ئۈرۈمچىنىڭ قاتناش ئەھۋالىغا نەزەر (سۈرەت)
تۆنۈگۈن چۇشتىن كېيىن ئازراق ئىش بىلەن ئىدارەمدىن بالدۇرراق چىقىپ ، خەلق يولىدىكى بىر دۇكانغا بارماقچى ئىدىم . سائەت 3 بىلەن ماشىنامنى ھەيدەپ يولغا چىققتىم . كىم بىلسۇن ئۈرۈمچىدىكى تېز سۈرەتلىك يول بولغان ساي يولىمۇ راۋان بولماي ، ماشىنا ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ، 18كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ مۇساپىنى ساق بىر يېرىم سائەتتە بېسىپ ، نىشانىمغا يېتىپ بارغاندا دۇكاندىكىلەر ئىشتىن چۈشۇپ كېتىپتۇ . ئۇ يەردىن قايتىپ ئۆيگە قايتاشىمنى دىمەيلا قوياي . بۈگۈن ئەتىگەن ماشىنامغا كۆزۇمنىڭ قىرىدا قاراپ قويۇپ ، ئاپتۇۋۇز بىلەن ئىشقا بارماقچى بولۇپ ، پىيادە چىقىپ كەتتىم . سىلەر كۆرگەن بۇ كۆرۈنۈشلەر بۈگۈن ئەتىگەندىكى ئۈرۈمچىنىڭ قىزىلتاغ ، نۇرلۇق يولى ، ساي يولىدىكى كۆرۇنۇشلەر .
