كۆرۈش: 19635|ئىنكاس: 22

پۇلى يوق ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت… [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
312
تۆھپە
157
UID
3123
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 15:45:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پۇلى يوق ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت…


    يېقىندا بېيجىڭدىكى مېترودا يانمۇ يان ئولتۇرغان ئىشلەمچى ئاشىق مەشۇقلار گەپ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قاپتۇ، ئايال ئەرنى توختىماي ئەيىبلەپتۇ، ئۇ گۆشۋاشنىڭ بىرەر ئىشتا تىلى تۇتۇق بولسا كېرەك، گۈشىيىپ قاراپ ئولتۇرىۋېرىپتۇ، غەزىۋى كەلگەن ئايال توساتتىن ئەتراپتىكىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر گەپنى قىلىپتۇ: پۇلى يوق ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت!
بۇ گەپنى كىمدۇر بىرى تورغا چىقىرىپ مۇنازىرىگە ساپتۇ، بەزىلىرى ئۇ ئايالنى نومۇسسىز، پۇلدىن باشقىنى تونۇمايدىغان ھايۋان دېسە، بەزىلىرى، ئۇ ئايالنىڭ دېگىنىمۇ توغرا، پۇل تاپالمىغان ئەرنىمۇ ئەر دېگىلى بولامدۇ، ئۆيى يوق، ماشىنىسى يوق ئەرنى ھازىر ھېچكىم ياراتمايدۇ، زادى قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن پۇل تېپىش كېرەك دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپتۇ. قاراپ باقسام، ئۇ ئايالنى نومۇسسىز دېگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەرلەر، پۇلى يوق ئەرنى ھېچكىم ياراتمايدۇ دېگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئايالدەك قىلىدۇ. تۈنۈگۈن يەنە “ يەتمىش پىرسەنت قىزلار ئۆيى بار ئەرلەرنى تاللايدىكەن“، ”مائاشى 4000 دىن ئاشمايدىغان ئەرلەرنىڭ مۇھەببەتلىشىش سالاھىيىتى يوقمۇ؟“ دېگەندەك پاراڭلار تورنى قاپلاپ كەتتى. بۇ خەق ھازىر مۇشۇنداق ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىشقا ئامراق بولۇپ كېتىپتۇ. ئادەم جىق دۆلەتتە دەرت جىق، گەپمۇ جىق بولىدىكەن.
ئادەمنىڭ پۇل-مالغا بولغان ھېسسىياتىدەك مۇرەككەپ ھېسسىيات يوقمىكىن دەيمەن جاھاندا،مەيلى «ئەي پۇل، نىجىس پۇل» دەپ ناخشا ئېيتايلى، مەيلى «پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس، ئەمما پۇل بولمىسا سەن ھېچنېمىگە قادىر ئەمەس» دەپ شوئار توۋلايلى، پۇل ۋە ئۇنىڭ قىممىتى يۈكلىگەن قىسمەتتىن قۇتۇلالمايمىز. يانچۇقتىكى شۇ مەينەت قەغەزنىڭ بىر ئۇچى بىلەكتە، بىر ئۇچى يۈرەكتە، ئۇ ھوقۇقدارلارنىڭ سېھرىگەرلىك قارتى، قولدىن قولغا ئۇچۇپ ئويناپ، كۆزلەرنى ئالىچەكمەن قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدا ئەكس ئېتىدىغان ئەجىر-مېھنەت، ساۋاپ، ئالدامچىلىق، قىزىل كۆزلۈك، يىغا زارە، شەھۋەت، ئۆچمەنلىك، قىساس، تالاي نەرسىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىپ ئۈلگۈرۈپ بولالمايمىز.
يېقىندا ”تۇتقۇن قىلىنغان جۇڭگو ئىقتىسادى“ دېگەن بىر كىتابنى كۆرۈپ، پۇل دېگەن نېمىنىڭ ئەسلىدە قانداق ئويۇن ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ 70-يىللاردىن باشلاپ دوللارنى ئالتۇننىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ خەلقئارا پۇل-مۇئامىلىنىڭ ئۇلتېشىنى قانداق قويغانلىقىنى، ئارقىدىن رۇسلار بىلەن ياپونلارنى قانداق جايلىغانلىقىنى، 2000 يىلدىن بۇيان جۇڭگونى قانداق قويغانلىقىنى، نېفىت، ئالتۇن، ئۆي باھاسىنىڭ نېمىشقا بۇنداق ئۆسۈپ كەتكەنلىكىنى، مائاشىمىز ئۆسكەندەك قىلغان بىلەن نېمىشقا پۇلنىڭ كۇرسى چۈشۈپ، مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى ئازراق چۈشەندىم. لاڭ شيەنپىڭ، ليۇ جۈنلو دېگەن داڭلىق ئىقتىسادشۇناسلار ئۆز ماقالىلىرىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى شۇنچە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن ئىقتىسادىي نەزەرىيىلىرى بىلەن قوراللانغان قاتمال ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ مەركەزنى ئىگىلەپ، جۇڭگودىكى بانكىلار، ئاكسىيە بازىرى ۋە خۇسۇسىي كارخانىلارنى ۋەيران قىلىۋېتىپ بارغانلىقىنى يازىدۇ. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكىلىق گۇيلار مۇھىتنى بۇلغايدىغان سانائەت، ئۇششاق ياساش كەسىپلىرىنىڭ ھەممىسىنى 30 يىل بۇرۇن ياپونىيە بىلەن گېرمانىيىگە تاشلاپ بەرگەن بولۇپ، ھازىر كومپيۇتېر، بىئوخىمىيە، يېزا ئىگىلىك، ھەربىي تېخنىكا، تور سودىسى، ئېلان، كىنو دېگەندەك ئىلغار، مۇھىت بۇلغىمايدىغان، ئەمما پايدىسى جىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپتۇ؛ 50 نەچچە يىل ماشىنا ، ئۈسكۈنە، زاپچاس ياسىغان ياپونلار بىلەن گېرمانلارمۇ ھازىر ئويغىنىپ، قولىدىكى تېخنىكىنى چىڭ ساقلاپ، زاۋۇتنى جۇڭگوغا قۇرۇپ، ئەرزان ئەمگەك كۈچى ۋە مۇھىت بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىگە ھەر تەرەپتىن پايدا يارىتىۋېتىپتۇ؛ يەر شارىلىشىش، خەلقئارا سودا، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، ئىسلاھات دېگەنلەرنىڭ پايدىسىدىن غەرب ئەللىرى، ھەتتا ياپون پاكارلىرى ئاجايىپ بەھرىمەن بولىۋېتىپتۇ. دۆلىتىمىز تاشقى پېرىۋوت زاپىسىمىز مانچە تىرىليونغا يەتتى دەپ ماختىنىپ يۈرگەن بىلەن، 10 يىل مابەينىدە دوللارنىڭ چۈشۈشى بىلەن 800مىليارد دوللار (شۇ ۋاقىتتىكى ئايرىۋاشلاش نىسبىتى بويىچە ھېسابلىغاندا تەخمىنەن 6 تىرىليون 400مىليون يۈەن) كۆپۈككە ئايلانغان (ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىلىقلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن) بولۇپ، بۇ پۇلنى ئەگەر جۇڭگودىكى ھەر بىر پۇقراغا تارقىتىپ بەرسە ئاز دېگەندە 5000 سومدىن توغرا كېلەرمىش. نۆۋەتتە 2 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىنى تۇتۇپ تۇرغان جۇڭگو ھازىر ۋال كوچىسىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى پەرەڭلەرنىڭ كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ كۆزىتىۋاتقان نىشانى، كېينىكى قەدەملىك ئويۇن ئوبيېكتىمىش، مۇشۇ ئەھۋالدا تېخى جۇڭگولۇق ئىقتىسادشۇناسلار ”ئامېرىكا ۋال كوچىسىدا نامايىش يۈز بەردى، دوللارنىڭ كۇرسى چۈشتى، ئامېرىكا ئىقتىسادى تۈگەشتى، جۇڭگو كەلگۈسى 10 يىلدا ئامېرىكىدىن ئېشىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىدۇ“ دەپ پو ئېتىۋېتىپتىمىش. دوللارنىڭ مۇقىمسىزلىقىدىن، دوللارنى گېزىتتەك بېسىۋەرگەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئويۇنىدىن چۆچىگەن ھۆكۈمەت ھازىر تاشقى پېرىۋوت جەھەتتە دوللارغىلا يۆلىنىۋالماي، بىر مۇنچە ياۋرو سېتىۋاپتۇدەك، ئەمما گېرىتسىيەدىن باشلانغان ياۋروپا ئىقتىسادىي كىرزىسى جۇڭگونى ھازىر ئەندىشىگە ساپتۇدەك. ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىقتىسادىي تەپەككۇرىغا ھەۋەسلىنىدىغان لاڭ شيەنپىڭدەك ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا، جۇڭگودا 2012-يىلى ئۆي باھاسى چۈشۈپ، 2013-يىل ئىقتىسادىي كىرزىس يۈز بېرىمىش، دوللار قايتا كۈچلىنىمىش. شۇڭا كەلگۈسى ئىككى يىلدا ئۆي ۋە پايغا مەبلەغ سېلىش خەتەرلىكمىش. كەلگۈسىدە دوللارنى بىرلىك قىلىۋاتقان دۇنيا ئىقتىسادى بەرىبىر دوللارنى قۇتۇلدۇرىدىكەن، چۈنكى ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرتىپنى ئامېرىكا 40-50 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بەرپا قىلغان، ئامېرىكا ئەڭ چوڭ قەرزدار، ئەڭ چوڭ زومىگەر، ئەڭ چوڭ ھىيلىگەر، چۈنكى ئۇلار يەھۇدىيلارنىڭ «پۇل ئەقىلنىڭ سمۋولى» دېگىنىگە ئىشىنىدۇ ھەم دۇنيانى ئىس-تۈتەكسىز ھالدا، ئىقتىساد بىلەن كونترول قىلالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
دېمەك مەسىلە ئاساسەن ئايدىڭ، جۇڭگودا تەبىئىي بايلىقنى خورىتىپ، مۇھىتنى بۇلغاپ تەرەققىي قىلغان كارخانىلارنىڭ ئىستىقبالى قاراڭغۇ، بۇلغانغان مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەس. ئەرزان، ئاددىي ياساش كەسپىدىن تاپىدىغان پايدا ئاز، ئەقلى مۈلۈك قىممەت يارىتىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا ئەمگەك كۈچىنىڭ ئەرزانلىقى بىلەن دۇنيانىڭ زاۋۇتىغا ئايلىنىش ئانچە پەخىرلىنىدىغان ئىش ئەمەس. جۇڭگو دۇنيانىڭ زاۋۇتى ھەم ئەخلەتخانىسى، بۇنداق زاۋۇت، شىركەتلەردە ئىشلەيدىغان ئەرلەرمۇ ئاخىر ئەخلەتكە ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.
تاپقىنى قورسىقى بىلەن ئۇچىسىدىن ئاشمايدىغان دېھقانلار، ئىش ھەققىنى ئالالمايدىغان قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى، شۇنچە ئىشلىسىمۇ خوجايىنلىرىنىڭ بەرگىنىنى ئالىدىغان ئىشلەمچىلەر، ھۆكۈمەت شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلغان بىلەنمۇ مائاشى ئۆسمەيۋاتقان، خوتۇن-بالىلىرىنى تەستە بېقىۋاتقان مائاشلىقلار… شىركەت ئاچتىم دېگەن بىلەنمۇ تولا رەسمىيەت ۋە رىقابەتتىن بېشى ئايلىنىپ، ماڭغان يولىدا تولا پۇتلىشىپ، «مۇقىم مائاش يەنىلا ياخشىكەن» دەپ يۈرگەن تەۋەككۇلچىلەر، تۈركۈم-تۈركۈملەپ ھۆكۈمەت مەمۇرلۇقىغا ئىمتىھان بېرىۋاتقان ياشلار… ۋاھ، نىمېدېگەن زور قوشۇن، نىمېدېگەن رەھىمسىز تۇرمۇش بۇ. نومۇسسىز رەھبەرلەر، ئالدامچى سودىگەرلەر قاچاندىن بېرى ئەرلەرنىڭ ھەۋەس قىلىدىغان ئادەملىرىگە ئايلىنىپ كەتتى؟ ئاياللار مەجبۇرلىدىمۇ؟ ئاياللار تەرىپىدىن ئەخلەتتەك قەدىرسىز بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن جان تىكىپ ياشاش ئەرلەرنىڭ غايىسىگە ئايلىنىپ كەتتىمۇ؟ «پۇل تېپىشنىڭ ئېپى»، «باي دادام، نامرات دادام» دېگەن كىتابلارنى ئوقۇش بىلەن باي بولغىلى بولامدۇ؟ ئامېرىكىلىقلارنىڭ باي بولۇش يولى جۇڭگوغا ماس كېلەمدۇ؟
خەنزۇلار ئارىسىدىكى شۇ مۇنازىرىنى كۆرۈپ ئۆز ئادەملىرىمىزنىڭ پۇل ھەققىدىكى قاراشلىرى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم. ئۇزۇن زاماندىن بېرى بۇ مىللەت بىلەن بىر زېمىندا، بىر زاماندا، بىر جەمئىيەتتە ياشاپ كېلىۋاتىمىز، ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بەرمىگەن بولساق بۇنداق ياشاش نەدە. بۇ جەرياندا ئىككى مىللەتنىڭ ئىدىيە، قىممەت قارىشى، تۇرمۇش شەكلى ئۆزئارا تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ. ئالايلۇق، بۇلارنىڭ ئۆزىمۇ ئېتىراپ قىلىۋاتقان ئېتىقادسىزلىق، پۇلغا چوقۇنۇش، ئەمەلگە چوقۇنۇش، سەمىمىيەتسىزلىك… دېگەندەك ئىللەتلىرى بىزگە قانچىلىك سىڭىپ كەتتى ياكى بۇ ئىللەتلەر بىزدە ئەسلىدىلا بارمىدى؟ ھاراقنى قوش قوللاپ تۇتۇش، سورۇندا بىر قېتىم قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ بولۇپ، ئادەمگە بېقىپ قايتىدىن كۆرۈشۈش، مۇھىم شەخسلەرگە باشقىچە كۈچۈكلىنىپ كېتىش، چاغاندا قىزىل بولاق بېرىش، ھەتتا ھېيت-ئايەمدىمۇ باشلىقنىڭ ئۆيىگە سوۋغا سالام بىلەن بېرىش، تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈش… دېگەندەك غەيرى ئادەتلەر بىزدە قانداق پەيدا بولدى؟ ھازىرمۇ بەزى توي قىلمىغان قىزلار ئىچىدە “ غۇرۇر، ۋىجدان دېگەنگە قورساق تويامدۇ؟ پۇلىڭىز بارمۇ؟ ئۆيىڭىز بارمۇ؟ ھەيدەيدىغان ماشىنىڭىز بارمۇ؟“ دېگەندەك گەپلەر يوق ئەمەس، يېقىندا ئوينالغان ”كومېدىيە“ دېگەن ئېتوتتىمۇ بۇ گەپ بىر قىزنىڭ ئاغزىدىن ئېيتىلدى، جۈرئەت ۋاھىد نەق رىئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپتۇ دەپ ئويلىدىم.
دېمەك، ئاشۇ خەنزۇ ئايالدەك “ پۇلى يوق ئەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت“ دەيدىغان، ئاشكارە دېمىسىمۇ كۆڭلىدە تالاي قېتىم شۇنداق ئويلايدىغان قىز، ئاياللىرىمىز ئەتراپىمىزدا، ھەتتا ئۆز ئۆيىمىزدە بولۇشى مۇمكىن، ئەرلەرگە كېلىۋاتقان بېسىم، رىقابەت ھەر قانداق ۋاقىتتىدىكىدىن كۈچلۈك. پۇل دېگەننى ئويلىساڭ تېخى، ئويلىمىساڭ تېخى، ئىمان-ئېتىقادىڭ، غۇرۇر-ۋىجدانىڭ بىلەن ياشىمىساڭ تېخى، ئەمما ئىشىنىمەنكى، ئەقىللىق ئادەم ھامان ئۆز يولىنى تېپىپ ماڭالايدۇ؛ ئىمان-ئېتىقاد بىلەن ياشىسا ۋەسۋەسە ۋە پاسىقلىقتىن كېلىدىغان زىياننى ئازايتالايدۇ، پاكىز ياشاشنىڭ ئۆزى تېجەشلىك، گۈزەل ياشىغانلىق. ھەقىقىي ئىماندىن ئاشۇ بەغەرەز ئاياللار كۆرەلمەيدىغان غۇرۇر، ۋىجدان شىجائەت، ھالالدىن پۇل تېپىش، ساۋاب ئىزدەپ ياشاش دېگەنلەر مەيدانغا كېلىدۇ. مەن بۇلارنى ئۈرۈمچىدىكى مەن تونۇيدىغان ئەزىمەتلەرنىڭ ھاياتى ۋە ئىش-ئىزلىرىدىن تولۇق كۆردۈم.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئەرتۈرك بلوگىدا ئېلان قىلغان ماقالە ئىكەن، قارىسام ماقالىنىڭ مەزمۇنى خېلى ئۆزگىچە ئىكەن، شۇڭا تەڭرىتاغلىقلارنىڭ بىر مۇلاھىزىگە چۈشۈپ بېقىشىمىزنى ئۈمىد قىلىپ ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىنى ئالغان ئاساستا يوللاپ قويدۇم.

-----------------------------------------------
مەنبە: ئەرتۈرك بلوگى
http://www.tepekkur.com/index.php/archives/319.html


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىلقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-13 15:48  


ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە!
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

تىللا
207
تۆھپە
97
UID
3990
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 18:06:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاھاندا ئىقتىساد ھەممىنى بەلگىلەيدىغان ئىشلار بەك كۆپ.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
697
تۆھپە
372
UID
780
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 20:04:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پولى يۇق ئەر ئەخلەت ئەمەس ئىقتىدارسىز،،،بەدخەج ئەر يارامسىز،،،،


Rank: 1

تىللا
15
تۆھپە
3
UID
4281
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 21:05:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇلى بانىڭ گېپى ئوڭ ..پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ دىگەن   شۇ...


Rank: 1

تىللا
10
تۆھپە
3
UID
4283
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 22:09:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالە  شەنى


Rank: 1

تىللا
10
تۆھپە
3
UID
4283
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 22:11:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kargay يوللىغان ۋاقتى  2012-1-12 20:04
پولى يۇق ئەر ئەخلەت ئەمەس ئىقتىدارسىز،،،بەدخەج ئەر يا ...

ئختىدارسىزھەممىسىلايارىماس
ئەمەس دە لىكىن


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئايبەرچىن
تىللا
1071
تۆھپە
616
UID
201

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 22:16:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇلى يوق ئەرلەر خوتۇنلىرىنىڭ پۇل تېپىشىغا قاراپ تۇرىدۇ شۇ. پۇلى يوق دىگەنلىك ئېشىنچا پۇلى دىمەكچىمىدۇ، ئەمما كۈنلۈك تېپىپ ئۆز ئائىلىسىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىۋاتقان ئەرلەرمۇ ئاز ئەمەس.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەمتىمىن
تىللا
740
تۆھپە
273
UID
593

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 23:16:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقۇپتۇ دەپ ، بىز ئىنساپ دىيانەتنى گۈرەن تومۇرىمىزنى قانچە   كۆپتۈرۈپ سۆزلىگەن بىلەن جەمىيەتتە ئىنساپسىزلىق، ساختىپەزلىك، يالغانچىلىق  شۇنچە  ئاۋۇپ كىتىپ بارىدۇ.


ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5671
تۆھپە
2888
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 01:45:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن دەل پۇلى يوق ئەر، بار پۇلۇمنىڭ بەرىنى  قېرى تۇل قالغان ئانام، قەنئانام، خوتۇنۇم ۋە ئوغلانلىرىمنى بېقىشقا سەرپ قىلىمەن، ئۆزۈمگە ئېشىنچە بىر تىيىنىممۇ يوق!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئىسىمى
بىلىگئەر
تىللا
2183
تۆھپە
886
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 02:02:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى مۇلاھىزە تېمىسى ئىكەن. ساقلىۋالدىم. ئويلىغانلىرىمنى كېيىن يازاي.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 10:40, Processed in 0.084941 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991