كەچۈر
بەلكى تەڭرى ئەر دەپ ياراتقان،
كەتمەس ئاڭا ھېچ قانچە پاكىت .
بار ئۆزۈمدە دەلىل ئىسپاتلار،
ھېس قىلماسمەن بۇنىڭدىن بەخىت.
لېكىن شۇنداق بىر ئۈمۈدىم بار بولغان،
تەڭرى مېنى قايتىدىن بىر ياراتسا.
ھەقىقىي بىر ئەر بولغۇم بار ئەزەلدىن ،
بەخىت بىزگە قۇچاق ئېچىپ يار بولسا.
بۈگۈن سېنى نىكاھىمغا ئالدىممەن ،
لېكىن قەلبىم قىلچە خۇشال ئەمەستۇر.
چۈنكى بەخـتىـڭ غازاڭ كەبىي سۇلغاچقا،
بۈگۈن مانا قەلبىمدىكى ھەسرەتتۇر.
كەچۈر مېنى قىزىل گۈلۈم شېرىنىم ،
ياپراق بولۇپ ئەيىپلىرىم ياپقايسەن.
بەخىت ساڭا بېرەلمىسەم دۇنيادا ،
پەرى بولۇپ جەننەتلەردە ئۇچقايسەن.
گەرچە سېنىڭ پاكلىغىڭنى بىلسەممۇ ،
پاك بولغىن دەپ قويالماسمەن ساڭا شەرت.
چۈنكى مېنى ئەيىپلەيدۇ ۋىجدانىم ،
يوشۇرغانمەن سىرلىرىمنى سەندىنلا پەقەت.
كەچۈر گۈلۈم يىگىت ئەمەس مەن ئەسلا ،
لېكىن يوقكەن يىگىتلىكنىڭ بەلگىسى .
سەن بىلمەسسەن سىرلىرىمنى بىر ئەسلا ،
بىلەر ئىدىڭ بولسا ئەگەر يىگىتلىكنىڭ پەردىسى.
كەچۈر جېنىم پاكلىغىڭنى بۇزۇشقا ،
مەندە يوقتۇر پاكلىغىڭنىڭ تەڭتۇشى.
ناپاك تېنىم يەتسە ئەگەر تېنىڭغا،
كېلەر بۇندا ئالەملەرنىڭ قايغۇسى .
لېكىن سېنى كۆرگەن كۈندىن باشلاپلا،
بىر سەن ئۈچۈن ياشايدىغان بولدىممەن.
گەرچە ساڭا تەڭ قىلمىساممۇ ئۆزەمنى،
ئاشىق بۇلۇپ ئوتلىرىڭدا كۆيدىممەن .
ئەنە شۇنداق سېنى پايلاپ يۈرگەندە،
تۇيۇقسىزلا تار يوللاردا ئۇچراشتۇق .
ئاشىقلىقىم چىن يۈرەكتىن بولغاچقا،
مۇھەببەتنى كۆزلەر بىلەن باغلاشتۇق.
بۈگۈن مانا توي ئاخشىمى ئولتۇرۇپ ،
بۇسىرلارنى ساڭا ئېيتقۇم كەپ قالدى .
مېنى كەچۈر دېيەلمەيمەن ئالدىڭدا،
ساڭا يۈزۈم قارىغۇدەك قالمىدى .