- تىللا
- 199
- تۆھپە
- 132
- نادىر
- 0
- يازما
- 132
- جۇغلانما
- 595
- ھوقۇقى
- 30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-3
- تىزىملاتقان
- 2012-8-31
- UID
- 25911

- تىللا
- 199
- تۆھپە
- 132
- UID
- 25911
|  |  |  |  | «قوغۇنچىنىڭ ھېكايىسى»تېلېۋىزىيە فىلىمى توغرىسىدا 
سىنارېست-تۇرسۇن يۈنۈس.رېژىسسور-تۇيغۇن ئەخمىدى. ئاساسلىق روللاردا: ئۆمەرجان-جۈرئەت ئۆمەر.سائادەت-گۈزەلنۇر قۇپىدىن. باقى-تاھىرھاجى.رەيھانگۈل-ئارزۇگۈل مەمەت. ئايۇپ-تۇرسۇن مامۇت.ھەسەلخان-پاتەم راھىدىن. ساجىت-ئابدۇكېرىم ئابلىز.ناسىر ئاكا-ئىبرايىم ئاۋۇت قاتارلىقلار
فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:
فىلىمدىكى باش پىرسۇناژ ئۆمەرجان بىلەن باقىدىن ئىبارەت نەۋرە ئاكا-ئۇكىلار قوغۇن تېرىپ، ئىقتىسادىنى روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن، تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۆمەرجان كەسپىي مەكتەپتە ئوقۇغان زىيالىي بولغاچقا ئىلمىي ئۇسۇلدا قوغۇن تېرىپ، قوغۇن مايسىلىرىنى قوي مايىقى، يەرلىك ئوغۇت، كۈنجۈرە قاتارلىقلار بىلەن بىلەن بېقىپ، قوغۇننىڭ سورتلىرىنى ياخشىلايدۇ. باقى بولسا، قوغۇن سودىگىرى-ئايۇپ بىلەن بىرلىشىپ، قوغۇن مايسىلىرىنى خېمىيىۋىي ئوغۇت بىلەن بېقىپ ئۆستۈرىدۇ. نەتىجىدە باقىنىڭ تېرىغان قوغۇنلىرى يوغان، كۆركەم، لېكىن تەمسىز بولۇپ، باقى بۇ قوغۇنلارنى ئەرزان باھادا سېتىپ، خېلى كۆپ پۇل كىرىم قىلىدۇ. بىراق ئۆمەرجاننىڭ قوغۇنلىرى ناھايىتى تەملىك بولۇپ، ئۇنىڭغا خېلى كۆپ مەبلەغ سېلىنغاچقا بۇ قوغۇنلارنى قىممەترەك ساتىدۇ.شۇڭا كىشىلەر ئۆمەرجاننىڭ قوغۇنىنى ئالمىغاچقا بۇ قوغۇنلار سېتىلماي، سېسىپ كېتىپ ئۆمەرجان چوڭ زىيان تارتىدۇ.مۇشۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە چەتئەللىك ئىككى سودىگەر ئۆمەرجاننىڭ قوغۇنىنى يەپ بېقىپ، ئىككى دانە قوغۇننى ھەسەلخاندىن سېتىۋالىدۇ.ئۆمەرجان چوڭ ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىغاندىن كېيىن چوڭ رىيازەت چېكىدۇ. باقى بولسا پۇل تېپىپ، ئەيش-ئىشرەتتە تۇرمۇش كۆچۈرىدۇ. كېيىن چەتئەل سودىگەرلىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۆمەرجاننىڭ قوغۇنىنى يەرمەنكىگە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ تېرىغان قوغۇنلىرىنى قىممەت باھادا سېتىۋىلىش ئۈچۈن توختام تۈزىدۇ. ئۆمەرجان ئاخىرىدا ھالال ئىشلەپ پەننى ئاساستا قوغۇن تېرىغانلىقى ئۈچۈن،زور ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، سودىگەر ۋە ئاممنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ. بىراق باقىنىڭ ساختىپەزلىك قىلىپ تېرىغان قوغۇنلىرى گەرچە سېتىلغان بولسىمۇ كېيىن خېرىدارلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ، يۇرتىدا تۇرۇشقا ئامال يوق باشقا يۇرتقا جېنىنى ئېلىپ قېچىپ كىتىدۇ. بۇ فىلىمدا ئىككى قوغۇنچىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەقدىرى بايان قىلىنىپ، ئۆمەرجان كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. فىلىم ناھايىتى تەسىرلىك ئىشلەنگەن بولۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ يەنە بىر قېتىم كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ. يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ19-كۈنى يېزىلدى. قەشقەر












|  |  |  |  |
|
|