-
ئاتا- ئانىلارنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئاڭلاڭ
2009-05-21
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39666042.html
مەن سىزگە ھاياتلىق ئا تا قىلالايمەن، لېكىن تۇرمۇشنى ئاتا قىلالمايمەن.
مەن سىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگىتەلەيمەن،بىراق سىزنى ئۈگىنىشكە مەجبۇر قىلالمايمەن.
مەن سىزنىڭ قانداق ئادەم بولۇشىڭىزغا يېتەكچىلىك قىلالايمەن،ئەمما سىزنىڭ ھەممە ھەركەتلىرىڭىزگە مەسئۇل بولالمايمەن.
مەن سىزگەتوغرا بىلەن خاتانى پەرقلەندۈرۈشنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن،لېكىن سىزگە ۋاكالىتەن تاللاش ئېلىپ بارالمايمەن.
مەن سىزگە سۆيگۈ ئاتا قىلالايمەن، لېكىن سىزنىڭ شۇنداق قىلالىشىڭىزغا ھۆددە قىلالمايمەن.
مەن سىزگە دوسلىرىڭىز بىلەن جاپا ھالاۋەتتە بىرگە بولۇشنى ئۈگىتىمەن،بىراق پۈتۈنلەي شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلىيالمايمەن.
مەن سىزگە كىشىلەرنى قانداق ھۆرمەت قىلىشنى ئۈگىتىمەن،لېكىن باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلالمايمەن.
مەن سىزگە ھەقىقى دوسلۇقنىڭ نىمىلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن،لېكىن سىزگە دوست تاللىشىپ بېرەلمەيمەن.
مەن سىزگە ئەخلاقى تەربىيە بېرەلىسەممۇ، لېكىن پاكلىقىڭىزنى ساقلىشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلالمايمەن.
مەن سىزگە كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىتىنى سۆزلەپ بېرەلەيمەن،لېكىن سىزگە نام-شۆھرەت ئاتا قىلالمايمەن.
مەن سىزگە ئسپىرتنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويالايمەن،لېكىن سىزگە ۋاكالىتەن ئۇنى رەت قىلالىشىم مۈمكىن ئەمەس.
مەن سىزگە زەھەرنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويالايمەن،ئەمما ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشىڭىزغا ھۆددە قىلالمايمەن.
مەن سىزگە كىشىلىك تۇرمۇشتا يۈكسەك نىشاننىڭ بولۇشىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن،لېكىن بۇ نىشانلارنى سىزگە ۋاكالىتەن رىياللىققا ئايلاندۇرۇپ بېرەلمەيمەن.
مەن سىزگە ئادەم بولۇشنىڭ ئېسىل پەزىلىتىنى ئۈگىتىپ قويالايمەن،ئەمما سىزنىڭ ئاقكۆڭۈل ئادەم بولۇشىڭىزغا كاپالەتلىك بېرەلمەيمەن.
مەن سىزنىڭ يېتەرسىزلىكىڭىزنى ئەيىپلىيەلەيمەن،لېكىن بۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ ئەخلاقلىق ئادەم بولۇشىڭىزغا كېپىللىك قىلالمايمەن.
مەن سىزگە قانداق قىلغاندا ئەھمىيەتلىك ياشىغىلى بولىدىغانلىغىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن،بىراق ئەھمىيەتلىك ياشاشنى ئاتا قىلالمايمەن.
مەن جەزىملەشتۈرمەنكى،مەن بارلىق تىرشچانلقلارنى كۆرسۈتۈپ،سىزگە ئەڭ گۈزەل نەرسىلەرنى بېرەلەيمەن،ئەمما سىزگە كېلەچەك ۋە كەسپ ئاتا قىلالمايمەن.
بالام ،مەن سىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى قىلىپ بېرەلەيمەن،چۈنكى مەن سىزنى سۆيىمەن.لېكىن شۇنى چۈشۈنىشىڭىز كېرەككى، مەن سىز بىلەن مەڭگۈ بىللە بولۇشنى ئارزۇ قىلغان تەغدىردىمۇ، نۇرغۇن قارارلارنى ئۆزىڭىز چىقىرىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. شۇڭلاشقا، مەن پارلاق قۇياش نۇرىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش يولىڭىزنى مەڭگۈ يورۇتۇپ تۇرۇشىنى،توغرا تاللاش ئۈچۈن يول كۆرسۈتۈپ بېرىشىنى تىلەيمەن.历史上的今天:
بۇلارنى تۇنىدىڭىزمۇ ؟ 2010-05-211910-يىلدىكى شىنجاڭ 2010-05-21ئامېرىكا يەرشارىنىڭ ئۇ تەرىپىدە 2010-05-21مەشھۇر شەخسلەرنىڭ دانا ھېكمەتلىرىدىن... 2010-05-21