تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 2077|ئىنكاس: 32

تۇزلۇق قەھۋە (ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5402
تۆھپە
2346
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-11 15:53:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                     (ھېكايە)
                                            مۇستاپا مەئىمۇرجانوۋ (ئۆزبېكىستان)

     ئۇلار كۈنلەرنىڭ بىرىدە تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالدى. شۇ كۈنى كەچتە يىگىت قىزنى قەھۋە ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى. قىز بۇ ناتونۇش يىگىتنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشنى ياكى رەت قىلىشنى بىلمەي ئىككىلىنىپ قالدى – يۇ، ئەمما تەربىيە كۆرگەنلىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، يىگىت بىلەن بەش مىنۇت بىللە ئولتۇرۇشقا ماقۇل بولدى. ئۇلار كوچىنىڭ بۇلۇڭىدىكى قەھۋەخانىغا كىردى. يىگىت قىزنىڭ بۇ ئىلتىپاتىدىن شۇ قەدەر ھاياجانلاندىكى، ھەتتا قىزغا ‹‹رەھمەت!›› دېگەن سۆزنىمۇ ئېيتالمىدى. بۇ ھال قىزنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى. قىز ‹‹ئەمدى كېتەيمىكىن›› دەپ تۇرغاندا، يىگىتنىڭ تىلى زۇۋانغا كىرىپ مۇلازىمنى چاقىردى:

     – ماڭا ئازراق تۇز ئەكىلىپ بەرسىڭىز، – دېدى ئۇ مۇلازىمغا، – قەھۋەگە سالماقچى ئىدىم!

    قەھۋەخانىدىكىلەر يىگىتكە ھەيرانلىق بىلەن قارىدى.

    يىگىت مۇلازىم كەلتۈرگەن تۇزنى قەھۋەسىگە سالدى – دە، ئىچىشكە باشلىدى.

      – غەلىتە ئادىتىڭىز بار ئىكەن – !دېدى قىز ھەيرانلىقىنى يوشۇرالماي،  – قەھۋەگە تۇز سېلىپ ئىچكەن ئادەمنى ئۆمرۈمدە تۇنجى  كۆرۈشۈم.
يىگىت چۈشەندۈردى:

     – مەھەللىمىز دېڭىز بويىدا، كىچىكىمدە دائىم دېڭىزنىڭ تېيىز قىرغاقلىرىدا سۇغا چۆمۈلۈپ ئوينايتتىم. شۇ ۋەجىدىن دېڭىزنىڭ تۇزلۇق سۈيىگە كۆنۈپ قاپتىكەنمەن. شۇ تەم بىلەن چوڭ بولدۇم ھەم بۇ تەمنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. شۇڭا قەھۋەگە تۇز سېلىپ ئىچىمەن. ھەر قېتىم تۇزنىڭ تەمىنى تېتىسام، دېڭىز بويىدىكى غېرىبانە ئۆيىمىزنى، بىغۇبار بالىلىق چاغلىرىمنى، ئاتا – ئانام ۋە قېرىنداشلىرىمنى ئەسكە ئالىمەن. ئۇلارنى شۇ قەدەر سېغىندىمكى، بۇنى تىل بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن ئەمەس...

    قىز بۇنى ئاڭلاپ بەكمۇ تەسىرلەندى.

     قەلبىدىكى چىن تۇيغۇلىرىنى مۇشۇنداق سەمىمىي، راستچىللىق بىلەن ئىزھار قىلالىغان ئادەمدىن چوقۇم ۋاپا كېلىدۇ،  – دەپ ئويلىدى قىز، – يەنە كېلىپ، مۇشۇ ئاي، مۇشۇ كۈنلەردە يۇرتىغا، ئاتا – ئانىسىغا مېھرى بۇنداق چوڭقۇر يىگىتلەر كەم تېپىلىدۇ...

     ئەمدى قىزمۇ قورۇنماي پاراڭلىشىشقا باشلىدى. يۇرتىنىڭ، ئۆيىدىكىلىرىنىڭ گېپىنى قىلىپ بەردى... قىزىقارلىق، كۆڭۈللۈك پاراڭ خېلىغىچە داۋام قىلدى ۋە ئىككىيلەننىڭ قەلب رىشتى بىر – بىرىگە  باغلاندى.
شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇلار پات  – پات ئۇچرىشىپ تۇردى ۋە كۆپ ئۆتمەيلا نىكاھ رەسمىيىتىنى بېجىرىشتى.



    ئۇلار بىر – بىرىنى قەدىرلەپ، ھۆرمەتلەپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈردى. قاچانكى ئايالى ئېرىگە قەھۋە تەييارلىسا، بىر قوشۇق تۇز سېلىشنى ئۇنتۇمايتتى.

     40 يىلدىن كېيىن بوۋاي ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ سەكراتقا چۈشكەندە ‹‹مەن كۆز يۇمغاندىن كېيىن ئوقۇڭ›› دەپ ئايالىغا بىر پارچە خەت قالدۇردى، ئۇنىڭغا مۇنۇلار پۈتۈلگەنىدى.

     ‹‹...سۆيۈملۈكۈم، ئالدىڭىزدا گۇناھكارمەن! بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى بىر ئېغىز يالغان گەپ ئۈستىگە قۇرغانلىقىمىز ئۈچۈن مېنى كەچۈرۈڭ! ھاياتىمدا سىزگە <تۇزلۇق قەھۋە> ھەققىدە بىرلا قېتىم يالغان سۆزلىدىم.
تۇنجى ئۇچرىشىشىمىز ئېسىڭىزدە بولسا كېرەك، شۇ چاغدا تولىمۇ ھاياجانلانغىنىمدىن، ھودۇقۇپ كېتىپ <شېكەر> دەيمەن دەپ <تۇز> دەپ ساپتىمەن. كېيىن <ئالماشتۇرۇپ قويۇپتىمەن> دېيىشتىن ئۇيالدىم. شۇنىڭ بىلەن بۇ يالغانچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم. سىزگە بۇ ھەقتە بىر نەچچە قېتىم راست گەپ قىلىشقا ئۇرۇنغان بولساممۇ، بىراق ئىناق، بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا چاك كېتىشىدىن ئەنسىرىدىم... قىسقىسى، سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن بەك قورقتۇم...  شۇڭا كۆز يۇمۇشتىن ئاۋۋال سىزگە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىش قارارىغا كەلدىم.

     راستىنى ئېيتقاندا، مەن تۇزلۇق قەھۋەگە ئامراق ئەمەس. چۈنكى ئۇ ئىنتايىن قىرتاق، بەتتام. ئەمما، سىز بىلەن بىللە ياشاش مەن ئۈچۈن ئەڭ زور بەخت. شۇڭا ئىككىمىزگە مۇشۇ بەختنى ئاتا قىلغان تۇزلۇق قەھۋەگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ھەم ئۇنىڭغا مەڭگۈ قەرزدارمەن. ئەگەر ئىنسانغا قايتا تۇغۇلۇش نىسىپ بولسا، ھەممىنى باشتىن باشلاپ، سىز بىلەن قايتا تونۇشاتتىم ۋە ھاياتىمنىڭ ھەر بىر دەقىقىسىنى سىزدىن ئايرىلماي ئۆتكۈزەتتىم. بۇنىڭ بەدىلىگە يەنە بىر ئۆمۈر تۇزلۇق قەھۋە ئىچسەممۇ مەيلى ئىدى...››

    موماينىڭ كۆز ياشلىرى قەغەزنى ھۆل قىلىۋەتتى.

    كۈنلەرنىڭ بىرىدە موماي نەۋرىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا، ئۇلار ‹‹بوۋام ئىچكەن تۇزلۇق قەھۋە قانداق ئىدى؟›› دەپ سوراپ قالدى.

     موماينىڭ نۇرسىز كۆزلىرى ياشقا  تولدى.

   – ئىنتايىن... ئىنتايىن تەملىك ئىدى –!دەپ جاۋاب بەردى ئۇ ئېغىر ئۇھسىنىپ.


                                                          ئابدۇكېرىم ئىسمائىل بوزتېكىن تەرجىمىسى


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتىللايىغىشسەۋەبى
بىلگئەر + 1

ھەممە باھا نومۇرى : تىللا + 1  باھا خاتىرىسى

مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 2

تىللا
54
تۆھپە
36
UID
255
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 23:19:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىگەن تەسىرلىك، مانا بۇ دەقىقى مۇھەببەت.


Rank: 1

تىللا
7
تۆھپە
5
UID
453
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 23:38:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمىسى يامان ئەمەس چىقىپتۇ .


Rank: 1

ئىسىمى
مىسران
تىللا
46
تۆھپە
8
UID
555
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-3 17:52:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەتنى مۇشۇنداق قەدىرلىگەندىلام ، مۇھەببەتمۇ سىزنى ، مىنى قەدىرلەيدۇ .


Rank: 4

ئىسىمى
بىغەمزات
تىللا
223
تۆھپە
133
UID
388
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-4 18:26:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىزنىڭ دەرسلىك كىتابتىمۇ بار ئىدى(خەنزۇچە). خىلىلا تەسىرلىك ئەسەر..
ئەمما دەرسلىكتىكى تىكىستنىڭ بىشىدا قىز ناھايىتى داڭلىق چولپان دەپ ئىيتىلغان.
تىما ئىگىسىگە رەھمەت...


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1464
تۆھپە
908
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 00:45:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا ياخشى ئەسەر ئىكەن~! مەن بەكلا ياخشى كۆردۇم~!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1464
تۆھپە
908
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 00:46:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلبىدىكى چىن تۇيغۇلىرىنى مۇشۇنداق سەمىمىي، راستچىللىق بىلەن ئىزھار قىلالىغان ئادەمدىن چوقۇم ۋاپا كېلىدۇ.............. بۇ گەپىنىڭ ئاساسى يۇق دەپ ئويلايمەن~!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەقسەت ئوغلى
تىللا
514
تۆھپە
244
UID
1425
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 18:58:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۇدۇقۇشتىن كىلىپ چىققان خاتالىق بىلەن يالغان گەپ قىلىشقا مەجبۇر بۇلۇپ، بىر ئۆمۈر تۇزلۇق قەھۋە ئىچكىنىنى كۆرمەمدىغان. خاتالىقنى تۈزۈتىشنى بىلمەيدىغان!


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
شاتۇت
تىللا
198
تۆھپە
60
UID
3220
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 12:39:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ تەسىرلەندىم ،


Rank: 4

تىللا
340
تۆھپە
56
UID
2748
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 13:22:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇئەسەر بەك ياخشى يىزىلىپتۇ، مەن بەك تەسىرلەندىم ،رەخمەت سىزگە، قولىڭزغا دەت كەلمىسۇن، داۋاملىق مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرارسىز....


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-4-14 16:14, Processed in 0.079663 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991