ئاسيا قىتئەسى بويىچە تۇنجى IMAX3D فىلىمىدا رول ئالغان ئۇيغۇر
2010- يىلى دۆلىتىمىز ئىشلىگەن، دۆلىتىمىز، ھەتتا ئاسىيا قىتئەسى بويىچە تۇنجى IMAX3D فىلىمى "دامىڭ ئوردىسىدىكى رىۋايەت " دە گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن غاپپارجان تۇرسۇن پارس شاھزادىسىنىڭ رولىنى ئالدى. بۇ كۆپچىلىك تورداشلارغا يېڭىلىق ئەمەس ئەلۋەتتە. شۇنداقتىمۇ مەن غاپپارجان تۇرسۇن ھەققىدىكى بەزى كىچىك تەپسىلاتلارنى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇنماقچىمەن.
غاپپارجان تۇرسۇن، 1984- يىل گۇما ناھىيىسىنىڭ مۇجى يېزىسىدا تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى مۇجى يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە مۇجى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇپ شىنجاڭ سۇ ئېلېكتىر مەكتىپىدە ئوقۇشقا كىرگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ يۇقۇرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئارزۇسىغا ئاساسەن 2005- يىل خوتەن ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق 3- يىللىق سىنىپغا ئوقۇشقا كىرىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ھەمدە شۇ يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتىيۇرلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان.
2008- يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا "دۆلەت شېئىرى خور ئۆمىكى 56 مىللەت سەنئەت كېچىلىكىدە " ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن رىياسەتچىلىك قىلغان. 2009- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆيۇشتۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكى "ۋەتەن ياشىسۇن" "بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي"، "مەن جۇڭخۇانى سۆيىمەن"، "مەن ۋە ۋەتىنىم" دېگەن نومۇرلارنى ئورۇنلىغان ۋە ئورۇنلاشقا قاتناشقان. شۇ يىلى يەنە شىنجاڭغا ۋاكالىتەن ياۋروپاغا ۋە قاتار، ئالجىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە مۇقام سەنئىتى ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى تەشۋىق قىلىشقا قاتناشقان ھەمدە جۇڭگونىڭ ئالجىرىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولغان.
غاپپارجان تۇرسۇننىڭ رول ئېلىشتىكى تەبىئىي تالانتى، چىراي، تەققى-تۇرق جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى رېژىسسورلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ 2009- يىل يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى "غەربكە ساياھەت" دە رول ئېلىشقا تاللانغان ۋە قارا توخو دۆلىتىنىڭ شاھزادىسىنىڭ رولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغان.
2010- يىلى ئېلىمىزدە ئىشلىگەن، جۇڭگو، ھەتتا ئاسىيا قىتئەسى بويىچە تۇنجى IMAX3D فىلىمى "دامىڭ ئوردىسىدىكى رىۋايەت" دە پارس شاھزادىسىنىڭ رولىنى ئېلىپ تالانتىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلغان.
غاپپارجان تۇرسۇن ئۇندىن باشقا چەتئەل ۋە دۆلىتىمىزنىڭ كىلاسسىك سەھنە ئەسەرلىرىدە ئوخشاش بولمىغان پىرسۇناژلارنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان. ئۇ يىقىندا يەنە خۇنەن تېلېۋزىيە ئىستانسىسىنىڭ "كۈنسېرى يۇقىرى ئۆرلەيلى" ناملىق كوزۇر پروگراممىسىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گىلەم، قاشتېشى، ئەتلەس قاتارلىق "ئۈچ گۆھىرى" نى ۋە باشقا يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇشتۇردى.
خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلى غاپپارجان تۇرسۇننىڭ ئىكران كۆرۈنۈشلىرى
