قاراقۇرۇملۇقلارنىڭ « شۈك » ناخشىسى !
ناۋادا سىز قار ياغقان كۈنلەردە قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى قوشتاغ يېزىسىنىڭ ئىسمىسلا كەنتىدىكى ياشانغان كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بارىدىغان بولسىڭىز، قەدىمكى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىزناسى بولغان « شۈك » ناخشىسىنى ئاڭلىيالايسىز . بۇ يۇرتتىكى بالىلار قار ياغقان كۈنلەردە يانچۇقلىرىغا گۈلە - قاق، جىگدە - ياڭاق سېلىۋېلىپ مويسىپىتلەرنى يوقلايدۇ ھەم بۇ بوۋاي - مومايلارنىڭ قېلىن قارغا پۈركەنگەن قىشتىن ئامان - ئېسەن ئۆتۈۋېلىشىنى تىلەيدۇ . ئاندىن ئۇلار ئوچاق ياكى مەشنىڭ ئەتراپىغا چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ « پالانى بوۋام < شۈك > ناخشىسىنى ئېيتىپ بەرسۇن » دەپ چاۋاك چېلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بوۋايدىن بىرى ئۆزىنى راۋۇرۇس تۈزەشتۈرۈپ بالىلارنى كىگىز - كۆرپىلەردە رەتلىك تىزىلىپ ئولتۇرۇشقا تەكلىب قىلىدۇ . بالىلار ئەدەب بىلەن ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بوۋاي ھاسىسىنى ئېلىپ بالىلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشىدۇ - دە ، قىزىقارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن « شۈك » ناخشىسىنى مۇڭلۇق ھەم جانلىق ئاھاڭغا سېلىپ ئوقۇشقا كىرىشىدۇ:
ئوغۇزخاننىڭ ئوغلى يوق ،
شۈك ئولتۇرۇڭ ، شۈك .
بۆرەخاننىڭ بوينى يوق ،
شۈك ئولتۇرۇڭ ، شۈك .
بۆكۈخاننىڭ بۆكى يوق ،
شۈك ئولتۇرۇڭ ، شۈك .
كۆكمىكىمنىڭ (1) كۆكى يوق ،
شۈك ئولتۇرۇڭ ، شۈك .
ئوقيايىمنىڭ ئوقى يوق ،
شۈك ئولتۇرۇڭ ، شۈك .
قاپقانىمنىڭ قاپى يوق ،
شۈك ئولتۇرۇڭ ، شۈك .
تايچىقىمنىڭ پۇتى يوق ،
شۈك ئولتۇرۇڭ ، شۈك .
خالتىكامنىڭ ئۇنى يوق ،
شۈك ئولتۇرۇڭ ، شۈك .
قاپىقىمنىڭ سۈيى يوق ،
شۈك ئولتۇرۇڭ ، شۈك .
ئۆيگە كەلسەم ئوتۇن يوق ،
شۈك ئولتۇرۇڭ ، شۈك .
شۈك ئولتۇرۇڭ ، شۈك .
بۈگۈن كېچە خوتۇن يوق ،
شۈك ئولتۇرۇڭ ، شۈك .
ئەڭلىكىمنىڭ ئېڭى يوق ،
شۈك ئولتۇرۇڭ ، شۈك .
ئوغلىقىمنىڭ ئوغلى يوق ،
شۈك ئولتۇرۇڭ ، شۈك .
چىراقىمنىڭ نۇرى يوق ،
شۈك ئولتۇرۇڭ ، شۈك .
چىرايىمنىڭ چېھرى يوق ،
شۈك ئولتۇرۇڭ ، شۈك .
يۈرەكىمنىڭ پارى يوق ،
شۈك ئولتۇرۇڭ ، شۈك .
ھېچ خېنىمنىڭ كارى يوق ،
شۈك ئولتۇرۇڭ ، شۈك .
مۈشىكىم مىياڭلايدۇ ،
خورىزىم چىللايدۇ ،
مېنىڭ مۇشۇ مودەكەم (2) ،
ئوقۇۋالىمەن دەيدۇ .
بوۋاي ناخشىسىنى ئوقۇپ ئەڭ ئاخىرقى مىسراسىغا كەلگەندە بالىلارنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ قويىدۇ ، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ بىر - بىرىگە سالام بېرىشىدۇ ، ئاندىن بوۋاينىڭ باشلاپ بېرىشى بىلان بالىلار « شۈك » ناخشىسىنى ئۈنلۈك ئوقۇشقا باشلايدۇ . بوۋاي بىلەن مومايلار ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ . ئارقىدىن بالىلارمۇ ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ . كۈن پېتىشقا ئاز قالغاندىلا بالىلار ئۆيلىرىگە قايتىشىدۇ . بۇ قاراقۇرۇمدا تالاي ئەسىرلەر داۋامىدا ساقلىنىپ كەلگەن بالىلار ئويۇنىدۇر .
("ئاسىيا كىندىكى" گېزىتىدىن)