كۆرۈش: 3876|ئىنكاس: 5

پەرزەنتلىرىمىز ھۈنەر-كەسپسىز قالمىسۇن[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
59
تۆھپە
17
UID
20495
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 13:36:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پەرزەنتلىرىمىز ھۈنەر-كەسپسىز قالمىسۇن


4487fcd79e3911c271b422.jpg


   ھازىر باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى ئومۇملاشقان بولسىمۇ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى ئىختىيارلىقنى ئاساس قىلغاچقا، يەنە كېلىپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر كۆپىنچە ناھىيە مەركىزى ۋە شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن بولغاچقا، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەڭدىن تولىسى ئائىلىسىگە قايتىپ كېتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلار تولىمۇ ئاز. دەرۋەقە، دېھقان بولۇشمۇ شەرەپلىك ئىش، ئەمما ئىلگىرىكى دېھقانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ باقساق، نۇرغۇنىنىڭ مەلۇم ھۈنەرگە پىششىق ياكى مەلۇم ھۈنەردىن ئاز-تولا خەۋىرى بارلىقىنى بايقايمىز. شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا. «بىر ئادەمگە 100 خىل ھۈنەرمۇ ئازلىق قىلىدۇ» دېگەندەك، ئائىلىسىگە قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۈنەر ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشى تولىمۇ زۆرۈر.
    ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىككە ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. بىر قىسىم قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ئىستېمال قىممىتىدىن ھالقىپ، سەنئەت بۇيۇمى، ھەتتا يىغىپ ساقلاش بۇيۇمىغا ئايلىنىۋاتىدۇ. بىر قىسىم قول ھۈنەر كەسىپلىرىنىڭ خېرىدارلىرى ناھايىتى ياخشى بولۇۋاتىدۇ. شۇغىنىسى، بىر قىسىم قول ھۈنەر كەسىپلىرىنىڭ ئۇستىكارلىرى ئاز قېلىۋاتىدۇ، ۋارىسلىق قىلغۇچىلار چىقمايۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئەنئەنىۋى قەغەزچىلىق، مىسكەرچىلىك، بوياقچىلىق، سەرراپچىلىق، خالۋاپچىلىق دېگەندەك قول ھۈنەر كەسىپلىرىدە ئۇستىكارلار كۆپ ئەمەس، بەزىلىرىدە ۋارىسلىق قىلغۇچىلار يوق دېيەرلىك. نۇرغۇن ياشلار بىكار يۈرۈيدۇ. ئۇلار بىليارتخانا، قىمارخانا، مەيخانىلارغا كىرىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق بىرەر ھۈنەرنى ئۆگىنىپ تۇرمۇشنى قامداشنى خالىمايدۇ. ئاتا-ئانىلار ئارىسىدىمۇ بالىلىرىغا ھۈنەر ئۆگىتىش ھەققىدە ئويلىنىدىغانلار كۆپ ئەمەس. بەزى ئاتا-ئانىلار بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلىشىپ باقتىم. ئۇلار ھازىر زامان تەرەققىي قىلىپ كەتتى، ھەممە نەرسە زاۋۇتتىن تەييار كېلىۋاتسا، قول ھۈنەر كەسىپلىرىنىڭ نەدىمۇ ئىستىقبالى بولسۇن، دەپ قارايدىكەن. لېكىن، قول ھۈنەر كەسىپلىرىنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا خېرىدارلىرى بار، ئىقتىسادىي قىممىتىمۇ يامان ئەمەس. مەسىلەن، ھازىر فارفور بۇيۇملار نەچچە 100 خىلدىن ئاشىدۇ، ياسىلىشىمۇ نەپىس، بىراق بازاردا بىر چىنىنى بەش يۈەنگە ئالساق، ياغاچتىن ياسالغان ئوخشاش چوڭلۇقتىكى ياغاچ چىنىنى 50 يۈەن ئەتراپىدا سېتىۋالىمىز. چۈنكى، ئۇ قول ھۈنەر بۇيۇمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەم يېشىل مەھسۇلات، ھەم سەنئەت بۇيۇمى، شۇڭا خېرىدارلار ئۇنىڭغا ئالاھىدە قىزىقىدۇ.
    يېنىك سانائەتنىڭ تەرەققىياتى قول ھۈنەر سەنئىتىگە مەلۇم خىرىس ئېلىپ كەلسىمۇ، لېكىن ئۇنى نابۇت قىلىۋېتەلمەيدۇ. شۇڭا، بالىلار ھۈنەر ئۆگەنسە، ئىستىقباللىق بولسا بولىدۇكى، يەنە كېلىپ، ئۆزلىرى تۇرمۇش كاپالىتىگە ئىگە بولۇپ، دۆلەتنىڭ يۈكىنىمۇ يەڭگىللىتەلەيدۇ.
    كارخانا ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشى ئىش ئورنىدىن قالدى. ئىش ئورنىدىن قالغانلارنىڭ بەزىلىرى نېمە قىلارىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ يۈرگەندە، ئەسلىدە قول ھۈنەر كەسپىدىن خەۋىرى بارلار دەرھال بازارغا ماسلىشىپ، ھۈنىرى ئارقىلىق تۇرمۇشنى رەتكە سېلىۋالدى، ھەتتا تۇرمۇش سەۋىيەسىنى كارخانىدا ئىشلەۋاتقان چاغدىكىدىنمۇ ياخشى ھالەتكە كەلتۈرۈۋالدى. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئائىلىسىگە قايتقان ياشلار ئەقىل جەھەتتە تازا يېتىلىۋاتقان بولغاچقا، ھۈنەر ئىگىلىمەكچى بولسا، ئاسانلا ئۆگىنىۋالالايدۇ.
    ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ مەڭگۈلۈك يۆلەنچۈكى بولالمايدۇ، شۇڭا پەرزەنتلەرنىڭ مۇستەقىل ياشاش قابىلىيىتىنى ھازىرلىشىغا شەرت-شارائىت ھازىرلاپ بېرىش، ئۇنى ھۈنەر ئۆگىنىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش يولىغا قەدەم قويۇشىغا يېتەكلەش ئاتا-ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتى. بىلىشىمىز كېرەككى، ھۈنەرمۇ بىلىم، بالىلار بىلىمسىز قالسا بولمايدۇ.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
917
تۆھپە
587
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 15:48:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن بىر ئادەمگە 72 خىل ھۈنەر ئازلىق قىلىدۇ دەيدىكە بەلكىم بۇ توغرا گەپتۇ


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
2532
تۆھپە
1330
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 21:50:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن بىر ئادەمگە 72 خىل ھۈنەر ئازلىق قىلىدۇ دەيدىكە بەلكىم بۇ توغرا گەپتۇ


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
1020
تۆھپە
397
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 00:01:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
100%توغرا گەپ.


ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
1020
تۆھپە
397
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 00:08:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەڭلىسا خانىم بىلەن تۈمان ئەپەندى دەرگۈماندا قاپتۇدە؟

100%توغرا گەپ.


ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
1189
تۆھپە
795
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 02:36:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس بىر ئادەمگە 72ھۈنەر ئازلىق قىلمايدۇ،ئوماق بالىلاركەن..


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 04:29, Processed in 0.080650 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991