بىلگىلەر (بىلگەلەر) يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىلىمخۇمار: ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلا ۋە ئاتتىلائىزم (1-بۆلەك)

بىلىمخۇمار: ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلا ۋە ئاتتىلائىزم (1-بۆلەك)

ۋاقتى: 2015-01-24 ئاۋاتلىقى: 2333 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلا ۋە ئاتتىلائىزم
بىلىمخۇمار
ئىلاۋە: بۇ مەن 2010-يىلى يازغان، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتمەيدىغان بىر پارچە ماقالە بولۇپ، ئۇنى ئۆزۈمنىڭ ئالدىنقى «دىن ۋە زامانىۋىلىق» دېگەن ماقالىسىدا تىلغا ئالغان ئىدىم.  بۈگۈن تورلارنى ئىزدەپ كۆرۈپ باقسام، بۇ ماقالە ھازىر مەن يېڭى ماقالىلەرنى يوللاۋاتقان 3 تور بەتلىرىدە يوق ئىكەن.  شۇڭلاشقا بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغان قېرىنداشلارنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۇنى بۇ يەرگە يوللاپ قويدۇم.  ماقالىنىڭ بىر قانچە يېرىدە ئېنگلىزچە سۆز-ئىپادىلەر بار بولۇپ، مەن بۇ ماقالىنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدىن ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇ ئېنگلىزچە سۆز-ئىبارىلەرنى ئۇيغۇر ئەرەبچە يېزىقتىن ئىنگلىزچىگە ياندۇرۇپ قوياي، دېسەم، يۇلغۇن يۇمشاق دېتالى سۆز تەرتىپىنى پۈتۈنلەي بۇزىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سۆز-ئىبارىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقتا يېزىلىشىنى شۇ پېتى قويۇپ قويۇشقا مەجبۇرى بولدۇم.  بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەردىن ئەپۇ سورايمەن.

مېنىڭ قىزىم دىلنارە ئامېرىكىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا، ئۇنىڭغا بىر قېتىم لىدىرلىق ھەققىدە دەرس ئۆتۈلدى. بۇ دەرستە ئوقۇتقۇچى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى 3 كىشىلىك كىچىك گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، گۇرۇپپىلار بويىچە تاپشۇرۇق بەردى. بۇ تاپشۇرۇقتا ھەر بىر گۇرۇپپىدىكى 3 ئوقۇغۇچى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئامېرىكىنىڭ پېرىزدىنتى، مالىيە مىنىستىرى ۋە ئەمگەك مىنىستىرى دەپ پەرەز قىلىنىپ، بۇ 3 كىشىنىڭ قانداق قىلغاندا ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىنى ھازىرقىدىن ياخشىراق قىلغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر پىلان تۈزۈپ چىقىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى. ھەمدە بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا بىردىن پايدىلىنىش ماتېرىيالى تىزىملىكىنى تارقىتىپ بېرىلگەن ئىدى. مەن قارىسام بۇ تىزىملىكنىڭ ئىچىدە ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلا توغرىسىدىكى بىر كىتابنىڭ ئىسمىمۇ بار ئىكەن. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھونلار بىلەن بولغان تارىخىي مۇناسىۋىتىنى بىلگىلى خېلى ئۇزۇن بولغان بولۇپ، بىز شەھەرلىك كۈتۈبخانىدىن بۇ كىتابنى ئارىيەت ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنى ئۆزۈم بىر قېتىم باشتىن-ئاخىر ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم. شۇ چاغدا ئاتتىلانىڭ دۇنيادا ئۆتكەن ئەڭ مەشھۇر داھىيلارنىڭ بىرسى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە ئۆتۈلىدىغان باشقۇرۇش ئىلمىغا ئائىت دەرسلەردە ئاتتىلانىڭ لىدىرلىق سىرلىرى ۋە مۇۋەپپەقىيەت سىرلىرى ئۈستىدە مەخسۇس توختىلىدىغانلىقىنى بىلدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن "ئاتتىلا" دېگەن كىنونى بىر قانچە قېتىم كۆرۈپ چىقتىم، ھەمدە شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆز تونۇشلۇرۇمغا ئىزچىل تۈردە ئاشۇ كىنونى تەشەببۇس قىلىپ كەلدىم. ئاتتىلانىڭ رولىنى ئالغان كىنو ئارتىسى رەگ روگەرسنى شۇنىڭدىن باشلاپ ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قېلىپ، ھەر قېتىم ئۇنى باشقا كىنولاردا كۆرسەم، ئايالىم ئامانگۈلگە "ئاۋۇ كىشى ئاتتىلانىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس شۇ ئىكەن" دەپ قويىدىغان بولدۇم. ("ئاتتىلا" دېگەن كىنونىڭ يوئۇ-تۇبە دىكى ئادرېسىنى مۇشۇ ماقالىنىڭ ئەڭ ئاستىغا يېزىپ قويدۇم)

بۇ قېتىم داھى ۋە لىدىرلىق ھەققىدە ئىزدىنىشىمنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، مەن ئاتتىلا ھەققىدىكى كىتابتىن بىرنى قايتا ئوقۇپ بېقىشنى قارار قىلدىم. ئامازون تور بېتىدىن «ھون ئاتتىلا» (ئاتتىلا ھون) دەپ ئىزدىسەم، جەمى 242 نەتىجە چىقتى. شۇنىڭ بىلەن مەن 1987-يىلى نەشر قىلىنغان ۋەسس روبەرتس نىڭ «ھون ئاتتىلانىڭ لىدىرلىق سىرلىرى» (لەئادەرشىپ سەكرەتس ئوف ئاتتىلا ھون) دېگەن كىتابىنى سېتىۋالدىم. بۇ كىتابنىڭ ئوقۇرمەنلىرى بۇ كىتاب ھەققىدە ناھايىتى ياخشى ئىنكاسلارنى قايتۇرغان. مەسىلەن، ئامېرىكىدىكى «ھەممىباب ئاپتوموبىل» (گەنەرال موتور، گم) دېگەن داڭلىق شىركەتنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى پائۇل زالەككى مۇنداق دېگەن: «مەن بۇ كىتابنى ئون نەچچە قېتىم ئوقۇپ چىققان بولۇپ، ھەر قېتىم ئوقۇغىنىمدا ئۇ مېنىڭ نەزەر دائىرەمنى يەنە بىر قەدەم كېڭەيتتى. مېنىڭچە بۇ ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان بىر كىتاب بولۇپ، بىر چوڭ ئادەم توپىغا مەسئۇل بولغان ھەر قانداق بىر كىشى بۇ كىتابنى چوقۇم ئوقۇپ چىقىشى كېرەك ئىكەن».  «ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە شىركىتى» نىڭ لىدىرى ۋە رەئىسى كراندالل مۇنداق دېگەن: «بۇ كىتاب لىدېرلىقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى يېڭى چۈشەنچىلەر بىلەن لىق تولغان. ئۇ ئەقەللىي يوليۇرۇقلارنىڭ كارامەت ئىجادچانلىق بىلەن بايان قىلىنىشى بولۇپ، مەن ھەممە كىشىلەرنىڭ ئۇنى ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن». 1992-يىلى چوڭ بۇش ۋە كىلىنتون بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتلىقىنى تالاشقان روسس پېروت ئەپەندى ئامېرىكىدىكى "ھەممىباب ئاپتوموبىل" شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە، ئۇشبۇ كىتابنىڭ 1985-يىلىدىكى 1-نەشىرلىك نۇسخىسىنى ئۇچۇرتۇپ قېلىپ، ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەنلىكىدىن، بۇ كىتابتىن بىراقلا 700 پارچىنى سېتىۋېلىپ، شىركەتنىڭ بارلىق چوڭ-كىچىك باشلىقلىرىغا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە دوستلىرىغا بىردىن تەقدىم قىلغان ئىكەن. مەن يېقىندا كۆرگەن، ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن بىر كىنودىمۇ، خۇسۇسىي رازۋېدچىك بولۇپ ئاساسلىق رول ئالغان ئادەمنىڭ بىر كۇتۇپخانىدا ئاتتىلا ھەققىدە ئاشۇ كىتابنى ۋاراقلاۋاتقان بىر كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. يەنى، بۇ كىتاب ئامېرىكا جەمئىيىتىگە خېلى چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپتۇ. 
مەن ئۇشبۇ يازمامدا، "ھون ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق سىرلىرى" دېگەن كىتابتىكى ئاتتىلانىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ لىدېرلىق ئىدىيەسى - ئاتتىلائىزم توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. مەن بىر كىتابتىكى مەزمۇننى بىر قىسقا ماقالە قىلىپ تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ ماقالىدا كىتابتىكى ئەسلى مەزمۇنلارنى ئۆزۈم مۇۋاپىق كۆرگەن دائىرە ئىچىدە قىسقارتتىم ۋە قايتىدىن رەتلىدىم. لېكىن ئۇ مەزمۇنلارنىڭ مەنىسىنى ئەينەن بايان قىلدىم. بولۇپمۇ بۇ ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تارىخىي تەسۋىرلەر يۇقىرىقى كىتابنىڭ ئاپتورىنىڭ ئۆز كۆز-قارىشى بولۇپ، ئۇلار ھەرگىزمۇ مېنىڭ كۆز قارىشىم ئەمەس. يۇقىرىدا ئازراق تىلغا ئېلىنغىنىدەك، پۈتۈن ئامېرىكا جەمئىيىتى ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق ئىدىيەسىگە ئاجايىپ يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىكەن. لېكىن مېنىڭ پەرىزىمچە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بولسا ئاتتىلاغا ئائىت نەرسىلەردىن ئاساسەن خەۋەرسىز. شۇنداق بولغاچقا مەن ھەر بىر ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۆزىنى بۇرۇنقى، ھازىرقى ياكى كەلگۈسىدىكى ئۇيغۇر لىدېرلىرىدىن بىرى دەپ سانايدىغان ھەر بىر كىشىدىن ئۇشبۇ ماقالىنى كەم دېگەندە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن. ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلاردىن بولسا، "ھون ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق سىرلىرى" دېگەن كىتابنى ئىنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ كىتابنىڭ تىلى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئۇنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئۇنچىۋالا قىيىن ئەمەس، دەپ ئويلايمەن. ئەگەر بۇ ئىشنى قىلىدىغانلار بولسا مەن ئۇ قېرىندىشىمىزغا بۇ كىتابنىڭ ئىنگلىزچىسىنى سېتىۋېلىپ ئەۋەتىپ بېرىشنى خالايمەن. 
  

1. ئاتتىلانىڭ قىسقىچە تەرجىمالى 
ھونلار كۆچۈپ يۈرىدىغان، كۆپ خىلدىكى تىللارنى ئىشلىتىدىغان، كۆپ خىلدىكى مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان قەبىلىلەرنىڭ بىرلەشمىسىدىن ئىبارەتتۇر. روبەتس نىڭ كىتابىدا دېيىلىشىچە، ھونلار ئەسلىدە ئۇرالنىڭ ياۋروپا تەرىپىدىكى كىشىلەردىن پەيدا بولغانمۇ ياكى تۈرك ياكى ئاسىيالىق كىشىلەردىن پەيدا بولغانمۇ، دېگەن سوئالنىڭ جاۋابى ئېغىزاكى تارىخلاردا ئاساسەن خاتىرىلەنمىگەن، ياكى بولمىسا بۇ سوئالغا بەزىدە قالايمىقان جاۋاب بېرىلگەن. لېكىن، مەن يېقىندا ھونلار ۋە ئاتتىلا توغرىسىدا بىر قانچە تور بەتلىرىنى كۆرۈپ باقتىم. "ھونلار كالېندارى" دېگەن بىر تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، باتۇر تەڭرىقۇت ("مائو-تۇن") نىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈشى بىلەن ھونلار مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 200-يىللىرى بايقال كۆلى بىلەن شەرقىي-جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئەتراپىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ياشىغان بولۇپ، ئۇلان باتۇرنىڭ قېشىدىكى لوڭچېڭنى پايتەخت قىلغان. ھەمدە ھونلار مىلادىيىدىن كېيىنكى 469-يىلى ئاخىرقى پادىشاھسى دەڭىزىك نىڭ ۋاپات بولۇشى بىلەن دۇنيادىن غايىب بولغان. ئاتتىلا مىلادىيىدىن كېيىنكى 395-يىللىرى دانۇبە جىلغىسىنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە تۇغۇلغان (دانۇبە جىلغىسىنىڭ نەگە جايلاشقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئىنتېرنېتتىن ئىزدەپ، بۇ ئىسىمنىڭ بىر قانچە دۆلەتتە بارلىقىنى بايقىدىم. مېنىڭ پەرىزىمچە، ئاتتىلا تۇغۇلغىنى ئاۋىسترىيەدىكىسى بولۇشى مۇمكىن). ئاتتىلانىڭ دادىسى مۇندزۇك پادىشاھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە تارىخىنى 32 ئەۋلادقىچە تاپقىلى بولىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئۆز ئادەم توپىنىڭ بىرلىكىنى ئەڭ ياخشى ساقلىغان بىر ئائىلە بولۇپ، موڭغۇللارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىكەن. 
  
ئاتتىلا دەسلەپتە قويغا مىنىشنى ئۆگەنگەن بولۇپ، كېيىنچە ئات مىنىش ماھارىتىدىمۇ ئادەتتىن تاشقىرى سەۋىيەگە يەتكەن. ھەمدە ئوقيا، نەيزە، ئارغىماق، قىلىچ ۋە قامچا ئىشلىتىش جەھەتتىمۇ كامالەتكە يەتكەن. بۇلار ئاتتىلا دەۋرىدىكى ھونلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ماھارەتلىرى بولۇپ، بىر ئاقسۆڭەكلىك دەرىجىسىدىكى كىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ماھارەتلەر ئىدى. ئاتتىلا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا نىسبەتەن كۈچلۈك ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، ۋە ئىقتىدارسىزلارغا نىسبەتەن كۈچلۈك كەمسىتىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرگەن. ھەمدە ئۆز ماھارىتىنى ناھايىتى خەتەرلىك ئوۋ-ئوۋلاش پائالىيەتلىرىدىكى باتۇرلۇقى بىلەن خەلق-ئاممىسى ئالدىدا نامايان قىلغان. مەسىلەن، ئۇ بۆرە ۋە ئېيىقلارنى تۇزاق قۇرۇپ تۇتۇۋېلىپ، ئاندىن بىر قىسقا پىچاق بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچ-قارنىنى ئېلىۋەتكەن. ئاتتىلا دادىسى بىلەن ئىنتايىن يېقىن ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇنداق مۇناسىۋەت پادىشاھ مۇندزۇك نىڭ ۋاپات بولۇشى بىلەن ئاتتىلا ناھايىتى كىچىك ۋاقتىدىلا ئاياغلاشقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دادىسىنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلغان تاغىسى رۇگىلا نىڭ قولىدا قالغان. 
  
رۇگىلا ئۆزىنىڭ ئادەم توپى ئۈچۈن ھونلار ناھايىتى ئاسانلا يېڭەلەيدىغان چەت ئەللەرگە بېقىندا بولىدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويغان. ئاتتىلا بولسا بۇنداق سىياسەتلەرنى ئوچۇق-ئاشكارا ئەيىبلىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئاتتىلانىڭ بالىلىق مەزگىلدىكى تەقدىرى ناھايىتى تېزلا ئۆزگىرىشكە باشلىغان. ئاتتىلا 12 ياشقا كىرگەندە، رۇگىلا ئۇنى رىم پادىشاھى خونورىيۇس (" ھونورىئۇس ") نىڭ ئوردىسىغا گۆرۈگە ئېلىنغۇچى قىلىپ ماڭدۇرغان. بۇنىڭ ئۈچۈن رىملىقلار ئەتراپلىق پىلانلاش ئارقىلىق رۇگىلاغا ئۆزىنىڭ ئېيتىيۇس (" ئائەتىئۇس") ئىسىملىك بىر ياش ئادىمىنى گۆرۈگە بەرگەن. مۇشۇ ئارقىلىق رىم پادىشاھى بىر تەرەپتىن ئۆز ئوردىسىغا گۆرۈگە كەلگەن كىشىلەرگە رىملىقلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتى، ئەنئەنىسى ۋە ھەشەمەتلىك ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش، ئاندىن ئۇلارنى ئۆز ۋەتەنلىرىگە قايتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى باشقا دۆلەتلەرگە كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلغان. يەنە بىر تەرەپتىن بولسا، باشقىلارنىڭ دۆلەتلىرىگە گۆرۈگە قويغان كىشى سۈپىتىدە ماڭدۇرغان كىشىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جاسۇسلۇق ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان. 
  
رىملىقلار ئاتتىلانىڭ كۆڭلىنى باشقىچە پروگراممىلاشقا ئۇرۇنغاندا، ئاتتىلا ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىپ، رىملىقلارنىڭ ھېچ قانداق نەرسىلىرىنى قوبۇل قىلمىغان. ھەمدە گۆرۈگە ئېلىنغان باشقا بالىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرگەن. ئۇ ئىككى قېتىم قېچىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان. قېچىپ ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن رىم پادىشاھلىقىنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئۆگىنىۋېلىشقا تىرىشقان. ئۇ رىمنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ئىشلار سىياسىتىنى، ھەربىي ئىشلىرىنى، ۋە رىم ئەسكەرلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن ئاجىزلىقىنى تەتقىق قىلغان. ئۇلارنىڭ چەت ئەل مىنىستىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن دىپلوماتىك يىغىنلىرىنى يوشۇرۇن ھالدا كۆزەتكەن. لىدېرلىقنى، تاشقى ئىشلار مۇراسىمىنى ۋە باشقا كەلگۈسىدىكى ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار ۋە دىپلوماتلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ھەر خىل ماھارەتلەرنى ئۆگەنگەن. ھەمدە شۇ جەرياندا دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ چىققان. ئۇنىڭ پىلانلىرى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە توغرا تۈزۈلگەن. 
  
ئاتتىلا رىمدىن دۇنابە جىلغىسىغا قايتۇرۇلغاندا، ئۇ يەردىكى ھونلار قەبىلىسىدە يەنىلا بىر مەركىزىي سىياسىي ۋە ھەربىي باشقۇرۇش ئورگىنى بولمىغان. ئوخشىمىغان ھون قەبىلىلىرىنى ئوخشىمىغان قەبىلە باشلىقلىرى ("چىئەفتائىن") باشقۇرىدىغان بولۇپ، بۇ باشلىقلار بىرەر ھون پادىشاھىغا تەۋە بولمىغان. ئاتتىلا رىمنى يېڭىش ئۈچۈن چوقۇم ھەممە ھون قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرمىسە بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ھەممە ھون تېرىتورىيەسىگە كۆپ قېتىم ئوۋ ئوۋلاش سەپىرى قىلىپ، ھەممە قەبىلە باشلىقلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم مۇناسىۋەت ئورناتقان. ھەمدە بۇ قەبىلە باشلىقلىرىغا تەسىرلىك مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ساداقىتىنى قولغا كەلتۈرگەن. پۇختا تەييارلىق قىلىپ، توغرا پەيتىنى كۈتۈپ، ئىنىسى بلەدا بىر قېتىملىق ئوۋچىلىق جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنلا، ئاتتىلا دانۇبە جىلغىسىدىكى ھون قەبىلىسىگە پادىشاھ بولغان (بەزىلەر ئىنىسى بلەدانى ئاتتىلا ئۆزى ئاشۇ قېتىملىق ئوۋ جەريانىدا قەستلەپ ئۆلتۈرگەنمۇ دەيدىكەن -ئەركىن سىدىق). ھەمدە ئۆزىنىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقىرى دەرىجىلىك داھىيلىق قابىلىيىتى بىلەن باشقا ھون تەبىقىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىر تەڭداشسىز ھون ئارمىيەسىنى قۇرۇپ چىققان. ئەڭ كۈچەيگەن ۋاقتىدا، ھونلار قوشۇنىنىڭ ئەسكەر سانى 700 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. 
  
ئاتتىلا ناھايىتى كەمتەر بولۇپ، ئۆزى ھونلارنىڭ پادىشاھى بولسىمۇ ناھايىتى ئاددىي-ساددا ياشىغان. ھەمدە ھەممە ئىشلارنى ئىنتايىن ئادىللىق بىلەن سورىغان. لېكىن، ئۆزىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن قەبىلە باشلىقلىرىنى يىغىپ ئوپچە ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۇ قىلچىمۇ ئالدىراقسانلىق قىلماي، ھونلارغا گېرمان بىلەن سىلاۋ مەملىكەتلىرىنى ئۆز كونتروللۇقى ئاستىغا كىرگۈزۈش، ۋە رىم بىلەن كونستانتىنوپۇل ("كونستانتىنوپلە") نى ئىگىلەش، ئاندىن پۈتۈن ئاسىيا ۋە ئافرىقىغا ھۇجۇم باشلاش قاتارلىق مىللىي نىشاننى ئېنىق بەلگىلەپ بەرگەن. ئاتتىلانىڭ پىلانى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، بۇنى ئۇنىڭ بالىلىق چېغىدىكى ئارزۇلىرى بارلىققا كەلتۈرگەن، ياشلىق دەۋرىدە كۆرگەن ئىشلىرى ئارقىلىق پۇختا تاۋلىغان. ئۇ ئۆز پىلانىنى قەدەممۇ-قەدەم ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشقان. ئۇ ھېچ قانداق ئىشتا ئالدىراقسانلىق قىلمىغان، ھېچ قانداق ئىشتا تەۋرەنمىگەن، ۋە باشقىلارغا باش ئەگمىگەن. باشقىلارنىڭ تەكلىپلىرىگە ئەستايىدىل قۇلاق سالغان، ئەتراپىدىكى ھەممە ئىشلارنى ئەستايىدىل كۆزەتكەن، ھەمدە بىر ئىشنى قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى يېتىپ كەلگىچە سەۋرى-تاقەتلىك بىلەن ساقلىغان. 
  
ئاتتىلانىڭ قوشۇنى شۇنچە چوڭ ۋە كۈچلۈك بولسىمۇ، ئۇلار مەقسەتتە بىردەك، تەشكىلىي تۈزۈمچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان، ھەمدە ھەممە ۋاقىت ناھايىتى جاسارەتلىك بولغان. ھون قوشۇنى يېڭى تېرىتورىيەلەرگە يۈرۈش قىلغاندا بەزىدە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ھېچ قانداق قارشىلىققا ئۇچرىمايلا غەلىبە قازانغان. نۇرغۇن كەنتلەر كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ھون ئارمىيەسىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان ئوي-ماكانىنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەن. 
  
خۇددى ئاتتىلا رىمدا رىم پادىشاھلىقىنىڭ ئىلغار نەرسىلىرى ھەمدە ئۇرۇش ۋە ئەسكەر تېخنىكىلىرىنى ئۆگەنگەنگە ئوخشاش، ئېيتىيۇسمۇ ھونلار يۇرتىدا ھونلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتى، ئىش بېجىرىش ئۇسۇلى ۋە جەڭ قىلىش تېخنىكا-ماھارەتلىرىنى ئۆگەنگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ رىمنىڭ ھەربىي قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ، ئاتتىلانىڭ قوماندانلىقىدىكى ھون قوشۇنىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە بىر قېتىم قاتتىق توسقۇنلۇق قىلغان. يەنى مىلادىيەدىن كېيىنكى 451-يىلى شالون ("چالونس") دىكى بىر ئۇرۇشتا ئېيتىيۇس ئوقيا بىلەن ئاتلىق ئۇرۇش قىلىشقا ئادەتلەنگەن ھون قوشۇنلىرىنى پىيادە ئۇرۇش قىلىشقا قىستاپ، 162-300 مىڭدەك ھون ئەسكەرلىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. بۇ ئاتتىلا ئۈچۈن تۇنجى قېتىملىق يېڭىلىش بولۇپ، ئۇ ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرگەن. ھەمدە ئۇنىڭ پۈتۈن دۇنيانى سوراش ئارزۇسى مۇشۇ قېتىم بىر ئاز ئاجىزلىغان. 
  
ئاتتىلا قوشۇنىنى دۇنابە جىلغىسىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۆز قوشۇنىنى قايتىدىن رەتكە سالغان. ئۆز قوشۇنىنىڭ كىيىنىشى، ئۇرۇش تېخنىكىسى، ماھارىتى ۋە ئۇرۇش قوراللىرى قاتارلىق ھەممە جەھەتتە تۈپتىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان. تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن، ھون قوشۇنى ئاتتىلانىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىقىدا رىمغا قاراپ قايتا يۈرۈش قىلىپ، ئىتالىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنى قولغا چۈشۈرۈپ، رىمغا يېقىنلاشقان. رىم پادىشاھى بۇ تەڭداشسىز قوشۇننىڭ قۇدرىتىدىن قورقۇپ، قاتتىق ۋەھىمە ئىچىگە پاتقان. ئۇلار دەسلەپتە ئاتتىلانى ئالتۇن بىلەن سېتىۋېلىشنى ئويلاشقان، لېكىن رىمنى ئاسانلا قولغا چۈشۈرەلەيدىغان ئاتتىلانىڭ بۇ سودىغا كۆنمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن. رىم پادىشاھى ۋالەنتىنىيان ("ۋالەنتىنىئان") ئۆزىنىڭ سىڭلىسى خونورىيا ("ھونورىئا") نى ئاتتىلاغا خوتۇن قىلىپ تەقدىم قىلىشنىمۇ ئويلىغان. لېكىن  300 دىن ئارتۇق خوتۇنى بار ئاتتىلانىڭ بۇ ئىشقىمۇ كۆنمەسلىگىدىن ئەنسىرىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ باشقا ئامال تاپالمىغاندىن كېيىن، رىم پاپىسى لىيو ("لەئو ئى") نى ئاتتىلا بىلەن مەسلىھەتلىشىشكە ماڭدۇرغان. بۇ پاپا بىلەن ئاتتىلا ئوتتۇرىسىدا نېمە گەپ-سۆزلەر بولۇنغانلىقى ھازىرغىچە ئېنىقلانمىغان بىر سىر بولۇپ، ئۇلار كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئاتتىلا رىمغا ھۇجۇم قىلماي، باشقا ئۇرۇشمۇ ئېلىپ بارماي، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ دۇنيانى سوراش خىيالىدىنمۇ بارا-بارا ۋاز كېچىپ، ھەممە ئىشنى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئارقىلىق قىلىشقا ئۆزگەرگەن. ئۇ ئۆزىنى ھونلارنىڭ پادىشاھى دەپ قايتىدىن جاكارلاپ، ئۆزىگە قارشى چىققان قەبىلە باشلىقلىرىنى داۋاملىق تۈردە پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈۋەتكەن. 
  
ئاتتىلاغا قارشى چىققان ئاشۇنداق قەبىلە باشلىقلىرىدىن بىرىنىڭ ناھايىتى گۈزەل كەلگەن بىر قىزى ئاتتىلانىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن دادىسىنى ئۆلتۈرمەسلىكىنى تىلىگەن. لېكىن، ئاتتىلا ئۇ باشلىقنى يەنىلا ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئەمما ئاتتىلانىڭ كۆزى ئىلدىكو ("ئىلدىكو") ئىسىملىك بۇ گۈزەل قىزغا چۈشۈپ، ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالىدىغان بولغان. ھونلار بۇ توينى بىر ياخشىلىقنىڭ بېشارىتى دەپ ئويلىغان. ئۇلار ئاتتىلا ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى، ئۈمىدسىزلىكلىرىنى ۋە باشقا مەسىلىلىرىنى ئۇنتۇپ، پۈتۈن دۇنيانى ئۆز قولىغا ئېلىش يۈرۈشىنى يېڭى ئىرادە بىلەن باشلايدۇ، دەپ ئويلىغان. داغ-دۇغلۇق ۋە خۇشاللىق ئىچىدە يېرىم كېچىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن تويدىن كېيىن، بۇ يېڭى توي قىلغان ئەر-خوتۇن ئۆز ھۇزۇرىغا قايتقان. لېكىن ئەتىسى ئۇلارنىڭ ھۇزۇرىدىن ھېچ قانداق شەپە ئاڭلانمىغان. قايتا-قايتا چەككەن ئىشىككىمۇ ھېچ كىم جاۋاب بەرمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆز پادىشاھىدىن ئەنسىرىگەن قوغدىغۇچىلار ئاتتىلا ھۇزۇرىنىڭ ئىشىكىنى چېقىپ ئېچىپ كىرگىنىدە، قانغا بويىلىپ يالىڭاچ ياتقان ئاتتىلانىڭ ئۆلۈكىنى كۆرگەن. بەزىلەر للدىكو ئاتتىلانى ئىنتىقام ئېلىش مەقسىتىدە ئۆلتۈرۈۋەتكەن، دېيىشىدۇ. لېكىن ئاتتىلانىڭ بەدىنىدە ھېچ قانداق زەخىملەنگەن يەر يوق. يەنە بەزىلەر ئاتتىلانى ئۇنىڭ يېڭى زېمىنگە ئېرىشەلمەي دادىسىدىن قاتتىق نارازى بولۇپ يۈرگەن 6 ئوغلى ئۆلتۈرۈۋەتكەن، دېيىشىدۇ (ئاتتىلا رىمنى قولغا چۈشۈرمەي قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ 6 ئوغلى قاتتىق نارازى بولغان). باشقىلار بولسا ئاتتىلانى توي جەريانىدا قاتتىق ھېرىپ كېتىپ، تەبىئىي سەۋەبلەر بىلەن ئۆلگەن، دېيىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، 453-يىلى ئاتتىلا ئالەمدىن ئۆتكەن. 
  
ئاتتىلا ئۆز ئوغۇللىرىغا ئىشەنمەي، ئۇلارنى ئۆزىگە ئىزباسار قىلىپ تاللىمىغان. ھەمدە ئىزباسارنى ۋاقتى كەلگەندە ئاسانلا تاللىغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلاپ، باشقا بىرەيلەننى ئىزباسارلىققا بېكىتىپمۇ قويمىغان. 454-يىلى ئاتتىلانىڭ ئوغۇللىرى دادىسىنىڭ پادىشاھلىقىنى تالىشىپ ئۆز-ئارا سوقۇشۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، گېرمان قەبىلىلىرى قوزغىلاڭ قىلىپ، ھونلارنى گۇمران قىلغان. 
  
ھونلارنىڭ قالدۇقلىرىدىن بولغان ۋېنگىرىيە خەلقى قاتارلىقلار ئاتتىلانى ھازىرمۇ ناھايىتى پەخىرلىنىش ئىچىدە ئېسىدە ساقلايدۇ. گەرچە غەربلىكلەر ئاتتىلانى دېگەندەك بىلىپ كەتمىسىمۇ، ئۇ تارىختىكى ئەڭ مۇھىم كىشىلەرنىڭ بىرسى بولۇپ، ئۇ بىر ئەقىللىق مەدەنىيەت تارقاتقۇچى بولۇش، ئىش قىلىشتا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش، ۋە يېڭى ئوي-پىكىرگە باي بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇلۇغ ئالېكزاندېر ("ئالەخاندەر تھە گرەئات") ۋە سىسار ("كائەسار") قاتارلىق كىشىلەردىن كۆپ ئېشىپ چۈشىدۇ. ئۇنىڭ ئەسىرلەردىن بۇرۇنقى كىشىلىك خاراكتېرى، قىممەت قارىشى ۋە پىرىنسىپلىرى يېتەكلىگۈچىلەر بىلەن ئەگەشكۈچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى روشەن كۆرسىتىپ بېرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ لىدېرلىق سىرلىرى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن بىر قىممەتلىك ئۆگىنىش ماتېرىيالى بولۇپ ماڭىدۇ. 

داۋامىنى كېيىنكى يازمىدىن كۆرۈڭ...
بايانات

«بىلگىلەر» يانبىلوگى مەخسۇس بىلگىلەرنىڭ ئېنتېرنېت تورىدا ئېلان قىلغان، باشقىلارغا ئۈمىد، ئىشەنچ بېغىشلايدىغان يازمىلىرىنى توپلاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. مەقسەت تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ مەنىۋىي ئوزۇق، ئىشەنچ، ئۈمىد ئاتا قىلىشقا ئۈندەش، ھەم كىشىلەرنىڭ يانبىلوگ ئارقىلىقلار داڭلىق ئالىملىرىمىزنىڭ نادىر يازمىلىرىدىن ئوزۇق ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىشتىن ئىبارەت. ئەگەر يازمىلىرىڭىزنىڭ بىسوراق يوللانغانلىقىنى بايقاپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقۇمغا دەخلى يەتتى دەپ قارىسىڭىز yanbilog@126.com غا ئەھۋال پاش قىلسىڭىز بولىدۇ، بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەدبىر قوللىنىپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقىڭىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز! ئورگان ئۈندىدار سۇپىمىز: yanbilog

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى