كۆرۈش: 35105|ئىنكاس: 9

جۇڭگو – ئامېرىكا ئازاپلىق ھالدا «ئاجرىشىش» نى باشتىن كەچۈرمەكتە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
80
تۆھپە
40
UID
22346
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 11:02:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جۇڭگو – ئامېرىكا ئازاپلىق ھالدا «ئاجرىشىش» نى باشتىن كەچۈرمەكتە



    ئايرىلىش شۇنداق ئازاپلىق ، بىراق ئەڭ قۇرقۇنچلىق بولغىنى يەنىلا ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ ، توقۇنۇشلار ئۆزۈلمەي ، ئەڭ ئاخىرىدا قىلغان ئەمگەكنىڭ ھەممىسى بىكار بولىدىغان نىكاھتىن ئاجرىشىش مىساللىرىدىن ئىبارەت . ھەممە ئالامەتلەر شۇنى بىلدۈردىكى ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت بىر–بىرىگە ھەم ھەسەت قىلىدىغان ھەم ئۆز ئارا ئېھتىياجلىق بولىدىغان ھەمراھلار ھازىر دەل مۇشۇنداق نىكاھتىن ئاجرىشىش كەچۈرمىشىنى بېشىدىن ئۆتكۈزمەكتە .
     2008-يىلى پۈتۈن يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كىرىزىستىن كېيىن ، «جۇڭگو–ئامېرىكا ئورتاق گەۋدىسى» ئۇزاققا سوزۇلغان ، ئازاپلىق بولغان تىركىشىش پاتقىقىغا پېتىپ قالدى . جۇڭگو ئامېرىكا ئورتاق گەۋدىسى مەزگىلىدە ، ئىككى دۆلەت بىر ياقىدىن باش چىقاردى ، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن يەر شارى ئەڭ ئۇزاققا سوزۇلغان ئىقتىسادىي ئېشىش مەزگىلى ۋە ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىلنى باشتىن كەچۈردى . تارىخشۇناس نېل فورگوسون ئوتتۇرىغا قويغان بۇ خىل مۇكەممەل ئورتاق مەۋجۇد بولۇش ئاساسى بولسا، جۇڭگونىڭ ئامانەت سوممىسى دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ ، بىراق ئامېرىكا بولسا قەرز ئالغان پۇل بىلەن ئالدىنئالا ئىستېمال قىلىدۇ . 2008-يىلى 9-ئايدا لېھمان ئاكا–ئۇكىلار شىركىتى ۋەيران بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ رومانتىك تارىخى ئاياقلاشتى . ھازىر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئاجرىشىشى بەلكىم پۈتۈن يەر شارىغا ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن .
    خۇددى «نىكاھتىن ئاجرىشىش» نىڭ بىشارەتلىرىگە ئوخشاش ، ئىككى دۆلەت جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى ، سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بىر–بىرىنى ئەيىپلىشىپ ، ۋاشنگتون بىلەن بېيجىڭنىڭ سىياسىي كەيپىياتىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۋەتتى .
    جىددىي كەيپىيات تېخىمۇ كەسكىنلەشتى ، چۇنكى ۋاشىنگتوننىڭ خارابلىشىشى ۋە بېيجىڭنىڭ باش كۆتۈرۈشى تېخىمۇ ئەمەلىي ، ئوچۇق بولغان ئەمەلىيەتكە ئايلاندى . جۇڭگو قاتتىق قوللۇقلار تەرەپدارى يەن شۆتۇڭنىڭ دېيىشىچە ، دۇنيا تەرتىپى ئامېرىكىنى مەركەز قىلغان يەككە قۇتۇپلۇق سىستېمىدىن جۇڭگو يەنە بىر قۇتۇپنى تەشكىل قىلىشتەك ئىككى قۇتۇپلۇق سىستېمىغا ئۆزگەردى . بىراق ھەربىي توقۇنۇش بۇ مەسىلىدىكى بىردىنبىر توقۇنۇش ئەمەس . ئىككى چوڭ دۆلەت ئارىسىدا مەيلى ئۇزۇن مۇددەتلىك رىقابەت ياكى ئورتاق باشقۇرۇشتا بولسۇن ھامان دۇنياغا قارىتا بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرى بولىدۇ .
    رىقابەت ئاللىبۇرۇن باشلىنىپ بولغان ئىدى . جۇڭگودىن خاتىرجەم بولالمايدىغان قوشنا دۆلەتلەر ۋاشىنگتوننىڭ قايتىدىن بۇ رايونغا دىققەت نەزەرىنى قارىتىشىنى قارشى ئېلىشتى . يىغىپ ئېيتقاندا ، ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ھاسىل قىلغان ئاسىيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر جۇڭگودىن كۈچلۈك بولغان ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئەمەلىي كۈچكە ئىگە (گەرچە ئىقتىسادىي جەھەتتە پۈتۈنلەي بېيجىڭغا تايانسىمۇ ) .
    پىروفېسسور يەن شۆتۇڭنىڭ قارىشىچە ، جۇڭگو ئىتتىپاقداشلىق ئورناتماسلىق ئىستراتېگىيەسىگە قايتىدىن قاراپ چىقىپ ، رۇسسىيە بىلەن بولغان رەسمىي ئىتتىپاقداشلىقنى ھاسىل قىلىشى ، شۇنداقلا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرنى بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ ، ئوبامانىڭ ئاسىيا قىتئەسىگە قايتىش ئىستراتېگىيەلىك سىياسىتىگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك . ئادرۋ سىمور بولسا ئۆزگىچە قاراشقا ئىگە بولغان جۇڭگو كۆزەتكۈچىسى . ئۇ ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى : سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ پاسسىپلىقى بەلكىم يەنە ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن . پۈتۈن يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ، رايون توقۇنۇشىنى خەلقئارالىق ئاپپاراتلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئۈستىگە قۇرۇش بەلكىم ئىككى قۇتۇپنى تەڭشەشتىكى قورالغا ئايلىنىشى مۇمكىن.
    جۇڭگو–ئامېرىكا ئورتاق گەۋدىسىنىڭ پارچىلىنىشىغا ئەگىشىپ ، جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ھەر قانداق بىر شەكلى قايتا جەلپ قىلىش كۈچى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ . ئۇرۇش بولسا ئاپەت خاراكتېرلىك بولىدۇ ، ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پۈتۈن يەر شارىنى باشقۇرۇشنى پالەچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ ، G2 ئەندىزىسى ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز ئارا تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن . بۇ خىل ئوتوپىيەگە قارشى بولغان كەلگۈسىدىكى بىردىنبىر ئۇسۇل بولسا يەنە بىر خىل تېخىمۇ كۆپ رايونلار ئىتتىپاقلاشقان كۆپ تەرەپلىك تەرتىپنى تەشەببۇس قىلىپ ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنى قايتىدىن نورمال مۇناسىۋەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت .
    مەيلى جۇڭگو ياكى ئامېرىكا بولسۇن ، ئۇلار ئۆزلىرى دۆلەت ئىچىدىكى قىيىنچىلىقنى ھەل قىلمىسا ياكى دىپلوماتىيە سىياسىي ئەمەلىي كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرمىسە ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ياپونىيە قاتارلىق باشقا چوڭ دۆلەتلەر يەنە بۇرۇنقىدەك ئەستايىدىل مۇئامىلىگە ئۇچرىمايدۇ ، بىراق تاكى ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئالامەت ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. پائال ھەرىكەت قوللانمىسا ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىر جۈپ نىكاھتىن ئاجرىشىشقا تەييارلانغان ھەمراھنىڭ ئوتتۇرىسىدا پارتىلىغان قورقۇنچلىق ۋەسىيلىك ھوقۇقىنى تالىشىش ئۇرۇشى ئىچىدە قېلىپ قالغانلىقىنى سېزىدۇ .
    (ياۋروپا قىتئەسى سىرتقى مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ ئىجرا قىلغۇچى مۇدىرى مارك لىئوناردو)
    تەرجىمە قىلغۇچى: ئالىمجان نەسىردىن

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
353
تۆھپە
180
UID
5867
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 11:47:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇ ئىككى دۆلەت مەڭگۈ يارشالمايدۇ . بىرى كاپتالىزىمنىڭ ۋەكىلى يەنەبىرى بولسا سوتسىيالىسىمنىڭ ۋەكىلى . ئەڭ ياخشىسى ئۇلار بىربىرىنىڭ خېتىنى بېرۋەتمەي مۇشۇنداق قېيدىشىپ يۈرگىنى ياخشى .


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
راس
تىللا
180
تۆھپە
43
UID
25497
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 14:38:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆمۈرنى تاشلىسا داتلىشىدۇ،
خوتۇننى تاشلىسا ياتلىشىدۇ،
ئابدۇكېرەم ئابلىز


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
1020
تۆھپە
397
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 16:49:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنپەئەت ئۆستىگە قۇرۇلغان دوستلۇق ھامان مەنپەئەت تۇقۇنىشى كەلتۇرىدۇ.


ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زاھىرجان
تىللا
571
تۆھپە
211
UID
20416
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 17:01:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنڭچە بۇ ئىككى دۇلەتنىڭ ئوز-ئارا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى مەڭگۈ راۋاجلاندۇرۇش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بولسا؛ پۈتۈن دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەقىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقانغا باراۋەر شۇنىڭ ئۈچۈن يارىشىشقا بۇلىدۇكى ھەرگىز ئاجرىشىشقا بولمايدۇ.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
2534
تۆھپە
1330
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 19:04:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇ ئىككى دۆلەت مەڭگۈ يارشالمايدۇ


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 4

تىللا
258
تۆھپە
84
UID
16029
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 04:06:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتى-پىتى دىمەي گاچچىدىلا ئاجىرىشىپ كەتمەي،بىر-بىرىنى مول...... قىلىشىپ


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6656
تۆھپە
3361
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 11:43:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارىچىغا ئالتە تاياق بولمىغاندىكىن، ئارىچىدىن بىرى تېزراق كېلىپ دەرھال ياراشتۇرۇپ قويسا بولاتتى، يەنىلا ئىشق ۋىسالىدا كۆيۈپ-پىشىپ ئۆتكەنگە يەتمەيدۇ! يەنە شۇنىڭغىمۇ ئىشىنىمەنكى، بۈگۈن ئاجراشسا ئەتە يېنىشىۋالىدۇ!


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 4

تىللا
321
تۆھپە
154
UID
21734
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 20:38:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
KAPITA يوللىغان ۋاقتى  2012-9-20 16:49
مەنپەئەت ئۆستىگە قۇرۇلغان دوستلۇق ھامان مەنپەئەت تۇقۇ ...

دەل شۇنداق بولدۇ


Rank: 1

تىللا
22
تۆھپە
8
UID
10225
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 16:31:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹ئاجراشسا›كىم  خېتىنى بىرەر ، كىم خېتىنى ئالار ھە ؟.....


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 15:28, Processed in 0.083549 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991