۈن نەدە قۇرسىقى تويسا شۇ يەردە رازى بولۇپ يۈرىۋېرىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمىس بولۇش-بولماسلىقى ئۇنچىلىك مۇھىم ھېساپلانمايتتى. بۇنداق گەپنى ئاڭلىغان بىزنىڭ ھاللىق بۇرجۇئازلىرىمىز بۇ لۈكچەككە ئىچ-ئىچىدىن غەزەپلىنىپ كىتىدۇ. بۇرجۇئازلار، مىللىي غۇرۇرىنىڭ بۇنچە ئېغىر دەپسەندە قىلىنىشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي چالۋاقىشىپ ئۇلارنى ھاقارەت قىلىشقا كىرىشىدۇ.
    ئەجىبا، ئۇ نامرات كىشىلەردىن قانچىسى ئۆزلىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردە ئىنتايىن زور ئۇتۇقلارنى يارىتالىغان ئۈستۈن بىر مىللەتكە مەنسۈپ شەرەپلىك ئادەملەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ كىتەلەيدىغاندۇ؟ نامراتلارنىڭ نېمىشكە بۇنداق قاراشقا كېلىپ قالغانلىقىنىڭ سەۋىبىنى شۇ بۇرجۇئازلىرىمىز ئەستايىدىل ئويلاپ باققانمىدۇ؟
    بۇ مىللەتنىڭ چەكسىز ئۇتۇقلارنى يارىتالىغىنى ئۈچۈنلا قۇدرەتلىك گېرمانىيە دۆلىتىنى قۇرالىغانلىقىنى، شەرەپلىك نېمىس بولۇپ تونۇلغانلىقىنى بۇ نامراتلىرىمىزدىن قانچىسى ھېس قىلالايدىغاندۇ؟
    بۇرجۇئاز تەبىقىلىرىمىز بۇنداق بىر غۇرۇر ۋە شەرەپنى ماختىشىپ ۋە ئۇنىڭدىن مەغرۇرلىنىپ يۈرگىنى بىلەن، بۇنىڭدىن بىخەۋەر قالغان خەلقىنى مازاق قىلىپ يۈرگەنلىكىنى ئۆزلىرى ھېس قىلامدىغاندۇ؟
    بۇنداق دېسەم، ئۇلار ماڭا بۇنداق ئەھۋال بارلىق دۆلەتلەردە ئومۇمىي يۈزلۈك كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئادەتتىكى ئەھۋاللاردۇر، شۇنىڭغا قارىماي ئۇ يەردىكى ئىشچىلار يەنىلا ئۇز ئەللىرىدە ئانا ۋەتىنى ئۈچۈن تەر تۆكۈپ ئىشلەشنى بىلىدۇ دەپ پەش قىلىپ مېنى رەت قىلىشقا ئۇرۇنىشى مۇمكىن. ئەمما باشقا ئەللەردە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئەھۋاللارنىڭ نورىمال بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ بىزدە كۆرۈلىۋاتقان بۇ ئەھۋاللارغا ئۇنچە بەك ھەيران قالماسلىمىز كېرەك دەپ تەرغىپ قىلىشقا ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق. ھالبۇكى، ئەسلىدە ئىش ئۇلارنىڭ دېگىنىدەكمۇ ئەمەس. مەسىلەن بىز دائىم ئېغىزىمىزدىن چۈشەرمەي تەگىشىدىغان “فرانسۇزلارنىڭ شوۋېنىزملىق تەربىيە ھەرىكىتى” دېگەن نەرسىنىڭ ئەسلىدە فرانسۇز مەدەنىيىتىنى داڭلاش ياكى ئۇلارنىڭ دېيىشى بويىچە مەدەنىيەتنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ئۇزلىرىنىڭ تەڭداشسىز مەدەنىيەتكە ئىگە ئەڭ مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈپ يۈرىشىدىغانلىقىنى ھەرگىز ئۇنۇتماسلىقىمىز لازىم. ئۇلار فرانسۇز ياشلىرىنى ئەمەلىيەتنى ئۆز پېتى ئۈگىنىۋالسۇن دەپ يېتىشتۈرمەيدۇ: ئۇلار ياشلىرىغا بېرىدىغان تەربىيىدە سوبېكتىۋ جەھەتتە ۋەتىنىنىڭ سىياسەت ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن تەڭداشسىز ئىكەنلىگىگە ئىشەندۈرىدىغان بارلىق مۇھىم نەرسىلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆگىتىشنى مۇھىم مەقسەت قىلىدۇ.
    بۇنداق بىر تەربىيىدە، ئەقىدىسىگە ئاساس بولالايدىغان بارلىق مۇھىم مەزمونلار بار. شۇنىڭدەك بۇنداق بىلىملەر قايتا-قايتا تەكرارلىنىپ ئۇلارنىڭ مېڭىسىگە قۇيىۋېتمەكتە.
    بىزدە بۇنىڭ دەل ئەكسىچە، بارلىق مۇھىم نەرسىلەرنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىش مەقسەت قىلىنغان ئاساستا مائارىپ لايىھىسى تۈزۈلۈپ ئوقۇتۇش يولغا قويۇلماقتا.
    بىزدىكى سىياسىي زەھەر تارقىتىدىغان كۈسۆتكىلەر، ھەر بىر ئاق كۆڭۈل كىشىلىرىمىزنىڭ مېڭىسىگە كىرىۋېلىپ، خەلقىمىز مېڭىسىدە ئەڭ ئاخىردا قالغان شۇ ئازغىنە ھېسىياتلىرىنىمۇ غاجاپ يوق قىلىۋىتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىشىدۇ.
    ئەندى بىز مۇنداق بىر مەنزىرىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىپ باقايلى:
    ئىككى ئېغىزلىق بىر گەمە قەۋىتىدە، يەتتى جانلىق بىر ئىشچى ئائىلىسى ئولتۇرماقتا دەپ پەرەز قىلايلى. بۇ ئائىلىنىڭ بەش بالىسىدىن بىرسى ئۈچ ياشقا كىرگەن بولۇپ، بالىنىڭ بۇ يېشى ئۇنىڭ تاشقى مۇھىتنى تېخى يېڭىدىن ئىدراك قىلىشقا باشلايدىغان ۋاقتىدۇر. بۇ ياشتا كۆرگەن ھادىسىلەر ئادەتتە ئۇ بالا تا قېرىغىچە مىڭىسىدىن چىقماي ساقلىنىپ قالىدىغان نەرسىلەردۇر. ئەنە شۇنداق بىر ئىرقدىشىمىز ياشاۋاتقان بۇ مۇھىتنى بىر كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ بېقىڭ: ئۆي ئىچىنىڭ تار ۋە قىستاڭچىلىق بولىشى ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇرىۋىتىدىغانلىقى تەبىئىي. شۇنداق بولغاچقا، بۇنداق بىر ئۆيدە جىدەللەر ئۆزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقىمۇ نورىمال بىر ئەھۋالدۇر. بۇ ئادەملەرنى بۇ ئۆيدە بىرلىكتە ئولتۇرماقتا دىگەندىن كۆرە، ئۇلارنى بىر-بىرسىنىڭ ئۈستىگە قاتلاپ تىزىپ قويغان دېگەن تۈزۈك. كەڭ-كۇشادە ئۆيلەردە ئۆزلىگىدىنلا ھەل بولۇپ كېتىدىغان ئۇقۇشماسلىقلار بۇ نامىراتلىق ئىچىگە پېتىپ كەتكەن تار ئۆيدە ئاخىرى چىقمايدىغان جىدەللەرگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. كىچىك بالىلار ئوتتۇرسىدىكى جىدەللەرنى بىر چەتكە قويۇپ تۇرايلى، چۇنكى ئۇلار بولغان ئىشلارنى بىر دەمدىلا ئۇنتۇپ كېتىشىدۇ. ئەمما ئانا بىلەن دادا ئوتتۇرسىدىكى كۈندىلىك چۈشىنىشمەسلىكلەر كۆپ ھاللاردا ئادەمنىڭ ئەقلىگىمۇ كەلمىگىدەك دەرىجىدىكى قورقۇنۇشلۇق جىدەللەرگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئۇلار ئارىسىدا يۈز بېرىدىغان بۇنداق پاجىئەلەر بالىلارنىڭ روھى دۇنياسىغا ۋەيران قىلارلىق دەرىجىدە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. غىق مەستلىكنىڭ، قوپال مۇئامىلىلەرنىڭ قايسى دەرىجىگىچە داۋاملىشىپ بارىدىغانلىغىنى تولۇق بىلىش ئۈچۈن بۇنداق بىر مۇھىتنى بىۋاستە كۆرۈش، ئۇنى تونۇش كىرەك. تېخى ئەندىلا ئالتى ياشقا كىرگەن بىچارە بالا ئەسلىدە پەقەتلا ئوقۇش-يېزىشتىن باشقا نەرسىلەرنى ئۆگۈنىشكە مەجبور قالماسلىقى كىرەك ئىدى. ئەمما بۇنداق بىر ئۆيدە چوڭ بولغان بالا چوڭلارنىمۇ چۈچۈتكىدەك بىر قىسىم ئادەتلەرنى ئۆگۈنىۋالىدۇ. روھى جەھەتتىن زەھەرلەنگەن، جىسمانى جەھەتتىن پەرۋىش قىلىنمىغان بۇ كىچىك پۇخرايىمىز، مەكتەپكە بارغان ۋاقتىدا ئوقۇش-يېزىشنى ئۆگەنگەندەك قىلغىنى بىلەن، ئۆيىگە كەلگىنىدە تاپشۇرۇق ئىشلەش دەيدىغان مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس. چۇنكى بۇنداق ئائىلىلەردە دەرس ۋە ئوقۇتقۇچى دېگەنلەر كۆزگە ئىلىنمايدىلا ئەمەس ھەتتا قەتئىي ھۆرمەت قىلىنمايدۇ. ئەسلىدىنلا بۇنداق بىر ئائىلىدە مەكتەپلەردىن تارتىپ تا دۆلەتنىڭ ئەڭ يوقۇرى ئورگانلىرىغىچە بولغان ھەرقانداق بىر نەرسىگە ھۆرمەت قىلىنمايدۇ. دىن، ئەدەپ-ئەخلاق، مىللەت ۋە جەمىيەتكىچە بولغان ھەممە نەرسىگە شۇ بالىنىڭ ئالدىدىلا قارا چاپلىنىدۇ. بالا ئون تۆت ياشقا كىرىپ مەكتىۋىنى پۈتتۈرگىنىدە، ئۇنىڭ ئېڭىغا قانداق پىكىرلەرنىڭ ھۆكمۈرانلىق قىلىدىغانلىغىنى پەرەز قىلىپ باقايلى: بىر بولسا تەبىئىي پەن بىلىملىرىدە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگىدەك بىر دۆتلۈك ئىپادىلەيدۇ، يا بولمىسا ئادەمنىڭ چاشلىرىنى تىك تۇرغۇزىۋەتكىدەك دەرىجىدە ئەخلاقسىز، تۆھمەتخور بىر قىياپەتنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ.
    دۇنيا قاراش جەھەتتە ھېچقانداق بىر تەربىيە كۆرمىگەن ئەمما تۈرمۇشقا دائىر پۈتۈن پاسكىنىچىلىقلاردىن تولۇق خەۋەردار بولغان، ئۇنى كۆرگەن، ئەنە شۇنداق رەزىللىكلەر ئىچىدە ياشاپ چوڭ بولغان، ھېچقانداق نەرسىنى مۇقەددەس دەپ تونىمايدىغان بۇ ياش، جەمىيەتكە چىققىنىدا ئۇنىڭدىن يەنە نېمىنى كۈتۈش مۇمكىن؟
    ئون ئۈچ ياشلىق بۇ بالا، ئون بەش ياشقا كىرگىچە بارلىق ساھەلەرگە قارشى چىقىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ رەقىپلىرى تەرىپىدە تۇرىدىغان بىرسى بولۇپ چىقىدۇ. چۇنكى بۇ بالا ئەقىل-ئىدرىگىنى يېتىشتۈرىدىغان بارلىق پۇرسەتلەردىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇپ پاسكىنىچىلىق، قاراڭغۇلۇق ئىچىدە چوڭ بولغان ئىدى.
    ئەندى ئۇنىڭ قورامىغا يەتكەن ۋاقتىدىكى تەربىيىلىنىشىگە بىر كۆز يۈگۈرتىپ باقايلى:
    ياش ۋاقىتلىرىدا دادىسىدىن نېمىنى كۆرگەن بولسا شۇنى قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئۆيگە خالىغان ۋاقتىدا قايتىدۇ، دادىسىغا ئوخشاش بىچارە ئاپىسىنى دۇمبالايدۇ، تەڭرىگە، پۈتۈن كائىناتقا تىل تەككۈزىدۇ، ئاخىرىدا بىر جىنايەت سادىر قىلىپ ئۆزگەرتىش ئورنىدا قامىلىپ ياتىدۇ.
    ئۇ يەردە ئۇنىڭغا ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق لاك بېرىلىدۇ.
    شۇنداق قىلىپ، بۇ بالا بىزنىڭ بۇرجۇئازلىرىمىزمۇ بۇ ياش پۇخرايىمىزدا “مىللىي ھېسىيات” لار نېمە ئۈچۈن شۇنچە زەئىپلىشىپ كەتكەندۇ دەپ ھەيران بولغان ھالدا ھاڭۋېقىپ ئاغزى ئېچىلىپلا قالىدىغان بىرسى بولۇپ چىقىدۇ!
    بۇرجۇئازىيە جامائىتى ھەر كۈنى تىياتىرلاردا، كىنولاردا، ناچار كىتاپلاردا ۋە ئەخلاقسىز گېزىتلاردا خەلقنىڭ قانداق زەھەرلىنىپ كەتكەنلىگىنى كۆرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتىنىڭ تۈۋەنلىگى، مىللىي ھېسىياتلىرىنىڭ كاملىقىغا قاراپ چۈچۈپ كېتىدۇ! سەھنىلەر، گۇمانلىق تەشۋىقات ئورگانلىرى ۋە باشقا ساھەدىكىلەر مىللىي قىممىتىمىز ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى كىچىك كۆرسىتىش، ئاددىلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشىۋاتقاندەك كۆرۈنمەكتە. دەسلەپكى تەربىيە مەسىلىسىنى بىر چەتكە قويۇپ تۇرايلى …
    بىر قەۋىمنى مىللەت ھالىتىگە كەلتۈرۈش ئىشى شەخسىلەر بويىچە تەربىيىلەش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئائىلە سەھنىسى، ساغلام بىر ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلالىشىمىزغا باغلىق. بولۇپمۇ ئائىلىدە ۋە مەكتەپلەردە ۋەتىنىمىزنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە بولۇپمۇ سىياسىي جەھەتتىكى ئۇلۇغلىغىنى ئۆگەنگەنلەر، بۇ مىللەتكە مەنسۈپ بولغانلىغىنىڭ غورۇرىنى ھېس قىلالايدۇ ۋە چوقۇم ھېس قىلىدۇ. ئادەم پەقەت سۆيىدىغان نەرسىلىرى ئۈچۈنلا جان تىكىپ كۈرەش قىلالايدۇ، سۆيۈش ئۈچۈن قايىل بولۇش ۋە ئۇنى ھۆرمەت قىلىشى لازىم. ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن ھېچ بولمىغاندا ئۇنى تونۇشى، بىلىشى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن مائارىپ شەرت.
    بۇ تۈردىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدە مەندە بىر خىل قىزىقىش پەيدا بولماقتا ئىدى. بۇ مەسىلىنى ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن ئىدىم. شۇندىن ئېتىۋارەن، ئۇپۇغۇمدا نامەلۇم بولۇپ تۇيۇلغان بىر دۇنيا كۆرۈنۈشكە باشلىدى.
    1909-ۋە 1910-يىللىرىغا كەلگەندە ئەھۋالىم ياخشىلىنىشقا باشلاپ، تۇرمۇشۇمنى مەدىكارلىق قىلىپ قامداشتىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىدىم. سۇ بوياق رەسىملىرىنىمۇ سىزالايدىغان ئاددى بىر مەنزىرە رەسىمچىسى بولۇپ قالغان ئىدىم. ئەسلىدە بۇ كەسىپىمدىنمۇ ئۇنچىلىك كىرىم قىلىپ كىتەلمىسەممۇ، تۇرمۇشۇمنى قامداشقا يەتكىدەك بولسىمۇ پۇل تاپالايدىغان بولغان ئىدىم. قىزىق يېرى بۇ ئىشلىرىم ئوقۇيمەن دەپ يۈرگەن كەسىپكىمۇ بەك ماس كېلەتتى. شۇندىن باشلاپ مەدىكارلىق قىلىپ ئۆيگە قايتقىنىمدىكىدەك ئۇنچىلىك ھېرىپ-ئېچىپ كىتاپ ئوقۇشقىمۇ ۋاقىت چىقىرالمايدىغان ئەھۋالدىنمۇ قۇتۇلۇپ قالغان ئىدىم. قىلىۋاتقان ئىشىم، ئوقۇيمەن دەپ تاللىۋالغان كەسىپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، خالىغانچە پايدىلىنالايدىغان ۋاقىتنىمۇ بېرىدىغان بىر ئىش ئىدى.
    رەسىم سىزىش ئىشىنى تۇرمۇشۇمنى قامداش ئۈچۈن قىلىۋاتقان بولسام، كىتاپ ئوقۇشقا بولسا پۈتۈن قەلبىم بىلەن بىرىلىپ كىرىشىپ كەتكەن ئىدىم. شۇنداق قىلىپ ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى بىۋاستە تۇرمۇشتىن ئالغان دەرسلىرىمنى ئۆگۈنىشىم شەرت بولغان نەزىرىيىۋىي بىلىملەر بىلەن تولۇقلاش پۈرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدىم. بۇ جەھەتتە قولۇمغا چۈشكەن پۈتۈن كىتاپلارنى ئوقاتتىم ۋە ئۇ نەزەرىيەلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر يۈرگىزەتتىم.
    ئۇ ۋاقىتلاردا ئەتىراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ مېنى بەكلا مويسىپەت دەپ تونۇيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. مەن پۈتۈن قىزغىنلىقىم بىلەن بىناكارلىققىمۇ كۆڭۈل بولۇپ، ئۆزەمنى بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتىماقتا ئىدىم. مەن بۇ كەسىپكە گۈزەل سەنئەتلەرنىڭ مەلىكىسى بولغان مۇزىكىنى ئەتىۋارلىغاندەك قىممەت بېرىپ قىزىقاتتىم. بىناكارلىق بىلەن شوغۇللىنىش مېنىڭ ئۈچۈن بىر ئىش بولماستىن بىر قىزىقىش، بىر سۆيگۈ ئىدى. ئاخشاملىرى ھېرىش-چارچاش دېگەننىڭ نېمىلىگىنى بىلمەستىن تا يېرىم كېچىلەرگىچە كىتاپ ئوقۇيالايتتىم ياكى رەسىم سىزالايتتىم. ئۇزۇنغىچە بەرداشلىق بېرەلىسەم كەلگۈسى ئۈچۈن تۈزىۋاتقان پىلانلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىمغا بولغان ئىشەنچىم بارغانسىرى كۈچىيىپ بارماقتا ئىدى. بىناكار بولۇپ داڭ چىقىرىشقا ئىرادە تىكلىگەن ئىدىم. بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ ئالاھىدە قىزىقىپ كېلىۋاتقان سىياسەت ھەۋىسىم ئۇنىڭ ئالدىدا مەنىسىز بىر ئىشتەك بىلىنەتتى. مەن سىياسەت ئىشىنى جەمىيەت ھەققىدە باش قاتۇرۇشنى خالايدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى تىنجىتىش ئۈچۈنلا قىزىقىپ كېلىۋاتقان ئادەتتىكىچە بىر قىزىقىش دەپلا قارايتتىم. بۇ ھەقتە بىلىمسىز قالغان كىشىلەر تەنقىت بېرىش ياكى خالىغان بىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىش ھەققىنى قولدىن بىرىپ قويغان كىشى ھىساپلىناتتى. شۇنىڭغا قارىماي سىياسەت ساھەسىگە دائىر بەكلا كۆپ كىتاپ ئوقۇيتتىم، تەھلىل قىلاتتىم.
    مېنىڭ “كىتاپ ئوقۇش” دەپ چۈشەنگىنىم، ئۆزلىرىنى “بىلىملىك” دەپ ئاتىۋالغان كىشىلىرىمىزنىڭ كىتاپ ئوقۇش دەيدىغىغا زادىلا ئوخشىمايتتى.
    بىرەر كىتاپنى ئوقۇپ تۈگەتمەي تۇرۇپلا يەنە بىرسىنى قولىغا ئېلىۋالىدىغان، بىر نەرسىنى يېزىپ پۈتتۈرەر-پۈتتەرمەيلا باشقا بىر مەزموننى يېزىشقا تۇتۇش قىلىدىغان نۇرغۇن ئادەم تونۇيمەن. مەن ئۇنداق كىشىلەرنى “ئوقۇغان كىشىلەر” دەپ تونىمايمەن. ئۇنداق كىشىلەر بىر پاتمان بىلىمگە ئىگە بولغىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئەقلى بۇ بىلىملەرنى نە چۈشىنەلەيدۇ، نە ئۇلارنى بىر-بىرسىدىن پەرقلەندۈرۈشنى بىلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر، بىرەر كىتاپتىكى ئەستىن چىقارماسلىققا تېگىشلىك بولغان قىممەتلىك نەرسىلەرنى چۈپىرەندىلەر ئىچىدىن تاللاپ چىقىپ مېڭىسىگە قاچىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغان كىشىلەردۇر. بۇنداق پايدىسىز يەرلىرىنى ئىمكان بولسا زادىلا ئوقۇماسلىق، پايدىسى بولمايدىغان مەزمۇنلارنى ساقلاپ يۈرمەي تۈكۈرۈپ تاشلاشنى بىلىش كېرەك. كىتاپ ئوقۇشتىكى مەقسەت ھەرگىزمۇ ئوقۇشلا بولماستىن، ئوقۇغان نەرسىلىرىنىڭ ئىچىدىن ئادەمنىڭ غايىسى ۋە قابىلىيىتىگە كۆرە ئۆزىگە پايدىلىق بولىدىغان مەزمۇنلارنى تاللاپ چىقىش، ئۇلارنى قوبۇل قىلىۋېلىش دېمەكتۇر. شۇنداق بولغىنىدا ھەر بىر كىشى ئۆز كەسىپى ئۈچۈن شەرت بولىدىغان مەزمۇن ۋە قۇراللارغا ئېرىشەلەيدۇ. بۇلار ئۇ كىشىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ياكى يوقۇرى ئۆرلىشى ئۈچۈنمۇ ياردىمى تېگىدىغان بولىدۇ. ئوقۇشنىڭ يەنە بىر مەقسىدى، ياشاۋاتقان بۇ دۇنيا ھەققىدە ئاساسلىق بىر قاراشقا ئىگە بولۇشنى مەقسەت قىلىشى شەرت. ئەمما ھەر ئىككىلا مەقسەت بىلەن ئوقۇغىنىمىزدا، ئوقۇغان مەزمۇنلارنىڭ مېڭىمىزگە بىر قىسىم ماۋزۇ ياكى كىتاپلار شەكلىدە يادقا ئېلىنماسلىغى، بەلكى تىزىلغان نەقىش تاشلىرىدەك نەق جايىغا تىزىلىشى، ئوقۇغۇچى ئەقلىدە دۇنيا ھەققىدە ئاساسىي چۈشەنچىلەرنى شەكىللەندۈرىشى لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ بىلىملەر ئۇنىڭغا ئېرىشكەن كىشىگە، ئۇ كىشىنىڭ پۈتۈن ئاخماقلىقىغا قارىماي، پايدىلىق بولۇش ئورنىغا قىممىتى يوق، چېچىلاڭغۇ بىر ئارىلاشمىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئوقۇغان كىشى ئۆزىنى ئەستايىدىللىق بىلەن يېتىشتۈرۈپ چىقتىم، تۇرمۇشتىن خەۋىرىم بار، بىلىملىك بىرسىمەن دەپ ھېسابلىشى مۇمكىن. ھالبۇكى، قانداق ئوقۇشنى بىلمەي تۇرۇپ ئوقۇغاندا، ئۇ كىشىنى ئەملىيەتتىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىۋېتىدۇ. بۇنداق كىشىلەر كەلگۈسىدە يا بىرەر ساناتورىيىگە كىرىپ قالىدۇ ياكى بولمىسا قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان، ۋەتىنىنى ساتىدىغان خائىن بىر سىياسەتچىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
    بۇنداق بىر كاللا، لازىم بولغىنىدا چىگىشلىشىپ كەتكەن بىلىم دۆۋىسى ئىچىدىن ئىشقا يارايدىغان بىرەر نەرسە تاللاپ چىقالمايدۇ. چۇنكى بۇنداق بىلىملىكلەر پادىسى جەمىيەتنىڭ ئېھتىياجلىرىغا يارىشا يېتىشكەن بولماستىن، پەقەتلا ئوقۇغان كىتاپلىرى تەرتىپ بويىچە مېڭىسىگە ئۆز پېتىچە ئۈستى-ئۈستىلەپ قاتلاپ قويۇلغان قالايماقان كىتاپ دۆۋىسىگىلا ئوخشايدۇ. بۇنداق بىلىم ئالغان بىرسى بىلىمگە ئېھتىياجى تۇغۇلۇپ بۇرۇن ئوقۇغان كىتاپلىرىدىن پايدىلىنىش ۋاقتى كەلگىنىدە، بۇ بىلىملەرنىڭ قايسى كىتاپنىڭ قانچىنچى بېتىدە ئىكەنلىكىنى بىلىشى شەرت. ئەگەر ئۇ بەتنى تاپالمىسا، بۇ بىچارە ئاخماق مۇۋاپىق كېلىدىغان پىكىرلەرنى ھېچقاچان تاپالمايدۇ. ئەگەر بۇنداق پىكىرلەر يېزىلغان كىتاپنىڭ بېتىنى ئېيتىپ بەرمىگەندە، ئۇ كىتاپنى يۈز قېتىم ئوقۇغان بولسىمۇ لازىم بولغىنىدا ھەردائىم ھېچنىمە بىلەلمەي ئولتۇرۇپ كېتىپ، تەلەپ قىلىنغان پىكىرلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان باشقىچە بىر نېمىلەرنى بولسىمۇ تېپىپ چىقىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ ئاۋارە بولىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە توغرىسىنى تاپتىم دەپ ھىساپلاپ، پۈتۈنلەي خاتا بىر مەسلىھەتنى، خاتا بىر رېتسىپنى ئوتتۇرغا چىقىرىدۇ.
    ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ يوقۇرى دەرىجىلىك ئۇلۇغلىرىنىڭ شۇنچە كۆپ بىلىملىك كىشىلەردىن بولغىنىغا قارىماي، بەكلا كۆپ خاتالىشىپ تۇرىدىغانلىغىنى يەنە قانداق باھانە كۆرسىتىپ ئاقلاش مۇمكىن؟ ئەگەر ئۇنداق كىشىلەر ئەمەس دېيىلگىنىدە، ئۇلارنى ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇرىدىغان پاتولوگىيىلىك بىرەر مەسىلە بار كىشىلەر دەپ قارىمىساقمۇ، ئۇلارنى بەكلا پەسكەش يالغانچى ئادەملەر دەپ قاراشقا توغرا كېلىدۇ.
    ئەمما ئوقۇشنى بىلىدىغان كىشى بىرەر كىتاپتىن، بىرەر بروشوردىن، ياكى بىرەر گېزىتتىن ئۆزىگە ياكى ئومۇمغا پايدىلىق بىرەر ماتېرىيال بار يەرنى دەرھال تېپىپ چىقىپ لازىملىق بىلىملەرگە ئېرىشىشنى بىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن بىلىملەرنى، قايسى شەكىلدە بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئوتتۇرغا قويغان قاراشلىرىغا قوشۇش، تۈزىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشلەردە پايدىلىنىپ، بۇ پىكىرلىرىنىڭ توغرا بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ، مەزمونىنى چۈشىنەرلىك ھالغا كەلتۈرىۋالالايدۇ. ئىشلىرىدا تۇيۇقسىزلا بىرەر مەسىلە ياكى قىيىنچىلىق كۆرۈلگىنىدە، ئوقۇشنى بىلىدىغان كىشى يىللار بويىچە توپلىغان بىلىملىرىگە ئاساسەن ئەقىل ئىشلىتىپ يېڭى بىر پىكىرنى ئوتتۇرىغا چىقىرالايدۇ، دۈچ كەلگەن يېڭى مەسىلىنى بۇ پىكىرىگە ئاسالىنىپ تەھلىل قىلىشنى بىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ دۈچ كەلگەن مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ ياكى ئۇنى چۈشەندۈرۈپ چىقىدۇ.
    ئوقۇش دېگەننى مانا مۇشۇنداق تونىغاندىلا ئۇنىڭ بىر مەنىسى ۋە پايدىسى بولىدۇ.
    بىر ناتىق، ھىمايە قىلىدىغان مەسىلىنى لازىم بولىدىغان ماتېرىياللار بىلەن ئەنە شۇ شەكىلدە تەمىنلىمىگەندە، بىر رىقابەتچىسى ئالدىدا دېگەنلىرىنىڭ مىڭ قېتىم ھەقلىق ۋە توغرا ئىكەنلىگىنى سۆزلىگىنى بىلەن، ھىمايە قىلىۋاتقىنىنى بەرىبىر ئىسپاتلاپ چىقالمايدۇ ياكى قارشى تەرەپنى قايىل قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ ھەر بىر مەسىلە ئۈستىدىكى مۇنازىرىسىدە زىھنى ئۇنى ئىزاغا قويۇپ يېتىم قالدۇرىدۇ. ئۇنداق بىرسى، يا دېگەنلىرىنى توغرىغا چىقارغىدەك پاكىتلارنى تېپىپ چىقالمايدۇ ياكى بولمىسا قارشى تەرەپنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىغىدەك بىرەر ئېغىز گەپ تاپالمايدۇ. ئەگەر ئۇ بىر ناتىق ئەمەس بەلكى ئۆزىنى قايىل قىلىشنىلا مەقسەت قىلىدىغان بىرسى بولغىنىدىمۇ نەتىجە بەرىبىر. ئەگەر تەغدىر ھەم كۆپ ئوقۇغان، ھەم ئىقتىدارسىز ئەنە شۇنداق بىرسىنى باش جۇمھۇر قىلىپ سايلاپ قويغان بولسا، ئەھۋالىمىزنىڭ قايسى ھالغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس ئەمەس.
    ياش ۋاقتىمدىن تارتىپلا ئەستايىدىل ئوقۇشقا تىرىشىپ كەلگەن ئىدىم. شۇنداق قىلىپ، تەڭرىنىڭمۇ ياردىمى بىلەن زېھنىم بىلەن ئەقلىمنى ئەڭ مۇۋاپىق شەكىلدە ئىشلىتىپ كېلەلىدىم. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا، ۋىېنادا ئۆتكۈزگەن ۋاقتىمنى پايدىسى بولدى ۋە بەرىكەتلىك ئۆتتى دىيەلەيمەن. كۈندىلىك كۆرگەنلىرىم مېنى تىنىم تاپماي تەتقىق قىلىشقا ئۈندەپ كەلدى. شۇنداق قىلىپ بەزىدە ھادىسىلارنى نەزىرىيە بىلەن، بەزىدە نەزىرىيىنى ھادىسىلەر بىلەن ئىسپاتلاپ چىقىش ئىمكانىغا ئېرىشكىنىم ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن زېھنىمنى قۇرۇقتىن قۇرۇق نەزىرىيەلەر بىلەن توشقۇزىۋېتىشتىن ساقلىنىپ قالغان بولسام، يەنە بىر تەرەپتىن كۆزئالدىمدىكى ھادىسىلەر ئىچىگە پېتىپ قېلىشتىن قۇتۇلۇپ قالالىغان ئىدىم.
    كۈندىلىك توپلىغان بۇ تەجرىبىلىرىم مېنى مۇنداق ئىككى ئاساسلىق تېمىدا، ياكى بولمىسا ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە − پىكىرىمنى كەسكىن ئوتتۇرىغا قويۇشۇم ۋە بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە نەزىرىيىۋىي جەھەتتىن چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىمغا ھەيدەكچى بولۇپ بەردى.
    ئەگەر ئۇ يىللىرى ماركىسىزىمنىڭ ئاساسى ماھىيىتى بىلەن ئۇنىڭ نەزىرىيىلىرىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن كاللامنى ھارغىدەك ئىشقا سالمىغان بولسا ئىدىم، كىم بىلىدۇ بۇ ئىش كېيىن يەنە قانچىلىك ۋاقتىمنى يەپ كىتەردى؟
    سوتسىيال دېموكراتچىلار

    ياش ۋاقتىمدا سوتسىيال دېموكراتىيە توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىم بەكلا يىتەرسىز، ھەتتا بىلىمەن دەپ يۈرگەنلىرىممۇ پۈتۈنلەي خاتا نەرسىلەر ئىكەندۇق.
    دەسلىۋىدە سوتسيال دېموكراتچىلارنىڭ يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى بويىچە ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرى مېنى بەكلا قىزىقتۇرغان ئىدى. چۇنكى شۇ ۋاقىتلاردىلا بۇ ئۇسۇل ئىشقا ئاشۇرۇلغىنىدا مەن بەكلا ئۆچ كۆرگەن خابسبوۋرگ تۈزۈمىنى ئاجىزلىتىشقا ياردىمى بولىدۇ دەيدىغان بىر قاراشقا كەلگەن ئىدىم. بۇ دوناي دۆلىتى، نېمىسلىكىمىزنى قۇربانلىق قىلماي تۇرۇپ بۇ جاھاندا پۇت تىرەپ تۇرۇش مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايدىغانلىغىنى سېزىپ قالغان ئىدىم. ئەسلىدە نېمىس ئامىلىنى سلاۋىيانلاشتۇرۇش ھىساۋىغا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ قالالىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، سلاۋيانىزمنىڭ بۇ دۆلەتنى ساقلاپ قالالايدىغان كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى ئۇنچىلىك مۇبالىغە قىلىنغىدەك دەرىجىدە ئەمەس ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، ئىككىلەنمەي قەتئىي ئاغدۇرىۋېتىشكە تىگىشلىك بولغان، ئون مىليونلۇق بىر نېمىس قەۋىمىنى ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنىدىغان بۇ ھابىسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ھالاكىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر قانداق بىر ھەرىكەتنى چىن قەلبىمدىن قوللاپ قۇۋەتلەشكە ھەر دائىم تەييار ئىدىم. مېنىڭ بۇ يەردە ئۈمىد كۈتكىنىم، ئاۋۇستىرىيە كۆپ مىللەتلىك بىر ئىمپىرىيە بولۇش سەۋەبىدىن تىل جەھەتتىكى قالايماقانچىلىقلار بۇ ئەلنىڭ پارلامېنتىنى قانچىكى پارچىلىيالىسا ۋە ئۇنى قانچىكى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويالىسا، بۇ بابىل ئىمپىرىيىسىنىڭ ئاغدۇرۇلىشىنىمۇ شۇنچە تېزلىتىپ بىرەلەيدىغانلىقى ئىدى. بۇ جەرياننىڭ نەتىجىسى − ئاۋۇسترىيىدىكى نېمىس مىللىتىمنىڭ ئازاتلىققا چىققان كۈنى بولۇپ تاماملانغان بولاتتى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى مۇقەررەرلىك − ئۇنىڭ ئانا ۋەتىنىگە قوشۇلۇپ كېتىشى بولۇپ، بۇنىڭغا توسالغۇ بولالايدىغان ھېچقانداق بىر كۈچ قالمىغان بولاتتى.
    ئەنە شۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن سوتسىيال دېموكراتچىلارنىڭ كۆز قاراشلىرى مېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلماقتا ئىدى. ئۇ يىللىرى بۇنداق بىر قاراشقا ئىشىنىپ قالغىدەك ساددا بىرسى بولغىنىم ئۈچۈن، سوتسيال دېموكراتچىلار ئىشچىلار تۇرمۇشىنىمۇ ياخشىلىيالايدۇ دەپ ئىشەنگەن ئىكەنمەن. شۇڭا ئۇلارغا قارشى تۈرۈش ئورنىغا ئۇلارنى قوللىغان ئىدىم. كېينچە مېنى ئۇلاردىن يىرگىندۈرگەن ئەڭ مۇھىم سەۋەپ، ئۇلارنىڭ ئاۋۇسترىيە تەۋەسىدە نېمىسچىلىكنى ساقلاپ قېلىش جەھەتتىكى بارلىق پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرىدىغانلىقى، ئىسلاۋىيان “يولداشلىرى” بىلەن بەكلا ئاپاق-چاپاق بولۇپ ئۇلارغا نومۇسسىزلارچە قويرۇق شىپاڭشىتىپ كېتىشلىرى ئىدى. ئىسلاۋىيانلارمۇ ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقلىرىنى رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلىشاتتى. ئىسلاۋىيانلار بىرمۇنچە ئېتىۋار قىلىنىشلاردىن بەھرىمەن بولۇپ تۇراتتى. شۇنداق بولغاچقا، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىچە تىرىسىگە پاتماي نۇمۇسسىزلىق قېلىشاتتى.
    ئون يەتتى ياش ۋاقىتلىرىمدا ماركىسىزىم ھەققىدىمۇ ھېچ نېمە بىلمەيتتىم. سوتسىيال دېموكراتىيە بىلەن سوتسىيالىزىمنى بىر-بىرسىگە ئارىلاشتۇرىۋىتەتتىم ۋە بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىلا بىر مەنىدىكى نەرسىلەر دەپ تونىۋالغان ئىكەنمەن. بۇ يەردىمۇ جاپا مۇشەققەتلىك تۇرمۇشۇم كۆزۈمنى ئېچىپ، مىللىتىمىز دۈچ كېلىۋاتقان خەۋپ بىلەن خەلقىمنى قايمۇقتۇرۇپ يۈرگەن كۆز قاراشلارنى تونىۋېلىش پۇرسىتىنى بەرگەن ئىدى.
    سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى بەزى نامايىشلىرىدىن تاماشىبىنلار قاتارىدا كۆزىتىپ يۈرۈپ سىرتتىن تونىغىنىمدىن باشقا، ئۇلارنىڭ نەزىرىيىلىرىدىن قىلچىمۇ خەۋىرىم يوق ئىدى. شۇنىڭدەك ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنىمۇ بىلمەيتتىم. ئۇلارنىڭ خاراكتېرلىرى، چۈشىنىش شەكىللىرى ۋە كۈچ-قۇۋۋەتلىرىنى تونۇپ يېتەلىشىم ئۈچۈن ئۇلارغا ئارىلاشمىغان بولسام بەلكىم نۇرغۇن يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىشىمغا توغرا كەلگەن بولاتتى. ئەمما بىۋاستە ئىچىگە كىرىپ ئارىلىشىپ يۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى بىر قانچە ئاي ئىچىدىلا تونىۋالغىلى بولاتتى. دىگەندەك، مېنىڭ ئۇلارنى تونۇشۇم ئۈچۈنمۇ بىر قانچە ئايلا ۋاقت كەتكەن ئىدى: ئۇلارنىڭ پەزىلەتلىك ئىجتىمائىي غايە دېگەن نىقاپ ئىچىگە پۈركىنىۋالغان ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ۋابا ئىكەنلىگىنى، ئەگەر ئىنسانىيەت ئالىمى ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي ئۇلارنى دەرھال دۇنيادىن سۈپۈرۈپ تاشلىمايدىكەن يەر يۈزى ئۇزۇنغا قالماي ئىنسانىيەتتىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىغىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا تونۇپ يەتكەن ئىدىم.
    سوتسىيال دېموكراتچىلارنى تۇنجى قېتىم مەدىكارلىق قىلىۋاتقان ئىش ئورنۇمدا تونۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدىم. يەنە كېلىپ شۇ تۇنجى ئۇچۇرىشىش ۋاقتىمدىلا ئۇلارغا بولغان ئىشەنچىمنى يوقۇتۇشقا باشلىغان ئىدىم. مېنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشۈم شۇ كۈنلەرگىچە دېگىدەك بىر مەكتەپ بالىسىدەك رەتلىك، گەپ-سۆز، مۇئامىلىلىرىم ئەدەپلىك، مېڭىش-تۇرۇشلىرىممۇ سىلىق ئىدى. ئۇ كۈنلەردە تۇرمۇش غېمى مېنى شۇنچىلىك بېسىۋالغانكى، ئەتىراپىمدىكىلەرگە دىققەت قىلغىدەك ھالىممۇ يوق ئىدى. ئاچلىقتىن ئۆلمەسلىك، كەلگۈسى تەغدىرىمنى ياخشىلىۋېلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق بىر ئىش تېپىۋېلىشتىن باشقا ھېچ نىمە ئەقلىمگە كەلمەيتتى. ئىشقا كىرىپ ئۈچىنچى ياكى تۆتىنچى كۈنلىرىمىكىن، بىر كۈنىسى ئۇلار بىلەن گەپ تالىشىپ قالمىغان بولسام بەلكىم ئۇلار بىلەن ھەرگىزمۇ تونۇشماي ئۆتۈپ كېتەر ئىكەنمەن.
    بىر كۈنىسى ئۇلاردىن بىرسى يېنىمغا كېلىپ مېنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ئەزا بول دېدى. ئۇ كۈنگە كەلگىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى دېگەننىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمەيتتىم. ئۇنىڭغا ئەزا بولۇشنىڭ نىمە پايدىسى بارلىقىنىمۇ بىلمەيتتىم. ئۇلار ماڭا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ئەزا بولۇش شەرت دەپ ئېيتقىنىدا، بۇ ئۇيۇشمنىڭ نىمىگە پايدىسى بارلىقىدىن خەۋىرىم يوقلىقىنى، شۇنىڭدەك نىمە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، بۇنداق مەجبورلىنىدىغان ھەر قانداق بىر تەشكىلگە كىرىش نىيىتىم يوقلىقىنى ئېيتىپ ئۇلارنىڭ تەكلىۋىنى سىلىغلىق بىلەن رەت قىلىۋىدىم، ئۇلار دەرھال مەندىن ئۇزاقلاشتى. ئۇلار، بىر قانچە كۈن ساقلاپ تۇرساق، بۇ تەشكىلنىڭ قانداق بىر تەشكىل ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ ئەزا بولاي دەپ ئۆزى ئالدىمىزغا كىلىدىغۇ دەپ ئويلىدى ھەقىچان. ئۇلار مېنى بۈتۈنلەي خاتا تونىغان ئىدى. مېنى دېسە، بەلكىم دەسلەپكى كۈنلەردە بىر نەرسە بىلمىگىنىم ئۈچۈن ئەزا بولۇشۇممۇ مۇمكىن ئىدى. ئەمما ئون بەش كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلاردىن قەتئىي يىراق تۇرۇش لازىملىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدىم. چۇنكى بۇ جەرياندا ئەتىراپىمدىكىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدىم. بۇ تەشكىلنىڭ مەسئوللىرىغا زادىلا قايىل بولمىغان ئىدىم. شۇنداق قىلىپ بۇنداق بىر تەشكىلاتقا ھەرقانچە زورلاشسىمۇ قەتئىي كىرمەيمەن دەيدىغان ئىرادىگە كىلىپ بولغان ئىدىم.
    دەسلەپكى كۈنلەردە ھېچكىمگە گەپ قىلماي ئۇلارنىڭ قانداق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۈزىتىپ جىم يۈرىۋەردىم.
    چۈشلۈك تاماق ۋاقتلىرىدا ئىشچىلارنىڭ بەزىلىرى يېقىندىكى ئەرزان ئاشپۇزۇللارغا كېتىشەتتى. قالغانلىرى ئىش ئورنىدا قېلىپ ئۆيلىرىدىن ئالغاچ كەلگەن نامىراتلىق چىقىپ تۇرغان تاماقلىرىنى يېيىشەتتى. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆي-ئوچاقلىق ئىشچىلار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىغا ئۈلگۈرتۈپ كونىراپ كەتكەن كورىلاردا غورۇگۈل نامراتلار ئۇمىچى ئېلىپ كىلىشەتتى. شەنبە كۈنى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا ئىش ئورنىدا قالىدىغان ئىشچىلانىڭ سانىمۇ كۆپىيىپ قالاتتى. بۇنىڭ سەۋىبىنى كېيىن بىلدىم: ئەسلىدە ئۇلار سىياسىي ئۆگۈنۈش قىلاتتىكەن.
    مەن بىر بولۇڭدا ئولتۇرىۋېلىپ بىر پارچە قۇرۇق نان بىلەن سۈتۈمنى ئىچىپ ئۇلارنى كۈزەتكەش ئۆز تەغدىرىمنى ئويلاپ ئولتۇرغان ئىدىم. بۇندىن كېيىن قانداق قىلسام بولار دېگەن غەم ئىچىگە پېتىپ قالغان ئىدىم. بەزىدە ئۇلارنىڭ دېيىشىۋاتقان گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرىپمۇ قالاتتى. ئۇلار، يىغىنلىرىغا قاتنىشىشنى خالىمىغىنىم ئۈچۈن مېنى قىزىقتۇرۇش مەقسىتىدە يىغىنلىرىنى ماڭا كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئالدىمدا ئېچىۋاتقاندەكلا بىلىنەتتى. دېگەندەك مەنمۇ ئۇلارنىڭ دىيىشكەنلىرىنى ئاڭلىغانسىرى چىدىيالمايلا قالغان ئىدىم. ئۇلار جاھاندىكى ھەممە نەرسىنى قارىلاپ بىر باشتىن ئىنكار قىلىشاتتى: ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، مىللەت دېگىنى كاپىتالىستلارنىڭ ئۇيدۇرمىلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەسمىش. − شۇندىن باشلاپ كاپىتالىست دېگەن بۇ سۆزنى خېلى كۆپ ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدىم − ۋەتەن دېگىنى بۇرجۇئازىيىنىڭ ئىشچىلار سىنىپىنى ئالداش ۋاستىسى، قانۇنلار بولسا ئىشچىلارنى ئېزىش ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان بىر قۇرال؛ مەكتەپلەر قۇل بىلەن گۇندىپاي يېتىشتۈرىدىغان بىر ئورۇن، دىن دېگىنى، خەلقنى تېخىمۇ ئاسان ئېكىسپالاتاتسىيە قىلىش ئۈچۈن روھىنى مەست قىلىدىغان بىر ۋاستە؛ ئەخلاق دېگىنى پەقەت قويلارغىلا خاس ئاخماقانە باش ئېگىش پىرىنسىپى. … ئۇلار قارىلىمىغان بىرمۇ نەرسە قالمىغان ئىدى.
    دەسلىۋىدە پەقەت ئارىلاشماي جىم ئولتۇرۇپ تىڭشاپ بەردىدىم. ئەمما كېيىنچە ئۇلارنىڭ بۇ ئاخماقانە گەپلىرىگە بەرداشلىق بىرەلمەيلا قالدىم. ئۇلارنىڭ گەپلىرىگە رەددىيە بېرىپ سۆزلەشكە كىرىشتىم. ئەمما شۇنىمۇ ھېس قىلدىمكى، مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان تېمىلار ھەققىدە ئېنىق بىر بىلىمىم بولماي تۇرۇپ بۇنداق مۇنازىرىلەرگە قاتنىشىشىمنىڭ قىلچە پايدىسى بولمايدىكەن. شۇنداق قىلىپ رەقىپلىرىمنىڭ ئاتالمىش بىلىم دېيىشىۋالغان مەنبەلىرىگە مۇراجەت قىلىشقا باشلىدىم. ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تېپىلغانلىكى گېزىت، ژورنال، كىتاپ، بروشورلارنى يىغىپ ئوقۇشقا كىرىشتىم، ياق، توغرىسى ئۇلارنى قاينىتىپ ئىچمەكتە ئىدىم.
    بەزى كۈنلىرى ئىش ئورنىمىزدا ئىش يوق بولۇپ قالدىغان پەيتلەرمۇ بولۇپ تۇراتتى. بۇ چاققىچە مەنمۇ جىم تۇرماي ئۇلارنىڭ قاراشلىرى ھەققىدە بىلىم جوغلاشنى داۋام قىلماقتا ئىدىم. شۇنداق بولغاچقا، ئىش ئورنىدىكى بۇ تۈردىكى بەس-مۇنازىرىلەر تېخىمۇ شىددەتلىك، تېخىمۇ جىددى تۈس ئېلىشقا باشلىدى. ئۇلار ھىمايە قىلىۋاتقان قاراشلار ئۈستىدە ئۇلاردىنمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگۈنىۋېلىپ مۇنازىرىگە كىرىشمەكتە ئىدىم. بۇ ھالەت ئۇلارنى ئەقلىدىن ئازدۇرۇپ غۇدۇرۇتۇپ، قوپاللىق بىلەن زورلۇق كۈچ ئىشلىتىشلەرگىچە بېرىپ يەتتى. قارشى پىكىردىكىلەردىن بەزىلىرى مېنى كىيمە پالوبىسىدىن پەسكە تاشلىۋېتىمەن دەپ تەھدىت قىلىشقا باشلىدى. مەندىن كېمە سازلىق پورتىدىكى ئىشىمنى تاشلاپ كېتىشىمنى تەلەپ قىلىشتى. مەنمۇ يالغۇز بېشىمغا ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەيدىغانلىغىمنى بىلىپ قىلچە ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايلا ئۇ يەردىن رەنجىگەن ئەمما بىر مۇنچە تەجرىبىگە ئېرىشكەن ھالدا دەرھال كېتىپ قالدىم.
    بۇ مۇنازىرىلەرنى ئويلىساملا قاتتىق غەزىۋىم كېلەتتى، ئەمما بۇ مەسىلىگە شۇنچىلىك چوڭقۇر كىرىشىپ كەتكەن ئىكەنمەنكى، مۇنازىرىنى تاشلاپ كەينىمگە يانغىم كەلمىگىدەك ھالدا ئىدىم. بىر نەچچە ھەپتىگىچە قۇرساق كۆپىكىمنى ئۇنتۇشقا باشلىدىم. ئۇ ئىشىمغا قايتىپ بېرىشتىن باشقا ئامالىم قالمىغان ئىدى. دېمىسىمۇ بىر نەچچە ھەپتە ئۆتە-ئۆتمەيلا يىغقان ئۈچ-بەش تەڭگەمنىمۇ خەجلەپ تۈگىتىپ قويۇپ، قايتىدىن نامىراتلىق قوينىغا چۈشۈپ قالغان ئىدىم. شۇڭا ئۇ يەرگە قايتىپ بارايمۇ-بارمايمۇ دەيدىغان تاللاش ئىختىيارىممۇ قالمىغان ئىدى. ئۇ كىمەسازلىق ئورنىغا قايتا بېرىپ ئىشقا چۈشتۈم. شۇنداق قىلىپ مۇنازىرىلىرىمىز يەنە باشلىنىپ كەتتى.
    شۇ ۋاقىتتا ئۆزەمگە مۇنداق بىر سوئال قويغان ئىدىم: بۇ ئادەملەر ئۇلۇغ ۋە ئاقسۈڭەك بىر ئىرققا مەنسۈپ بولۇش لاياقىتىگە ئىگىمىدۇ؟ بۇ سۇئال، مەن ئۈچۈن بەكلا ئېغىر بىر سۇئال ئىدى. چۇنكى بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى “ھەئە” بولغىنىدا، بۇنداق بىر ئىرق مۇنەۋۋەر كىشىلىرىنىڭ يىتەكلىشىگە لايىق بىر خەلق بولىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر بۇنىڭغا بېرىلىدىغان جاۋاپ “ياق” بولغىنىدا، ئىرقىمىز ئىنسانلىق نوقتىسىدىن ئالغاندا ئەڭ پەسكەش، ئەڭ بىچارە بىر خەلق ھېساپلىنىشى كېرەك ئىدى.
    ئۇ جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتكەن كۈنلىرىمدە، قەۋىمىمىزدىن ئايرىلىپ تۇيۇق يولغا قاراپ كىتىۋاتقان بۇنداق كىشىلەر توپى شۇنچىلىك كۆپىيىپ بارماقتا ئىدىكى، بۇ كىشىلەر توپى مىللىتىمىزگە قارشى ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق بىر قوشۇن ھالىغا كېلىشكە قاراپ كۈنسايىن ئۇلغايماقتا ئىدى. بۇنداق ئەھۋاللارنى بىۋاستە كۆرۈپ ھېس قىلغان بىرسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىرقىمدىن ئەنسىرىمەسلىكىم مۇمكىنمۇ؟
    شۇندىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، بىر ئاممىۋىي نامايىشنى تاماشا قىلدىم. ۋىېنالىق ئىشچىلاردىن تەركىپ تاپقان، كەينى ئۈزۈلمەي تىزىلىپ كېلىۋاتقان بۇ نامايىش قوشۇنىنى پۈتۈنلەي باشقىچە بىر ھېسىيات ئىچىدە كۈزىتىپ چىقتىم. ئۇزۇن كەتكەن بىر ئىلانغا ئوخشاش تولغۇنۇپ ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان نامايىشچىلار قوشۇنىنى مىدىرمۇ قىلماي نەق ئىككى سائەت بىرمۇ بىر كۈزىتىپ تۇردۇم. ئاخىرى كۆڭلۈم يېرىم بولغان ھالدا نامايىش مەيدانىدىن ئايرىلىپ ئۆيۈمگە قايتتىم. قايتىش يولۇمدا، بىر موخوركىچىنىڭ بوتكىسىدا «ئاربېيتېرزېيتۇڭ» گېزىتى كۆزۈمگە چېلىقتى. بۇ گېزىت ۋىېنا سوتسىيال دېموكراتچىلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئورگان گېزىتلىرىنىڭ بىرسى ئىدى. بۇ گېزىتنى پات-پات گېزىت ئوقۇش ئۈچۈن يولۇقىدىغان ئاددى-ساددە بىر قەھۋەخانىدىمۇ كۆرۈپ قالاتتىم. شۇ كۈنگە كەلگىچە بۇ ۋەيرانە گېزىتنى قولۇمغا ئېلىپ ئىككى مىنوت بولسىمۇ چىداپ تۇرۇپ ئوقۇپ باقمىغان ئىكەنمەن. بۇ گېزىتنى ئوقۇسا ئادەمنىڭ قۇيقا چاشلىرىمۇ تىك تۇرۇپ كەتكىدەك غەزەپلىنىپ كېتەتتى. تېخى يېڭىلا ئىشچىلارنىڭ نامايىشىنى كۈزىتىپ چىققىنىم ئۈچۈن، ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بۇ گېزىتنى بىر ئوقۇپ بېقىش نىيىتىگە كەلدىم. ئادەمنى غەزەپلەندۈرۈپ ئۈرپەرتكىدەك يالغان توقۇلمىلاردىن باشقا بىر نەرسە يازمايدىغان بۇ گېزىتنى، شۇ كېچىسى چىداپ تۇرۇپ باشتىن-ئاخىرى ئوقۇپ چىقتىم.
    شۇ كۈندىن باشلاپ، سوتسىيال دېموكراتچىلار ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىنىڭ نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىغىنى نەزەرىيىچىلىرىنىڭ مەخسۇس كىتاپلىرىدىن ئاختۇرۇپ يۈرمەيلا بۇ تۈردىكى كۈندىلىك مەتبۇئاتلىرىدىن كۆرۈپ خەۋەردار بولۇپ تۇرالايدىغان بولدۇم.
    كىتاپلار بىلەن گېزىتلار بىر-بىرسىدىن بەكلا چوڭ پەرق قىلاتتى. كىتاپلار چوڭقۇر بىلىملىكلىگىنى بازارغا سېلىپ، ئەركىنلىك، ئابروي، گۈزەللىك سۆزلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھەممە نەرسىنى گويا پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرىدەك چالۋاقىغان ھالدا تەرىپلىشەتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ گېزىتلىرى، ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇشنىڭ يېڭى تەلىماتى دەپ ئوتتۇرىغا قويىشىۋاتقان قاراشلىرىنى تەرغىپ قىلىشىدىغان بۇ گېزىتلار جىدەلخورلۇقتا ئۇچىغا چىققان بولۇپ، ھەرقانداق بىر پەسكەشلىكلەرگە باش ئەگمەيۋاتقان ۋەتەنپەرۋەرلەرگە قارشى ھەرخىل بوھتانلارنى ئۇيدۇرۇشنى قىلچە نومۇس بىلمەي ئۆزلىرىگە كەسىپ قىلىشىۋالغان بىر مەتبۇئات ئىدى.
    كىتاپلار، ئۆزلىرىنى ئەقىللىق، بىلىملىك دەپ قارىشىدىغان بىر قىسىم ئاخماق، چىرىگەن مەدەنىيەتلىكلەر ۋە يوقۇرى مەۋقەلىك سىنىپلارنى كىتاپخان قىلغان بولسا، گېزىت-ژورناللىرى بولسا چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولغان پادىلارغا خىتاپ قىلىشاتتى.
    سوتسىيال دېموكراتىيە تەلىماتىنى ئۇنىڭ گېزىت-ژورنال مەتبۇئاتلىرى ۋە ئەدەبىي مەجمۇئەلىرىنى ئوقۇپ يۈرۈپ چۈشىنىشكە باشلىدىم. نەتىجىدە ئۆز قەۋىمىمنى قايتىدىن تونۇشقا باشلاپ، ئۇلارنى يېڭىدىن تېپىۋالغان ئىدىم.
    دەسلىۋىدە يېقىنلاشقىلى بولمايدىغان ھاڭ ئايرىپ تۇرىدۇ دەپ تونۇپ كەلگەن بۇ قەۋىمىمگە، ئۆزەمنىڭ ئىسىل ئىرقىمغا باشقىلاتىن سۆيگۈ بىلەن باغلانماقتا ئىدىم.
    شۇنچە ئېغىر زەھەرلەش بىرلەشمە ھەرىكىتىنى پەرق قىلغىنىمدىن كېيىن، بۇلاردىن زەھەرلەنمەي ساقلىنىپ قالالىشى مۇمكىن بولمىغان بۇ خەلقنى گۇناھكار دەپ قارايدىغانلارنى پەقەت ئاخماق كىشىلەر دەپلا قاراش مۇمكىن. ئۇلارنى كۈزىتىپ يۈرگەن ئۇ يىللىرىمدا، سوتسىيال دېموكراتىيەنىڭ قانداق قىلىپ شۇنچە ئۇتۇغلارغا ئېرىشەلىگەنلىگىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق تونۇپ يەتكەن ئىدىم. ئىشچىلار سىنىپىنىڭ پەقەتلا كومۇنىستلار چىقارغان قىزىل كىتاپلار بىلەن قىزىل گېزىتلارنىلا ئوقۇپ، پەقەتلا قىزىللارنىڭلا يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىپ يۈرگەنلىگىنىڭ سەۋىبىنى بۇ گېزىتلاردىن تېخىمۇ ئېنىق بىلىۋالدىم. بۇرجۇئازىيە تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلگەن بۇ ۋەيرانە خەلقىم، ھەممىگە دۈشمەن قىياپىتى بىلەن، ھەممىنى خاراپ قىلىشنى تەرغىپ قىلىدىغان بىر كۈچنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كىتىۋاتماقتا ئىدى. نىمە دېگەن ھېلىگەرلىك!
    خەلق ئاممىسى پەقەت كۈچلۈك ۋە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ دەپ قارىغان ئەقىدىنىڭلا كەينىدىن ئەگىشەلەيدۇ ۋە بۇنداق چۈشەنچىگە كېلىپ قېلىشنى بۇرجۇئازىيە ياراتقان ئىدى.
    خۇددى ئاياللار ئابىستراكىت چۈشەنچىلەردىن كۈرە كونكىرىتنى ھەرىكەتلەرگە يېقىن بولىدىغانلىقى ھەمدە ئاجىزلارغا يېقىن يولىماي كۈچلۈكلەرگە شەرتسىز بويسۇنىدىغانلىقىغا ئوخشاش، خەلق ئاممىسىمۇ بوزەكلەرنى ئەمەس زومىلارنى، يالۋۇرىدىغانلارنى ئەمەس يالۋۇرتىدىغانلارنى ئۆزلىرىگە چوقۇنۇش ئوبىكتى قىلىۋالىدۇ. بۇنداق قىلىش ئۇلارنى بىخەتەر ھېس قىلدۇرىدۇ. ئۇلار بۇنداق كەسكىن بىر تەلىماتنى ئەركىن مۇھاكىمىدىن ئەۋزەل كۆرىدۇ. يەنى خەلق ئاممىسى ئۆزىدىن باشقا ھېچقانداق بىر كۈچنى تونىمايدىغان بىر كۈچكە بوي سۇنۇشنى چەكسىز ئەركىنلىك ئىچىدە ياشاشنىڭ ئورنىغا قويىدۇ. خەلق ئاممىسى چەكسىز ئەركىنلىككە قىزىقمايدۇ. ئۇلار مۇتلەق ئەركىنلىك دىگەن ئۇقۇمنى قىلچە ئەھمىيىتى يوق بىر ئۇقۇم دەپ قارىشىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، خەلق ئاممىسىغا زورلۇق كۈچنى ھېس قىلدۇرۇش، ئەركىنلىكلەرنى كۈچ قوللانغۇچى ئۆز قولىدا تېزگىنلەپ تۇرۇشى، كىشىلەرگە بۇ ئەركىنلىكلەردىن بىرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرالايدىغان بولۇش لازىم. بۇنداق قاراش بەزى كىشىلەرگە مەنىسىزدەك بىلىنىشى مۇمكىن. ئەمما خەلق ئاممىسى بىرەر كۈچ-قۇدرەتنىڭ تاشقى قىياپىتىنى كۆرگىنىدىن كېيىنلا ئۇ كۈچكە، ئۇنىڭ زوراۋانلىقىغا بوي سۇنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ.
    ئەگەر سوتسىيال دېموكىراتىيىگە قارشى تېخىمۇ كۈچلۈك يېڭى بىر سەپ تەشكىل قىلىنىپ ئۇلارغا قاتتىق زەربە بېرىلسىمۇ، سوتسيال دېموكراتچىلارنى يېڭىپ چىقىش پۈتۈنلەي مۇمكىن ئىدى.
    مەن ئىككى يىلدىن ئاز ۋاقىت سەرىپ قىلىش ئارقىلىق، سوتسىيال دېموكراتچىلارنىڭ تەلىماتلىرىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىجرا قىلىۋاتقان ھەرىكەت ئۇسۇللىرىنى تولۇق ئۆگۈنۈپ چىققان ئىدىم. ئۇلار كۈچ-قۇدراتنىڭ قىممىتىنى بەكلا چوڭ بىلىدىكەن. ئۇلار كۈچلا بولسا تەڭ كەلگىلى بولمايدىغان دۈشمەن يوق دەپ قارىشىدىكەن.
    سوتسيال دېموكراتچىلارنىڭ بۇ قاراش ئاساسىدا پەيدا قىلغان ھەرىكەتلىرى بىۋاستە بۇرجۇئازىيىگە قارىتا بىر ۋەھىمە سېلىش ھەرىكىتى بولۇپ ئوتتۇرغا چىقىۋاتقانلىقىنى سەزدىم. بۇرجۇئازىيە، مەيلى روھىي جەھەتتىن ياكى جىسمانى جەھەتتىن بولسۇن، بۇنداق بىر ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرالىغىدەك كۈچكە ئىگە ئەمەس ئىدى. سوتسىيال دېموكراتچىلار بىر ئىشارەت بېرىلىشى بىلەن تەڭ دۈشمىنىنى ئەقلى-ھۇشىنى يوقاتقانغا قەدەر رەھىمسىزلەرچە بوھتانلار بىلەن كۆمۈۋېتىش تاكتىكىسىدىن پايدىلىنىپ ھۇجۇمغا ئۆتىدىكەن. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ بۇ تۈردىكى تاكتىكىلىرى بىر خىل خۇمار ھالىغا كېلىپ، كۆرۈنەرلىك بىرەر داغدۇغا پەيدا قىلىشتىن نېرىسىغا ئۆتەلمەيتتى.
    سوتسيال دېموكراتلارنىڭ دۈشمەنلىرى بولغان بۇرجۇئازىيىمۇ ئۈزۈلمەي بېشىغا كېلىۋاتقان بۇنداق قانۇنسىز زەربىلەردىن زېرىكىپ تېچلىققا ئېرىشىش ئۈمىدى بىلەن ئۇلارغا باش ئېگىش چارىلىرىنى ئاختۇرۇشقا كىرىشىدىكەن. شۇنداق قىلىپ سوتسيال دېموكراتچىلارمۇ ئۆز مەقسىتىگە يېتەلەيدىكەن.
    سوتسىيال دېموكراتچىلار ئۆز ئەمىلىيىتى ئارقىلىق زورلۇق كۈچتىن پايدىلىنىشنىڭ قىممىتىنى بەكلا ياخشى بىلەتتى. شۇنداق بولغاچقا، ئۇلار مۇۋاپىق دەپ تاللىۋالغان كىشىلەرگە تىنماي ھۇجۇم قىلىپ تۇراتتى.
    ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ يۇمشاقباش كىشىلىرى بولسا سوتسيال دېموكراتچىلارنىڭ كىشىلەر بىلەلمىگەن بۇنداق تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ جېنىنىڭ بېرىچە مەدىھلىشىدىكەن.
    سوتسيال دېموكراتچىلار ئەقلى-ھۇشى نورىمال قوپال مىجەزلىك كىشىلەردىن ئانچە بەك قورقۇپ كەتمەيدىغان بولغاچقا، بۇ تۈردىكى ئادەملەرنى تېپىۋالسا ماختاپ ئەرشىگە چىقىرىۋېتىشىدۇ. شۇنىڭدەك ھەقىقى ئاجىزلارغىمۇ ئۇنچە بەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدىكەن. ئاجىزلار قانداقلا بولمىسۇن ئۇلاردىن قورقىدۇ-دە.
    سوتسيال دېموكراتچىلار ئىجتىمائى تۈزۈمىنى ساقلىيالايدىغان بىردىن بىر كۈچنىڭ پەقەت ئۆزلىرىلا ئىكەنلىكىگە خەلق ئاممىسىنى ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ، پۈتۈن چارىلارنى ئىشقا سېلىپ ئۆز غەرىزىنى قەدەممۇ-قەدەم ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىدىكەن. ئۇلار بەزىدە ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ بۇ غايىسىگە قارشى ھەرىكەت قىلسا، يەنە بەزىدە بۇ غايىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تىرىشىدىكەن. شۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ دىققەت نەزىرىنى پات-پات باشقا نەرسىلەرگە بۇراپ تۇرىدىكەن. دىققىتى باشقا يەردە بولغان خەلق ئۇلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىشقا چولىسى تەگمەيدۇ.
    كىشىلەرنىڭ روھىي ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىش ئاساسىغا تايانغان بۇنداق تاكتىكلارغا ئۆكتىچى پارتىيىلەرمۇ شۇنىڭغا ماس چارىلاردىن پايدىلىنىپ ھۇجۇمغا ئۆتمەيدىغانلا بولىدىكەن، سوتسيال دېموكراتلارنىڭ ئۈستىدىن ھېچكىم ئېنىق بىر غەلىبىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
    بۇنداق ئەھۋالاردا، ئاجىزلار قانداق قىلىپ ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشتىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىشنى ئەقلىگە كەلتۈرەلمەيدىكەن.
    بۇ كۈزىتىشلىرىم ئارقىلىق شەخسىلەر ھېس قىلىدىغان جىسمانى قورقۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشىنىپ يەتتىم.
    مېنىڭ ئىش يېرىمدىمۇ ئەنە شۇنداق پسىخولوگىيەلىك ئويۇنلار ئوينىلىپ تۇراتتى:
    分享到: