« ھېيىتكاھ تۇمانلىرى»تراگېدىيەسى توغرىسىدا 
بۇ جايدا مەردانلار ياتۇر
(قۇتلۇق ھاجى شەۋقى شىئېرى)
كۆرمىگىلى قەشقەرنى كەم بۇ جايدا مەردانلار ياتۇر، ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغرايى خاقانلار ياتۇر. خەلق ئۈچۈن قۇربان بېرىپ، دۈشمەن بىلەن قىلغان كۆرەش، ئۇل شەھىدۇ قەھرىمان ئالىپ ئارسلانلار ياتۇر. نۇر چېچىپ قۇتاتقۇبىلىگ خەلقنى قىلغان بەختىيار،
خاس يۈسۈپ ھاجىپقا ئوخشاش ئەھلى ئىرپانلار ياتۇر. يادىكار ئەيلەپ جاھانغا يازدى دىۋانى لۇغەت ، مەخمۇدىل قەشقەرىي كەبىي ئەھلى شەرەپشانلار ياتۇر. ئەيلىگەن شەۋقىنى مەپتۇن ئەل ئۈچۈن نۇرلار چېچىپ،
بۇ شەھەردە كۆپلىگەن خەلق ئوغلى ئىنسانلار ياتۇر. (ئالتە كۆرۈنۈشلۈك تارىخي تراگىدىيە)
ئاپتورى-مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنايى. ئاساسلىق روللاردا: ئابدۇقادىر داموللا-58ياش.قۇتلۇق شەۋقى-44ياش. بارات ئاخۇن-46ياش.سوپى داموللا-60ياش. ئىشان مەزىن-50ياش.ئىنگىلىس كونسۇلى-51ياش. شىۋىت كونسۇلى-40ياش
تراگىدىيىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ تراگېدىيەدە مىلادىي 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا قەشقەردە يۈز بەرگەن ماتىتەينىڭ زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىقى ۋە شۇ دەۋردىكى يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى، خەلقپەرۋەر ئۇلۇغ زات-ئابدۇقادىر داموللام ۋە قۇتلۇق شەۋقىلەرنىڭ دەھشەتلىك زۇلۇمغا ئۇچرىغان خەلق ئاممىسىغا غەمخورلۇق قىلىشى، شۇنداقلا خەلققە زۇلۇم سالغان ئىشان مەزىن، سوپى داموللا ۋە ئىنگىلىس كونسۇلىغا ئوخشاش ئىچكى-تاشقى فېئودال كۈچلەرنىڭ ئېكىسپالاتاتسىيىسىگە قارشى تۇرۇپ، نامرات يىتىم-يىسىر بالىلارغا ۋە قېرى-ئاجىزلارغا باشپاناھ بولغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. ئابدۇقادىر داموللام، قۇتلۇق شەۋقىگە ئوخشاش ۋەتەنپەرۋەر، خەلقپەرۋەر، مەدەنىيەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭ نادانلىق، جاھالەت ئەزگۈچى كۈچلەرگە قارشى كۆرەش قىلىپ، ئىشان مەزىن، سوپى موللىغا ئوخشاش ئەجنەبىي قارا نىيەتلەرنىڭ قەستىگە ئۇچراپ، ۋەتەن خەلقنىڭ ھۆرلۈك ئازاتلىقى يولىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئابدۇقادىر داموللىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەزگۈچى كۈچلەرنىڭ زۇلۇمىغا قارشى ئەمگەكچى خەلق ئويغۇنۇپ،ئۇستاز ئابدۇقادىر داموللىنىڭ:«ئويغۇنۇش،ئويغۇنۇش، يەنە ئويغۇنۇش. ئىتتىپاقلىشىش،ئىتتىپاقلىشىش يەنە ئىتتىپاقلىشىش.»دېگەن شۇئارىغا ۋارىسلىق قىلىپ، فىئودال خۇراپىي كۈچلەر ۋە چەتئەل ئەجنەبىيلەرنىڭ قۇترىشىغا قارشى تۇرۇپ، يېڭى تاڭنى كۈتۈۋىلىش ئۈچۈن مەدھىيە ئوقۇلغان.
دراممىدا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئوقىغان نەزمىسى:
ھاۋادا ئەيلىسە جەۋلان جاھاندا ئۆزىگە مىللەتلەر،
نادانلىق غارىدا بىھۇش مېنىڭ قەۋمى-قېرىنداشلىرىم. يۈرەكتە ئاھۇ-پەريادى غېمى بىچارە خەلقىمنىڭ، تۈمەن بىرلە قىزىل دەريا قىيانىدۇر مېنىڭ ياشىم. خالاس بولغان كۈنى خەلقىم،ئەسىرلىك دەردۇ-كۈلپەتتىن،
ئۆسۈپ قەددىم ئېشىپ كەتكەي، بۈيۈك خانتەڭرىدىن باشىم. قۇتلۇق شەۋقى شىئېرىدىن پارچە:-ئويغان
(بۇ شېئىر دراممىغا كىرگۈزۈلگەن.) قېرىنداشلار تۇر ئەمدى،
پۈتۈن جاھان ئويغاندى. قۇتۇلۇش ئۈچۈن قۇللۇقتىن، مەردۇ-مەردان ئويغاندى. پۈتۈن ئىنسان ئويغاندى،
مەردۇ-مەردان ئويغاندى. جانۇ-جاھان ئويغاندى، يەرۇ-ئاسمان ئويغاندى. بۇ درامما ھەقىقىتەن بەك ياخشى يېزىلغان بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20-يىللاردىكى ئەكسىيەتچى زالىملارنىڭ زۇلمىغا قارشى خەلقنى ئويغۇنۇشقا دەۋەت قىلغان. يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012-يىلى 19-سىنتەبىر يېزىلدى. قەشقەر


|