كۆرۈش: 30515|ئىنكاس: 54

ئىنكاسنى پۇل تۆلەپ يازمايمىزغۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
194
تۆھپە
242
UID
941

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 21:44:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىنكاسنى پۇل تۆلەپ يازمايمىزغۇ ؟


    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى ھەممىڭلارغا مەندىن ئوتلۇق سالام ! ئەزا بولمىغان سىرتتىن مۇنبەرنى كۆرۈۋاتقانلارغىمۇ سالام كەتتى ھە ! ئەمدى گەپكە كەلسەك ، تەڭرىتاغ مۇنبىرى ئېچىلغان قىسقىغىنە مابەينىدە ھەممىمىزنىڭ كۈچلۈك قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇنلىغان يېڭىلىقلار بارلىققا كېلىپ ، مۇنبەرنىڭ تەسىر دائىرىسى بارغانسېرى كېڭەيدى دەپ ئويلايمەن . بۇنى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق تىرىشىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە . يېقىندىن بۇيان ، مۇنبەردە خېلى ياخشى تېمىلار مەيدانغا كېلىپ ، مۇنبەرنىڭ نادىر تېمىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ بىراق بۇ ئېسىل تېمىلارغا چۈشكەن ئىنكاسلار ناھايىتى ئاز بولدى ، جۈملىدىن مەنمۇ ئۆزۈمدە خېلى ياخشى يازدىم دېگەن بىر نەچچە تېمامغا چۈشكەن ئىنكاسلارمۇ مېنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى . مەن تېخى مۇنبەردە خېلى كۆپ ئىنكاس چۈشۈپ ، بۇنىڭدىنمۇ ياخشى تېمىلار بارلىققا كېلىدۇ دېگەن تېمىلىرىمنىڭ << تاينى >> يوق بولدى . نېمىشقا ئىنكاس چۈشمەيدىغاندۇ دەپ ئويلاندىم ، ياكى يازغان نەرسىلىرىمنىڭ ئەھمىيىتى يوقمىدۇ دېگەننىمۇ كۆپ ئويلاندىم ، سىلەر دەپ بېقىڭلار ، نېمىشقا ئىنكاس يازمايسىلەر ؟
    بۇنداق دېيىشىم مېنىڭ تېمامغا ئىنكاس يېزىڭلار دېگىنىم ئەمەس بەلكى باشقىلارنىڭ جاپا تارتىپ قىلغان ئەمگىكىگە ئازراق بولسىمۇ ھۆرمەت قىلىپ قويۇڭلار . ئىككى - ئۈچ قۇر ئىنكاس يېزىپ قويساڭلار ھېچنىمە بولمايسىلەر ، بەلكى قولۇڭلار ئۇيغۇرچە خەت بېسىشقا تېخىمۇ كۆنىدۇ . ئەتىگەندىن كەچكىچە مۇنبەردە ئولتۇرۇپ ، باشقىلارنىڭ تېمىلىرىنى كۆرۈپ ، بىرەر تال ئىنكاس يېزىپ قويۇشقا يارىمىساق بولمايدۇ دە . چ چ دا توختىماي سۆزلىشىمىزيۇ ، بىزگە بىلىم بېرىۋاتقان ، بىزگە زوق بېرىۋاتقان ، مىللەت ، ئەنئەنە ، مەدەنىيەت ئۆگۈتۈۋاتقان ئاشۇ ئەزالىرىمىزغا ئازراق بولسىمۇ ئىلھام ، مەدەت بەرسەك ، مېنىڭ دېگەن گېپىمنىڭمۇ خاتاسى يوقتۇ ؟ ئەگەر بىز شۇ ئەزاغا ئىلھام ، مەدەت بەرسەك ، ئۇ چوقۇم ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى تېمىلارنى مۇنبەرگە تۆكۈشى مۇمكىن .
    جىق سۆزلىۋەتتىم ، لېكىن ئىچىم راست قايناپ قالدى ، ئىنكاسنى پۇلغا ساتامدىغاندۇ دەپ ئويلاپمۇ قالدىم ، شۇڭا مۇنبەر ئەزالىرى خاپىلىساڭلارمۇ چاتىقىم يوق ، يېقىندىن بۇيان خىزمىتىم ئالدىراش بولغاچقا ئۆزۈممۇ ئىنكاسنى كۆپ يېزىپ كېتەلمىگەنىدىم ، مانا بۈگۈندىن باشلاپ ئىنكاسنى كۆپرەك يېزىشقا تىرىشىمەن ، بۇ جەھەتتىن ئۆزۈمنى ئېتىراپ قىلىمەن . بولسا مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ مېنىڭ بۇ شەخسىي كۆز قارىشىمنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
    ئاۋۇ مۇنبەرنىڭ سىرتىدىن كۆرۈۋاتقان قېرىنداشلىرىم ، ئۇنداق قىلماي سىلەرمۇ مۇنبەرگە بىر ئەزا بولۇپ كىرىپ سىناپ بېقىڭلار ، تىزىملىتىشقا پۇل ئالمايدۇ ، مەڭگۈلۈك ھەقسىز ، كىرىپ كۆرۈپ بېقىڭ ، مۇنبەر مېھرى دىلىڭىزدا قالىدۇ .
    يىغىنچاقلىسام ، ئىنكاسنى جىقراق يازايلى ، تېما ئىگىسىنىڭ كۆڭلى خۇش بولسۇن ، ئۆز تېمىسىنىڭ مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانلىقىدىن دىلى سۆيۈنسۇن ! چۈنكى ھەممىمىزنىڭ مەقسىتى مۇنبەرنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت . ( باشقۇرغۇچىلار خاپا بولماي تەستىقلاپ قويساڭلار ) .   

بارمۇ مىكروبىلوگى
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
701
تۆھپە
373
UID
780
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 21:50:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھى،،ھى،،،زۇرلاپ ئىنكاس يازدۇردىغان بۇلدى ماۋۇ ‹ئەرەب›يىگىت،،،،،،،،،،،،،،،،،،


Rank: 2

ئىسىمى
مىرشاھ
تىللا
137
تۆھپە
41
UID
3079

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 21:58:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاتىقىم يوق، دەپلا خاپۇلاپ كېتىپسىزغۇ، ئەرەپ شاھزادىسى سادا، بەزى ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. تېمىلىرىڭىزغا ئىنكاس يازىدىغانغا چوقۇم ئادەم چىقىدۇ، بەل قويىۋەتمەي، داۋاملىق نادىر تېمىلارنى يوللاپ تۇرۇڭ، ئۈمىدىمىز سىزدە، تېمىغا قانچە كۆپ ئىنكاس چۈشسە تېما ئىگىسى شۇنچە خوش بولىدۇ، بۇنى مۇنبەرداشلار تولۇق چۈشىنىدۇ.


Rank: 2

تىللا
88
تۆھپە
41
UID
3942
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 22:03:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە تېمىىغا ئىنكاس يازغىلى نەدە چول.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1951
تۆھپە
558
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 22:04:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرەر يازمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، شۇ يازما ھەققىدە ئىككى كەلىمە بىر نەرسە يېزىپ قويساق، ماختاپ يازغان بولساق  يازما يوللىغۇچىنىڭ كۆڭلى خۇش بولسا، تەنقىدىي پىكىر يازساق يازما يوللىغۇچى شۇ ھەقتە ئويلىنىپ باقسا، مەيلى قانداق بولسۇن، زېيانى (زېيىنى دەپ يازسام يېڭى ئىملا قائىدىسىگە مۇخالىپ كېلەرمۇ) يوق، پايدىسى بار ئىش بولىدىكەن.


بارمۇ مىكروبىلوگى

Rank: 4

تىللا
194
تۆھپە
242
UID
941

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 22:05:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kargay يوللىغان ۋاقتى  2012-1-4 21:50
ھى،،ھى،،،زۇرلاپ ئىنكاس يازدۇردىغان بۇلدى ماۋۇ ‹ئەرەب ...

ياق زورلىمىدىم ، ئىچىم قايناپ قالدى شۇ !


Rank: 4

تىللا
194
تۆھپە
242
UID
941

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 22:06:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
MirShah_伊风 يوللىغان ۋاقتى  2012-1-4 21:58
چاتىقىم يوق، دەپلا خاپۇلاپ كېتىپسىزغۇ، ئەرەپ شاھزادىس ...

خاپىلىمىدىم ، ئۆزۈممۇ باشقىلارنىڭ تېمىسىغا ئىنكاس يازمىغاندىكىن ، مېنىڭكىگىمۇ يازمامدىكىن دەيمىنا !


Rank: 4

تىللا
194
تۆھپە
242
UID
941

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 22:07:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
noshirwan يوللىغان ۋاقتى  2012-1-4 22:04
بىرەر يازمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، شۇ يازما ھەققىدە ئىكك ...

ئاخىرى مېنى چۈشىنىدىغان سىز چىقتىڭىز نوشىرۋان ، مېنىڭ دېگىنىم خاتا ئەمەستۇ ھە ؟


Rank: 2

تىللا
88
تۆھپە
41
UID
3942
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 22:12:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئىنكاسنى جىقراق يازايلى ، تېما ئىگىسىنىڭ كۆڭلى خۇش بولسۇن .


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5661
تۆھپە
2502
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 22:19:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سادا ئەپەندى ، ئاچچىقىڭىزنى بېسىۋېلىڭ ، مۇنبەرداشلار ھېلىمۇ كۆپ تىرىشىۋاتىدۇ ، بىزمۇ چوقۇم تېما ئىگىسىنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا تېمىغا ئىنكاس يېزىپ تېما ئىگىسىنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز .  


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-30 10:23, Processed in 0.080743 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991