قىسقا تېتىملىق تېمىلىرىڭىزغا تەشەككۈر! قىسقا فىليەتونلارنى ئوقۇپ، بىرنى يوللاپ قويغۇم كەلدى مېنىڭمۇ:
رەھبەرنىڭ پائالىيىتىدىن خەۋەر بېرىش
چېن شياۋ دوڭ
گېزىتخانىنىڭ يېڭى مۇخبىرى باشلىقنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرىدىن خەۋەر بېرىشكە مەسئۇل بولدى. يىغىندا سۆزلىگەن سۆز، خىزمەت تەكشۈرۈش قاتارلىقلاردىن خەۋەر بېرىش ئوڭاي، ئەمما باشلىقنىڭ باشقا پائالىيەتلىرى توغرىلىق يازغان خەۋەرلىرى دائىم مەسئۇل مۇھەررىرنىڭ شاللىشىغا ئۇچراپ كېلىۋاتاتتى. ئامالسىز قالغان يېڭى مۇخبىر تەجرىبىلىك پىشقەدەم مۇخبىردىن ياردەم سورىدى:
ــ باشلىق سۇ ئامبىرىغا بېرىپ بېلىق تۇتۇپ كۆڭۈل ئاچسا، قانداق يېزىش كېرەك؟
ــ سۇ ئامبىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈپ، تاشقىندىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىگە يوليورۇق بەردى.دەپ يازىمىز.
ــ باشلىق تاغقا ئوۋ ئوۋلاشقا چىقسىچۇ؟
ــ ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، ئېكولوگىيىلىك قۇرۇلۇش ۋە ئورمان ئاسراش خىزمىتىنى تەكشۈردى.
ــ باشلىق ھۆكۈمەت پۇلىغا مېھمان چاقىرسىچۇ؟
ــ سەييارە سودىگەرلەرنى قوبۇل قىلىپ، خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈرى ھەققىدە كېڭەشتى.
ــ باشلىق چەتئەلگە ساياھەتكە چىقسىچۇ؟
ــ تۈرلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، چەتئەللەرنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئۆگۈنۈشكە باردى.
ــ باشلىق يېزىغا تۇققان يوقلاشقا بارسىچۇ؟
ــ تۆۋەنگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نامراتلاردىن ھال سورىدى.
ــ باشلىق دائىم تانسىخانىغا بارسىچۇ؟
ــ ئامما بىلەن ئىچقۇيۇن - تاشقۇيۇن بولدى.
ــ باشلىق ھەر تەرەپكە قاتراپ ئۆزىگە ئاۋاز قوشقۇچىلارنى ئىزدىسىچۇ؟
ــ جاپادىن باش تارتماي ئاساسى قاتلامغا بېرىپ، بىر كۈندە سەككىز ئورۇننى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
ياش مۇخبىر بۇ سۆزلەردىن رەھبەرلىك توغرىسىدا خەۋەر بېرىشتە نۇرغۇن ئىلىم بارلىقىنى بايقىدى ۋە تېخىمۇ ئىچكىرلەپ بىر نەچچە سۇئال سورىدى:
ــ باشلىق قۇرۇلۇش تۈرىنى ئۆز يېقىنلىرىغا بەرسىچۇ؟
ــ نازارەت قىلىشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن، ئەھۋالنى پىششىق بىلىش كېرەك.
ــ باشلىقنىڭ ياردەمچىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىقى يۇقۇرىنىڭ قۇلىقىغا يەتسىچۇ؟
ــ قول ئاستىدىكىلەرگە قاتتىق قول بولۇپ، ئۇلار خاتالىق ئۆتكۈزسە قەتئى قانات ئاستىغا ئالمايدۇ.
ــ باشلىق ئايال يولداشلار بىلەن بىنورمال مۇناسىۋەتتە بولسىچۇ؟
ــ ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.
ــ باشلىقنىڭ ئايالى دائىم ئىدارىگە كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن سوقۇش- تالاش قىلسىچۇ؟
ــ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ چۈشەنمەسلىكىگە پەرۋا قىلماستىن خىزمىتىگە سادىق بولغان.
ــ ئەگەر باشلىق تۇيۇقسىز قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلسا ھەمدە ئۇنىڭ ماشىنىسىدا بىر ياش قىز بىللە بولسا قانداق يازىمىز؟
ياش مۇخبىر كۆڭلىدە ئەمدىغۇ چىرايلىق گەپ تېپىلماس دەپ ئويلىدى، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن:” ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغۇچىنى قۇتقۇزۇش يولىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى! دەپ يازىمىز.“ دىدى پىشقەدەم مۇخبىر.
مەنبە: زەمزەم ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان خەنچىدىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zamzam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-31 22:08