تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 18938|ئىنكاس: 6

لۇ شۈن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا قانداق مۇئامىلە قىلغان؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5780
تۆھپە
2639
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 19:56:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەكبەر قادىر


    نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ پارىڭى بولسىلا، كىشىلەر دائىم جۇڭگودىن بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈدەك بىرەر ئەدىبنىڭ چىقمايۋاتقانلىقىنى، ئىلگىرى لۇشۈننىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەنلىكىنى، لېكىن ئۇنىڭ بۇ مۇكاپاتنى ئالمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشىدۇ. ئۇنداقتا، ھەقىقىي ئەھۋال زادى قانداق؟
    مەلۇمكى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى دۇنياۋى خاراكتېرلىك ئەڭ كاتتا مۇكاپات. نوبېل ۋاپات بولۇشتىن بىر يىل ئىلگىرى، يەنى 1895 – يىلى ۋەسىيەتنامە يېزىپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي كەشپىيات جەريانىدا يىغقان پۇللىرىدىن بىر قىسمىنى تۇغقانلىرىغا بۆلۈپ بېرىشنى، قالغان زور قىسمىنى ئىقتىسادنى بىلىدىغانلار ياكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، مەبلەغ سېلىشتىن كىرگەن كىرىمنى مۇكاپات قىلىپ تارقىتىشنى ئېيتقان. ۋەسىيەتنامىگە ئاساسەن، مۇكاپاتقا ئاجرىتىلغان پۇل 31 مىليون شىۋېتسىيە كىرونى ( ھازىر تەخمىنەن 1 مىليارد 630 مىليون شىۋېتسىيە كىرونىغا تەڭ) بولغان. 1896 – يىلى نوبېل ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شۇ پۇلنىڭ كىرىمى مۇكاپات قىلىنىپ، 1901 – يىلىدىن باشلاپ نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
    نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلىۋاتقان 100 يىلدىن ئوشۇق ۋاقىتتا بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر ئىچىدە مۇكاپاتنى ئىككى ئەدىب قوبۇل قىلمىغان. بىرى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى پاستىرناك. پاستىرناك 1958 – يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە مۇكاپاتنى ئېلىشنى رەت قىلمىغان. ئەمما، شىۋېتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە بېرىپ مۇكاپاتنى ئالمىغان. يەنە بىرى، فىرانسىيەلىك سارترى. ئۇ 1964 – يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە، بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشنى رەت قىلغان.
    بۇ ئىككى ئەدىبكە سېلىشتۇرغاندا، لۇشۈننىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى باشقىچە. لۇشۈن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئىقتىدار ھەم نەتىجە ئاساسىدىلا ئېرىشكىلى بولىدىغان مۇكاپات دەپ قاراپ، ئۆزىنى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشتىن تېخى يىراق دەپ قارىغان. شۇڭا لۇشۈننىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىش جەريانى كەمتەرلىك ھەم كىچىك پېئىللىقنى چىقىش قىلغان پوزىتسىيە بىلەن ئاخىرلاشقان.
    شىۋېتسىيەلىك ئېكسپىدىتسىيەچى سىۋېن ھېدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئېلىمىزدە كۆپ قېتىم ئېكسپىدىتسىيەلىك تەكشۈرۈشتە بولغان . 1927 – يىلى سىۋېن ھېدىن گېرمانىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بېرلىن – بېيجىڭ – شاڭخەي لىنىيەسىنى ئېچىشقا تەييارلىق قىلىش ھاۋالىسىگە ئاساسەن، بېيجىڭغا مېڭىش ئالدىدا شىۋېتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەن. شىۋېتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكىلەر سىۋېن ھېدىنغا جۇڭگوغا بارغاندىن كېيىن، جۇڭگو يازغۇچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆزلىرىگە مۇنەۋۋەر يازغۇچىلاردىن بىر – نەچچىنى تونۇشتۇرۇشنى ئېيتقان. سىۋېن ھېدىن بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىن، فىرانسىيىدە ئوقۇغان ئاتاقلىق يازغۇچى، شۇنداقلا ئىلگىرى ‹‹يېڭى ياشلار›› ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى بولغان ليۇ بەننۇڭ ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەن. ليۇ بەننۇڭ ئەپەندى سىۋېن ھېدىنغا لياڭ چىچاۋ بىلەن لۇشۈننى تونۇشتۇرغان ھەم بۇ ئىشنى لۇشۈننىڭ ئوقۇغۇچىسى تەي جىڭنۇڭغا ئېيتىپ، لۇشۈنگە ئۇقتۇرۇشنى ھاۋالە قىلغان. تەي جىڭنۇڭ شاڭخەيدە تۇرۇۋاتقان لۇشۈنگە خەت يازغان. لۇشۈن جاۋاب خەت يېزىپ: ‹‹نوبېل مۇكاپاتى بەك كاتتا مۇكاپات، بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشقا لياڭ چىچاۋمۇ، مەنمۇ ھازىرچە لايىق كەلمەيمىز. بۇ مۇكاپاتنى ئېلىش ئۈچۈن يەنە كۆپ تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ. مېنىڭچە، ھازىرچە ئۇلار بىزنى ئويلاشماي تۇرسۇن›› دېگەن. لۇشۈننىڭ سۆزىدىن ئۇنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئېلىشنى رەت قىلمىغانلىقىنى بىلەلەيمىز.
    دېمەك، لۇشۈننىڭ جاۋاب خېتىنى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداشتىكى ئاكتىپ پوزىتسىيە دېيىشكىمۇ بولىدۇ. نوبېل مۇكاپاتى سالاھىيەتكە قاراپ ئەمەس، ئىلمىي ئىقتىدار ھەم ئىلمىي نەتىجىگە قاراپ بېرىلىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر دۆلەت ياكى رايونلار بويىچە سان تەقسىملىنىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى نامزات كۆرسىتىش، سېلىشتۇرۇپ تاللاش يولى بىلەن باھالاپ چىقىلىدۇ. لۇشۈن ئۆز پوزىتسىيەسى بىلەن بۇ نۇقتىنى ئېنىق گەۋدىلەندۈرگەن. شۇنداقلا، سالاھىيەتكە تايىنىپ مۇكاپات ئېلىشنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1065
تۆھپە
687
UID
4983

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 18:37:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدىبلەرگە خاس كەڭقورساقلىق ۋە سەمىمى كەمتەرلىك .


Rank: 6Rank: 6

تىللا
948
تۆھپە
634
UID
893
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 04:01:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇچاغدا لۇشۇندىمۇ راستىنى ئىيتىقاندا ئۆزىنى كەم چاغلاش بار ئىدى. (شەخسىي قارىشىم)


بۈگۈن ئۈگەنمىسىڭىز ئەتە ئۆتمۇش ئىچىدە ياشايسىز!

Rank: 6Rank: 6

تىللا
405
تۆھپە
225
UID
1698
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 10:49:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇچاغدا لۇشۇندىمۇ راستىنى ئىيتىقاندا ئۆزىنى كەم چاغلاش بار ئىدى.
توغرا دەيسىز، ئۇنىڭ بىر بۆلۈك ھېكايىلىرىدىمۇ سىزنىڭ كۆزقارشىڭىزنىڭ ئىپادىسى رۇشەن كۈرۈلىدۇ...


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئادىلجان
تىللا
132
تۆھپە
93
UID
9929
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 16:53:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمىلىيەتتە لۇشۈننى قەلىمى كۈچلۈك بولغان ، تەپەككۇرى چۇڭقۇر بولغان يازغۇچى دىسەكمۇ بۇلىدۇ . مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا لۇشۈن نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرشىشكە لايىق ئىدى . ئەمما بىر ئەدىپ ئۈزنىڭ كۆز قارشى بىلەن بۇنداق چوڭ بىر ئۇتۇق نەتىجىنى قۇبۇل قىلمىغان. بۇ ئەدىبلەرگە خاس كەڭ قۇرساقلىق ................رەھمەت تىمىڭىزغا كۆپ نەرسىلەرنى بۈلۈۋالدۇق . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دۇلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-8 16:53  



Rank: 8Rank: 8

تىللا
869
تۆھپە
760
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ بىر تالاتلىق يازغۇچى بولسىمۇ.كەڭقورساقلىغى ھەم.سەمىمى كەمتەرلىك.ھەم ئۇزنى تۇۋەن تۇتۇش .
دىن ئىبارەت بۇ نۇقتا ئەسەرلىردە ئىپادىلىنىپ تۇردۇ.رەىمەت.ھارمىغايسىز.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-7-24 14:59, Processed in 0.076345 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991