كۆرۈش: 9860|ئىنكاس: 14

ئايال قايسىسىغا مەنسۇب بولۇشى كېرەك؟ (تېپىشماق) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1363
تۆھپە
712
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 16:34:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئايال قايسىسىغا مەنسۇب بولۇشى كېرەك؟

تېپىشماقلىق چۆچەك


تورغا يوللىغۇچى: نىدائىي


   ئۆتكەن زاماندا ئاتا – ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپ، بىر ئۆيدە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئىككى ئاكا – ئۇكا بولغانىكەن. بىر كۈنى بۇلار ئەرزىمەس بىر ئىش بىلەن خاپا بولۇشۇپ قاپتۇ – دە، ئاكىسى قېيداپ، ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنچە قايتىپ كەلمەپتۇ.
ئارىدىن ئون يىلچە ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئاكىسىدىن ھېچقانداق ئىز – دېرەك بولماپتۇ. ئۇكىسى ئەندىشە قىلىپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەردىن ئاكىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىپتۇ، لېكىن پەقەت دېرىكى بولماپتۇ. شۇڭا ئاكىسىنىڭ ئۆلۈم مەرىكىسىنى ئۆتكۈزۈپ، غايىبانە قەبرىسىنى تىكلەپتۇ.
   كۈنلەر ئۆتۈپ سىم – سىم يامغۇر يېغىۋاتقان بىر كۈز كېچىسى تۇيۇقسىز ئىشىك قېقىلىپتۇ.
   ـــــ بۇنداق چاغدا ئىشىك قاققان كىم؟
   ئۆي ئىچىدىن ئىنىسىنىڭ  ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ.
   ــــ مەن.
   ــــ مەن دېگەن كىم؟
   ــــ مەن ــ ئاكاڭ. ئىشىكنى ئاچقىن!
   ئىنىسى بۇ گەپكە ئىشەنمەي، كۆڭلىدە: ‹‹ بۇ پەيلىنى بۇزۇپ كەلگەن بىر ئوغرى بولسا كېرەك›› دەپ ئويلاپتۇ - دە:
   ــــ مېنىڭ ئاكام يوق، ھەر قانداق ئىشىڭ بولسا ئەتە كەل، ھازىر ساڭا ئىشىك ئاچالمايمەن، ــ دەپتۇ.
نەچچە كۈنلۈك يولنى پىيادە بېسىپ، ئىنىمنى كۆرىمەن دېگەن ئۈمىد بىلەن كەلگەن ئاكىسىغا بۇ گەپ ناھايىتى ھار كەپتۇ ــ دە، يېنىدىكى ئىتتىك پىچاق بىلەن ئۆزىنىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىپتۇ.
   دەرۋازا قايتا قېقىلمىغاندىن كېيىن، ئېرىنىڭ گېپى بىلەن ئويغىنىپ كەتكەن ئايالىنىڭ كۆڭلىگە گۇمان چۈشۈپتۇ ۋە ئېرىگە مۇنداق دەپتۇ:
   ـــــ دەرۋازىنى قاققۇچى راستتىن ئوغرى بولغان بولسا، سىلىنىڭ بىر قېتىملىق گەپلىرى بىلەن جىمىپ كەتمەي، يەنە ئىشىك قېقىپ بىزنى پاراكەندە قىلغان بولاتتى، مېنىڭچە، بۇ ئوغرى ئەمەس، بەلكى راست ئاكىلىرى بولۇشى مۇمكىن، كېتىپ قالمىغان بولسا، چىقىپ قاراپ باقسىلا قانداق؟
   ئەر ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىملىرىنى كىيىپ، چىراغنى كۆتۈرۈپ سىرتقا چىقىپ كېتىپتۇ.
ئارىدىن خېلى كۆپ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئېرى قايتىپ كىرمەپتۇ. ئايالىنىڭ كۆڭلىگە ۋەھىمە چۈشۈپتۇ – دە، كىيىم – كېچەكلىرىنى ئالدىراشلىق بىلەن كىيىپ، قولىغا كەكە تۇتقان ھالدا ئىشىك ئالدىغا چىقىپ، بىردىنلا چۆچۈپ كېتىپتۇ. قارىسا، غەرق قانغا بويالغان ھالدا ئېرىنىڭ تېنى بىر يەردە، كاللىسى بىر يەردە تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدا يەنە بىر جەسەت يېتىپتۇ، چىراغ بولسا ئىشىكنىڭ تۈۋىدە غۇۋا نۇر چېچىپ جەسەتلەرنى سۇس يۇرۇتۇپ تۇرۇپتۇ. ئايال بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئېرىنىڭ جەسىتىگە تاشلىنىپ، جەسەتنى قۇچاقلاپ: ‹‹ۋاي مۇرەببىم!›› دەپ ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلاپتۇ.
   يىغلاش بىر ھازا داۋاملاشقاندىن كېيىن بىرىنىڭ: ــ ‹‹قىزىم، بولدى، سەۋر قىلىڭ!›› دېگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. ئايال بېشىنى كۆتۈرۈپ، چاچ – ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان، چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرغان بىر مويسىپىت كىشىنىڭ يېنىدا قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئايال ھەيران بولۇپ يىغىسىنى توختىتىپتۇ.
   ــــ قىزىم، بۇ كىمدۇ؟ دەپ قالماڭ، ـــــ دەپ سۆز باشلاپتۇ مويسىپىت كىشى، ـــــ مەن خىزىرى ئەلەيھىسسالام بولىمەن. يۈز بەرگەن ئەھۋالنى سىزگە قىسقىچە دېسەم، ئېرىڭىز ئىشىكنى ئېچىپ، ‹‹مېنىڭ ئاكام يوق›› دېگەن گەپنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆزىنى بوغۇزلىۋەتكەن بۇ يىگىتنى تونۇغان ــ دە، ‹‹ماڭا ئاكامسىز ياشاشنىڭ نېمە كېرىكى بار›› دەپ، ئۆزىنىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلغان.
   مەن بۇ ئاقىۋەتنى ئوڭشاپ، ھەر ئىككىيلەنگە خۇدادىن قايتا جان ئاتا قىلىشنى تىلەپ بېرەي، بۇنىڭدىن كېيىن بۇلار بىر ئۆيدە ئىناق ئۆتسۇن.
   خىزىر ئەلەيھىسسالام ئايالغا ھەر كىمنىڭ بېشىنى ئۆز بوينىغا ھىملاشنى بۇيرۇپتۇ. بىراق، خۇشاللىقىنى ئىچىگە سىغدۇرالمىغان ئايال بىخەستەلىك قىلىپ، ئېرىنىڭ كاللىسىنى قېيناكىسىنىڭ تېنىگە، ئېرىنىڭ تېنىنى قېيناكىسىنىڭ كاللىسىغا ئالماشتۇرۇپ قويۇپتۇ، خىزىرى ئەلەيھىسسالام دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ، جەسەتلەرگە ئاللاتالادىن جان تەلەپ قىپتۇ – دە، كۆزدىن غايىب بوپتۇ.
   بىر پەستىن كېيىن جەسەتلەر تىرىلىپ، ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. قارىسا بۇ ئىككىيلەننىڭ بېشى بىلەن تېنى بىر – بىرىگە ئالمىشىپ قالغان، ئايال بۇلاردىن قايسىسىنىڭ ئۆز ئېرى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قاپتۇ.

قېنى كۆپچىلىك ئايرىپ بېقىڭلار! ئايال بۇلارنىڭ قايسىسىغا مەنسۇپ بولۇشى كېرەك؟

توپلىغۇچى: ۋاھىتجان ئوسمان


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەتىللايىغىشسەۋەبى
تەڭرىتاغ + 10 + 10

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 10 تىللا + 10  باھا خاتىرىسى

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1777
تۆھپە
975
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 16:42:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېرىنىڭ بېشى ئۇلانغان  ئادەمگە مەنسۇپ


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
711
تۆھپە
573
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 16:50:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا... ما ئىشنى.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1302
تۆھپە
942
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 16:51:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىرىنىڭ بېشى ئۇلانغان ئادەمگە مەنسۇپ


Rank: 3Rank: 3

تىللا
163
تۆھپە
57
UID
3706
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 22:31:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئيال چوقۇم باش تەرەپكە مەنسۇپ بولىشى كىرەكتە،چۈنكى ھەرقانداق ئىشنى مەرگىزى نىرۋا سېستىمىسى كونتۇرۇل قىلىدۇ دە


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئۇيغۇر ئوغلى
تىللا
157
تۆھپە
68
UID
459
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 00:44:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىدائىي ئەپەندى:
قارىغاندا ئۇ ئايال قايسىسىگە ياتلىق بولۇشنى بىلمەي قالغاندەك قىلىدۇ . ئەڭ ياخشىسى ئۇ ئايالنى قىينىمايلى . مۇنداق تەكلىپىم بار:
يەتمىش ياشقا كىرگەن خوشنىمىز بويتاق ئۆتۈۋاتقىلى نەچچە يىل بولۇپ قالدى . چىشىنىڭ يوقلۇقى، يۈزىدىكى خەرىتەنى ئەسلىتىدىغان قورۇقلارنى ، ۋە بېلىنىڭ دوكلۇقىنى ھېساپقا ئالمىغاندا باشقا چوڭ ئەيىبى يوق. بولسا ئاۋۇ ئايالنى شۇ تاغىمىزغا ئېلىپ بەرسەك. ساۋابى ھەر ئىككىمىزگە بولسا دىگەن ئۈمىدتىمەن.


Rank: 4

تىللا
390
تۆھپە
151
UID
2790
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 00:48:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئاكىسىنىڭ كىيىمى يامغۇردا ھۆل بولۇپ كەتكەن. چۈنكى، ھېكايە بېشىدا سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتقان كۈز كېچىسى دېگەن ئۇچۇر بار. ئۇلار ئۈستى يېپىق ھويلىدەك بىر يەردە. چۈنكى، سۇس چىراغ نۇر چېچىپ تۇرۇپتۇ دېگەن ئۇچۇردىن ئۆيدىن چىققان ئىنىسىنىڭ يامغۇردىن ھۆل بولۇپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك. شۇڭا، ئۇ ئايالنىڭ ئېرى چوقۇمكى، كىيىملىرى قۇرۇق تۇرغان كىشى بولغان بولىدۇ.
  توغرىدۇ-ھە؟!


Rank: 6Rank: 6

تىللا
737
تۆھپە
384
UID
1140

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 12:35:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ئىككى ئەرنىڭ قايسىسى زۇۋانغا كېلىپ ئۆز ئايالىنى تۇنالىسا، بۇ ئايال شۇ ئەرگە مەنسۇپمىكىن دەپ قارايمەن!


Rank: 4

تىللا
319
تۆھپە
225
UID
4104
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 18:05:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە يەنە خۇداغا ئىلتىجا قىلىپ، ئىككەيلەننىڭ خاتا يەرلىرىنى ئۆز جايىغا ئوڭشاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش كېرەك، خۇدا ئادىل، قايتا جان ئاتا قىلالىغان خۇدا ، يەنە قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قادىردۇر !


Rank: 6Rank: 6

تىللا
855
تۆھپە
585
UID
893
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 18:27:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇئايال خۇشاللىقتا ئۆزى تاللايدىغان بىر ئادەمنى ئىككى قىپتۇ. شۇڭا  ھەرئىككىلىسىگە تەۋە بولسۇن. لىكىن ئېرىنىڭ ئەمەس كاللا چوقۇم ئۈنى رەت قىلىدۇ مەسىلىمۇ ھەل بولىدۇ.


بۈگۈن ئۈگەنمىسىڭىز ئەتە ئۆتمۇش ئىچىدە ياشايسىز!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 16:04, Processed in 0.080631 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991