كۆرۈش: 9894|ئىنكاس: 10

ئون ياشلىق قەيسەر بالا — يەن يۈخوڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6100
تۆھپە
2792
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 18:03:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەمدىلا ئون ياشقا كىرگەن بىر مېيىپ بالىنىڭ يۈكسەك ئىرادىلىكلىكى ، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان قەيسەرلىكى ، جۈملىدىن ئوقۇشقا بولغان چەكسىز ھېرىسمەنلىكى بىزنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ . ئۇنىڭ ئەنە شۇنداق جاپالىق شارائىتتىمۇ تەقدىرگە قىلچە بوي ئەگمەي ، ئېنىقراقى ئۆزىنى ئازراقمۇ كەمسىتمەي ، كۈچلۈك ئۈمىدۋارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ‹‹يول›› غا چىقىشى بىزنى تەسىرلەندۈرمەي قالمايدۇ ، ئۇ كېتىۋاتقان يول يالغۇز مەكتەپكە بارىدىغان يوللا ئەمەس ، بەلكى ئۇنى گۈزەل كېلەچەككە ئېلىپ بارىدىغان ھاياتلىق يولى .بەش ئەزايى بېجىرىم تۇرۇپمۇ ، ماڭىدىغان يولىنى تاپالماي تېنەپ–تەمتىرەپ يۈرگەنلەر ، ناتوغرا يوللاردا قىڭغىر دەسسەپ غۇرۇرىنى پايخان قىلىۋاتقانلار ، ئېسىل ئوقۇش شارائىتلىرىنى قەدىرلىمەيۋاتقان كەم ئەقىل ياشلار بۇ قەيسەر بالىنىڭ روھىدىن ئۆگىنىشى ، ئۇنى ئۈلگە قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ساغلام ھاياتىنى بەرپا قىلىشى كېرەك ، ئەلۋەتتە. مۇشۇ نۇقتىدىن مۇنبىرىمىز 10 ياشلىق بۇ بالىنىڭ روھىنى بارلىق تورداشلارغا يەتكۈزۈش مەقسىتىدە بۇ ماقالىنى تەرجىمىگە ئورۇنلاشتۇردۇق.

ئون ياشلىق قەيسەر بالا — يەن يۈخوڭ

90fba609152011c3cb611e.jpg


يەن يۈخوڭ ھاۋا تاپان بولۇپ ماڭماقتا


   پۇتىنى ئاسمانغا قىلىپ قولى بىلەن مېڭىش ، ئۆمىلەپ مېڭىش ، ھاسىغا تايىنىپ مېڭىش... مانا مۇشۇنداق چىشىنى چىشلەپ ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك بەرداشلىق بېرىپ ‹‹ ماڭغاندىلا ››، ئاندىن مەكتەپكە بېرىپ بولغىلى بولىدۇ ، يەن يۈخوڭ بۇ جەرياننى ھەر كۈنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ . ئۇ بۇ يىل ئەمدىلا 10 ياشقا كىردى ، بىراق ئۇنىڭ بوران چىقىپ يامغۇر ياغقان تەقدىردىمۇ مۇشۇنداق ‹‹مېڭىپ›› مەكتەپكە بېرىپ–كېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقىنىغا تۆت يىلدىن ئاشتى .


   ئۇنىڭ دەرت–ئەلىمى



   يەن يۈخوڭنىڭ ئۆيى سىچۇەن ئۆلكىسى يىبىن شەھىرى پىڭشەن ناھىيەسى پىڭشەن بازىرىنىڭ جياڭبا كەنتىدە، يەن يۈخوڭنىڭ مومىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، ئۇ تېخى يېشىغا يەتمىگەن چاغدا ، بىر قېتىم قاتتىق قىزىپ كېتىپ ، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلاپ ، بالىلار پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ، بېلىنىڭ تۆۋىنى پالەچ بولۇپ قېلىپ ، سېزىمىنى يوقاتقان ئىكەن .
    ھەر كۈنى سەھەر سائەت 7:15 تە، يەن يۈخوڭ ھاسىسىغا تايىنىپ ، ئاچىسى ئۇ ئىككىسىنىڭ سومكىسىنى كۆتۈرۈپ ، مومىسى كەينىدىن ئەگىشىپ ، ئۈچ ئادەم ئۆيدىن چىقىپ مەكتەپكە قاراپ يولغا چىقىدۇ.
    ئېتىزلىق قىرىدىكى ئىنتايىن تار ھەم تېيىلغاق بىر يولنى ئۇلار چوقۇم بېسىپ ئۆتمىسە بولمايتتى ، بۇ يولدىن مومىسى ئۇنى ھاپاش قىلىپ ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ . تاشيولغا چىققاندىن كېيىن ، ئۇ مومىسىنىڭ ھېرىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ، يەرگە چۈشۈپ ئۆزى ماڭىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ .
   يەن يۈخوڭنىڭ يول مېڭىش ئۇسۇلى بىر قانچە خىل : ئاسمان تاپان بولۇپ ( پۇتىنى ئاسمانغا قىلىپ ) قولى بىلەن مېڭىش، ئۆمىلەپ مېڭىش ، ھاسىغا تايىنىپ مېڭىش... يولدا نۇرغۇن تاش–شېغىللار بار بولۇپ ، قولى سۈرۈلۈپ ئاغرىپ كەتكەندە، ئۇ ئايىغىنى قولىغا كىيىۋېلىپ داۋاملىق ماڭىدۇ ، پەقەتلا ماڭالماي قالغاندا ئاندىن مومىسىغا ھاپاش بولىدۇ .
    ئۇلار بىر سائەتتىن كۆپرەك مۇشۇنداق يول مېڭىپ ، سائەت 8:00 لەردە مەكتەپكە كېلىدۇ ، مەكتەپتىن قايتىش جەريانىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش .



ئۇنىڭ ئارزۇسى



   ئائىلىسى تەرەپ–تەرەپتىن قەرز ئېلىپ يەن يۈخوڭنىڭ كېسىلىنى داۋالاتتى ، پۇل پاكپاكىز تۈگىدى ، ئۇنىڭ ئاتا–ئانىسى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ پۇل تېپىشقا مەجبۇر بولۇپ ، مومىسى بىلەن مېيىپ بوۋىسىنى ئۆيگە قاراشقا قويۇپ قويدى. ھازىر، بالىسىنىڭ ھالىدىن تېخىمۇ ياخشى خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ، ئاتا–ئانىسى ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ، بېلىق سېتىپ تۇرمۇشىنى قامداۋاتىدۇ .
   كەچتە، ئەقىللىق يەن يۈخوڭ چىراغ ئاستىدا جىمجىت ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەيدۇ . قوشنىسى دېڭ ھەدىنىڭ دېيىشىچە ، ئۇ ئۆمىلەپ ھېرىپ قالغاندا يىقىلىپ چۈشىدىكەن ، بىراق يىقىلغاندىن كېيىن يەنە ئۆمىلەپ تۇرۇپ داۋاملىق ‹‹ماڭىدىكەن››.



   نېمە ئۇنى مۇشۇنداق قەيسەر قىلىۋەتكەن؟



   ‹‹مەن  ياخشى ئوقۇيمەن ، ئوقۇش مېنىڭ غايەم ، شۇندىلا كەلگۈسىدە مومامغا جاۋاب قايتۇرالايمەن ›› دەيدۇ يەن يۈخوڭ.
    مومىسى ھەر كۈنى يەن يۈخوڭنى مەكتەپكە ئاپىرىپ–ئەكەلگەندىن باشقا ، يەنە نۇرغۇن ئېتىز–ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىدۇ. مومىسى ياشىنىپ قالدى ، ئەمدى ئۇنى ھاپاش قىلىپ ماڭالمايدۇ . نەۋرىسىنىڭ كەلگۈسىنى ئويلىغاندا، مومىسى لى گوشياڭ كۆزىگە لىق ياش ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ : مەن پەقەت نەۋرەمنىڭ كۆپرەك ئوقۇپ ، كەلگۈسىدە ئۆزىگە تايىنىپ جان بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
    يەرلىك ھۆكۈمەت يەن يۈخوڭغا بىر چاقلىق ئورۇندۇق ئىلتىماس قىلدى ھەمدە سىياسەت جەھەتتىن ئۇنىڭغا ياردەم بەردى . يىبىڭ ‹‹باھار مايسىسى ›› ئوقۇشقا ياردەم بېرىش جەمئىيىتىنىڭ پىدائىيلىرىمۇ ساخاۋەتچى زاتلارنىڭ ياردەم قولىنى سۇنۇشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىماقتا .

مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 20:44:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەمىيىتىمىزدەئاشۇنداق مىيىپ قەيسەرلەرگە كۆپ ياردەم  قىلسا،ساق مىيىپلار ئاشۇنداقلاردىن تەسىرلەنسە دەيمەن.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
2532
تۆھپە
1330
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 21:36:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەمىيىتىمىزدەئاشۇنداق مىيىپ قەيسەرلەرگە كۆپ ياردەم  قىلسا،ساق مىيىپلار ئاشۇنداقلاردىن تەسىرلەنسە دەيمەن


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
917
تۆھپە
587
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 23:38:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا قەيسەر بالىكەن ، ھەممە ئەزايى ساق تۇرۇپمۇ مەكتەپتىن قاچىدىغان بالىلارغا نېمە دىگۈلۈك


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
1189
تۆھپە
795
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 02:32:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن قەيسەركەن.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
180
تۆھپە
105
UID
159
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 02:51:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بالىغا قايىل بولدۇم


Rank: 6Rank: 6

تىللا
516
تۆھپە
178
UID
11362
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 04:13:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بالىنىڭ قەيسەرلىكى ھەقىقەتەن ئادەمنى تەسىرلەندۈرۈدىكەن .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1976
تۆھپە
961
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 11:27:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   
      ئاشۇ ھالەتتە ئۈچ سائەت يول يۈرۈپ مەكتەپكە بېرىش ، ھەقىقەتەن كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ . لېكىن ئاشۇ مېيىپ بالىنىڭ شۇنچىلىك جاپالارنى تارتىپ مەكتەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈرۈۋاتقان كىشىلەر نىمە ئۈچۈن دەل ۋاقتىدا ئۇنىڭغا ياردەم قىلمايدۇ ؟ بۇ نۇقتا كىشىنى تېخىمۇ ئويغا سالىدۇ .
  
  بۇ بالىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئوڭۇشلۇق تىلەيمەن .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
1020
تۆھپە
397
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 12:40:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بالىنىڭ ھەركەتلىرى بىزدىكى رىستۇران-بەزمىخانىلارغا نورمال مېڭىپ كىرىپ چىققاندا ئۆمىلەپ چىقىدىغانلارغا ياخشى ئىبرەت بولغىدەك.


ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
1020
تۆھپە
397
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 12:47:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sarwi يوللىغان ۋاقتى  2012-9-20 11:27
ئاشۇ ھالەتتە ئۈچ سائەت يول يۈرۈپ مەكتەپكە بېرىش ، ...

توغرا دەيسىز. بەلكىم ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ روھى مېيىپ بولسا كىرەك.
ھازىرقىدەك ئۈچۈرلاشقان دەۋىردە ۋە ھايات لېفىڭلار كوپ جەمىيەتتە بۇ بالىنىڭ تۆت يىلغىچە ياردەمگە ئىرىشەلمەسلىكى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ.


ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 10:14, Processed in 0.086864 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991