كۆرۈش: 3808|ئىنكاس: 9

يېزىڭ مۇخبىر[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئەمەتجان زۇنۇن
تىللا
629
تۆھپە
142
UID
4528
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 02:55:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يېزىڭ مۇخبىر


ئەمەتجان زۇنۇن


ۋەتەن -ئەل سۆيگۈسى چەكسىز  مۇھەببەتنى يېزىڭ مۇخبىر ،

ئۇلۇغ رىشتە ،  ئاتەش مېھىر  ھارارەتنى يېزىڭ  مۇخبىر .


ئىلىم -ھېكمەت  ساماسىدا  قانات قاققان ، بەخىت تاپقان ،

ھالال تەردىن زەپەر قۇچقان  كامالەتنى يېزىڭ مۇخبىر .


ئاسايىشلىق ، ئىناق تۇرمۇش ، ئاۋات بازار ، باياشات ئەل ،

ئامەت -بەرىكەت قۇچاق ئاچقان  سائادەتنى يېزىڭ مۇخبىر .


دانا تەدبىر ، ئىلىم - پەندىن تېپىپ قۇدرەت روناق تاپتۇق ،

بېيىدۇق ھەم قۇچۇپ نۇسرەت پاراسەتنى يېزىڭ مۇخبىر .


تۈمەن سەرخىل ھۈنەر -كەسىپ كۆلەملەشتى ، راۋاجلاندى ،

بۈيۈك ئىشلارغا يول ئاچقان  سىياسەتنى يېزىڭ مۇخبىر .


سۈزۈك تاڭلار ، ئۆسۈپ ئاڭلار كۈلۈپ شاد يايرىدى دېھقان ،

ئۈمىد -ئارمان چېچەك ئاچقان  ھالاۋەتنى يېزىڭ مۇخبىر .


ھاتەم خىسلەت نى ئوغلانلار يېڭىپ مۈشكۈل داۋان ئاشتى ،

چىدام - غەيرەت  ، پىداكارلىق ،  جاسارەتنى يېزىڭ مۇخبىر .


غېرىب -مىسكىن ، مېيىپ -ئاجىز ، كېسەل ، نامرات ، ياشانغانلار ،

بەھىر ئالغان  پاراۋانلىق   شاپائەتنى  يېزىڭ مۇخبىر .


سۇسىز  چۆللەر گۈلىستاندۇر ، يېزا -قىشلاق شەھەرلەشتى ،

يېڭىلىقلار تولۇپ تاشقان  قىياپەتنى  يېزىڭ مۇخبىر .


قېرىنداشتەك ئىجىل -ئامراق ئەللىك ئالتە مىللەت ئىناق ،

ئۇلۇغ مەنزىل ، بۈيۈك ئارمان   ساداقەتنى يېزىڭ مۇخبىر .



مەنبە ؛قەلىمىم


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

تىللا
64
تۆھپە
20
UID
22471
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 11:23:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەلۇماتىڭىزدىن قارىغاندا---سىز جۇڭگۇ كونىستىك پارتىيىسىنىڭ پارتىيە ئىشلىرى تەشۋىقات ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلىشقا لايىق ئىكەنسىز......
بۇ تىمىڭىزنىڭ مۇكاپاتى ئۈچۈنلا سىزگە بىر دانە قىپ-قىزىل بايراق لازىم ئىدى.............


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1976
تۆھپە
961
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 12:01:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئىجادىيىتىڭىز قۇت تاپقاي !


Rank: 2

تىللا
93
تۆھپە
38
UID
25480
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 12:09:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى دېھقان پاختا تىرىپ پۇللىرىنى ئالالمىدى،
ساپ كۆڭۈللەر زىدە بولدى، داغدا قالدى، يېزىڭ مۇخپىر.
دادۈيجاڭنىڭ يېرىگە سۇ باشلىسا پۇل تۆلىمەس،
دېھقان ئاتام ئېچىغ ئاچسا «پۇل، پۇل ...» دەيدۇ، يېزىڭ مۇخپىر.

تەكشۈرۈشلەر كىلىپ تۇرار چەت يېزىلار،  قىشلاققىمۇ
چوڭ يول بۇيى يەر تەۋرىمەس بىنا بولدى، يېزىڭ مۇخپىر.
تۈۋەن تۇرمۇش پۇلى ئالار «ئىلتىماس »سىز نى نوچىلار،
قېنى قانۇن، باراۋەرلىك ھەم ئادىللىق يېزىڭ مۇخپىر.

بانكىلارغا كىرسە دېھقان مۇڭ باسىدۇ، يېزىڭ مۇخپىر.
ئۆچرەتسىزلا پۇل ئالىدۇ مودا خېنىم يېزىڭ مۇخپىر.
شۇ دېھقانغا نۆۋەت قېنى، ئىشتىن چۈشەر پەرۋاسىزلا،
ھېچكىم ئۇندىن گەپ سورىماس، يۈرەك پارە يېزىڭ مۇخپىر.

ساپ سۈت ئەمگەن ئۇغۇل بالا راست گەپ قىلۇر يېزىڭ مۇخپىر.
يالغان ئېيتىش نۇمۇس ئۇيات، يۈز قىزىرۇر يېزىڭ مۇخپىر.
كىم دېھقاننى بۇزەك ئەتتى، كىم دېھقانغا كۈلۈپ باقتى ،
ئەركەك دىگەن ئوت يۈرەكتۇر، پەقەت ھەقنى يېزىڭ مۇخپىر.............

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشىپا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-21 08:23  



Rank: 6Rank: 6

تىللا
516
تۆھپە
178
UID
11362
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 18:04:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىردا دەۋرنىڭ ئاساسى ئېقىمى ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ ، بىراق ، 4- قەۋەتتىكى ئىنكاستا دىيىلگەن
مەسىلىلەرگىمۇ كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ .


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1578
تۆھپە
756
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 18:08:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائېر مەمتىمىن ھەسەن شىپايى توغرا ئىيتىدۇ،نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا مۇخبىرلىرىنىڭ يازغۇمىز بار،بىراق ھازىر قانۇن دەۋرى بىزگە شۇلار ئىسپات بىلەن تەمىنلىشى لازىم .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
گۈلزىنە
تىللا
348
تۆھپە
229
UID
9404
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 18:37:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلشىپا يوللىغان ۋاقتى  2012-9-20 12:09
بەزى دېھقان پاختا تىرىپ پۇللىرىنى ئالالمىدى،
ساپ كۆڭۈ ...

ئىنكاسنى بەكمۇ جايىدا يېزېپسىز ، پىكىرلىرىڭزنى قوللايمەن مىنىڭچە بۇ مۇخبىر دىگەنلەر بىر ئۆمۈر راسىت گەپ قىلالماي ئۈتۈپ كىتەمدىكىن دەيمەن   


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
2534
تۆھپە
1330
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 19:05:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەلۇماتىڭىزدىن قارىغاندا---سىز جۇڭگۇ كونىستىك پارتىيىسىنىڭ پارتىيە ئىشلىرى تەشۋىقات ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلىشقا لايىق ئىكەنسىز


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
487
تۆھپە
253
UID
21172
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 01:01:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلشىپا يوللىغان ۋاقتى  2012-9-20 12:09
بەزى دېھقان پاختا تىرىپ پۇللىرىنى ئالالمىدى،
ساپ كۆڭۈ ...

نەق گەپنى قىپسىز! لېكىن زامانىمىزدىكى مۇخبىرلار ئاشۇنداق نەخ گەپلەردىن قورقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشۇنداق يالغان سان، يالغان مەلۇماتلار بىلەن رەھبەرلەرنى ئالداپ بولغان ئاللىقاچان. ئەمدى راست گەپنى قىلسىمۇ بەلكىم ئاشۇ رەھبەرلەر ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن...


سۆيسە سۆيىمەن يەر بىلەن يەكسان بولسا،
سۆيمىسە سۆيمەيمەن دۇنياۋى سۇلتان بولسا.

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1400
تۆھپە
1108
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 08:56:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولدىغان شىېركەن ۋەتەنپەرۋەرلىگى كۇشلۇك چىقىپتۇ ھارماڭ داۋاملىق ئالغا.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 15:27, Processed in 0.078674 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991