ھاياتلىق ئاچىلىدا
ئابدۇمىجىت مەمەتئېلى (ھىكايە)
شەھەردىن قاتار تىزىلىپ كىلىۋاتقان پىكاپلارنىڭ سىگنال بېرىپ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئىككى تەرىپى ياپيېشىل دەرەخلەر بىلەن ئورالغان يىزا يولىنى بىر ئالغان ئىدى. ئۇلار كۆكئېرىق كەنتىگە كىلىپ، چوڭ يولنىڭ بىر تەرىپىدە قاتار بولۇپ توختىدى. يىگىتلەرنىڭ قىقاس-چۇقانلىرى،ناغرا-سۇناي ئاۋازلىرى ياڭراپ كەتتى. كۆكئېرىق دېھقانلىرى بۇرۇن بۇنداق ھەشەمەتلىك توينى زادىلا كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. شۇڭا يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە بىر مۇنچە كىشىلەر ئولىشىۋالغان بولۇپ، بۇ ھەشەمەتلىك توينى تاماشا قىلىۋاتاتتى. شۇنداق قىلىپ كۆكئېرىقنىڭ بىر پۇقراسى ھېچكىم ئېرىشەلمىگەن بەخت-سائادەتكە ئېرىشىپ، شەھەرگە كىرىپ كەتتى.تۆت يولنىڭ دوقمۇشىغا ئولىشىۋالغان كىشىلەر ئاشۇ قىزنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈستىدە پاراڭلىشىۋاتاتتى.
شەھەرنىڭ مەركىزى كوچىلىرىنىڭ بىرىگە جايلاشقان يەتتە قەۋەتلىك بىنانىڭ 2-قەۋەت سول تەرەپتىكى دەرىزىدىن چۈشۈپ تۇرغان «كۈن نۇرى» لامپىسىنىڭ يورىقى خېلى بىر ۋاقىتقىچە ئۆچمىدى. ئۆي ئىچىدىن يىگىت بىلەن قىزنىڭ شوخ كۈلكە-چاقچاقلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بۇ يەردە ھېلىقى تۆت يولنىڭ دوقمىشىغا توپلىشىۋالغان كىشىلەر قىلىشقان پاراڭنىڭ ئەمەلىيىتى داۋام قىلىۋاتاتتى. توغرا،ئاينۇر ھېچكىم سۈرەلمىگەن ھاياتلىق لەززىتىدىن بەھرىمان بولۇپ كەلمەكتە ئىدى. ..
قىز كىچىكىدىن باشلاپلا چوڭراق بىر باشلىقنىڭ ئوغلى بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدى.ئەگەر قىزلار ئوغۇللارغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىدىغان قائىدە بولغان بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇنداق پەرىزاتتەك گۈزەللىكى بىلەن ھاكىمنىڭ ياكى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ ئوغلىنى تېپىپ، ئۇنىڭغا سۆيگۈ-مۇھەببەت ئىزھار قىلىپ بۇنداق بۇرۇختۇرمىلىق ئىچىدىكى يىزا تۇرمۇشىدىن بىراقلا قۇتۇلۇپ كەتكەن بولاتتى. بىراق ئۇ بۇ رىئاللىقنىڭ قانۇنيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان چارە-ئاماللارنى ئويلىشى كىرەك.
دادىنىڭ ئەمدىكى ئارزۇسى مۇشۇ يۇرتتا ئىپىدىراق لايىق چىقىپ قالسا، قىزىنىڭ تويىنى قىلىپ، پەرزىنى ئادا قىلىش ھەمدە ئۇلارنى مۇشۇ ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆز ئۆيىنىڭ چىرىقىنى ئۆچۈرمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئىدى. دېگەندەك چار ساقال دادىنىڭ ئارزۇسىغا باپ كېلىدىغان يىگىتتىن ئۆيىگە ئەلچى كەلدى. بۇ يىگىتنىڭ ئىسمى-ئەنىۋەر بولۇپ، كۆكئېرىقتىن 20 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان سايباغ يېزىسىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى. ئۇ كىچىكىدە ئاتا-ئانىسىدىن يىتىم قىلىپ، ئاكىسىنىڭ ئالدىدا چوڭ بولغان ئىدى. ھازىرمۇ ئاكىسىنىڭ ئۆيىدە تۇراتتى. ئاينۇرنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ ئىشقا رازىلىق بەرگەن بولسىمۇ ،لىكىن ئاينۇر ئەنىۋەرنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاش بىلەن ئەندىكىپ كەتتى. «پاسكىنا يىتىم ئوغلاق.ئاپتاپ قورىقى، يولدا ئۇچراشقاندا نېمىشقا يەر تېگىدىن قارايدىكىن دېسەم، ماڭا كۆزۈڭ چۈشۈپتىكەن-دە، ئۆزۈڭگە ئوخشاش پايتىمىسىنى تەتۈر ئورىغان قىزلارنى تېپىۋال.»
ئۇ ئەنىۋەرنىڭ 20 نەچچە كىلومېتىر يولنى ۋەلسىپىت بىلەن مېڭىپ، خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان. ئۇ بىر نەچچە قىتىم ئەنىۋەرنىڭ ئەبجىغى چىقىپ كەتكەن كونا ۋەلسىپىتنى يېتىلەپ ئىشتىن قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. رولىغا ئېسىۋالغان رېمۇنت سايمانلىرى،سومكىسى ۋە رامغا باغلاپ قويۇلغان ناسۇسقا قاراپ كۈلۈپ تاشلىغان ئىدى. ئەمدى ئاينۇر مۇشۇنداق بىر رودىپاي بىلەن توي قىلسا، ئەل-يۇرت دوستلىرى ئالدىدا ئىزا-ئاھانەتكە قالمامدۇ؟ئاينۇر بىر قېتىم ئىشتىن قايتىپ كىلىۋاتقاندا ئەنىۋەر بىلەن ئۇچرىشىپ قىلىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا «شالاققىدە» تۈكۈرۈپ قويۇپ كېتىپ قالدى.
قىز دەسلەپتە بىر مەزگىل كۆزنى چاقنىتىدىغان رەڭگارەڭ كىيىملەرنى كىيىپ، شەھەر كوچىللىرىنى ئايلاندى. شەھەردىكى چوڭ-كىچىك ئەمەلدارلارنىڭ ئائىللىكلەر قورۇسىنىڭ ئەتراپى ئۇنىڭ ئايلىنىش نۇقتىلىرى ئىدى. ئۇ ئاشۇ قەۋەتلىك بىنالارنىڭ ئۇدۇلىدىكى ھەرخىل سودا دۇكانلىرى ،يايمىلار، يېمەك-ئىچمەك تەنزىلىرى ئالدىغا كىلىپ، مال سودىسى قىلاتتى. بىراق ئۇ نۇرغۇن دۇكانلارنى نا ئۈمۈتتە قويۇپ، كېتىپ قالاتتى. پەقەت قوغۇن-تاۋۇزچى، مارۇژنىچى دېگەندەك تىجارەتچىلەر ئۇنىڭ بىلەن بولغان سودىدا قانائەت ھاسىل قىلاتتى. ئۇ ھوزۇرلىنىپ مارۇژنى ئىچىۋاتقاندا ياكى تەنزە ئالدىدا سۈيى ئېقىپ تۇرغان تىلىم-تىلىم تاۋۇزلارنى يەۋاتقاندا ئارىلاپ-ئارىلاپ كەينىگە قاراپ قوياتتى.
ئۇنىڭغا گويا ئۇنىڭ كەينىدىكى ئىگىز قەۋەتلىك بىنادىكى بالىكوننىڭ دەرىزىسىدىن بىرەر يىگىت ئاشۇ قىزنىڭ گۈزەل رۇخسارىغا مەپتۇن بولۇپ، قاراپ تۇرغاندەك تۇيۇلۇپ كېتەتتى. ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن چاغدىكى مىنۇتلار بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن، قاتتىق كۆڭۈلسىز تۇيۇلاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ نامرات ئائىلىدە تۇغۇلۇپ قالغىنى ئۈچۈن بەكمۇ ئازاپلىناتتى. قىزنىڭ دادىسى مۇشۇ ئارزۇلۇق قىزىنىڭ خىزمىتىنى يىراق سەھرادىن يۆتكەپ كىلىش ئۈچۈن ئائىلە دىھقانچىلىقىنىڭ تۈۋرىگى بولغان كالا ۋە ھارۋۇسىنى سېتىپ، ناھيىدىكى مۇناسىۋەتلىك باشلىقلارنىڭ ئالدىغا نەچچە قىتىم قاترىدى....
ئۇنىڭ دارىلمۇئەللىمىندە بىللە ئوقىغان دوستلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولۇپ، ھاياتنىڭ شىرىن لەززىتىنى سۈرمەكتە. بىراق بۇ قىز ئۆزىنىڭ ھېلىقى بۈيۈك ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قانچىلىك ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ھىساپلاشماي، زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.بىر چاغدا ئۇنىڭ تىلىگى تەڭرىنىڭ قۇلىىقىغا يەتكەندەك بولدىمۇ ئۇنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىۋەتتى. قىز بىرسىنىڭ ئۆزىنى پايلاپ يۈرگەنلىكىنى سىزىپ قالدى. ئۇ ئۆزىنى پايلاۋاتقان بۇ يىگىت بىلەن قوشنىسى-تۇرسۇن پالتىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۇچراشقان ئىدى.
قىز قوشنىسى تۇرسۇن پالتىنىڭ بىر ئىنىسىنىڭ شەھەردىكى قايسى بىر ئىدارىنىڭ باشلىقى ئىكەنلىگىنى بىلەتتى. ئۇ ھېلىقى يىگىتنى كىچىك ۋاقتىدا بىر نەچچە قىتىم كۆرگەن ئىدى. ئۇزۇندىن بېرى بۇ يەرگە چىقمىغىنىغا قارىغاندا بىرەر يۇقىرى دەرىجىلىك مەكتەپتە ئوقۇپ كەلگەن بولسا كىرەك. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كۆزلىرى بىر-بىرىگە بېقىشىپ قالدى. مۇشۇنداق پەرىزاتتەك بىر قىزنىڭ سەھرادا تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكى يىگىتنى ھەيران قالدۇرغان بولسا كىرەك.
كېچىسى قىز زادىلا ئۇخلىمىدى.ئۇ ھېلىقى ئەنىۋەر دېگەن سولتەك ئەپەندى بىلەن مۇنۇ ئۈمۈتجان دېگەن يىگىتنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەتتى. ئەنۋەر دېگەن ئەلۋەتتە ئۈمۈتجانغا يىپ ئېشىپ بېرەلمەيدۇ. ئاينۇر پەقەت ئۈمۈتجاندەك ئاشۇنداق چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان،كەلگۈسىدە باشلىق بولۇش ئىھتىمالى زور بولغان يىگىتلەرگىلا مەنسۇپ بولىشى، ھەرگىزمۇ ئەنىۋەردەك سولتەك ئەپەندىگە مەنسۇپ بولماسلىقى كىرەك. بىر نەچچە قىتىملىق ئۇچرىشىشلار ئارقىلىق ئاينۇر بىلەن ئۈمۈتجان خېلى ئوبدان چىقىشىپ قالدى. تۇرسۇن پالتا جىيەن ئوغلىنىڭ ئۆزىنىڭ قوشنىسىغا كۈي ئوغۇل بولماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئوتتۇرىدا پايپاسلاپ يۈرۈپ، ھېرىپ ھالى قالمىدى....
ئۇ ئەنىۋەرنىڭ سايباغدىن ۋەلسىپىت مىنىپ كىلىۋاتقان چاغدىكى يۈز-كۆز، كىيىم-كىچەكلىرىنى توپا-چاڭ باسقان،ئاغزى قۇرۇپ گەز باغلاپ كەتكەن،ھارغىنلىق چىقىپ تۇرغان ھالىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەندە سەسكەنگىنىدىن كۆزىنى چىڭ يۇمۇۋالدى.
«تۇتقان-تەرگىنىنىڭ تايىنى يوق»بۇ يىتىمەك مەندەك بىر پەرى سۈپەت قىزغا ئەلچى كىرگۈزۈشكە قانداقمۇ جۈرئەت قىلالىدىكىنە؟بەلكىم، بۇ چاققا ئۇنىڭ يۈرىگى يېرىلىپ كەتكەندۇ؟ ھەي... ئۈمۈتجان بىلەن بىللە كېتىۋاتقان ۋاقتىمىزدا ئاشۇ سولتەك بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ قالغان بولساق، ئۇنىڭ يۈرىكىنى زەردە گۆش قىلىۋەتسەم،نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى-ھە؟
ئۈمۈتجاننىڭ يىراق-يېقىن تۇغقانلىرى ئۈمۈتجان بىلەن ئاينۇرنىڭ تويىنى مۇبارەكلەپ، ئۇلارنى مېھماندارچىلىققا باشلىدى. شۇ قاتاردا ئۈمۈتجاننىڭ گۈلباغ يېزىسىدىكى بىر تۇغقىنىمۇ ئۇنى سەھرانىڭ مېۋە-چىۋىلىرىدىن يەپ كىلىشكە تەكلىپ قىلدى. گۇلباغ يېزىسى سايباغقا بارىدىغان يولنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان ئىدى. ئاينۇر ناھايىتى خوشال بولدى.ئەگەر ئۇ يەرگە دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن باشقا كۈندە بارسا كەچتە قايتاشىدا ھېلىقى سولتەك ئەپەندىنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئۈمۈتجاننىڭ دادىسى ئىدارىسىنىڭ ماشىنىسىنى ئۇلارنى گۇلباغقا ئاپىرىپ كېلىشكە ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ بىراق ئاينۇر موتۇسىكىلىتتا ئولتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدى.
پىكاپ بىلەن ماڭغاندا ئەنىۋەر سولتەككە ئۆزىنى كۆرسەتكىلى بولمايتى. ئۈمۈتجان موتسىكىلىت بىلەن يول يۈرۈشنى ئانچە ياقتۇرمايتى. بىراق مەھبۇبىسنىڭ تەلىپىنى رەت قىلالمىدى. گۇلباغ يېزىسىغا بېرىشتا ئىككى كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قاقاس سايلىقنى كېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كىلەتتى. ئۈمۈتجان بىلەن ئاينۇر سايباغدىكى تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە چاشكا ۋاقتى بىلەن يېتىپ كەلدى. بۇلار ئۈمۈتجاننىڭ ئانا جەمەت تۇغقىنى بولۇپ، ئۈمۈتجانلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.
ئاينۇر يولدا ئەنىۋەر سولتەك بىلەن ئۇچرىشالماي قېلىشتىن ئەنسىرەپ، كۈن بىلەن تەڭلا قايتىش تەلىپىنى قويدى. چۈنكى ئۇ ئەنىۋەرنىڭ مەكتەپتىن قايتىدىغان ۋاقتىنى بىلەتتى. ئۈمۈتجانمۇ ئارتۇقچە بىر نەرسە دېيەلمەي، تاغىسى بىلەن خوشلۇشۇپ، ئاينۇر بىلەن بىللە يۈرۈپ كەتتى. ئاينۇر چوڭ يولغا چىققان ھامان گۇلباغ تەرەپكە قايرىلدى.بىراق بۇ يولدا ئىنسى-جىن كۆرۈنمەيتى. بۇ چاغدا قۇياش تاغ كەينىگە ئۆتۈپ، گۇگۇم تۇمانلىرى ئەتراپنى قاپلاشقا باشلىغان ئىدى. ئاينۇر ئۈمۈتجانغا موتسىكىلىتنى ئاستىراق سۈرئەتتە ھەيدەشنى ئۆتۈندى. ئۈمۈتجان ئاينۇرنىڭ بۇ كەيپىياتىدىن ھەيران قىلىۋاتاتتى. ئاينۇر بولسا كەينىگە قاراپ كۆزىنى ئۈزمەيتتى. تۇيۇقسىز موتسىكىلىتنىڭ قاتتىق تورمۇزلىنىشى بىلەن ئاينۇر چۆچۈپ ئالدىغا قارىدى. ئۇلارنىڭ ئالدىنى تۆت چاقلىق كىچىك بىر ماشىنا ئوراپ تۇراتتى. ئاينۇر شۇ چاغدىلا ئۆزىنىڭ ھېلىقى ئۇزۇن سايغا كىلىپ قالغانلىقىنى سەزدى. كىچىك ماشىنىڭ ئىچىدىن ئىككى ئادەم چۈشۈپ كەلدى.
-ياشاپ كەت بۇرادەر!-دىدى چاچلىرى پاخپايغان،چىرايى قارىداپ كەتكەن چوقۇر كەلگەن بىرسى مىيىغىدا كۈلۈمسىرەپ،-قارا، كەينىڭدىكى ئاۋۇ پەرىزاتنى.ئايدىن چۈشتىمۇ،كۈندىن چۈشتىمۇ؟
ئۇلار ئۈمۈتجاننىڭ يېنىغا كەلدى. ئۈمۈتجانىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ چىرايىدا قان قالمىدى. ئۇ ھاسىراپ تۇرۇپ موتسىكىلىتتىن چۈشۈپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشتى.
-ماشىناڭلار بۇزۇلۇپ قالدىمۇ، بۇرادەرلەر؟ئەگەر ماي تۈگەپ كەتكەن بولسا مەن...
-قوي ئۇنداق ياغلىما گەپلىرىڭنى،-دىدى سېرىق چاچ،يېشىل كۆز كەلگەن بىرسى. سەن بىلەن ئارتۇقچە سۆزلەشكىدەك ۋاختىمىز يوق. ئەگەر بۇ يەردىن ئامان-ئېسەن كېتىمەن دېسەڭ، يېنىڭدىكى قىزنى قويۇپ كەت!
-بۇ مېنىڭ ئايالىم،-دىدى ئۈمۈتجان غال-غال تىترەپ،-ئۇنداق قىلماي ئادەمگەرچىلىك قىلىپ، بىزنى قويىۋەتسەڭلار. مېنىڭ دادام بازار باشقۇرۇشنىڭ باشلىقى. سىلەرگە سودا بازىرىنىڭ مەركىزىدىن بىر دۇكان ھەل قىلىپ بېرەي. ئۇنداق...
لۈكچەكلەرنىڭ بىرسى ئاينۇرغا يېقىنلاشتى.
-بىز ئۇنداق گەپلىرىڭگە ئانچە قىزىقىپ كەتكەيمىز،-دېدى چوقۇر لۈكچەك ئاينۇرغا قاراپ،-بىزگە مۇشۇنداق پەرىزات كىرەك. قىزچاق، بىز بىلەن كېتىشنى خالامسىز؟ھى ھى ھى ....
ئۈمۈتجان چوقۇر لۈكچەكنىڭ بىلىكىدىن تارتىۋىدى، ھېلىقى لۈكچەك ئۈمۈتجاننىڭ قاڭشىرىغا كەلتۈرۈپ بىر مۇش سالدى. ئۈمۈتجان مۇشتنىڭ زەربىسىدىن سەنتۈرۈلۈپ، يولنىڭ گىرۋىگىگە يېقىلىپ چۈشتى.يېشىل كۆزلۈك لۈكچەك يېنىدىن ئۇزۇن بىر خەنجەرنى چىقىرىپ، ئۈمۈتجاننىڭ ياقىسىدىن تارتىپ تۇرغۇزۇپ، خەنجەرنى ئۇنىڭغا تەڭلەپ:
-ئەگەر بۇ يەردىن تېز يوقالمايدىغان بولساڭ، جېنىڭنى ئالىمەن ،-دىدى.
-ياق!-دەپ ۋاقىرىدى ئۈمۈتجان،- مەن ئۆلمەسلىكىم كىرەك، مېنى ئۆلتۈرمەڭلار!
لۈكچەك ئۈمۈتجاننىڭ ياقىسىنى قويىۋەتتى. ئۈمۈتجان كىيىملىرىنى قېقىشتۇرۇپ، بايا پەسكە پىلدىرلاپ چۈشۈپ كەتكەن قالپىغىنى تېپىپ كەيدى-دە، موتسىكىلىتنى ئوت ئالدۇرۇشقا تۇتۇندى. ئۇ موتسىكىلىتنى ھەيدەپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى. ئاينۇرنى چوقۇر لۈكچەك ئاللىبۇرۇن چىڭ تۇتۇۋالغان ئىدى.
بۇ ئىككەيلەن ئاينۇرنى ھەدەپ ماشىنىنىڭ ئىچىگە سۆرەيتى. ئاينۇر يىغلىغان پېتى ھەدەپ ئارقىغا يۇلقىناتتى. دەل شۇ چاغدا كەينى تەرەپتىن ۋەلسىپىتنىڭ جىرىڭشىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇلار بۇرۇلۇپ قاراپ، ئىگىز بويلۇق، ياداڭغۇ چىراي بىر يىگىتنى كۆردى. ئاينۇر ئۇنى تونىدى. ئەنۋەر!
-ئەنىۋەر، مېنى قۇتۇلدۇرىۋىلىڭ!،-دىدى ئاينۇر. ئۇ شۇ تاپتا قۇتۇلۇشتىن باشقا ھېچنەرسىنى ئويلىمىغان ئىدى.
-ھە، نېمە گەپ ئاغىنىلەر؟دېدى ئەنىۋەر ۋەلسىپىتنى يولنىڭ بىر چېتىگە توختۇتۇپ قويۇپ ئۇلارغا يېقىنلىشىپ.
-سەن بىزنىڭ ئىشىمىزغا ئارىلاشماي، يولۇڭغا ماڭ!،-دېدى چوقۇر لۈكچەك. ئەنىۋەر ھەممىنى چۈشەنگەن ئىدى.
-ئەگەر ھەقىقىي ئوغۇل بالا بولساڭلار بۇ قىزغا تەگمەڭلار. تەڭرىنىڭ ئاجىز بەندىسىگە ئۇۋال قىلماڭلار،-دېدى. ئۇ گەپ قىلىۋىتىپ ئۇلاردىن ئاينۇرنى ئاجراتماقچى بولدى. بۇ چاغدا يېشىل كۆز ئەينەك ئەنىۋەرنىڭ بىخەستە تۇرغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا بىر مۇشت سالدى. ئۇنىڭ سول كۆزىنىڭ يان تەرىپى كۆكىرىپ چىقتى. ئەنىۋەرنىڭ چىرايى غەزەپلىك تۈس ئالدى. پۇت-قوللىرىنى چەبدەستلىك بىلەن ھەركەتلەندۈرۈپ، بۇ ئىككى لۈكچەككە قاراپ تاشلاندى. ئۇلار بۇ ياداڭغۇ چىراي بۇ يىگىتنىڭ بۇنداق جاسارەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ قويۇشمىغان ئىدى. ھەر ئىككىلىسى ئىڭەك، قوساقلىرىغا تەككەن پەشۋانىڭ دەستىدىن گاڭگىراپ ھۇش-كاللىسىنى يىغىپ بولغىچە، بۇرۇن-ياڭاقلىرىغا يەنە بىر نەچچە مۇش تېگىپ كەتتى. يېشىل كۆز لۈكچەك يولنىڭ پەس تەرىپىدىكى ساسلىققا چۈشۈپ كىتىپ، پېتىپ قېلىپ چىقالمايۋاتاتتى. چوقۇر تۇيۇقسىز يېنىدىن خەنجەر چىقىرىپ ئەنىۋەرگە يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى.ئەنىۋەر كەينىگە چىكىنىپ، ئۆز ۋەلسىپىتىنىڭ يېنىغا كىلىپ قالدى. ئۇ چەبدەستلىك بىلەن ۋەلسىپىتتىكى سايمان سومكىسىنى قولىغا ئېلىۋالدى-دە، كەينىگە چىكىنىپ تۇرۇپ، سومكىدىن يوغان بىر كۇلۇچنى ئېلىپ، بىردىنلا لۈكچەككە قاراپ يۈگۈردى. ئۇ كۇلۇچ بىلەن لۈكچەكنىڭ پىچاق تۇتقان قولىغا بىرنى ئۇرىۋىدى، پىچاق نەلەرگىدۇ ئۇچۇپ كەتتى. ئۇ كۇلۇچنى تاشلاپ ھېلىقى لۈكچەكنىڭ گېلىدىن بوغۇپ، ماشىنىنىڭ كەينىگە نىقتاپ باردى. بۇ چاغدا ئاينۇر قورققىنىدىن يولنىڭ بىر تەرىپىدە زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ قالغان ئىدى.
-ئاۋۇ قىزغا يەنە چىقىلىشامسەن –يوق؟
ھېلىقى لۈكچەك گېلى بوغۇلغانلىقتىن ئاۋازى خىقىراپ قىلىۋاتاتتى.ئەنىۋەر لۈكچەكنىڭ گېلىنى قويىۋىتىپ، يۈزىدىكى تەرلەرنى سۈرتتى. ئۇنىڭمۇ يۈز-كۆزلىرى كۆكىرىپ، قاپىقى ئىششىپ چىققان ئىدى. شۇ ئەسنادا لۈكچەكلەر ماشىنىسىنى ھەيدەپ گۇگۇم قاراڭغۇسىدا كۆزدىن غايىپ بولدى.
-ھېچنەرسە بولمىغانسىز؟،-دىدى ئەنىۋەر يەرگە قاراپ تۇرغان ئاينۇرغا قاراپ.ئاينۇر گەپ قىلمىدى. ئەنىۋەر يول بويىدىكى ئېرىقتا يۈزىنى يۇيۇپ، ئورنىدىن تۇرغاندا ئاينۇر بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، ئاستا قەدەم بىلەن كېتىپ باراتتى. ئەنىۋەر ۋەلسىپىتنى مىنىپ، ئاينۇرنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىپ كەتتى.
ئاپتور-قەشقەر شەھەر 16-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىنسىيە ئوقۇتقۇچىسى.
2012-يىلى 20-سىنتەبىر يېزىلدى. قەشقەر