«مۇسۇلمانلارنىڭ نادانلىقى» دېگەن كىنو ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش دولقۇنىنى يەنىمۇ كېڭەيتىۋەتتى
ئىسلام دىنى ۋە مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنى ھاقارەتلەپ ئىشلەنگەن ئامېرىكىنىڭ «مۇسۇلمانلارنىڭ نادانلىقى» دېگەن كىنوسى ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش دولقۇنىنى يەنىمۇ كېڭەيتىۋەتتى. ئەرەب ئاخبارات تورىنىڭ 16-سىنتەبىردىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: مىسىر، يەمەن، سۇدان، ئىراق، تۇنىس، لىۋىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇدا نەچچە كۈن كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان نامايىشلار يۈز بەردى، بىر قىسىم دۆلەتلەردە تونۇقۇش يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئۆلۈم-يېتىم كۆرۈلدى.
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 15-سىنتەبىر بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ سۇدان ۋە تۇنىستىكى ئەلچىخانىسىنىڭ بارلىق ئائىلە-تاۋاباتلىرى ۋە جىددىي ئەھۋالدىن خالىي دىپلوماتىيە خادىملىرىنى قايتۇرۇپ كەتتى ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ئامېرىكىغا قارشى زوراۋانلىق ھەرىكىتى كەسكىنلىشىۋاتقان سۇدان بىلەن تۇنىسقا بارماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.
مىسىر ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئاگېنتلىقى 16-سىنتەبىر خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى قورشاپ ھۇجۇم قىلىشى يەنىلا داۋام قىلماقتا، نامايىشچىلار ھەربىي ۋە ساقچىلارغا يېقىلغۇلۇق بوتۇلكا ۋە تاش ئاتتى، ھەربىي ۋە ساقچىلار نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزغۇچى بومبا ئېتىپ ئاممىنى تارقاتماقچى بولدى. ئەرەب تېلېۋىزىيەسى ئاشكارىلىغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا: 16-سىنتەبىر چۈشتىن بۇرۇنغىچە، قاھىرە شەھەر مەركىزىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئىككى كىشى قازا قىلغان، تەخمىنەن 400 كىشى يارىلانغان. دېڭىز بويىدىكى ئالېكساندىر شەھىرىدىمۇ ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلىدىغان ۋەقە يۈز بەرگەن.
سۇداننىڭ خارتوم ۋە قادارىف قاتارلىق شتاتلىرىدا ئون مىڭلىغان خەلق 14-سىنتەبىر كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىسلام دىنىنى ۋە مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنى ھاقارەتلىگەن كىنوسىنى تارقاتقىنىغا قارشىلىق بىلدۈردى. ئۇلار ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە ئەنگىلىيە ئەلچىخانىلىرىغا قورشاپ ھۇجۇم قىلدى ۋە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ، ئىككى نامايىشچى قازا قىلدى، 40 دىن ئارتۇق ساقچى يارىلاندى. ئامېرىكا ئەلچىخانىسى قوروسىدا نۇرغۇن ماشىنا كۆيدۈرۈلدى.
سېنگالنىڭ دىنىي ئىشلار ئەربابى 14-سىنتەبىر ئامېرىكىنىڭ سېنگالدىكى ئەلچىخانىسىغا نارازىلىق خېتى تاپشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا قارشىلىق نامايىشى ئۆتكۈزىدىغان ئىقتىدارى بارلىقىنى، لېكىن بۇنداق قىلمىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، سېنگال پىرېزىدېنتى سالى 14-سىنتەبىر باياناتتا قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى، ئۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسئۇلىيەتسىز قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ھېسسىياتىنى ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەندۈردى دەپ قارىدى.
ئوتتۇرا شەرق تاراتقۇلىرى بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش دولقۇنى ئاسانلىقچە ئاخىرلاشمايدۇ، ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىش يۈزلىنىشى بار. ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ھاسى ھەتتا مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە ئوتتۇرا شەرق رايونى يەنە قالايمىقان بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئامېرىكىغا ناھايىتى چوڭ قىيىن مەسىلە ئېلىپ كېلىپ، ئامېرىكىنى نۇرغۇن قىيىن تاللاشلارغا دۇچار قىلىدۇ، چۈنكى نۇرغۇن ئەھۋالدا، ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى بۇ رايوندىكى تەسىر كۈچىدىنمۇ چوڭ بولىدۇ.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ تەھلىلىدە مۇنداق دەپ قارالدى: پۈتۈن دۇنيا دائىرىسىدا يۈز بەرگەن ئامېرىكىغا قارشى نامايىش پائالىيىتى پىرېزىدېنت ئوبامانىڭ چوڭ سايلام ئالدىدىكى ئەڭ ئېغىر دىپلوماتىك سىياسەت كىرىزىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئوتتۇرا شەرقنىڭ قالايمىقان ۋەزىيىتى ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشىدۇ ۋە ئوبامانىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىگە قاتتىق سىناق شەكىللەندۈرىدۇ.
ئوبامانىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدە كەڭ گۇمان پەيدا قىلدى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى سايلام رىقابەتچىسى ئوبامانىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن ئەرەب ئەللىرىگە ياخشىچاق بولۇش سىياسىتىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلدى. يەنە بەزى تەھلىللەردە مۇنداق دەپ قارالدى: ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا يولغا قويغان دىموكراتىيەسى ئاقمىدى. بۇندىن ئىلگىرى، ئوبامانىڭ لىۋىيەنى دىموكراتلىشىدىغان نۇسخا دېيىشى گۇمان پەيدا قىلدى.
ئىسرائىلىيە «ئېرۇسالىم پوچتا گېزىتى» باش ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: مۇسۇلمانلار ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن كىنودىن غەزەپلەندى دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ كىنو پەقەت مۇسۇلمانلارنىڭ غەزەپ ئوتىنى ياندۇرىدىغان بىر ئامىل. 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا شەرق دىموكراتىيە پىلانىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئىسلام دۇنياسىغا بويسۇنۇش، ھۆرمەت ۋە ئالاقىلىشىش سىياسىتىنى قوللاندى، بىراق بۇنىڭ ھەممىسى ئەرەبلەرنىڭ غەزىپى ۋە غەربكە قارشىلىق كەيپىياتىنى باسالمىدى.