• ئادلوف گىتلىر:<<مېنىڭ كۈرەشلىرىم>> (2.قىسىم)

    2009-05-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39666804.html

    تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش

    كەسىپ تاللاش مەسىلەم كۈتۈلمىگەن بىر شەكىلدە ئۆزلىگىدىنلا ھەل بولۇپ كەتتى:
    دادامدىن ئايرىلغان كۈنلىرىمدە ئەندىلا ئون ئۈچ ياشقا قەدەم باسقان ئىدىم. دادام، ساپساغلام يۈرگەن كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ بىزنى چوڭقۇر مۇسىبەت ئىچىگە تاشلاپ قويۇپ بۇ ئالەمدىن جىممىتىلا ئايرىلدى. دادامنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇلىرىدىن بىرسى، مېنى جەمىيەتكە چىققىنىدا دۈچ كېلىش ئېھتىمالى بولىدىغان جاپالاردىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىر كەسىپ ئىگىسى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئىدى. دادام، بۇ ئارزۇسىغا يىتەلمەي ئاخىرى ئۇ ئالەمگە كېتىپ قالدى. شۇنداقتىمۇ، بىلىپ-بىلمەستىن بولسىمۇ ماڭا ئىستىقبال توغرىسىدا بىر غايىنى مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭغا دادم بىلەن ئىككىمىزنىڭلا ئىشەنچىمىز كامىل ئىدى.
    دەسلەپكى كۈنلەردە، مۇنداق قارىغاندا ئىشلىرىمدا كۆزگە كۆرۈنگىدەك بىرەر ئۆزگىرىش بولمىغاندەك قىلاتتى. ئاناممۇ مېنى تەربىيەلەشتە دادامنىڭ ئارزۇسى بويىچە يول تۇتۇشنى ئۆزىنىڭ مەجبورىيىتى دەپ ھىساپلايتتى. يەنى ئاناممۇ مېنىڭ مەمورىي كادىر بولۇش ئۈچۈن تەربىيىلىنىشىمنى تىلەيتتى. مەن بولسام، ھەرگىزمۇ كادىر بولماسلىق ئۈچۈن ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ جاھىللىق قىلىپ چىڭ تۇرماقتا ئىدىم. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى دەرس سېتكىلىرى غايەمگە ماس كەلمىگەنسىرى، مەنمۇ ئۇ دەرسلەرگە شۇنچە قىزىقمايدىغان بولىۋالغان ئىدىم. تۇيۇقسىزلا بىر قانچە ھەپتە داۋام قىلغان بىر كېسەللىككە گىرىپتار بولدۇم. بۇ كېسەللىك، ئائىلەم بىلەن بولغان بارلىق زىدىيەتلىرىمنى بىراقلا ئۇنتۇلدۇرىۋەتتى. ئېغىر ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىدىم. دوختۇر ئانامغا، كەلگۈسىدە نېمە بولسا بولسۇن، مېنى ھەرگىزمۇ بىر ئىشخانىغا ئۇزۇنغىچە قاماپ قويىدىغان بىرەر ئىشقا قويماسلىقنى ئالاھىدە جىكىلەش بىلەن بىرگە، كەسىپى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇشۇمنى ئەڭ بولمىغاندا بىرەر يىل بولسىمۇ توختۇتۇپ تۇرۇشۇم ھەققىدە مەسلىھەت بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، يوشۇرۇپ يۈرگەن ئارزۇلىرىمغا، قەتئى ۋاز كېچىشنى خىيالىمغا كەلتۈرمەيدىغان غايىلىرىم ئۈچۈن كۈرىشىش ئىمكانىغا تۇيۇقسىزلا ئېرىشكەن ئىدىم.
    كېسەللىكىم سەۋەپلىك، ئانام ماڭا كەسىپى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇشتىن چېكىنىپ چىقىپ بىرەر تېخنىكومغا كىرىپ ئوقۇشۇمغا ماقۇل بولدى.
    بۇ كۈنلەردە مەن بۇ بولىۋاتقان ئىشلار ئوڭۇممۇ-چۈشۈممۇ دەپ ئاڭقىرالماي، خوشاللىغىمدىن خۇدۇمنى بىلەلمەي يۈردۈم. ئەسلىدە، ئۇ كۈنلىرىم راستىنلا بىر چۈش ئىكەندۇق. ئىككى يىلدىن كېيىن ئانامنىڭ ۋاپاتى مېنىڭ ئۇ تاتلىق چۈشلىرىمنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتتى.
    ئانام، ئۇزۇن داۋام قىلغان ئازاپلىق بىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئىدى. ئانام كېسەل بولغان دەسلەپكى كۈنلەردىلا بۇ كېسەلدىن ساقىيىش ئۈمىدىنىڭ يوق دىيەرلىك ئىكەنلىگىدىن خەۋەر تاپقان ئىدۇق. بۇ زەربە ماڭا بەكلا ئېغىر كەلگەن ئىدى. مەن، دادامنى ھۆرمەت قىلاتتىم؛ ئەمما ئانامنى بەكلا ياخشى كۆرەتتىم.
    بۇ ئاچچىق ئەمەلىيەت، مېنى دەرھال بىر قارار ئېلىشىم ئۈچۈن قىستىماقتا ئىدى. ئائىلىمىزنىڭ ئەسلىدىنلا ناچار بولغان ئىختىسادىي ئەھۋالى ئانام ئېغىر كېسەللىك تارتقان كۈنلەردە ئاساسەن پاك-پاكىزە قۇرۇغدىنىپ كەتكەن ئىدى. يېتىملار يۇرتىنىڭ ماڭا بېرىدىغان ياردەم پۇلى تۇرمۇشۇمنى قامداشقا زادىلا يەتمەيتتى. شۇڭا، نىمىلا بولمىسۇن بىرەر ئىش تېپىپ تۇرمۇشۇمنى قامداشقا مەجبور ئىدىم.
    بىر چامدانغا كېيىم-كېچەكلىرىمنى سېلىپ ۋىېناغا قاراپ سەپەر قىلدىم. بۇ سەپەردىن ئۆزەمگە تولۇق ئىشەنچ قىلاتتىم. بۇندىن ئەللىك يىل ئاۋال دادام ئۆز تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئاتلانغان ۋىېنا سەپىرىدىن ئۇتۇق قازىنىپ يانغان ئىكەندۇق. مەنمۇ ئۇنىڭ باسقان ئىزىدىن مېڭىپ، تىلغا ئالغىدەك بىر “ئادەم” بولۇپ قايتىش ئىرادىسىنى تىكلىگەن ئىدىم. شۇنىڭغا قارىماي يەنىلا ھەرگىز كادىر بولمايمەن دەيدىغان ئىرادەمدىن يانمىغان ئىدىم.
    ئىككىنچى باب

    ۋىېنادىكى جاپالىق ئوقۇش يىللىرىم

    ئانام ۋاپات بولغان كۈنلەردە كەلگۈسىم ئۈچۈن كاللامدا بەزى پىلانلارنى تۈزۈپ قويغان ئىدىم. ئەسلىدە ئانامنىڭ كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچلارغا كىرىپ قالغان كۈنلەردە، ۋىېناغا بېرىپ گۈزەل سەنئەتلەر ئىنىستىتۇتىغا كىرىش ئىمتىغانىغا قاتنىشىپ قويغان ئىدىم. سىزغان رەسىملىرىمدىن بىر بولاقنى قولتۇغۇمغا قىستۇرۇپ ۋىېنا سەپىرىگە ئاتلانغان ۋاقتىمدا، بۇ ئېنىستىتۇتقا قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىمغا قەتئىي ئىشىنەتتىم. چۇنكى، كەسىپى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا مەكتەپنىڭ ئەڭ ياخشى مەنزىرە رەسسامى ئىدىم. بۇ جەرياندا رەسىم سىزىش قابىلىيىتىم ئالاھىدە مۇكەممەللەشكەن ئىدى. بۇ جەھەتتە ئۆزەمگە ئىشەنچىم كامىل بولغاچقا، رەسسام پاكۇلتىتىغا چوقۇم قوبۇل قىلىنىمەن دەپ قەتئىي  ئىشىنەتتىم. شۇنداقتىمۇ ئەنسىرەيدىغان تەرەپلىرىممۇ يوق ئەمەس ئىدى: رەسىم سىزىش جەھەتتە مەنزىرە-نەقىش رەسىملىرىنى سىزىشقا، بولۇپمۇ بىنا مەنزىرىلىرىنى سىزىشقا تېخىمۇ ئىقتىدارلىقتەك كۆرۈنەتتىم. بىناكارلىق سەنئىتىگە بولغان قىزىقىشىم، بۇ جەھەتتە ئىپادىلەنگەن زوۋقۇم تەبىئى ھالدا بارغانسىرى كۈچىيىپ بارماقتا ئىدى. ئەندىلا ئون ئالتى ياشقا كىرگەن بولۇشۇمغا قارىماي، ئون بەش كۈن ئەتىراپىدا تۇرۇپ قالغان ۋىېنادا مېنىڭدىكى بۇ ھەۋەس تېخىمۇ كۈچلەنگەن ئىدى. خوفمۇزېئۇم رەسىم كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلىشقا بارغىنىمدا رەسىملەرگە دىققەت قىلىش ئورنىغا بىنانىڭ گۈزەللىكلىرىنىلا كۆزۈتۈپ يۈرگەن ئىدىم. ھەر كۈنىسى ئەتىگەندىن تا كۈن پاتقىچە كۆرۈشكە تېگىشلىك چىرايلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ يۈرگەن ئىدىم. بۇلارنىڭ ئىچىدە مېنى ئەڭ بەك قىزىقتۇرغىنى يەنىلا بىنالار ئىدى. ئوپىرا بىناسى بىلەن پارلامېنت بىنالىرىنى تاماشا قىلىشتىن زادىلا زېرىكمىگەن ئىدىم. پۈتۈن رىنگستراس كوچىسى ماڭا گويا مىڭ بىر كىچە چۈچەكلىرىدىن ئېلىنغان بىر مۇزىيخانىدەكلا كۆرۈنەتتى.
    مانا بۇگۈن، بۇ شەھەرگە ئىككىنچى قېتىم كىرىپ كەلمەكتە ئىدىم. ئىنىستىتۇتقا كىرىش ئىمتىھانىدىن مۇتلەق تۈردە ئۆتەلەيمەن دەيدىغان ئىشىنچ بىلەن مەغرۇر ھالدا نەتىجەمنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتە ئىدىم. ئىمتىھاندىن ئۆتەلەيدىغانلىقىمغا شۇنچىلىك ئىشەنچىم كامىل ئىدىكى، … ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلىگىمدىن خەۋەر تاپقىنىمدا گويا بېشىمغا چاقماق چۈشكەندەك ھۇجۇقۇپ كەتكەن ئىدىم! ئەمما ئۆتەلمىگەنلىكىم راس ئىدى. كىرىپ مەكتەپ مۇدىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئىنىستىتۇتنىڭ رەسىم بولۈمىگە قوبۇل قىلىنمىغانلىقىمنىڭ سەۋىبىنى سورىغىنىمدا، رېكتور − ئىنىستىتۇت مۇدىرى مېنىڭ تاپشۇرغان رەسىملىرىمدىن رەسىم سىزىش قابىلىيىتىمنىڭ يوقلىغى توغرىسىدا رەت قىلىشقا بولمايدىغان پاكىتلارنى كۆرسىتىپ مېنى قايىل قىلدى. شۇنداقتىمۇ ئىنىستىتۇتنىڭ رەسىم بۆلۈمىگە قوبۇل قىلىنىشىمنى تىلغا ئېلىشقىمۇ بولمايدىغانلىغى، ئەمما بىناكارلىق بۆلۈمىگە كىرىش ئېھتىمالىمنىڭ يوق ئەمەسلىگىنى ئەسكەرتىپ قويدى. بۇنىڭمۇ بىر قىيىن تەرىپى بار ئىدى: بىناكارلىق كەسىپىگە تەييارلىق قىلغان ياكى شۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغان بىرەر مەكتەپتە ئوقۇغان بولۇشۇم شەرت ئىدى. مەن بولسام، يا بۇنداق بىرەر مەكتەپنى پۈتتۈرمىگەن ياكى بۇنداق بىرەر مەكتەپنى سىرتتىن بولسىمۇ ئوقۇمىغان بىرسى ئىدىم.
    شىللېر مەيدانىدىكى ھانسېن سارىيىدىن ئايرىلغىنىمدا پۈتۈنلەي ۋەيرانە ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدىم. تۇنجى قېتىم ئۆزەمدىن گۇمانلانماقتا ئىدىم. چۇنكى ئىستىبداتىم توغرىسىدا ئاڭلىغان سۆزلەر ماڭا ئەجەللىك زەربە بولۇپ تەككەن ئىدى. بۇ ۋەقە، ئۇزۇندىن بويان دىققەت قىلماي كەلگەن بىر ياتلىشىش خاراكتېرىمنىمۇ بىراقلا ئوتتۇرىغا چىقىرىپ بەرگەن ئىدى. بۇ ئىشتىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ھۇشۇمنى يىغىۋېلىپ ئۆزەمنى كەلگۈسى بىناكار قىلىپ پەرەز قىلىشقا مەجبور بولغان ئىدىم.
    دېگەندەك ئۆمۈر يولى مۇشەققەتلىك ئەگرى-توقايلىقلار بىلەن تولغان ئىدى. رېئالشكۇل − كەسىپىي ئوتتۇرا مەكتەپتە بۈگۈنگىچە سەل قاراپ كەلگەن، ئەھمىيەت بەرمىگەن دەرسلىرىم، مانا بۈگۈن مېنىڭدىن ئېغىر ئاغرىتىپ ئىنتىقامىنى ئالماقتا ئىدى. ئىنىستىتۇتنىڭ بىناكارلىق بولۈمى دەرسلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئاۋال قۇرۇلۇش تېخنىكىسى ھەققىدىكى دەرسلەرنى ئالغان بولىشىم لازىم ئىدى. بۇ خىل دەرسلەر ئۈچۈن يەنە نورىمال ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولۇشۇم كېرەك ئىدى. بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئورۇندىمىغان ئىدىم. بىر قارىماققا غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىرەر ئىمكانىيىتى قالمىغاندەك كۆرۈنەتتى.
    ئانام ۋاپات بولۇپ ۋىېناغا ئۈچىنچى قېتىم كەلگىنىمدە ئۆزەمنى تۇتىۋالغان، ئىرادەم ئەسلىگە كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىم ۋىېنادا خېلى يىللار تۇرۇپ قېلىشىم مۇمكىنلىكىنى ئويلىدىم. غورۇرۇم قايتا تىكلەنگەن، مەقسىدىمگە يېتىش يولىدا دۈچ كېلىدىغان ھەرقانداق مۈشكىلاتلارغا بەرداشلىق بېرىدىغان غەيرەتكە كەلگەن ئىدىم. مەن ئەندى بىناكار بولۇپ چىقىشقا تىرىشىمەن، بۇ يولدا دۈچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلار مېنى بويۇن ئەگدۈرەلەيدىغان قىيىنچىلىقلاردىن ئەمەس دەپ ئويلىماقتا ئىدىم. چۇنكى ھەرقانداق بىر قىيىنچىلىققا چوقۇم تاقابىل تۇرالايمەن دەپ ئۆزەمگە ئىشەنچ قىلاتتىم. مەن ئالدىمدا دۈچ كېلىدىغان ھەرقانداق بىر قىيىنچىلىقنى چوقۇم يېڭىمەن دەپ ئۆزەمگە قەسەم قىلدىم. يېزىسىنىڭ ئاق كۆڭۈل بىر موزدوزى تۇرۇغلۇق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كادىر بولالىغان دادامنى ئۆزەمگە سېلىشتۇراتتىم. دادامغا قارىغاندا مەن تېخىمۇ پايدىلىق بىر نوقتىدا ئىشقا كىرىشمەكتە ئىدىم. شۇڭا، مېنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىم دادامنىڭكىدەك ئۇنچىلىك قىيىنغا توختاپ كەتمەيتتى. ئۆز ۋاقتىدا تەغدىرنىڭ ماڭا قاتتىققول بولۇپ كۆرسەتكەن ئىشلارنى، مانا بۈگۈن تەڭرىنىڭ مەن ئۈچۈن تەييارلىغان بىر چېنىقىش يولى ئىكەن دەپ قارىماقتىمەن. يوقسۇللۇق تەڭرىسى مېنى ئىلكىگە ئېلىۋېلىپ، نۇرغۇن قېتىم سېنى ۋەيران قىلىۋېتىمەن دەپ تەھدىت قىلىپ باققان ئىدى. ھەر بىر توسالغۇ ئىرادەمنىڭ تېخىمۇ چىڭىشىغا سەۋەپچى بولۇپ، ئاخىرى بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كىتەلىدىم.
    بۈگۈن، مېنى قاتتىق چېنىقتۇرۇپ يېتىشتۈرگەن شۇ يىللارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەخمەت ئېيتىمەن. بۇ جەرياندا كۈچلۈك ئىرادىلىق بولۇپ يېتىشىپ چىققىنىم ئۈچۈن مەمنۇنمەن. ئۇ يىللار مېنى راھەت ئىچىدە ياشاشقا بولىدىغان تۇرمۇش ئىچىدىن يۇلۇپ ئېلىپ، ئىسسىق بىر ئۆيدە چوڭ بولغان نازۇك-مىشچان بىرسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىمدىن قۇتۇلدۇرۇپ، غەم-ئەندىشىلىك كۈنلەر ئىچىگە تاشلىغانىكەن. ئۇ دەۋىر مېنى خارلىق ۋە يوقسۇللۇق دۇنياسىغا تاشلاپ، كەلگۈسىدە غايەم ئۈچۈن قىلىشىم كېرەك بولغان ئىشلارنى بىرمۇ-بىر كۆرسەتكەن ئىكەن. مانا شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ جاپالىق يىللارغا رەخمەت ئېيتىشنى مەجبورىيىتىم دەپ قارايمەن.
    ماركىسىزم

    ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ كۆزۈم ئېچىلىشقا باشلاپ، ئۇ كۈنلەرگە كەلگىچە ئىسمىنىلا ئاڭلاپ يۈرگەن، ئەمما نېمىس مىللىتىنىڭ ئىستىقبالىغا ئىنتايىن ئېغىر تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتقانلىغىنى زادىلا خىيالىمغا كەلتۈرمىگەن مۇنداق ئىككى خەۋپنى تونىغان ئىدىم: ماركىسىزىم ۋە يەھۇدىيلىق.
    ۋىېنا  نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئويناپ كۆڭۈل ئاچىدىغان، سەبىلەر ئۈچۈن بولسا بايرام ئوينايدىغان بىر شەھەر ھېساپلىنىشى مۇمكىن. ئەمما مېنىڭ ئۈچۈن ئالغاندا، ۋىېنا دېمەك ھاياتىمدىكى ئەڭ قاراڭغۇلۇق يىللىرىمنىڭ جانلىق بىر خاتىرىسىدىن باشقا مەنىگە ئىگە ئەمەس ئىدى. ھەتتا بۈگۈنمۇ بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى مەندە نامىراتلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن بەش يىللىق ئاچچىق ئەسلىمىلىرىمدىن باشقا بىرەر تەسىراتنى ئەسلىتەلمەيدۇ. بۇ بەش يىللىق ھاياتىمنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا مەدىكار بولۇپ تۇرمۇشۇمنى قامداشقا ئۇرۇنۇپ باقتىم. شۇنچىلىك ئاز ئىش ھەققى ئالاتتىمكى، تاپقان پۇلۇم قۇرسىغىمنى تويغۇزۇشقىمۇ يەتمەيتتى. ئۇ كۈنلەردە ئاچلىق مەندىن پەقەتلا ئايرىلغۇسى كەلمەيدىغان بىر ھەمرايىم ۋە تاپقان بىر تىيىنىمنىمۇ تەڭ تالىشىپ يەيمەن دەپلا تۇرىۋالىدىغان ئايرىلماس بىر دوستۇم بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ ئاچلىق دەردىمگە يەنە سېتىۋالغان ھەر بىر كىتاۋىمنىڭمۇ ھەسسىسى قوشۇلۇپ تۇراتتى. بىر قېتىملىق ئوپىرا كۆرۈشكە بېرىشىم ئەتىسى بىر كۈن ئاچ قېلىشىمغا سەۋەپ بولاتتى. ئۇ كۈنلىرىمنى، ئاچلىق دىگەن بۇ ئىنساپسىز دوستۇم بىلەن تىنىمسىز جىدەللىشىپ ئۆتكۈزگەن كۈنلەر دىيىشىم مۇمكىن. ئەمما ئۇ ۋاقىتلاردا ھەرقانداق بىر ۋاقىتلاردىكىدىنمۇ كۆپىرەك بىر نەرسىلەرنى ئۆگەنمەكتە ئىدىم. بىناكارلىق ئۆگۈنۈشىم، كامدىن-كام بولۇپ قالىدىغان ئوپىراغا كىرىشىمدىن باشقا، ئاچ قېلىش ھىساۋىغا بولسىمۇ تىجىگەن پولۇمغا سېتىۋالغان ئاچ قالغان كۈنلىرىمنىڭ يالدامىسى بولغان كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ بېرىۋاتقان كىتاپلىرىمدىن باشقا كۆڭلۈمنى ئۆستەرگىدەك بىرەر مەلىكەممۇ يوق ئىدى. بەكلا كۆپ ئوقۇيتتىم، ئىشتىن بۇشىغان ۋاقتىمنىڭ ھەممىسىنى كىتاپ ئوقۇش ۋە تەھلىل قىلىش ئۈچۈنلا سەرىپ قىلاتتىم. ئەنە شۇ شەكىلدە بىرقانچە يىل ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن بىلىملىرىم بۈگۈنكى كۈندىمۇ ماڭا ئەسقىتىپ كەلمەكتە.
    شۇنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتىشىم كېرەككى، بۈگۈنكى كۈندىكى نەزەرىيىلەر بىلەن كۆزقاراش ئاساسلىرىمنى ئەنە شۇ كۈنلەردىكى بىلىملىرىم ئاساسىدا شەكىللەندۈردىم دېيىشىم مۇمكىن. شۇندىن بۇيان، شۇ چاغدا ھۇلىنى سېلىپ بولغان  كۆزقاراش ۋە نەزەرىيىلىرىمنى ئاساسەن يېڭىلىماي دېگىدەك ئۆز پىتىچە ساقلاپ كەلمەكتىمەن. يەنى ئۇ كۈنلەردە تىكلىۋالغان قاراشلىرىمنىڭ ئاساسىنى قىلچە ئۆزگەرتمەستىن، ئۇلارغا ساداقەتلىك بىلەن ۋارىسلىق قىلىپ كەلمەكتىمەن.
    بۈگۈن مۇنداق بىر نەرسىگە قەتئى ئىشىنىمەن: ئىنساندا ئىجادىيەت پىكىرلىرىنىڭ ئاساسى ئادەتتە ياشلىق دەۋىرلىرىدە سېلىنىدىكەن. ئۇزۇن يىللىق جەمىيەت تەجرىبىسى ۋە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولغان بىر بوۋاينىڭ بىلىم غەزىنىسىنى تىنماي يېڭى كۆزقاراشلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ تۇرىدىغان، بۇ كۆزقاراشلىرىنىڭ كۆپلىگىدىن ئۇلارنى ئەمىلىيلەشتۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيۋاتقان، ھېرىپ چارچاشنى بىلمەيدىغان بىر ياشنىڭ زىھنى كۈچ-قۇدرىتىگە قەتئىي تەڭ قىلمايمەن. ياشلىق دەۋىر، قۇرامىغا يەتكىنىدە پايدىلىنىدىغان بىلىم بىلەن پىلانلارنى تەييارلاپ بېرىدىغان دەۋردۇر. قۇرامىغا يەتكەن ۋاقىتلىرىدا، ئەگەر بۇلارنى ئۆتكەن يىللىرىدا ئۆزلەشتۈرىۋالغان تەمكىنلىك دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ئادەتلەر بىلەن بوغۇپ تاشلىمىغانلا بولىدىكەن، بۇ بىلىم جوغلانمىلىرىدىن چوقۇم ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كېتەلەيدۇ.
    مېنىڭ ئۇ كۈنلەردىكى كۈندىلىك تۇرمۇشۇم ئۆز ۋاقتىدا بىرگە تۇرغان ياشلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدىن كۆپ پەرق قىلىپ كەتمەيتتى: ئەتە قانداق قىلارمەن دەپ بەك غەم قىلىپ كەتمەيتتىم، ئىجتىمائىي جەھەتتە بىرەر چاتىغىممۇ يوق ئىدى.
    مېنىڭ بالىلىق مۇھىتىم ئۇششاق بۇرجۇئا مۇھىتى ئىچىدە ئۆتكەن ئىكەن. يەنى جىسمانىي ئەمگەك قىلىدىغانلار بىلەن ئانچە مۇناسىۋەت قىلىشمايدىغان تار بىر دۇنيا ئىچىدە ئۆتكەن ئىكەن. بىر قارىماققا ئادەمنىڭ ئىشەنگىسى كەلمەيدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئىقتىسادىي شارائىتى ئۇنچىۋالا ياخشى ھىساپلانمايدىغان ئۇششاق بۇرجۇئازىيە سىنىپى بىلەن مەدىكارلار سىنىپى ئوتتۇرسىدا پەرەز قىلغانلىرىمىزدىنمۇ چوڭقۇر بىر ھاڭ بار ئىدى. بۇ ئىككى سىنىپ بىر-بىرسىگە خۇددى دۈشمەندەك قارىشاتتى. بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن: ئەسلىدە تېخى يېقىنقىلا بىر ۋاقىتتا ئىشچى سىنىپىنىڭ سەۋىيىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ مەلۇم دەرىجىدە بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەن بىر قىسىم كىشىلەر، ئاز-تۇلا يىرگىنىدىغان بۇرۇنقى ھالىتىگە يېنىپ قېلىشىدىن ياكى ئۇ سنىپقا مەنسۈپ كىشىلەرگە ئوخشاپ قېلىشىدىن بەكلا ئەنسىرەيدىغانلىقى سەۋەپ بولماقتا دېيىش مۇمكىن. بۇنداق يىرگىنىشىگە يەنە پەس كۆرگەن بۇرۇنقى سىنىپىدىكىلەرنىڭ قوپال، كىشىنى يىرگەندۈرگىدەك مۇئامىلىلىرىدىن قالغان ئەسلىمىلىرى بىلەن مەدەنىيەتسىزلىگىمۇ سەۋەپلەرنىڭ بىرى دېيىش مۇمكىن. ئەنە شۇنداق بىر ئىجتىمائىي سەۋىيىدىن قۇتۇلۇپ مويسىپەت بولىۋالغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر مىنوتلىقىغا بولسىمۇ كەينىدە قالغانلارنىڭ ئەھۋالىغا قايتا چۈشۈپ قېلىش قورقۇنچىسى ھەقىقەتەنمۇ سۈكۈت قىلغىلى، چىدىغىلى بولىدىغان بىر ئەھۋال ئەمەس.
    شۇنداق كىشىلەرنىمۇ ئۇچۇرىتىشقا بولىدۇكى، ئىجتىمائىي سەۋىيىسى يوقۇرى بولغان كىشىلەر مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئەڭ تۈۋەن سەۋىيىلىك پۇخرالىرىنىڭ دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالغانلىرىدا، يوقۇرى سەۋىيىگە كېيىن چىقىپ قالغان “يېڭىدىن پۇل كۆرگەن كىشىلەر” گە قارىغاندا تۈۋەن تەبىقىگە بەرداشلىق بىرەلەيدىغان بىر تۇيغۇ بىلەن كىرىپ كېلىشىدۇ. بۇ يەردە “يېڭىدىن پۇل كۆرگەن كىشىلەر” دېگىنىمدە، بۇرۇنقى نامراتلىق ھالىتىدىن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ مەرتىۋىسىنى بۇرۇنقى سەۋىيىدىن يوقۇرى كۆتۈرىۋالغان كىشىلەرنى كۆزدە تۇتماقتىمەن. بۇ تۈردىكى كىشىلەرنىڭ بۇرۇنقى خارلانغان كۈنلىرىدىكى تارتقان جاپالىق ئەسلىمىلىرى ئۇلاردىكى باشقىلارغا ئىچ ئاغرىتىش تۇيغۇلىرىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن بولۇپ، ئۇلار كەينىدە قالغان بۇرۇنقى سەبداشلىرىنىڭ تارتقان ئازاپلىرىنى مەڭگۈلۈك ئۇنتۇپ كېتىشىدۇ.
    بۇ نوقتىدىن ئالغاندا، تەغدىر ماڭا مەرھەمەتلىك قولىنى ئۇزاتقان ئىكەن. دادامنىڭ كادىر بولۇشتىن بۇرۇن ماددىي جەھەتتە قىلچە كاپالىتى بولمىغان نامراتلىق كۈنلەرنى ياشىغان كۈنلىرىگە ئوخشاش مەنمۇ يېڭىدىن شۇنداق كۈنلەرنى ياشاشقا مەجبور بولىشىم، ئۇششاق بۇرجۇئازىيىچە مىشچان دەپ سۈپەتلەنگىنىدەك بەكلا نازۇك چوڭ بولۇپ، پەقەت پۇتۇمنىڭ ئۇچىنىلا كۆرەلەيدىغان مېنىڭدەك بىرسىگە ئۇ سىنىپنىڭ دۇنيا قاراش كۆزئەينىگىنى مەجبورى چۆرۈپ تاشلاتقۇزدى. شۇندىن ئېتىۋارەن كىشىلەرنى كۈزەتكىنىمدە ئىچى كاۋاك كىشىلەرنى قوپال كۆرۈنۈشلۈك كىشىلەرىدىن ئايرىش، ئۇلارنىڭ مىجەز-خاراكتېرىنى بىر-بىرسىدىن پەرقلەندۈرۈپ تونۇش يوللىرىنى ئۆگۈنىۋالدىم.
    20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ۋىېنا شەھىرى، ئىجتىمائىي ناھەقچىلىقلار قاپلاپ كەتكەن بىر شەھەر ئىدى. بۇ شەھەردە باياشاتلىق بىلەن گادايلىق بىر-بىرسىگە خوشنا بولۇپ ياشايتتى. شەھەر مەركىزى بىلەن ئارقا كوچىلاردا ھەرخىل ئىرقلاردىكى ھەرخىل مەقسەتلەر بىلەن يىغىلىپ ھەرقايسى ئۆزىنىڭ خامخىيال قىلغان ئۈمىدلىرىنىڭ كەينىدە يۈرگەن كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان ئەللىك ئىككى مىليون نوپوسلۇق بۈيۈك بىر ئىمپىرىيىنىڭ قەلبىنىڭ سوقۇشىنى ھېس قىلىشقا بولاتتى. بۇ شەھەردىكى ھەشەمەتلىك خان ئوردىسى دۆلەتنىڭ بارلىق بولۇڭ-پۇچقاقلىرىدىن كەلگەن بايلىقنىڭ پېيىغا چۈشۈشنى ياكى ئىشنىڭ ئېپىنى بىلىدىغانلارنى گويا ماگنىتتەك ئۆزىگە تارتىپ تۇراتتى. خابسبوۋرگ مۇنارخىيىسىنىڭ سىستېمىلىق شەكىلدە ھەممىنى بىر مەركەزدىن باشقۇرۇشقا ئۇرۇنۇشلىرىمۇ يوقۇرقىدەك كىشىلەرنى جەلىپ قىلىشقا يىتەرلىك سەۋەپ بولۇپ بەرمەكتە ئىدى. بۇ خىل مەرگەزلەشتۈرۈش، بىر-بىرسىگە پەقەتلا ئوخشىمايدىغان قەۋىملەرنى ئوڭۇشلۇق شەكىلدە بىر يەردە تۇتۇپ بىر-بىرسىدىن ئايرىلالماس ھالغا كەلتۈرىۋېلىشنى مەقسەت قىلىدىغان مەركەزلەشتۈرۈش ئىدى. ئەمما بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە يوقۇرى تەبىقىلىك ياكى يوقۇرى مەرتىۋىلىك ئاقسۈڭەكلەر پەۋقۇلئاددە بىر يەرگە يىغىلىپ قالىدىغان، تېخىمۇ يوقۇرى مەرتىۋىدىكىلەر بولسا ئىمپىراتورلۇقنىڭ پايتەختىدە ۋە ئۇنىڭ خان ئوردىسى ئىچىگە چىۋىندەك ئولىشىۋالىدىغان مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈگەن ئىدى.
    ۋىېنا، كونا دوناي مونارخىيىسىنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە، ئىمپىرىيىنىڭ ئىقتىسادىي مەركىزى ئىدى. دۆلەت كادىرلىرى، سەنئەتكارلار، بىلىم ئەھلىلىرى، ھەتتا ئارمىيىنىڭ يوقۇرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلىرىمۇ نامرات ئىشچىلار بىلەن بىرگە بۇ پايتەخت شەھىرىدە ياشايتتى. ئاقسۈڭەكلەر بىلەن سودىگەرلەرنىڭ ھەشەمەتلىك باياشاتچىلىقى ئەتىراپىدا نامىراتلىقنىڭ ئەڭ پاجىئەلىك قىياپەتلىرىمۇ بۇ شەھەردە بىرگە مەۋجۇت ئىدى. رىنستراسر ئوردىسىنىڭ ئەتىراپىدا مىڭلىغان ئىشسىز ئايلىنىپ يۈرىشەتتى. بۇ كونا ۋىياتۇمپالىس يولىدىكى يۇندا قاناللىرىنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرى ئىچىدە، سېسىق قاراپانچۇق يۇندا دەرياسى ئىچىدە ئۆي-ماكانسىز نامراتلار خار-زارلىق ئىچىدە سۆرۈلۈپ يۈرمەكتە ئىدى.
    ھەرقانداق بىر نېمىس شەھىرىدە ئىـتىمائىي مەسىلىلەرنى ۋىېنادىكىدەك بۇنداق ھەرتەرەپلىمە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى بۇ يەردىكىدەك بۇنداق تولۇق كۈزىتىش شارائىتىنى تاپقىلى بولمايتتى. ئەمما بۇ يەردە بۇنداق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئويلايدىغان بىرمۇ كىشىنى ئۇچۇراتقىلى بولمايتتى. بۇ مەسىلىلەرنى يوقۇرىدىن كېلىپ ئات ئۈستىدە يۈرۈپ كۈزىتىپ ھەل قىلىمەن دېيىش پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ بولۇپ، بۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا يوقۇرى ئورگانلارنىڭ قولىدىن ھېچقانداق ئىش كەلمەيتتى. بۇنداق بىر نامىراتلىق مۇھىت ئىچىدە بىۋاستە ياشاپ باقمىغان بىرسى بۇ يەردىكى مەسىلىلەرنى ھەرگىزمۇ كۆرەلمەيدۇ ياكى كۆرسىمۇ ئۇنى چۈشەنمەيدۇ. نامىرات تۇرمۇشنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىغانلارغا نىسبەتەن بۇ مەسىلە پەقەتلا كۆرۈنۈشتىكى ئىچ ئاغرىتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدۇ ياكى سۇنئىي ھېسىداشلىق قىلىش بىلەنلا ئۆتكۈزىۋېتىلىدۇ. مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى تۈپتىن تونۇپ يىتەلمەيدىغان بۇنداق ئۇرۇنۇشلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا زىيانلىق ئىدى. مۇتلەق كۆپ سادىكى بايىۋەتچىلەر بىلەن، كېيىن بېيىپ قالغانلار بۇ خىل ئىجتىمائىي نامىراتلىق مەسىلىسىگە قارىتا ھەرگىزمۇ ئەستايىدىل پوزىتسىيىدە بولالمايدۇ ياكى پەقەتلا باشقىلارغا ياخشىچاق بولۇپ كۆرۈنىۋېلىش ئۈچۈنلا نامراتلارغا كۆڭۈل بۆلگەن قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، كۆپ ھاللاردا مەقسەتسىز، ھەل قىلىشقا كۆزى يەتمەيدىغاندەك كۆرۈنۈشتە نامىراتلىق ئۈستىدە گەپ يورغۇلۇتىدىغان، ھەر ۋاقىت ياخشىلىق قىلىش قىياپىتىگە كىرىۋالىدىغان بەزى مەدەنىيەتلىكلەرنىڭ تىنىم تاپماي “ئامما ئارىسىغا چۈشۈش” نى تىلغا ئالغىنىدەك قۇرۇق سۆز قىلىشىدىن باشقا گەپ ئاڭلاپ باقمىدىم. بۇ كىشىلەر چۈشىنىش ئىقتىدارىنى يوقاتقان، قەلبى بىلەن مەسىلىنى تاشقى كۆرۈنىشى بويىچە بىلىشكە تىرىشقانلىقلىرى ئۈچۈن، چىقارغان خۇلاسىلىرى پۈتۈنلەي خاتا بولۇپ چىقاتتى. بۇ تۇردىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىنىڭ قىلچە پايدىسى يوقلىغى ياكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇلارنىڭ بۇخىل ساختا كۆيۈنۈشلىرىگە قارىتا يىرگىنىش، ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ، ئۇلارنىڭ سۇنئىي رەھىمدىللىك قىلىشلىرىغا رەت قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولغانلىقىنى كۆرۈپ، چۈچۈپ ھەيران بولغان ھالدا ئاغزىنى ئېچىپلا قېلىشىدۇ. ئۇلار خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆزلىرىگە ئىشەنمەي بۇنداق مۇئامىلە قىلىشىنى خەلقنىڭ ئىنساپسىزلىغىنىڭ بىر ئىسپاتى دەپ داۋراڭ قىلىشقا تىرىشىدۇ.
    بۇنداق قاراشتىكى كىشىلەر ئۈچۈن خەلقنى بىرەر ئىجتىمائىي ھەرىكەتكە جەلىپ قىلىشتا بۇ تۈردىكى سۇنئىي مىھرىبان ھادسىلەر قىلچە رول ئوينىمايدىغانلىقىنى، بىر ئاممىۋى ھەرىكەت ھەرگىزمۇ مىھرىبانلىقىغا بېرىلىدىغان مىننەتدارلىق ھەققىنىڭ نەتىجىسى ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ بىر سەدىقە تارقىتىش مەسىلىسى ئەمەس بەلكى ھەققىنى بېرىش، ئادالەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بۇخىل ئەقىلسىزلار ئۇنچە ئاسان بىلەلەيدىغان ئىش ئەمەس.
    مەن ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى بۇ تۈردىكى كىشىلەردەك چۈشىنىدىغان قىلىپ يارىتىلغان بىرسى ئەمەس ئىدىم. يوقسۇللۇق مېنىمۇ ئۇ لەنەتكە يولۇققانلار قوشۇنىغا قوشىۋەتكەن، ئۇلارنى تېخىمۇ يېقىندىن تەتقىق قىلىشىم ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىچىگە مېنىمۇ تەكلىپ قىلىشقان، مېنىمۇ شۇ تەجرىبە ھايۋىنى قىلىپ ئىشلىتىشنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرغان ئىدى. ئەگەر بۇنداق ئىجتىمائىي تەجرىبە ھايۋىنى قىلىنىدىغان بىرسى ئوپىراتسىيە سۇپىسىدىن تەجرىبە قىلىنىشقا نارازىلىق كۆرسىتىپ قوپۇپ كەتكەن بولسا، بۇ تەجرىبە ھايۋىنى قىلىنىۋاتقان ئادەمدە نېمە گۇنا بار؟!
    بۈگۈن مەن، ئۇ يىللاردا كۆرگەنلىرىمنى قايتا ئەسلەشكە شۇنچە تىرىشىپ باققان بولساممۇ يەنىلا تولۇق ئېسىمگە ئالالماي كەلمەكتىمەن. ئېسىمدە قالغان ۋەقىلىكلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك مەنمۇ شۇ قاتاردا بولغانلىغىم ئۈچۈنلا ئېسىمدە چىڭ ساقلىنىپ قالغان ھادىسىلەردۇر. بۇ كىتاۋىمدا، ئۇ ۋاقىتلاردىكى ماڭا ئىبرەت بولۇپ تۇيۇلغان ئەنە شۇ بىۋاستە ئۇچۇراتقان ئىشلار بايان قىلىندى.
    مەن ئۇ يىللىرى ئىش ئىزدەۋاتقان ئۇستا ئىشچى ئورنىدا ئەمەس بەلكى قۇرسىغىنى تويغازغىدەك ئىش ھەققى بەرسىلا رازى بولىدىغان بىر مەدىكار ياكى بىر شاگىرت سۈپىتىدە ئىش ئىزدەۋاتقىنىم ئۈچۈن، ئىش تېپىش مېنىڭدەك بىرسىگە ئۇنچە بەك تەسكە چۈشمىگەن ئىدى.
    شۇنداق قىلىپ، ئۇچىسىدىكى ياۋرۇپا ئېتىزلىرىنىڭ چاڭ-توزاڭلىرىنى قېقىپ- سىلكىپ، يېڭى بىر دۇنيادا، ۋاز كېچەلمىگەن غايىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ يېپ-يېڭى بىر ھايات يولىغا قەدەم قويغان، شۇ ئارقىلىق يېڭى بىرەر ئورۇنغا ئېرىشىش ئارزۇسىدا شەھەرگە كىرىپ كەلگەن بىر كىشىدىن قىلچە پەرقىم يوق بىرسى ئىدىم.
    بۇنداق بىرسى ئابروي ياكى تەرتىپ دىگەندەك ئۆزىنى چەكلەپ تۇرىدىغان ئادەتلەر بىلەن، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ياكى ئۆرپە ئادەت دىگەندەك ئەنئەنىلەردىن تولۇق قۇتۇلۇپ كەلگەن بىرسى بولغاچقا، بېرىلىدىغان ھەرقانداق مائاشقا ماقۇل دەپ، ئىشلەش نومۇس ئەمەس دېگەن خەلق سۆزىگە ئىشىنىپ، تاپالىغان ھەرقانداق بىر ئىشنى تاللاپ ئولتۇرماي قىلىۋىرەتتى. مەنمۇ خۇددى شۇنداق ئۆزەمگە يېڭى بىر يول تاپىمەن دىگەن ئۈمىد بىلەن بۇ يېڭى دۇنياغا ئاياق باسقان بىرسى ئىدىم.
    مەن خېلى ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە، بىرەر ئىشتا ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەپ قالىمەن دېيىش ئۇنداق بىر ئىشنى تېپىشتىنمۇ بەك تەسكە توختايدىغانلىقىنى پەرق قىلماي كەلگەن ئىكەنمەن. كۈندىلىك نېنىمنى قانداق قىلسام تېپىپ يەرمەن دىگەن غەمگە پېتىپ قېلىش، مېنىڭ ئۈچۈن بۇ يېڭى مۇھىتنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىدىن بىرى بولۇپ كۆرۈنگەن ئىدى.
    ئۇستا ئىشچىلارنى ئادەتتىكى بىر ئىشچىغا مۇئامىلە قىلىنغاندەك ئۇنداق پات-پاتلا ئىشتىن ھەيدەپ ئولتۇرمايتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ ئىشىمۇ ئۇنچىلىك كاپالەتكە ئىگە ئەمەس ئىدى. ئىشسىز قېلىپ ئاچ قېلىش خەۋىپىگە نىسبەتەن ئاز دۈچ كەلگەندەك قىلسىمۇ، ئۇلارمۇ ئىش توختىتىلىش ياكى ئىش تاشلاش قاتارىدىكى ۋەقەلەردىن بەكلا ئەنسىرىشەتتى.
    ئىش ھەققىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولماسلىغى، ئىجتىمائىي ئىقتىسادنىڭ ئەڭ چوڭ ئەيىپلىرىدىن بىرى ھىساپلىناتتى.
    ياش بىر دېھقان، شەھەرلەردە ئاسان ئىشلار بەكلا كۆپ دەيدىغان گەپلەرگە ئىشىنىپ ئۆزىنى شەھەرگە ئېتىپ تۇرىدۇ. راس دېگەندەك، شەھەردىكى ئىشلار ھەقىقەتەنمۇ يېزىدىكى ئىشلاردىن ئاسان، ئىش ۋاقتىمۇ قىسقا. ئەمما شەھەرگە يېڭى كىرگەن بۇ دېھقاننى چوڭ شەھەرلەردىكى كۆز قاماشتۇرىدىغان رەڭگارەڭ چىراقلارنىڭ ھەشەمىتى ئۆزىگە تارتىپ كېتىدۇ. ئادەتتە يېزىسىدا ئاز بولسىمۇ بىخەتەر بىر كىرىمگە كۆنۈپ قالغاچقا، يېڭىسىنى تاپماي تۇرۇپ كونا ئىشىنى ئاسانلىقچە تاشلىغۇسى كەلمەيدۇ. يېزىلاردا يېزائىگىلىك ئىشچىلىرىنىڭ سانى شۇنچىلىك ئاز ئىدىكى، ئەمگەكچان بىرسىنىڭ ئۆز يېزىسىدا ئۇزۇنغىچە ئىشسىز قېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. يېزىسىدىن چىقىپ ئىشلەش ئۈچۈن شەھەرگە كەلگەن ياش بىر دېھقاننى، يېزىسىدا ئىش قىلالمىغىدەك دەرىجىدە ئاجىز بىرسى دەپ قاراشقا بولمايدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، ئەڭ كۆپ كۆچۈپ يۈرىدىغان كىشىلەر تېنى ساغلام ۋە بەستلىك كىشىلەردۇر. بۇ يەردە كۆچمەن دېگىنىمدە، ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەتكەنلەرنىلا كۆزدە تۇتمايمەن. تۇغۇلغان يېزىسىدىن ئايرىلىپ مەلۇم چوڭ شەھەرگە كېتىش نىيىتىگە كەلگەن بىرسىمۇ كۆچمەن ھىساپلىنىدۇ. ئۇمۇ كەلگۈسىدە ئۆزىنى نېمە ئىشلار كۈتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغان بىر كىلەچەكتە تەلىيىنى سىناپ بېقىشقا تەييار بىرسى ھېساپلىنىدۇ. بۇنداقلار ئادەتتە شەھەرگە كىرىش ئۈچۈن ئازىراق بولسىمۇ پۇل يىغىپ ئاندىن يولغا چىقىدۇ. ئىشى ئوڭدىن كەلمەي، يېڭى كەلگەن كۈنلىرى دەرھال قىلىشقا ئىش تاپالماي قالغىدەك بولسىمۇ ئۇنچە بەك ئۈمىدسىزلىنىپ كەتمەيدۇ. ئەمما تاپقان ئىشىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئايرىلىپ قالغىدەك بولسا ئۇنى غەم بېسىشقا باشلايدۇ. يېڭىدىن بىر ئىش تېپىش، بولۇپمۇ قىش مەۋسۈملىرىدە بەكلا تەس، ھەتتا زادىلا ئىش تاپقىلى بولمايمۇ قالىدۇ.
    شۇنداقتىمۇ، بۇ يېڭى مەدىكار دەسلەپكى ھەپتىلەردە بۇنداق قىيىنچىلىقلارغا چىداشلىق بىرەلىشى مۇمكىن. تىزىمغا ئالدۇرۇپ قويغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشسىزلىق ياردەم پۇلىغا تايىنىپ بىرقانچە ھەپتىنى ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزىۋالالايدۇ. ئىشسىزلىق كۈنلىرى ئۇزۇن داۋام قىلغىدەك بولسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىمۇ ئىشسىزلىق ياردەم پۇلىنى توختىتىپ قويىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشسىز كىشى يانچۇغىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تىيىنلىرىنىمۇ خەجلەپ تۈگىتىپ ئېغىر نامراتلىق كۈنلەر ئىچىگە پېتىشقا باشلايدۇ. ئەندى بۇ بىچارە ئاچقۇرساق كوچىلاردا سۆرۈلۈپ يۈرۈشكە مەجبور بولىدۇ. يېنىدا نېمىسى بولسا شۇنى سېتىپ خەجلەشكە ياكى رەنىگە قويۇشقا كىرىشىدۇ. ئاخىرىدا ئۇ كىشى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئېغىر دەرىجىدە زەئىپلىشىشكە باشلايدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا كۆپۈنچە قىش كۈنلىرى دۈچ كېلىدىغان بولغاچقا، ياتقىدەك يەرمۇ تاپالماي ئېغىر قىيىنچىلىق ئىچىگە پېتىپ قالىدۇ. ئۇنى دەپ-بۇنى دەپ كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىرەر ئىشمۇ تېپىۋالىدۇ. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمايلا يەنە باشقىدىن يوقۇرقىدەك قىيىنچىلىقلار قايتا-قايتا تەكرارلىنىۋېرىدۇ. ئىككىنچى قېتىملىق ئىشسىز قالغىنىدا يەنە ئوخشاش قىيىنچىلىقلار بىلەن، ئۈچىنچى قېتىمقىسىدا تېخىمۇ بەتەر ھاللارغا دۈچ كېلىدۇ. ئاخىرىدا دائىملىق كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان بۇنداق يوقسۇزلۇق ھاياتقا بەرداشلىق بېرىشنى، ھۇلۇقۇپ كەتمەسلىكنى ئۆگىنىشكە، بۇنداق جاپالارغا كۆنۈشكە باشلايدۇ. بۇنداق يوقسۇزلۇق ئەھۋاللارنىڭ قايتا-قايتا تەكرارلىنىپ تۇرىشى بىلەن، ئۇ كىشى بۇنداق قىيىنچىلىقلارغا كۆنۈپمۇ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇرۇنقى ئىشچان بىر ئادەم، بوشۇشۇپ ئۆزىنى تاشلىۋېتىدىغان، پاسكىنا يوللار بىلەن ھارام پۇل تېپىشنىڭ پېيىدا يۈرۈشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ قولىدىكى ئاددى بىر ئويۇنچۇق ھالىغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئىشسىزلىقنىڭ سەۋىبىنى شۇ ئىشسىزنىڭ ئۆزىگە ئارتىپ قويىدىغان ناھەقچىلىك ھۆكۈم سۈرىۋاتقان بىر جەمىيەت بولغاچقا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئېقتىسادىي ھەقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەشكە ئاتلىنىپ دۆلەت، جەمىيەت ۋە مەدەنىي مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان ھەرىكەتلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتىكىچىلا ئىشلار بولۇپ بىلىنىدىغان بولىدۇ. بۇ ھالغا كەلگىنىدىن كېيىن، ئىش تاشلاشلارغا قىلچە ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا دەرھال قاتنىشىۋېرىدىغان بىرسىگە ئايلىنىدۇ.
    بۇ  تۈردىكى ھادىسىلەرگە مىڭلارچە قېتىم دۈچ كەلگەن ئىدىم. بۇنداق مىساللارغا  دۈچ كەلگەنسىرى نەچچە مىليون نوپۇسلۇق شەھەرلەرگە چىش-تىرنىقىمدىن  ئۆچ بولۇپ كېتەتتىم. بۇنداق شەھەرلەر كىشىلەرنى گويا شىرنىدەك ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ، ئاخىرى ئۇلارنى چايناپ-ئېزىپ يۇتۇپ تاشلايتتى. كىشىلەر شەھەرگە يېڭى كەلگەنلىرىدە ئۇلارنى يەنىلا ئۆز مىللىتىگە مەنسۈپ كىشىلەر دەپ قاراشقا بولاتتى. ئەمما ئۇلار شەھەردە قانچىكى ئۇزۇن قالسا، مىللىتىدىن شۇنچە يىراقلىشىپ كېتەتتى.
    چوڭ شەھەرلەرنىڭ قاراڭغۇ ئارقا كوچىلىرىدا مەنمۇ يوقسۇزلۇق ئىچىدە سۆرۈلۈپ يۈرۈپ باققان ئىدىم. ئۇ يەرلەردە تەغدىرنىڭ پۈتىۋەتكەن بارلىق ئازاپلىرىنى تېتىپ كۆردۈم ۋە بۇ ئازاپنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىنىمۇ چۈشىنىپ يەتتىم. يەنە مۇنداقمۇ بىر ئەھۋال بار ئىدى: ئىشلەش بىلەن ئىشسىزلىق بىر-بىرسىنى سوڭدىشىپ كېلىپ تۇرۇشى نەتىجىسىدە، ئادەمنىڭ نورىمال پۇل خەجلەش تۇرمۇش رېتىمىمۇ ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كېتىدىكەن؛ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئىشچىلاردا تىجەشلىك بىلەن پۇل خەجلەش، كۈندىلىك تۇرمۇشىنى رەتكە سېلىش دەيدىغان ئۇقۇملىرىمۇ يوقاپ كېتىدىكەن؛ ئۇلارنىڭ بەدىنىمۇ ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىپ قولىغا پۇل كىرگەن كۈنلىرىدىكى بۇزۇپ چېچىشقا، پۇلى تۈگىگەن كۈنلىرىدىكى ئاچلىققا كۆنۈپ كېتىدىكەن. ئاچلىق دېگەن بۇ مەخلۇق، پۇل تېپىش ئاسان بولغان كۈنلەردە كەلگۈسىدىكى تېخىمۇ بىخەتەر تۇرمۇش كۆچۈرۈش  ئۈچۈن تۈزۈلگەن بارلىق پىلانلىرىنى مېڭىلىرىدىن سۈپۈرۈپ چىقىرىۋېتىدىكەن. چولدە قېلىپ سۇسىزلىقتا جان تالىشىۋاتقان بىرسىگە ھەردائىم كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان شەيتانغا ئوخشاش ئاسان ۋە راھەت تۇرمۇش تەسۋىرى ھەردائىم كۆزىگە كۆرۈنىۋېلىپ، پۇرسەت كەلگەن ھامان ھەرقانچە پۇل كېتىشىدىن قەتئى نەزەر بىر قېتىملىق قانغىچە تويىۋېلىش خۇمارى ئىچىگە پېتىپ قالىدۇ. ئىشچى، ئىش تاپار-تاپمايلا ئېغىر كۈنلىرى ئۈچۈن كېرەكلىك ھەرخىل ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى پۈتۈنلەي ئېسىدىن چىقىرىۋېتىدۇ. بۇ ئىشچى ئەقلىنى يوقىتىپ، ئۇ كۈنى يانچۇقىغا قانچىلىك پۇل كىرگەن بولسا ئۇنى شۇ كۈنىسىلا خەجلەپ تۈگىتىۋىتىپ پىلانسىز بىر تۇرمۇش ياشاشقا باشلايدۇ. دەسلىۋىدە بىر ھەپتىلىك تاپقان پۇلى بىلەن بەش كۈننى ئۆتكەزگەن بولسا، كېيىن بۇ كىرىم ئۇنىڭغا ئۈچ كۈنگە يېتىدىغان، كىيىن يەنە ئاران بىر كۈنگە ... ئاخىرى بېرىپ بىر قېتىملىق بايرام قىلىۋېلىشقىلا يېتىدىغان بولىدۇ.
    ئەگەر بۇ ئىشچى توي قىلغان بىرسى بولغىنىدا، ئۇنىڭ بىر ئائىلىسى، بالا-چاقىسى بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر ئەر كىشى ساپ نىيەتلىك مىھرىبان ئادەم بولغىنىدا، يەنى ئەر بولغۇچى بالا-چاقىسىنى ئۆزىگە يارىشا سۆيگىنىدە، بۇنداق پىلانسىز بىر تۇرمۇشقا بۇ ئائىلىنىڭ ھەممە ئەزالىرى كۆنۈپ كېتىدۇ. بىر ھەپتىلىك مائاشىنى ئۆيىدە يەپ-ئىچىپ سورۇپ توزىتىۋېتىشىدۇ. بۇ ئائىلىنىڭ بۇنداق بەتخەجلىك كۈنلىرىمۇ ئارانلا ئۈچ كۈن داۋام قىلالىشى مۇمكىن. پۇلى تۈگىگىچە خالىغىنىچە يەپ-ئىچىشىدۇ- دە، ھەپتىنىڭ قالغان كۈنلىرىدە ھەممىسى بىرلىكتە ئاچلىقنىڭ دەردىنى تەڭ تارتىشقا باشلايدۇ. ئۇ چاغدا بۇ ئۆيدىكى ئانا بولغۇچى ئايال تىتىرەپ تۇرۇپ باققالدىن قەرز ھېساۋىدا بولسىمۇ يىمەك-ئىچمەك سېتىۋېلىپ ھەپتىنىڭ قالغان قاراڭغۇ كۈنلىرىنى ئۆتكىزىۋېلىشقا تىرىشىدۇ. چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى غورۈگۈللىشىپ كەتكەن دەستىخاننىڭ ئەتىراپىغا ئولىشىدۇ. يوقنىڭ ھېساۋىدا بولسىمۇ يىگىدەك بىرنېمىلىرى بولغاچقا، ھېچبىرسىدىن نارازىلىق ئىپادىسى كۆرۈلمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ھەپتىنىڭ قالغان كۈنلىرىدە ھەپتىلىك مائاش چىقىدىغان كۈننى تاما قىلىپ بېلىنى چىڭ باغلاپ ئاچ ئولتۇرىشىدۇ. ھەممە بىرلىكتە كېلەر ھەپتىلىك مائاشنى ئالغاندىن كېيىن قانداق خەجلەش ھەققىدە مۇڭدىشىپ كېتىدۇ، ئېچىرقاپ كەتكەن قۇرساقلىرى ئۈچۈن بىرمۇنچە پىلانلارنى تۈزۈشىدۇ، كېلىدىغان بۇ بەختلىك كۈنلىرى ھەققىدە شالۋاقلىرىنى ئاقۇزۇپ سۆزلىشىپ ئولتۇرىشىدۇ.
    ئائىلىنىڭ نارسىدە بالىلىرىمۇ بۇنداق نامىرات تۇرمۇشنىڭ بەتخەشلىك-ئاچلىق ئادەتلىرىگە كۆنۈپ كېتىدۇ.
    ئەگەر ئائىلىگە ئاتا بولغۇچى كىشى ھەپتىنىڭ بېشىدىن تارتىپلا ئۆز بېشىغا بۇزۇپ-چېچىپ پۇل خەجلەيدىغان بىرسى بولغىنىدا ئەھۋال تېخىمۇ پاجىئەلىك تۈسكە كىرىدۇ. ئايالى بالىلىرىم دەپ ئېرى بىلەن جىدەللىشىقا كىرىشىدۇ، ئەر-خوتۇن ئارىسىدا ئۇرۇش-جىدەل بېسىقمايدۇ. نەتىجىدە ئەر بولغۇچى كىشى ئايالىدىن زېرىكىپ قاچقانسىرى ھاراققا شۇنچە بېرىلىشكە باشلايدۇ. ھەر شەنبە كۈنىسى غەرق مەس بولۇپ كېچىسى ئارانلا ئۆيىگە كىرىۋالىدىغان بولىدۇ. ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن بالىلىرىنى بېقىش غېمىدىكى ئايال كىشى نۇرغۇن قېتىم زاۋۇت بىلەن قاۋاقخانا ئوتتۇرسىدىكى يولدا ئېرىنى توسىۋېلىپ ئازىراق بولسىمۇ پۇل ئۈندىرىۋېلىشى مۇمكىن. ئەر بولغۇچى كىشى يەكشەنبە ياكى دۈشەنبە كېچىلىرى ئۆيىگە غىق مەس ھالدا ئوڭ-تەتۈر دەسسەپ يانچۇقلىرىنى قۇرۇغداپ بولۇپ ئارانلا يېتىپ كىرگىنىدە، ئېچىنىشلىق تراگىدىيە كەينى-كەينىدىن باشلىنىپ كېتىدۇ.
    ئۇ يىللىرى، بۇنداق ۋەقەلەرگە يۈزلەرچە قېتىم دۈچ كەلگەن ئىدىم. دەسلىۋىدە بۇنداق ئىشلارغا قارشى چىقىپ باققان بولساممۇ، ئۇلارغا دۈشمەن بولۇپ قالىدىغانلىقىمنى سېزىپ قالدىم. كېيىنچە بۇنداق ھادىسىلارنىڭ پاجىئەلىك تەرەپلىرىنى، بۇنى پەيدا قىلغان تۈپكى سەۋەپلەرنى چۈشىنىشكە باشلىغىنىمدىن كېيىن، ناچار بىر مۇھىتنىڭ بۇ بىچارە قۇربانلىرىغا ئىچىم ئاغرىشقا باشلىدى.
    ئۆي دەردى تېخىمۇ ئېغىر دەرتلەرنىڭ بىرى ئىدى. ۋىېنادىكى مەدىكار ئائىلىلىكلەر قوراسىدىكى يوقسۇزلۇقنىڭ پاجىئەلىرىنى تەسۋىرلەپ تۈگەتكىلى بولمايتتى. ئۇ نامىرات ئۇۋىلارنى، ئۇ جان سانى كۆپ، قىستاقچىلىق، رەتسىز ۋە پاسكىنىچىلىق ئىچىدىكى ئۇ ئائىلىلىك بىنالىرىنى ئويلىسام، بۈگۈنمۇ چاچلىرىم تىك تۇرۇپ كېتىدۇ.
    مەيلى ھازىر بولسۇن ياكى كېيىن بولسۇن بۇنداق بىر يوقسۇللۇق دوزىخىدىن قۇللۇق زىنجىرلىرىنى ئۈزۈپ بوشاپ كېتىدىغان بۇ كىشىلەر توپىنى پەرەز قىلىپ باقايلى: ئەگەر كۆرۈلىشى مۇقەررەر بولىدىغان قالايماقانلىقتىن قىلچىمۇ غەم يىمەيدىغان بۇ ئىنسانلار ھاللىقلار سېپىگە ئاڭسىزلىق بىلەن ھۇجۇم قىلغىدەك بولسا قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقارىدى؟
    مېنى ئەنە شۇنداق بىر مەكتەپتە چېنىقتۇرۇپ چىققانلىغى ئۈچۈن تەڭرىگە مىننەتدارلىغىمنى بىلدۈرىمەن: شۇندىن باشلاپ قايىل بولمىغان ئىشلارنى كۆرگىنىمدە، چاتىغىم بولماي بىر تەرەپتە قاراپ تۇرماي بۇنداق ھادىسىلەرنى تىنىم تاپماي كۈزىتىشكە، بۇ ھەقتە كەڭ دائىرىلىك مەلۇمات توپلاشقا كىرىشىپ كەتكەن ئىدىم.
    ئۇ كۈنلەردە ئەتىراپىمدىكى كىشىلەرنى رەنجىتىپ ئۈمىدسىزلىككە چۈشۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن بۇ نامراتلار تەبىقىسىنىڭ مۇئامىلىسىگە بەك ئېتىۋار قىلماي، ئۇلارنىڭ قانداق قىلىپ بۇ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەپلىرىنى تېپىپ چىقىپ، بۇ ھەقتىكى كۈزىتىشلىرىمنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاشقا تىرىشتىم. شۇنداق قىلىپ بۇ تۈردىكى ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەرگە ئۆزەمنى يوقۇتۇپ قويمىغان ھالدا بەرداشلىق بېرىشكە غەيرەت قىلدىم. ماڭا نىسبەتەن بۇخىل نامىراتلىقلار، ئۈمىدسىزلىكلەر، چېچىلاڭغۇلۇقلار، ئەدەپسىزلىكلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن سەۋەپلەر ئادەم بولماستىن بەلكى بۇنداق خاتىرجەمسىزلىكلەرنى پەيدا قىلىشقا سەۋەپچى بولغان ئىجتىمائىي قانۇنلار ئىكەنلىگىنى تونۇپ يېتىشكە باشلىدىم.  شۇنىڭدەك يەنە، مەنمۇ ئىنتايىن قىيىن شارائىت ئاستىدا تۇرمۇشۇمنى بەكلا تەس قامداپ كېتىۋاتقانلىغىم ئۈچۈن، بۇنداق بىر جاپا ئىچىگە چۈشۈپ قېلىشىمنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى بولغان غەزەپلىنىش، ھىسىياتقا بېرىلىپ كېتىشتىن ئۆزەمنى تۇتىۋېلىشقا تىرىشاتتىم. ياق، بۇ مەسىلىنى بۇنداق ھىسىياتقا بېرىلىپ چۈشىنىۋالماسلىقىم كېرەك ئىدى. بۇ ئەھۋاللارنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن پەقەت ئىككىلا يول بار ئىدى:
    ئا. يۈكسەك ئىجتىمائىي مەسئولىيەت روھىغا ئىگە بولغاندىلا، تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق پىلانلارنى تۈزۈپ چىقىشقا بولىدۇ؛ ب. ئۆزگەرتىش ئىمكانىيىتى قالمىغان خائىشلارنى قەتئى ئىككىلەنمەستىن رەھىمسىزلەرچە چەكلىشىمىز شەرت.
    تەڭرى، كونا نەرسىلەرگە ئۇنچە بەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەي، يېڭى ھاياتلىقنى پەرۋىش قىلىپ يېتىشتۈرەلەيدىغان ئېرقلارنىڭ داۋام قىلىشىغا بەكىرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. بىزمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. شۇنداق ئىكەن، بىزمۇ ساقلاپ قېلىش ئىمكانىيىتى قالمىغان كونا شەيئىلەرگە چىڭ ئېسىلىۋالماي، دەرھال قول سېلىپ كەلگۈسى تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان تەدبىرلەرنى تۈزۈپ ئىشقا كىرىشتۈرىشىمىز لازىم.
    مەن ۋىېنادىكى كۈرەش يىللىرىم جەريانىدا ئەستايىدىل كۈزىتىش ئارقىلىق مۇنداق تۇنۇشقا كەلگەن ئىدىم:
    ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ھەرگىزمۇ جەمىيەتنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرى مۇھىم ئورۇن تۇتمايدىكەن. ھەتتا پاراۋانلىق ئىشلىرىغىلا يېپىشىۋېلىش كىشىلەرنى تاماخور، ھۇرۇنلۇققا باشلاپ كېتىدىغان ئىنتايىن كۈلكىلىك ۋە قىلچە پايدىسى يوق ھەرىكەت ھېساپلىنىدىكەن. شۇنداق بولغاچقا، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي تۇرمۇش پاراۋانلىقىغا چاپلىشىپ قالىدىغان بۇنداق خاتالقلاردىن قەتئى ساقلىنىشىمىز شەرت ئىكەن.
    دۆلەتكە ئېغىر زىيان كەلتۈرىدىغان بۇلغانغان بىر ئىجتىمائىي مۇھىت، ھەرقانداق بەدەل تۆلىنىشىگە قارىماي، ھەتتا ئەڭ قاتتىق چارىلارغا مۇراجەت قىلىش ھىساۋىغا بولسىمۇ قەتئىي ئۆزگەرتىلىشى شەرت ئىكەن. بۇ جەرياندا دۈچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈشتە ھەرگىز ئىككىلىنىپ ئولتۇرماسلىق كېرەك ئىكەن. ئەگەر بۇنداق قىيىنچىلىقلار بىلەن توسالغۇلار ئالدىدا قانچىكى ئىككىلىنىپ ئولتۇرساق، ناچار ئىللەتلەرمۇ شۇنچە ئۇلغىيىپ كېتىدۇ.
    ناچار ئىللەتلەرگە قارشى تەدبىر ئالماي ئىككىلىنىپ ئولتۇرىدىغانلار پۈتۈن بىر سىنىپ خەلقنىڭ پاجىئەلىك شەكىلدە ۋەيران بولىشى ۋە ئەخلاقسىزلىقلارغا گىرىپتار بولىشىنىڭ مەسئولىيىتىنى شۇ سىنىپ كىشىلىرىنىڭ ئۆزلىرىدىن كۆرىدىغان بولغاچقا، بۇنداق ناچار ئىللەتلەرنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ دەپ ھېساپلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ خىل چۈشەنچىسى ھەرقانداق بىر ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئىشقا سېلىش قىزغىنلىقىنى چەكلەپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇلار ناچار ئىجتىمائىي ئىللەتلەر ئالدىدا قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەي پالەچلىشىپ قالىدۇ. ئۇلار بۇ ئىللەتلەرنى تازىلاش ئۈچۈن رەھىمدىل، سىلىق يوللارغا مۇراجەت قىلىش ئارقىلىق ئەخلاقى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى خام خىيال قىلىشتىن نېرىغا بارالمايدۇ. ناچار ئىجتىمائىي ئىللەتلەرنى تازىلايملاق پىرىنسىپلىرى ئۈچۈن ھەرقانداق بىر تەدبىرنى قىلچە ئىككىلەنمەي يولغا قويۇشقا تەييار تۇرىشى شەرت.
    زىيانلىق ئوت-چۆپلەرنى ئىككىلەنمەي يۇلۇپ تاشلاشتىن قىلچە پۇشايمان قىلمايدىغان، بۇ تۈردىكى ئىشلارنى ئىچكى ئامانلىق ئۈچۈن دەپ قىلىدىغان ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشى، پەقەت ئەنە شۇنداق روھقا ئىگە دەۋرلا مەسئولىيەت ۋىجدانى ئاستىدا ئىزىلىپ كەتمەيدىغان بىر دەۋىردۇر. ئەمما ئاۋۇسترىيە دۆلىتى ئىجتىمائىي ئادالەت ياكى جەمىيەت قانۇنلىرىغا سەل قاراپ كەلگەچكە، ئۇنداق ناچار ئىجتىمائىي ئىللەتلەرنى چەكلەش ھەرىكىتىنى باشلىغىدەك جاسارىتىمۇ يوق ئىدى.
    分享到: