پوچى مۇنبەرچىلەر!
جانابىي مۇئەززەم ھەزرەت-تەقسىرمۇنبەرچىلەرگە سۆزۈم خۇپىيانە قالمىغايكى، مۇنبەر قازى-قۇززاتلىرى ئالايىتەن تېما يېزىپ مۇنبەردىكىلەرگە ئىملاغا كۆڭۈل بۆلۈش خۇسۇسىدا تەكلىپ-يارلىقلار چۈشۈرگەندە ، ھەممەيلەن دېگۈدەك مۇنبەر قازى-قۇززاتلىرىنىڭ شۇ تېمىسىغا ئەگىشىپ چوقۇم شۇنداق قىلىدىغانلىقلىرىمىزنى بىلدۈرۈشۈپ، ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە بىر ياخشى كەيپىيات-قىياپەت بەرپا قىلىدىغانلىقلىرىمىزنى جار قىلىشقان ئىدۇق. دەسلىپىدە شۇنداق بولغاندەك بولدى-يۇ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مانا ھازىر تېما ماۋزۇلىرى، تېما مەزمۇنلىرى ۋە ئىنكاسلاردا ئانا تىل ئىملاسى پاتقاقتەك پېتىغدىلىپ، خېمىردەك چەيلەندى، شۇنىڭغا قاراپ مەن بىز ئۇيغۇر مۇنبەرچىلەرنىڭ پونى زەي سالماي ئاتىدىغان پوچىلاردىن ئىكەنمىز، دېگەن يەرگە كەلدىما؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-12-6 21:14