ھېيت-بايرام كۈنلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ھەقتىن 20 مىليارد يۈەن ‹‹ زىيان ›› كېلىپ چىقىدىغانلىقىنىڭ ئادەمنى چۆچۈتىدىغان سىرى
يېرىم ئايدىن كېيىن يېتىپ كېلىدىغان تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمىدا مەملىكەت بويىچە كىچىك تىپتىكى ماشىنىلاردىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتنىشى ھەققى تۇنجى قېتىم كەچۈرۈم قىلىنىدۇ . قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىق ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بىرنەچچە چوڭ ھېيت-بايرام كۈنلىرىدىكى مەملىكەت بويىچە تاشيوللاردىن ئېلىنىدىغان ھەقلەرنىڭ ھەممىسىنى قوشقاندا 20 مىليارد يۈەنگە يېقىنلىشىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقتى (16-سىنتەبىر‹‹جۇڭگو ياشلار گېزىتى››).
سان گەرچە قۇرۇق نەرسە بولسىمۇ ، لېكىن ھەمىشە ئۇنىڭغا مەخپىيەتلىك يوشۇرۇنغان بولىدۇ . 20 مىليارد يۈەننى ئاز ئېلىش ياكى ئەسلىدىلا ئېلىشقا تېگىشلىك ئەمەسلىكىنى قويۇپ تۇرۇپ ، پەقەت ‹‹ 20 مىليارد يۈەننى ئاز ئېلىش ›› دېگەن مۇشۇ ھۆكۈمدىن خۇلاسە چىقارغاندىمۇ ئادەمنى چۆچۈتىدىغان بىر سىرنى بايقىغىلى بولىدۇ ، بۇ خىل ئۆلچەم بويىچە ھەق ئېلىنسا، مەملىكەت بويىچە ھەر يىلى يالغۇز يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ھەققىلا ترىلىيون يۈەندىن ئاشىدۇ . دۆلىتىمىزنڭ ئۆتكەن يىلقى مالىيە كىرىمىنىڭ ئون ترىلىيون 374 مىليون يۈەن ئىكەنلىكى مەلۇم ، لېكىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ھەققىنىڭ دەرۋەقە ترىلىيون يۈەنگە يېتىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ ، قارىغاندا ، ‹‹يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول يۇقىرى باھالىق تاشيول›› ، ‹‹ ئالتۇن كۆۋرۈك ، كۈمۈش يول ››، ‹‹ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ›› تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ، پۇل ئېلىش ئاپپاراتى ›› دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر ھەرگىز مۇبالىغە ئەمەستەك قىلىدۇ .
يەنە بىر ئۇقۇمنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ . ھېيت-بايرام كۈنلىرى قاتناش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش بارلىق موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىغا قارىتىلماي ، پەقەت يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن (يەتتە كىشىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئادەم ئولتۇرىدىغان ماشىنىلارغا قارىتىلغان بولۇپ ، ئادەتتە ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا قاتناشقا رۇخسەت قىلىنغان موتوسېكلىتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەر ئېيتىۋاتقان يىلدا ئاز ئېلىنىدىغان 20 مىليارد يۈەن بارلىق ماشىنىلارنىڭ قاتناش ھەققى ياكى كىچىك تىپتىكى ماشىنىلارنىڭ قاتناش ھەققى ئىكەنلىكى نامەلۇم ، ئەگەر ئالدىنقىسى بولسا، ھەر يىللىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ھەققى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ ، 1 ترىلىيون يۈەندىن خېلى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن .
يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ئېلىنىدىغان ھەقنىڭ يۇقىرىلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم . قورقۇنچلۇقى ، ئېلىشقا تېگىشلىك بولمىغانلىرىدىنمۇ ئېلىۋاتقانلىقى ۋە مۇددىتى توشقانلىرىنىڭمۇ يەنىلا ئېلىۋاتقانلىقىدا . قېنى سوراپ باقايلى : مۇددىتى ئېىشپ كەتسىمۇ ھەق ئېلىۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ھەق ئالماسلىق قاچان ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ ؟ كۆپچىلىككە مەلۇم، ئۆتكەن يىل 14-ئىيۇن ، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ، دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كوممىتېتى ، مالىيە مىنىستىرلىقى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى ، گوۋۇيۈەن ساھەلەردىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ ، قۇرۇلۇش قەرز پۇلىنى قايتۇرۇپ بولغان ھۆكۈمەتلەردىن قەرز پۇلىنى قايتۇرۇپ بولغان تاشيوللاردا ھەق ئېلىشنى دەرھال توختىتىشنى ، ھەق ئېلىش مۇددىتى توشقان تاشيوللاردىكى ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ، شۇنداقلا ئارىلىقى بەلگىلىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ھەق ئېلىش پونكىتلىرى ( نۇقتىلىرى ) نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغانىدى، لېكىن ، جۇڭگو ياشلار گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، بىر يىللىق مەخسۇس ئېنىقلاش مۇددىتى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ، لېكىن ھەق ئېلىشنى توختاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار ساناقلىقلا ئىكەن .
قەرزنى تولۇق قايتۇرۇپ بولغان ، ھەق ئېلىش مۇددىتى توشقان تاشيوللاردا ھەق ئېلىشنى دەرھال توختىتىش لازىم ، قەرز قايتۇرىدىغان تاشيوللارنى تىجارەت خارەكتېرلىك ھەق ئېلىش يولىغا ئايلاندۇرۇپ ، داۋاملىق خىجىل بولماي ھەق ئېلىپ ، ئاممىغا پۇل تۆلىتىپ ، ئاز ساندىكى كىشىلەرنى ياكى مۇناسىۋەتلىك مەنپەئەتدار گۇرۇھلارنى سەمىرىتمەسلىك كېرەك .
مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەر ھەدەپ سۆزلەۋاتقان 20 مىليارد يۈەننى ئاز ئېلىش ئەسلىدە مۇناسىۋەتلىك تاماقلارنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئىرادىسىنى نامايان قىلىدۇ .مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنىڭ زىيان تارتىش سالمىقىنىڭ زورلىقى كىچىككىنە ئېھتىياتسىزلىق قىلىنسا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ ، ئەسلىدە دۆلىتىمىزنىڭ يول ھەققى شۇنداق يۇقىرىمۇ ؟ مال ئوبوروت تەننەرخى يۇقىرى ئەمەسمۇ ؟ مال باھاسى ئۆسمەمدۇ ؟ ئەگەر قانۇنلۇق ، ئەقىلغا مۇۋاپىق ھەق ئېلىنسا بۇ ھېچگەپ ئەمەس ، لېكىن قورقۇنۇچلۇقى ، قانۇن ۋە قائىدىگە خىلاپ ھەق ئېلىش . يول ھەققىنىڭ شۇنداق يۇقىرى بولۇشى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىغا ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ قالايمىقان ھەق ئېلىشنى ئېنىقلاشنى ھەمدە مەسئۇلىيىتى بار كىشىلەرنى قاتتىق جازالاشنى ئەسكەرتىدۇ ! (ۋاڭ شىچۈەن)
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇسا ئەخمەت