ئەينەك
ھىكايە
ياسىنجان سابىر
يېقىندىن بېرى نىمە بولدۇمكى بىلمىدىم ، ھېچكىمنىڭ مەن بىلەن كارى يوقتەكلا ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم . بىرەر – ئىككى كۈن يوقاپ كەتسەممۇ ھېچكىم مىنىڭ بار يوقلىقىمنى سىزەلمەيدىغاندەك ، مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بار يوق بولۇشىمنىڭ ھېچكىم بىلەن مۇناسىۋىتى يوقتەك ،مىنىڭ بار – يوق بولۇشۇم دوستلىرىمنىڭ ئارىسىدا ئانچە مۇھىم ئەمەستەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم .
شۇ خياللار كاللامنى چىرمىۋالغاچقىمىكى ئۆزۈمنى ئۇلارغا بىر كۆرسىتىپ قويۇشنى ئويلاپ پۇرسەت ئىزدەپ يۈرەتتىم ، تىلىسەڭ تاپارسەن دىگەندەك ، مەن ئىزدەپ يۈرگەن پۇرسەت ئاخىرى يىتىپ كەلدى .پات ئارىدا مەكتىپىمىزدە ئۇسۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تارقالدى . بۇ مەن ئۈچۈن تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەت ئىدى ، ئەسلى مەن بېشىدىلا دوستلىرىمغا خەۋەر قىلىپ ، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزۈمگە تارتماقچى بولدۇم ، لىكىن كىيىن تۇيۇقسىز ھەيران قالدۇرسام ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ بۇنى ھېچكىمگە تىنمىدىم . ئارلىقتا مەن قاتناشقان ئۇسۇل گورۇپپىسىدىكىلەر بىر نەچچە ئاي مەشىق قىلدۇق ، ئەلۋەتتە مەن ئۆزۈمنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن ئۇلاردىن ئارتۇقراق مەشىق قىلدىم .
ئاخىرى ئۆزۈمنى كۆرسىتىپ قويىدىغان پۇرسەت كەلدى ، مەن سەھنىدىن چۈشۈپلا ئەڭ يېقىن بەش دوستۇمغا تېلېفون قىلدىم ، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇ بولدىكى ئۇلارنىڭ ئۈچى بۇ پائالىيەتكە قاتناشماپتۇ ،قالغان ئىككىسى بولسا مىنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىمنى بىلمىگەچكە ئانچە دىققەت قىلماي مىنىڭ بار يوقلىقىمنىمۇ بىلمەپتۇ . – ھەي ! ئامال قانچە ؟ دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ شۇنداق پۇرسەتنىڭ يەنە بىر قېتىم كىلىشىنى كۈتۈپ يۈردۈم . لىكىن ئۇنداق ياخشى پۇرسەتنىڭ كەلمىكىنىڭ ،ئەمدى كەلمىكىنىڭ ناھايىتى تەسلىكىنى ئۆزۈم بىلگەچكە ، ئۆزۈمنى بىر كۆرسىتىپ قويۇش خىيالىدىن ۋاز كىچىپ باشقىلارنىڭ ماڭا ئانچە ئەھمىيەت بەرمەي يۈرۈشىگە چىداپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدۇم .مانا شۇنداق گادىرماچ خىياللار ئىلكىدە يۈرگەن كۈنىلىرىمنىڭ بىرىدە غەلىتىلا بىر ئىش يۈز بەردى .
ئادەتتە چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا دەرىستىن چۈشكەنلەر كۆپ بولغاچقا قىستى – قىستاڭچىلىقتا ماڭماقمۇ تەسلىشەتتى ، بولۇپمۇ سىنىپتىن چىقىپ پەلەمپەيدىن چۈشكىچە پۇتلىرىمىز يەرگە تەگمىگەندەكلا تۇيماي چۈشۈپ كىتەتتۇق .
ئۇ كۈنى چۈشتىمۇ ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا ئادەم كۆپ ئىدى مەن قولۇمدىكى ماتىرىياللىرىمنى كۆتۈرگىنىمچە ئوقۇغۇچىلار توپى ئارىسىدا قىستىلىشىپ ئاران دىگەندە پەلەمپەيدىن چۈشىۋاتاتتىم ، بىرىنچى قەۋەتكە چۈشكەندە ئادەم تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتتى ، تۇيۇقسىز بىر نەرسىگە پۇتلاشتىممۇ ياكى بىرەرسى پۇتلىۋەتتىمۇ بىلمىدىم ، ئالدىمغا تىك موللاق چۈشكىلى تاس قېلىپ پەلەمپەينىڭ تۆمۈر رىشاتكىسىنى تۇتىۋىلىپ ئارانلا تۇرىۋالدىم ، قولۇمدىكى نەرسىلەر ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كەتكەنىدى . نەرسىللىرىمنى تېرىۋىلاي دەپ يەرگە ئېڭىشكەندىلا شۇنى ھىس قىلدىمكى ئىشتىنىمنىڭ ئېغى تىكىشىدىن يىرتىلىپ ئشتنىم ئاللىقاچان ئېغى ئوچۇق خالتا ئىشتانغا ئايلىنىپ قاپتۇ . ئادەمنى نەس باسسا بۇنىڭدىن ئارتۇق بولماس ، ئۆمرۈمدە بۇنداق ئوسال بولۇش ئەمەس ، بۇنداق بىر ئىشنىڭ يۈز بىرىشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدىم . خىجىللىقتىن يۈزلىرىم قىزىرىپ ئېتىلىپ كىتەي دەپ قالغانىدى ، چاپىنىمنى سالدىم – دە بىلىمگە باغلىغىنىمچە يەردە چېچىلىپ ياتقان نەرسىللىرىمگىمۇ قارىماي يۈگۈرگىنىمچە ياتاققا كىرىپ كەتتىم . باشقىلار قانچە مازاق قىلسىمۇ ئانچە ئىچىمگە ئۆتۈپ كەتمەس ئىدى ، لىكىن ھەممىدىن ئەلەم بولغىنى مەن يىىقىلىپ ياتاققا يۈگۈرۈپ ماڭغىچە كۆرگىنىم شۇ بولدىكى يېقىندىن بۇيان كۆزۈم چۈشۈپ يۈرگەن ھېلىقى چېچى ئۇزۇن قىزچاق ئاغزىنى تۇتقىنىچە تىلىقىپ كۈلىۋاتاتتى . مانا شۇ ئىشلار بولۇپ خېلى ۋاقىت ئۆتتى ، باشقىلار مىنىڭ بار يوقلىقىمغا دىققەت قىلىشقا باشلىدى ، مىنىڭ بىر ۋاقىتلاردا ئارزۇ قىلغان تىلەكلىرىم بىر ھىسابتا ئەمەلگە ئاشقانمۇ بولدى ، لىكىن ئۇلار مىنى پەقەت مازاق قىلىدىغان ئادەم تاپالمىغاندا ياكى قالمىغاندىلا ئاندىن مىنى ئىسىگە ئىلىشاتتى . داۋاملىق ئۇلار مىنى زاڭلىق قىلغاندا كىچىكىمدە بوۋام ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكنى ئىسىمگە ئالاتتىم .
* * * *
قەدىمقى زاماندا بىر كىچىك ئالۋاستى بولغانىكەن . ئۇ ئالۋاستى بىر ئەينەك ياساپ چىقىپتۇ ، بۇ ئەينەك ھەرقانداق نەرسىنىڭ يامان تەرىپىنى كۆرسىتىدىكەن . كىچىك ئالۋاستى بۇ ئەينەكنى ئادەملەرگە كۆرسىتىپتۇ ، كىشىلەر ئەينەكتىن ئۆزىنىڭ يامان تەرىپىنى كۆرۈپ ئۆزىدىن – ئۆزى يىرگىنىشكە باشلاپتۇ ، ئالۋاستى بۇنىڭدىن خۇشاللىق ھىس قىلىپ بۇ ئەينەكنى بارىلىق ئادەملەرگە كۆرسىتىپ چىقىپتۇ ، كىشىلەر بىر – بىرىنىڭ يامان تەرىپىنى كۆرۈپ ، بىر – بىرىدىن يىرگىنىشكە باشلاپتۇ ، ئالۋاستى بۇنىڭدىن تېخىمۇ خۇشاللىق ھىس قىپتۇ ، ۋە بۇ ئەينەكنى قۇياشقا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپتۇ ، ئۇ قۇياشقا يېقىنلشقا ئاز قالغاندا قولىدىكى ئەينەك يەرگە چۈشۈپ كۇكۇم تالقان بولۇپ قۇملارغا ئارلىشىپ كىتىپتۇ ، ھازىرمۇ قۇملار ئارىسىدا پارقىراپ كۆرۈنىدىغان نەرسىلەر دەل ئاشۇ ئەينەكنىڭ پارچىللىرىمىش ، ھەر قېتىم شامال چىققاندا بۇ ئەينەك پارچىللىرى قۇم بىلەن بىللە ئۇچۇپ ئادەملەرنىڭ كۆزىگە كىرىپ كىتىدىكەن ، بۇ ئەينەك پارچىللىرى كۆزىگە كىرىپ كەتكەن ئادەملەر كىشىلەرنىڭ پەقەت يامان تەرىپىنىلا كۆرىدىغان بولۇپ قالىدىكەن .
توۋا ... توۋا ...بۇ نىمە دىگەن قىسمەت ، بۇ ھاياتلىق ،بۇ ئەينەك .
شىنجاڭ ئۇنېۋىرستىتى ئۇچۇرئىلمى ۋە قۇرۇلىشى ئىنىستىتۇتى كومپىيوتېر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى
2009-يىللىق 2-سىنىپتىن :ياسىنجان سابىر