كۆرۈش: 6426|ئىنكاس: 8

«ھەقىقىي ئايال» ۋە رېئال تۇرمۇش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 21:01:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«ھەقىقىي ئايال» ۋە رېئال تۇرمۇش

ئادالەت ئابدۇرېھىم

      ئەرنى رازى قىلىپ ئۆينى ئۆيدەك تۇتۇپ تۇرۇش بۈگۈنكى زامان ئاياللىرى دۇچ كېلىۋاتقان نۇرغۇن بېسىملارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىر بېسىم. ئاياللار بىر كۈننىڭ ئەڭ ياخشى پەيتلىرىنى سەككىز سائەتلىك ئىش ۋاقتى ئۈچۈن سەرپ قىلىپ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىشى كېرەك، بولمىسا ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى يۈكىنى ئەرلەر يالغۇز كۆتۈرۈپ بولالمايدۇ. ئاياللار يەنە ئائىلىدە گۈزەل، چېۋەر، پەزىلەتلىك ئايال بولۇپ ئېرىنىڭ بارلىق ئېھتىياجىدىن چىقىش ئۈچۈن ھەرۋاقىت تەييار تۇرۇشى، ئۆينى پاكىز، رەتلىك تۇتۇپ، تاماقنى ۋاقتى–ۋاقتىدا لەززەتلىك قىلىپ ئېتىشى، گۈزەل تۇرق، لاتاپەتلىك خۇلق–مىجەزى بىلەن ئېرىنى ئۆزىگە باغلاپ تۇرۇشى كېرەك. بولمىسا ئەر ئۆينى تاشلاپ كۆڭلى خۇش بولىدىغان جايلارغا يۈگىرەيدۇ. ئۇ چاغدا ئاجرىشىپ كەتسىڭىز بالىڭىز يېتىم بولىدۇ، ئەلەمنى ئىچىڭىزگە يۇتۇپ ئۆيىڭىزنى تۇتسىڭىز يۈرىكىڭىز ئازابتىن قاماپ كېتىدۇ. ئاياللار بۇنىڭدىن باشقا يەنە ياخشى كېلىن، ياخشى پەرزەنت بولۇشى، پەرزەتلىرىگە ياراملىق تەربىيىچى بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، تۈرلۈك باردى–كەلدى، ئادەمگەرچىلىكلەرمۇ ئاياللارنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئاياللار خۇددى ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ ئارام ئالالماي ئۈچ–تۆت ئادەمنى ئۇيان–بۇيان توشۇيدىغان كونا ۋېلىسىپىت. گويا ئۈستىگە شاخ–شۇمبا قالماي بېسىلىپ، تاملىرى سىڭايان بولۇپ قالغان، قۇرت يېگەن ياغاچلىرى سۇنغان، تورۇسلىرى ئۆتمە–تۆشۈك بولۇپ كەتكەن كەپە.
    ئايال بولۇش تەبىئەتنىڭ يېرىم دۇنيا ئۈچۈن ئاتالغان جازا لاگىرىغا بەخشەندە بولۇش ئەمەس، بەلكى ئەڭ گۈزەل، ئەڭ نازۇك، لاتاپەت بىلەن بېزەلگەن ئىستەك دۇنياسىغا قەدەم ئېلىشتۇر. ئەرلىك قانچىلىك يۇقىرى شۆھرەتكە، ئىناۋەتكە، مەرتىۋىگە ئىگە بولۇشقا لايىق بولسا، ئاياللىقمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشلا شۆھرەتكە، ئىناۋەت ۋە مەرتىۋىگە ئىگە بولۇشقا تامامەن ھەقلىق. ئايال بولماق تەس. ئايال بولماقنىڭ تەسلىكى ئاياللارنىڭ زېممىسىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقى ۋە مۇقەددەسلىكىدە. بىر ئائىلىنىڭ ئائىلە بولۇپ تۇرالىشىدا مەسئۇلىيەت مۇھەببەتتىن خېلىلا ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئائىلىۋى مۇھەببەت ئەمدىلا بالاغەتكە يەتكەن قىز–يىگىتلەرنىڭ رومانتىك ھېسسىياتىدەك مۇھەببەت ئۈستىگە قۇرۇلماستىن، ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق ئېغىر–يېنىك يۈكلەرنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئېغىر يۈكلەرنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئالالىغان ۋە قىيىنچىلىقلارنى كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالىغاندىلا، ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدىكى سىرلىق ۋە مۇقەددەس مۇھەببەتنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. تويدىن بۇرۇنقى ئوتلۇق مۇھەببەتنى ساقلاپ قېلىشتىكى بارلىق مەسئۇلىيەتنى جورىسىنىڭ ئۈستىگىلا يۈكلەپ قويۇپ، ئۆزى تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۆتەشتىن باش تارتقاندا، ئائىلىۋى مۇھەببەت بۆھرانغا دۇچ كېلىدۇ.
     ئانا بولۇش زور شەرەپ. بىراق بۇ خىل شەرەپ بىر ئايالنىڭ ئائىلىسى، ئېرى ۋە پەرزەنتلىرى ئالدىدىكى مىننەتسىز، تەمەسىز ئەجىر–مېھنىتى، شەخسىيەتسىز بەدەللىرى ھېسابىغا روياپقا چىقىدۇ. ئەگەر ئايال «مەنمۇ ساڭا ئوخشاشلا ئادەم، قانۇندا ئەر–ئاياللار باراۋەر، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن، شۇڭا ئائىلىدىكى جاپانىمۇ تەڭ تارتىشىمىز كېرەك» دەپ چاپاننى تەتۈر كىيسە، ئۇ قانداقمۇ «ئانا» دېگەن شەرەپلىك نامغا مۇناسىپ ئىش قىلغان ھېسابلانسۇن؟ ئانىنىڭ ئۇلۇغلۇقى دەل مىننەتسىز ئەجىر قىلىشتا، تۆھپە تەلەپ قىلمايدىغان بەدەل تۆلەشتە. بۇ ھەرگىز ئاياللارنىڭ يېرىم دۇنيالىق ئورنىنى ئىنكار قىلىپ ئۇلارنى مۇشەققەتلىك ھايات قوينىغا ئىتتىرىش ئەمەس، بەلكى ئاياللىقنىڭ تەبىئەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلىنى ئىزاھلاشتىنلا ئىبارەت.
     ئايال مۇھەببەت دۇنياسى، بۇ يەردىكى مۇھەببەت ئوخشىمىغان جىنىسلار ئوتتۇرىسىدىكى تار ئۇقۇمدىن ھالقىپ كەتكەن مۇھەببەتتۇر. ئايال خىلمۇ خىل مۇھەببەتلەرنىڭ مەركىزىدە ياشايدۇ. خۇددى كائىناتتىكى بارچە شەيئى قۇياشنىڭ خاسىيەتلىك نۇرى ئاستىدا ئېھتىياج ئۇرۇقلىرىنى بىخلىتىپ، چېچەكلىتىپ مېۋە بەرگىنىدەك. ئايالنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭ مۇھەببىتىدىن كېچە–كۈندۈزلەپ بەھرىلىنىدۇ، ياشنايدۇ، كۈچىيىدۇ. ئۇ ھەر كۈنى ئىشتىن ھېرىپ–ئېچىپ كەلگىنىگە قارىماي، ئېرىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىغا، كەيپىياتىغا، ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئاش–تامىقىنى ئېتىدۇ، كىر–قاتلىرىنى يۇيىدۇ. كېچىلىرى شېرىن ئۇيقۇسىدىن ۋاز كېچىپ بالا ئېمىتىدۇ، بالا باقىدۇ. مەكتەپ يېشىدىكى بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە، تۇرمۇشىغا، ئويۇنلىرىغا، ئارىلىشىۋاتقان دوستلىرىغا، قىزىقىشىغا...ھەممە–ھەممىگە دىققەت قىلىدۇ، ئارىلىشىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۇرۇق–تۇغقانلىرىنىڭ ھالىغا يېتىدۇ، دەردىگە دەرمان بولىدۇ. قىسقىسى، تاڭ سۈزۈلگەندىن ئەل ياتقۇغۇچە تىنىم تاپمايدۇ.
    دېمەك، ئاياللىق قۇربان بېرىش، بەدەل تۆلەش ھېسابىغا كېلىدىغان ئۇنۋان.
    ياش شائىرە ئايسىمە ئىدرىسنىڭ «ھەقىقىي ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار» دېگەن شېئىرىدىكى ئايال باش قەھرىمان تاشقى قىياپىتى ۋە خۇلق– مىجەزىدىن ئاياللىق نازاكىتى بالقىپ تۇرىدىغان، ئاياللىق لاتاپىتى بىلەن ئائىلىسىگە خۇشاللىق ۋە بەختىيارلىقنىڭ ئۇرۇقلىرىنى چاچىدىغان بىر ئاددىي ئايال بولۇپ ياشاشنى گۈزەل ئارمانلىرى بىلەن كۈتىدۇ. چىمەن دوپپا كىيىپ، ئوسما قويۇپ، چاچلىرىدا چاچتەڭگىلەرنى جىرىڭلىتىپ يۈرۈپ ئائىلىۋى ئىلىم تەھسىل قىلىشنى؛ ئۆز ئەجىر–مېھنىتى بىلەن ئۆينىڭ خۇشاللىق مەركىزى بولغان ئاشخانا، تۆشەككە جان كىرگۈزۈپ، مەززىلىك تاماقلىرى بىلەن بايرام كەيپىياتى پەيدا قىلىشنى ئويلايدۇ...بۇ شېئىردىكى ئايال باش قەھرىماننىڭ بۇ خىل كۈچلۈك تەلپۈنۈشى ماھىيەتتە نۇرغۇن ئاياللارنىڭ قەلب ساداسى، نۇرغۇنلىغان ئاياللارنىڭ ئورتاق تەلپۈنىشى. ئاپتور بۇ خىل ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى خىيال، تەسەۋۋۇر ۋە سەكرەتمە ھېسسىياتلارنىڭ ياردىمىدە گۈزەل شېئىرىي ئىبارىلەر بىلەن يارقىن يورۇتۇپ بەرگەن.
     ئەمەلىيەتتە، بۇ گۈزەل ئارزۇ بۈگۈنكى تۇرمۇش رېئاللىقىدا ئېرىشكىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدىكى غايىۋى نەرسىمۇ ئەمەس، ھەرقانداق ئائىلىدە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆز ئائىلىسىگە مېھىر–مۇھەببىتى بولسىلا، ئىستىخىيىلىك ھالدا ۋۇجۇدقا چىقىدىغان، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلانسىلا مۇھەببەت نۇرلىرى بىلەن ئائىلە ئەزالىرىنى ياشنىتىدىغان رېئالنى ئىنتىلىش. كىشىلەر تىرىشسىلا بۇ لىرىك پېرسوناژنىڭ گۈزەل غايىلىرىنى ئۆز رېئاللىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بەخت ھۇزۇرىغا چۆمۈلەلەيدۇ.
    بىراق بىزنىڭ شەھەرلىشىش، مەدەنىيلىشىش ئېڭىمىز ۋە تەرەققىياتقا توغرا تۇرىۋالغان روھىي دۇنيارىمىز بىلەن قارىغاندا ئايال بولۇش، بولۇپمۇ ئەرنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئايال بولۇش ھەقىقەتەن تەس. بۇ گۈزەل شېئىردىكى ئارمانلار بىلەن ھازىرقى تۇرمۇش رېئاللىقىمىز ئارىسىدا خېلى چوڭقۇر ھاڭ بار. ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ ھەر خىل توزانلىرى ئاشۇ ئاددىي غايىلىرىمىزنى قويۇق قارا تۇمان ئىچىدە بۇرۇقتۇم قىلغان. شۇنچىلىك ئاددىي، ئەقەللىي پىكىرلەرنى ھېس قىلىدىغان يۈرەكلەر ھېسسىز گۆشكە ئايلىنىپ قالغان. گۈزەل رېئاللىق يېقىنلا يەردە كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ ھېسسىي مۇھىتتىكى ئۆتكۈر چىشلىق زەنجىر –توساقلار سەزگۈمىزنى ئورىۋالغان.
    ئەمەلىيەتتە، بۇ گۈزەل ئارزۇ بۈگۈنكى تۇرمۇش رېئاللىقىدا ئېرىشكىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدىكى غايىۋى نەرسىمۇ ئەمەس، ھەرقانداق ئائىلىدە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆز ئائىلىسىگە مېھىر–مۇھەببىتى بولسىلا، ئىستىخىيىلىك ھالدا ۋۇجۇدقا چىقىدىغان، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلانسىلا مۇھەببەت نۇرلىرى بىلەن ئائىلە ئەزالىرىنى ياشنىتىدىغان رېئالنى ئىنتىلىش. كىشىلەر تىرىشسىلا بۇ لىرىك پېرسوناژنىڭ گۈزەل غايىلىرىنى ئۆز رېئاللىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بەخت ھۇزۇرىغا چۆمۈلەلەيدۇ.
    بىراق بىزنىڭ شەھەرلىشىش، مەدەنىيلىشىش ئېڭىمىز ۋە تەرەققىياتقا توغرا تۇرىۋالغان روھىي دۇنيارىمىز بىلەن قارىغاندا ئايال بولۇش، بولۇپمۇ ئەرنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئايال بولۇش ھەقىقەتەن تەس. بۇ گۈزەل شېئىردىكى ئارمانلار بىلەن ھازىرقى تۇرمۇش رېئاللىقىمىز ئارىسىدا خېلى چوڭقۇر ھاڭ بار. ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ ھەر خىل توزانلىرى ئاشۇ ئاددىي غايىلىرىمىزنى قويۇق قارا تۇمان ئىچىدە بۇرۇقتۇم قىلغان. شۇنچىلىك ئاددىي، ئەقەللىي پىكىرلەرنى ھېس قىلىدىغان يۈرەكلەر ھېسسىز گۆشكە ئايلىنىپ قالغان. گۈزەل رېئاللىق يېقىنلا يەردە كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ ھېسسىي مۇھىتتىكى ئۆتكۈر چىشلىق زەنجىر –توساقلار سەزگۈمىزنى ئورىۋالغان...
    جەمئىيەت تەرەققىي قىلغانسېرى، ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا قويىدىغان تەلىپىمۇ كۈچىيىپ كەتتى. بۇرۇن كۈندە ئىككى ۋاق تاماق ئېتىپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كىيىملىرىنى 3–4 كۈندە بىر قېتىم يەڭگۈشلەپ تۇرىدىغان ئاياللار چېۋەر ئايال سانالغان بولسا، ھازىر ئەتىگەنلىك چايغا تەييارلىنىدىغان نەچچە خىل تائاملاردىن تارتىپ كەچلىك تاماقتا يېيىلىدىغان سالامەتلىككە پايدىلىق تائاملارغىچە تۈجۈپىلەپ ئېتىش، ئۆيدىكىلەرنىڭ كۈندە بىر ۋاخ كىيىم يەڭگۈشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. ئۆيلەردە قۇسۇر ئىزدەش جېدىلى ئاۋۇغىلى تۇردى. بۇنى ئاز دەپ ئائىلە، بالا دېگەننىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەيلا «تەييارغا ھەييار بولۇش» نى ئىستەيدىغان بىر قىسىم ئۈچىنچى شەخسلەر ياشلىقى، شوخ، جۇشقۇنلۇقى بىلەن ئاياللارغا تەھدىت سېلىشقا باشلىدى... شۇنىڭ بىلەن ئاياللار روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن تەڭلا ھالسىراپ، ھېرىپ –چارچاپ ھالىدىن كەتكەن قوتۇر ئېشەكتەك كۈنگە قالدى. ئەمما ئۇلار ئۆيلىرىدىكى تاتلىق پەرزەنتلىرىنىڭ ئانىسى بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن قۇشقۇندىن چىقىۋالالمايتتى، ئۇلار ئانىلىق مېھرى بىلەن ئائىلىنى ئىسسىتمىسا، بالىلىرىغا ھاياتنىڭ ئەگرى– توقاي يوللىرىدا رۇس مېڭىشنى ئۆگەتمىسە بولمايتتى. شۇڭا ئاياللار ئۆز ئۆيىدە دانلاپ خەقنىڭ ئۆيىدە كاكىلاپ يۈرىدىغان ئەرلىرىنىڭ ئاچ يولۋاستەك ھۆركىرەشلىرىنى، گۆدەك بالىلىرىغا ساراڭلاردەك چالۋاقاشلىرىنى ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسقا سېلىپ ئۆتۈشى، يەنە بەزى ئىشلارنى بىلمەسكە سېلىشى كېرەك.
    ئاياللارنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتنىڭ ئاستا– ئاستا ئۆزگىرىشى بىر قىسىم ئاياللارنىڭ مىجەزىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئەرلىرىنىڭ قۇسۇرچىلىقىدىن ئەندىكىپلا ئۆتىدىغان، دېيىشكە تېگىشلىك گەپلىرىنىمۇ دېيەلمەيدىغان ياكى دېيىشنى خالىمايدىغان قىلىپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقى بارا–بارا سۇسلاپ، تىمىسقىلاپ ماڭالىغىنى بىلەن ئوي –چوڭقۇرنى ئانچە پەرق ئېتىپ كېتەلمەيدىغان، گەپ قىلالىسىمۇ پىكىر قىلالمايدىغان، كۆزى كۆرسىمۇ ياخشى– ياماننى پەرق ئېتەلمەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاخىرى خېلى يۇقىرى مەلۇماتى بار ئاياللارمۇ ئاران ساۋادى بار كىشىلەر تەرىپىدىن كەمسىتىلىدىغان تەقدىرگە دۇچار بولىدۇ. ئەمما ئۇ نېمىمۇ قىلالىسۇن؟ بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك بوزەك بولۇپ، بەكرەك خورلىنىپ، بۇرۇنقىدىنمۇ بەك جاپا تارتىپ ياشىغاندىلا ئۆز ھاياتىنىڭ كۆكىنى سېتىپ كۆكەرتكەن بۇ ئۆيدە ئولتۇرۇش ئىمتىيازىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئۇ ئېنىق ئۇققاچقا ‹‹ئېرى يوقنىڭ جېنى يوق›› دېگەن سەپسەتىگە ئىشىنىپ ياشاۋېرىدۇ. بۇ خىل روھىي ھالەت ھايات لەززىتىدىن پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنى قۇربان قىلىپ ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئاياللارنىڭ ئومۇمىي كەچۈرمىشى. ئايسىمە ئىدرىسنىڭ شېئىرىدىكى گۈزەل تۇيغۇ بۇنداق چۈشكۈن روھىيەت دۇنياسىدا نېمە قىلسۇن؟

    يەنە بىر تۈركۈم ئاياللار ئېرىنىڭ زوراۋانلىقلىرى، قوپاللىقلىرى ۋە ھەددىدىن ئاشقان بېسىملىرىغا نىسبەتەن قايتۇرۇپ ئاتاكىغا ئۆتۈپ، بىشەملىشىپ، ۋاقتى–ۋاقتىدا قورساق كۆپىكىنى چىقىرىپ، ئېرى بىرنى دېسە ئىككىنى دەپ ئۆتىدۇ. بۇنداق ئاياللار تاياق يېيىشكە، ھاقارەتلىنىشكە، ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا رازى بولۇدىكى، ئاغزىدىن يانمايدۇ. ئېرىنىڭ ئۆزىگە قىلغانلىرى ئۇنتۇلۇپ كەتمىگەن بولغاچقا، ئاشۇنداق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆچ ئالماقچى ۋە ئورنىنى قايتىدىن تىكلىمەكچى بولىدۇ. يەنە بەزى ئاياللار چېچىنى سۈپۈرگە، قولىنى كۆسەي قىلىپ تۇتقان ئۆيلىرىنىڭ، يىغقان مال– بىساتلىرىنىڭ رۇمكا–قەدەھلەر، قارتا– ئوشۇقلار ئارىسىدا سورۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، جېدەلدىنمۇ پايدا تاپالمىغاندىن كېيىن، مانا ئەمىسە، دەپ مەسئۇلىيىتىنى قايرىپ قويۇپ، رېستوران، تانسىخانىلارغا بېرىپ ئويۇن– تاماشا بىلەن قاغجىراپ كەتكەن مەنىۋى دۇنياسىنى ئاز–تولا ئارام تاپقۇزىدۇ. ئېسىل دەپ قارالغان قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كىيىدۇ، زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقايدۇ. ئېرى بىلەن بۇزۇپ– چېچىش مۇسابىقىسىغا چۈشۈش ئارقىلىق قەلب يارىسىغا مەلھەم تاپماقچى بولىدۇ.
    يەنە بىرقىسىم ئاياللار دەۋر ئېقىمىنىڭ رەڭگارەڭ چىراغلىرى ئاستىدا قەلبى ئۆڭۈپ كەتكەن ئۇنداق ئەرلەر بىلەن ياشاشنى ئەخمىقانىلىق ۋە نادانلىق دەپ قاراپ، چۆچۈرىدەك بالىلىرىنىڭ بىر ئۆمۈر بويۇن قىسىپ قالىدىغانلىقىدەك رېئاللىققا تەن بېرىپ، ئىلگىرى قەدرىگە يەتمىگەن ئەركىن ھاياتقا قايتىش ئۈچۈن ئۈزەڭگىنى ئۈزىدۇ. مانا بۇلار 30پىرسەنت ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بولۇپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب. ئايسىمە ئىدرىسنىڭ شېئىرىدىكى گۈزەل ھايات بۇنداق ئائىلىلەر ئۈچۈن چۈش بولۇپلا قالىدۇ، خالاس.
     بىر– بىرىگە ئىشەنچ، سەمىمىيەت، مېھىر– مۇھەببەت دېگەنلەردىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئائىلە قورغىنى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قەلبلەرنى زەردابقا تولدۇرغاندا، ئائىلىدىن ئىبارەت مۇقەددەس ئىمپېرىيىنىڭ تاھىر–زۆھرەلىرى خوجايىنلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، قاغجىراپ كەتكەن جازا لاگېرىدىكى بىچارە بايقۇشلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ كۈندىن–كۈنگە زورىيىۋاتقان مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغان، بىر–بىرىگە مىخ بىلەن زىختەك سانجىلىپ تۇرغان، تاغ تۇرۇپ تاشچە بولالمىغان، باغ تۇرۇپ بىر تۈپ دەرەخچە سايە بېرەلمىگەن بۇنداق ئاتا–ئانىلار ۋە كۆڭۈلسىز ئائىلىدىن بالىلارنىڭمۇ رايى قايتىدۇ.
     ئەقىل تېپىۋاتقان بەزى ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا كاستۇم– بۇرۇلكىنى قاتۇرۇپ كىيىپ، ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدىغان بەزى ئەرلەردىن ئاياللىرىنى ئۆيدە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، تاغ– دالىلاردا ئىشلەپ پۇل تېپىپ خوتۇن، بالىلىرى ئۈچۈن بەختلىك تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىدىغان بۇرۇنقى زامان ئەرلىرى سۆيۈشكە بەكرەك ئەرزىيدىغاندەك تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالدى. شۇ چاغلاردىكى مېھرى ئاتەش ئانىلار ئىگىلىك تىكلەپ خام خۇرۇچ تېپىشنىڭ غېمىدە پالاقلىماستىن، ئەكسىچە ئېرى تېپىپ بەرگەن خۇرۇچلاردىن مەززىلىك تائاملارنى تەييارلاپ، ئۆزىنى گۈلدەك ياساپ، ئۆينى پاكىز تازىلاپ، بالىلىرىغا گۈزەل ئەپسانە، چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بېرىپ، ئېرىغا ئائىلىنىڭ بەختىيارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئانىنىڭ ئائىلىدىكى قۇياشتەك ئورنىنى تىكلەپ بەرگەنىدى. چاچلار ئاقىرىپ، ماڭلايلار قورۇلسىمۇ، شېرىن پىچىرلاشلار، تاتلىق كۈلۈمسىرەشلەر، مۇھەببەتلىك بېقىشىشلار ئائىلىنىڭ ئەڭ زور بايلىقى سۈپىتىدە ھاياتلىقنىڭ مەنىسىنى بەرپا قىلغانىدى. ھازىرقىدەك بىرەر چاي سورۇنىغا بارسا ھەدەپ سائەتكە قاراپ ئەندىكىشلەر، چوڭ–كىچىك، قېرى –ياش جەم بولۇپ ئورتاق غىزالىنىشنىڭ ئورنىغا ئۇدۇل كەلگەن ئاشخانا–رېستۇرانلاردا ئالدىغا كەلگەن تاماقنى يەپ دۇئاسىز كېتىپ قېلىشلار ئۇلار ئۈچۈن يات ھېساپلىناتتى. ھازىر بىر قىسىم ئاياللار تۇرمۇش كەچۈرۈش زۆرۈرىيىتىدىن ئاياللىق سالاپىتى، مەسئۇلىيىتىنى ئۇنۇتقان ھالدا پۇل ئۈچۈن پالاقلاپ، ئاياللارغا خاس نازاكىتى، خۇلق–مىجەزىدىن مەھرۇم قېلىپ، ئەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالمايدىغان بولۇپ قالدى. دەۋر قەدىمىنىڭ تېزلىكى ئاياللىق قەلبكە خىرس ئېلىپ كەلدى. ئاياللارنىڭ قەلب ئېتىزى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى زىرائەت تېرىلىۋېرىپ قۇياش نۇرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولالمايۋاتقان، ھوسۇلسىز، قاغدالما يەر بولۇپ قالدى...
     ھەقىقىي ئايال بولۇپ ياشىغۇسى بار ئاياللار ناھايىتى نۇرغۇن، پەقەت ۋۇجۇدىنى تىتما–تالاڭ قىلىدىغان ھېسسىيات–زەنجىر كىشەنلىرى ئۇلارنىڭ روھ سېپىلىنى ۋەيران قىلمىسىلا...

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1976
تۆھپە
961
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 12:05:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   
      ياشىسۇن ئاياللىق پەزىلەت ، داۋاملاشسۇن ئاياللىق لاتاپەت ! مەڭگۈ نامايەن بولۇپ تۇرسۇن ئاياللىق گۈزەللىك !

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
پاتىگۇل
تىللا
113
تۆھپە
75
UID
23086
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 19:09:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ماقالىڭىزنى بەكلا ياقتۇردۇم ،ھازىرقى جەمىيەتتىكى ئىشلارنى تولۇق شەرھىلەپ بىرىپسىز ،بىزنىڭ ئاياللىرىمىز بەكلا بىچارە، ئۆينىڭ ئىشلىرىنى جايىدا قىلىش، ،ئاش تاماقنى تىتملىق ئىتىش ،پەرزەنىتلىرىنى ياخشى تەربىيەلەپ قاتاغا قوشۇش ، سىرىتنىڭ ئىشلىرىنى ئىپىگە كەلتۈرۈپ قىلىش ،ئۆيگە كەلگەن مىھمانلارنى ئىرىنىڭ يۈزىنى يەرگە قاراتماي ياخشى ئۇزۇتۇش ........نۇرغۇن ئىشلارنى ياخشى قىلمىسا بولمايدۇ ،شۇلاردىن بىرەرى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالسا شۇ ھامان سۆزلەيدۇ ،ھەرگىز قىلىدىغان ئىشلىرى كۆپ يىتىشەلمەي قالغان ئوخشايدۇ دىمەيدۇ،يىنىكرەك بولغاندا سۆزلەپ توختاپ قالىدۇ ،ئىغىرراق بولغاندا تاياق بىرىپ توختايدۇ.بولۇپمۇ يىزىنىڭ ئاياللىرىغا بەكلا ئىچىم ئاغرىيدۇ ئۇلار ئىتىز ئەمگىگىنىمۇ ئۆزى قىلىدۇ ،كىچىلەدە يەرلىرىگە سۇ ئالىدۇ ،يەنە ھىرىپ قالدىم دىمەي تاماق ئىتىدۇ ،لىكىن ئەرلەر بۇ ئىشلاردىن مۇستەسنا .ئۇلار قوساق كۆتۈرۈپ بالا تۇغمايدۇ ،ئاغرىقچان بوپ قالمايدۇ ،قىش ياز دىمەي قازان بىشىدا يۇرمەيدۇ ،ئۇلار پەقەت ئۆيدە بىر ئەر بوپ بەسىلا بولدى ،لىكىن ئاياللار مەيلى ئىشلىسىمۇ ئۇلار ۋاي دىمەيدۇ ،ئۇلارنى ۋاي دىگۈزىدىغىنى ئەرلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان كۆيۈمىنىڭ يوقلىغى ،ئىغىزغا ئالغۇچىلىكى يوق ئىشلار ئۈچۈن ئۇلارنى ئۇرۇش ،قىيناش ،خارلاش،تاشلىۋىتىش،كارى بولماسلىق ،ئانا- بالىنى ئايرىۋىتىش،  بۇنىڭغا چىدىماي يامانلاپ كەتسە كۆگەنلا يەردە ئۇرۇش تىللاش،ئاجىرشىپ كىتىمەن دىسە ھىچ نەرسە بەمەي ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىۋىتىش ،ھەتتا ئۆزىنىڭ  پۇشتى بولغان پەرزەنىتلىرىگىمۇ بىقىش ھەققى بىرىشتىن قىچىش.........مانا مۇشۇنداق ئىشلار ئاياللارنى تۈگىمەس دەرت ئازاپقا تاشلايدۇ ،ئۇلار كۈلەي دەپمۇ كۇلەلمەيدۇ ھەم ئىچىلالمايدۇ .

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
پاتىگۇل
تىللا
113
تۆھپە
75
UID
23086
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 19:12:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىڭىز بەكلا ياخشىكەن ،مەن ساقلىۋالدىم .

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
917
تۆھپە
587
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 13:47:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sarwi يوللىغان ۋاقتى  2012-9-20 12:05
ياشىسۇن ئاياللىق پەزىلەت ، داۋاملاشسۇن ئاياللىق ...

بۇ سوزلىرىڭىزنى  شۇنداق ياقتۇردۇم

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1976
تۆھپە
961
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 20:12:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
manglisa يوللىغان ۋاقتى  2012-9-21 13:47
بۇ سوزلىرىڭىزنى  شۇنداق ياقتۇردۇم

     رەھمەت سىزگە ،  ياقتۇرغانلىقىڭزىدىن خۇش بولدۇم .

سىزگە خۇشاللىق تىلەيمەن .

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
917
تۆھپە
587
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 20:19:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sarwi يوللىغان ۋاقتى  2012-9-21 20:12
رەھمەت سىزگە ،  ياقتۇرغانلىقىڭزىدىن خۇش بولدۇم .

س ...

سىزنىڭ ھەرقانداق بىر تېمىغا يازغان ئىنكاسىڭىز  مىنى قايىل قىلماي قالمايدۇ.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1976
تۆھپە
961
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 20:25:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
manglisa يوللىغان ۋاقتى  2012-9-21 20:19
سىزنىڭ ھەرقانداق بىر تېمىغا يازغان ئىنكاسىڭىز  مىنى ق ...

مەڭلىسا خانىم ، سىزدىن چەكسىز مىننەتدارمەن ، كۆڭلى - كۆكسى كەڭ  ، ئاقكۆڭۈل ئاياللارلا باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە توغرا باھا بېرەلەيدۇ ھەمدە باشقىلارنى ئەڭ گۈزەل سۆزلەر بىلەن ماختىيالايدۇ ، سىز دەل شۇنداق ئايالسىز !
سىزنى ھۆرمەتلەيمەن . سىزدەك مۇنبەردىشىمنىڭ بولغانلىقىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم .
سىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن !
ھەر بىر كۈنىڭىز خۇددى ئەتىگەنكى قۇياشتەك ئىللىقلىققا تولسۇن ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sarwi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-21 20:25  

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
917
تۆھپە
587
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 21:53:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنەتدارلىق سۆزىڭىزدىن كۆڭلۈم شۇنداق سويۈندى ، سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 15:27, Processed in 0.089803 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991