تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 20247|ئىنكاس: 12

ئۆي باھاسى نېمىشقا ئۆرە بولىدۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
13
تۆھپە
7
UID
20513
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 15:14:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۆي باھاسى نېمىشقا ئۆرە بولىدۇ ؟


ئابدۇۋەلى مەخپۇللا


res03_attpic_brief.jpg


       بەزى كىشىلەردە ئۈرۈمچىدىكى ئۆي باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى سىرتتىن كېلىپ ئۆي سېتىۋالغانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان، دېگەن قاراش بار. بۇ قاراش توغرا ئەمەس، شۇنداقلا ئەمەلىيەتكىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بىرىنچىدىن، ۋىلايەت، ناھىيىلەردىن كەلگەنلەرمۇ ھەرگىز باھاسى قىممەت ئۆي سېتىۋېلىشنى خالىمايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆي – زېمىن تەرەققىيات سۈرئىتىگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئۆي ئىستېمال بازىرىنى ھاسىل قىلىش دائىرىسى ۋە كۈچى ناھايىتى چەكلىك. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يېقىنقى يىللاردا يولغا قويۇلغان ئۆي قەرز پۇل سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە ئاندىن ئۆي سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان. ئۇنداقتا ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرە بولۇشىنى نېمە كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن كىشىلەر نورمال كىرىمىگە تايىنىپ ئۆي سېتىۋېلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىيالمايدۇ؟
       ئۆي باھاسىنىڭ كىشىلەرنىڭ كىرىم سەۋىيەسىدىن زور دەرىجىدە يۇقىرى بولۇشىنى نۇرغۇن گىرەلەشمە ئامىل بەلگىلىگەن. بۇ ئامىللارنىڭ ئىچىدە، ئاساسلىقى، ئۆي – زېمىن كەسىپ تەننەرخىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرە بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسلىق سەۋەبتۇر. ئادەتتە، يەر سېتىۋېلىپ بىنا سالىدىغان كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى شەكىللەندۈرىدۇ، سېلىنىپ بولغان ئۆيلەرنى ياكى كونا ئۆيلەرنى بازارغا سالىدىغان كارخانىلار سېتىش تەننەرخىنى شەكىللەندۈرىدۇ. مۇشۇ ئىككى جەھەتتىكى تەننەرخنىڭ ئىزچىل يۇقىرى بولۇشى ئۆي باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۆي – زېمىن كەسپى پايدىسى زور كەسىپ بولغاچقا، ئېلىمىزدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بايلارنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ كەسىپ بىلەن بېيىغان. شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۆي – زېمىن كەسپى مەبلەغ ئەڭ زور جۇغلىنىدىغان ساھەنىڭ بىرىگە ئايلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆي – زېمىن كارخانىلىرى بانكىدىن ئالغان قەرز پۇل ۋە ئاكسىيە بازىرىدىن ئۆي – زېمىن بازىرىغا كىرگەن مەبلەغ ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىر كۆپ قىسىم تەرەققىي قىلغان جايلاردا يەر ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن كىرىدىغان كىرىم ۋە ئۆي – زېمىن سودىسىدىن كىرىدىغان باج كىرىمى جايلارنىڭ ئىقتىسادىدىكى ئاساسىي مەنبەگە ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ۋە تەرەققىي قىلغان رايونلاردا ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرە بولۇشى تەبىئىي ھالدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. شۇڭلاشقا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئىزچىل ھالدا ئۆينىڭ باھاسىنى كونترول قىلىشقا ئالاقىدار سىياسەت، چارە – تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ كەلدى.
      ئۆي – زېمىن ساھەسى ھەرقايسى كەسىپ ساھەلىرى ئىچىدە باھا مەسىلىسى ناھايىتى نازۇك بىر ساھە بولۇپ، ئۇ باشقا ساھەلەرنىڭ باھا ئۆرلەپ – چۈشۈپ تۇرىدىغان ئەھۋالى بىلەن ئوخشاشمايدۇ. ئادەتتە، ئۆينىڭ باھاسى مەلۇم سەۋىيەگە يېتىۋالغاندىن كېيىن چۈشمىكى تەسكە توختايدۇ. پەۋقۇلئاددە ئەھۋالدا ياكى ئىقتىسادتا زور چېكىنىش ياكى تەڭشىلىش بولمىسا، ئۆينىڭ باھاسىدا تۆۋەنلەش ھالىتى ئاسانلىقچە كۆرۈلمەيدۇ، باھانىڭ مەلۇم دائىرىدە تىزگىنلىنىپ تۇرۇشى ياكى ئېشىش سۈرئىتىنى كونترول قىلىشقا بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئۆينىڭ باھاسىنى كىشىلەر قوبۇل قىلالايدىغان دائىرىدە مۇۋاپىق كونترول قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ماكرولۇق سىياسەتكە ئايلانغان. ئۆي باھاسىنىڭ شەكىللىنىشىدە نورمال ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ۋە ئۆي ئىستېمالىنىڭ غىدىقلىشىدىن باشقا، ئۆي – زېمىن كەسىپ ساھەسىدىكى كارخانىلارنىڭ پايدا نىسبىتى ئالدىدا ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈۋېلىشىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۆي – زېمىن كەسپىدە مەبلەغ كۆپ، پايدا زور بولغاچقا، نۇرغۇن ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش ھالقىسىدىكى كارخانىلار مەنپەئەت بىردەكلىكىنى ھاسىل قىلىپ، بازار مۇھىتىدا ئۆي باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى بەلگىلەيدىغان بىريۈرۈش جەمئىيەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن ھەم جەمئىيەتنىڭ تەرەپ – تەرەپلىرىگە چېتىلىدىغان مەنپەئەت زەنجىرىنى ھاسىل قىلغان. بۇنداق كەسىپ تۈزۈلمىسى تاۋار باھاسىنىڭ تەلەپ، تەمىنلەشكە ۋە نورمال بازار مېخانىزىمىغا تايىنىپ ھاسىل بولىدىغان قانۇنىيىتىگە تازا ماس كەلمەيدۇ. ئۆي مەسىلىسى كىشىلىك تۇرمۇشتا ۋە ئائىلىلەرنىڭ ئىستېمال چىقىمىدا زور سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ باھاسىنى مۇۋاپىق دائىرىدە تىزگىنلەش خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىش ۋە شەھەر – يېزىلارنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا ئىمكان بار ھەرقايسى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى كىشىلەرنىڭ ياكى ئائىلىلەرنىڭ ئۆز شارائىتىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئولتۇراق ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىش، ئۆي – زېمىن كەسپىنىڭ ساغلام ۋە نورمال تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئالاقىدار سىياسەتلەرنىڭ ۋە شۇ سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلغۇچى ئاپپاراتلارنىڭ مۇھىم خىزمەت نىشانىدۇر.

(ئاپتور: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
396
تۆھپە
245
UID
2954
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 18:00:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆي باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ياخشى ئىش ئەمەس

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
487
تۆھپە
233
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 19:39:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىقىنقى بىر مەزگىلدە ئۆي باھاسىنىڭ يۇقىرى بۇلىشى بازاردىكى باشقا كەسىپ ئۇبرۇتىغا پاسسىپ تەسىر كۇرسىتىپ كەلدى. مەن يېقىندا خىزمەت زىيارىتى بىلەن ئاستانىگە بارغان ئىدىم ئىككى ئىش مىنى ھەيران قالدۇردى:
1-  ئاستانە پۇخرالىرىنىڭ كىيىم-كىچەكلىرىنىڭ بەك ئاددىلىغى.
2-ئۆي باھاسىنىڭ ناھايىتى قىممەتلىگى.
دىمەك ئۆي باھاسىنىڭ يۇقۇرى بۇلىشى كىشىلەرنى ئاددى ياشاشقا مەجبۇرلاپتۇ، بەزى كىشىلەر بىر ئۇمۇر ئۆي قەرزى ئۈچۈنلا ئىشلەيدىكەن.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
1041
تۆھپە
708
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-11 00:33:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۇشەنمەيدىغان تېما ئىكەن.چۈنكى بىزگە ئوخشاش نامراتلاردا بۇنى چۈشەنگۈدەك كاللا يوقتە

Rank: 8Rank: 8

تىللا
869
تۆھپە
760
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-11 08:48:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈي باھاسىنىڭ يىلدىن يىلغا ئۈرىشىدە چوقوم بىر يوشرون مەسىلىلەر بار.؟چۇنكى ھازىرقى بۇ كىرىم بىلەن.بىر ئۈي ىسىتۋالماق بەكلا تەسكە توختايدۇ.بەقەت نورمال كىرىملىك ئاھالىلەر.بۇنداق ئۈينى سىتۋالمىغى بەسى مۇشكۇل.مەنچە بۇتۇرنى ئىسلاھ قىلىش ئىلىپ بارسا بولغۇداك.بولوپمۇ .قولدىن قولغا ئۈتكىزىپ.ئىشقىلدىغان.
ياكى ھارام پايدا ئالدىغان.ئاخىرىداھەم كىچىك ھەم ساپاسى تۈۋەن ئۈي مۈلۇك سودىئگەرلەرنىڭ قولغا ئۈتۇپ.
قۇرلۇش سۇپىتى ناچار لىكىن سىتلىش تەنەرقى يۇقرى بولغان.نىمكەش ئۇيلەرگە ئايلىنىپ.قالماقتا.  بولسا
دۈلىتىمىز باشقا دۇۋلەتلارنىڭ بۇخىل كەسىپنىڭ قانداق راۋاجلاندۇرۇش ۋە باشقۇرۇش.جەھەتلىردىن ئۈرنەك.ئالسا بولغىدەك.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سابىرجان سىيىت
تىللا
729
تۆھپە
450
UID
3338
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-11 09:28:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم نىمىگە ئىھتىاجلىق بۇلسا شۇنىڭ باھاسى ئەلۋەتتە ئادەمنىڭ دىقىتىنى تارتىدۇ

Rank: 8Rank: 8

تىللا
3432
تۆھپە
1079
UID
489

ئاۋانگارت ئەزاتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-11 16:46:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۇنى شاڭخەيدىن كەلگەن بىر خەنزۇ يولداش بىلەن پارڭلىشىپ قالدىم، ئۇنىڭ دىيشچە، شاڭخەيدىن 100 كۆۋادىرات مېتىر كىلدىغان ئۆيدىن بىرنى سېتىۋالدىغان پۇلغا، ئۇرۇمچىدىن ئوخشاش كۆلەمدىكى 100 كۆۋادىرات كىلىدىغان ئۆيدىن  5 يۇرۇشتىن 7 يۇرۇشكىچە، غۇلجا شەھىرىدىن بولسا، 8 يۇرۇشتىن 10 يۇرۇشقىچە، بىزنىڭ ناھىيدىن بولسا، 10 يۇرۇشتىن 15 يۇرۇشكىچە سىېتىۋالىغىلى بولىدىكەن. (بۇ 2010- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى پاراڭ). تۈركۈملەپ سېلىنىۋاتقان ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ سېتىشنى باشلىغان كۇنىلا، نەچچە سائەت ئىچىدىلا بىرسىمۇ قالماسلىقى، ( بەزى ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ يەر ئىلىنىپ، قۇرۇلۇش تىخى باشلانماي، ئەمما ئالدىن سېتىش ئىجازەتنامسى چىقىپ سېتىلىغان ئۆيلەر شۇنداق تېز سېتىلىپ تۇگەۋاتىدۇ). شىنجاڭدا ئاپەت خاراكتىرىلىك ئۆي كىرىزىسىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بۇ مىنىڭچە ياخشى ئىش ئەمەس.

Rank: 4

تىللا
232
تۆھپە
151
UID
9404
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-11 18:08:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شۇنداق بىر ئۆي ئۈچۈن بىر ئۆمۇر ئشلەيدىغانلارنىڭ بىرسى ،ۋايجان ،قاچانمۇ تۈگەر بۇ دەرىت

Rank: 1

تىللا
23
تۆھپە
7
UID
10230
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 14:12:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆي باھاسىنىڭ چۈشىشى مۇمكىن ئەمەس( مەزكۇر يازمىدىكى ئالاھىدە ئەھۋالدىن باشقا) ئەكىسچە داۋاملىق ئۆسىدۇ، لىكىن يېقىنقى ئىككى يىل مابەيدىنىدىكى ئۈسۈش سۈرئىتىدىن پەرىقىلىق بولىدۇ. دىمەك ئۆي ئۆسىدۇ، لىكىن ئۈسۈش سۈرئىتى ئالدىنقى يىللادىن ئاستا بولىدۇ.

Rank: 1

تىللا
9
تۆھپە
3
UID
18372
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئائىلىدە ئەر ئايالدىن بىرسى خىزمەت قىلىپ ،ئۆي سېتېۋېلىش ھازىر مۇشۇ خىلدىكلى كىشلەر توپىنىڭ ئەڭ چوڭ باش قىتىمچىلىقى بولماقتا ،بومۇ مۇشۇ جەميىتىمىزدە ئويلىشىشقا،ياردەم بىرىشكە ،غەمخورلىق قىلىشقا بۇلىدىغان  كىشلەر دەپ قارايمەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-7-24 14:38, Processed in 0.082663 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991