تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 2574|ئىنكاس: 44

ئۇيغۇرچە ماركىلىق ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ساختا دىگۈچىلەرگە... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

ئىسىمى
ئابدۇقەييۇم
تىللا
35
تۆھپە
16
UID
4160
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 19:35:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇرچە ماركىلىق ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ساختا دىگۈچىلەرگە...



    مەن بەزىدە ئەمەس كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا بىر قىسىم ئۈيغۇرلىرىمىزنىڭ  ئاغزىدىن ئەمەس كۆپىنچە ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن« ئۇيغۇرچە ماركىلىق مەھسۇلاتلار ساختا،ئۇيغۇرلار قانچىلىك نەرسە ئشلىيەلەيتتى!!!؟؟؟يەنىلا داڭلىق ماركىلىقنى ئالغان ياخشى! » دىگەندەك گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمەن.مۇنداقلارغا تېشىمدا بىلدۈرمىگەن بىلەن ئىچىمدە «سەنمۇ ئۈيغۇر بولدىڭمۇ،دەپ كېتىمەن»،«ئۈيغۇرچە ماركىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى قانداقراقتۇ؟» دېگۈچىلەرگە بىلگىنىمچە ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرىمەن. »ئۇيغۇر بولغاندىكىن ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭكىنى ئالىمىزدە! «دېگۈچىلەرگە "بارىكاللا! ئۇيغۇر بولسا سىزدەك بولسا،بولمىسا... » دەپ كېتىمەن. مەن ئۆزۈم ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان  بولغاچقا  ئۇيغۇرچە ماركىلىق ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ زاۋۇتتىن قانداق ئىشلىنىپ چىقىپ بازارغا سېلىنىدىغانلىقى توغرىلىق  چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي، مېنىڭ بىلىشىمدە شىنجاڭ رايونىدا ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلار ھازىرچە يوق.ھەممىسى ئىچكىرىدىكى ئۆلكىلەردە. مەن تۆۋەندە  ئۇيغۇرچە ماركىلىق EVDئاپپاراتىنىڭ ئىشلىنىپ چىقىش جەريانىنى سۆزلەپ ئۆتەي.
    EVDئاپپاراتى ئشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلار كۆپىنچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە كۆپرەك.زاۋۇتلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ كۆلىمى چوڭراق،تېخنىك كۈچى كۈچلۈك،  قېلىپلاشقان  شىركەتلەشكەن بولۇپ بەزىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ  مەھسۇلاتىنىڭ ماركىسى بولىدۇ.ئشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن.  بەزىلىرى پەقەت ئىشلەپچىقىرىش(قۇراشتۇرۇش) بىلەنلا شۇغۇللىنىدۇ.سىز قايسى ماركىنى چاپلەپ بەر دېسىڭىز  شۇنى چاپلاپ زاۋۇتتىن چىقىرىپ بېرىدۇ. بۇ زاۋۇت پەقەت قۇراشتۇتۇپ چىقىپ مەھسۇلاتنى سىناپ سىزگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، EVD ئاپپاراتىغا كېرەكلىك سىرتقى قەغەز  قېپىنى باسما زاۋۇتىغا زاكاس قىلىدۇ.تۆمۇر قېپىنى ئايرىم بىر زاۋۇتقا زاكاس قىلىدۇ،ئىچىدىكى لازىر نۇرلۇق باش،مېخانىك قۇرۇلما،مەنبە توك يولى،سېفىر  يېشىش توك يولى قاتارلىق زاپچاسلارنىڭ ھەممىسىنى  شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك زاۋۇت-كارخانىلاردىن زاكاس قىلىدۇ.EVD  ئاپپاراتى زاكاس قىلغۇچى تەرەپ ئۆزى ئشلەپچىقارماقچى بولغان مەھسۇلاتنىڭ ئىقتىدارى،سۈپەت ئۆلچىمىنى زاۋۇتقا دەپ بېرىدۇ.زاۋۇت مال زاكاس قىلغۇچىنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن قۇراشتۇرىدۇ. بۇ يەردىكى نېگىزلىك بىر مەسىلە بازارغا سېلىنغان مالنىڭ باھاسى،سۈپىتى،ئقتىدارلىرىنى  مال زاكاس قىلغۇچى تەرەپ بەلگىلەيدۇ.چىققان مالنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى يامان-بولىشى مال زاكاس قىلغۇچى تەرەپنىڭ سودا ئەخلاقى،كەسىپچانلىقى،ئىنساۋىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.بازاردا سېتىلىۋاتقان باشقا داڭلىق ماركىلىق ياكى ئادەتتىكى ماركىلىقEVD ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ئىشلىنىدۇ.بەزىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ زاۋۇتى بار بەزىلىرىنىڭ يوق.بىزنىڭ ماللىرىمىزنى ياراتمايدىغان بەزى ئۇيغۇرلىرىمىز  تېخى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ زاۋۇتى بولمىسا،باشقا داڭلىق ماركىلىقلارغا ئوخشاش ئىشلىيەلەمتى! ؟ »دىيىشلىرى بار.بۇ يەردىكى مەسىلە زاۋۇت بولۇش بولماسلىقى مۇھىم مەسىلە .ئەمەس بەلكى قانداق چۈشۈنۈش مەسىلىسى.دۇنيادىكى داڭلىق كىيىم-كېچەك ماركىسى نەيكېنىڭمۇ زاۋۇتى يوققۇ! ئۇ قانداق قىلىپ دۇنياغا داڭلىق بولالىدى؟! ئىچكىرىدىكى ئاشۇ زاۋۇت قۇرغانلارنىڭمۇ EVD ئاپپاراتى قۇراشتۇرۇش ئەلمىساقتىن قىلىپ كېلىۋاتقان ئاتا مىراس كەسپىمىكەن؟! سىزچە بىز ئۇيغۇرلار نان يېقىش،كاۋاپ پىشۇرۇش،قوي-كالا بېقىش،دېھقانچىلىق قىلىش،ئۇسۇل ئويناپ ناخشا ئېيتىشقىلا يارالغان دەپ ئويلايدىغان ئوخشايسىز! ھازىر بىزنىڭ بۇ ئەنئەنىۋى كەسىپلىرىمىزنى باشقا مىللەتلەرمۇ قىلىۋاتىدىغۇ! ھەتتا بەزىلىرىنى بىزدىنمۇ ئاشۇرۇپ ياخشى قىلىۋاتىدۇ! ئېلېكترون تېخنىكىسى بولسا تېخى ئالدىنقى ئەسىردىلا پەيدا بولۇپ تەرەققى قىلىۋىتقان يېڭى تېخنىكا.باشقا مىللەتلەر چېغىدا ئۇيغۇرلارغا خاس ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۈگۈنۈپ ،تەرەققى قىلدۇرۇپ بىزدىنمۇ ياخشى  قىلىۋاتسا بىز نىمە ئۈچۈن تېخى يېقىنقى زاماندىلا چىققان يېڭى تېخنىكىلارنى باشقىلاردەك ئۈگۈنۈپ ،باشقىلار چىقارغان مەھسۇلاتلارنى چىقىرالمىغىدەكمىز! دۇنياغا يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ھەرقانداق شەيئى نۇقسانسىز بولمايدۇ.ئازدۇر -كۆپتۇر ئەيىپى بولىدۇ. ئاتالمىش سىز بىلىدىغان  ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىدىكى ئاشۇ داڭلىق ماركىلار بازارغا سېلىنغىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟بۇرۇندىن تارتىپ بارمىتى؟زاۋۇتى بارمۇ يوق؟نەدە؟ بىلەمسىز؟.
ھەرقانداق ئېلېكتر ئۈسكىنىسى بۇزىلىدۇ،پەقەت بۇزۇلۇش نىسپىتىنىڭ ئاز-كۆپلىگى ئوخشىمايدۇ.ئەگەر سىز ئالغان ماركىدىكى ئېلېكتر ئۈسكۈنىسى بۇزۇلمىسا ياخشى ماركا،بۇزۇلۇپ قالسىلا ناچار ماركا دەپ ئويلايسىز.مېنىڭچە ھازىر بازارغا سېلىنغان ۋە سېتىلىۋاتقان«مەشرەپ»،«ئارزۇ»،«تەبەسسۇم»،«مۇراد» قاتارلىق ماركىدىكى توڭلاتقۇ،كىرئالغۇ،EVD ئاپپاراتلىرىنىڭ سۈپىتى ئوخشاش ئىقتىدارلىق باشقا داڭلىق ماركىلىقلارغا ئوخشاش،باھاسى ھەم ئەرزان تۇرمامدۇ! مەشرەپ توڭلاتقۇلىرىنىڭ كاپالەت ۋاقتىىنى ھەتتا « 12يىللىق ئەلا مۇلازىمەت» دەپ ۋەدە بېرىۋاتسا سىز ئاشۇ قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ گېپىگە ئىشەنمەي كىمنىڭ گېپىگە ئىشىنەتتىڭىز!!!!!!!!! ھازىر ھۆكۈمىتىمىزمۇ يەرلىك كارخانىلارنى ،مىللى كارخانىلارنى زور كۈچ قوللاپ ھەر تۈرلۈك ئېتىۋار سىياسەتلەرنى چىقىرىۋاتسا،بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قوللىماي،دەۋىرگە ماسلاشماي،ھۆكۈمىتىمىزنىڭ چاقىرىغىغا ئاۋاز قوشمىساق،ئۆزىنى ئۆزى قوللىمىغان مىللەتنى ھۆكۈمەتمۇ قوللاپ زېرىكىدۇ،خۇدامۇ  قوللىمايدۇ!
    يەھۇدى مىللىتىنىڭ مال سېتىۋېلىشتىكى بىر ئادىتىنى ھەممىمىز بىلسەك كېرەك.يەنە يەھۇدىلار نەرسە-كېرەك سېتىۋالماقچى بولسا ئىزدەپ سوراپ  يۈرۈپ يەھۈدىلارنىڭ ماگىزىنىدىن سېتىۋالىدىكەن.ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا شۇنداق ئازاپ ئوقۇبەتلەرنى تارتىپ خانىۋەيران بولۇپ كەتكەن  بىر مىللەت ئاشۇ مىللى روھى بىلەن ھازىر دۇنيادىكى بايلار ئەڭ  كۆپ مىللەتكە ئايلاندى.بىر ماتىريالدىن كۆرۈشۈمچە ئامىرىكىدىكى يەھۇدىلارنىڭ نوپۇسى ئامىرىكا نوپۇسىنىڭ 2-3 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن،ئامىرىكا بايلىقىنىڭ 90 پىرسەنتى يەھۇدى بايلىرىنىڭ قولىدا ئىكەن.كورىيەلىكلەر تاللا بازىرىدىن ھازىر ئىچمەكچى بولۇپ بىر خالتا سۈت سېتىۋالماقچى بولسا  ساقلىنىش ۋاقتى  ئەڭ قىسقا قالغاننى سېتىۋالىدىكەن .ئۇلار  ئەگەر  بۇ سۈتنى ھېچكىم سېتىۋالماي ۋاقتى ئۆتۈپ  بۇزۇلۇپ كەتسە ئشلەپچىقارغان كارخانىغا زىيان بولىدۇ دەپ ئويلايدىكەن.ئەگەر بىزدىمۇ ئاشۇ مىللەتلەردىكىدەك ئاشۇنداق مىللەتنى قوللاش روھىمىز بولغان بولسا،قانچىلىك تەرەققى قىلىپ كەتكەن بولاتتۇق ھە! بەزىدە ئۇيغۇر دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى «ئۇيۇشقاق»دىگەنگە زادى ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ.
    ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ تېمىسىغا كېلەيلى.يوقۇرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن ھەرقانداق شەيئى نۇقساندىن خالى بولالمايدۇ.ئۇنى پەقەت ياخشى قوللىسىق،پەرۋىش قىلساق،ياخشى ئۆسۈپ-يېتىلىش مۇھىتى ھازىرلاپ بەرسەك،ئاندىن تەرەققى قىلىدۇ،باشقىلارغا ئوخشاش ئۆسۈپ-يېتىلىدۇ،ھەتتا ئولاردىنمۇ ئېشىپ كېتىشى مۈمكىن.شۇڭا  ئۇيغۇرچە ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى ياراتمايدىغانلارغا تەسۋىيە قىلىدىغىنىم،ئەگەر  ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك نەرسە سېتىۋالماقچى بولسىڭىز،ئالدى بىلەن ئۇيغۇرچە ماركىلىقنى ئويلۇشۇپ بېقىڭ،كۆرۈپ بېقىڭ!ئۇلارنىمۇ ئاشۇ داڭلىق  ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى ئشلەپچىقارغان زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقارغان،ھەر گىز  ئويغۇرلىرىمىز ئۆزلىرى يەر ئاستى زاۋۇتلاردا ياسىۋالغان ئەمەس! ئۇيغۇرلىرىمىز  باشقىلارنىڭ ئۇنداق ھۈنەرلىرىنى ئۈگۈنىۋېلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن! مۇشۇنداق قىلساق ھۆكۈمەتنىڭ يەرلىك كارخانىلارنى قوللاش،ئىقتىساتتا ئارقىدا قالغان مىللەتلەرنى يۆلەش،ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىش سىياسىتىگە ماسلاشقان بولىمىز.ھازىر ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا   دۆلەت مالىيەسىدىن پۇل ئاجرىتىپ مال سېتىۋېلىشتا يەرلىك كارخانىلارنى ئالدى بىلەن ئويلۇشۇش،يەرلىك كارخانىدا بولمىسا ئاندىن سىرتنىڭ كارخانىلىرىنى ئويلۇشۇش  دىگەن بەلگىلىمە بار.ھۆكۈمىتىمىز بىزنى زور كۈچ بىلەن قوللاۋاتقان يەردە،ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز  ئازراق بولسىمۇ قوللاپ قويايلى! ئەلمىساقتىن تارتىپ ھازىرغىچە مىللەت ئۈچۈن جانلىرىنى ، ماللىرىنى ئاتىۋەتكەن  مەرت-سېخىلىرىمىز مۇ كۆپقۇ!ئاشۇلارنىڭ روھىدىن ئۈگۈنەيلى،جارى قىلدۇرايلى!   ئستىمالچىلىرىمىزغا ئەسكەرتىش: ئالىدىغان مالنى ئوبدان ئويلۇشۇپ،كۆپرەك كۆرۈپ ،سېلىشتۇرۇپ ئاندىن ئېلىڭ.مالنىڭ سۈپەت كاپالىتى،ئالماشتۇرۇش ۋاقتى،كاپالەت ۋاقتى توغرۇلۇق يازما ھۆججەت يازغۇزىۋېلىڭ.
    ئۇيغۇرچە ماركىلىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان ساتىدىغان تىجارەتچى كارخانىچىلارغا:ئىنساپلىق،ئىمانلىق،راستچىللىق بىلەن سودا قىلىڭ.ھەرگىز قوينىڭ بېشىنى ئېسىپ ئۆشكە گۆشى ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.سۈپەتنى،ئىناۋەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇڭ. تامام.
بۇ ماقالىلەرنى ئىشلەتكەندە مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ،ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
———شىنجاڭ مۇراد ئېلېكترون تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
Http://www.murad.com.cn                                           Http://www.murad.cn




ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەيىغىشسەۋەبى
Erkin + 5很给力!

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 5  باھا خاتىرىسى

Rank: 2

تىللا
73
تۆھپە
31
UID
3706
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 21:00:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپمۇ ياىشى تىما يوللاپسىز ،شۇنداق دىگەنلەرنىڭ يۈزى قانچىلىك قىزىرىپ ،قانداق ئازاپلىنۋاتقاندۇ.


Rank: 2

تىللا
77
تۆھپە
42
UID
3861
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 21:19:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تېما بوپتۇ مىنىڭچە بىز نەچچە يۈەنلىك نەرسە سېتىۋالساقمۇ چۇقۇم ئۆزىمىزنى نەرسىسنى ، ئۆزىمىزنىڭ دۇكىنىنى ئىزدەپ يۇرۇپ نەرسە سېتىۋىلىشىمىز كېرەك ، بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قارىماي ، بۇنى بىر ئادىتىمىزگە ئايلاندۇرىشىمىز لازىم .


Rank: 3Rank: 3

تىللا
170
تۆھپە
104
UID
4041
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 21:55:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئوبدان  بىر مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز. ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قوللىمىساق،باشقىلار قوللاپ بېرەمدۇ؟بىزنىڭ شىنجاڭ ئىچكىردىكى نۇرغۇن زاۋاتلارنىڭ كاتتا بازىرى.كىم نىمىلا ئەكىرسە بىز قىزغىن قارشى ئالىۋېرىمىز. لېكىن ئىچكىرىدە ئۇنداق ئەمەس،بەزى ئۆلكىلەردە ئۆزىنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى كېڭەيتىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. باشقا جايلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئوڭايلىقچە كىرگۈزمەيدۇ.چۈنكى،ئۇلارنىڭ نەزىرىدە يەرلىك مەھسۇلاتلارنى قوللىغاندا ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىپ، ئۆز جايىدىن باشقا جايلارغا كېڭەيتىلىشىگە ياخشى بىر تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بېرەلەيدۇ. بۇ خىل مۇئامىلە يەرلىككىمۇ زور مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلەيدۇ.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
138
تۆھپە
59
UID
690
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 22:59:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرچە ماركىلىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان ساتىدىغان تىجارەتچى كارخانىچىلارغا:ئىنساپلىق،ئىمانلىق،راستچىللىق بىلەن سودا قىلىڭ.ھەرگىز قوينىڭ بېشىنى ئېسىپ ئۆشكە گۆشى ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.سۈپەتنى،ئىناۋەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇڭ. تامام.


مۇشۇ گەپ ماڭا بەك ياقتى. شېكەردەك گەپ بوپتۇ. مۇشۇ يۇسۇندىلا ئىش قىلالىسا ئۇيغۇرچە ماركىلىق ئېلېكتر بۇيۇملىرى چوقۇم روناق تاپالايدۇ.


Rank: 4

ئىسىمى
بارچۇق
تىللا
428
تۆھپە
196
UID
593

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 23:20:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرىمىزنى سېتىۋالغۇمىز بار لېكىن بىر چىۋىن قاچىدىكى ئاشنى بۇلغىغاندەك بەزى ئوقەتچىلىرىمىز خەلقىنىڭ ھىسسىياتىغا چاخچاق  قىلىدۇ ئەمەسمۇ.


ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
498
تۆھپە
290
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 23:49:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخنىكىدا ئەڭ مۇھىم نۇقتا «يېڭىلىق يارىتىش » تۇر ،ئەگەر ھەرقانداق بىر تېخنىكا بازار تاپىمەن دەيدىكەن ، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا، يېڭىلىق يارىتىشنى شەرت، تەشۋىقاتنى قۇشۇمچە، بازارنى تايانچ قىلىشى كېرەك. ئەمدى سىز دىگەن مىللى كارخانىلار نىڭ ئۆز «مەھسۇلاتلىرى» نىڭ بازار تاپالماسلىقى نۇقۇل ھالدا ئايرىم ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنى  سۆكىشى بىلەن باغلاپ قاراش بۇ بىر تەرەپلىمە قاراشتۇر. مەسىلەن ھازىر بازار تېپىۋاتقان تىخنىكىلىق مەھسۇلاتلاردىن « فىنلاندىيە نوكىيا، كورىيە سامسۇڭ، ئامرىكا ئالما، تەيۋەن دەيئېر..» لارغا قارايدىغان  بولساق ھەممىسى ئۆز تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرى  يىلمۇ يىل يېڭىلىنىۋاتىدۇ، ئىقتىدارلىرى يىلمۇ يىل تاكاممۇللىشىۋاتىدۇ...... رەڭلىك ئېكران ... ئاندىرويىد سېستىمىسى..... نىپىز ئېكران..... ۋەھا كازا .
ئەمدى مىللى كارخانلىرىمىز تۈركۈملەپ بەس -بەستە ئىشلەپچىقىرىۋاتقان    EV قاتارلىقلارنىڭ  ئېقتىساد، تۇرمۇش ،ئېھتىياج ، بازار قاتارلىق چەكلىمىلەردىن  باشقا يەنە ھەممىسىدە  قوللىنىۋاتقىنى يەنىلا كونا تېخنىكا ئۇنىڭدا ھىچقانچە كىشىلەرنى بۇلۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاسنى ئېنىقىنى ئېيتساق كەڭ دېھقانلارنى جەلىپ قىلغۇدەك ئوچۇقىنى ئېيتساق باشقىلارنىڭكىنى بېسىپ چۈشكىدەك «يېڭىلىق» كەم (ئەلبەتتە تىلدىن باشقا) (10يىل بۇرۇنقىدەك ئىككى كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى، ئىچىگە تەخسە سالسا سۈرەت چىقىدىغان ئۈسكىنە  ئىكەنغۇ....)  
مەسىلەن ئالايلۇق : يوملاق تەخسىنىڭ ئورنىغا ، تۆت چاسا تەخسە قىلساق بۇلامدۇ؟ 220ۋولتلۇق توكنىڭ ئورنىغا ئاددى باتارىيە ئىشلىتىشكە بۇلامدۇ يوق؟ تېلۋېزۇرغا چاتمايمۇ كۆرگىلى بۇلامدۇ يوق؟ ...... نىمىلا ئويلاشساق بۇلېۋىرىدۇغۇ؟ گەپ بىزنىڭ شۇنى قىلىش قىلاللماسلىقىمىزدا!!! بۇ دەل مەن دىگەن «يېڭىلىق يارىتىش» تۇر.
يۇقىرىدا مەن دىگەن يېڭىلىق يارىتىش مىساللىرىنى كۆپچىلىك كۆرۈپ ئىچىدە كۈلىۋاتقان بۇلىشى مۇمكېن.. بۇ نەدە مۇمكېن بولسۇن دەپ!

1895-يىلى ئامرىكىلىق فورت ۋاتنىڭ ھور ماشىنىسىنى ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ تۇنجى ئاپتۇموبىلنى ئىشلەپچىقارغان. ئەينى چاغدا كىشىلەر ئۇنى مەسخىرە قىلىشقان؟ ئۇ ھەتتا پۈتۈن دەسمايىسىنى دوغا تىكىۋەتكەن، ئاكا- ئۇكا رايىتلارمۇ ئۇچقۇ ياسايمىز دىگەندە باشقىلار مازاق قىلغان......
ئۇنداقتا يەنە كۈلگىڭىز كەلدىمۇ يە؟


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
4543
تۆھپە
2308
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 00:33:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن «ئېرفان» قولكومپيۇتېرىنى سېتىۋالماقچى، ھەقاسىڭلاردىن سوراپ باقاي، سۈپىتى قانداق بولار؟


باش سۈرىتىم بىلەن ئىمزا سۈرىتىمدە ھەممە ئېنىق ئايان، ئىشىكىمنىڭ تۈۋىدە يالغۇز خىيال سۈرىمەن، خىياللىرىم دۇنيانى كېزىدۇ، ھاۋا شۇ قەدەر سوغۇق !...

Rank: 2

تىللا
117
تۆھپە
30
UID
289
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 01:38:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما ناھايىتى ياخشى يىزىلىپتۇ ، ئۇيغۇرچە ماركىلىق ئېلىكتىر ئۈسكۈنلىرىنى سىتىۋىلىشقا قارشى ئەمەسمەن، لىكىن مەن بىشىمدىن ئۆتكەن بىر مەسىلىنى ئىيىتسام مەن ئارزۇ ماركىلىق بى dvd ئاپراتى ، پەرۋاز ماركىلىق بىر توڭلاتقۇ، چىۋەر قول ماركىلىق بىر كىر ئالغۇنى بازاردىن يىڭى سىتىۋالدىم، ئۇنىڭدىن كىيىن haier  ماركىلىق بىر توك مۇنچىسى سىتىۋالدىم ، بىراق كىم بىلسۇن 2 ئاي ئۆتكەندە پەرۋاز ماركىلىق توڭلارقۇمدىن مەسىلە كۆرۈلدى يىمەكلىكلەرنىڭ پۇرىقى بىر-بىرىگە سىڭىشىپ كىتىدىغان نەرسىلەرنى ياخشى توڭلاتمايدىغان بوپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن ساتقان تىجارەت ئورنىغا ئۇدا 10 نەچچە قىتىم  ھەپتە قاتراپ ئۇلارنىڭ رىمۇنىتچى ئەۋەتىپ كۆرۈپ بىقىشنى ئىيتقان بولساممۇ مانا- بۈگۈن ،ئەتە دەپ ئاخىرى ئادەمى كەلمىدى،  ئامال بولماي ئاخىرى 6 قەۋەت ئۆيدىن دوستۇم بىلەن كۆتۈرۈپ ئىلىپ چۈشۈپ ئاپارغاندا بولسا 5 كۈن ۋاقىتنى يەپ ئوڭشاپ بەردى ،بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ھەق ئالمىغان بولسىمۇ ، قىنى سىلەر ئويلاپ بىقىڭلار 6 قەۋەت دىگەندىن بىر توڭلاتقۇنى كۆتۈرۈپ ئىلىپ چۈشۈپ يەنە قايتۇرۇپ ئىلىپ چىقىش قانچىلىك جاپالىق، ئۇيغۇرچە ماركىلىق مەھسۇلاتنىڭ سىتىشتىن كىيىنكى  بۇ خىلدىكى مۇلازىمەتلىرى ياخشى ئەمەس، جۈملىدىن مەن شۇنداق قارايمەن، يەنە بىر نەچچە ئايدىن كىيىن haier ماركىلىق توك مۇنچىسىدىن توك ئۆتمەيدىغان بوپ قىلىپ تىلىفۇن قىلغان ئىدىم يىرىم سائەت ئىچىدە رىمۇنىتچىسى ئۆيۈمگە كىلىپ مەن يوق مىنى ئىشىك ئالدىدا بىرەر سائەت ساقلاپ مەن كەلگەندىن كىيىن كىرىپ 10 مىنۇت ئىچىدە ياساپ سىناپ بىر تىيىن ھەق ئالماي قايتىپ كەتتى ھەم كىتىشتىن ئىلگىرى يانفۇن نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويدى بۇندىن كىيىن مەسىلە كۆرۈلسە بىۋاستە تىلىفۇن قىلىشىمنى بۇنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتىنىڭ 8 يىل ئىكەنلىكىنى ئىيىتتى،ئەتىسى قارىسام ئىچكىردىكى haier  زاۋۇتىدىن بىۋستە تىلىفۇن قىلىپ مۇلازىمەتتىن رازى بولغان بولمىغانلىقىمنى سوراپ سىزگە ئاۋارچىلىق ئىلىپ كەلگەن بولساق كەچۈرۈڭ دەپ ،،بىر مۇنچە ياخشى تىلەكلەرنى ئىيىتتى ، قىنى دوسلار سىلەر سىلىشتۇرۇپ كۆرۈپ بىقىڭلار، سىلەر بولساڭلار قايسىسىنى سىتىۋالىسىلەر، مەن ئۇيغۇرچە ماركىدىكى مەھسۇلاتلارنى يامان دىمەكچى ئەمەسمەن مىنىڭ ئارزۇ قىلىدىغىنىم بىر مەھسۇلات سىتىلغاندىن كىيىن ئۇنىڭ كىيىنكى مۇلازىمەت جەھەتتە ئۇلاردا نۇرغۇن نۇخسانلار بار ، ئۇلارنىڭ شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىنى شۇنىڭغا ئەھمىيەت بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن، گەرچە ئۇ نەرسىلەرنى ياسايدىغان زۇۋۇت كارخانىلار يەنىلا ئىچكىردىكى زاۋۇتلار بولسىمۇ ئۇيغۇرچە ماركا چاپلىغان ئاشۇ كارخانچىللىرىمىز بۇنىڭغا سەل قاراۋاتىدۇ،كىيىنچە بۇ ئىشلارنىڭمۇ ياخشى بولۇپ كىتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن، ئەگەر مۇلازىمەت ياخشىلانمايدىكەن مىنىڭچە ئۇلارنىڭ روناق تىپىپ كىتىشى ناتايىن، خەلق ئادىل باھا بىرىدۇ، ماڭا ئوخشاش بۇنداق مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولالمايۋاتقان دوسلىرىمىز خىلىلا كۆپ بۇ شەخسەن مىنىڭ دەۋاتقان گىپىم ئەمەس،شۇنداق كۈچلۈك سىلىشتۇرما مەندە ئۇيغۇرچە ماركىلىق مەھسۇلارغا نىسبەتەن گۇمانىي تۇيغۇ پەيدا قىلىپ قويدى، جۈملىدىن مەن ئۇيغۇرچە ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى  ئانچە كۆڭلۈمدىن چىقىرىپ خالاپ كەتمىدىم. كەچۈرۈڭلار .. سۆزلەي دىسەم بۇنداق ئەمىلى مىساللار خىلى كۆپ ، مەنمۇ ئاشۇ ئۇيغۇر كارخانچىللىرىمىزنىڭ روناق تىپىشىنى ئاشۇ مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپلەپ ئىشلەپ چىقىرلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن، رادىئو -تىلىۋىزۇر قاتارلىق تاراتقۇلاردا ھە دەپ مەھسۇلاتلىرىنى ماختىماي ئاشۇلار شۇنىڭغا كەتكەن خىراجەتنىڭ ئاز بىر قىسمىنى كىيىنكى مۇلازىمەتكە ئىشلەتسە ياخشى بولامدىكىن دەپ قارايمەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
شىرئەلى ئابدۇقادىر
تىللا
1408
تۆھپە
266
UID
377
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 06:10:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچىنىڭ تىل قابىلىيىتىنىڭ ياخشىلىقى مەزكور يازمىنى ئوقىغان نۇرغۇنلىغان ئوقۇرمەنلەرنى قايىل قىلىپتۇ.
ئەمما بايقىشىمچە يازمىنىڭ %90 قىسمى ئىستىمالچىلارغا، %10 قىسمى تىجارەتچىلەرگە قارىتىلىپتۇ. بۇ باراۋەرلىك ئەمەس.
خۇددى تېما ئىگىسى ئېيتقاندەك ئېلېكترون مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى كۆپ پەرقلەنمىسىمۇ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت مەھسۇلاتلار ھەققىدە كىشىلەرنى ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلارغا ئىگە قىلىدۇ.
قېرىندىشىمىز ۋولقان ناھايىتى ياخشى پىكىر قىلغان. داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارمۇ ئەلۋەتتە سۈپەت مەسلىسىدىن خالىي ئەمەس، ئەمما سېتىشتىن كېيىنكى ئەلا مۇلازىمەت تەبىئىي ھالدا ئۇلارنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى قىلىپ كۆرسىتىدۇ.
تېما ئىگىسى، قېنى سىز ئېيتىپ بېقىڭ، قانچىلىك ئۇيغۇر كارخانىسىنىڭ مۇلازىمىتى ئۆلچەمگە توشىدۇ؟ سىز دېمىسىڭىزمۇ ئۇيغۇر ئىستىمالچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغۇسى بار. ئەمما پۇل تۆلىگەنگە لايىق مۇلازىمەتكە ئېرىشەلمىسە، خۇددى زىيان تارتىدىغان تىجارەتنى قىلغانغا ئوخشايدۇ. كىمنىڭمۇ زىيان تارتىدىغان ئىشنى قىلغۇسى كېلىدۇ؟
ئۇيغۇر بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇرچە مەھسۇلات سېتىۋال دەيسىز. ئۇيغۇرنىڭ كارخانىسى بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇرغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. ئاندىن ئۇيغۇر ئۇنى يۆلەيدۇ. بەرمەي تۇرۇپ ئالىمەن دېسە بۇ قاملاشمايدۇ.
ئۇيغۇر كارخانىسى سۈپەت ۋە مۇلازىمەتتە باشقا مىللەتلەرنىڭ كارخانىلىرىنى بېسىپ چۈشكەندە سىز ماقالە يېزىپ تەۋسىيە قىلمىسىڭىزمۇ، ھەممە ئۇيغۇر ئۇيغۇرچە مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىدۇ. ئۇيغۇرلا ئەمەس بەلكى ھېلىقى يەھۇدى ۋە ياكى كورىيانلارمۇ كېلىپ ئۇيغۇر كارخانىسىنىڭ مېلىنى تالىشىپ سېتىۋالىدۇ.
بۇ يەردە ھە دېسە مىللەتنى چىشلەپ تارتماي، ۋىژداننى دەڭسەش كېرەك. ئۇيغۇر مېنى قوللىمايۋاتىدۇ دەپ قاقشىماي مەن ئۇيغۇرغا نېمە قىلىپ بەردىم دىيىشى كېرەك.
باشقا مىللەتلەرنىڭ پۇلىنىڭ بىرەر تامغىسى كەم ئەمەس، مەھسۇلات سۈپىتى ۋە مۇلازىمەتنى ياخشى قىلسا بايا ئېيتقاندەك ئۇيغۇرلار ئەمەس بەلكى ھەر مىللەت كىشىلىرى تالىشىپ سېتىۋالىدۇ. شۇ كۈنلەرگە ئىنتىزار بىز!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قاراقاش
تىللا
726
تۆھپە
355
UID
312
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 11:44:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىرEVD ئاپراتى سېتىۋالغان لىكىن بىر ئىككى ئاي ئىشلەتمەيلا سۈپتىدە مەسلە كۈرۈلدى  مال ساتقان ئورۇنغا ئاپارسام ئۈستىدىن يەنە پۇل ئېلىپ يېڭىدىن ئالماشتۇرۇپ بەردى . ئۇيغۇرچە ماركىلىق مەسئۇلاتلارنى  ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشلەپ چىقىرىپ، ئۇيغۇرچە  ماركىسىنى قوللىنىپلا ساتامدىكىن دەپ ئويلايمەن


مەن ئاپامنىڭ ئاپپاق قاغىسى، يۇمشاق كىرپىسى.

Rank: 2

تىللا
38
تۆھپە
25
UID
3942
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 11:50:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇل تاپماق تەس ،ياخىشىسنى سېتىۋالايلى،


Rank: 2

تىللا
117
تۆھپە
30
UID
289
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 13:32:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراقاش يوللىغان ۋاقتى  2012-1-11 11:44
مەنمۇ بىرEVD ئاپراتى سېتىۋالغان لىكىن بىر ئىككى ئاي ئىش ...

بۇ ئىيىتقىنىڭىز ناھايىتى توغرا ئۇيغۇرچە ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر كارخانىللىرىنىڭ ھىچقايسىسىنىڭ ئۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەيدىغان زاۋۇتى يوق، پەقەت  ئۇلار ماركا ھوقۇقى ئىلتىماس قىلىپ ئالغاندىن كىيىن ئىچكىردىكى ئاشۇنداق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەيدىغان زاۋۇت بىلەن توختاملىشىپ ماركىنى ئۇيغۇرچە باستۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، مانا مىنىڭ ئىنىم بىر نەچچە خىل ماركىلىق ئىلىكتىر ئۈسكۈنىللىرىنىڭ يەشىك نۇسخسىنى چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئۇيغۇرچە  لايھىلەشكە مەسئۇل، بۇ پەقەت تۇخۇمنى ھەرخىل بوياپ قويغىنى بىلەن مەيلى سىز قانداق رەڭلىكىنى يەڭ ئىچىدىكىسى بەرىبىر يەنىلا تۇخۇم بولغىنىغا ئوخشاش.


Rank: 4

ئىسىمى
قەيسەر ئابدۇكېرەم
تىللا
409
تۆھپە
103
UID
515
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 14:37:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا ئۆزىمىزنىڭ مىللى كارخانىچىلار ئىشلەپ چىقارغان مەسھۇلاتلارنى سېتىۋالساق ياخشى بولاتتى بىراق، بىزنىڭ بەزى كارخانىچىلرىمىزنىڭ قۇيرۇق كورسىتىپ قويۇپ ئۆپكە ساتىدىغان ئىشلىرى ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ ؟ شۇڭىزە............................... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   naxput تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-11 14:38  



Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قۇربان سايىم
تىللا
807
تۆھپە
530
UID
558

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 14:40:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      


Rank: 2

تىللا
74
تۆھپە
18
UID
2506
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 14:49:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ئۇيغۇرچە ماركىدىكى مەھسۇلاتلارمۇ خلى بوپ قويىدۇ


Rank: 6Rank: 6

تىللا
723
تۆھپە
519
UID
893
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 18:04:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تەبەسسۇم مەھسۇلاتلرىنى سېتىۋالغان ھازىرچە چاتاق يوققۇ؟
ئىشقىلىپ سېتۋالمىساقمۇ ناچار پىكىر قىلىپ مىللى ئىگىلىكنى يەكلەيدىغان گەپ قىلساق بولمايدۇ.


بۈگۈن ئۈگەنمىسىڭىز ئەتە ئۆتمۇش ئىچىدە ياشايسىز!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سابىرجان سىيىت
تىللا
354
تۆھپە
246
UID
3338
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 18:49:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 2

ئىسىمى
ئادىل
تىللا
74
تۆھپە
33
UID
125
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 22:17:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر باي يەھۇدى تىجارەتچى ئامرىكىغا بېرىپتۇ .
مىھمانخانىدىن چىقاشىدا ئايىغىنىڭ ئازىراق يىرتىلىپ كەتكىنىنى ھىس قىلىپ ، تەرجىمانغا : موزدوز بارمۇ ؟  دەپ سوراپتۇ .
تەرجىمان : ئەنە ئالدىمڭدا تۇرمامدۇ دەپتۇ
تىجارەتچى : ياق ، مىنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم ، يەھۇدى موزدوز.
تەرجىمان ۋە تىجارەتچى تاكسىغا 30 دوللار خەجلەپ ، يەھۇدى موزدوز بار يەرگە بېرىپ ، 4 دوللارغا ئايىغىنى تىكتۈرۈپ ، يەنە 30 دوللار خەجلەپ كىيىنكى مەنزىلىگە قايتىپتۇ .

بىزلەردە ھازىر ، ئەمىلى ئىختىدارنى ئويلىماي ، ئابروي ماركا ئويلايدىغان ئوينايدىغانلار خېلى كۆپ .
ئاددى قىلىپ ئېيىتساق ، ھازىر ئالما يانفۇنىنى ئىشىلتىۋاتقانلاردىن ، سۆزلىشىشتىن باشقا ئۇنىڭدا بار بولغان ، ئەمىلى ئىختىدارىنى ئىشىلتىۋاتقانلار 15% يەتمەيدۇ ، ئۇلار پەقەي ئۇنىڭ دۇنياۋى داڭلىق ماركىسى ئالما نى ئىشىلتىدۇ ، خالاس .


Rank: 2

ئىسىمى
مىرشاھ
تىللا
97
تۆھپە
41
UID
3079

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 01:15:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئۇيغۇرچە ماركىلىق ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ، مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغان 10 كىشدىن سوراپ بېقىڭ، قانچىسى ياخىشى دەپ باھا بېرىدىكىن؟ ئاندىن ئۆزىمىزنىڭكىنى نېمىگە سېتىۋالمايمىز دەپ  داۋراڭ سېلىڭ، ئەسەر يېزىڭ.  ئىستىمالچىنىڭ باھاسى ھەممىدىن موھىم. ئۇندىن باشقىسى بىكار.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-2-4 17:26, Processed in 0.089142 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش