ئامېرىكا‹‹ ئەرەب قىشى›› غا دۇچ كەلدى
ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى ئاچچىق مېۋە بەردى . ئامېرىكىغا قارشى شىددەتلىك دولقۇن ئالدىدا ، ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدە تۆت كوچا ئاغزىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ ، چۆچۈپ داڭ قېتىپ قېلىش ۋە گاڭگىراش ئىچىدە ئىنتايىن قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە .
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ، ئامېرىكا كىنو فىلىمى ‹‹ مۇسۇلمانلارنىڭ نادانلىقى ›› پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئامېرىكىغا قارشى دولقۇن قوزغىدى ھەمدە باشقا رايونلارغا كېڭىيىپ ، ئۇزاققىچە يامراش ھالىتىدە تۇرماقتا . بۇ ئىش ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنىڭ پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ئەكس تەرەپتىن ئىسپاتلىدى ، ئاتالمىش ‹‹ئەرەب باھارى ›› ، ھازىر ‹‹ئەرەب قىشى ›› غا يۈزلەنمەكتە .
ئامېرىكىغا قارشى بۇ بوران لىۋىيەنىڭ ‹‹ئىنقىلاب بۆشۈكى ›› بىن غازىدىن باشلانغان . ئامېرىكىنىڭ لىۋىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى شۇ يەردە ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلگەن . بۇ پاكىتنىڭ ئۆزى ئەكسىچە مەسخىرە قىلىش مەنىسىگە ئىگە بولۇپ ، ئامېرىكىغا ئىنتايىن كۈچلۈك پىسخىك زەربە ئېلىپ كەلدى . ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كىلىنتونمۇ ئاشكارە ھالدا: بۇ ئىش قانداق بولۇپ بىز ئىلگىرى ياردەم بېرىپ ئازات بولۇشىغا ياردەم بەرگەن بىر دۆلەتتە ، بىز ۋەيران بولۇشىدىن ساقلىنىشىغا ياردەم بەرگەن بىر شەھەردە يۈز بېرىدۇ ؟ دېگەن .
ئامېرىكىنىڭ بۇ بىئاراملىقى ئىسلام مەدەنىيىتىگە بولغان بىلمەسلىكىدىن كەلگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكىسى چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن ھاكاۋۇرلۇق ۋە بىرتەرەپلىمىلىك قاراشتىن ئىبارەت . ‹‹مۇسۇلمانلارنىڭ نادانلىقى ›› ئامېرىكىغا قارشى غەزەپ دولقۇنىنى قوزغىدى . ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كىلىنتوننىڭ يەنىلا ئامېرىكىنىڭ ‹‹سۆز ئەركىنلىكى›› نى باھانە قىلىپ ، بۇ فىلىمنىڭ داۋاملىق تارقىلىشىنى ئاقلىشى بۇنىڭ ئەڭ يېڭى بىر مىسالى .
ئوباما ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى ئىزچىل ھالدا ئۆز ئارا توسقۇنلۇق قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى يۈزلىمىلىككە ئىگە بولۇپ كەلدى . ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىشلارنى كۆپ يىل باش قاتۇرۇپ باشقۇرغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۈنۈمى ئىنتايىن ئاز، ھەتتا ئىشلار ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە بولدى . ئوباما ھۆكۈمىتى ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك سىياسىتىنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى مۇئەييەن دەرىجىدە ئويلانغاندىن كېيىن ، چوڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى دۆلەتلەرگە ئارقا-ئارقىدىن ياخشىچاق بولدى . لىۋىيە قاتارلىق غەربىي ئاسىيا ، شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدە داۋالغۇش بولغان مەزگىلدە ، ئامېرىكا قىپيالىڭاچ ھالدا قوراللىق كۈچلەرنى ئىشقا سېلىشتىمۇ مەلۇم دەرىجىدىكى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش پوزىتىسىيەسىنى ئىپادىلىدى . ۋاھالەنكى ، بۇ قىياپەتلەرنىڭ كەينىدە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدىكى يېتەكچى ئامىل يەنىلا پايدىلىق قىممەت قارىشى ھۆكۈمى ، شۇنداقلا بۇنىڭدىن پەيدا بولغان ئاتالمىش ئامېرىكىچە ‹‹دېموكراتىيە ››نى ئۆزگەرتىش پىلانىدىن ئىبارەت . بۇ ماھىيەت ئامېرىكىنىڭ ‹‹قۇتقۇزغۇچى خۇدا›› غا ئوخشاش ئۆزىنى باسالماسلىقى ۋە مەغرۇر قىياپەتتىكى زوراۋانلىق روھىي ھالىتىنى كونترول قىلىشىنىڭ قىيىنلىقىنى بەلگىلىدى . ئامېرىكا ئىران چوڭ سايلىمى مەزگىلىدە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشقا سېلىپ ھاكىمىيەتنى ئۆزگەرتىشكە قوزغاشتىن تارتىپ ، ئاتالمىش ‹‹ئەرەب باھارى ›› مەزگىلىگىچە ئاشكارە ۋە يۇشۇرۇن ھالدا ئىشنى تېخىمۇ ئۇلغايتتى . ئاندىن يەنە سۈرىيە مەسىلىسدە قەدەممۇ قەدەم قىستاپ ، ئىزچىل ھالدا‹‹ئۆزگەرتىش››نى ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدىكى تېما سۆزى قىلىپ كەلدى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە‹‹ نېمە تېرىساڭ شۇنى ئورىسەن ›› دېگەندەك ئاقىۋەتكە قالماقتا .
ھازىر پۈتۈن يەرشارى دائىرىسىدىكى ئامېرىكىغا قارشى دولقۇن چوڭقۇر تارىخىي ، مەدەنىيەت ، دىن ۋە سىياسىي مەنبەگە ئىگە بولماقتا ، پىلتە بولغان كىنو ‹‹تۆگىنى يېقىتقان ئەڭ ئاخىرقى بىر تال شال پاخىلى (ئەرەب ماقال-تەمسىلى) ›› دىنلا ئىبارەت خالاس . ئوباما ھۆكۈمىتى گەرچە ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكى ئىككى مەيدان ئۇرۇشنى تىرىشىپ ئاخىرلاشتۇرغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇرۇش پەيدا قىلغان ئېغىر جاراھەتنىڭ ساقىيىشى تا ھازىرغىچە قىيىن بولىۋاتىدۇ . ‹‹ئەرەب باھارى›› نى باشتىن كەچۈرگەن غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا مۇرەككەپ سىياسىي ، ئىقتىساد ، قەبىلە قاتارلىق جەھەتلەردىكى زىددىيەتلەر كېلىپ چىققان بولۇپ ، ‹‹ ئامېرىكىچە دېموكراتىيە ›› ھاۋانىڭ ياقماسلىقىغىلا دۇچار بولۇپ قالماستىن ، يەنە نۇرغۇن ئىلاجىسىزلىقلارنى ئىپادىلىدى . ئامېرىكا كۆرۈنۈشتە قورال كۈچى ئىشلىتىشتە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئالاھىدە قىسىم، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارغا بولغان سېلىنما سالمىقىنى يوشۇرۇن ھالدا ئاشۇرۇپ ، بىگۇناھ كىشىلەرنى ئارقا-ئارقىدىن تالاپەتكە ئۇچراتتى ، ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە ئامېرىكىدىكى بەزى باستېرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىش ھەرىكەتلىرى ئىسلام دۆلەتلىرىدە تېخىمۇ ئاداۋەت پەيدا قىلدى . ئامېرىكا ‹‹مەدەنىيلىك توقۇنۇشى ›› نىڭ غەلىتە چەمبىرىكىگە يەنىلا چوڭقۇر پېتىپ قېلىپ ، ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالمايۋاتىدۇ .
ئوباما ھۆكۈمىتى ھازىر چوڭ سايلام يىلىدىكى ئەڭ ئېغىر دىپلوماتىيە كىرىزىسىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ . ئىچكى ، تاشقى ئىككى ئىسكەنجىگە ئېلىش ئامىلى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتماقتا . دۆلەت ئىچىدە ، ئوبامانىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى سايلام رىقابەتچىسىنىڭ كۈچلۈك زەربە بېرىشتىكى تۇتقىغا ئايلىنىپ قالدى ؛ دۆلەت سىرتىدا، ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانىياخۇ يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىدىن ئىران مەسىلىسىدە ‹‹قىزىل سىزىق سىزىش›› نى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كەلدى ، ئەگەر ئوباما ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە ئىسرائىلىيەنىڭ رايىغا باقسا ، چوقۇم پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىدا قايتا ئۆرلەش كېلىپ چىقىپ ، ئامېرىكىغا قارشى دولقۇن يەنىمۇ كۈچىيىدۇ .
ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى ئاچچىق مېۋە بەردى . ئامېرىكىغا قارشى شىددەتلىك دولقۇن ئالدىدا ، ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدە تۆت كوچا ئاغزىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ ، چۆچۈپ داڭ قېتىپ قېلىش ۋە گاڭگىراش ئىچىدە ئىنتايىن قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە . (جوڭ شېڭ)
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇسا ئەخمەت