مەن بىر خەلق ساقچىسى
ئەسكەرتىش: بۇ تېما مېنىڭ تۇرمۇشۇمدا يۈز بەرگەن ھەقىقىي ئىشلارغا ئاساسەن يېزىلدى، شۇڭا بۇ تېمىنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە يوللىماسلىقىڭلارنى سورايمەن.
ئايال: ئېرىم، تاماق يەۋېلىپ ئاندىن ئۇخلاڭ.
ئەر: مەن ساڭا دېدىمغۇ مەن تۈنۈگۈن ئاخشام ئۇخلىمىدىم، ئاران بىر ئۇخلىغاندا نېمىشقا مېنى ئويغىتىۋېتىسەن؟!!!
ئايال: خاپا بولماڭ، مەن سىزنىڭ تاماقنى ۋاقتىدا يېمەي ئاشقازان كېسىلىڭىزنىڭ قوزغىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ...
ئەر: بولىدۇ، ئۇنداق بولسا تاماقنى ئۇسۇپ بەرگىن.
ئايال ئاشخانىغا كىرىپ تاماقنى ئۇسۇپ چىقتى، لېكىن ئەر كىرىسلودا ئولتۇرۇپ خورەك تارتىپ ئۇخلاپ كەتكەن ئىدى، ئايالنىڭ ئەرنى ئويغاتقۇسى كەلمىدى، چۈنكى ئەر ئۇخلىمىغىلى بىر نەچچە كۈن بولغان ئىدى. ئايال ئېرىگە قاراپ ئىختىيارسىز كۆزلىرىگە ياش ئالدى.
تەخمىنەن ئىككى - ئۈچ سائەتلەردىن كېيىن ئەرنىڭ تېلېفونى سايرىدى، ئىدارە رەھبەرلىرىدىن كەلگەن تېلېفون ئىدى، ئىدارە رەھبەرلىرى ئەرگە ئىدارىگە بېشىنى ئېيتتى. ئەر ئالدىراپ - سالدىراپ كىيىملىرىنى كىيىپ يەنە ئىدارىگە ماڭدى.
ئايال: تاماق يەۋېلىپ مېڭىڭ، تامىقىڭىزنى ئۇسۇپ قويغان ئىدىم.
ئەر: ئۈلگۈرەلمەيمەن، بولدى يېمەي.
شۇنداق قىلىپ ئەر ئىدارىگە كەتتى.
ئايال ھامىلىدار بولۇپ قالدى، يەڭگىيدىغىنىغا ئاز قالغان ئىدى.
ئايال: مېنىڭ يەڭگىيدىغىنىمغا ئاز قالدى، سىز كېچىسى ئىدارىدە دىجورنى تۇرسىڭىز، مەن تۇغۇپ قالسام قانداق قىلىمەن؟
ئەر: خوتۇن، خىزمىتىمىزنىڭ خاراكتېرىنى سەنمۇ بىلىسەن، مەن ئۆيدە يوق چاغلاردا سەن ئاپاڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۇرغىن.
ئەر دىجورنى تۇرۇۋاتقان ئىدى، ئايالنىڭ ياشىنىپ قالغان ئاتا - ئانىسىنى ئاۋارە قىلغۇسى كەلمىدى، ئۆزى يالغۇز ئۆيدە ياتقان ئىدى، ئۇنىڭ تولغىقى تۇتۇپ كەتتى، ئۇ ئاران تەسلىكتە تېلېفوننى ئېلىپ ئەرگە تېلېفون قىلدى، ئەر رۇخسەت سوراپ ئۆيگە كېلىپ ئايالنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى، ئەتىسى چۈشتىن كېيىن ئايال بىر قىز تۇغدى، ئەر دادا بولدى، ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ ئېغىرلىدى.
ئەر - ئايال ئۆي كۆچمەكچى بولدى، بىراق ئەر ئۈچ ئايلىق تەربىيەلەشتە ئىدى، ئايال ئۆي كۆچۈش شىركىتىنى ياللاپ ئۆزى يالغۇز ئۆينى كۆچتى. ئەر ئۈچ ئايلىق تەربىيەلەشنى تاماملاپ قايتىپ كەلدى. ئايال ئىككى ياشقا كىرگەن قىزىنى ئېلىپ پويىز ئىستانسىسىغا ئەرنىڭ ئالدىغا چىقتى. ئەر قىزىنى كۆرۈپ ئايالىنىڭ قولىدىن قىزىنى ئالماقچى بولدى، بىراق قىز يىغلاپ كەتتى.
ئايال: قىزىم، بۇ سىزنىڭ دادىڭىز، سىز دادىڭىزغا شۇنداق ئامراق ئىدىڭىزغۇ، بۇرۇن ئۆيدىكى چاغدا مەن بىلەنمۇ كارىڭىز بولماي، دادىڭىز بىلەن بىرگە ئوينايتىڭىز!!!
ئەرنىڭ يۈرىكى ئاچچىق بولۇپ قالدى، دادا قىزىغا: «قىزىم مەن دادىڭىز، مېنى كەچۈرۈڭ» دەپ قىزىنى مەھكەم باغرىغا باستى.
قىز دادىسىغا تېلېفون قىلدى: دادا، قاچاق قايتىپ كېلىسىز، سىزنى كۆرگۈم كەلدى.
دادا: قىزىم، مەن بىر ئازدىن كېيىن بارىمەن.
قىز: ئۇنداقتا كەلگەندە مېنى ئويناتقىلى ئاپىرىڭ بولامدۇ؟
دادا: بولىدۇ، چۇقۇم ئويناتقىلى ئاپىرىمەن.
دادا ئىشتىن چۈشەلمىدى، چۈنكى يەنە بىر نەچچە جىنايەت گۇماندارلىرىنى بىر تەرەپ قىلمىسا بولمايتتى.
ئايال تېلېفون قىلدى:‹‹ قىزىمىز دادامنى كۆرىمەن، دادام مېنى ئويناتقىلى ئاپارسۇن،›› دەپ جېدەل قىلىپ كېتىپ بارىدۇ››
ئەر: كەچۈرۈڭ خوتۇن، مەن بىر تەرەپ قىلىدىغان بىر نەچچە جىنايەت گۇماندارلىرى بار، بۈگۈن ئاخشام ئۆيگىمۇ بارالمايمەن، سىز بالىنى بەزلەپ تۇرۇڭ، مەن باشقا كۈنى ئونى ئويناتقىلى ئاپىراي.
ئايال: بولىدۇ، سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ.
ئەر كېچىچە ئۇخلىمىدى، ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاندىن جىنايەت گۇماندارلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولدى. كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ قىزى ئامراق يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ ئۆيگە كەلدى، لېكىن قىزى دادىسىغا قاراپمۇ قويمىدى.
دادا: قىزىم، مەن قايتىپ كەلدىم. ماڭا قاراپمۇ قويمايسىزغۇ، قاراڭ، سىز ئامراق شاكىلات ۋە مېۋە قىيامىنى ئېلىپ كەلدىم.
دادا قىزنى باغرىغا باسماقچى بولدى، لېكىن قىز ئانىسىنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، داداسىغا قاراپمۇ قويمىدى، دادىنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم ئىدى.
ئەر بىرنەچچە جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇپ كېچىچە ئۆيگىمۇ قايتالمىدى، قىزى قىزىپ قالغان ئىدى، قىزىتمىسى 39 گىرادۇسقا چىقتى، ئايال ئەرگە تېلېفون قىلدى.
ئايال: قىزىمىز ئاغرىپ قالدى، قىزىپ تۇرىدۇ، قىزىمىزنى دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى.
ئەر: بىز بىر نەچچە جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتقان ئىدۇق، ھازىر بارالمايمەن، سەن قىزىمىزغا دورا بېرىپ قىزىتما چاپلىمىسى چاپلاپ قاراپ باققىن بولامدۇ.
ئايال: سىز مېنى دورا بەرمىدى دەمسىز، پايدىسى بولمىدى، سىز دادىمۇ ئەمەسمۇ، تېزرەك قايتىپ كېلىڭ، مەن ئۆزۈم يالغۇز بالىنى قانداق دوختۇرخانىغا ئاپىرىمەن؟
ئايال تېلېفوننى قۇيۇۋەتتى، ئەرنىڭ يۈرىكى ئاچچىق بولۇپ قالدى، ئاخىرى ئەھۋالنى رەھبەرگە ئېيتتى، رەھبەر جىنايەت گۇماندارىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئەرگە بالىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ كۆرسىتىپ بولۇپلا قايتىپ كېلىشكە رۇخسەت بەردى. ئەر ئۆيگە قايتىپ ئايالى بىلەن بىرگە قىزىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى، دوختۇر قىزنى كۆرۈپ بالىنىڭ ئۆپكە ياللۇغى بولۇپ قالغانلىقىنى دوختۇرخانىدا ياتمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. قىز دوختۇرخانىدا ياتتى، بىراق دادا يەنە ئىدارىگە قايتىپ بېرىپ جىنايەت گۇماندارلىرىنى بىرتەرەپ قىلمىسا بولمايتتى. ئىدارىدىنمۇ ئۇنى بىرنەچچە قېتىم قايتىپ كېلىشكە ئالدىراتقان ئىدى. ئايال ئېرىنى چۈشىنىپ، ئېرىنىڭ ئىدارىگە بېرىشىگە قوشۇلدى. بىراق ئايالنىڭ ھەرگىزمۇ ئېرىنى كەتكۈزگىسى يوق ئىدى.
ھېيت كەلدى، بىراق ئەر تەييارلىق ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ئىدى. ئەرنىڭ داداسى تېلېفون قىلدى: ئوغلۇم ھېيت بولسىمۇ ئۆيگە بىزنى كۆرگىلى كەلمەمسەن؟
ئەر: كەچۈرۈڭ دادا، مەن ئىدارىدە تەييارلىق ھالەتتە تۇرۇۋاتقان، بېكار بولسام چوقۇم بارىمەن.
دادا: سەن مېنىڭ ئوغلۇممۇ ئەمەسمۇ؟
ئەر: دادا، مەن سىزنىڭ ئوغلىڭىزغۇ، نېمىشقا بۇنداق سورايسىز؟
دادا: ياق، سەن ج خ ئىدارىسىنىڭ بالىسى.
دادا چاقچاق قىلىپ ئېيتتىمۇ ۋە ياكى كۆڭلىدىكى گەپنى قىلدىمۇ، بىراق ئەرنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولدى.
بىر ئائىلىلىكنىڭ تۇرمۇشى شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى، ئەرنىڭ بېسىمى تېخىمۇ ئاشتى، كەم سۆز، مىجەزى چۇسلىشىپ كەتتى، ئاسانلا ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالدى، بىر نەچچە قېتىم دوختۇرخانىدا ياتقانمۇ بولدى، ئۆيدە ئۇرۇش - جېدەل ئۈزۈلمەيدىغان بولۇپ قالدى. ئىلگىرى ئۇچۇق مىجەز، خۇش پېئىل، ئائىلىسىگە ئىنتايىن كۆيۈنىدىغان ئەر پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن ئىدى. ئايال ئەرنىڭ بۇنداق ئۆتىۋېرىشىگە چىدىيالمىدى، گەرچە ئەرنىڭ بۇنداق جاپا تارتىپ ئىشلىشى ئائىلىسى ئۈچۈن بولسىمۇ، لېكىن ئايال ئېرىنىڭ روھى جەھەتتىن تۈگىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتى، چۈنكى ئايال ئېرىگە مۇھتاج، قىز دادىسىغا مۇھتاج ئىدى. ئايال ئەرگە بىر نەچچە قېتىم خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىشنى ئېيتتى. ئەرمۇ ئۆزىنىڭ باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدى. بىراق ئۇ بۇ خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىشنى خالىمايتتى. چۈنكى ئەر ئۆز كەسپىنى ياخشى كۆرەتتى، يەنە بىر تەرەپتىن خىزمەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن بېسىمىنىڭ تېخىمۇ ئېشىپ كېتىپ بەرداشلىق بېرەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەيتتى. ئەر داۋاملىق خىزمەت قىلىشنى تاللىدى، خىزمەتتە ئۇ بىر ياراملىق ساقچى ئىدى،گەرچە ئائىلىسىدە نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەرگەن بولسىمۇ ئۇ ئەزەلدىن ئائىلىسىدىكى كەيپىياتىنى خىزمەت ئورنىغا ئېلىپ كەلمەيتتى.
بىراق ئەر ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ قالدى، ئايال بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئېرىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلدى، ئۇلار ئاجرىشىپ كەتتى، ئەر تۇنجى قېتىم كۆز يېشى قىلدى، ئەر تۇنجى قېتىم ۋە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆيدىكىلىرىنى ئېلىپ چىقىپ دالا تامىقى يېدى. ئەر پەقەت ئۆز كىيىملىرىنىلا ئېلىپ ئۆيدىن ئايرىلدى.
ئىدارىدىن تەييارلىق ھالەتتە تۇرۇش ئۇقتۇرۇشى چۈشتى، ئەرگە نىسبەتەن ئەمدى تەييارلىق ھالەتتە تۇرۇش بەرىبىر ئىدى، چۈنكى ئەرنىڭ قايتقۇدەك ئۆيىمۇ قالمىدى، بىراق ئەر خىزمەت ئورنىدا داۋاملىق جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىپ خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكى بىخەتەرلىكىنى قوغداۋاتاتتى، بىراق ئەرنىڭ يۈرىكى ئۆلدى، ئەر پەقەت بىر كۈنى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلاتتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-6 11:10