تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 1399|ئىنكاس: 51

ئىنكاسنى پۇل تۆلەپ يازمايمىزغۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
166
تۆھپە
183
UID
941

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 21:44:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىنكاسنى پۇل تۆلەپ يازمايمىزغۇ ؟


    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى ھەممىڭلارغا مەندىن ئوتلۇق سالام ! ئەزا بولمىغان سىرتتىن مۇنبەرنى كۆرۈۋاتقانلارغىمۇ سالام كەتتى ھە ! ئەمدى گەپكە كەلسەك ، تەڭرىتاغ مۇنبىرى ئېچىلغان قىسقىغىنە مابەينىدە ھەممىمىزنىڭ كۈچلۈك قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇنلىغان يېڭىلىقلار بارلىققا كېلىپ ، مۇنبەرنىڭ تەسىر دائىرىسى بارغانسېرى كېڭەيدى دەپ ئويلايمەن . بۇنى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق تىرىشىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە . يېقىندىن بۇيان ، مۇنبەردە خېلى ياخشى تېمىلار مەيدانغا كېلىپ ، مۇنبەرنىڭ نادىر تېمىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ بىراق بۇ ئېسىل تېمىلارغا چۈشكەن ئىنكاسلار ناھايىتى ئاز بولدى ، جۈملىدىن مەنمۇ ئۆزۈمدە خېلى ياخشى يازدىم دېگەن بىر نەچچە تېمامغا چۈشكەن ئىنكاسلارمۇ مېنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى . مەن تېخى مۇنبەردە خېلى كۆپ ئىنكاس چۈشۈپ ، بۇنىڭدىنمۇ ياخشى تېمىلار بارلىققا كېلىدۇ دېگەن تېمىلىرىمنىڭ << تاينى >> يوق بولدى . نېمىشقا ئىنكاس چۈشمەيدىغاندۇ دەپ ئويلاندىم ، ياكى يازغان نەرسىلىرىمنىڭ ئەھمىيىتى يوقمىدۇ دېگەننىمۇ كۆپ ئويلاندىم ، سىلەر دەپ بېقىڭلار ، نېمىشقا ئىنكاس يازمايسىلەر ؟
    بۇنداق دېيىشىم مېنىڭ تېمامغا ئىنكاس يېزىڭلار دېگىنىم ئەمەس بەلكى باشقىلارنىڭ جاپا تارتىپ قىلغان ئەمگىكىگە ئازراق بولسىمۇ ھۆرمەت قىلىپ قويۇڭلار . ئىككى - ئۈچ قۇر ئىنكاس يېزىپ قويساڭلار ھېچنىمە بولمايسىلەر ، بەلكى قولۇڭلار ئۇيغۇرچە خەت بېسىشقا تېخىمۇ كۆنىدۇ . ئەتىگەندىن كەچكىچە مۇنبەردە ئولتۇرۇپ ، باشقىلارنىڭ تېمىلىرىنى كۆرۈپ ، بىرەر تال ئىنكاس يېزىپ قويۇشقا يارىمىساق بولمايدۇ دە . چ چ دا توختىماي سۆزلىشىمىزيۇ ، بىزگە بىلىم بېرىۋاتقان ، بىزگە زوق بېرىۋاتقان ، مىللەت ، ئەنئەنە ، مەدەنىيەت ئۆگۈتۈۋاتقان ئاشۇ ئەزالىرىمىزغا ئازراق بولسىمۇ ئىلھام ، مەدەت بەرسەك ، مېنىڭ دېگەن گېپىمنىڭمۇ خاتاسى يوقتۇ ؟ ئەگەر بىز شۇ ئەزاغا ئىلھام ، مەدەت بەرسەك ، ئۇ چوقۇم ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى تېمىلارنى مۇنبەرگە تۆكۈشى مۇمكىن .
    جىق سۆزلىۋەتتىم ، لېكىن ئىچىم راست قايناپ قالدى ، ئىنكاسنى پۇلغا ساتامدىغاندۇ دەپ ئويلاپمۇ قالدىم ، شۇڭا مۇنبەر ئەزالىرى خاپىلىساڭلارمۇ چاتىقىم يوق ، يېقىندىن بۇيان خىزمىتىم ئالدىراش بولغاچقا ئۆزۈممۇ ئىنكاسنى كۆپ يېزىپ كېتەلمىگەنىدىم ، مانا بۈگۈندىن باشلاپ ئىنكاسنى كۆپرەك يېزىشقا تىرىشىمەن ، بۇ جەھەتتىن ئۆزۈمنى ئېتىراپ قىلىمەن . بولسا مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ مېنىڭ بۇ شەخسىي كۆز قارىشىمنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
    ئاۋۇ مۇنبەرنىڭ سىرتىدىن كۆرۈۋاتقان قېرىنداشلىرىم ، ئۇنداق قىلماي سىلەرمۇ مۇنبەرگە بىر ئەزا بولۇپ كىرىپ سىناپ بېقىڭلار ، تىزىملىتىشقا پۇل ئالمايدۇ ، مەڭگۈلۈك ھەقسىز ، كىرىپ كۆرۈپ بېقىڭ ، مۇنبەر مېھرى دىلىڭىزدا قالىدۇ .
    يىغىنچاقلىسام ، ئىنكاسنى جىقراق يازايلى ، تېما ئىگىسىنىڭ كۆڭلى خۇش بولسۇن ، ئۆز تېمىسىنىڭ مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانلىقىدىن دىلى سۆيۈنسۇن ! چۈنكى ھەممىمىزنىڭ مەقسىتى مۇنبەرنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت . ( باشقۇرغۇچىلار خاپا بولماي تەستىقلاپ قويساڭلار ) .   

Rank: 6Rank: 6

تىللا
492
تۆھپە
279
UID
780
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 21:50:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھى،،ھى،،،زۇرلاپ ئىنكاس يازدۇردىغان بۇلدى ماۋۇ ‹ئەرەب›يىگىت،،،،،،،،،،،،،،،،،،


Rank: 2

ئىسىمى
مىرشاھ
تىللا
97
تۆھپە
41
UID
3079

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 21:58:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاتىقىم يوق، دەپلا خاپۇلاپ كېتىپسىزغۇ، ئەرەپ شاھزادىسى سادا، بەزى ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. تېمىلىرىڭىزغا ئىنكاس يازىدىغانغا چوقۇم ئادەم چىقىدۇ، بەل قويىۋەتمەي، داۋاملىق نادىر تېمىلارنى يوللاپ تۇرۇڭ، ئۈمىدىمىز سىزدە، تېمىغا قانچە كۆپ ئىنكاس چۈشسە تېما ئىگىسى شۇنچە خوش بولىدۇ، بۇنى مۇنبەرداشلار تولۇق چۈشىنىدۇ.


Rank: 2

تىللا
38
تۆھپە
25
UID
3942
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 22:03:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە تېمىىغا ئىنكاس يازغىلى نەدە چول.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1564
تۆھپە
463
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 22:04:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرەر يازمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، شۇ يازما ھەققىدە ئىككى كەلىمە بىر نەرسە يېزىپ قويساق، ماختاپ يازغان بولساق  يازما يوللىغۇچىنىڭ كۆڭلى خۇش بولسا، تەنقىدىي پىكىر يازساق يازما يوللىغۇچى شۇ ھەقتە ئويلىنىپ باقسا، مەيلى قانداق بولسۇن، زېيانى (زېيىنى دەپ يازسام يېڭى ئىملا قائىدىسىگە مۇخالىپ كېلەرمۇ) يوق، پايدىسى بار ئىش بولىدىكەن.


Rank: 4

تىللا
166
تۆھپە
183
UID
941

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 22:05:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kargay يوللىغان ۋاقتى  2012-1-4 21:50
ھى،،ھى،،،زۇرلاپ ئىنكاس يازدۇردىغان بۇلدى ماۋۇ ‹ئەرەب ...

ياق زورلىمىدىم ، ئىچىم قايناپ قالدى شۇ !


Rank: 4

تىللا
166
تۆھپە
183
UID
941

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 22:06:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
MirShah_伊风 يوللىغان ۋاقتى  2012-1-4 21:58
چاتىقىم يوق، دەپلا خاپۇلاپ كېتىپسىزغۇ، ئەرەپ شاھزادىس ...

خاپىلىمىدىم ، ئۆزۈممۇ باشقىلارنىڭ تېمىسىغا ئىنكاس يازمىغاندىكىن ، مېنىڭكىگىمۇ يازمامدىكىن دەيمىنا !


Rank: 4

تىللا
166
تۆھپە
183
UID
941

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 22:07:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
noshirwan يوللىغان ۋاقتى  2012-1-4 22:04
بىرەر يازمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، شۇ يازما ھەققىدە ئىكك ...

ئاخىرى مېنى چۈشىنىدىغان سىز چىقتىڭىز نوشىرۋان ، مېنىڭ دېگىنىم خاتا ئەمەستۇ ھە ؟


Rank: 2

تىللا
38
تۆھپە
25
UID
3942
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 22:12:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئىنكاسنى جىقراق يازايلى ، تېما ئىگىسىنىڭ كۆڭلى خۇش بولسۇن .


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5199
تۆھپە
2311
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 22:19:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سادا ئەپەندى ، ئاچچىقىڭىزنى بېسىۋېلىڭ ، مۇنبەرداشلار ھېلىمۇ كۆپ تىرىشىۋاتىدۇ ، بىزمۇ چوقۇم تېما ئىگىسىنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا تېمىغا ئىنكاس يېزىپ تېما ئىگىسىنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز .  


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مېھرىئاي مۇھەممەد
تىللا
624
تۆھپە
165
UID
283

جانلىق ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 22:28:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنڭكىگە يازمىساڭلار ، تېما يوللىمايمەن


Rank: 6Rank: 6

تىللا
492
تۆھپە
279
UID
780
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 22:32:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
shexla يوللىغان ۋاقتى  2012-1-4 22:28
مېنڭكىگە يازمىساڭلار ، تېما يوللىمايمەن

يازمايمىز،،،،ھەرگىز يازمايمىز،،خەق يازسىمۇ مەن يازمايمەن،سىزنىڭ تىما يۇللىشىڭىزغا ھەرگىز يۇل قۇيمايمىز،،،،


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
4540
تۆھپە
2306
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 22:36:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەق گەپ، ھەقىقەتەن ھەق گەپ! خەنزۇلارنىڭ مۇنبەرلىرىدە ئىنكاس يازمايدىغان مۇنبەرچىنى ساپاسىز مۇنبەرچى، جياڭيۇچى دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن ئاتايدىكەن! ناۋادا «ياخشى يېزىپسىز، قولىڭىز دەرد كۆرمىسۇن، داۋاملىق يېزىپ تۇرارسىز...» دەيدىغان گەپ بولسا مېنىڭچە يازمايلا قويغان تۈزۈك، ئەمما، تەتۈرسىدىن چىقىپمۇ بولسا بىرنەرسە يازساق مېنىڭچە گەپ قىلىشنى بولسىمۇ ئۆگىنىمىز!


باش سۈرىتىم بىلەن ئىمزا سۈرىتىمدە ھەممە ئېنىق ئايان، ئىشىكىمنىڭ تۈۋىدە يالغۇز خىيال سۈرىمەن، خىياللىرىم دۇنيانى كېزىدۇ، ھاۋا شۇ قەدەر سوغۇق !...

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مېھرىئاي مۇھەممەد
تىللا
624
تۆھپە
165
UID
283

جانلىق ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 22:54:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kargay يوللىغان ۋاقتى  2012-1-4 22:32
يازمايمىز،،،،ھەرگىز يازمايمىز،،خەق يازسىمۇ مەن يازم ...


مەنمۇ ئىنكاس يازماي تېمامنى كۆرشىڭلارغا ھەرگىز يول قويمايمەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shexla تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-4 22:54  



Rank: 6Rank: 6

تىللا
409
تۆھپە
272
UID
270
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 22:54:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ياخشى بولغان بىر ئىنكاس مەيلى سىز تېما ئېگىسىنى تەقدىرلەڭ ، ياكى چۆكتۈرۈڭ بۇ تېما ئېگىسى ئۈچۈن بىر  ئىلھام بولاتتى ، ئەپسۇس ،  بارلىق مۇنبەرلەردە ئاساسەن دوست تارتىشىپ ئىنكاس يازىدىغان ئەھۋال بار ، ئامال قانچە ، «ئۆتمەس ماتا ، زورلاپ ساتا » قىلغىلى بولمىسا يە ؟


مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەنلىك ئۇ  شۇئىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىدىن ئەمەس .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئىسىمى
بىلىگئەر
تىللا
1679
تۆھپە
806
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 23:05:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ياخشى تېمىغا پىكىر قاتمىغان، بولۇپمۇ ئوقۇپ بولۇپ ئىنكاس يازمىغان كىشىنى ئوخشۇتۇشقا توغرا كەلسە. خەقنىڭ ئويىگە ئۈسسۈپ كىرىپ داستىخىنىغا داخىل بولۇپ، قورساقنى توقلاپ بولۇپ، ئارقىدىن خۇددى ھىچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك، چىقىپ كەتكەن كىشىنىڭ مىسالىدىن ئېغىز ئېچىش كېرەك. ئۆزۈم ئوقۇغان ياخشى يازمىلار ۋە پىكىرلەرگە ئىنكاس قايتۇرمىسام كۆڭلۈم يۇقارقى مىسالدىكىدەك ، كىشىنىڭ ھەققىنى يېگەن تۇرۇپ قايتۇرمىغاندەك ھىس قىلىپ قالىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ كۆڭلۈمنى ئىپادىلەيمەن.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
492
تۆھپە
279
UID
780
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 23:16:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھىكايە،پۇۋسىت،رۇمانلارغا قىزىقمايمەن ،،،شىئىرغا ،خەۋەرگە ،ھۇججەتلىك فىلىم ،ئۇبزۇر-ماقالىلارغا قىزىقىمەن ،،ئۇزەم قىزىققان تىمىلارنى كۇرۇپ ئىنكاس يازىمەن ،،،قىزىقمىغان چۇشەنمىگەن تىمىلارغا زۇرلاپ ئىنكاس يازمايمەن ،،


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1564
تۆھپە
463
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 23:17:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلگئەر يوللىغان ۋاقتى  2012-1-4 23:05
ياخشى تېمىغا پىكىر قاتمىغان، بولۇپمۇ ئوقۇپ بولۇپ ئى ...

ماۋۇ ئىنكاس تومۇزدا ئىچكەن راخاپتەك  ياقتى ماڭا.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
723
تۆھپە
519
UID
893
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 02:27:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زادى مۇشۇ ئىنكاس يېزىشقا خوشياقمايدىغانلار ئۆزىنى قايتا تەكشۇرۇپ باقمىسا بولمايدۇ!!!


بۈگۈن ئۈگەنمىسىڭىز ئەتە ئۆتمۇش ئىچىدە ياشايسىز!

Rank: 1

ئىسىمى
ئاتامان
تىللا
42
تۆھپە
13
UID
3924
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 07:29:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقۇل شۇنداق  قىلايلى دەيدىغان دىن بىرسى يوق  ~~~~~~~~~~~!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-2-4 11:41, Processed in 0.086731 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش