كۆرۈش: 9775|ئىنكاس: 11

‹‹ئەقىللىق يىشيۇ››نىڭ ناخشىسىنىڭ ئۇيغۇرچىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1350
تۆھپە
709
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 11:34:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

‹‹ئەقىللىق يىشيۇ››نىڭ ناخشىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


   ئىلاۋە: ياپونىيەنىڭ دۇنياغا مەشھۇر كارتون فىلىمى ‹‹ئەقىللىق يىشيۇ›› دۇنيا بالىلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر بالىلىرىمۇ ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان كارتون فىلىملەرنىڭ بىرى. بۇ فىلىم بىر ئەۋلاد بالىلارنىڭ قىزىقىشى، قىممەت قارىشىغا تەسىر قىلىپلا قالماستىن بەلكى، چوڭلارمۇ قىزىقىپ كۆرىدىغان فىلىمگە ئايلىنىپ كەتكەن، شۇنداقلا دۇنيا كارتون فىلىم ساھەسىدىكى ئابىدىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. فىلىم 1975-يىلى ئىشلەنگەن بولۇپ، 1975-يىلى 15-ئۆكتەبىردىن 1982-يىلى 28-ئىيۇنغىچە ياپونىيەدە ئۇدا سەككىز يىل قويۇلغان. فىلىمدە ۋىيروچوۋ باكخوت (شىتىڭ موفۇ) دەۋرىدە ياشىغان يىشيۇ ئانىسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ، يەسكونى جىنجا (ئەنگو) ئىبادەتخانىسىغا كىچىك راھىب بولۇپ كېتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ چېچەنلىكى ۋە ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ، سانسىزلىغان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ. ئاجىزلارغا باشپاناھ بولۇپ، زوراۋانلارغا ساۋاق بېرىدۇ. فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى قىزىقارلىق، تىلى جانلىق ۋە ئاممىباب، كارتون ئىشلىنىش سەۋىيەسى يۇقىرى بولۇپ، كىشىلەردە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرىدۇ.
   فىلىمنىڭ ئاساسلىق ناخشىسىمۇ ئاجايىپ تېتىملىق، جانلىق بولۇپ، فىلىمنىڭ بەدىئىيلىكىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تەسىرچانلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن. شۇڭا بۇ ناخشا بالىلار زوق بىلان ئاڭلايدىغان ۋە سۆيۈپ ئوقۇيدىغان نادىر ناخشىغا ئايلىنىپ كەتكەن. تۆۋەندە بۇ ناخشىنىڭ تەرجىمىسىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز:

ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق

بىز ساڭا ئامراق.

ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق

چېچەن-زېرەكچاق.

ئەي زېرەكچاق، كىم ساڭا يەتسۇن؟

تاغ يۈرەكسەن، كىممۇ قورقمىسۇن؟

ئالەمدە بىر شوخ-كەپسىزلىكىڭ

سەن بار يەردە جېدەلمۇ ئويۇن

ئا...

ئا...

كاللاڭنى ئىشلەت

ئەجەپ قىيىن

ئەجەپمۇ قىيىن

ئېغىر ئالمىغىن

ئېغىر ئالما

ئېغىر ئالما

ئېغىر ئالما

پۇرسەت غەنىيمەت

بىلىم كارامەت

تىرىشقىن ئەبەد

قورقما ياماندىن

يۆلە ئاجىزلارنى

كەلسە قولۇڭدىن

ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق

بىز ساڭا ئامراق.

ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق

چېچەن-زېرەكچاق.

ئەي، يىشيۇ!!!

ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق، ئوماق


غەنى سەمەت تەرجىمىسى

‹‹شىنجاڭ سەنئىتى›› ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 6-سانىدىن ئېلىندى


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
4481
تۆھپە
497
UID
62

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 13:07:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ ھەقىقەتەنمۇ نادىر كارتون فىلىم . ئۇنىڭ شوخ يېقىملىق ئېيتىلغان ناخشىسى ئادەمنىڭ ئامراقلىغىنى كەلتۇرىدۇ . مەزمۇنىمۇ ياخشىكەن . ئۇ دۇنيادىكى ھەر مىللەت بالىلىرىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئالغۇسى .
   
         


تەتقىتنى قوبۇل قىلغانلىق ، ئالغا باسقانلىق .

Rank: 6Rank: 6

تىللا
855
تۆھپە
585
UID
893
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 13:23:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئوماق.


بۈگۈن ئۈگەنمىسىڭىز ئەتە ئۆتمۇش ئىچىدە ياشايسىز!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرسان روھ
تىللا
2138
تۆھپە
739
UID
528

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 13:46:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن نادىر كارتون فىلىمدە بۇ مەنمۇ بەك ياخشى كۆرىمەن بۇ فىلىمنى


ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى-روھىڭ سامان بولماس.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
726
تۆھپە
358
UID
1195
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 15:02:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمىسىمۇ  ھەقىقەتەن ياخشى  ئىكەن   


دوسلار ياخشىمۇ سىلەر ،بىرنەچچە كۇن بوپتۇ تۇرغا چىقمىغىلى  

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قاراقاش
تىللا
973
تۆھپە
428
UID
312
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 16:26:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارام ئالايلى بىر ئاز ئارام ئالايلى


مەن ئاپامنىڭ ئاپپاق قاغىسى، يۇمشاق كىرپىسى.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
يۈسۈپجان
تىللا
762
تۆھپە
366
UID
731
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 00:58:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئچىمىدە مۇزىكىسىغا سېلىپ ئۇقۇپ باققانتىم،بەكلا ماسلىشىدىكەن تەرجمە تىكىستى بىلەن مۇزىكىسى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sukut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-7 00:59  



Rank: 8Rank: 8

تىللا
2926
تۆھپە
832
UID
1186
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 03:06:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ اىلىم ھەقىقەتەن ياخشى شېرنىڭ مەزمۇنىنى ئەمدى بىلىۋالدىم رەھمەت.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2692
تۆھپە
1475
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 13:44:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نادىر كارتون فىلىمنىڭ ئۆزىمۇ ياخشى، ناخشىسىنىڭ مەزمۇنىمۇ ياخشى ئىكەندە؟


Rank: 1

تىللا
6
تۆھپە
3
UID
4347
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 02:53:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-31 09:52, Processed in 0.078647 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991