- 出生县
- 吐鲁番市
- 生日
- 1978 يىل 10 ئاي 1 كۈن
- ئىسىمى
- غەيرەت
- 出生小区
- 胜金乡
- 职业
- يەر شارىنى ياماش
- تىللا
- 891
- تۆھپە
- 258
- نادىر
- 0
- يازما
- 238
- جۇغلانما
- 1645
- ھوقۇقى
- 70
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-2
- تىزىملاتقان
- 2012-4-2
- UID
- 11066
 
- ئىسىمى
- غەيرەت
- تىللا
- 891
- تۆھپە
- 258
- UID
- 11066
| باھارنى قاچان كۆرىمەن ؟
غەيرەت
![e43272e813_120_160[1].jpg e43272e813_120_160[1].jpg](data/attachment/forum/201209/20/002702u864cu6ez6683ql8.jpg)
سەن مېنىڭدىن يىراقتا، تولىمۇ يىراقتا .ئالەمنىڭ ئۇ چېتىدە ئىدىڭ . سەن مېنىڭ يېنىمدا ئىدىڭ ، تولىمۇ يېقىندا ،مېنىڭ قەلبىمدە ئىدىڭ . شۇنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ رۇخسارىڭنى كۆرۈش مەن ئۈچۈن ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ تەس ئىكەنلىكى ماڭا ئايان ئىدى .ئەمما تاغ سۈيىدەك يېقىملىق ئاۋازىڭنى تېلېفوندا ئاڭلاشمۇ مەن ئۈچۈن بەخىت ئىدى .ئەپسۇسكى سەن ئىككىلىك خەتمۇ يېزىپ ئۇچۇر قىلىشنى ،مەنئىي قىلىش بۇيرۇقى ياكى پەرھىزدەك ئىجرا قىلىپ يۈرۈكىمنى پارە -پارە قىلىۋاتىسەن .ئاشۇ كىچىككىنە شاتلىقلىرىمنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈشنى چەكلەۋاتىسەن . لالەم سەن مېنىڭ ئازاپ چۆللىرىدە تەنھا قېلىپ ھىجران ئازابىنى ،پىراق ھەسرىتىنى يەتكۈچە تارتسۇن دەۋاتامسەن ؟ ياكى قەستەن مېنىڭ ھالسىزلانغان يۈرۈكىمنى ئاستا -ئاستا سۇسىزلاندۇرۇپ ئارمان بىلەن كەتسۇن دەۋاتامسەن ؟ ئاستا-ئاستا قەلىبىم چوڭقۇرلىرىدىن خىرەلىشىپ مەۋھۇملۇققا ئاندىن غايىپلىققا يۈزلىنەي دەمسەن ؟ قەلب گۈلزارلىقىم ئۇنىڭسىزمۇ ھوۋلاپ قالغىلى تۇردى .ئاشۇ چۆلدەرەشلەر ئىلكىدە ساڭا نىسبەتەن ئاستا-ئاستا باش كۆتۈرگەن ياتلىشىش ياۋا ئوتلىرى بىخلىنىشقا باشلىدى .سېنىڭ كۈتكىنىڭ شۇمىدى قەدىرلىكىم ؟(ئاداققى سۆيۈشۈم نەپرەت تۇيغۇلىرىغا كۆمۈلمىسىكەن دەيمەن !!!!) قەلبىمدىكى نەپرەت تۇيغۇسى ئەسىرلەردىن بۇيان سۆيگۈ ئوتلىرىنى ئۆچۈرۈپ كېتەلمىگەن يەنە ئەسىرلەردىن كېيىنمۇ يىلتىزسىز قىلىۋېتىشى مۇمكىن ئەمەس بۇنى بىلگىن گۈلۈم !... سەن مېنى ئايازدىكى قاغجىرىغان ياپراقسىز تەك شۇڭىدەك قىلىپ قويدۇڭ .ئەمما ماڭا شۇنىسى ئېنىقكى ئايازدىن كېيىن جەزمەن ئىللىق باھار كېلىدۇ ،تولىمۇ ئىللىق ...(بۇ پەقەت مەندىكى تولىمۇ ئاجىز ئۈمىد ) . بىلەمسەن پارەم ؟سېنى سۆيگەچكە ئازاپلىق ھەم سۆيۈملۈك ھىجرانلىرىڭغا كۆنۈپ كەلدىم . -ئازاپلا بولغان سۆيگۈدىن ۋاز كېچىش كېرەك .-دەيدۇ تاگور . بىراق مەيلى سەن مېنى قانچىلىك قىينا ،زار قىل ۋاز كېچىشنى ئويلىغىنىم يوق گۈلۈم . بەزىلەر ۋىسالنى جەم بولۇش دەپ بىلىدىكەن ،مەن ئۈچۈن سېنىڭ چېھرىڭنى كۆرۈشمۇ ياكى تېلېفوندا ئاۋازىڭنى ئاڭلاشمۇ ۋەياكى قىسقا ئۇچۇردا ئەھۋال سوراپ قويغىنىڭمۇ بىر بەخىت ،بىر ۋىسال جېنىم . شۇ تاپتا يالقۇنتاغ باغرىدىكى بۇ كىچىككىنە كۇجۇم مەھەللىدە رىئاللىقتىن قاچقان مەن يۇلتۇزسىز ئاسمانغا قاراپ خىياللارغا چۈمۈپ ياتماقتىمەن .يىنىمدىلا شىلدىرلاپ .ىقىۋاقان بىر تارام سۇ قۇلاقلىرىمغا پىچىرلىماقتا . - -كۈتكىن ! يەنە كۈتكىن !!! تاكى سىنىڭ باھارىڭ كەلگۈچە !!!!!!!... بىلەمسەن ئەزىزىم ؟! ھازىر سېنىڭ ئاۋازىڭنى ئاڭلىساممۇ يۈرۈكىم رېتىمى بۇزۇلىدۇ ،ھاياجان ۋە شاتلىقتىن ۋۇجۇدۇم ،تۇيغۇلىرىمغىچە تاتلىق سېزىم ،شېرىن تىترەك باسىدۇ .تەنلىرىم جۇغۇلداپ ،قانلىرىم كۈۋەجەيدۇ . سەن مېنى تولىمۇ غەيرەتلىك ،قەيسەر دەپ بىلەتتىڭ .بىز تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىپ ( بىز تالاي ئۇچراشقان ئەمما مەن ئۇشۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنى تۇنجى قېتىم دەيمەن ) باغرىڭغا يېقىلىپ ئىچىمگە پاتمىغان شاتلانغان ئېسەدىشىم بىلەن سېنى سۆيگۈنۈمدە ،مېنىڭ تولىمۇ ئاجىز ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلمىدىڭ لالەم ؟ئەنە شۇچاغدا سېنىڭ ماڭا بولغان قارىشىڭغا بىر قامچا سالالالمىغىنىمغا ئۆزۈمگە ئاچچىقىم بار .مېنىڭ قەيسەر ،غەيرەتلىك ھالىتىمنىڭ چوڭقۇرلىرىدا پۈۋلىسە ئۆچۈپ قالغۇدەك ئاجىز بىر ئوت، يەنە پۈۋلىسە ئۇچۇپ كېتىدىغان مامكاپنىڭ توزغىقىدەك ئېغىرلىقنىڭ يوقلىقىنى بىلگىن ئامرىقىم !... مەن سېنى ئەنە شۇ قېتىملىق ئوتلۇق، ھاياجانلىق باغاشلىشىم بىلەن يوقۇتۇپ قويدۇممىكىن دەپ خاۋاتىرلىنىمەن . مەن تېخى سېنىڭ شېرىن ھىدلىرىڭغا قانمىغان ، ئاتەش نەپەسلىرىڭنى سەزمىگەن ئىدىمغۇ گۈلۈم .سەن كەتتىڭ .كۆتۈرۈلگەن قۇياش كەينىگە يېنىپ پېتىپ كەتكەندەك ئىشىك ئالدىدا قىيا بېقىپ كېتىپ قالدىڭ يۈرۈكىمنى ئېلىپ ھەم تىلىپ . ئاشۇ ''سوغۇق،، ياتاقتا مەن قالدىم . مارتنىڭ سوغۇق ھاۋاسىدەك مۇزلىماقتا ئىدىم ،دېرىزىنى ئىچىپ ئاچچىق سوغوق شامالنى ھەممىنى يۇتۇپ كىتىدىغاندەك ئاچكۆزلۈك بىلەن يۇتتۇم . ئىچىمدىكى ئاخىرقى ھارارەت ئېغىزىمدىن ،كەمتۈك چىشىم ئاراشلىرىدىن تۈرۈم -تۈرۈم بۇس چىقارغانچە توزىغاندەك بىلىنىپ كەتتى جىنىم . كەينىڭدىن يۈگۈرۈپ چىقتىم . (مېھمانخانا مۇلازىمى ھەيرانلىقتا قىتىپ قالغانلىقىنى قايتىپ كىرگەندە بىلدىم )ئىشىك ئالدىغا چىققىنىمدا ئادەملەر توپى ئىچىدە كۆزلىرىمدىن سىرغىپ غايىپ بولغىنىڭنى ھېس قىلدىم، پىيادىلەر يولىدا تۇنجى قېتىم( ئاخىرقى قېتىم بۇلىشىنى ھازىرغىچە تىلەيمەن )قىسقا چاچلىرىمنى چىڭ -چىڭ مۇجىدىم ،خۇددى ئۆز يۈرۈكىمنى مۇجىغاندەك ئاچچىق بىر ھەسرەت نىگاھلىرىمدىن ئايىقىم ئاستىغا سەل بولدى . سەللىرىم ئارا ئىقىپ كەتتىم ،شۇكۈنى بىر كۈن ،بىلەمسەن لالەم پۈتۈن بىر كۈن توختىماي ئاقتىم ،توختىماي خۇددى يالقۇنتاغ ئېتىگىدىكى مۇزدەك كارىز سۈيىدەك. شۇ كۈنى ئېرىپ كەتتىم كۈيۈك سەللىرىم ئەۋجىدە . يالقۇنتاغ باغرىغا چۈشكەن يامغۇر سۈيى پارغا ئايلىنىپ توزۇپ كەتكەندەك .شۇندىن بويان مىنىڭ غەيرىتىم ،قەيسەرلىكىم ،ھەتتاكى مەۋجۇتلۇقۇممۇ پارغا ئايلىنىپ ئۇچۇپ كەتكەندەك ئىدى .يۈرۈكىم توختىماي قانلىق يىغلايتتى ،بىزنىڭ مۇھەببەت كارىزىمىزدىن ئىتىلىپ چىققان زەم-زەم خۇددى مىنىڭ قانلىق يۈرەك يىشىم ئىدى گۈلۈم . خىيالىمدىكى سىنىڭ ئالدىڭدا ،ئاھۇلىرىڭ ئالدىدا شۇنداق ئويلىدۇم.ئويلىرىمغا يىقىلدىم ،ئويلىرىمدا يىقىلدىم .بىچارە غەيرىتىم تۈگەشكەن ئىدى ،غەيرىتىم ئۆلدى . گەرچە سەن ھەممە جايدا بولساڭمۇ ھەتتاكى چۈشلىرىمدىمۇ ، سەن يوق جاي تاپالمىساممۇ شاتلىقىم يۇقالدى ،كۆزلىرىمدىكى ئۇخچىغان ئازاپلىرىم، يۈرۈكىمدىكى ھەسرەتلىرىم ھىجرانىمغا شېرىك بۇلۇپ مىنى يىمەكتە ئىدى ،كۈنسايىن يەپ روھىمنى كىچىكلەتمەكتە ئىدى . مەندە ئغىزىمغا ئىلىشنىمۇ خالىمايدىغان ئاشۇلاردىن باشقا ئاداققى سۈيۈش ۋە كۈتۈشلا ھەمرا بولدى لالەم .مانا بۇ سىنىڭ ماڭا قىلغان سۆيگۈ سوۋغىتىڭ ئىدى . دىگىنە ئاقلالەم مەن ئىللىق باھارنى قاچان كۆرۈمەن؟! زادى قاچان ؟!...
مەنبە ؛ئۆزۈم
|
|