• ئىسلام دىنىغا ئىشىنىشتىكى 15 تۈرلۈك سەۋەپ

    2009-05-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39665842.html

    1.ئەڭ ساپ دىن   
    ئىسلام دىنى ئاللا تەرىپىدىن ماھىيىتى ئۆزگەرتىلمىگەن ھالدا بىۋاستە ئىنسانلارغا دەۋەت قىلىنغان دىن بولۇپ، ئارىلىقتا ئۇنى ھىچ بىر كىشى ئۆزگەرتمىگەن ، ئاللا ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى قۇرئاننى ئەڭ ئاخىرقى ئەلچى مۇھەممەد پەيغەمبەر ( سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) ئارقىلىق بەندىلەرگە چۈشۈرگەن بولۇپ، 1400 يىلدىن بېرى ئۇنىڭ مەنىسى ، مەزمۇنى ئەسلى ھالىتىنى بويىچە ساقلاپ قېلىنغان . @`[ ]gjh  
    2. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزلىگەن ساماۋى كىتاپ s9sLeg/o`  
    ئىسلامنىڭ ماھىيىتى قۇرئاندا ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ، ھازىرقى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئۇنىڭ ھەر بىر جۈملىسى يىغىنچاق ۋە چوڭقۇر مەنىلىك ، ئىدراك ۋە ئەقىل بىلەن يۇغۇرۇلغان بولۇپ، ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ئەپسۇن ياكى سىرلىق يەكۈنلەر يوق ، قۇرئان بۇرۇن، ھازىر ۋە كەلگۈسىدىمۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھىدايەت يولىنى كۆرسەتكۈچى كومپاستۇر. S%ew1X r  
    3. قۇرئان ئىلمى ھەقىقەتتۇر 2]s}n 9  
    قۇرئان ئەڭ ساپ بولغان ئەرەب تىلىدا ساقلانغان بولۇپ، ھازىرقى زامان پەن تېخنىكىسى بىلەن تەكشۈرگەندىمۇ ئۇنىڭ ھازىرقى پەن -تېخنىكىسى بىلەن قارمۇ قارشى جايلىرى تېخى تېپىلغىنى يوق ، بۇنىڭدىن بۇ كىتابنىڭ ياراتقۇچى ئاللا تەرىپىدىن چۈشىنىلگەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ. مەيلى قايسى دىن، قايسى مەزھەپ ياكى پەن تۈرى بولسۇن ، ھەقىقەتنى ئىزدىنىدىغان ھەرقانداق ئالىم ياكى ئۆلىمالار بۇ كىتابنى ئەستايىدىل تەكشۈرسىلا ئۇنىڭ ھەر بىر جۈملە ھەر بىر سۆزىنىڭ ئىسپاتلىق ۋە بەرھەق ئىكەنلىكى ، ھىچ بىر يالغان -ياۋداق گەپ يوقلىغىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ، قۇرئاندا يەنە بەزى مەشھۇر تارىخى ۋەقەلەر ، ياراتقۇچىنىڭ سىرلىقلىقى ۋە تەبىئەتتىكى قانۇنىيەتلەر خاتىرلەنگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى كېيىن ئىسپاتلانغان ۋە تەكشۈرسە راستلىقى ئىسپاتلانغاندۇر. H5IB4jD  
    4.ئىنسانلارنىڭ ئىدراكلىقى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. t%vT.=  
    كىشىلەر دائىم نەرسىلەرنى يالغان ياكى راست دەپ ئايرىيدۇ، بۇ ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى تەپەككۈر ۋە لوگىكىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، بۇ دەل پەيلاسوپلار دائىم ئېيتىدىغان نىسبى ھەقىقەتنىڭ ئۆزىدۇر، قۇرئان ئوتتۇرىغا قويغان مىزان، ئىنسانلار تەپەككۇرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق بىر نەزەرىيە، ئېتىقاد، ۋە ياكى .. ئىزىملار بۇ ھەقىقەتتىن چەتنەپ كېتەلمەيدۇ، ئۇنداق بولغاندا بۇ ئىنسانلارنىڭ نورمال تەپەككۈر ۋە پىكىر قائىدىسىگە خىلاپ بولغان بولىدۇ. y]8E0i`  
    5.ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىلىرى ئاددى ۋە چۈشىنىشلىك بولۇپ، ئۇ شەخس ۋە جەمئىيەتكە پايدىلىق . rQqQ[~lnC  
    ئىسلام دىنىنىڭ قائىدە- يوسۇنلىرى مۇھەممەد پەيغەمبەر ( س ئە ۋ ) ئارقىلىق ئاللادىن چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلچىمى مۇرەككەپ ۋە چۇۋالچاق بولماستىن بەلكى ناھايىتى ئاددى ، ئوچۇقتۇر ، بارلىق مۇسۇلمانلار مەيلى نەدە بولسۇن، ناماز ۋە ئىبادەت قائىدىلىرى ئوخشاش بولۇپ، پىرىنسىپال مەسىلىلەردە ھىچ بىر مەسلىھەت ياكى ئۆزگەرتىش دېگەن گەپ بولمايدۇ، بۇنىڭدىن دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ، ئىبادەتتكى ھەر بىر ئىش- ھەرىكەتلەر ئادەمنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىكىسىغا پايدىلىق بولۇپ، ئائىلە ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقىغا تولىمۇ پايدىسى باردۇر، بۇلار دەل كىشىلەرنىڭ ئالىجاناپ پەزىلەت ۋە روھى تاكامۇللۇقنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر. o=9Xz`  
    .6ئىسلام دىنىدىكى بارلىق ئەمىر مەرۇپلار ( پەرھىز) شەخس ۋە جەمئىيەتكە پايدىلىقتۇر. K,y-g)h  
    ئىسلامغا ئەگەشكەن بارلىق كىشىلەر ئىسلام دىنىنىڭ ئەمىر-مەرۇپلىرىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك يېمەك- ئىچمەكتىن تارتىپ كيىم -كىچەك، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن تارتىپ ئىجتىمائىي مەسۇلىيەتكىچە ھەممىسى ناھايىتى ئېنىق ئېيتىلغان بولۇپ، ئەگەر بۇلارغا خىلاپلىق قىلىنسا، باشقىلار تەرىپىدىن قاتتىق مەسخىرىگە قالىدۇ ياكى ئەيىبلىنىدۇ، تۇرمۇشتىكى بۇ ئەمىر-مىزانلار شەخس ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق، مەسىلەن چوشقا گۆشى يېمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، قىمار ئوينىماسلىق، زىنا قىلماسلىق، ھەمجىنىسلىق مۇھەببەتتىن چەكلەش ، كىشىلەرگە مۇلايىم بولۇش، ۋاقتىدا ئىبادەت قىلىش،روزا تۇتۇش، ئۆشرە -زاكات ئايرى uw"HfR  
    كەمبەغەل ۋە يىتىم ‎يېسىرلارغا يار -يۆلەك بولۇش قاتارلىقلار. q_lc`  
    7.ئادىمىيلىككە ماس كەلگەن تەڭپۇڭ تۇرمۇش ئادىتى B[@To ><  
    ئىسلام دىنىدىكى تۇرمۇش نىزاملىرى ئىنساننىڭ فىزىئولوگىيىلىك، ئەقلىي ۋە روھى ھەرىكەتلىرىنى تەڭپۇڭ ساقلاشقا پايدىسى بار بولۇپ، بارلىق نىزاملار ئادەمنىڭ ماھىيىتى ۋە ئېھتىياجىنى ئاساس قىلغان، مەسىلەن نورمال ماددى ئېھتىياج ۋە مەنپەئەت ئۈچۈن تىرىشىش، جىسمانى ھەۋەسنى بوغماسلىق، خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇش، ئىشچان بولۇش، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، ئەر -خوتۇن ئىناق بولۇش، خوشنىلار ئىجىل ئۆتۈش قاتارلىقلار. o& vDj'^\  
    8. مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇش نىزامى ۋە ھەدىس xD'J\!e K  
    ئاللانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد پەيغەمبەر ( س ئە ۋ ) بىز بىلە ن ئوخشاشلار ئادەتتىكى ئىنسان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر بىر ئىلغار پەزىلىتى ھەم ئىش ھەركەت ۋە سۆزلىرى ئادەتتىكى ھەرقانداق ئادەم قىلالايدىغان ئىشلار بولۇپ، ئۇنىڭدا ئادەتتىكى كىشى قىلالمىغۇدەك ھىچ بىر سىرلىق ئىش يوق، ھەدىس بولسا ئاشكارە تەربىيىلىك كىتاپ بولۇپ، ھەر كىم ئوقۇسا ھەر كىم ئەمەل قىلسا بولىدۇ بۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە پايدىلىقتۇر. ?7Qo(lytjq  
    9. ئىنسان تۇغۇلۇشتىنلا پاك بولۇپ ھىچ بىر گۇناھ ئارتىلمىغان. u8XWk qHq  
    ئىسلام دىنىدا ئاللانىڭ ئىنساننى يارىتىش جەريانى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ روھى شۇنچە پاك بولۇپ ھىچ بىر نوقسان يوقتۇر، شۇڭا ئۇ بۇرۇنقى ئەجدادىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن جازالانمايدۇ، قىلغان ئەتكىنىنى ئاشۇ قىلغۇچى ئۆزى ھېساب بېرىدۇ، ئاللاغا ئىبادەت قىلىش بىلەن گۇناھلىرى يۇيۇلىدۇ، ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ. '7*\U*-p4p  
    10. ئىسلام ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزلەيدۇ . Oo%_  
    بىلىم ئىگىلەش ھەر بىر ئىسلام مۇرىتىنىڭ پەرزى ھېسابلىنىپ، بىلىملىكلەر ناھايىتى ھۆرمەتلىنىدۇ، قۇرئان بارلىق ئىنسانلارنى ئالەمنى، تەبىئەتنى ۋە ئەتراپتىكى ھادىسىلەرنى كۈزىتىپ، ئاللانىڭ بارلىقىنى ھەرۋاقىت ئەستىن چىقارماسلىققا ئۈندەيدۇ، ئىلىم-پەننى ئۆگىنىش ۋە ھەقىقەتنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشقا چاقىرىدۇ، ئىسلام ئالىملىرى ئەقىل بىلەن توغرا روھىيىتى ئۆز ئارا بىرىككەن پەزىلەتلىك كىشىلەر بولىشى كېرەكلىكى تەكىتلىنىدۇ، پەن تېخنىكا توغرا يولدا ئاندىن ئىنسانلارغا بەخت يارىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. @e1G%;$a  
    11. قۇرئان ئىنسانلارنىڭ قىيىن مەسىلىلەرگە جاۋاپ تېپىشتىكى بىلىم ئامبىرى. ]&fG&E/Rn  
    تارىختىن بېرى ئىنسانىيەت نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن بولۇپ جاۋاپ تاپالمايۋاتقاندى، مەسىلەن: ئادەم نەدىن كەلگەن؟ نېمە ئۈچۈن ياشايدۇ؟ ئۆلسە نەگە بارىدۇ؟ بۇ سوئاللار مۇقەددەس كىتابتا ناھايىتى قايىل قىلارلىق جاۋابلار بار بولۇپ، بۇ جاۋابلار بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگىنەك يېشىلىپ، تۇرمۇشىنى مەنىلىك ۋە بەخىتلىك ئۆتكۈزۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. bE%3QR1h.  
    12.ئىنسانىيەتنىڭ ئەجدادى بىر، ئەسلى بىر ئائىلە كىشىلىرى. W$jiB~>h  
    ئىنسان ھامان ئىنسان، بىرىنچى ئادەم ياراتقۇچى تەرىپىدىن يارىتىلىپ ئاندىن كېيىن بارلىق ئىنسانلار شۇ ئادەمدىن) ئادەم ئەلەيھىسسالام( كۆپەيگەن، دېمەك ئىنسان بىر ئائىلە قېرىنداشلاردۇر، ئاللا ئىنساننى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئىرققا ئايرىشتىكى سەۋەبمۇ بۇلارنىڭ بىر بىرىدىن ئۆگەنسۇن، تونۇشسۇن، دېگەن ئارزۇسى بىلەن ئوخشىمىغان ئىرىق ، مەدەنىيەت، مىللەتكە ئايرىغان. ئىسلام دىنى ھەرقانداق شەكىلدىكى مىللەتۋازلىق ۋە مىللى زۇلۇمغا قارشى تۇرىدۇ ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەت ئالىمىنى ئورتاق بىر نىيەتتە ، باراۋەر ۋە مېھرى مۇھەببەت بىلەن بىرلىشىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. TWg72q{  
    13. ئاللا ئىنسانلارغا تولۇق ئەركىنلىك ۋە قانائەتتىن بەھرىمان قىلىشقا ۋەدە قىلغان . k zBv&#B  
    ئىنسانلار يەر يۈزىدە ئاللانىڭ ھەر خىل نېمەتلىرىدىن بەھرىمان بولۇپ ياشايدۇ ۋە يەر يۈزىدە ئەركىن ھالدا بەخىتلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن تىرىشىدۇ، كائىناتنىڭ قانۇنىيىتى بولىدۇ، ئىنسانلار ئارىسىدىمۇ قانۇنىيەت بولىدۇ، ئىنسان تەبىئەتتىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ خوجايىنى بولۇپ، ئەقىل ۋە ئىدراكى بىلەن ئاللانىڭ قانۇنىيىتىگە بوي سۇنغان ئاساستا ئاللانىڭ بەرگەن خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ . -AO#S<c  
    14. ئىسلام دىنىنىڭ تارىخى تەجرىبىسى پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ قىممەتلىك بايلىقى. sHaXYdw z  
    ئىسلام دىنى ئىنسانىيەت يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئۇلۇغ ئىشى بولۇپ، باشلىنىشتىن تاكى ھازىرغىچە ئىسلام دىنىنىڭ ئادىل روھى ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ، ياراتقۇچىغا ئىشىنىش، ھەدىسكە ئەمەل قىلىش، ياخشىلىق قىلىپ ياماندىن يىراق تۇرۇش، ساماۋى كىتابقا رۇئايە قىلىپ، ئائىلىنى دۆلەتنى تېنچ ۋە ئادىل باشقۇرۇش قاتارلىقلار پۈتۈن ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بارلىق جەمئىيەت ھادىسىسىنىڭ مەڭگۈلۈك ئاساسى. بۇ قانۇن ئاخىرى پۈتۈن دۇنيانى باشقۇرىدۇ. nG T&+  
    15. بارلىق ئىنسان ئاللا ئالدىدا باپ-باراۋەر . Vk.|(H  
    ئاللانىڭ پەرزەنتى يوق، ۋاكالەتچىسىمۇ يوق، پۈتكۈل ئىنسان ئۇنىڭ قۇللىرى ،ھەر بىر ئىنسان بىۋاستە ئاللا بىلەن ئالاقەلىشالايدۇ، ئىسلام دىنىدا مەخسۇس دىنى خىزمەتچى بولمايدۇ، ۋە ئالاھىدە روھانى ھوقۇقلۇق سىنىپمۇ بولمايدۇ، كىشىلەر باي-كەمبەغەل ، يۇقىرى تۆۋەن تەبىقە دېمەي ئاللا ئالدىدا باپ باراۋەر تۇرۇپ ئىبادەت قىلىدۇ، سىزنىڭ ھۆرمەتلىك ياكى ئەمەسلىكىڭىزنى پەقەت قىلغان ئەمىلىڭىز بىلەنلا ئۆلچەيدۇ. `8+h y  

    分享到: