ئىگىسى: ئىلقۇت

پۇلى يوق ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت… [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
855
تۆھپە
585
UID
893
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 10:29:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇتۇپتىن بىرتەرەپلىمە قاراش.
قارماققا ئىقتساد ھەممىنى بەلگىلەۋاتقان،مەركەز قىلىنىۋاتقان بۇگۇنكى جەمىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەردە شۇنداق ئىنكاس بولىشى  تەبئىي لىكىن پۇلدىن مۇھىم بولغان قىممەتلىك پەزىلەتنى ئۆزىدە ھازىرلىغان،پۇل تېپىشقا ئۆزىنى ئاتىمىغان بولسىمۇ لىكىن دائىملىق ئىش مەشغۇلاتىدا ئۆز يۇرتۇنىڭ سۇيىدە ئېقىپ ئوتىدا كۆيۇپ باشقىلار ئۇچۇن باشقىلارنىڭ خۇشاللىقى ئۇچۇن ئۆزىنى ئاتىۋەتكەنلەر نۇرغۇن.
يىغىنچاقلىغاندا پۇلى يوق ئەرلەر ئىقتىدارسىز،يارامسىز بولىشى ناتايىن ئۇنداق بولغانكەن ئۇلارنى «ئەخلەتخانا»غا ئاپىرىپ تۇكىۋەتكۇچىلەر ھەممىنى بىرتاياقتا ھەيدىگۇچىلەر،كۆزىنى پۇل توسىۋالغۇچلار،...دۇر


بۈگۈن ئۈگەنمىسىڭىز ئەتە ئۆتمۇش ئىچىدە ياشايسىز!

Rank: 4

تىللا
312
تۆھپە
157
UID
3123
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 10:59:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nadir يوللىغان ۋاقتى  2012-1-13 10:29
بۇتۇپتىن بىرتەرەپلىمە قاراش.
قارماققا ئىقتساد ھەممىنى ...

ئالدىنقى كۈنى مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئۈمىد پروگراممىسىنىڭ 2-قىسمىنى كۆرۈپ چىقتىم. ئۈمىد غېنى رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ پروگراممىنىڭ 2-سانىدا دەۋرىمىزدە ئۆزگىچە يول تۇتۇپ مىللىي تاماق ساھەسىدە ئۇتۇق قازانغان كارخانىچىمىز كېرەم ئاتۇش ئاكىمىزنى زىيارەت قىلغان ئىكەن.
كېرەم ئاتۇش ئاكىمىزنىڭ سۆزىدىن قارىغاندا ئۇ گەرچە ئاران 5 يىللىق باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەندىن سىرت يۇقىرىلاپ ئوقۇمىغان ھەم ئالىي مائارىپتا تەربىيەلەنمىگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئاشۇ ناھايىتى ئاممىۋىي تىلدا ئېيتىلغان سۆزلىرىنىڭ نى-نى MBA لەرنى پۈتتۈرگەنلەردىنمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك دەپ قارىدىم.
كېرەم ئاتۇش ئاكىمىزنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى مېنى خېلى ئويلاندۇرۇپ قويدى:
پۇل بىز ئۈچۈن مۇھىم، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا پۇل بولمىسا بولمايدۇ، ئەمما شۇ نەرسە ئېنىق بولۇشى كېرەككى پۇل مەڭگۈ بىز ئۈچۈن بىر مالاي، پەقەت بىز خوجايىنلىق ئورۇندا، پۇل بولسا مالايلىق ئورۇندا تۇرغاندىلا، پۇل قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى، ئەمما ئەگەر بىز پۇلغا زىيادە چوقۇنۇپ، پۇلنى خوجايىنلىق ئورۇنغا چىقىرىپ ئۆزىمىز پۇلنىڭ مالىيى بولۇپ قالغىنىمىزدا بۇنداق پۇلنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق. شۇڭا پۇلنى چوڭ بىلىشكە بولىدۇ ئەمما ئۇنىڭغا چوقۇنۇپ ئۆزىمىزنى ئۇنىڭ مالىيى قىلىپ قويساق تۆگەشكىنىمىز شۇ...


ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
1313
تۆھپە
801
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 12:30:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما يوللاپسىز..ھارمىغايسىز...


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئايبەرچىن
تىللا
1071
تۆھپە
616
UID
201

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 21:44:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدامچىلىق، بۇلاڭچىلىق، ئاق سېتىش، بالىلارنى ئالداپ سېتىشتەك قىلمىشلار بىلەن يانچۇقى پۇل بىلەن تومپىيىپ كەتكەن ئەرلەرنى ئاندىن ئەخلەت دىسە توغرا بولىدۇ. مەن يولدىشىم بىلەن توي قىلغاندا ئۇنىڭ ئېشىنچا پۇلى يوق ئىدى. ھەر ئىككىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن مانا ئېشىنچا پۇل، ماشىنا بار. قىممەت قارىشى ئوخشىمىسا كېرەك، قانداقلا بولسۇن، ئېتىقاد بولىدىكەن ئادەم سەۋر قىلىشنى، شۈكرى قىلىشنى بىلىدىكەن. مۇشۇ نوقتىدىن قارىغاندا پۇلى يوق ئادەم ھەرگىزمۇ ئەخلەت ئەمەس.


Rank: 2

تىللا
93
تۆھپە
44
UID
1991
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 00:47:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا بىلىملىك،ئىقتىدارلىق،قابىلىيەتلىك بولسا پۇل تاپقىلى بولىدۇ دەپ ئويلايتتىم ،ئەمما جەمىيەتكە چىقىپ نۇرغۇن ئىشلارنى ھىس قىلدىم.پۇلنى پەقەت ......لا تاپالايدىكەن.
پۇل بايغا ،سۇ سايغا  دىگەندەكراق بىر تۇنۇشقىمۇ كىلىپ قالىمەن بەزىدە.
پۇلسىزلارنىڭ ھەممىسى ئەخلەت ئەمەس ،پەقەت بىر قىسمىنىلا شۇنداق ئەخلەت دىسەك خاتالاشمايمىز.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5671
تۆھپە
2888
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 01:07:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەزرىتى دېڭ شياۋپىڭ جانابلىرى ناھايىتى دانالىق بىلەن بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنى ئالدىين بېيىتقان ئىدى. ئالدىن بېيىغان بۇ بىر قىسىم  پۇلدارلىرىمىز بۈگۈنكى كۈندە نېمىش قىلىۋاتقاندۇ؟  شۇلاردىن بىر سوئال سوراپ باقساق بولماسما؟

ئالدىن بېيىغانلار، ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟

    ئەپسۇس، تولا-تولا ئەپسۇس، ئۇلار مانا مۇنداق ئىشلار بىلەن نوقانچىلىقىنى يىغىشتۇرالماي قېلىۋاتماقتا:
    جۇڭگولۇقلار پۇل خەجلەشتە پىخسىقلىق قىلمايدىغان بولۇۋېدى، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزلىرى ئالا-چەكمەن بولۇپ كەتتى. خەلقئارا ئەيش-ئىشرەت بۇيۇملىرى جەمئىيىتىنىڭ 3-ئايدىكى جاكارنامىسىدە بۇلتۇر جۇڭگولۇقلارنىڭ 9 مىليارد 400 مىليون دوللار خەجلەپ ئەيش-ئىشرەت بۇيۇملىرى سېتىۋېلىپ ياپونىيىلىكلەردىن قالسىلا دۇنيادىكى 2-چوڭ ئەيش-ئىشرەت بۇيۇملىرى ئىستېمالچىلىرىدىن بولۇپ قالغانلىقى كۆرسىتىلدى. جاكارنامىدە، دۇنيادىكى ئەيش-ئىشرەت بۇيۇملىرىنىڭ %27.5 ئىنى جۇڭگولۇقلار سېتىۋالغانلىقى، جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى 1-لىكنى قولغا كەلتۈرۈشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىلا بولۇپ قالغانلىقى ھەم 2015-يىلى جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇ ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
پۈتكۈل دۇنيا «جۇڭگولۇق بايلارنىڭ ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقى» غا كۆز تىكمەكتە. جۇڭگولۇق بايلارنىڭ تومپايغان چۆنتىكى ھەقىقەتەن جۇڭگونىڭ يۈزىنى يورۇق قىلدى. ئەمما بۇ «ئالدىن بېيىغان بايلار» نېمە ئۈچۈن ئەيش-ئىشرەت بۇيۇملىرىغا پۇل خەجلەشتە سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ خەير-ساخاۋەت قاتارلىق نۇرغۇن ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىدا سۈكۈتتە تۇرۇۋالىدۇ؟
    ئويلاپ باقايلى، جۇڭگولۇقلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 4000 دوللارغا يەتمەيدۇ، غەربىي جۇڭگو يەنىلا نامراتلىق ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ، جۇڭگودا قانچىلىغان ئوقۇشسىز بالىلار ۋە نامرات ئائىلىلەر بار؟ جۇڭگونىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىي سەۋىيىسى، بايلىق زاپىسىنىڭ ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ياپونىيە قاتارلىق تەرەققىي تاپقان ئەللەر بىلەن بولغان پەرقى ئاز ئەمەس. گەرچە جۇڭگولۇق بايلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئېشىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ياۋروپا، ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ بايلىرىغا سېلىشتۇرغاندا پەرق ناھايىتى زور. ئەمما بۇ «ئالدىن بېيىغانلار» ئۆزلىرىنىڭ ئەيش-ئىشرەت بۇيۇملىرىنى كۆپەيتكەن بىلەن ئىجتىمائىي ئىشلارغا پۇل، كۈچ چىقىرىشقا كەلگەندە قانداقتۇر بىرەر ئىئانە پائالىيىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى كۈتۈشۈپ تۇرۇۋالىدۇ.
    پەيلاسوپ سوقرات «ناۋادا بىر ئادەم ئۆزىنىڭ بايلىقى بىلەن ئىپتىخارلىنىدىغان بولسا، ئۇنداقتا بىز ئۇنىڭ بايلىقىدىن قانداق پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلىۋېلىشىمىز، ئاندىن ئۇنى ماختاشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار-يوقلۇقىنى قارار قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن ئىكەن. بىز ئامېرىكىلىق بايلارنىڭ ئۆز بايلىقىدىن قانداق پايدىلىنىدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى : ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېت، دوختۇرخانا، مۇزېي، مۇزىكا زالى ھەتتا تۆمۈريوللار سودىگەرلەرنىڭ ياردەم-مەدەتلىرى بىلەن قۇرۇلغان ياكى يۈرۈشكەن، شۇڭا ئامېرىكىدا سودىگەرلەر «ئىجتىمائىي مەدەتكارلار» دەپمۇ تەرپلىنىدۇ.
    بىزنىڭ دۆلەت سىياسىتىمىز بىرقىسىم كىشىلەرنى، بىرقىسىم رايونلارنى ئالدىن بېيىتىش، شۇ ئارقىلىق تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش ئەمەسمۇ؟ بۇرۇنقىسىنى قويۇپ كۆز ئالدىمىزدىكى شياڭگاڭلىق بايلارغا قاراپ باقايلى: لى جياچېڭ، شاۋ يىفۇ، خو يىڭدۇڭ قاتارلىقلار جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا تولىمۇ قىزىقىدۇ.
    نېمە ئۈچۈن جۇڭگولۇق بايلارنىڭ بۇنداق ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىقى كەمچىل؟ بۇ مەسىلىگە بىل گەيتىسمۇ دىققەت قىلماي قالمىدى، ئۇ بۇلتۇر داۋوستىكى (شۋېدسارىيەدە)دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەزگىلدە جۇڭگولۇق بايلارغا باھا بېرىپ «بىر قىسىم جۇڭگولۇقلار مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، مېنىڭ نەزەرىمدە بۇ ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان ئىش. ئەمما جۇڭگولۇق بايلار ئامېرىكىلىق بايلارغا ئوخشاش ئۆز بايلىقى ۋە ۋاقتىنى ياردەمگە ئەڭ ئېھتىياجلىق كىشىلەر ئۈچۈن بېغىشلىيالامدۇ؟ بۇنى كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ» دېگەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-17 01:14  



ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 4

ئىسىمى
ھاجىئەكبەر
تىللا
174
تۆھپە
138
UID
4013
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 20:13:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق دىگەن ئايال كىشدىن ۋاپا كەلمەيدۇ بىر بولسا ئانسى كىندىكنى پۇلدا كەسكەن ياكى پۇلغا سىتىلغان جالاپكان سەۋرى قىلىپ تىرىشسا ئاللا بىردۇ بىر كۇنى


Rank: 2

ئىسىمى
ئابلىكىم سابىت
تىللا
79
تۆھپە
22
UID
4091
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 00:44:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىز شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى  پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس


Rank: 6Rank: 6

تىللا
805
تۆھپە
509
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 05:19:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


خوتۇنۇم ياخشى دېگەنلەر ، چىچىپ پوقىنى يىگەنلەر !

پۇل شۇنداق ياخشى نەرسە ، تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ (تۇيۇقسىز) 50 مىليۇن مۇكاپات چىقىپ قالدى ، تۇرمۇشىڭىز ئۆزگەردى . 5يىلدىن كېيىن تۇيۇقسىز يەنە تەساددىپىيلقتا سىز سېتىۋالغان يولوچىلار ئاپتۇبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ ، پەقەت سىزلا ھايات قالدىڭىز (بارلىق پۇل-بىساتىڭىز تۆلەم بىلەن تۈگىدى) . سىزنىڭچە مىليونىرنىڭ خوتۇنىدىن يالاڭتۆشنىڭ خوتۇنىغا ئايلانغان خوتۇن ئاشۇ 5يىللىق مەئىشەتلىك تۇرمۇشتىن كېچەلەرمۇ ؟ سىز مىليونىز بولۇشتىن بۇرۇنقى تۇرمۇش ئۇنىڭ نەزىرىدە ئەبەدىيلىك «ئۆتمۈش» ، قايرىلىپ قاراشقىمۇ بولمايدۇ .
خوتۇن كىشى 40 يىلدا يېرىم سىنىلار ، شۇڭا خوتۇن (كىشى) دەيمىز .



ھەممىزگە اللاھ ئىنساب-ئىمان بەرسۇن .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قۇربان سايىم
تىللا
1193
تۆھپە
700
UID
558

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 08:30:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    جاھان نىمە بولۇپ كىتىپ بارىدۇ ئەمدى.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 11:18, Processed in 0.066136 second(s), 16 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991