كۆرۈش: 2924|ئىنكاس: 6

دادا، ئاينى ئۆچۈرەلەمسەن؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئېلى بۇراۋىدىن
تىللا
1493
تۆھپە
962
UID
372

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 18:08:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دادا، ئاينى ئۆچۈرەلەمسەن؟



5rrrrrrrrrrrrrrr.jpg


      ئائىلە پەرزەنت ئۈچۈن تۇنجى مەكتەپ، ئاتا-ئانا تۇنجى ئۇستاز.(خاتىرىدىن)
ـــ ئوغلۇم تۇر ئورنۇڭدىن، ـــ ئاتا يېرىم كېچە بولغاندا 12ياشلىق ئوغلىنى قىچقاردى، لېكىن بالا قىمىرلاپمۇ قويماي، تاتلىق ئۇيقۇسىنى داۋاملاشتۇرۇۋەردى. ئاتا بالىنى تېخىمۇ قاتتىقراق نوقۇدى:
ـــ مۇرات، تۇر ئورنۇڭدىن، شۇنداقمۇ قاتتىق ئۇخلىغان بارمۇ؟ ــ ئاتا ئوغلىنىڭ قولىدىن تارتتى. بالا كۆزىنى ئاچا-ئاچمايلا:
ـــ ياق، ياق، بۇ قاراڭغۇدا مەكتەپكە بارمايمەن، ـــ دېدى ئۆندەرەپ.
ـــ ھەي لەقۋا، ئاچ كۆزۈڭنى! مەن سېنى مەكتىپىڭگە چاقىرىۋاتقىنىم يوق! بولمىسا، ھېلى شاپىلاق يەيسەن! ـــ غەزەب بىلەن ۋارقىرىدى ئاتا.
    خېلىدىن بېرى دېمىنى ئىچىگە يۇتۇپ، بۇرۇختۇم بولۇپ ياتقان ئانا چىدىيالمىدى بولغاي:
    ـــ ئاستىراق! بالىنىڭ يۈرىكى يېرىلىپ كەتمىسۇن يەنە، ئاغزىدىن سۈت تەمى كەتمىگەن بالىنى ئۇنداق ئىشلارغا ئارىلاشتۇرغىچە، مەن ئۆزۈملا باراي، ـــ دەپ ئورنىدىن دەس تۇردى.
    ـــ تەربىيەنى بىلمەيدىغان لەقۋا! ـــ دېدى ئاتا غەزەب بىلەن، ـــ مەن قىسىلىپ قېلىپ ياكى يالغۇزلۇق تارتىپ ئوغلۇڭنى چاقىرىۋاتقىنىم يوق، بالىمىزغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، بىزدىن كېيىن قالسىمۇ تەمتىرىمەي ھاياتىنى ئوبدان ئۆتكۈزەلەيدىغان ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرەي دەۋاتىمەن، بىلدىڭمۇ؟
    ـــ توغرا يول بىلەن تەربىيەلىگىلى بولمامدىكەن!؟ ـــ دېدى ئايال ئېرىنىڭ كۆزىگە تۇنجى قېتىم قادىلىپ..
    ـــ ھەي سەن نادانغا گەپ ئۇقتۇرغىلى بولارمۇ؟ سەن بۇلارنى بەرىبىر چۈشەنمەيسەن، شۇڭا مېنىڭ تەربىيە ئىشىمغا ئارىلاشما، ئوغۇل تەربىيەلەش مېنىڭ، قىز تەربىيەلەش سېنىڭ ئىشىڭ، ـــ  ئەرنىڭ چېكە تومۇرلىرى كۆپۈپ كەتتى.
    ئەر-خوتۇن ئارىسىدىكى ۋاڭ-چۇڭدىن ئويغىنىپ كەتكەن بالا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئانىسىنىڭ بوينىدىن چىڭ قۇچاقلاپ:
    ـــ ئانا، جېنىم ئانا، جىم ئولتۇر، گەپ قىلما، دادام سېنى ئۇرسا مەن بەك قورقۇپ كېتىدىكەنمەن، ـــ دېدى ۋە ئانىسىنىڭ ئاغزىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ يۇم-يۇم يىغلاشقا باشلىدى.
    ـــ مىشىلدىماي بول چاپسان، كىيىملىرىڭنى كەي! ـــ دېدى ئاتا قوپاللىق بىلەن.
    بالا قورقۇپ كىيىملىرىنى كىيىشكە باشلىدى. ئانا دېمىنى ئىچىگە يۇتقانچە ئولتۇرۇپ قالدى.
    ئاتا ئوغلىنى ھارۋىغا ئولتۇرغۇزۇپ قاراڭغۇلۇقتا ھويلىدىن چىقتى.
    ـــ دادا، نەگە بارىمىز؟ ـــ سورىدى بالا.
ـــ ئالساق بولىدىغان، ئالمىساق قالىدىغان غەنىيمەتنى ئالغىلى.
ـــ غەنىيمەت دېگەن نېمە ئۇ؟
ـــ خىش!
ـــ خىش! ... خىشنى نېمە قىلىمىز دادا؟ يېڭى ئۆي سېلىۋالدۇققۇ!؟
ـــ «ئوشۇق دۆلەت باش يارماپتۇ» دېگەن گەپ بار بالام،كېيىن كېرەك بولىدۇ.
ـــ بۇنداق كېچىدە ئالغۇچە تاڭ ئاتقاندا ئالساق بولمامدۇ؟
ـــ بولمايدۇ.
ـــ ئۇنداق بولسا ئوغۇرلاپ كېلىدىكەنمىز-دە.
ـــ ئاغزىڭنى يۇم، بۇ ئوغۇرلۇق ئەمەس، ھۆكۈمەتنىڭ نەرسىسى.
بالا يەنە بىر نېمە دېمەكچى بولۇپ، ئاغزىنى ئۆمەللىدى-يۇ، ئەمما ئەقلى يەتمىدىمۇ ياكى دېيىشنى خالىمىدىمۇ جىم بولۇپ قالدى. بالىنىڭ جىم بولۇپ قېلىشىنى باشقىچە چۈشەنگەن ئاتا:
ـــ بالام شەخسنىڭ نەرسىسىنى ئالسا ئوغۇرلۇق بولىدۇ،-دېدى ئىزاھلاپ.
بالا گەپ قىلمىدى. ئۇ يولبويى مەكتەپتە ئۆگەنگەن «ئاممىنىڭ يىپ-يىڭنىسىنىمۇ ئالمايمىز» دېگەندىكى «ئامما» دادام دەۋاتقان شەخىسمىكىن، ئۇنداق بولسا ھۆكۈمەتنىڭكىنى ئالساق بولىدىغان ئوخشىمامدۇ؟ بىراق «دۆلەتنىڭ مال-مۈلىكىنى ئاسرايمىز» دېگەنچۇ؟ يا سۇندۇرۇپ تاشلىمىساقلا ئالساقمۇ بولىدۇ، دېگەن گەپمىدۇ... دېگەنلەرنى ئويلاپ ماڭدى.
ـــ بالام، ـــ دېدى ئاتا، ئاستا پىچىرلاپ، ـــ كېلىپ قالدۇق.
سەن خىشلارنى ماڭا ئېلىپ بېرىسەن، مەن ھارۋىغا تىزىمەن، ـــ دېدى-دە، بالىنى چەتتىرەك تۇرغۇزۇپ قويۇپ يېرىم پارچە خىشنى ئېلىپ قۇرۇلۇش مەيدانىنى يورۇتۇپ تۇرغان چىراغقا قاراپ ماڭدى ۋە ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ تۇرۇپ قولىدىكى يېرىم خىشنى چىراغقا قارىتىپ ئاتتى.
بۇنىڭغا ھەيران بولۇپ تۇرغان بالا ئاتىسى يېقىنلاپ كېلىشىگە بۇلۇتلار ئارىسىدىن شۇڭغۇپ چىققان ئاينى كۆرسىتىپ:
ـــ دادا،دادا، چىراغنى ئۆچۈرۈۋەتكىلى بولغان بىلەن ئاسماندىكى ئاينى ئۆچۈرگىلى بولامدۇ؟ ـــ دېدى بىر خىل ھاياجان بىلەن.
دەرۋەقە كۆكتىكى تولۇنئاي خۇددى مارىلاپ تۇرغاندەك بۇلۇتلارنى يېرىپ چىقىپ، سۈتتەك شولىسىنى بىردىنلا يەر يۈزىگە سېپىۋەتتى، ھەتتا يۇلتۇزلارمۇ قەلبى ئاق كىچىككىنە گۆدەكنى ھاياتنىڭ ئەگرى يولىغا باشلاۋاتقان ئاتىنى مەسخىرە قىلغاندەك كۆزلىرىنى قىسىپ جىمىرلاشقا باشلىدى. مانا ئەمدى قۇرۇلۇش مەيدانى ئۆز پېتىچە كۆرۈنۈپ تۇراتتى. خىشلار، دۆۋە-دۆۋە شېغىل- تاشلار، قۇملار، قۇرۇلۇش تاملىرى ھەممىسى شۇنداق روشەن، شۇنداق ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئاتا ئوغلىنىڭ سوئالىغا جاۋاب تاپالماي تۇرۇپ قالدى.

(«شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1992-يىللىق 3-سانىدىن ئېلى بۇراۋىدىن بۈركۈت تەۋسىيەسى)  

شېئىر ــــ  بىر سېھىرلىك ئوت ، ئۇنىڭ ئۇچقۇنلىرى بەرگىدە سۈپسۈزۈك سۆيگۈ جەۋھەرلىرى كۈۋەجىسە ، شەپەق رەڭ يالقۇنلىرى مەۋجىدە بۇ دۇنيانىڭ ساپلىققا تويۇنغان قويۇق ھەقىقىتى گۈرۈلدەپ تۇرىدۇ ...
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 11:47:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەكۈر يولىغان ئەسىرىڭىزگە.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1378
تۆھپە
609
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 15:31:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(نۇر) يوللىغان ۋاقتى  2012-9-19 11:47
تەشەكۈر يولىغان ئەسىرىڭىزگە.

سىزنىڭ بۇ ئۆتكۈر ، دەل جايىغا كەلگەن ، كىشىنى چوڭقۇر  ئويغا سالىدىغان  ئىنكاسىڭىزغا تېخىمۇ تەشەككۇر! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Castle تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-19 15:31  



باشقىلار ئىشلەپ ،ئوقۇۋاتقاندا دەم ئېلىشىنىڭ ئۆزى بىر ھوزۇردە ، ھاھاھا..

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1378
تۆھپە
609
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 15:34:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى يىغىنچاق بولغان بىلەن ئاتا تەربىسى ھەم ‹‹ھالال-ھارام›› ئۇقۇمىنى خېلى روشەن يۇرۇتۇپسىز .تېخىمۇ تىرىشىڭ.


باشقىلار ئىشلەپ ،ئوقۇۋاتقاندا دەم ئېلىشىنىڭ ئۆزى بىر ھوزۇردە ، ھاھاھا..

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
917
تۆھپە
587
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 15:56:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ھىكايە ئىكەن ، جاپا چېكىپسىز


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
1189
تۆھپە
795
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 02:51:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما  ئىكەن ،مەزمۇنى ھەقىقەتەن چۇڭقۇركەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
487
تۆھپە
253
UID
21172
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 00:24:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     نادىر ھېكايىكەن. بىزدىكى پەرزەنت تەربىيەلەش ئۇسۇلىمىزدىكى ئەڭ زور خاتالىق مۇشۇ. ياخشى قامچىلانغان ھېكايىكەن. دەرۋەقە سىز دېگەندەك «ئائىلە پەرزەنت ئۈچۈن تۇنجى مەكتەپ، ئاتا-ئانا تۇنجى ئۇستاز.» تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئاشۇ بۈيۈك ئوبرازىنى ساقلىمىسىا، ياخشى ئۈلگە بولمىسا قانداق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دادىسى تەربىيە قىلسا ئانىسى، ئانىسى تەربىيە قىلسا دادىسى ئارىغا كىرىدىغان ناچار قىلمىش ھېلىھەممۇ تۇرسا!...
    جاپا چېكىپسىز، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت!...


سۆيسە سۆيىمەن يەر بىلەن يەكسان بولسا،
سۆيمىسە سۆيمەيمەن دۇنياۋى سۇلتان بولسا.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 04:08, Processed in 0.082349 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991