كۆرۈش: 5593|ئىنكاس: 4

70- يىللاردا يېزىلغان ئەسەر: ئىلى دەريا ۋادىسىدىن قايغۇلۇق سالام[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 12:18:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

70- يىللاردا يېزىلغان ئەسەر: ئىلى دەريا ۋادىسىدىن قايغۇلۇق سالام



     ئەسلى بۇ ئەسەر 70-يىللاردا شىنجاڭ تەۋەسىنى زىل-زىلىغا كەلتۈرگەن خەت بولۇپ،مەن بۇنى شۇ مەزگىللەردە خاتىرەمگە كۆچۈرۈپ ساقلاپ قويغان ئىدىم.بەلكىم شۇ دەۋرىداشلار ئەسلىيەلىشى مۇمكىن،مەن بۇ بىر پارچە خەتنى خاتىرەمنى ۋاراقلاپ ئۇچۇرتۇپ قالدىم ھەم يوللاپ قويدۇم. ماۋزۇسىنى ئۆزگەرتىپ يوللىماقچى ئىدىم،لېكىن ئاپتور ھايات بولسا ئۆز ئەسىرىنى تونۇۋالسۇن دەپ ئۆز پېتىچە يوللاۋەردىم.

ئىلى دەريا ۋادىسىدىن قايغۇلۇق سالام


                  
    قىممەتلىكىم راھىلە،سالامەتمۇ سەن؟
    مەن بۇ خەتنى ساڭا ئالدىراش يېزىۋاتىمەن،19-ئاۋغۇست كۈنى ئىلى دەرياسىدا بىرى ئېقىپ ئۆلدى.ئۇ كىم؟
    ئۇ ھەممىمىزنىڭ قەدىردان قىزى،سېنىڭ سىرداش دوستۇڭ زاھىدە.
    ۋەقە مۇنداق بولغان،19-ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى بولغانلىقى ئۈچۈن بىر توپ قىزلار سەيلىگە چىققان،چۈشكە يېقىن دەريا بويىغا كېلىپ سۇغا چۆمۈلگەن،زاھىدە سۇغا ئىككى قېتىم چۈشۈپ چىققان،3-قېتىم چۈشكەندە تۇيۇقسىز كۈچلۈك سۇ ئېقىمى تەرەپكە كېتىپ قالغان،ھەم قوللىرىنى بىرلا قېتىم(گويا قىرغاقتىكى دوستلار بىلەن مەڭگۈ خوشلاشقاندەك) پۇلاڭلاتقاندە سۇغا چۆكۈپ كەتكەن،قىزلار چىقىرىشىپلا قالغان.
  ماڭا خەۋەر كېچىكىپ يېتىپ كەلدى،مەن ئىنتايىن قايغۇردۇم.
    زاھىدە قانداق ياخشى قىز ئىدى ھە؟ ئۇ بىزنىڭ ئەڭ ياخشى دوستىمىز،ئۇ ھەممىمىزنىڭ يۈرىكىنى كۆيدۈرۈپ ئارىمىزدىن ئايرىلىپ كەتتى.مەن دەھشەتلىك قايغۇرماي قانداق تۇراي.
    كۆپ ئويلىدىم ھەم قايغۇردۇم،ئويلىغانسىرى كاللامدا (زاھىدە كۈچلۈك ئېقىم تەرىپىدىن ئۇشتۇمتۇت ئېقىپ كەتكەن ئەمەس،ئۇ ئۆزىنى ئەتەي سۇنىڭ چوڭقۇر ئېقىمىغا ئۆزىنى ئاتقان،ئۆلۈم ھەققىدە ئويلىغان) دەپ پىكىر كېلەتتى.
    مېنىڭ ئويۇمنى ئىسپاتلايدىغان پولاتتەك پاكىت بار.زاھىدە شۇ كۈنى بەك مەيۈس ھالدا بولغان،زاھىدە بىلەن بىرگە بولغان قىزلارمۇ ناھايىتى شوخ قىزلار ئىدى، ئۇلارمۇ ئۇنىڭ ھالىنى سېزىشكەن ھەم ھەيران بولۇشقان.دەرياغا قىزلار ئىككى قېتىم چۈشكەن،لېكىن زاھىدە ئاخىرقىسىنى ئوشۇق چۈشكەن.
    زاھىدەنى دەپنە قىلغان كۈندىن بىر كۈن ئاۋۋال،مەن زاھىدە بىلەن بىر ئىشخانىدە ئىشلىگەن ھەم رىزىۋان دېگەن قىزلار بىلەن ئۇچراشقان،(بۇ قىزلار بىلەن زاھىدە ئارقىلىق تونۇشقان) بىز زاھىدە توغۇرلۇق ئۇزۇن پاراڭلاشقان،ئۇ ماڭا زاھىدە يېزىپ تۈگىتەلمىگەن بىر پارچە خەتنى بەردى، مەرھۇمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھايات كۈنلىرى يېزىپ قالدۇرغان بۇ خەتنىڭ تاسادىپىي يوقاپ كېتىشىدىن قورقۇپ ئۇ خەتنى تولۇق كۆچۈرۈۋالدىم.
     مەرھۇمنىڭ يازغان خېتى مۇنداق:
   «زوردۇن سېنىڭ ھېلىقى كىشىدىن ئەۋەتكەن خېتىڭنى تاپشۇرۇپ ئالدىم ۋە سېنىڭ قىلىپ قويغان خاتالىغىڭ توغرىسىدا ئۇ كىشىدىن ئاڭلىدىم،خەۋەر مېنى ئىنتايىن ئېچىندۇردى.
   ئەپسۇسكى بىر-بىرى بىلەن تېپىشىش تەس،مەن سېنى كۈتتۈم لېكىن سەن مېنى كۈتەلمىدىڭ.قانچە قېتىملاپ قىلىشقان ۋەدىلىرىمىزنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدىڭ،مەن چىقتىم،سەن چىقالىدىڭمۇ؟ شۇ مۇھەببەت قاينىمىدا مەن قىلالىدىم تاقەت،سەن قىلالمىدىڭ ساداقەتنى.
   زوردۇن ھېلىمۇ مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن،ساڭا بولغان مۇھەببىتىم بىلەن سېنىڭ قىلغان خاتالىغىڭغا ئېچىنىمەن.بۇ يولسۇزلۇقىڭنىڭ چىقىش يولى پەقەت شۇ قىز بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش بولسا، مېنىڭ شۇ ئوتلۇق مۇھەببىتىم توزغاقتەك توزۇپ كەتسىمۇ سېنىڭ ئازاپتىن قۇتۇلۇشىڭ ئۈچۈن ھەممىنى قۇربان قىلىمەن.مەن سېنىڭ شۇ قىزنى ئېلىشىڭنى خالايمەن. سەن بەخىتلىك بولغانلىقىڭ ماڭا نامەلۇم.قىزنىڭ قورسۇقىدىكى شۇ بىگۇناھ بالىمۇ ئاتىسىز قالمىسۇن،ئۇ بولسىمۇ بەخىتلىك بولسۇن.
    مەن سېنىڭ ۋە ئاشۇ قىزنىڭ شۇنىڭدەك تېخى تۇغۇلمىغان بالىنىڭ بەختى ئۈچۈن جېنىمنى قۇربان قىلىدىغانلىغىمغا پەخىرلىنىمەن.
   مەن سېنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردۈم،ئەمما بۇنىڭغىمۇ ئېچىنمايمەن ،مەن ساڭا ئېيتىشقا پېتىنالماي تارتقان ئازاپلىرىمنى كېيىن ئاڭلاپ قالارسەن.
   زوردۇن،سىلەر بەخىتلىك ئۆتۈڭلار،مېنى دەپ ئازاپلانما.ئەمدى بىز تۇرمۇش قۇرغان بىلەنمۇ بىزنىڭ قۇرغان تۇرمۇشىمىز مەن ئويلىغاندەك بەخىتلىك بولۇپ چىقالمايدۇ،چۈنكى مۇھەببەتنىڭ ساپ-شېرىن مىنۇتلىرى ئۆتۈپ كەتتى.مەن بۇنى زادىلا سەزمەپتىمەن،مانا بۇنى قايتۇرۇپ كېلىش...
     مانا خەت مۇشۇ يەرگە كەلگەنگە ئۈزۈلگەن،خەتنىڭ داۋامىدا يەنە ئېيتىدىغان دەرتلىك گەپلەرنى زاھىدە ئۆز قەلبىدە ئېلىپ كەتكەن.
    قانداق راھىلە مېنىڭ گۇمانىم توغرىمۇ؟ ئىشەنگەنسەن ئېھتىمال مېنىڭ پەرىزىم خاتادۇر، چۈنكى زاھىدە ھاياتىدىن پاتلا كېچىدىغان ئۆلۈك بوش مىجەز قىز ئەمەس،لېكىن ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن زەربە ياخشى قىزغا تەسىر قىلمامدۇ دەپ كىممۇ ئېيتالىسۇن؟
    زاھىدە زۇردۇننىڭ خېتىنى ئېلىشتىن بۇرۇن ئۆزىنى ھەقىقىي بەخىتلىك دەپ ئويلىغان.زاھىدە ئۆلۈشنى قارار قىلغان،ئۇ ئۆلۈشتىن ئىلگىرى زوردۇنغا پۈتۈن دەرت-ئەلىمىنى ئۆز مۇھەببىتى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدىكى پىكرىنى بىلدۈرۈشنى ئويلىغان.18- ئاۋغۇسدىكى سايائەت ئۇنىڭغا ئۆلۇم سائىتىنى يىقىنلاشتۇرغان،قىز مۇشۇنداق پەيتنى قولدىن بەرمىگەن.شۇنداقتىمۇ ئۆز ھاياتىدىن تەستە ئۈمىد ئۈزگەن، ئۇنداق بولمىغان بولسا بىرىنچى قېتىم سۇغا چۈشكەندە ئۆلگەن بولاتتى.
    ئۇ ئۆلگەن،خەت تېخى ئاخىرلىشىپ بولالمىغان.راھىلە،سەنمۇ ئۆز پىكرىڭنى يازارسەن .
   مەن ئەمدى زۇردۇن ھەقىدە سۆزلەيمەن.
    بىز زوردۇننى ئوبدان بىلىمىز،زوردۇن ياخشى دوست ئىدى،زاھىدە بىلەن زوردۇننىڭ خۇسۇسيەتلىرى ئوخشاپ كېتەتتى،ئۇ ئوغۇللار ئىچىدە چوڭ ھۆرمەتكە ئىگە ئىدى،بىز زاھىدە بىلەن زوردۇننىڭ مۇھەببىتى ھەققىدە ئويلىغىنىمىزدا ھېچقانداق ئەجەپلەنمىگەن ئىدۇق، خۇددى بىزگە شۇنداق بولۇش كېرەكتەك تۇيۇلغان ئىدى.خۇددى زاھىدە زوردۇن ئۈچۈن زوردۇن زاھىدە ئۈچۈن تۇغۇلغاندەك ئىدى.
   لېكىن مۇھەببەت مەسىلىسىدە زوردۇن ئۆزىنى تۇتۇشتا بوش كەلدى،ئاقىۋەتتە ياخشى بىر قىزنىڭ بېشىغا چىقتى.ھازىر مەن بۇنى ئويلىسام نەپرەتلىنىمەن،ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلىدىغان ئاز بىر قىسىم كىشىلەردىن باشقىلار قىزنى ئۆزى ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆلدى دەپ قارايدۇ.بىزمۇ ئۇنى ئۇنداق ئەمەس دەپ داۋراڭ سالالمايمىز.چۈنكى تولۇق ئىسپات يوق.
   شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا قانۇن تەرەپتىن ھېچقانداق جازا يوق،ئۇنىڭ ئېغىر جىنايىتى يېپىق قالدى،ئەمدى ۋىجدان جازاسى بار.
    شۇ ھېچ ئىشنى بىلمەيدىغان قىز ھەم تېخى تۇغۇلمىغان بالا ئۈچۈن بولسىمۇ يېپىق قازان يېپىقچە تۇرۇپ تۇرسۇن.
كېيىن ۋىجدان ئازابى ئارقىلىق ئۆز جىنايىتىنى ئۆزى ئۆلگۈچە تارتىدۇ.
  مەرھۇم دوستىمىز ياتقان يېرىڭ جەننەتتە بولغاي.
       مەنبە:خاتىرەمدىن

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
28025
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 12:53:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپەندى، بۇ ئاتاقلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ھېكايىسى. سىز ئەسلى ھېكايىنى پارچىلاپ يوللاپسىز، بۇنداق قىلىش ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك. ئەڭ ياخشىسى ئەسەرنى تولۇق يوللاڭ شۇنداقلا ئاپتور ئىسمى بىلەن ئەسەر مەنبەسىنى تولۇقلاڭ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قەيسەر ئابدۇكېرەم
تىللا
741
تۆھپە
210
UID
515
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 15:10:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ئەسەرنى بىر يەردە كورگەندەك قىلىمەنغۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟


Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 15:15:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەن ھەقىقەت مەمتىمىن ھۇشۇر ئاكىمىزنىڭ ئەسىرى ئىكەنلىگىنى بىلمەيدىكەنمەن.بىلگەن بولسام ئالابۇرۇن ئۇ يازغۇچى ئاكىمىز بىلەن پىكىرلەشكەن بولاتتىم.مەن بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتۇرۇنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى ھەم باشقا بۆلەكلىرىنىڭ بارلىغىنى بۈلمەيدىكەنمەن،ماڭا يېتىپ كەلگىنى مۇشۇنچىلىك ئىدى.بۈلىدىغان يولداشلار بولسا ئۇلاپ داۋاملاشتۇرۇپ قويۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
   ئارالى ئەپەندىم ئەسكەرتىش بەرگىنىڭىزغا تەشەكۈر،مەنبەنى بىلەلمىگەنلىگىم ئۈچۈن،خاتىرەم دەپ يېزىپ قويغان.بۇنداق قىلىش ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك دەپ قارىمايمەن،ئەكسىچە بۇ ئەسەرنى ئەۋلاتلارغا داۋاملاشتۇرۇش دەپ قارايمەن،ئاپتۇرمۇ بۇ بۇرۇنقى ئەسىرىنى توردا كۆرسە خوش بولىدۇ دەپ قارايمەن.
ئىنكەس يېزىپ قالدۇرغۇنىڭىزغا چىن كۆڭلىمدىن رەخمەت دوستۇم.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
180
تۆھپە
105
UID
159
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 00:41:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ راس ۋەقەمۇ يا  يىكايىمۇ


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 05:03, Processed in 0.073867 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991