تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 247|ئىنكاس: 10

ئاچچىق-چۈچۈك پاراڭلار[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1571
تۆھپە
469
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاچچىق-چۈچۈك پاراڭلار







ھاكىملىقىدىن ئېلىۋېتىمەن





-ھەي، ئاچا توختاڭ، نەگە بارىسىز، بۇ يەردە تىزىملىتىڭ،- چاقىردى ئامانلىق ساقلىغۇچى.

- ھاكىم بىلەن كۆرۈشىمەن، خەلق سايلىغان ھاكىم بىلەن،- كېتىۋەردى ئايال

-توختاڭ-توختاڭ، كۆرۈشىمەن دەپلا كۆرۈشىدىغان چوڭ دادىڭىز ئەمەس ھاكىم دېگەن، رۇخسەت قىلسا كۆرۈشىسىز،- ئالدىنى توستى ئامانلىق ساقلىغۇچى.

ۋاراڭ-چۇرۇڭ كۆتۈرۈلدى، ئادەملەر توپلاشتى.

-ئەرزىيەت ئىدارىسىغا ئېلىپ بېرىڭلار،- بۇيرۇق قىلدى ئىشخانا مۇدىرى.

-ئەرزىيەت ئىدارىسىگە بىرەر يۈز قېتىم باردىم، نېمىنى ھەل قىلدى، ئۆيۈمنى چېقىۋېتىپ، تالادا قالسام، ھاكىم ئىگە بولمامدىكەن، كونا زاماندىكى ھاكىم-ئامباللارمۇ دەۋاگەر ناغرا چالغان ھامان تەق بولۇپ دەۋا سورايدىكەن، ئەجىبا بۇ ھاكىم بىلەن كۆرۈشمەك شۇنچە تەسمۇ، ئۇ موشۇ ھويلىغا ياكى بىر پىكاپقىلا ھاكىممۇ، ئېسىت، ئېسىت شۇنداق ھاكىملىقىغا، دەپ قويۇڭلار، ھاكىملىقىدىن ئېلىۋېتىمەن ئۇنداق ھاكىمنى،- ئايال سۆزلەيتتى، يۇلقىناتتى.

ئايال ئەرزىيەت ئىدارىسىگە ھەر كۈنى باردى. قانچىلىك ۋاقت ئۆتتىكىن، بىر كۈنى:

-بۈگۈن يېڭى ھاكىم كېلىدىكەن،- دېيىشتى شۇ ئىدارىدىكىلەر.

- ئاۋۇ ھويلىدىكى ھاكىمچۇ؟

- ۋىلايەتكە مۇئاۋىن ۋالىي بولۇپ ئۆسۈپتۇ.

چەكچىيىپ قاراپ قالدى ئايال.




چىراي ئۆزگەرتىش






-30 يىل خىزمەت قىلغان ئوقۇتقۇچىدا بۇنچىلىك ئاڭ بولمىسا، قانداق بولغىنى، چۈشەندۈرۈڭلار، بۇرۇتىنى چۈشۈرىۋەتسۇن دېدى،- دەپ باشلىقنىڭ يوليورۇقىنى يەتكۈزدى
مۇئاۋىن باشلىق.

- يېشىم 60 كە تاقاپ قالدى، قۇدا-باجىلىق، نەۋرىلىك بولۇپ قالدىم، بۇ ياشقا يەتكەندە، بۇرۇتۇمنى چۈشىرېۋىتىپ يۈرسەم، سەت ئەمەسمۇ؟،-دېدى مۇئەللىم.

- باشلىق شۇنداق دېگەندىكىن چۈشۈرىۋەتمەمسىز، قاراڭ، بىزمۇ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز سوراپ چۈشۈرىۋەتتۇققۇ مانا، نەچچە يىل بولدى،- دېيىشتى بىرنەچچە خىزمەتدىشى.

- ئەگەر يەنە جاھىللىق قىلسىڭىز، يىللىق مۇكاپات پۇلىڭىزنى ئالىمەن، دەپ خام-خىيال قىلماڭ،- قوشۇپ قويدى مۇئاۋىن باشلىق.

- توۋا، مېنىڭ بۇرۇتۇم نېمىگە تاقاشقان بولغىيدى، سىلەرمۇ نىمانچە مېنىڭ بۇرۇتۇم بىلەن قالىسىلەر، قېتىقىڭلار ئۇيۇيدىغان ئىش بولسا، بۇرۇتۇمنى چۈشۈرۈپ ئاۋارە بولغىچە، چىراي ئۆزگەرتىش ئوپىراتسىيىسىلا قىلدۇراي، - زەردە بىلەن چىقىپ كەتتى مۇئەللىم.



پەتىلەش




-ھوي، داۋۇت سېكرتار، بۈگۈن نېمە كۈنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىغانسىلە؟

- ياق، ئۇنتۇپ قالامدىغان، مەن جابدۇنغىلى نەچچە كۈن بولدى.

- يەنە كىملەر كەلمىدى؟

- رېشىت داۋىخور كەلمەپتۇ.

- بۇلتۇر كۆتەرمە كەنتنىڭ سېكرتارى مىجەزىم يوق دەپ پەتىگە بارماي نېمە كۈننى كۆرگىنىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ-دە ئۇ داۋىخور.


- باشلىق مەن جىق ئىچەلمەيمەن.

- ھاراق ئىچەلمىگەن جېنىڭغا سېكرتار بولۇپ نېمە قىلاتتىڭ، كېچىكىپ كەلگەننىڭ جازاسى، ئىچە. چاغانلىق پەتىلەپ كېلىپ ھاراق ئىچمەي كەتسەڭ ماڭا سەت ئەمەسمۇ؟

- ئەمىسە، ماۋۇ كىچىككىنە كۆڭلۈمنى قوبۇل قىلىڭ، ھېلى تەڭشىلىپ قالسام، ئېسىمدە يوق كېتىپ قالماي يەنە.

-باشلىق، مائارىپتىكىلەر پەتىلەپ كەپتۇ.

- بىردەم ساقلاپ تۇرسۇن، ئۆي بىكار بولغاندا، 15-20 دىن بۆلۈنۈپ كىرسۇن، بولمىسا ئۆيگە پاتمايدۇ...

(ئابلاجان تۇردى)


ئەسكەرتىش: رەسىملەر توردىن ئېلىنغان. رەسساملارغا تەشەككۈر.


http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=514


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
691
تۆھپە
558
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىيال مەسىلىلەر ئۇتتۇرىغا قۇيۇلۇپتۇ..


سەكرا

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1571
تۆھپە
469
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاچچىق-چۈچۈك پاراڭلار(1)



باشلىقنىڭ دۇدۇقلىشى


چىرىكلىكنى چەكلىگەنسىرى، چىرىك ئۇنسۇرلار قاتارلىشىپ ئۇچقان غازلاردەك ئايىغى ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرىدۇ. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەققىدە يىغىن-لېكسىيەلەر بولۇپ تۇرىدۇ. بىر قېتىملىق يىغىندا مەلۇم بىر باشلىق نۇتۇق سۆزلىدى. دەي دېسە، بار-يوقى بەش مىنۇتلۇقلا قىسقا سۆز ئىكەن، لېكىن، نۇتۇق ئارگىنالىنى كاتىپ يېزىپ بېرىپمىدىكىن ياكى قوش تىلدا ئوقۇپمىدىكىن، باشلىق نۇتۇقنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ تۇرۇپ خېلى ئۇزاق دۇدۇقلاپ ئوقۇدى. ئارىلىقتا ھەتتا «مەركەز» دېگەن بىر سۆزنى «مەرەز» دەپ ئوقۇپ ساپتى، زال ئىچىنى پىچىر-پىچىر قاپلاپ كەتتى.





باشلىق، كاتىپ، شوپۇر


بىرقانچە باشلىقنى تونۇيمەن، ئالامەت سادىق كاتىپلىرى ۋە شوپۇرلىرى بار، بۇ ئۈچى بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغاندەكلا ھېس قىلدىم. باشلىقلار قانچىكى بەگ-غوجاملاردەك ئىش قىلسا، كاتىپلارنىڭ خورىكى شۇنچە ئۆسۈپ كېتىدىكەن، كاتىپ «مۇئاۋىن باشلىق»تەك چوڭ غوجىدار بولۇپ قالىدىكەن. كاتىپ ئىمتىيازلىق بولۇپلا قالماي، شوپۇرلىرىمۇ ھال پەيدا قىلىۋالىدىكەن.






ياخشى دېھقان


يىراقتىن كېلىپ، يۇرتىمىزدا ئەمەلدار بولغان بىر باشلىق بار ئىدى. «بۇ يەرنىڭ دېھقانلىرى بەك ياخشىكەن» دېگەن گەپنى بىر قانچە سورۇندا، يىغىندا دەپ قالدى. مەلۇم بىر پۇرسەتتە:

-«بۇ يەرنىڭ دېھقانلىرى بەك ياخشىكەن» دەيسىز، قانداق ياخشىكەن، دەپ سورىدىم گەپ كوچىلاپ.

- بۇ يەرنىڭ دېھقانلىرى بۇيرىغان ئىشنى كەم-كۈتىسىز قىلىدىكەن، چاتاق چىقارمايدىكەن، ئۇۋالچىلىققا قالسىمۇ دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ، خوش-خوش دەپ، قول باغلاپ تۇرىدىكەن، ھەرگىزمۇ يۇقۇرىغا ئەرز قىلىپ يۈرمەيدىكەن. «بۇنداق دېھقانلارنى بەك ياخشىكەن» دېمەي، نېمە دەيمەن،- دېدى باشلىق.
(ئابلاجان تۇردى تەييارلىغان)



http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=516

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   noshirwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-30 21:33  



Rank: 6Rank: 6

تىللا
539
تۆھپە
422
UID
3175

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقى مەسىللەر ئۇتتۇرغا قۇيۇلۇپتۇ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
281
تۆھپە
369
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن: ‹چېرىكلىك› مۇ؟ ‹چىرىكلىك›مۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zamzam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-30 21:16  



ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
281
تۆھپە
369
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹چىراي ئۆزگەرتىش›نى ئوقۇۋېتىپ، مەكتەپتە بولغان بىر ئىش ئېسىمگە كەلدى. ئالدىنقى مەۋسۈمدە ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىدىن چۈشكەن بىر  ئۇقتۇرۇش قەۋەتلا دىققىتىمنى تارتتى. ئۇقتۇرۇشتا ئوغۇل ئوقۇغۇچىلاردىن بۇرۇتلىرىنى پاكىزە ئېلىۋېتىش تەلەپ قىلىنغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن بالىلار ئەمدىلا ئۆسۈپ چىققان يۇمران بۇرۇتلىرىنى ئېلىۋەتتى... ئەجەپ بوپ قالىدىكەن چىرايى... گەرچە ئۇ بۇرۇتلار مېنىڭ يۈزۈمدە بولمىسىمۇ كۆڭلۈم شۇنچىلىك غەش بولدى بۇ بىمەنىلىكتىن.


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
281
تۆھپە
369
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەييارلىغۇچى ئابلاجان تۇردىغا كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن!


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1571
تۆھپە
469
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zamzam يوللىغان ۋاقتى  2012-1-30 21:10
تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن: ‹چېرىكلىك› مۇ؟ ‹چىرىكلىك›م ...

ئىملا خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.
«چىرىك» دەپ تۈزىتىپ قويدۇم.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
281
تۆھپە
369
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
noshirwan يوللىغان ۋاقتى  2012-1-30 21:34
ئىملا خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.
«چىرى ...

رەھمەت


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
4543
تۆھپە
2308
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاكىم شۇنداقلا بولىدىغان بولسا داۋاملىق ئۆسكىدەك!


باش سۈرىتىم بىلەن ئىمزا سۈرىتىمدە ھەممە ئېنىق ئايان، ئىشىكىمنىڭ تۈۋىدە يالغۇز خىيال سۈرىمەن، خىياللىرىم دۇنيانى كېزىدۇ، ھاۋا شۇ قەدەر سوغۇق !...

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1571
تۆھپە
469
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما:

ئاچچىق-چۈچۈك پاراڭلار(2)
/forum.ph ... amp;page=1#pid46414


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-2-4 17:44, Processed in 0.081748 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش