كۆرۈش: 2499|ئىنكاس: 6

ئاپا جاپا چەككەن كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 00:19:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاپا جاپا چەككەن كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن



    بۈگۈن ئەتىگەن قىزىم سەھەردە تۇرۇپ،يۇيۇنۇپ-تارىنىپ كۈلۈپلا يۈرەتتى.
    توۋا دەيمەن، بۈگۈن بۇ قىزغا نېمە جىن چاپلاشقاندۇ؟ھەر كۈنى ئەتىگەندە خىزمەتكە كېچىكىسىز،بالدۇر قوپۇڭ، ناشتىلىغىڭىزنى قىلىڭ، كۈن ئىسسىق ،ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ دەپ ۋاقىراپلا قوپتۇرالمايدىغان بالا بۈگۈن زادى نىمە بولغاندۇ؟
     بىز ئۆيدىكى 4 جان ئەتىگەنلىك ناشتىلىقنى يەپلا ئۆز ئىشلىرىمىزغا راۋان بولۇشتۇق.ئۈرۈمچىدىن بىر دوستىمىز يۇرتقا كەلگەن ئىكەن،ئايالىمغا تېلېفون قىلىپ چۈشتە لەغمەن ئېتىشنى بۇيرۇپ قويۇپ دوستۇم بىلەن بازارنى ئايلىنىپ تاماق پىشۇرغا يېقىن ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق.
      تاماق ۋاقتىدا قىزىم يەنىلا شۇ شوخ كەيىپ بىلەن،بۈگۈن مېنى لەغمەن بىلەنلا تەبرىكلەمسىلەر دەپ سوراپ قالدى. شۇندىلا بىز قىزىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكىنى ئەسكە ئېلىشتۇق.ھەممىمىز بىرلىكتە قىزىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلەشتۇق.ئاپىسى قىزىم سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز بولغانلىقتىن لەغمەن ئېتىپ قويغان،لەغمەننى يىسە ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرگۈدەك، دەپلا ئالدىراپ زىننەت بۇيۇم سالىدىغان ساندۇقتىن بىر كۆمۇش زەنجىرنى ئېلىپ بوينىغا ئېسىپ قويدى.
    مەن ئاستا ئايالىمنىڭ كۆزىگە قارىسام كۆز چاناقلىرى لىققىدە ياش، تېخى كۈلۈپ تۇرۇپ قىزىنى مۇبارەكلەۋاتاتتى،مەن ئويلاپ قالدىم.
    دېمىسىمۇ بىر ئانا بولماق نېمىدىگەن تەس ھە؟بىر بالىنى تۇغۇش ئۈچۈن 9 ئاي 9 كۈن قورساق كۆتۈرۈپ،3 كىچە كۈندۈز قوساقنى ئاغرىتىپ،3سائەت ئىنجىقلاپ بالا تۇغۇدىكەن،ئانىنىڭ تارتقان ئازابىنى ئانىدىن باشقا كىممۇ ھېس قىلالىسۇن؟دوختۇر كارىۋىتىدا يېتىپ «بالام قىزمىدۇ ئوغۇلمىدۇ »دەپ يېڭى ھاياتلىقنى كۆرۈش ئۈچۈن جان تىكىپ، ھوشىدىن كېتىپ پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ شۇ ھاياتلىق ئۈچۈن جېنىنى قۇربان قىلىۋاتقانلىغىنى كىممۇ ھېس قىلالىسۇن؟دېمەك ئانا دېگەن ھەقىقىي قەھىرمان.ھاياتى ئارقىلىق بىر جاننى ھاياتلىققا كۆز ئاچقۇزغۇچىدۇر.بۇ نېمە دېگەن ئۇلۇق جاسارەت.
    مەن يەنىلا شۇنى ئويلاپ قالدىم،بۈگۈنكى كۈننى بالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى دېمەي،ئانىنىڭ ئىككىنچى ھاياتلىققا ئېرىشكەن ھەم« تۇغقان كۈنى» دېسە بولغىدەك.
    ئانا نېمىدىگەن بەرداشلىق ھە؟ئۆزىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىغىنى ئۇنتۇپ بالىسىغا مېھرىنى ئاتايدىكەن،كېچە-كېچىلەپ،ئۇخلىماي بالىسىنى تەۋرىتىپ ئېمىتىدىكەن،مانا شۇنداق قىلىپ بالىسى ئۈچۈن پۈتۈن بىر ئۆمۈرىنى قۇربان قىلىدىكەن.
    مانا بۇ قانداق روھ؟ بۇ قانداق ئۆزىنى بېغىشلاش ھە؟
    ھازىر جەمئىيىتىمىزدە«تۇغۇلغان كۈن»نى بالىلارلا ئەمەس چوڭلارمۇ ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ،ئائىلىلەردە ئۆتكۈزىلىدىغان «تۇغۇلغان كۈن» يىغىلىشلىرى ھازىر رېستۇرانلارغا يۈزلەندى.نەچچە ئون جوزىلاپ مېھمان چاقىرىلىۋاتىدۇ.
     ئەسلىدىلا مىللىتىمىزنىڭ ئولتۇرۇش، زىياپەتلىرى كۆپ ئىدى،مەن دېمىسەممۇ ھەممىمىزگە بىلىشلىك.چوڭلار تۇغۇلغان كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن پۇل يىغماقتا.بالىلار ئاتا-ئانىسىغا سېلىق سالماقتا،مەن توردا بىر قىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن 60 تۈمەن خەجلىگەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم.بەلكىم ئۇلارنىڭ پۇلى كۆپ بولغىيتى.
    بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ساپاسى بۇ باسقۇچقا بارمىدى،تېخى نامرات باسقۇچتا تۇرۇۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقان، قان-قېرىنداشلىرىمىز تېخى كۆپ.بىزگە نېمە قويۇپتۇ بۇ دورامچىلىقنى.بىز شۇ ئىللەتلىرىمىزنى ئۆزگەرتەلمىسەكمۇ ،«تۇغۇلغان كۈن »ئادىتىمىزنى ئۆزگەرتىپ باققان بولساق شۇ« تۇغۇلغان كۈن» زىياپەتلەرگە سەرپ قىلغان پۇللارنى يىغىپ شۇ جاپاكەش ئانىلىرىمىزغا سوۋغا ئېلىپ بەرگەن بولساق،ئاپىسى بالىلىرى ئۈچۈن قۇربان قىلغان ھاياتىغا ئازراق بولسىمۇ كۆڭۈل ئوزۇقى بولۇپ قالغان بولاتتى.
    «تۇغۇلغان كۈنىنى» ئۆزگەرتىپ «تۇغقان كۈنى»زىياپىتىگە ئۆزگەرتكەن بولساق نېمىدىگەن ئەھمىيەتلىك كۈن زىياپىتى بولغان بولاتتى ھە؟مېنىڭچە بۇ دورامچىلىق زىياپىتى بولماستىن،مىللىتىمىزنىڭ ئۆزى جاپاكەش ئانىلارنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن بارلىققا كەلتۈرگەن«تۇغقان كۈن» مەشرىپىگە ئايلانغان بولاتتى.
  جاپاكەش ئانىلىرىمىزنىڭ «تۇغقان كۈن»ىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.
   مەنبە:ئىجايىتىم

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
559
تۆھپە
211
UID
7655

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 11:16:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  شۇنداق تۇغۇلغان كۇن ئەمەس تۇغقان كۇننى تەبرىكلەش كىرەك،
  ئانا ھەقىقەتەن بىر ئۇلۇغ ئىنسان.


Rank: 4

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
395
تۆھپە
204
UID
17035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 11:55:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا نەچچە بالىسى بولسا شۇنچە بالىسىنىڭ ھەتتا نەۋرىلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۇنلىرىنى ئېسىدە تۇتىدۇ، تەبرىكلەيدۇ ،لېكىن شۇ بالىلىلارنىڭ نەچچىسى ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۇنىنى بىلەلەيدۇ، ئانا ئۇلۇغ ، ئۇنىڭ قەلبىدە قىلچە باللىرىدىن ئاغرىنىش ۋە ۋايسىش بولمايدۇ، ئەي قەدىردانلار  بىزنىڭ تۇققان كۇنىڭلارغا ئەمەس سىلەرنىڭ دۇنياغا كەلگەن كۇنىڭلارغا مۇبارەك!
دوسلار ئاناڭلارنىڭ، داداڭلارنىڭ تۇغۇلغان كۇنىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، ئاددىي بىر ئېغىر سۆز ئۇلارنى بەخىت ئىچىدە چۆمۇلدۇرۇىدۇ...


ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچىدۇر!!!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
917
تۆھپە
587
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 14:04:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ ، بىر نەچچە يىل بولدى قىزىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى يىتىپ كەلگەندە  مەن قىزىمغا تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن قىزىم دەپ بولغىچە،  قىزىم   ئاپا مىنى تۇققان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن دەيدىغان بولدى. مەن بالام بۈگۈن سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىزغۇ دىسەم  ، سىز مىنى تۇققان كۈنىڭىز بۈگۈن  دىدى مەن شۇنداق خوش بولدۇم.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1976
تۆھپە
961
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 11:21:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھرىبان ، غەمگۈزار ئانىلارنىڭ قەلبى شادلىققا تولغاي !


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
487
تۆھپە
253
UID
21172
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 00:37:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن!... رەھمەت سىزگە!...


سۆيسە سۆيىمەن يەر بىلەن يەكسان بولسا،
سۆيمىسە سۆيمەيمەن دۇنياۋى سۇلتان بولسا.

Rank: 2

تىللا
129
تۆھپە
46
UID
24964
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 19:44:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز ،بۇ تىمىنى ئوقۇپ بولغىچە كۆز چاناقلىرىمغا ياش تولۇپ كەتتى ،مەن بۇرۇنمۇ ئانامنىڭ تۇغۇلغان كۇنىنى تەبرىكلەيتىم ،بىراق بۇ تەبرىكلەش رەسمىيەت يۇزىسىدىن ئىدى ،ھەم ئۆزۇمنىڭ تۇغۇلغان كۇنى بولسىمۇ ئانامنى تەبرىكلىمەيتىم ،ئۆزۇم ئانا بولۇشتەك بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى تاپشۇرۋىلىپ تۇغۇت كارۋىتىدا يىتىپ باققاندىن كىيىن ئانامنىڭ مىنى تۇققىچە قانچىلىك جاپا تارتقانلىقىنى تونۇپ يەتتىم ،تۇغۇت ھەقىقەتەن بەكمۇ تەس ئىكەن ،بىر ئۆلۈپ بىر تىرىلىدىكەن . ئانامنى بۇنىڭدىن كىيىن تىىخىمۇ ھۆرمەتلەپ ئېغىرىنى يەگگىلىتىمەن .ئانا ھەقىقىتەنمۇ ئۇلۇغ بىر ئىنسان . ئۇلارنىڭ بار ۋاقتىدا ئوبدان خىزمىتىنى قىلىپ دۇئاسىنى ئىلىۋالايلى دوستلىرىم . كىيىن پۇشايمان قىلغان بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ ،سىلەرنى زىرىكتۇرۈپ بەك كۆپ سۆزلەپ كەتتىم .چۇشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 04:58, Processed in 0.077232 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991